You Are Here: Home » ئومۇمى » جەمىيەت مائارىپى ۋە دەسلەپكى تەشەببۇس – شەۋقىي تورىدىن يۇرې

جەمىيەت مائارىپى ۋە دەسلەپكى تەشەببۇس – شەۋقىي تورىدىن يۇرې

okuma-zamanı

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
تېز ھەم مەنىلىك ئۆتكەن بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى ئاياقلىشىپ، چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىگە چىقىپ، مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم. خېلى جىق مەزمۇنلار مېنىڭ دىققەت ئېتىبارىمنى تارتتى.زۇلپىقار باراتنىڭ  ئىلىم چېيى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى  مۇھاكىمە يىغىنى ، ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە يالقۇن روزى مۇئەللىملەرنىڭ نوتۇقلىرى مېنى بەكمۇ جەلىب قىلدى ۋە بەكمۇ سۆيۈندۈردى.ۋە شۇنداقلا مەن ۋە باشقا  تورداشلارمۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەت، نوتۇقلىرىدىن خېلى قىممەتلىك بىلىمگە ئىگە بولدى دەپ ئويلىدىم. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇ بولسىمۇ:  ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا دېگەن ” ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ئاران ٪3؛  يالقۇن روزىنىڭ بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلارغا سۆزلىگەن نوتۇقىدىكى ” مىللىي مائارىپتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر” ؛ ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە بېرىلگەن تەشەككۈر ۋە ئالقىشلار؛ نۇرغۇن ھارماس تور قەلەمكەشلىرى سۆكىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر.
بۇ ئىشلار مېنىڭ تەپەككۈرۈمنى قوزغىدى ھەمدە بەزىبىر كۆز قاراشلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم.
تورداشلار ئېيتقان جەمئىيەت بۇلغىنىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب- كىشلەردە مائارىپنىڭ ئاجىزلىقى، تەلىم- تەربىيەنىڭ بوشلۇقى.مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە. ئەمەلىيەتتە ئادەم تەربىيلەشتە پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ سېستىمىلاشقان مائارىپ ئورگانلىرىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، :
1.    نۇرغۇن يېزا- قىشلاقلاردا مەجبۇرىيەت ئاساسىي مائارىپىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن.
2.    بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن.
3.    شىنجاڭدىكى كۆپ ئىنىستىتوت ۋە  تېخنىك مەكتەپلەرنىڭ ساپا مائارىپ تەرەققىياتى ئاجىز.
4.    ئۇنۋېرستىت ۋە ئىنىستىتوتنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى پۈتۈنلەي تەلىم- تەربىيەنى قوبۇل قىلىشتىن توختىغان
5.    جەمئىيىتىمىزدىكى 30 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ مائارىپ تەلىم- تەربىيىسى يەنى،<< قورامىغا يەتكەنلەر مائارىپى >> غا ئۇيغۇرلار رايونىدا ھېچقانداق ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ.
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى تەربىيە كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى ئەمەس.يەنە شۇ سەۋەبلىك جەمئىيىتىمىزدە كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە ۋە كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيىتىمىز ئۆزىمىز ئىدارە قىلىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدۇرىدىغان جەمئىيەت مائارىپىغا مۇھتاج. بۇنىڭ رولىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: كۆپچىلىك تورداشلار بىر نەچچە يىل ئالدىدا << پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى>> دېگەن ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىغانغۇ دەيمەن . بۇ ئەينى چاغدا ياشلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. پۇتۇن شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىزلەرمۇ بۇنى بىر- بىرسىمىزدىن كۆچۈرۈپ ئاڭلاپ، قىززىق سۆھبەتلەرنى قىلغان ئىدۇق. بىر قىسىم ياشلار ئۆزىنى شەيتاننىڭ كەينىدىن تارتىپتىكەن، تەربىيە ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى بوپتىكەندۇق.
جەمئىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسلىق ئاۋانگارتلىرى – ئۇيغۇرچە نەشىرىيات، تىنىم تاپماس يازغۇچىلار ، يىراقنى كۆرەر سودىگەرلەر، چوڭ – كىچىك ئۇيغۇرچە كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلار ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تارقىتىش دۇكىنى، ھەر قايسى نوپۇزلۇق تور بەتلەر، يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە زىيالىيلار گوروپپىسى ۋە پىداكار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە مەن جەمئىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل – كۆپلىگەن مەنىلىك، كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ چىقىش. بۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. . بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپى:
1.    جەمئىيىتىمىزدە كىتابخانىلارنىڭ سانى ئاز لېكىن ئۈن – سىن بۇيۇملىرى دۇكىنى ھەر قەدەمدە بىر شۇنداقلا خېرىدارى كۆپ،ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ كىتابخانىلاردىن كۆپ يۇقىرى. ئاۋازلىق ئەسەرلەر ئۈن – سىن نۇسخىدا تارقالسا يىراق يېزىلاردا كىتابخانا بولماسلىقتەك چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.يېزىلاردىكى ساۋاتسىزلارنىڭ سانى كۆپ، كىتابلارنىڭ باھاسى بارغانچە يۇقىرى بولۇش  شارائىتىدا ئاۋازلىق ئەسەرلەر كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
2.    بىلىمخۇمار، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق كىشىلەرگە كۆپ ئوزۇق ئېلىپ كېلىدۇ.بىلقۇت، مىسرانىم ۋە بېجىرىم قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ چېكىلىش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى. ئېرپان شىركىتىنىڭ ‹‹ ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت››، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا›› ناملىق ئەسەرلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تور ۋاستىسى ئارقىلىق كەڭ تارقىلىپ ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ بۇ تەرجىمە تور بەت ۋە شىركەتلەرنىڭ نامى تېز تارقىلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ ئاشماقتا.
3.    بۇ خىل ئۇسۇل خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ‹‹ قاتار چاي››، دېسكو، ۋە رېستوران مەدىنىيىتىدەك ھەرخىل ناچار مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈنسايىن ئەۋىج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ.
4.    خەلقىمىزنىڭ بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، مەنىۋى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››، ‹‹ئويغانغان زېمىن›،قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشلەرنىڭ تارىخقا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتى ۋە بۇخىل ئەسەرلەر بىر خىل كۈچلۈك مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش رولىنى ئوينىدى.
5.    خەلقىمىزگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىككە بولغان تونۇشى يۇقىرى كۆتىرىلىپ ، دوختۇرخانىلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلارنىڭ سانى ئازىيىدۇ.ئائىلە توغرىسىدىكى ئەسەرلەر ئاقىلىق كىشىلەرگە ئائىلە تۇرمۇشى ھەققىدە بىلىم بېرىپ ، ئائىلىلەردە ئەر- ئايالنىڭ مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىناق ئائىلە قۇرۇشىغا ياردىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىرىشىش نىسبىتى ئازىراق بولسىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن. پىسخولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدە كۆپ كۆرۈلىۋاتقان چۈشكۈنلىشىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
6.    ئاۋازلىق ئەسەرلەر كىشىلەرگە كۆپ ۋاقىت تېجەپ بېرىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى يولدا، ئاپتوبۇستا ۋە ياكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىۋېتىپمۇ ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئەبجەش، لاۋزا، قۇلاققا خۇشياقمايدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندىن كۆپ ياخشى.
7.    ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقى ۋە مىللىي مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېزىقچىلىقىمىزدا ياش يازغۇچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ۋە تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
8.    بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرگە كۆڭۈللۈك ئۇسۇلدا بىلىم ۋە تەلىم- تەربىيە  بېرىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل – ئىلمىي مۇنبەر، مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئىلىم چايلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. يېقىندىن بۇيان كارخانىچىلار، زىيالىيلار ۋە تور بەت خادىملىرى بىرلىشىپ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۈچىنىڭ بېرىچە قانات يايدۇرىۋاتىدۇ.داڭلىق رىياسەتچى ئۈمىد غەنى ئاكىمىزمۇ بىر تەربىيلەش مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز نامىدىكى مۇنبەرنى قۇرۇپ ئىش باشلىۋەتتى.بۇ جەمئىيىتىمىزدە كۆپ ياشلىرىمىزنى يىتەكلىدى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپ تەشەككۈر ۋە ئالقىشلارغا ئېرىشتى.لېكىن بۇ بىر دەسلەپكى قەدەم بولغاچقا رولى تېخى كەڭ كۆلەمدە جارى بولمىدى. يەنى: بۇ پائالىيەتلەر پەقەت ئۈرۈمچىگىلا مەركەزلەشكەن. دىيارىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئىلى ۋە ئاقسۇ تەرەپلەردىمۇ زىيالىي ياشلىرىمىز ئاز ئەمەس. ھەمدە ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىك شۇكى بۇ ئىلىم سورۇنلىرىدىكى قاتناشقۇچى، سۆزلىگۈچى ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر. ئاياللار ئاز. خانىم- قىزلار ئىچىدىكى زىيالىيلارنىڭ كۈچى تېخى جارى قىلدۇرۇلغىنى يوق.شۇنداقلا ئەزەلدىن خانىم – قىزلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ، رولى ۋە مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تارىختىن بۇيان كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان ئېغىر بىر مەسىلە. تەكلىپىم شۇكى بولسا بۇ پائالىيەتلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلسا، ھەر ساھە زىيالىيلىرى ئۆز كۈچىنى چىقارسا، مەخسۇس خانىم- قىزلار ئۆزى تەشكىللىنىپ، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر مۇنبەر قۇرۇلسا بۇخىل تەلىم- تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە سورۇنلىرىمىزنىڭ رولى ۋە كۈچى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى
ئۇيغۇر جەمئىيەت مائارىپى توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى چۈشەندۈرۈش ۋە تەشەببۇسلىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك. كەڭ ھەر ساھەدىكى تورداشلىرىمنىڭ تەكلىپ، پىكىر بېرىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2014- يىل 11- يانۋار  شاڭخەي

جەمىيەت مائارىپى ۋە دەسلەپكى تەشەببۇس
http://www.shewqiy.com/thread-2163-1-1.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top