You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم – گۈلنار تۇرسۇن

‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم – گۈلنار تۇرسۇن

تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى. كىشىلەر تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، تىل ئارقىلىق بىر – بىرىنى چۈشىنىدۇ. تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاقىلىشىىش ۋاسىتىسى بولمىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بولاتتى. ھەرقانداق مىللەت، ھەرقانداق قەبىلە، ھەرقانداق قەۋم ۋە ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ ‹‹ئانا تىل››ى بولىدۇ . ‹‹ئانا تىل›› دېگىنىمىز ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنىدىن تارتىپ، ئەڭ ئاۋۋال ئانىسىدىن تەبىئىي ئۆگىنىدىغان تىلىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ‹‹ئانا تىل›› ھەر قانداق كىشىگە ئۆمۈر بويى ھەمرا بولىدۇ.

تىل ئۆگىنىش ئىنتايىن قىيىن ھەم مۈشكۈل ئىش، ھەرقانداق ئادەم بىر خىل تىلنى ئۆمۈربويى ئۆگىنىپمۇ ئۆگىنىپ بولالمايدۇ . ‹‹ئانا تىل››نى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق. ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ‹‹ئانا تىل››دا تىلى چىقىش بىلەن تەڭ بارلىققا كېلىدۇ، ۋايىغا يېتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ‹‹ئانا تىل›› بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. شۇڭا ‹‹ئانا تىل››دا ئاڭلىغان گەپ – سۆز، ‹‹ئانا تىل››دا تىڭشىغان لېكسىيە، ‹‹ئانا تىل››دا ئوقۇغان كىتاب مېڭىگە ناھايىتى تەبىئي، ناھايىتى يەڭگىل ھەم چوڭقۇر ئورنايدۇ ھەم ئۇزاققىچە ئەستىن كۆتۈرلۈپ كەتمەيدۇ.

تارىختىن بۇيان، دۇنيادا ‹‹ئانا تىل››دا ئوقۇتۇشنى ئاساس، باشقا تىللارنى ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلىش، ساۋات چىقىرىش، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ‹‹ئانا تىل››دا يولغا قويۇشتەك مائارىپ ئەندىزىسى كەڭ ئومۇملاشقان. ‹‹قوش تىل مائارىپى›› يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئالدى بىلەن ‹‹ئانا تىل››دا ساۋات چىقىرىش، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ‹‹ئانا تىل››نى ئاساس، باشقا تىللارنى ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلىش ئىلمىي ئۇسۇل بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ساۋادىنى تېز چىقىرىشقا، باشقا پەنلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش قانۇنغىمۇ ئۇيغۇن. چۈنكى ‹‹ئاساسىي قانۇن››، ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› ۋە ‹‹مائارىپ قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملاردا بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار.

شۇڭا ئانا تىل دەرىسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئانا تىل دەرىسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىدىيەسى ھەم ئىش – ھەرىكىتىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقى لازىم. بالىلاردا ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەم ئانا تىل مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى.

مەنبە: http://www.baxtax.cn/a/alahide/World%20Mother%20Language%20day/web%20Language/8219.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top