ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قىيامەت ۋە قارا ئۆڭكۇر

قىيامەت ۋە قارا ئۆڭكۇر

image

، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

– ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ- ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ) ( ﺋﯩﻨﻔﯩﺘﺎﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 1-4 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
– ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﯞﺭﻩﻳﺪﯗ. ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻪﻳﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺯﯗﭖ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ). ( ﺗﯘﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 9-10 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
– ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺗﺎﻏﻼﺭ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ… ( ﺗﻪﻛﯟﯨﺮ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-3 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
– ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ( ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﻰ ) ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺷﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺑﯘ ) ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﺪﯗﺭ، ( ﺋﯘﻧﻰ ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 104- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﭘﯩﻼﻧﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﻣﯜﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﯟﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺑﯩﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭺ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ؟
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ << ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ >> ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ :
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﭺ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ، ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯘﺯﯨﺌﻮﻥ – Fusion ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺷﻠﯩﺮﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯚﻛﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺟﯩﻘﺎﻳﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯚﻛﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﺪﻩ << ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﺘﺎ 300 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻣﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ.
– ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺴﻪﻥ؟ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﯕﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ( ﻗﺎﺭ،ﺋﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-5 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
– ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ… ( ﺋﯩﻨﺘﯩﻔﺎﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-3 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ( ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ) ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺰ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﯞﺍ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ-ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﺋﯩﺪ ﺑﻪﻟﯟﯨﻐﯩﺪﺍ ( ﻣﺎﺭﯨﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﭘﯩﺘﯧﺮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ) ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺮﻟﯩﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ( ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﺋﯩﺪ، ﻣﯧﺘﯩﺌﻮﺭﯨﺖ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ) ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﭘﯘﺷﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﺘﺎ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ. ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >> ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯘﻧﯩﻠﯩﻤﯘ ؟>> . ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ Space - Time >> ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ >> ﺗﻮﺭﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﺳﻮﺯﯨﻼﻻﻳﺪﯗ. ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ – ﺗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯘﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ >> ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ << ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ - ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ >>. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﯩﻜﻰ >>، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ << ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ << ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ >> ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ >> ﺗﯜﺯﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ << ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ >> ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ << ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >> ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻰ… << ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ( ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 48- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) >>

ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
<< ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﮔﻪﺩﻩﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ..، ﺗﺎﻛﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ.... >> ( ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 40- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ >> ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ << ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ << ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﭽﯩﻠﯩﻚ >> ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﻪﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭗ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ << ﺋﺎﻟﻪﻡ - ﺯﺍﻣﺎﻥ >> ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﭖ ﻫﻪﺟﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ << ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺭ >> ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ << Event Horizon ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ << ﻛﺎﻧﺎﻳﻨﯩﯔ >> ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ << singularite ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. << ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ >> ﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ << ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ >> ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻫﯜﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ << ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ >> ﺗﯧﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ << ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ >> ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ << ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >> ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﯗﻧﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﭼﯩﺴﻰ Paul Davies ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ : – ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ – ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﻗﺎﺗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ.

ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ. ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. << ﺋﯘ ﻳﻪﺭ >> ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺯﺍﻣﺎﻥ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ: << ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ >> ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﯕﺸﯩﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ << ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ >>. ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ << ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﻰ >> ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ 1 ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ 3.3 ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ 33 ﺳﯧﻜﯘﻧﺖ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ 1 ﺳﯧﻜﯘﻧﺖ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ << ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ >> ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﺷﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ << ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ >> ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ، ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻰ << ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺗﯜﺷﯩﻜﻰ >> ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ >> ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ << ﺑﺎﺷﻘﺎ >> ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ، ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ << ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ >> ﻣﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ- ﻛﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ << ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ >> ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮ << ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ >> ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ << ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ >> ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯘ << ﺭﻭﻫﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭ >> ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، << ﺭﻭﻫﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ >> ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﻫﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﻨﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ << ﻳﯧﭙﯩﻖ >> ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﺟﯩﻘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ << ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ >> ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﭘﻪﺭﻩﺯﻣﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻼﻫﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ << ﺋﺎﺳﺘﻰ-ﺋﯜﺳﺘﻰ >> ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ.
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ << ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻼﺭ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ << ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﺴﯘﺵ - ﺷﯘﻣﯘﺱ >> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻧﻰ ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ: << ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ << ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ >> ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯘ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻣﺎﯕﺎ: ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ << ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﭘﯩﺪﯗ >> ﺩﯨﺪﻯ. >> . ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ << ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﺪﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ( ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭﺍﺯﺍﻕ ﺳﺎﻧﺎﻧﻰ، ﻣﯘﺳﻪﻧﻨﻪﻑ 3 . 5599-5560 )
ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ << ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ >> ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ << ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ >> ﯞﻩ << ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ - ﺷﯘﻣﯘﺱ >> ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ-ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ( ﺋﯩﻨﺸﻘﺎﻕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 1-2 ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ، ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ( ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ ) << ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ- ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ >> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ << ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ - ﺗﯩﺸﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ >>. ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ >> ﻧﻰ ﺷﺎﻫﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ << ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ >> ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ : << ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ ( ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ، ﺩﻩﻟﯩﻞ ) >> ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 32- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ : << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯚﮔﺰﻩ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻼﻫﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺑﯘ << ﺋﯚﮔﺰﯨﻨﯩﯔ >> ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ >> ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ << ﻳﯧﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ >> ﻣﯜﻟﻚ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 3- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯗ : << ...ﺳﻪﻥ ( ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ) ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﻮﭼﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﺴﻪﻥ. >>. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ << ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ >> ﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. << ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ( ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 48- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) >> . ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ- ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ
1968- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺱ Joseph Weber ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ Weber ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻤﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭﻛﻰ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻐﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ 40 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﻴﺘﺮﻭﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻧﯩﻴﺘﺮﻭﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﺩﯗﺭ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻣﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﻔﯩﺮﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ: ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﯩﻐﺎ 50 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺗﯘﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ! ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ: << ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﺎﻻﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﺗﺘﻰ. ﻗﯘﻳﺎﺵ Hercules ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ VEGA ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 37 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯓ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ << solar apex >> ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ VEGA ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯩﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ 20 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ << ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ >> ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ << ﻗﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ >> ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ << ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ >> ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﺵ ﻫﺎﺩﯨﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ! ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﭘﻪﺗﻪﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﻪﺗﻪﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﻳﺎﻛﻰ Pulsar، ﻧﯧﻴﺘﺮﻭﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﭘﻰ : ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﯗﺭ.
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ << ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ >> ﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ Kipp Thorne ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ: << ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﺎﺭ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﺎﺭ. >>
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺟﯘﭘﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯗﺭ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻳﻮﻕ، ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﺭﺍﻥ، ﻧﯧﭙﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﭘﻠﯘﺗﯘﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﭘﻠﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ 12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﺑﯘ 12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﻡ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. Tietz-Bode، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ، ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ 374.8 ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻠﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ 3 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، 1900- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﺟﻪﺩﯨﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻧﯘﺭﺳﻰ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ << ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ - ﺷﯘﻣﯘﺱ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ( ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﻫﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. )
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ << ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ - ﺷﯘﻣﯘﺱ >> ﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺟﯜﭖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
– ﻛﯜﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ، ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ( ﺳﯜﺭﻩ ﻳﺎﺳﯩﻦ 38- ﺋﺎﻳﻪﺕ ). ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ: * ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
* ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ.
* ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 50 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻧﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻼﺭﺩﺍ ﺭﺍﺑﺒﯘﺱ-ﺷﯩﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻼ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﻳﻮﻕ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ! ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯘﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﯘﺭ.
ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، 6000 ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ Cygnus X-1 ﺟﯜﭖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ HDE-226868 ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻙ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﭼﻪ ﻳﯩﯖﻨﯩﺪﻩﻙ ﺳﻮﺯﯗﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ << ﺳﯘﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ >> ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﻨﺘﯩﮕﯧﻦ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
1987- ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻰ، ﯞﺍﺷﯩﯖﺘﻮﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ: ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ 200 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﻧﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯧﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ 700 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ، 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ Hydra-Cenaurus ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﻰ ﭘﺎﺗﻘﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ << ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ Great Attractor ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ << ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ >> ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 900 ﺩﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ.
ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ
– ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ( ﻧﻪﺑﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 19- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻨﻰ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ؟ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >> ﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﻪﺩﯨﺴﺪﯨﻜﻰ << ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ >> ﯞﻩ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ- ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ: ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ، ﺋﻪﺭﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯗﺭ !!!
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻡ، ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯗﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ << ﻳﯩﻼﻥ >> ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺩﺍ، ﺋﯩﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯩﻞ-ﺷﯩﻼﻧﻜﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ Worm hole ﻳﻪﻧﻰ << ﻗﯘﺭﺕ ﻛﺎﻣﯩﺮﻯ >>ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯩﻼﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ << ﺗﻮﻧﯩﻞ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﻪﺭﺵ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﯩﻼﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯗﺭ. ( ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺍﷲ )
ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ- ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ- ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ، ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﯩﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، << ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ >>، ﭘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﻮﺭﺑﯩﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ << ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﺪﯗ >>. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ << ﻳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ << ﻧﺎﺯﯗﻙ ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﻟﯘﻕ ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ >> ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ << ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ >>. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻰ Stephen Hawking << ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 200 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﺎﺭ! ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺗﺘﺎ Stephen Hawking ﻧﯩﯖﻤﯘ :
– ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯘﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯚﺗﻪﻣﺪﯗ؟ ….. ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ، << ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ >> ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ >>، ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ << ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺟﻪﺭﺭﺍ >> ﻻﺭ ﯞﻩ VEGA ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
<< ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ << ﻫﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ >> ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ << ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ - White Holes >> ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ- ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ:
– ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ، ﺧﯘﺩﺩﻯ << ﻗﯘﻡ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ >> ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﯨﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭘﯜﺭﻛﯜﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ gravitasyon ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ levitasyon ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭ.
ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ << Big-Bang - ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺵ >> ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ……
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺍﷲ ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:
– ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ( ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﻰ ) ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺷﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺑﯘ ) ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﺪﯗﺭ، ( ﺋﯘﻧﻰ ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 104- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
مەنبە: قىيامەت ۋە قارا ئۆڭكۈر
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54725

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش