You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىككى روماندىكى مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ھەققىدە – ئادىل ئابلەت

ئىككى روماندىكى مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ھەققىدە – ئادىل ئابلەت

ئەدەبىي ئىجادىيەت مۈشكۈل، نازۈك مەنىۋىي پائالىيەت، شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر نادىر ئەسەر يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشىقا بولغان مول جۇغلانمىسى ۋە چوڭقۇر تونۇشىدىن، توپلغان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى پىششقلاپ ئىشلەش، ئوبرازلىق تىللار بىلەن يۇغۇرۇش، ئىخچاملاش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ، ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر كىشلەرنى ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەش، ھېسسيات بىلەن تەسىرلەندۈرۈش، ئوبراز بىلەن يېتەكلەش، گۈزەللىك بىلەن ھاياجانلاندۇرۇش مەقسىدىدە يېزىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەربىر يازغۇچى ئەسەر يازغاندا مۇشۇ نوقتىنى ئاساس قىلىپ ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەردە ئوبراز ياراتقاندا تۇرمۇش چىنلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرخىل بەدەئىي ئوبرازلارنى يارتىدۇ، ھەربىر يازغۇچىنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ھەرخىل بەدەئىي ئوبىرازلارنى يارتىشى ھەرخىل ئامىللار سەۋەبىدىن بولىدۇ.  ھەربىر يازغۇچى ئەسەر يازغاندا ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەردىكى تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزى تەسۋىرلىمەكچە بولغان ۋەقە ۋە شۇ مۇھىتتىكى پىرسۇناژلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىي ۋە ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ، يازماقچى بولغان، تەسۋىرلىمەكچى بولغان مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا تىپىك مۇھىتتكى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىدۇ.يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىمەكچى بولغان پىرسۇناژغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە بولشى شۇ پىرسۇناژنىڭ شۇ مۇھىتتىكى ئوينايدىغان رولى ھەم قانداق پىرسۇناژ بولشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسي ئامىل، يازغۇچى ئەسەر يازغاندا ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر پۇزىتسيىسى بىلەن ئۆز مەيدانىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئوبىراز يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاش شارائىتتا ئوخشاش بىر كىشىنى تەسۋىرلىگەن ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناژلارنىڭ ئوخشاش بولىشى ناتايىن، بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ.

مەسلەن: يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «بەختسىز سەئىدىيە» ناملىق تارىخى رومانى بىلەن يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ «جاللات خېنىم» ناملىق تارىخىي رومانلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئوخشاشلا يەكەن سەئىدىيە خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خانلىقنىڭ ھالاكىتى يەنى، ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ بىلىمسىز، نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ دىنى تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتاپ يالغان- ياۋىداق گەپلەر بىلەن كىشلەرنىڭ ئىدىيىسنى بۇرمىلاپ، نادان خەلقنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇپ نۇرغۇنلىغان چېكىدىن ئاشقان ئەسكى ئىشلارنى قىلغانلىقى، نادان خەلقنىڭ ئاپپاق خوجىغا قارىغۇلارچە چوقۇنغانلىقى، ئاپپاق خوجا شۇ ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغانلىقى ھەم ئىسمائىل خان تەرپىدىن يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرلغاندىن كېيىن مۇڭغۇل ئەۋلادلىرىدىن بولغان غالدان سىېرننى باشلاپ كېلىپ يەكەن خانلىقىغا زور بالاي-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەرەپتىن ھەر ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئاپاق خوجا ئوبرازى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش يارىتىلغان.ئەمدى بۇ ئىككى روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلكە مۆھتىرەم خېنىم (جاللات خېنىم) ئوبرازىغا كەلسەك، ھەر ئىككى يازغۇچى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنى ھۆسنى جامالدا كامالەتكە يەتكەن، باتۇر، ئەقىللىق، جەنبازلىق ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئوقيا ئېتىشقا، ئات مېنىشكە ناھايىتى ماھىرلىقنى ئوبرازلىق، گۈزەل تىللار بىلەن ئوخشاش تەسۋىرلىگەن، لېكىن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ تۈپ خاراكتىرى مەسلىسىدە ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى مەلكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ئوخشاش ئەمەس.

يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى مەلكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى بولسا، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلدىغان جاھىل، باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدىغان، ئىشلاردا ئاساسەن ئاپپاق خوجىنىڭ قىلغىنىنى قوللاپ ئاپپاق خوجىنىڭ نۇرغۇن سۈيقەستلىك ئىشلىردا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مۇھىم شەخس قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەمما يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى مەلكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى بولسا ئۆسمۈرلۈك دەۋردىن باشلاپ سەئىدىيە خاندانلىقىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مەرگەنلىكى ھەم جەنبازلىق ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن سەركەردىلەرنى قايىل قىلىپ، جەڭلەردىكى باھادىرلىقى بىلەن دوستلىرىنىمۇ، دۈشمەنلىرىنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان، سەئىدىيە خانلىقىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن تىنماي كۆرەش قىلدىغان بويۈك ھەربى سەركەردە، باشقىلارغا ئاسان بوي ئەگمەيدىغان، نىيتىدىن ئاسانلىقچە يانمايدىغان، چوڭ ئىشلارنى قىلشتا ياكى خانلىقنىڭ ئىستىقبالغا مۇناسۋەتلىك ئىشلاردا ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلدىغان، يەكەن خانلىقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان جاسارەتلىك دۆلەت ئەربابى، ئۇلۇغ ئايال ھۆكۈمدار قىلىپ تەسۋىرلنىدۇ. بۇ تەرەپتىن ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ئوخشاش ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ رومانلارنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا ئوخشاش بىر تارىخى شەخس نېمە ئۈچۈن ئىككى روماندا ئىككى خىل ئوبراز بولۇپ قالىدۇ؟ دېگەن سۇئالنىڭ پەيدا بولىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنداق پەرىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىشى مۇمكىن:

1.يۇرۇتماقچى بولغان مەركىزى ئددىيىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى

يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان «جاللات خېنم»رومانىدا ئاساسلىق قىلىپ مە مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنڭ يەكەن سەئدىيە خانلىقىنى جان-دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقى،خانلىقنى قوغداپ قىلىش ئۇچۇن جېنىنى پىداقىلىشتىن يانمايدىغانلىقدەك قورقۇمسىز خارەكتىرىنى يۇرۇتقان ،بۇ توغۇرلۇق«جاللات خېنىم»رومانىدا مۇنداق تەسۋىرلەر بار:«مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئاپاق خوجىنى ئۆلتۇرۇپ خانلىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئالدىدا خانلىق قەبرىستانلىقنى تاۋاپ قىىلغىلى كەلگەندە مۇھەمماتئمىن باھادىرخاننىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلگەندە مۇنداق دەيدۇ،-شۇنچە يىللاردىن بىرى خاراب بولغان سەئدىيە سەلتەنىتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن مۇۋاپپىق پەيىت كۇتتۇم،ئاللاتائالادىن مەدەت تىلىدىم،تىلىكىم ئجابەت بولغان ئوخشايدۇ،پات پۇرسەتتا جەننەتماكان بابائى بۇزرۇكىمىز سۇلتان سەئدخان ئاليلرىدىن مىراس قالغان ئالتۇن تەخىت سەئدىيە جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ،گەرچە مان بىر مەزلۇم كىشى بولساممۇ بۇ ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىدىم »بۇ تەسۋىر لەردىن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ خانلىقنى قوغداپ قىلىشقا جان-دىل بىلەن كىرىشكەنلىكىنى كورۋالغلى بولىدۇ،يازغۇچى ئەخەت تۇردى «بەخىتسىز سەئدىيە»رومانىدا ئاساسلىق قىلىپ ئاپاق خوجىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئچىپ بىرىپ ئاپاق خوجىنىڭ نۇرغۇنلىغان جىنايەتلىرىنى پاكىت بىلەن ئىچىپ تاشلىغان بولۇپ «بەخىتسىز سەئدىيە»رومانىدا:«1678-يىلى ئاپاق خوجا غالدان سېرىننى باشاپ كىلىپ قەشقەرنى باستۇرغاندىن كىيىن ،-گۈزەل قەشقەرىيىنىڭ كەڭ ۋە تىنىچ زېمنىنى ۋەھىمە باستى،بىر يۇز ئاتمىش تۆت يىل ھۆكۇم سۇرگەن بۇيۇك سەئدىيە خاندانلىقىنىڭ سەلتەنىتى كۈلپەت ئچىدە قالدى،- دىگەندەك تەسۋىرلەر .

روماندا يەنە ئاپاق خوجىنىڭ يەكەن خاندانلىقىدىكى پۇتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر ،غالدان سېرىنمۇ كۆيدۇرۇشكە  چىدىمىغان «رەشىدىيە مەدرىسى»نى قارا كۆڭۈللۈك بىلەن شەخسى ئۆچ ئاداۋەتنى ئىلىش ئۈچۇن شۇنچە كاتتا ئالى بىلىم يۇرتىنى كۆيدۇرۇپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ  كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ،نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارنى بىللە كۆيدۈرۈپ يوققا چىقارغانلىقى ،يەنا ئاپاق خوجىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپلا ئسمائلخان خاندانلىقىنىڭ ھەربى ،مۈلكى ئەمەلدارلىرى ۋە يۇرىت مۆتىۋەرلىرى،شۇنداقلا ئاپاق خوجىنىڭ دىن شەرىئەت  يولىدىكى مەزھەپ رەقىپلىرىدىن سەكسەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سۇغۇرۇپ ئۆلتۇرگەنلىكى، »-دەك تەسۋىرلەر بار بولۇپ ،بۇ تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئاپاق خوجىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئىچىپ تاشلىغان.ئۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ ئىككى روماندىكى يۇرۇتۇپ بەرمەكچى بولغان مەركىزى ئىددىيە ئوخشاش ئەمەس.

2.ئوبراز يارتىشتىكى پوزىتسىيە مەسلىسى.

يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋىرلىمەكچى بولغان پىرسۇناژغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيى شۇ پىرسۇناژنىڭ قانداق خاراكتىردىكى ياكى قايسى تۈردىكى پىرسۇناژ بولۇپ يارتىلشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىنى يارتىشتىكى پوزتىسيىسى ئوخشاش ئەمەس، ھەر ئىككى يازغۇچىنىڭ شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى، بىلىشى، مەيدانى ئوخشاش بولمىغانلىقى، ھەر قايسىسى ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ تەسۋىرلمەكچى بولغان پىرسۇناژغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئىددىيىسنى سىڭدۈرۈدىغانلىقى ھەم ھەر ئىككى يازغۇچنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوبراز يارتىش ئۇسۇلى بولغانلقى ئۈچۈن ئوخشاش بىر پىرسۇناژ يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قەلىمى ئاستىدا خانلىقنى قوغداپ قىلىش ئۇچۇن ھېچنىمىدىن قورىقمايدىغان قەيسەر قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ قەلىمى ئاستىدا بولسا ئاپاق خوجىغا بېقىنىپ ئۇنىڭ سۇيقەتلىك ئشلارنى قىلىشىغا كۆۋرۇكلۇك رول ئوينىغان شەخىس قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ،ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلمى ئاستىدا ئوخشىمىغان خاراكتىرگە ئىگە قىلىنىپ يارتىلغان.

3 تارىخىي روماندا تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناژلارنى ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى دەۋىرگە ماسلاشتۇتۇپ تەسۋىرلەش مەسىلىسى

تارىخ دىگەن تارىخ، تارىخىي رومان دىگەن تارىخىي رومان، تارىخنى يازغاندا تارىخنى ئۆزگەرتمەي ئەينەن يېزىش كېرەك. تارىخنى بۇرمىلاپ، گەپ يورغىلىتىپ، كۆمتۈرۈپ يېزىشقا بولمايدۇ، ئەمما تارىخىي رومان يېزىش تارىخ يېزىشقا ئوخشمايدۇ، ھەر ئىككى روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوخشاش بىر تارىخىي شەخس بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي رومان يازغاندا تارىخي چىنلىقنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەدەبىياتنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تارىخىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەپ، ئۆزى تەسۋىرلمەكچى بولغان پىرسۇناژنى شۇ تارىخىي مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ ئوبرازلىق، جانلىق تەسۋىرلەش تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭا ھەر ئىككى يازغۇچى ئۆز رومانلىرىدا مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىنى روماندىكى تارىخىي  شارائىتقا ماسلاشتۇرغان ئاساستا تەسۋىرلىگەن.دېمەك، ھەر ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلمى ئاستىدىكى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ئۆزلىرى يازغان مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەنگەن تىپىك ئوبرازلار بولغانلقى ئۈچۈن ھەر ئىككى يازغۇچنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەلكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبراز مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان بولىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ئىككى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقدىكى  پەرقنى يۇقىردىكى پاكىتلار ئارقىلىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ھەرگىز تارىخنى ياكى تارىخىي شەخسلەرنى باشقىچە ئۆزگەرتىپ تەسۋىرلىگەنلىك بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى روماننى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ بۇ مەسلىگە نىسبەتەن ئىلىمى پوزىتسىيدە قارشى تولىمۇ زۆرۈر.يازغۇچى ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەردە تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر تونىشنىڭ يېتەكچىلىكدە ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ ئوبراز يارتىدىغانلىقى، يازغۇچىنىڭ ئۆزى تەسۋرلمەكچى بولغان پىرسۇناژغا بولغان پوزىتسىينىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەم يۇقىرىقى بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن ئوخشىمىغان ئىككى روماندىكى ئوخشاش پىرسۇناژنىڭ ئوخشىمىغان خاراكتىرىگە ئىگە قىلىپ يارىتىلىشى ھەرقانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەر يازغاندا ياكى ئوبراز ياراتقاندا ئۆزىنىڭ ئەسەردىكى مۇھىتقا بولغان چوڭقۇر تونىشىنىڭ يېتەكچىلىكدە ئەسەر يازىدىغانلىقى ياكى ئوبراز يارتىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

 پايدىلانغان ماترىياللار:
1.ياسىنجان سادىق چوغلان: «جاللات خېنىم» (1-،2- قىسىم) 2006 -يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى .
2.ئەخەت تۇردى:«بەخىتسىز سەئدىيە»   2009-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى
3.ئەخەت تۇردى: «دەۋر ساداسى»    2009-يىلى 5-ئاي  1-نەشىرى.

يازما ئاپتۇرى:ئادىل ئابلەت(قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى 2010-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

مەنبەسى: http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=55716

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top