ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى

ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن ئىبارەت مانا مۇشۇ قەدىمكى جۇڭگۇ مەدەنىيىتى،قەدىمكى ھىندى مەدەنىيىتى ۋە قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى بىربىرى بىلەن ئۇچراشقان ،ئىجتىمائىي ئىقتىساد بۇيىچە ئىش تەقسىماتى بۇرۇنلا مەيدانغا كىلىپ،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تىز راۋاجلانغان ۋە يىپەك يۇلى سودىسىغا ھەم مەيدان ھەم كۆۋرۈك بولغان بۇ بىر ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك رايۇندا ياشىغانلىقى ئۈچۈن،ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەردىن ئىدى.
بۇلۇپمۇ 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ھۈكۈم سۈرگەن قاراخانىلار 11-ئەسىرگە كەلگەندە غايەت زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى.بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى بۇلۇش نەتىجىسىدە ئولتۇراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملاشتى.قەشقەر،بارچۇق،بالاساغۇن ۋە سەمەرقەنتكە ئوخشاش يېرىك ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغا كەلدى.يەنە بىر تەرەپتىن،ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي مەدەنىيەت ئاساسىدا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر  ئامىللىرى قۇبۇل قىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋرى باشلاندى.بۇ يېڭى دەۋىر مەدەنىيىتى تاكى 13-ئەسىرگىچە تەرەققى قىلىپ ھەتتا غەرىپ مەدەنىيىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.ئەنە شۇ ئالتۇن دەۋردە قاراخانىلار سۇلالىسى تىرىتورىيەسىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش يىتۈك ئالىم،شائىر،مۇتەپەككۈرلەر مەيدانغا كەلگەن.<قۇتادغۇبىلىك>> داستانى ئەنە شۇ دەۋىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىباھا گۆھەرلىرىدىندۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ-ئويغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپپەكۈرى،شائىرى ۋە دۆلەت ئەربابى،جۈملىدىن ئىلمىي ۋە بەدىئى قىممەتكە ئىگە <قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ ئاپتۇرى.ئۇ مىلادىيە 1020-يىلى قاراخانىلارنىڭ ئىلگىركى پايتەختى،كىيىنكى ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن(ھازىرقى قىرغىزىستان)دا دۇنياغا كەلگەن.ئۇ،ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىدە قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدىكى بۇخارا،سەمەرقەندتە ۋە ئەينى زاماننىڭ سىياسىي،مەدەنىيەت مەركىزى بولمىش قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئۇ ئىلىم-مەرىپەتتە كامالەتكە يەتكەن ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولغاندىن كىيىن قۇلىغا قەلەم ئېلىپ ،قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسى،ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەقاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن زىدىيەتلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگىلەپ چىققان يەكۈنلەرنى ئىلمىي قاراش بۇيىچە سېستىمىلاشتۇرۇپ،ھۈكۈمرانلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈسۈللىرى،دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك ۋەزىپىسى،ئۇلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي كۆز قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگەن.

<قۇتادغۇبىلىك>>  داستانىنى(1070-1096 -يىلىغىچە) قەشقەردە تاماملاپ ئۇنى تاۋغاچ ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان.ئەبۇ ئەلى ھەسەن  بۇغرا قاراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپ (ئوردىنىڭ ئومومىي ئىشلىرىغا مەسئۇل خاننىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى)لىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن .يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئوردىدا ئون بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەپ تەخمىنەن 1085-يىلى قەشقەردە 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئىلىم ئەھلىلىرىدىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ يەنە <سىياسەتنامە>> دىگەن بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.ئەپسۇسكى ئۇ ئەسەر ھازىرغىچە تېپىلمىدى.مۇبادا ئۇ ئەسەر ئاتالمىش <مەدەنىيەت زور=”زور” ئىنقىلابى=”ئىنقىلابى”>>دا كۈلگە ئايلىنىپ كەتمىگەنلا بولسا ھامان بىر كۈنى تېپىلغۇسى.
80-يىللاردىن بۇيان تەتقىقاتچى،ئالىملارنىڭ قان-تەر سىڭدۈرىشى نەتىجىسىدە قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى بىر يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ بىراق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى تېخىچە يېتەرلىك تەتقىق قىلىنغىنى يوق.ئالىمنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى داستاننىڭ 35-بابىدىكى خەزىدارلىققا قانداق كىشى لازىملىقى توغرىسىىدا ئېيتقان نەزمىلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن.مەن ئالىمنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىدىن يۈزەكى ھىس قىلغانلىرىمنى تەتقىقاتچىلار ۋە كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

قاراخانىلار سۇلالىسىدىمۇ باشقا پادىشاھلىق تۈزىمىدىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا قانۇن ۋە ئەسكەر بار ئىدى،قانۇن دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلسا ئەسكەرلەر دۆلەت ۋە پۇقرانى سىرتقى كۈچنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغدايتى ھەمدە ياتلارنى ئۆزلىرىگە ئەل قىلاتتى،ئەسكەرلەرنىڭ ۋە خانلىقنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەت-بىرى پۇقرالارغا باج -سېلىق سېلىش ئارقىلىق يىغىلاتتى يەنە بىرى ئۇرۇشتا غەنىيمەت ئالغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا قىمەتلىك بۇيۇملارنىڭ شۇ قېتىملىق جەڭدە باتۇرلىق كۆرسەتكەن ئەسكەرلەرگە مۇكاپات شەكلىدە تارقىتىپ بېرىلگەن قىسمىدىن باشقىلىرىنى خانلىق خەزىنىگە كىرىم قىلىش ئارقىلىق توپلىناتتى.پادىشاھنىڭ ئەنە شۇ بايلىقىنى بىر نەپەر باج خەزىنىدارىنىڭ يېتىكچىلىكىدە بىر قانچە ياردەمچى خەزىنىچى كىرىم-چىقىم قىلىپ باشقۇراتتى.دېمەك قاراخانىلارنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلار خەزىنىدار دەپ ئاتالغان ئىدى.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياخشى بىر خەزىنىداردىن كۈتىدىغان پەزىلەتلەرنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسرالارغا مۇراجەت قىلايلى:
2750.تېپىپ بەخت ،كۆپەيسۇن دېسەن مال-تاۋار،
كۆزى توق،پەيلى ئۇز بولسۇن خەزىنىدار.

ھۆكۈمران ياكى پادىشاھ دۆلەتنىڭ مال-مۈلىكىنى كۆپەيتىپ،خەلق بېيىسۇن،ئۆزەم بەخت تاپاي دېسە،خەزىنىدارلىققا خىيانەت قىلمايدىغان،كۆزى توق ئادەملەرنى قويسۇن،شۇنداق قىلغاندىلا دۆلەتنىڭ مال-مۈلۈكى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ،دۆلەت روناق تاپىدۇ،خەلق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ.
2764.مەي ئىچمەي بولسۇن ئۇ ،ئۆزىن تۇتقۇچى،
ئۆزىن تۇتقۇچى ئۇ،بەخت تاپقۇچى.

خەزىنىدارلار يەنە مەي ئىچمەيدىغان،ئۆزىنى تۇتالايدىغان،سالماق ئادەملەردىن بولسۇن،روھىي تېنىنى ،ۋىجدانىي نەپسىنى كونتورۇل قىلالايدىغان ئادەملەردىن بولسۇن.مەي-شاراپقا ئامراق،بەزمە-زىياپەتتىن كەلمەيدىغان رېستۇران<كۈچۈكلىرى>>دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرىدىغان خەزىنىدارلىققا يارىمايدۇ.

2765.مەي ئىچسە مېلىغا سېخىيلىق قىلۇر،

كىشىگە بېرىپ مال،ئالالماي قالۇر.

مۇبادا خەزىنىدارلار ئەنە شۇنداق ھاراقكەشلەردىن بولۇپ قالسا خۇدىنى بىلمەي سېيىنى يەپ ھارىقىنى ئىچىپ،ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى بۇيرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.خەقنىڭ نەرسىسى گېلىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ.بىر ساپ ئۈزۈم ئۈچۈن بىر باغقا ئوت قويىدىغان ئاچ كۆز ئادەملەرنى خەزىنىدارلىققا قويۇشقا بولمايدۇ.
2773.ئۇ بولسۇن يېزىش ھەم سىزىش ماھىرى،
ھېسابات تۇتۇشقا بولسۇن ھۈنىرى.

خەزىنىدارلار مەلۇم دەرىجىدە يىزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولسۇن،يەنە ئۆزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىكى ئارتۇق-كەمچىلىكنى ئىلمىي يۇسۇندا خۇلاسىيالايدىغان بولسۇن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرخىل سىتاستىكا جەدۋەلىرى ۋە كىرىم-چىقىم دەپتەرلىرىنى سىزالايدىغان ،تۈزىيەلەيدىغان،خاتىرلىيەلەيدىغان بولسۇن،قىسقىسى ھېسابات تۇتۇشقا دائىر ھەرخىل بىلىملەرنى ئىگەللىگەن كەسپ ئەھلىلىرىدىن بولسۇن.
2775.يىل،ئاي،كۈن يېزىلسا ۋاقىت ھەم ئېنىق،
بىلىنگەي رەقەم سان ئايرىم ۋە ئۇچۇق.

خەزىنىگە مال-مۈلۈكنى كىرىم-چىقىم قىلغاندا مۇئامىلە سادىر بولغان يىل،ئاي كۈننى ئېنىق يېزىشى،ئىقتىسادىي مۇئامىلىنىڭ قىممىتىنى رەقەم بىلەن ئايرىم،ئوچۇق يېزىشى،ئۇنى ئۆچۈرۈپ،سىزىپ چاپاق قىلىپ،گۇمان تۇغدۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
2781.خىزمەتچى ھېسابتا غاپىل بولسا گەر،
ھېساب ۋاقتىدا باش ئۇرۇپ ئېڭرەر.

ھېساب تۇتقۇچىلار ھېساب ۋاقتىدا يەنى خىزمەت ۋاقتىدا دىققىتىنى خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ،ئەقىل-چوشى بىلەن ئىش قىلماي خىلاپلىق قىلسا،ئاتچوت قىلغاندا ياكى ھېساب تەكشۈرگەندە دەپتەردىكى قالدۇق بىلەن خەزىنىدىكى ئەمەلىي مۈلۈك ئۇدۇل چىقماي قېلىپ ئۇنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇڭا خەزىنىدار ھەر ۋاقىت سەزگۈر،چېچەن تۇرىشى لازىم.
2783.ھېسابتا تۆت ئەمەل ئۇققاچ كېيىن سەن،
شۇغۇللان يەنە ئۇ،ھەندىسە بىلەن.

خەزىنىدار ھېساباتىدىكى تۆت ئەمەلنى تۇلۇق ئىگەللىگەندىن سىرت يەنە گىئومىتىرىيە بىلەنمۇ شۇغۇللىنالايدىغان بولسۇن،ئۇلار كىرىم-چىقىمنىلا بىلسەم بولدى دەپ تىرىشمىسا،ھەرخىل ماتىماتىكىلىق فورمىلالارنى بىلمىسە ،مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى تەتقىق ۋە تەھلىل قىلالمايدۇ.چۈنكى،خەزىنىدارلارنىڭ ۋەزىپىسى خەزىنىدىكى تەييار بايلىقنى ئىشلىتىشلا ئەمەس،بەلكى قانداق قىلىپ شۇ ئورۇننىڭ ئىقتىسادىنى روناق تاپقۇزۇشنى ئىلمى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت.
2799.قولى چىڭ ساق بولسۇن ئۇ بولاي سېخىي،
خەزىنە مېلىنى چاچمىسۇن تېخى.

خەزىنىدارلار ئىقتىسادچىل ۋە سەمىمىي بولسۇن،قولى ئەگرى ئوغرى،خىيانەتچىلەر خەزنىنىدارلىققا يارىمايدۇ.يەنە ئۇ بەك سېخىيلىق قىلىمەن دەپ،خەزىنە مېلىنى بۇزۇپ چاچمىسۇن،باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت پۇلىنى بۇزۇپ چاچىدىغان كۆز بويامچى ساختىپەزلەرمۇ خەزىنىدارلىققا يارىمايدۇ.
2800.سېخىيلىق بەك ياخشى تاشلىماس كېرەك،
لېكىن خەلق مېلى بىرلە قىلماس كېرەك.

سېخىيلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىش ياخشى خىسلەت،لېكىن ئۇنى خەلقنىڭ مال-مۈلۈكى بىلەن قىلىشقا بولمايدۇ.ئەگەر ھەقىيقى سېخىيلىق قىلىمەن دەيدىكەنسىز،سىز ئۇنى ئۆز نەپسىڭىزدىن كېچىپ،شەخسىي مۈلىكىڭىز بىلەن قىلىڭ،شۇنداق قىلسىڭىز بۇ دۇنيادا ھۆرمەت،ئۇ دۇنيادا ساۋاپ تاپالايسىز.
2084.ئېلىم ۋە بېرىمدە بولسۇن مۇلايىم،
ئۇلۇغ ھەم كىچىككە چۈچۈك سۆز دائىم.

خەزىنىدارلار باشقىلاردىن ئالىدىغان چاغدا سىلىق بولۇپ ،باشقىلارغا بېرىدىغان چاغدا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا ھاجەت بولۇپ ئالدىغا كەلگەندە غادىيىۋالمىسۇن،ھاجەتمەنلەرگە قوپاللىق قىلمىسۇن،ئالىدىغان چاغدىمۇ بىرىدىغان چاغدىمۇ كىشىلەرگە ئوخشاشلا سىلىق- سىپايە مۇئامىلىدە بولسۇن؛ئۇلار يەنە مەرتىۋىسى ئۆزىدىن چوڭلارغا يولۇقسا پۈكلىنىپ تۇرىدىغان،ئۆزىدىن مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگە يولۇقسا غادىيىۋالىدىغان ئىككى يۈزلۈك،مەۋقەسىز،تەخسىكەشلەردىن بولمىسۇن،ھەممە ئادەمگە چۈچۈك سۆز بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولسۇن،دەيدۇ.

دېمەك ئالىمنىڭ قارىشىچە خەزىنىدار مەيلى ئەخلاق-پەزىلەتتە بولسۇن،مەيلى كەسپ ساپادا بولسۇن ئىنسان پەزىلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە تۇلۇق يېتىلگەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ،ئىقتىدارلىق ئادەملەردىن بولسۇن،شۇنداق بولغاندىلا پادىشاھ ئاندىن ھاكىمىيەتنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇپ،ئاۋامنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ،دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغان،ئالىمنىڭ يۇقىرقىدەك بىباھا ھېكمەتلىرىدىن يەنە كۆپلىگەن نەقىل كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن.بىراق،تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغاندەك،ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالىمنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يۇقىرىقى نەزمىلەردىنمۇ تۇلىق چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.

قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى خەزىنىدارلارمۇ،شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرىدىغانلار ئىدى.ھازىرقى سوتسىيالىستىك دۆلەتتىكى بانكا خادىملىرىمۇ مانا مۇشۇنداق جەمىيئەتنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرىدىغان ،دۆلەتنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرىدىغان خەزىنىدارلاردۇر.مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆز ۋاقتىدىكى خەزىنىدار بىلەن ھازىرقى پۇل مۇئامىلە خادىملىرىنىڭ خىزمىتى ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنسىمۇ،شەكىل جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ.شۇڭا مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خەزىنىدارلارغا قويغان تەلىپىنى ھازىرقى جەمىئەتتىكى پۇل  مۇئامىلە خادىملىرىغا تەبىقلاشقا بولىدۇ،دەپ قارايمەن.بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئەجدادلىرىمىز خەزىنىدارلارغا ئەنە شۇنداق تەلەپ قويغان  ۋە شۇنداق سۈپەتنى ھازىرلىغان كىشىلەرنى خەزىنىدارلىققا تەيىنلىگەن.ئەپسۇس،بىز بۈگۈنكى ئىلىكتۇرۇن دەۋرىگە كەلگەندە مۇشۇنداق تەلەپنى ھازىرلىيالىدۇقمۇ ياكى بۇنداق تەلەپتىن يىراقلاپ كەتتۇقمۇ؟سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق يۇقىرىقى شەرتكە توغرا كېلىدىغان بىنكا خادىملىرىدىن زادى نەچچىسى چىقار؟ھەر قايسى بانكىلاردىكى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان ناچار قەرز پۇللار زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ!؟مانا بۇ خەزىنىدارلاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك پەزىيلەتلەرنىڭ بىزدە تېخىچە تۇلۇق يېتىلىپ  بولالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

<قۇتادغۇبىلىك>>داستانى ئۇيغۇرلار تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ھاكىمىيەت دەستۇرى،ئادەم بۇلۇشنىڭ مىزانى ،ئۇنىڭدا سىياسەت،پەلسەپە،قانۇن،ئىقتىساد،ئەخلاق قاتارلىق ئومومىي پەنلەرنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن.ئالىمنىڭ ئالەمشۇمۇل رەڭدار ئەسىرىگە مەندەك بىر ئادەمنىڭ تەبىر بىرىشى خۇددى كۈندىزى شام ياققاندەك بىر ئىش بولسا كېرەك.شۇڭا،تەتقىقاتچىلارنىڭ ،كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر،ئەتراپلىق ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مەنبە:ئابدۇرېھىم ھەكىمىنىڭ <خىزىر ھەققىدە=”ھەققىدە” خىياللار=”خىياللار”>>ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ماقالە تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش