• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال!

ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال!

ئۆتكۇر ئۇيغۇر

يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!…… ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى …
ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەت قاتارىغا نەزەر سالدىم-يۇ، كۆزلىرىم ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي گاڭگىراشقا پاتقان قىز-ئاياللار نىگاھىدا تېنەپ قالدى. بۇنىڭدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن قىز-ئاياللىرىمىز بىزنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئانىلىرىمىز سالاھىيىتىدە ئۆچرەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان. مەسىلە زادى كىمدە؟
چەكسىز ئىزتىراپ ئىچىدە ئويلاندىم. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن بىز بۇ ھالغا مۇپتىلا؟ «رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم. ئاسمىنىمىزدا قىز-ئاياللارنىڭ يۇلتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ. ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولىشىشقا باشلاپتۇ. بېغىمىز خازان بولمىسۇن، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن، بالىلىرىمىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن، دەپ ئويلىدىم …. رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە، يەنى ئاياللار مەسىلىسى مېنى ئويغا سالدى… شۇڭا توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي دىدىم. ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دېدىم…».
مەقسەت ئۇلۇغمۇ بولىدۇ، پەسكەشمۇ بولىدۇ، مەقسەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئۇلۇغ مەقسەت پەرزەنت تەربىيىلەش.
بىراۋ بىر دانىشمەندىن شۇنداق سوراپتۇ:
— ئاياللارنىڭ قىممىتى قەيەردە؟
— ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىشتە.
ھالبوكى، ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىش روھى كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا سۈپەت دۇنيانىڭ يولخېتى! پەرزەنت ئىنسانغا خۇدايىتائالانىڭ بەخىش ئەتكەن سانسىز نېمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سوۋغات. ئانا پەرزەنتىنىڭ نۇقۇل ئانىسىلا بولماستىن بەلكى، ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. شۇڭا،“ تەربىيە مەكتەپتە مۇئەللىمدىنلا ئەمەس، مۇھىمى ئائىلىدە ئانىدىنمۇ باشلىنىشى كېرەك“ (سىتېنا خانىم). ئانا ئالىم بولسا پەرزەنتىنىڭ ئېسىل ئادەم، ئىستېداتلىق ئادەم بولۇشىدىن ئەنسىرەش نەھاجەت! بىلىش كېرەككى، ئانا بېشارەتچى بولسا، بالا قەھرىمان بولىدۇ!
«ئالىملىرىمىز ئۆز ئىملالىرىدا قىلنى قىرىق يېرىشىدۇ. لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي نەرسىنى بىلىشمەيدۇ» (جالالىدىن رۇمى).
بىز كرزىستا تۇرىۋاتىمىز. يەنە كېلىپ ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى كرزىسلىرىمىز توغۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك خرىس ۋە ئاساسىي مەسىلە مەۋجۇتلۇق ۋە سالاھىيەت كرزىسى مەسىلىسى بوپقالدى.
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، قوۋمىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. «بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى — خوتۇنلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن باشلىنىدۇ. 80- يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلەر ئۆلگەن، 90- يىللاردا بالىلار ئۆلمەكتە» (ئابدۇقادىر جالالىدىن). بىر جەمئىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۇلىغا پالتا چېپىلغانلىقتىن بولسا، بالىلارنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت زاۋالىدىن بىر ئۇچۇر. ئۆلگەن ئەرلىرىمىزنى“ تىرىلدۈرۈش“، ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قايتا ھاياتلىق بېرىش ئانىدىن ئۆزگە ھېچكىمنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئەيشى-ئىشرەت كوچىسىدا تىنەپ يۈرگەن، قايمۇققان، ئۆلگەن ئانىلىرىمىز بولمىش خوتۇن — قىزلىرىمىزنى «تىرىلدۈرۈش»، ئۇلارغا ھاياتلىق بېرىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆمۈلۈپ قالغان ئەقىل بولاقلىرىمىزنى يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئېچىشىمىز كېرەك!
«گىرمان مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيىدىن بەكرەك مۇھىم» (كارىل ياسىپېرىس —گىرمانىيە پەيلاسوپى) بولغاچقا، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت خارابىسىدىن ئۆملەپ ھاياتلىققا تەلپۈنگەن گىرمانلار بىلەن ياپۇنلار مائارىپ ئارقىلىق بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. دېمەك، مۇنقەرز بولغان بىر مىللەت ئاسارەت، مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلماقچى، مەۋجۇت بولماقچى بولىدىكەن، بۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ پىلتىسى ئۆزىگە تايىنىش ۋە مائارىپتا!
ئەلۋەتتە، بىز مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمغا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى نەزەردە قارىماسلىقىمىز كېرەك. پەرزەنت تەربىيىسى نۇقۇل ھالدا مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قاراش، بۇ ئادىمىيلىكىمىز ۋە مائارىپ قارىشىمىزدىكى بىر يېگىلەش بولسا، مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قارىتا يېڭى باشتىن ئېنىقلىما بەرمەي ئامال يوق.
مائارىپ شۇنداق بىر جەريانكى، ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش جەريانى، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تېخىمۇ شۇنداق. بىلىم بەخىت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى. «بىلىم-ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ» (ھەدىس). شۇڭا بۇ ھاياتىي دۇنيادا «سەن ئالىم ياكى ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاڭلىغۇچى بولغىن، ھەرگىزمۇ تۆتىنچىسى (نادان) بولۇپ قالما، بولمىسا تۈگىشىسەن» (ھەدىس). مەۋجۇتلۇق ئەنە شۇنداق تالاي سەۋەبلەرگە باغلىق ئاجايىپ جەريان. مەۋجۇتلۇق ھەر قانداق مىللەتكە ئورتاق تاللاش ھوقوقى، ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي تاللاش ئەركىنلىكىدۇر. مەۋجۇتلۇقنىڭ شەكىللىرى خلمۇخىل بولىدۇ، قايسى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشى ھەر كىمنىڭ شىجائىتىگە باغلىق. بىراۋ تۇغما ھالەتتە خار ياكى ئەزىز، مەھكۇم ياكى ھۆر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. ئىنسان ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇزۇن بىر ھايات مىلودىيىسى. ھېچكىم كىمدىن تۇغۇلۇشى، كىم بولۇشنى، قاچان ئۆلۈشنى بىلىشكە قادىر ئەمەس. ئەمما سەۋەب بىلەن (تۈۋرۈكسىز) بىنا بولغان بۇ ئالەمدە سەۋەب قىلسا، تۆشۈك سېۋەتتىمۇ سۇ توختاتماق تەس ئىش ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئالدىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقلىي پەرۋىشكارلىقىدا ئۆز بۇرچىنى ئاڭلىق تەرزدە تونۇشتەك دادىل قۇربان بېرىش روھى بىلەن قەدىم ئەلمىساقتىن بويان زامان-ماكاندىن ئىبارەت بۇ“ تۆشۈك سېۋەت“ تە“ سۇ“ تۇختىتىپ كەلگەنلىكى قانداق ماختاشقا لايىق؟!
دەرۋەقە، ئانا ئۇلۇغ، ئانا مۇقەددەس! ئەمما ئانا ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالىغانلىقى، پەرزەنتىنى ئىنسانىيەت ۋە مىللەت بەختىگە ھەسسە قوشالىغۇدەك جەسۇر، سورتلۇق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئۇلۇغ!
تارىختىن بويان، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئانا ۋەتىنى بىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تۇمارىس، تۈركەن خاتون، بۈۋى رابىيە، ئاماننىساخان، يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل…….گە ئوخشاش شىرمەت، ئالىپ قىز-ئانىلىرىمىزنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ كەلگەن. ئۇلار بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياد ئېتىلىپ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆرمەتكە تالىق؟ بۇنىڭ سىرى بەكمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈم كۆرۈمدە ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغانلارلا بولۇپ قالماي، يەنە ئۆزى باسقان يوللارنى توختاۋسىز باسقۇچى سادىق ئىزباسار پەرزەنت-مەردۇ مەردانىلەرنى تەربىيلەپ چىققانلىقىدا ياكى شۇنىڭغا سەۋەبكارلىق قىلغانلىقىدا!
روشەنكى، مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان، باشقىلارنىڭ تاپا-تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز. بىراق پارلاق سەلتەنەتكە، مەدەنىيەتكە ئىگە ئاتا-بوۋىلىرىمىز جەڭگىۋار مەدەنىي ھاياتىغا زاھىرلارچە ھەغدابولالمىغانلىقىمىز سەۋەب «ئاتىسىدىن قارغىش ئالغان بالا» نىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ، ئەھمەد شاھ قاراقاشنىڭ «ئات ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئەسىرىدىكى «قاشاڭ ئات» ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىمىز بىر ئەمەلىيەت. ئاتا-ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان ئادەم، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمىغان مىللەت راۋاج تاپمايدىغان مىللەتتۇر
مىڭ يىللاردىن بويانقى تارىخنىڭ دەششەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىدا راۋاج تېپىپ، زورىيىپ، تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ مىللەت قانداقچە «كەنجى مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى» دىن كېيىنلا جاھالەت، ئاسارەت، مەھكۇملۇق پاتقىقىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ناتىۋان، نادان مىللەتكە،“ قاشاڭ ئات“ ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ؟ تارىختا مەدەنىيەت تەرەققىيات، مەرىپەتنىڭ سىموۋلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەمدى مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىق، نادانلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالسا، بۇنىڭدا يەنە قانداق باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ تارىخنىڭ ئۆزى گۇۋاھكى، ئۇزاق ئەسىر-قەرنەلەردىن بۇيان ئىزچىللىق شەكلىدە ئەۋلادقا ئاتا ئۇدۇمى بولۇپ كەلگەن تالاي ئېسىل ئەنئەنە-ئادەتلىرىمىز، شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولغان تەۋەررۈك گۆھەر كەبى گۈزەل خىسلەتلىرىمىز، قەھرىمانلىق دەۋرىمىز كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە جاھالەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بەقۇۋۋەت جاسارىتىنى يوقاتتى. مەھمۇد قەشقىرىدەك دۇنياغا داڭلىق بىر كاتتا ئالىمنى يېتىشتۈرگەن بۈۋى رابىيە ئانىمىزدەك ئانىلار روھى قاتمۇ قات توپا-تۇمانلار ئاستىدا قالدى. ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان خىسلەت، تەۋەررۈك ئادەت، نۇرانە گۆھەر،ماياك، مەشئەل كەبىي ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى قەدىرلىمەي، مانا بۈگۈن تاشقى دۇنيادىن“ ئەنگۈشتەر قوبۇل قىلىش“ قا،“ نوم ئەكىلىش“ كە مەجبۇر بولدۇق.
شۇنى سۆزلەش ھاجەتكى، قەدىمدىن بويان مائارىپ ئۇقۇمى مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ سۇنماس قانىتى بولۇپ كەلگەن. پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتا ئەزەلدىن چولتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن خەلق ئەمەسمىز. بىزدە «يېقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام» بولۇشتەك ئادەت مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى «ئەڭگۈشتەر» ئورنىدا قالدۇرۇپ كەتكەچكە، «يىراقتىن كەلگەن دا موللام» لارنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئاۋارە پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالدۇق ….. ئۆتكەن كۈنلەر يىللارغا مىڭ ئەپسۇس!…. ھېلىھەم سىرتتىن ئېنىرگىيە تولۇقلاش، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش، دوراش، تەقلىدچىلىك ھايات دوقمۇشىدا گاڭگىراش ئىچىدە ئاۋارىمىز!
ئاتا-بوۋىلىرىمىز بالىلارنى سۆيگەنلىك — كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك دېگەن مەنتىقىۋى قاراش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، «مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» … قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئابىدىلىرىدە بۇ ھەقتە يىتەرلىك تەلقىنلەر، ئۈگۈت-نەسىھەتلەر بېرىلگەن. ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ پىرانىك بىكوندىن 600يىل بۇرۇن «بىلىم-كۈچ» دېگەن ئىلمىي يەكۈنىدە ئاللىقاچان يۈزلىنىپ بولغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە قانچىلىك يۈكسىلىشلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى جاھان ئەھلىگە سىر ئەمەستۇر!….. پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تەربىيىنى زاكىدىن باشلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بويىچە دۇنيانى ساغلام ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار،“ مېنىڭ پىكىرىمچە، ھەممە مۇتەپەككۇرلار تەربىيەنى زاكىسىدىن باشلاش كېرەك، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن“ (پىروگوۋ). بىراق بىزنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرلىرىمىز ھازىر قەيەردە؟
ئابدۇقادىر داموللام بىر دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماي، قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى، مائارىپشۇناس ھەم ئىسلاھاتچى، مۇتەپپەككۇر ئىدى. ئۇ گۈزەل، يارقىن، ھېكمەتكە تۇيۇنغان رىسالىلىرىدە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ بالىنى ئىككى ياش چېغىدىن باشلاپلا تەربىيلەشنى ئوتتۇرغا قويغان.پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ قانچىلىك زورلۇقى، زۆرۈرلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باققان ئاتا-ئانىلىرىمىز قانچىلىكتۇر؟ مېنىڭچە يوقنىڭ ئورنىدا. كىچىك ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىگە بېرىلىشى، مىللىي تىل تۇپرىقىدا ئەمەس، باشقا بىر تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى،ئۆزگە مىللەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىك تۈپەيلىدىن قوۋمى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى «ئۇرغۇي» بولۇپ يېتىلىۋاتقان بالىلار توپىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى، بالىلارنىڭ قىلچىلىك ئانىلىق مېھرى بېرەلمەيدىغان بالا باققۇچىلار(باۋمۇ لار) تەرىپىدىن بېقىلىشى، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بولسا خېرامان“ رەڭلىك ئولتۇرۇش“، قاتارچاي، ئۇ چاي بۇ چايدىن بېرى كېلەلمەي ھاياتلىق سەيناسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشلىرى ئائىلە ۋە ئائىلە كىرزىسىغا پېتىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى…… بۇ مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ ئەتىكى ئىز باسارلىرىغا قىلغان يۈزسىزلىكى، قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان قەبىھ جىنايەتتۇر!…… ھالبوكى، رېئاللىقىمىز شۇنداق جىنايەتلەر بىلەن تولغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىلا 15مىڭدىن 30 مىڭغىچە تۇل قالغان خوتۇن-قىزلىرىمىز ”ياشايدىكەن“. دېمەك، تەڭ يېرىمىدىن ھېسابلىساقمۇ 10مىڭ پەرزەنت يىتىملىك ئىچىدە ياشايدۇ، دېگەن سۆز. شۇ خىل يۈزلىنىش بىلەن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى 85 ناھىيە-ۋىلايەتتە 10 مىڭنى بىرلىك قىلغان ھالدا سىتاتېستىكا قىلىپ كۆرسەك، 850 مىڭ پەرزەنت يىتىملىك سىپىگە قوشۇلغان بولىدۇ. دېمەك، 1 مىليون يۈرەك پارىمىزنىڭ كەلگۈسى خىرە دېگەن سۆز! بۇمۇ ئائىلە ئەخلاقى قاراشلىرىمىزنىڭ يىمىرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» قىرغىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن رېئال ئاقىۋەتلىرىمىزنىڭ بىرى.
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، پەرزەنتىنى چۈشىنىش — كەلگۈسىنى چۈشىنىشتۇر، كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم.
جاھان تارىخىدا باشقىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان دۆلەت،مىللەت ھەم كاتتا ئىمپېرىيىلەرگە قارىغاندا ئۆزى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولغان دۆلەت، مىللەت ھەم ئىمپىرىيلەر ناھايىتى كۆپ.
«ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، كۆپ ساندىكى ئانىلار بالىسىنى بالا باققۇچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايمەن. ئانىنىڭ مەسئولىيىتى يالغۇز بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەش. ئانا بولغۇچى بالىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلىشى كېرەك. پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، ھايۋانلار قەتئىي بۇنداق قىلمايدۇ. رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى، رىملىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان». (سىتېنا خانىم) ئىبرەت بوسۇغىسىدا تۇرۇپ ئىبرەت قۇبۇل قىلمىغانلىقىمىز سەۋەب تەكرار خاتالىقلارغا يول قويۇۋەرسەك بىزنىڭمۇ بىر كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ ھالاكەت بوسۇغىسىغا كېلىپ قىلىشىمىز مۇقەررەر، ئەلۋەتتە!
ئاياللار مەسىلىسى بىزنىڭلا مەسىلىمىز بولماي، نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق بىر مەسىلىسىگە ئايلانماقتا. دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلە بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ ياڭاق چېقىپ ھەم قارا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ.
روشەنكى، خوتۇن-قىزلىرىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. بىز بۇ ۋەتەننىڭ پەرۋىشىدىكى سەغرە بالىلارمىز. بىراق بۇ ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ بىتاپ بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولۇش، كىسىلىگە دىئاگنوز قويدۇرۇپ «داۋالىتىش» بىزنىڭ بالىلىق قەرزىمىز ۋە بالىلىق بۇرچىمىز! ئەمدىكى مەسئولىيەت — شۇ قەرزىمىز ۋە بۇرچىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە «ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا-چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز، مۇنبەت بولسا، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە. «شۇڭا پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك» (داۋېنىچ). چۈنكى، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا» (بالزاك). «نىيەت دۇرۇسلۇقى، ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن جەننەت — ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» (ھەدىس). ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان، نىيىتى، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانىنىڭ تاپىنى ئاستىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top