ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » 21 – ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ ؟ –

21 – ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ ؟ –

21 – ئەسىردە تىلنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ ؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

تىلنىڭ كۆپ خىللىقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ : ھازىردىن باشلاپ 21 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە نۆۋەتتە ئىستېمال قىلىنىۋاتقان تىللارنىڭ يېرىمى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ . ھەتتا بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇنداق خەۋپ نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە .

بۇ تىللارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىشىدىكى قىممىتى يوق (بەلكىم ئاجىز بولۇشىمۇ مۇمكىن) قورال بولغانلىقى ئۈچۈن تىل خەتەر ئىچىدە قالغان مىراس بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، شۇڭا ئۇلارنى ئىمكانقەدەر قوغداش زۆرۈرىيىتى بولىدۇ .

لاۋرېنت ساگارت (Laurent Sagart) بىلەن ستېفىن ۋۇرم (Stephen Wurm) ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن دەپ قاراپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاساسلىرىنى چۈشەندۈردى . ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ ، قوش تىل ياكى كۆپ تىللىق تۈزۈم تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ، تىلنىڭ يوقىلىش جەريانىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ ، كىشىلەرمۇ ناھايىتى تېزلا بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان جەريان دەپ قالىدۇ دەپ قارىدى . ھالبۇكى ، مۇشۇ كۆز قاراشقا ئاساسەن شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، تەھدىتكە دۇچ كەلگەن تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئانا تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىش سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدۇ .

ستېفىن ۋۇرم – خەلقئارا تىلشۇناسلار دائىمىي كومېتېتىنىڭ رەئىسى ، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تىلشۇناسلىق پروفېسسورى ۋە تەتقىقات مۇدېرى ، ئاۋسترالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى . ئۇ يەنە «تىنچ ئوكيان رايونى ، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي – شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھالقىما مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تىل خەرىتىسى»(Atlas of Languages of Intercultural Cmmunication in the Pacific,Asia and the Americans,1996a) ، «دۇنيادىكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تىللار خەرىتىسى»(Atlas of the World’s Language in Danger of Dis appearring , 1996b) ۋە «خەتەر ئىچىدىكى تىللار»(Endangered Languages,1998) نى نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولغان .

لاۋرېنت ساگارت – تىلشۇناس ، فرانسىيە خەلقئارا پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇدېرى ، فرانسىيە ئالىي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى . ئۇ يەنە جوڭگۇدىكى نەچچە خىل تىلنى بىلىدىغان مۇتەخەسىس .

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان
تىللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟
ستېفىن ۋۇرم

ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان تىل 6000 خىل بولۇپ ، مۇشۇ تىللارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ . 3/1 بالا ئۆز تىلىدا ئەمەس ، باشقا بىر تىلدا سۆزلەشنى بەكرەك خالىغان چاغدا ، شۇ بالا سۆزلەشنى خالىمىغان ئاشۇ تىل يوقۇلۇش خەۋپى يوشۇرۇن تىل دەپ قارىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشنا مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغاندا نىسبەتەن كىچىكرەك بولغان مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى خەتەر ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن . مەلۇم بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېشى 20 ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسا ، ئۇنداقتا ئاشۇ تىل خەتەر ئىچىدە قالغان تىل دەپ قارىلىدۇ . ئەگەر ئاشۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز بولسا ھەم ئۇلار ياشانغان بولسا ، ئۇنداقتا شۇ تىل يوقىلىش گىردابىدىكى تىل دەپ قارىلىدۇ . شۇنىسى تولىمۇ روشەنكى، ئىشلەتكۈچىسى بولمىغان تىل ئەلۋەتتە يوقالغان تىلدۇر .

ھالبۇكى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاللىقاچان يوقالدى دەپ قارالغان بەزى تىللار دۇنيانىڭ مەلۇم جايلىرىدا يەنە پەيدا بولدى . بۇنداق ئەھۋال «مەخپىي» تىل (شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق بېسىلغان تىل) دا دائىم يۈز بېرىدۇ . مەسىلەن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى . ئەمەلىيەتتە ، ئىلگىرى ئاللىقاچان يوقالدى دەپ قارالغان يەتتە خىل سىبىرىيە تىلىنى ھازىر چوڭلار ۋە بالىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ .
بىر خىل تىلمۇ ياكى نەچچە خىل تىلمۇ ؟

مەلۇم تىلنىڭ يوقىلىشى ياكى بېسىلىشىنى قىسمەن ھالدا بىر خىل چوڭ تىلنى ئىشلەتكۈچى كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىگە يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ . بۇ كىشىلەر ئادەتتە بىرلا خىل تىلدا سۆزلىشىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بىرلا خىل تىلدا سۆزلىشىشىنى نورمال ، تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ . بۇ كۆز قاراش پۈتۈنلەي خاتا . دۇنيادىكى تىللارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمىنى ئىككى خىل ، ئۈچ خىل ياكى كۆپ خىل تىل بىلىدىغان كىشىلەر ئىشلىتىدۇ . ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىمۇ ، ئاساسلىق تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى پەس كۆرىدۇ ، چەكلىك ۋە زۆرۈرىيىتى يوق تىل دەپ قارايدۇ . كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەلۇم بىر چوڭ تىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ .

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى يېتەكچى تىل بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قوش تىل تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتۇر . بۇنداق بولغاندا مەلۇم بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆز تىلىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلىدۇ ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىككى خىل ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يوقىرى بولىدۇ ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىنمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ .

ئىككى خىل ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يوقىرى بولىدۇ . باشقىچە ئېيىتقاندا ، ئۇلارنىڭ خاتىرىسى ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدۇ ، ئەسكە ئېلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ ۋە تاللاشچانلىققا ئىگە بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە ئىككى ياكى كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر يېڭى ئۇچۇر ياكى كەچۈرمىشكە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ، ئۇلار يۈكسەك دەرىجىدە جانلىق بولغان مەدەنىيەت خاراكتېرى ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىگە ئىگە بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلار پەرقلەرگە تېخىمۇ كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولىدۇ . ئەكسىچە ، بىرلا خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەر ھەر قانداق بىر يېڭى شەيئىگە ھۇجۇم پوزىتسىيىسى ۋە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن .

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى ، يېڭى كاردونىيە ، ئاۋسترالىيىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ، فىلىپپىن ، ھىندىستان ، شىۋېتسارىيە ۋە ئۆزبېكىستانلار قوش تىل ئالاھىدە ئومۇملاشقان رايونلاردۇر .
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش

نۇرغۇن كىشى ھايۋانات نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ . ھالبۇكى، مەلۇم بىر تىلنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ئۇنچە ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ . بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . چۈنكى تىل – ئىنسانلارنىڭ شەكىلسىز مىراسلىرى ئىچىدىكى ئەڭ موھىم قىسمىدۇر . بىر خىل تىل ئۆزىگىلا خاس بولغان دۇنيا قاراشنىڭ ئىنكاسىدۇر ، ئۇ ئەتراپىدىكى دۇنيا بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەتنى ئىپادە قىلىدۇ . مۇئەييەن بىر تىل يوقالغاندا ، ئىنسانىيەت ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىمۇ مەڭگۈلۈككە يوقۇلىدۇ ، شۇنىڭغا قوشۇلۇپ شۇ تىلدا يارىتىلغان ئەدەبىيات ۋە ئاغزاكى ئەنئەنىۋى بايلىقلارمۇ تەڭلا يوقايدۇ .

بىر تىل – بىر مىللىي كىملىكنىڭ سىمۋولىدۇر ؛ مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قوغدىغانلىق – شۇ ئورتاق گەۋدىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ھازىرقى ئەھۋاللار كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ . بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، 21 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تىللارنىڭ ٪90 ى يوقىلىدىكەن . لېكىن ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى .

1970 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ، مىللەت ۋە تىل كىملىكىدىن ئىبارەت يېڭى بىر خىل تۇيغۇ دۇنيادا تارقىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇم پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ پوزىتىسىيىسى ۋە سىياسىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى كۈچەپ قوللايدىغان ۋە قوغدايدىغان ھالەتكە ئۆتتى . كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ خىل ئۆزگىرىش كانادادىكى ئېسكىموسلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردە ، شۇنداقلا ئاۋسترالىيىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ۋە ياپۇنىيىنىڭ شىمالىدىكى ئاينۇ (Ainu) لاردا يۈز بەردى .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ دەل ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ . نەتىجىدە ، ئاشۇ تىللارنى ساقلاپ قېلىش ئىشتىياقى قايتا پەيدا بولىدۇ – دە ، تىلشۇناسلارنى ياردەمگە چاقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئىلغار تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنىڭ ياردىمىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئورتاق گەۋدىلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا مۇقىم بولغان قوش تىل ۋە كۆپ تىلنىڭ مەجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى .

ب د ت مائارىپ ، پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى Linguapax دەيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت – بىرلا خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىشتۇر . بۇ تۈرنى 6 ياشتىن كىچىك بالىلارغا ناھايىتى ئاسانلا كېڭەيتىشكە بولىدۇ ، مۇشۇ ياش باسقۇچىدا ئادەم تىلنى ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋالالايدۇ . بۇ تۈر ھازىر ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان ، لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر تىلىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بالىلارنىڭ تىلىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردىمى بولىدۇ .
تىل ۋە مائارىپ

ناھايىتى چوڭ بولغان يەككە تىللىق مىللەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئىگە كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان تىل مائارىپتا ئىشلىتىلىدۇ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى چەتكە قېقىلىدۇ . ھالبۇكى ، شىۋېتسارىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە نەچچە خىل تىل ئىشلىتىلىدۇ ، شۇ جايدا تېخىمۇ ئومۇملاشقان بىر خىل تىل تېخىمۇ كۆپ مايىللىققا ئېرىشىدۇ .

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى ئالاھىدە بىر مىسالنى تەمىن ئەتتى . بۇ دۆلەتتە 740 خىل تىل بار ئىكەن ، بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئورتاق تىل بار بولۇپ ، ئۇ تىل ھېچكىمنىڭ ئانا تىلى ئەمەس ئىكەن . مائارىپتا ئاشۇ ئورتاق تىل بىلەن قوشۇلۇپ يەنە 30 خىل تىل قوللىنىلىدىكەن . ئەمەلىيەتتە ، ئاشۇ 30 خىل تىل مۇشۇ دۆلەت تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن . لېكىن ، مائارىپ يېزىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ ، شۇڭا ئاشۇ 740 خىل تىلنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ تۈزۈلمىسىگە ئەكىرىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش بولىدۇ .

تىلشۇناسلار ئىلگىرى خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارغا ئانچە قىزىقمايىتتى . بۇنداق پەرۋاسىزلىق ئالاھىدە بولغان ، ۋاقتى ئۆتكەن بىر تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسى سەۋەبىدىن بولغان . ئۇ بولسىمۇ – بىر تىلنى ئاقىل كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان بىر مەھسۇلى دەپ قاراش . نەتىجىدە ، بۇ نەزەرىيە ھەر بىر خىل تىلنى چوڭقۇر قاتلاملىق ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ دەپ قىياس قىلدى . بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ نەزەرىيىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەن ؛ بىز ھازىر شۇنى بىلدۇقكى ، ھەرقانداق بىر تىل باشقا تىلغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدىكەن .
تىلنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداش

بۇ – تىلشۇناسلاردا يېڭىچە قىزغىنلىق پەيدا قىلدى ، نۇرغۇن تەشكىلاتلارغا ئىلھام بولدى ، مىسالەن ، ب د ت پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەت تىل تەتقىقاتىنى قوللىدى . ب د ت پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەبلەغ چىقىرىپ ، قىممىتى يوق خام ماتېرىياللارنى قەرەللىك تۈردە يېڭىلاپ نەشر قىلىشقا ياردەم قىلدى . نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ، بەزى تىللارنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ چىقىش تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدى . بۇ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كىشىلەردە ئۆز تىلىغا نىسبەتەن يېڭىچە چوڭقۇر قاراشلار پەيدا بولۇپ ، بۇنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنى قوغداشنىڭ قىممەتلىك قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، بىر تىل ئاللاىبۇرۇن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ تىلنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا ئۈمىد قالمايدۇ . لېكىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن تىلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قىزىقىپ قېلىۋاتىدۇ . مەسىلەن ، ياپۇنىيىدە ئاينۇ تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغانلار سەككىز كىشىدىن كۆپىيىپ 500 گە يەتكەن .

شۇ ۋەجىدىن ، بىر تىلنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا بولغان ئاكتىپلىق سۇسلاپلا قالمايدىكەن ، خەتەر ئىچىدە قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ . ب د ت پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمى تۈرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك . شۇنىسى تولىمۇ ئېنىقكى ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار ناھايىتى تېزلا يوقىلىدۇ . لېكىن بىز تىل مىراسلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىن يەنىلا ئالدىراپ ۋاز كەچمەيمىز . بىز ھازىر مەۋجۇت بوپ تۇرۇۋاتقان تىلنىڭ ٪90 ىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە قاراپ ئولتۇرماستىن ، ھېچبولمىغاندىمۇ ٪25 ~ ٪30 ىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشىمىز ھەم بۇنى ٪60 كە يەتكۈزىشىمىز كېرەك .

تىل : قوغداشقا تېگىشلىك مىراس
لاۋرېنت ساگارت
داۋاملىق يوقۇلىۋاتقان تىللارنىڭ سانى

21 – ئەسىر كىرگەندىن بۇيان نوپۇس ئۇچقاندەك ئاشتى ، لېكىن ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازلاپ كەتتى . مۆلچەرلىنىشىچە ، ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان تىلنىڭ سانى 5000 دىن 6700 گىچە ئىكەن ، 2010 – يىلىغا بارغاندا ئاشۇ تىللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يوقىلىدىكەن . بۇ خىل ئەھۋال ھېلىمۇ نەچچە ئەسىر داۋام قىلدى ، بەلكى 21 – ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن .

بۇ جەريان مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ، ئاز بىر قىسىم تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ ، بۇ تىللار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت زامانىۋىلىقىنىڭ كۈچىگە ئايلىنىدۇ ؛ يەنە بىرى ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن تىل يوقىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى زامانىۋى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ . شۇنىڭدەك ، شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت تۈركۈمىمۇ نەسلى قۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ . مەسلەن ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيىدە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن .

بىر تىلنىڭ يوقىلىشى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ

بىر تىل يوقالسا ، ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، تىللارنىڭ تۈركۈم – تۈركۈملەپ يوقىلىشىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئاقىۋىتى ناھايىتى زور بولىدۇ .

تىلنىڭ يوقىلىشىنىڭ بىرىنچى ئاقىۋىتى – مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئازلاپ كېتىدۇ . ھەرقانداق بىر تىلدا ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراش بولىدۇ . بۇ ، شۇ تىلنىڭ يازما ۋە ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن تىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاغزاكى تىل بولغاچقا ، ئاشۇ تىللارنىڭ يوقىلىشى مۇناسىپ دەرىجىدە ئاغزاكى ئەدەبىيات ۋە شۇ تىل ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا قاراشنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

تىلنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئىككىنچى ئاقىۋىتى – زور مىقداردىكى ئىلىم – پەن ئۇچۇرلىرى تەلتۆكۈس يوقاپ كېتىدۇ . بۇ جەھەتتە بىز شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى ، بىر تىلدا ئىنسانىيەتنىڭ يېزىقسىز تارىخىي ئارخىپلىرىنىڭ زور بىر قىسىمى ساقلانغان بولىدۇ . شۇ تىلنىڭ لېكسىكىسى ، مورفولوگىيىسى ۋە سىنتاكىسىسى ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ، مەدەنىيەت تارىخى ، شۇنداقلا باشقا تىللار بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشقان ئىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . ئاشۇ ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس . لېكىن ، ئاشۇ تىل ئۇچۇرلىرى ئارخېئولوگىيە ۋە گېن بىلەن قوشۇلۇپ ، تۈرلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ماتېرىيال كەمچىل بولغان كېلىش مەنبەلىرىنى كۆزىتىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ . شۇڭا بىز تىلنىڭ يوقۇلىشى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان ئۈزۈكچىلىككە يول قويماسلىقىمىز لازىم .
تىل نېمە ئۈچۈن يوقىلىدۇ ۋە قانداق يوقىلىدۇ ؟

ئادەتتە ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى پەرقلىق بولغان ئىككى مىللەتنىڭ تىلى ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا ، بىر مىللەتنىڭ تىلى تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ . ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بىر ئورتاق گەۋدە ئىچىدە ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئورتاق گەۋدىنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر تەبىئىيلا ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ . ئىككى خىل تىلنى بىلىش ئۇلارنى ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان يەنە بىر تەرەپتىن پايدىغا ، يەنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ، مائاش ھەمدە تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشىش يوللىرىغا ئىگە قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز تىلىنى قارشى تەرەپنىڭ تىلىدىن تۆۋەن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئۆز تىلىغا سەل قارايدۇ ؛ ئۆز تىلىنى قايرىپ قويۇپ ، قارشى تەرەپنىڭ تىلىدا بەكرەك سۆزلەيدىغان بولىدۇ ، بالىلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ . مانا بۇ – فرانسىيىدىكى دېئالىكىتلارنىڭ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ، جوڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن رايونى ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن يوقالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر .

تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى ، ئەگەر ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەن بىر تىل نىسبەتەن ئىلغارراق بولغان ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ۋە ماددىي مەدەنىيەتنى ياكى كۈچلۈك بىر دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا ، تىلنىڭ يوقۇلۇش خەۋپى تېخىمۇ زور بولىدۇ . شۇ تاپتا كاللامدا ھەر خىل خىرستىيان دىنى مىسسىيونېرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاسىيا ، تىنىچ ئوكيان رايونى ۋە جەنۇبىي ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئەكىس ئېتىۋاتىدۇ . دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ «ئىنجىل» نى شۇ يەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىشىدەك ھەرىكەتلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئېتىقادنى گۇمران قىلىدۇ – دە ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىلغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ .
تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

كەلگۈسىگە بىر نېمە دېمەك قىيىن بولسىمۇ ، لېكىن يەنە بەزى ئامىللار تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى – تىلنى پارچىلاپ دېئالېكىتقا ئايلاندۇرۇش يۈزلىنىشى بولۇپ ، ئاشۇ دېئالېكىتلار تەرەققىي قىلىپ يەنە تىلغا ئايلىنىدۇ . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر يۈزلىنىش بولۇپ ، بۇ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلدۇر . ھازىر بۇ خىل ھادىسە ناھايىتى روشەن بولۇۋاتىدۇ . مەسىلەن ، ئىنگلىز تىلى كەلگۈسىدە بىر نەچچە تۇغۇندى تىلغا پارچىلىنىپ كېتىدۇ (بەزى تۇغۇندى ئىنگلىز تىلىنى بەلكىم ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن ). بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ ، لېكىن سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ . ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇزغۇنچىلىق ئۈنۈمىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ . مانا بۇ دەل تىلنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە يوقىلىشىنىڭ پايدا – زىيان جەدۋىلىدە نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ناھايىتى زور دەرىجىدە مەنپىي قىممەت كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە داۋاملىق شۇنداق بولىدىغانلىقى ، بولۇپمۇ تۇغۇندى تىللار پەقەت ئالاھىدە ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي شارائىتتىلا پەيدا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر .

بىز ئەڭ كۆپ خەتەرگە ئۇچرايدىغان تىللار ئىچىدىن بۇزغۇنچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغان تىللارنى ئايرىپ چىقىشىمىز كېرەك . بۇنداق تىلنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ . خەتەرگە ئۇچرىغان مەلۇم بىر تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى قانچە ئاز بولسا ، شۇ تىلنى قوغداش خىزمىتىدە زور قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ . دۇنيادا ٪ 52 تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بىر تۈمەنگىمۇ يەتمەيدۇ .

يەنە بىر تەرەپتىن ، باشقا ئامىللارمۇ تىلنى قوغداپ قالالايدۇ . يېزىقى ۋە يېزىقچە ئەنئەنىسى بولغان ، مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈشتە قوللىنىلىۋاتقان تىللار ئاسان يوقىلىپ كەتمەيدۇ ؛ ئاممىۋى مەمۇرىيەت ، ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە ئارمىيىدە ئىشلىتىلىدىغان تىللار(مەملىكەت خاراكتېرلىك تىللارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش) مۇ ئاسان يوقالمايدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ، بىر تىل شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك مىللىي كىملىك سىمۋولىنى تىكلىگەن چاغدا ئاسان يوقالمايدۇ .
خەتەر ئىچىدىكى تىل – رايون خاراكتېرلىك كارتىنا

ئافرىقىدا 700 ~ 2000 خىلغىچە تىل بار . بۇنىڭ ئىچىدە 150 ~ 220 خىلغىچە تىل خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ . نىگرىيە ، تانزانىيە ۋە كېنىيە تىلنىڭ يوقىلىش خەۋپى ئەڭ زور دۆلەتلەردۇر . ئافرىقىدىكى ئەبجەش تىل (linguae francae) ①دا ھازىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ ، 21 ئەسىردە يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە رايون خاراكتېرلىك تىلغا ئايلىنىدۇ .

470 ~ 500 خىلغىچە تىل بار جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ٪ 30 تىن ٪ 50 كىچە تىل يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ (برازىلىيە تىلنىڭ يوقىلىش تەھدىتىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان دۆلەت بولۇشى مۇمكىن) . ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ، مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى يەرلىك تىللار ئۇچرايدىغان خەتەر ئەڭ چوڭ بولۇشى مۇمكىن .

ئامېرىكا ۋە كانادادىكى بارلىق يەرلىك تىللار ، يەنى 200 خىل ئۆپچۆرىسىدىكى تىل نوپۇس سەۋەبىدىن بىۋاستە ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە . مەسىلەن ، ئىننۇئىت (Inuit ، ئېسكموس) تىلى بىلەن ناۋايو تىلى (Navajo)مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندىمۇ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالغا بىر نېمە دېمەك تەس .

ھىندىستان ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جۇڭگودا يەنە 1000 خىلدىن ئارتۇق تىل ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ، لېكىن خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا يەنە 47 خىل تىل بار بولسىمۇ ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا مۇڭغۇل تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەقەت تۆتلا خىل تىل ساقلىنىپ قالىدۇ .

ياۋروپادا جەمئىي 123 خىل تىل بار ، بۇنىڭ ئىچىدە گار تىلى ، برېتان تىلى ، باسك تىلى ، كرۇدىيە تىلى ۋە گرېك تىلىنىڭ بەزى ۋارىيانتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 72 خىل تىل تەھدىتكە ئۇچرايدۇ .

تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ پەرىشان قىلىدۇ . 150 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ رايوندا تەخمىنەن 1830 خىل تىل بار ئىدى . شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاۋسترالىيىدىكى 150 خىل تىل يوقاپ كەتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، تىنچ ئوكيان رايونى يەنىلا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ كەلمەكتە . يېڭى گىۋىنىيەدىن ئىبارەت بىر دۆلەتتىلا 960 خىل تىل بار بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى تىللارنىڭ 7 دىن 1 پرسەنتىدىن 6 دىن 1 پرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ . ھالبۇكى ، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ نوپۇسى بەك شالاڭ . ھەر بىر خىل تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى باشقا تىللارنىڭكىدىن ئاز بولسا ، تىلنىڭ يوقىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور بولىدۇ ، بولۇپمۇ شەرقىي قىسىم (مىكرونېزىيە ، پولىنىزىيە ، مىلانىزىيە ، كىنىيە ۋە ئاۋسترالىيە) ۋە غەربىي قىسىمدا ، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا شۇنداق بولىدۇ .
نېمە قىلىش كېرەك ؟

بىر تىلنىڭ يوقۇلىشى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قەستەن تاللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر . ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، بۇخىل تاللاش ئەقلىي بولغان بولىدۇ ، ھېچبولمىغاندا قىسقا مۇددەت بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ ؛ لېكىن ، ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ناھايىتى ئەيب ئىشتۇر . بۇ ، سىياسىي ساھە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ، ئەقلىي ۋە تۆۋەن نەننەرخلىق سىياسەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى ، كىشىلەرنى ئانا تىلىدا سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تىلنىڭ ھۆرمەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ، يەنى قوش تىللىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەكىتلەيدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندا تىلنىڭ يوقىلىش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ، ساقلانغىلى بولمايدىغان بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن .

بەزى ئەھۋاللاردا ، خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدۇ . جەنۇبىي – شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ياۋروپا قىتئەسى ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا بەزى تەكلىپلەر ماقۇل كۆرۈلۈپ ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى ، بولۇپمۇ خەتەر ئىچىدە قالغان بىر تىل شۇ تىلنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر كۈچلۈك كىملىك سىمۋولىغا ئايلانغاندا شۇنداق بولىدۇ . مۇشۇنداق تەكلىپلەر ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ، لېكىن شۇنداق تەكلىپلەرنى شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى بېرىشى كېرەك ، شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرىسىز ھېچئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ . لېكىن بىزدە خاتا تۇيغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ، بىر تىلنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى چەكلىك بولىدۇ ، تىلنىڭ يوقىلىش ھادىسىسى قانداقلا بولمىسۇن ناھايىتى زور كۆلەمدە يۈز بېرىدۇ .

بۇنداق ئەھۋالدا ، خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ، تىلنى قوغداشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت ۋە تىللارنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قوغداپ قېلىشى كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ ، تىل ، لېكسىكا ۋە ئاغزاكى ئەنئەنىلەرنى خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك . خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنىڭ سانى ناھايىتى جىق بولغان جايلار(يېڭى گىۋىنىيە ، برازىلىيە ۋە يېڭى كارىدونىيە)دا ئۆز يېرىگە مۇناسىپ ھالدا تىلشۇناسلارنى مەخسۇس پىلانلىق يېتىشتۈرىدىغان ئاپپاراتلارنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ . تىلنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە ، تىلنى ئۇنىۋېرسال تەسۋىرلەشكە ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۈنگە ئېلىش ۋە مۇناسىپ تەرجىمىسىنى قوشۇپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ . سىفىرلاشتۇرۇش شەكلىدە ئۈنگە ئالغاندا ئاۋازنىڭ ئەسلىي سۈپىتىنى ساقلاپ قالغىلى ۋە ئۇنى نەچچە يۈز يىل كېيىنكى تىلشۇناسلارنىڭ «روستا ئابىدىسى»(Rosetta Stone) ②گە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ .

مەن ئاخىرىدا كىشىنىڭ خېلى روھىنى كۆتۈرىدىغان بىر چۈشەنچىنى بېرىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ . بىز تىل سانىنىڭ ئازىيىشىنى نوقۇل سەلبىيلىك دەپ قارىساقمۇ بولمايدۇ . 21 – ئەسىردە ئىشلىتىلىۋاتقان تىللارنىڭ سانى ئازايغىنى بىلەن ئادەم سانى كۆپىيىدۇ . يېزىقى يوق تىللارنىڭ سانىمۇ ئازلايدۇ . نەتىجىدە ، ساۋاتلىقلار سانىنىڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئەدەبىيات ۋە ئىلىم – پەن ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىپ ، تەرجىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . تىلنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ھالقىما مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ . بىز مۇشۇ قىممەتلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ تىنىچلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

——–

ئىزاھات :

① ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونلىرىدىكى سودىگەرلەر ئىشلىتىۋاتقان ئىتالىيە ئەبجەش تىلى (فرانسۇز تىلى ، ئىسپان تىلى ، گرېك تىلى ، ئەرەب تىلى ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئارىلاشمىسى) نى كۆرسىتىدۇ .

② 1709 – يىلى مىسىرنىڭ روستا بازىرىنىڭ يېنىدىن بايقالغان قەدىمكى مىسىر ئابىدىسىدۇر ، ئابىدىگە قەدىمكى مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىلەن ئاممىباب يېزىقى ۋە گرېك يېزىقىدا خەت ئويۇلغان . بۇ ئابىدىنىڭ تېپىلىشى قەدىمكى مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقىنى يېشىش خىزمىتىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتكەن .

(خەنزۇچە «21 – ئەسىرنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش