ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟

مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

يوللىغۇچىدىن: ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقتىن ۋاقتىسىز ئايرىلدۇق. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىزنى چوڭقۇر ئازابلىدى، گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇ بىزگە بەكمۇ كېرەكلىك ئادەم ئىدى؛ ئىمان-ئېتىقادلىق، تىز پۈكمەس، ئار-نومۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. چىرايىدىن ئۆلچەملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ سىماسىنى، ياشاش ئۇسۇلىدىن بۇلغانمىغان ئۇيغۇرغا خاس مەردانىلىقنى، ئەسەرلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن روھىي تىنىقىنى ھېس قىلالايتتۇق.
ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇرلارپ ئوقۇش بىر مەيدان نومۇس ئىنقىلابى قوزغاشتا مۇھىم ئەھىيەتكە ئىگە.   مەرھۇم  يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە ھايات بىلەن نومۇسنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر ئويلانغان مۇھىم زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرسى ئىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ «ھايات ۋە نومۇس»، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «پەرزەنت تەربيىسى»، «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» قاتارلىك كىتابلىرىدا ئەكىس ئەتكەنىدى.  مەرھۇمنىڭ ھاياتى بىزنى نومۇس ۋە ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ؛ «باشقىلارغا ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈق زىيالى ۋە ئەمەلدار بولۇۋاتامدۇق؟ باشقىلارغا ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىۋاتامدۇق؟ ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتامدۇق؟ قەلەمنى سۈيئىستىمال قىلۋاتامدۇق؟» دېگەن سوئاللارنى سوراشنىڭ زۆرۈريىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.  ھەممىمىز نومۇس قىلىشمىز كېرەك ئىدى. ئەمما، بىز نومۇسنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىز يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئەسلەش بىلەن تەڭ ئۆزىمىزنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزغا، نېمىلەرنى قىلىۋاتقىنىمىزغا، قايسى ئىمكانىيەتلەرنى ئېيتىۋاتقانلىقىمزغا، بالىلىرىمىزغا ئىزىمىزدىن قانداق تىكەن ئۈندۈرۈۋاتقانلىقىمىزغا قايتا زەن سېلىپ قارىشىمىز، ئويلىنىشمىز كېرەك.
تۈركلەر «مىڭ نەسھەتتىن بىر مۇسبەت ئەلا» دېشىيىدۇ. مەن تالاي قېتىملاپ نەقىل ئالغان بۇ گەپتە چوڭقۇر ھېكمەت بار. بارغانچە ئۇنتۇغاق، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنلا كۆرىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىمىز. بۇ ھال بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدىمۇ ، بىر قسىم مۇنبەرلەردىمۇ ئەكىس ئېتىۋاتىدۇ.  مۇنبەرلەردە خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار قانچىلىك پىشمىغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىنىڭلا تېمىسىنى يوللاشنى ئويلايدۇ . ئەرزىمەس، پۈچەك يازمىلار مۇناسۋەت يولى بىلەن ۋە ھەر خىل يوللار بىلەن بىلەن ئۈن-سىنغا ئېلىنىماقتا. ئەسلى ئېسىل ئۆتكەن پېشقەدەملەرنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئەسەرلىرى ئۈن-سىنگە ئېلىنىپ ئوقۇلۇشى، مۇھاكىمە قىلىنىشى، تېخىمۇ جىق ئادەم تەرىپىدىن ئوقۇپ قەدىرلەپ ساقلىنشى كېرەك كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىدى. ھېلىھەم بولسا كېچىكمەيمىز.
ئاشۇ ئوينىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ماقالىنى تورغا يوللىدىم. بولسا ئاۋازى ياخشى، ئۈن-سىن شارائىتى يار بېرىدىغان قېرىناشلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ لىنتىغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەرھۇمنىڭ بۇ ماقالىسى قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، ھازىرقى پالاكەت-پېشكەلچىلىكلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا ئۇيغۇر تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن چىقىپ  دىئاگنور قويغان ئېسل ماقالىلەرنىڭ بىرى. ماقالىنى ئوقۇيلى، مۇھاكىمە قىلايلى. بۇ مەرھۇمنى ئەسلەشنىڭ يەنە بىر ياخشى شەكلى.
يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ھەققىدە قانچە جىق مەرسيىلەر، قانچە جىق ئەسلىمىلەر يېزىلسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى، بىزنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز  بەك كۆپ . مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ۋاپاتى بىز ئۈچۈن بىر دەرسلىك.
مەرھۇمنىڭ قىممىتى يىللار ئۆتۈپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟
مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش. ئۇقمايمەن، قارىغۇنىڭ شەھىرىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ ماڭسا خورلۇققا قالغاندەك، بەزىلەرنىڭ قاراڭغۇ قەلب ئۆڭكۈرىگە ئەينەك كۆتۈرۈپ كىرىمەن دەپ، ناكەسلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرارمەنمۇ؟
«ياتلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر خىل نەرسىدىن ئىككىنچى خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىش، ئەكسىگە قايتىش مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يىراقلىشىش، ئايرىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياتلىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاڭنىڭ ياتلىشىشى، بۇنى گېگىل:«ئاڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ياتلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بىر خىل ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا ماركس ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەمگەك جەريانىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەك ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلماستىن، ئەمگەكتىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان روھىي ھالەت. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەم ماھىيىتىنىڭ ياتلىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ياتلىشىشى، جىنسىي ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياتلىشىشنىڭ بىرقانچە تەرىپى بولىدىكەن. بىرى، پاكلىنىش ۋە تەرەققىيات خۇسۇسىدىكى يېڭىلىنىش، يەنە بىرى، بۇلغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆز- ئۆزىنى دەپنە قىلىش. يېڭىلىنىش ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، بىرى كونا، قالاق، قاتمال، مەنىۋى زەئىپلىك قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلىنىش بىلەن مىللەتنىڭ شان- شەرىپىگە، مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل يۈزلىنىش، ئاللىبۇرۇن باشقىلار سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەت- چاۋالارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بۇلغاش. بىزدە ھازىر ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاز، قالاق، قاتمال، چۈشكۈن، خۇراپىي ئەنئەنىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش كۆپرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار قىممەتلىك ئېڭىنى، مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئازراق، ئۇلار ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىنى، تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي روھىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى بۇلغاش، مىللىي خاسلىقىمىزنى بارا- بارا دەپنە قىلىش كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ.
مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. بۇ ئەنئەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئېستېتىك ئېڭى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدا بارا- بارا مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كاتېگورىيىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلقى شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت قىپيالىڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسەتكە ئوخشايتتى.
ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ئورتاق بىر ساداسى شۇكى، ھازىرقى خېلى كۆپلىگەن ياشلاردا غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى بىر خىل ئومۇمىيلىققا ئايلانماقتا. بۇنداق ياتلىشىش يالغۇز ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بىز شۇنداق ھادىسىلەرنى بايقىدۇقكى، جىنسىي ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرىمۇ بىر قىسىم نادان ياشلىرىمىزنى سېھرى جادۇسىنىڭ تەسىر تورىغا چۈشۈرۈۋېلىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتىدۇ. ھايانىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ئىگەللىگىلى تۇردى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ياتلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق بىر قانچە تىپىك ئەھۋالنى مىسال قىلىپ بېرەي:
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق ھازىر ئەڭ ياخشى، گۈزەل ۋە ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلغار ئەنئەنىمىزنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە قەتئىي مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات بىر ئادەتلەر دەسسىۋالدى.
ئۇيغۇرلاردا بالىلارنىڭ سۈننەت تويى بىر بالىنىڭ يەتتە ياشقا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا بۇ بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەش مۇراسىمى. بۇ تويدا قازان ئېسىپ يۇرتقا ئاش بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەخت- سائادەتلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، ھازىر ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرۇق سۆلەتۋازلىقى بىلەن بۇ مەسۇم بالىلارنىڭ بەخت- ئىقبالى توغرىسىدىكى تىلەكلەر رېستوراندىكى ھاراق- شاراب، مەستلىك- نەسلىك، قالايمىقان كۈلكە- چاقچاق ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.
بىر قېتىم مەن بىر زۆرۈرىيەت بىلەن مەلۇم بىر رېستورانغا باردىم. بۇ يەردە بىر بالىنىڭ سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رىياسەتچى بىلەن توي ئىگىسى سەھنىگە چىقىپ توينىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەر ئىككىسى قولىدا لىق مەي تولدۇرۇلغان رومكىلارنى تۇتۇشۇپ ئاجايىپ دەبدەبە، ھەيۋەت بىلەن بالىنىڭ بەخت ئىقبالىنى ۋە ئىستىقبالىنى تىلەشتى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياتلىشىش بولامدۇ؟
بۇرۇنقى قىز- يىگىت تويىدا ئاۋۋال قىزنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئىككى ياشنىڭ بىرىنچى كېچىنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىك شەرىپىگە ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە توي بېرىلەتتى. ئەتىسى قىزنىڭ يۈزى ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ھالدا يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قىز كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسىتەتتى. ئەگەر ئالىمادىس قىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا، ئەتىسى قازان ئېسىلمايتتى. بۇ ئەنئەنە ئىنتايىن قائىدىلىك، تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە، قىزنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئاۋۋال كوچا- كوچىلارنى سازايى قىلدۇرىمىز، ئاندىن رېستورانغا ئېلىپ بېرىپ ئۇسسۇلغا، تانسىغا سالىمىز، ئاندىن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىمىز. بۇ ھازىر قىزلارنىڭ يۈزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولغانلىقىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يوشۇرۇن پاجىئەمۇ بار. ئوغۇلغا توي شادلىقى دەپ كۆپلەپ ھاراق ئىچۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىرى قىزنىڭ ھەقىقىي پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ئەگەر شۇ مەستلىكتە بالا بولۇپ قالسا، ئۇ بالا چوقۇم مۇكەممەل ئادەم بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. بۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.
ئۈچىنچى بىر تىپىك مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، تارىخىي ۋە رېئالنىي قىممەتكە ئىگە بىر بايرىمىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمى. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. نورۇز بايرىمىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قىممىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ خېلى ئەھمىيەتلىك ئىدى. بىراق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نورۇز بايرىمىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزدە ناھايىتىمۇ زەئىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پەقەت نورۇز كېچىسى تېلېۋىزوردا بېرىلگەن نورۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى بىزنىڭ بىردىنبىر تەبرىكلەش پائالىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭ بولىدۇ. شىنجاڭدا باھار باشلىنىدۇ. يەر- زېمىن تەۋرەيدۇ، قۇرت- قوڭغۇزلارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. يېڭى بىر يىلدىكى مول- ھوسۇل ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ يېزا- يېزىلاردا ئاجايىپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى يېڭى- يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى، ئەنئەنىسىدىكى ھەرقانداق ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە ھەرگىزمۇ بىكاردىن- بىكار ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئەمەس. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ھايات تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئومۇمىي جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ گۈزەل ۋە قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئۇل. ئۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قىممەتلىك نەرسىلەر ھەرگىز كونىرىمايدۇ. ئەنئەنىدىن ئۇنىڭ كونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋاز كەچكۈلۈك ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق دەپ قارىساق ۋەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كونا، ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ مىللىتىمىزنى كونىتى دەپ ئۇنتۇپ كېتىش زۆرۈرىيىتى توغۇلامدۇ؟
ئومۇمەن، بىزدە ياتلىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ئەنئەنىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزدا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئەنئەنىنى سۆيۈش، ئەنئەنىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ نادانلىقىمىزنى، گۈزەللىكنى ۋە ھەقىقىي قىممەتنى تونۇمىغانلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنى قەدىرلەش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك، يادرولۇق رولىنى يوقىتىپ قويغان، ئەنئەنە تەربىيىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ياشلاردا مىللىي روھ ئاجىزلاشقان، ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش يېتەرلىك بولمىغان، باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلسا، بۇلار زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنداقتا زامان ئۆزگەرسە، دەۋر ئۆزگەرسە مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋر تەرەققىي قىلسا، نادان، مەدەنىيەتسىز مىللەت ئۈچۈن ئۆزىدىن ياتلىشىش، ئۆزىدىن ۋاز كېچىش لازىم بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇشنى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش دەپ قارايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللەتكە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. نادان، ھاماقەت، ئازغۇن كىشىلەرلا ياتلىشىش، ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى ئەركىنلىتىش دەپ چۈشىنىدۇ.

ھەقىقەتمۇ كونىرامدۇ؟
مەن كىتاب ئوقۇش ھاياتىمدا ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەسەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرى. مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەكتەپ بولدى، دەپ قارىسام ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى، مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنيا قاراش جەھەتتە بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسىدىم. ئۆزۈمگە بولغان تونۇشنى، ئۆزۈمگە قويغان تەلەپنى يېڭىلىدىم؛ ھاياتنىڭ مەنىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىر ئالىم «قۇتادغۇبىلىك»نى ناھايىتى نۇرغۇن كوچىلاردىن تۈزۈلگەن بىر ياسىداق شەھەرگە ئوخشىتىپ، «تېخى بىرەر ئادەممۇ بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى سەير قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى» دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن مەن ھەر قېتىم بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا يېڭى- يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق ۋە يەنە بىر چۈشىنەلمەسلىك بار.
ھەيرانلىقىم شۇكى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە چۈشەنچنىڭ كەڭلىكى بىلەن بىللە ئۇ ئەسەرنىڭ 11- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىق. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى مەسىلىلەر، ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىغىچە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچە ئىنتايىن ئىلغار. گەرچە ئالىم 11- ئەسىردىكى فېئودال مۇھىتتا، دىنىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاكىمىيەت، قانۇن ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ياۋروپادا شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن تەشەببۇس قىلىنغانىدى. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەكۈنلەر بۈگۈنمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ، ئومۇمەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ ھاياتىي قىممىتىگە چەكسىز ئىشەنگەن. ئۇنى «بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول شۇ»، «ھەرگىز يولۇڭدىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ مەندىن ساڭا مىراس قالغان سۆز، ھەرقانچە ئالتۇن- كۈمۈشمۇ بۇ سۆزلىرىمنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئالتۇننى خەجلىسەڭ تۈگەيدۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ساڭا مەڭگۈ ئەسقاتىدۇ» دېگەن. ھەيرانلىقىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان يەنە بىر نەرسە- 11- ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپلا ئەمەس، بەلكى مەھمۇد قەشقەرى، ئىمانىددىن قەشقەرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش بۈيۈك تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلار بارلىققا كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دەۋرىدە تەبىئىي پەنمۇ ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئالىملارنى ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ چاغدىكى ئىلمىي مۇھىت، شۇ چاغدىكى مائارىپ كېيىن نەگە كەتكەن بولغىيتتى؟
شۇنداق، «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللاردىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھالقىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار 21- ئەسىردە ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىغا دائىملىق ئۇستاز بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقات نىشانىم قىلىپ «قۇتادغۇبىلىك»نى تاللىۋالغانىدىم. ئۇنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مەنالاردىن، ئۇلۇغۋار مەزمۇن ۋە تەۋسىيەلەردىن خەلقىمنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر خىل پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتاي دېگەن بىر نىيەتتە مەن. بۇنداق بولۇشتا يەنە ماڭا تەسىر قىلغان مۇھىم بىر ئىش «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنىپ، بىزدىن ئەسىرلەپ جۇدا بولۇپ تۇرغان بۇ ئەسەر قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن تەۋەررۈك قىلىنىپ ساقلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا خەلقىمىز بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى ھېس قىلالمىدى. يەنە بىر جەھەتتە نەزمىي بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي تەربىيىلىنىشى تۆۋەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر بۇ ئەسەردىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەت ئالالمىدى. گەرچە خېلى كۆپ كىشىلەر كىتابنى قەدىرلەپ ئېلىپ قويغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ئوقۇپ باقمىغان زىيالىيلار ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بېسىلغان كىتاب سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئاخىر باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى. تاكى يېقىنقى يىللارغىچە شۇنداق بولدى.
مەن ساۋاتلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بىرەر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تەك كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. مەخسۇس مۇشۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى چاقىرىلدى. بىر نۆۋەت خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى. مەخسۇس كىتابلاردىن ئون نەچچە پارچە، ئىلمىي ماقالىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە ماقالە يېزىلدى. تېلېۋىزور، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە بۇ ئەسەرلەردىن ئۈزۈندىلەر بېرىلىپ تۇردى. شۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بىلەن بولسا كېرەك، ئەسەر نەشر قىلىنغان 1984- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە بولغان ئون تۆت يىلدىن كېيىن بەزى كىشىلەردە «قۇتادغۇبىلىك»كە بولغان قىزغىنلىق قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ باھاسى ئون ھەسسە ئېشىپ يۈز يۈەندىن سېتىلدى.
بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ باھا ۋە چۈشەنچىسى بويىچە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىكلىرى مۇنۇ مەزمۇندا: «بىز قاچانغىچە بۇ ئىككى كونا چاپاننى («قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېمەكچى) كىيىۋېرىمىز»، «ئىككى كىتابنى تەكىي قىلىپ ياتامدۇق» دېگەندىن ئىبارەت. ھەتتا ماڭىمۇ «كونا چاپان» لەقىمى سىڭىپ قالغىلى ئاز قالغانىدى. ھەتتا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا چاغلايدىغان بەزى شائىرلار ئوچۇق- ئاشكارا پۈتۈن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلىشقان. ئۇنىڭدا بىز ئۈچۈن لازىملىق ھېچ نەرسە يوق دەپ قارىغان.
مېنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر تىپىك ئەھۋالمۇ بار. بىر كۈنى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا سۆھبەتتە بولۇپ قالدۇق. بۇ سورۇندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ئەسكى تامدىن مۇشت چىققاندەكلا: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن كىم؟ ئۇ نەلىك ئادەم؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە ئۇلاپلا «قەيەردە ئىشلەيدىغان ئادەم ئۇ؟» دېمەسمۇ، سورۇندىكىلەر بىر- بىرىمىزگە ئەجەپلىنىپ قاراشتۇق. ئۇ چاقچاق قىلمايۋاتاتتى، راستتىنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئىگىلىگەن ئىدى..
−  ئەي سادىغاڭ كېتەي بۇرادەر، ئىنساپ قىل، سەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەي، قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىم بار دەپ قارايسەن،- دېدىم.
−  بىرەر ئادەمنى بىلمىگەنگە نېمە بوپتۇ، سەن بىلمەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپقۇ،- دەپ تېرىكتى ئۇ.
−  توغرا، بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىراق بىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى بىلمىسەك تولىمۇ نومۇسسىزلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپقىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز،- دېدىم.
مەن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. مەلۇم بولدىكى 90 پىرسەنت ئوقۇتقۇچى «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باقماپتۇ. 100 پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېخىمۇ يىراق ئىكەن. ھەتتا دەرسلىك مەزمۇنىدا «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ كېلىش تەلىپىنى قويماپتۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ. بىرەر چەت ئەللىك بىرەر ئوقۇغۇچىدىن «سىز قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك.
بىز تەكىتلەۋاتقان ساپا مائارىپى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچەيمىز؟ بىز كىتاب ئوقۇمدۇق، قانداق كىتابلارنى ئوقۇيمىز، پەقەت مۇھەببەت كىتابلىرىلا بىزگە ھەقىقىي ساپا ئاتا قىلالارمۇ؟ «كونا چاپان» دەپ قاراۋاتقان بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قاچان كىيىپ باقتۇق؟ ئۇنى كىيىپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كونا- يېڭىلىقىنى، ئۆزىمىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ھېس قىلالايمىز؟ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن پۈتۈنلەي ھايات ھەقىقىتى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ يەكۈنلىنىشى. ھەقىقەتنىڭ كونىرىغىنىنى نەدە ئاڭلىغان؟ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ غالىپلىقىنىڭ نەمۇنىسى، ئۇلارچە بولغاندا، تىلىمىزنى كونىرىدى، دەپ تاشلىۋېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟
ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن:

غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى
دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنستىن يارىتىلغان. ئەركەكتە ئەركەككە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت، چىشىدا چىشىغا خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ناھايىتى روشەن ئايرىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ ئەر- ئايال ئىككى جىنستىن فىزىئولوگىيىلىك، ئاناتومىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە روشەن جىنسىي پەرققە ئىگە قىلىنغان. ئەرلەردە ئەرلىك تەبىئەت ناھايىتى روشەن، ئاياللاردا ئاياللىق تەبىئەت ئىنتايىن گەۋدىلىك. بۇ بىر خىل ئومۇمىيلىق. مانا مۇشۇ ئومۇمىيلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىش تەقسىماتى جەھەتتە بولسۇن، كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە يۈرۈش- تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
مىللىي خاسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقىنى ۋە ئەركەكلىك سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك كۆركى بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى، ئاياللىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىنتايىن نازۇك خاسلىقى بار. قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بايانلارغا سەپسالىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق خاراكتېرى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتى، ھاياسى، دىيانىتى، قەددى- قامىتى، ھۆسن- جامالى، زىبۇ-زىننىتى قاتارلىقلار تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولسا، ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركىگە ئېتىبار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، كۆپىنچە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەقىل- پاراسىتى، غۇرۇر- ۋىجدانى، باتۇرلۇقى، قەيسەر، قەھرىمانلىقى، ئىلىم- ھۈنەر جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن. مەسىلەن، كۆلتېكىننىڭ ئەرلىك سۈپىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا سەنگۇن (سانغۇن) بىلەن سوقۇشتۇق. دەسلەپتە ئۇ تارقىن چورىننىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا ياقىرانىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۈچىنچى قېتىم يەگىن سىلىگ بەگنىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى يەكمە (يېپىنچا) سىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى. (لېكىن) يۈز- بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى…» «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى» 86- بەت.
بۇ بىر ئەرنىڭ باتۇرلۇقىنى، قەھرىمانلىقىنى، قورقماس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەرلىك خاراكتېر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئىپوسلىرىدىن ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نادىر ناماياندىلەردىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى خەلقىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپەت ئېڭى ئاساسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئوبرازى ھەقىقىي ئەركەكلىك قىياپەت بىلەن خەلق قەلبىدە مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغان: «بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى. تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭ مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى.» «ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 90- بەت.
يۇقىرىقى تەسۋىردىكى ئوغۇزخان ئەگەر ھازىرقى خەلقئارا بەدەن گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇنبەرگە چىقسا ئالتۇن مېدال ئېلىشىدا شۆبھە يوق.
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاشقى ئەرلىك سۈپىتىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم ساقال- بۇرۇت خۇسۇسىدا ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ مۇھىم بىر زىننىتى ساقال دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئۆز تەبىئىتىگە، ئەرلىك خاراكتېرىگە يانداشقان ھالدا قويۇق، ساقال- بۇرۇت ئاتا قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەرلەرنىڭ ساقال- چېچى ئۇز بولسۇن، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە ئوچۇق بولسۇن، يۈرۈش- تۇرۇشى مەردانە بولسۇن، ساقال- چاچ كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى، ئەرلىك سالاپىتىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ھەيۋەت بىلەن ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئاشىدۇ» دېگەن. مۇنداق تەبىئىي ئۆلچەمنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى ئۇيغۇرئەرلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن تەبىئىي ئۆلچەم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتا قىلىنغان قويۇق ساقال- بۇرۇت تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن بىر ئەرلىك سالاپىتى ئىدى.
ھازىرقى ئەمەلىي رېئاللىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەيدىغان چۈشەنچىلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن.

بىرىنچى، جىسمانىي ساپادىكى چېكىنىش ئالامەتلىرى
ئەرلەر ئۈچۈن جىسمانىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلاردا «ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكى بول» دېگەن گەپ بار. ھازىر ئۇيغۇرلاردا بىر تەرەپتىن پاكار ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. يەنە بىرى مېيىپ ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتتى. بەدەن زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى شۇكى، ھازىر ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قورسىقى خۇددى توققۇز ئايلىق قورساق كۆتۈرگەن ئانىلارنىڭكىدەك تومپىيىپ چىققان. بەزىلەر چىرايلىق ئەرلىك سالاپەتنى يوقىتىپ، خۇددى بىر پارچە پور كۆتەككە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىشنىڭ بىر تەرىپى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۆزىدىكى مۇشۇنداق نورمالسىز فىزىئولوگىيىلىك ھالەتتىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى باياشادچىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلدىىغان بىر كۇزۇر قىلىۋالغان. بۇ خىل نورمالسىزلىق ئەمەلىيەتتە ئەرلەردىكى جىسمانىي ئەمگەكتىن قاچىدىغان، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلمايدىغان، چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھۇرۇن، بىكار تەلەپ كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈنىدىكەن. بىلىش كېرەككى سېمىزلىكمۇ بىر خىل كېسەل، شۇنداقلا نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى. شۇڭا، ئۇ خىل بىنورمال بەدەن قۇرۇلۇشىمىز بىزنىڭ زەئىپلىكىمىزنى، كېسەللىكىمىزنى، پالاكەتلىكىمىزنى، يارىماسلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سالاپەتلىك، ساغلام، بېجىرىم ئەركەك ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى نورمالسىز، كېلەڭسىز بەدەن تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە پەقەت بىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرىدۇ، خالاس.
ئەرلەردىكى غەيرىي جىنسىي ياتلىشىش توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال- بۇرۇتقا تۇتقان مۇئامىلە- مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلىش زۆرۈر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال- بۇرۇتنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. بىرى، ساقال- بۇرۇتنى پەقەت سەھرالىقلارغا ۋە قارىي، ئىماملارغا خاس ئىش. ئۇ مەدەنىيەت كاتوگورىيىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ چۈشىنىش. يەنە بىرى، ساقال- بۇرۇت قويۇشنى قېرىغانلىقنى ئاشكارىلاش دەپ قاراپ، قېرىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە ساقال- بۇرۇتنى پاكىز قىرىپ يۈرۈش. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىرانىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزمۇ ساقال- بۇرۇتىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندىمۇ قانداق؟ پېشقەدەم، يەتمىش- سەكسەن ياشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى مومايلارنىڭ يۈزىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولدى. ئەسلىدىن ئالغاندا ساقال- بۇرۇت ئەرلەرنىڭ قېرىلىقىنى يوشۇرۇپ، يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى يېپىپ، ھەيۋىتىنى ئاشۇراتتىغۇ. تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىلىكنى قانداقمۇ يوقىتىۋەتكىلى بولسۇن. بۈگۈن قىرىۋەتسە يەنە ئەتىسى چىقىدىغان تۇرسا. مەن خېلى يىللاردىن بېرى بۇرۇت قويىمەن. ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا، دۇنيا قارىشىمغا، گۈزەللىكىمگە، ئەرلىك سالاپىتىمگە قىلچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەكسىچە مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ساقال- بۇرۇت دېگەن بىزگە نىسبەتەن بۇرنىمىزنىڭ قاڭشارلىق، كۆزىمىزنىڭ قارا، قاپاقلىرىمىزنىڭ قاتلاق، چاچلىرىمىزنىڭ قوڭۇر ۋە قارا يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ بىر ئىلتىپاتى. ئەخمەق نادانلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىدىن تۇغما تەبىئىتى يەتتە ياشقا توشقاندا سۈننەت قىلىنىدۇ. ئەمدى كېلىپ، ساقال- بۇرۇتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قىرىپ سۈننەت قىلىش قايسى مەزھەپتە باركى؟
ئىككىنچى، ئەلەرنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر خىل غەيرىي جىنسىي ياتلىشىشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىمەنە «مەدەنىيلىشىش» خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى، بىز بەزى ئۇيغۇر ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرىدا زەنجىر، قوللىرىدا ئۈزۈك، بەزىلەرنىڭ بىلىكىدە بىلەزۈك تاقىغان غەيرىي مەدەنىي ياشلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. بىرى زامان تەرەققىي قىلدى، پۇل بولسا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاننىڭ نېمە يامىنى، ئۇمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش. يەنە بىرى «ئۇچامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ ئەرلىك خۇسۇسىيەت، ئەرلىك قەددى- قامەت، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىش نېمىدىگەن قىلىقسىزلىق، ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىققۇ بۇ، دەپ تەنقىدلەش. مېنىڭچە ئىككىنچى خىل پىكىردىكى كىشىلەرنى مۇتەئەسسىپلىك قىلدى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ، مىللىي ئەنئەنە ئاساسىمۇ بار. مۇقەددەس كىتابلاردا «ئەردەك بولۇۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولۇۋالغان ئەرلەرگە لەنەت» دېيىلگەن. بۇ ئەر ئەر بولسۇن، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىسۇن، ئايال ئايال بولسۇن، ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلىسۇن دېگەن تەلەپ ئىدى. ئەگەر بۇنى مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىدىن قارايدىغان بولسا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سالاھىيەتتىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر پۇل بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنى ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سۈپەتتىن قول ئۈزدۈرۈپ، ئالتۇن- جابدۇقلار بىلەن ئۆزىنى بېزەشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ زادى قانداق پىسخىك تەقەززالىقنىڭ كۈچىدۇ؟ مەن زىبۇزىننەت بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان «ئەركەك»لەرنىڭ پسىخىكىسى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئىگىلەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق پۇل تاپقان، چەللىدە ئات چېپىۋاتقان نادان، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بايچاقلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ۋىۋىسكا بىلەن ياكى پۇللىرىنى مەيدىسىگە چاپلاپ ياكى ئېسىپ نامايىش قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، زىبۇزىننەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىدىكەن. يەنىمۇ مۇھىم تەرەپ شۇكى، بۇ خىل ئادەتنى مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاساسىمىز يوق. چۈنكى، پۇل ھېچقاچان مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس. پۇل پەقەت مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، كلاسسىكلىرىمىز پۇل- بايلىقىلا بولۇپ بىلىمى، مەدەنىيەت ساپاسى يوق كىشىلەرنى «بىر خۇرجۇن ئالتۇن ئارتىلغان ئېشەك» دەپ سۈپەتلىگەن. زىبۇزىننەتلەرنىڭ مەنسۇبىتىدىن قارىغاندىمۇ ئالتۇن، زىبۇزىننەتلەر ئاياللارنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە، ئۇلارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى. ئەرلەرنىڭ يۇڭلۇق بەدەنلىرى، ئارىدەك قوللىرى، تارشىدەك بىلەكلىرىگە نازۇك ھالقا، ئۈزۈك، زەنجىر، بىلەزۈكلەرنى تاقاشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىرمۇنچە ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېلىگە پوتا باغلاش، پىچاق ئېسىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرلەرگە خاس ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن. بىز ھازىر بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلىسا، پىچاق ئاسسا بولاتتى دېمەكچى ئەمەسمىز، بىراق بېلىگە پوتا، پىچاق ئېسىشنىڭ ئورنىنى بوينىغا زەنجىر، قولىغا ئۈزۈك سېلىش ئىگىلىگەن. بىز بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشتىكى قايسى بىر ئىشنى ئەرلەرچە بېجىرىش ئۈچۈن پايدىلىنارمىز. پەقەت ھاياتىمىزنى خەتەر ئىچىگە قويۇشنىڭ بىر كۈلكىسى بولۇش رولىنى ئوينار. ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋېغى بىلەن پىچىقى تۇرمۇش ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقاچان زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ئىدى. ھەتتا بەلۋاغ سىمۋوللۇق ھالدا ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە، ئىشەنچىسىگە، جۈرئىتىگە، باتۇرلۇقىغا ئىشارە قىلىناتتى. ئالتۇن- جابدۇقلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ نېمىسىگە سىمۋول قىلىنار؟
ئەي، ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانايدىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار! بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت چەت ئەل ئەمەس. بىز مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ يوللۇق قائىدە- يوسۇنلىرىغا، تۇرمۇش مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۆز ئەھۋالىمىز بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئۆلچەم تارازىسىغا سېلىپ تۇرىشىمىز لازىم. قەلبىمىز قۇرۇق، ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز تۇرۇپ، تېرە- گۆشلىرىمىزنى بېزىۋالغانلىقىمىز بىزنىڭ قەدىر- قىممىتىمىزنى، مەدەنىيلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز «بوياقلىق ھەيكەل» دەپ ئاتىغان.
بىر پەيلاسوپتىن ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرىدىغان شەكلەن پەرق توغرىسىدا سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن: بىرى، ھايۋاننىڭ يېمىكىنىڭ نامخالىسى بولمايدۇ، نېمە ئالدىغا كەلسە يەۋېرىدۇ. ئادەم بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئىككىنچى، ھايۋانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ۋەتىنى بولمايدۇ، قەيەردە ياشاشقا توغرا كەلسە ياشاۋېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ، يۇرتى بولىدۇ، ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئۈچىنچى، ھايۋانلارنىڭ ئەركەك چىشىسىنى بىر قارىماققا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئادەمنىڭ ئەر- ئاياللىق پەرقى ناھايىتى روشەن زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.
دېمەكچى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي پەرق جەمئىيەتتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. گەرچە تاشقى ئىپادە جەھەتتىكى غەيرىي ئۆزگىرىش ماھىيەتلىك پەرقنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن نۇقتىدا غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شەكلەن ئۆزگىرىش بارا- بارا مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەزمۇننىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟

ئەرلىك ۋە مەردلىك تارازىسى
ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەرلىك ۋە مەردلىك قەدىرلىنىپ كەلگەن، نامەردلىك ئەيىبلەنگەن. شۇڭا، ئەرلەر ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ ۋە يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويغان. ئەزەلدىن ئەرلىك جىنسلا ئەرلىك تەبىئىتىنى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ باققان ئەمەس. شۇنداقلا تەققى-تۇرقى، كىيىم-كېچىكى ۋە زىبۇزىننىتى ئەرلىك سالاھىيەت ۋە ئەرلىك سالاپىتىنى باھالاشنىڭ شەرتى بولۇپ باقمىغان. ئەلىشىر نەۋائى تاشقى كۆركى بىلەن مەنىۋى پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغانىدى:«ئۆزىنىڭ ھۆسن-جامالىدىن لاپ ئۇرىدىغان مۇنداق سۆزنى ھېچكىم سۆزلەپ باقمىغان، بۇنداق سۆزنى گۆدەك بالىلارمۇ، گول-گومۇشلارمۇ، ساراڭ-مەجنۇنلارمۇ قىلمايدۇ. پاھىشە ئاياللارمۇ خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەمما ھۆسن، زىبۇزىننەت توغرىسىدا پو ئېتىشنى ئۇلارمۇ ئار-نومۇس دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى قىلغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئۇ پادىشاھنىڭ يولىغا قەدەم قويمىغىنى تۈزۈك. سەن خوتۇن كىشىلەردەك ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەنسەن، دېمەك، ۋۇجۇدۇڭدا ئەركەكلىك نىشانىسى يوق ئىكەن. چۈنكى، بۇنداق دەۋالارنى قىلغانلارنى ئەركەكلەر قاتارىغا قوشقىلى بولمايدۇ. ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن ئەرەنلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ، زىبۇزىننىتى بىلەن پەخىرلەنگەنلەر ئەر ئەمەس. بۇ ھەقتە ئۇلۇغلار: <زىبۇزىننەت ۋە كىيىم بىلەن ماختىنىش ئاياللارنىڭ ئادىتى> دېگەن. ئەر كىشىنىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننىتى ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ھاسىل بولىدۇ».
ئەرلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەرلەرگە خاس جاسارەت، ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق، ئەرلەرگە خاس ۋىجدان ۋە غۇرۇر بىلەن ياشاپ، بۇ زېمىنغا جان ۋە روھ بېغىشلاشتى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئاقلاش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قانلارنى تۆكۈپ، ئەرلىك خاراكتېرىنى ۋە ئەرلىك جاسارىتىنى ھەرقاچان نامايان قىلىپ كېلىشتى. قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكۈشنى، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىشنى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ھېسابلايتتى. تارىخىمىزدىكى خاسىيەتلىك ئىزلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان باھادىر ئوغلانلارنىڭ بۇ زېمىندا بۈيۈك ئەرلىك خىسلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىمىز. قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزخان، باتۇر تەڭرىقۇت، ئالپ ئەرتۇڭا (ئافراسىياب) قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن مۆجىزىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، سەلتەنەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مىڭلىغان قاپ يۈرەك نوچىلىرىمىز بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە گىگانت ئادەم سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن. شۇڭىمۇ ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاش شەرىپىگە ئېرىشكەن.
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ھار ئېلىنغان ۋە خار كۆرۈنىدىغان ئىش نامراتلىقمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىزلىكمۇ ئەمەس، بەلكى خۇمسىلىق، يەنى ئەرلىك تەبىئىتىگە داغ تەگكۈزۈش، ئەركەكلىك ئوبرازىنى نامەردلىك بىلەن بۇلغاش ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا بىلىمسىزلىك، نادانلىق، بىكار تەلەپلىك، ھورۇنلۇق شۇنچىلىك پەس كۆرۈلسىمۇ، لېكىن خۇمسى، نامەرد ئەرلەرنى ھەرگىز ئەرلەر قاتارىدا سانىمايدۇ. ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىشلارنى شۇنچىلىك يامان ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۆۋە قىلسىلا كەچۈرۈشكە ئېرىشكەن، لېكىن ئەرلىك خاراكتېرىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان خۇمسىلىق، نامەردلىك ۋە ساتقىنلىققا ئوخشاش رەزىل قىلمىشلار ھەرگىزمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشمىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك ئۆلچىمى ۋە ئەرلىك گىر تېشىنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىلارغا سۈرۈپ باھالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز:

مەردلىك ئەرلىكنىڭ مۇھىم شەرتى
ئەسلىي تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى مەرد خەلق دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا مەردلىك قەدىرلىنىپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن قەتئىي شوئارى بولۇپ كەلدى. شۇڭا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنتلەردىن مەردلىك خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەكتىپىنىڭ مۇھىم بىر دەرسخانىسى بولغان مەشرەپ دەل ئەركەكلەرنى، مەردلەرنى ئايرىپ چىقىدىغان، ئۇلارنى تەربىيىلەيدىغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دېيىش»، «يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن»، «مەرد ئەر دۈشمەنگە كەينىنى قىلماس» دېگەنگە ئوخشاش مەردلىكنى مەزمۇن قىلغان جەڭگىۋار خىتابلىرى بار ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش پائالىيەتلىرى شۇنداق گاڭگۇڭ، مەردلەرچە چېلىشىش ئادىتى بولغانكى، چېلىشقاندا پۇت قويۇش ۋە باشقا شەكىلدىكى نامەردلىكلەرنى قىلىش نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. شۇڭا، ھەرقانداق بەسلىشىش ۋە رىقابەت لىللا، مەردلەرچە ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش پەيتلىرىدە قەتئىي تىز پۈكمەسلىك تەكىتلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ بايانلىرى ئەرلەرگە قويۇلغان بىر سىناق تېشى ئىدى:«دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئەردە يەنە نومۇس بولۇشى كېرەك. نومۇس كۈچى بىلەن ئەر دۈشمىنىنى يېڭىپ، ھاقارەتنى يۇماي تۇرۇپ ئارقىغا يانمايدۇ. قورقۇنچاقلارمۇ نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدۇ. ئەركەك دېگەن ماختىنىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. يۈرەكلىك، باتۇر ئەر دېگىنىمىز دەل نومۇسلۇق ئەردۇر. ئار-نومۇسلۇق ئەر ئۆلسە جەڭدە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ. نومۇسسىزلار جەڭدىن ئەڭ بۇرۇن قاچىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا ھەقىقىي مەردلىك بىلەن نومۇس ۋە ۋىجداننىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا، تۆۋەندىكى بايانلىرىدا ئەرلىك خىسلەتلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ:«دۈشمەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندە قىلىچ-پالتا ئىشلەت، ھەتتا چىش بىلەن چىشلە، تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلا، ياقىسىدىن ئېلىپ جان-جەھلىڭ بىلەن ئېلىشقىن. جەڭ دېگەندە يا ئېلىشىپ ياۋنى يوقاتقۇلۇق، يا جەڭدە ئۆلگۈلۈك. قاتتىق تىركەشكىنكى، ھەرگىز دۈشمەنگە ئارقا تەرىپىڭنى تۇتۇپ بەرمە. چىداملىق بول، چىداملىق ئەر دۈشمەننى يەر چىشلىتەلەيدۇ. بىلگىنكى، قىزنىڭ سۆيۈنچى تويى بولغان كۈنلىرى بولسا، باھادىر ئوغلانلارنىڭ ئىپتىخارى جەڭدە ئۆتكەن كۈنلىرىدۇر» مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى مەرد ئوغلانلارنىڭ بىر خىل سىماسى.
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەن باتۇر، مەرد دەپ ئۆزىنى قارىغۇلارچە دۈشمەنگە يەم قىلىپ بېرىش ھەقىقىي مەردلىك ئەمەس، بەلكى پەم-پاراسەت، جاسارەت كۆرسىتىپ ھەتتاكى چىشلەپ، تاتىلىساڭمۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تارىخىي خاتىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، قورقماس جاسارىتى، ۋەتەن سۆيەرلىكى، ياۋۇزلۇققا، تاجاۋۇزلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش روھى ئاساسىدا ئاتا قىلىنغان شەرەپلىك ۋە شۆھرەتلىك نام ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئۇيغۇر»غا بەرگەن تەبىرىدىن مۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.
«ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونغاخان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «ئىنان خۇزخۇرەن»-بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزىقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «خۇزخۇر» فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا ئۆزگۈرۈپتۇ.
دېمەك، يۇقىرىقى مەلۇماتتىن «ئۇيغۇر» نامى مەردلىك نامى، باھادىرلىق نامى، غۇرۇر، ۋىجدان نامى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىك، باتۇرلۇق، جەڭگىۋارلىقىغا بېرىلگەن نام ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەر سۈرەتلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنى نامەردلىك رەزىللىكى بىلەن بۇلغاپ، «ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان؛ مىللەتنىڭ يارقىن ئوبرازىنى چاكىنىلىق، چۈپرەندىلىك بىلەن خۇنۈكلەشتۈرىدىغان؛ يۈرەكسىزلىك ۋە قورقۇنچاقلىق، تەمە قۇلچىلىقى ۋە نەپسى مەھكۇملۇقى بىلەن ئەرلىك تەبىئىتىنى يوقاتقان غۇرۇرسىز، ۋىجدانسىز، مەيدانسىز، نامەردلەر بارلىققا كەلدى. بىز تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەركەك ھېسابلاۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى رەزىللىك بىلەن توشقان؛ تاشقى كۆرۈنۈشتە مەردلىك دەۋاسى قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە نامەردلىكنى جان بېقىشنىڭ پەلسەپىسى قىلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى گىرغا چۈشۈپ ئۆزىگە توغرىراق باھا بېرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانى بولماسلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا كۆزىنى يۇمۇپلا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولۇش نامەردلىكنىڭ بىرىنچى خىل ئىپادىسى.
ئىتالىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ئاگلىرى دانتى ئۆزىنىڭ «ئىلاھىيەت» دېگەن ئەسىرىدە تەكىتلىگەن:«دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرى بۈيۈك مەنىۋىلىكنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىۋالغان ئادەملەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان» دېگەن مەشھۇر سۆزنى يۇقىرىقىدەك ئادەملەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. رومىن روللان:«ھەربىر باتۇر، ھەربىر ھەققانىيەتچى ئادەم ۋەتىنىگە شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەقىقەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا سۈكۈتتە تۇرىدىغان ۋە ئۇنى قوللىغان، قورقۇنچاق ئادەم ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئادەم ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئادالەت ۋە ھەقىقەت قوغدالمايدىكەن، ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ئەرلىكنى نامايان قىلىدىغان ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ھەققانىيلىك ئادەمدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەققانىيلىك بولمىغان ئەلدىن ئەرلىكمۇ ۋە مەردلىكمۇ ئۆچكەن بولىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن گەرچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىك بىلەن ئىش قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇشى، ھەققانىيەتكە ئاسىيلىق قىلماسلىقى، ھەققانىيەتكە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھايات ئۆلچىمىدە نامەردلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى مۇناپىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ھەققانىيەتتىن يۈز ئۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق مۇناپىقلىق بولمايدۇ. تولىستوي شۇنداق بىر سۆز ئېيتقانىكەن: ئادەمنىڭ قانچىلىك ھەققانىيلىكى ئەخلاقىي مۇكەممەلىكنىڭ ئۆلچىمىدۇر. چۈنكى، ھەققانىيلىك بىز تىلغا ئالىدىغان بۈيۈك پەزىلەتلەرنىڭ ئانىسى. ئادەم ھاياتقا ھەققانىيلىك تۇيغۇسى بىلەن نەزەر سالغاندىلا توغرا ۋە ھالال ياشاشنىڭ يولىنى ئاچالايدۇ.
تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلاردا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ۋە رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر باركى، توغرا، ھەققانىي ئىشلارنى قەستەن قارىلاشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ھەققانىيەتسىز، ئادالەتسىز ناھەقچىلىقنى قاراپ تۇرۇپ ئاقلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن شەمسۇلمەئالى قابۇس:«يالغانلىقى بۇرۇندىن مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسىنى ھەقىقەت دېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھاياسىزلىق يوق» دېگەن.
ئادەم تۇرمۇشتا ھەرقاچان چوڭ-چوڭ ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىپ قالماي، بەلكى نۇرغۇن ئاددى، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ بۇنداق ھەق-ناھەق سىنىقىغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر مۇشتۇمزورنىڭ بىر ئاجىز بىچارىنى بوزەك قىلىۋاتقىنى، بىر ئۆكتەمنىڭ بىرىنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋاتقانلىقى، بىر لۈكچەكنىڭ بىر قىزغا پوخورلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. بەزى مەرد ئوغلانلار باركى، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھېلىقى بېسىمدار، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ. بەزى زەئىپ مىجەزلىك «بايۋەچچى»لەر باركى، قاراپ تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ناھەقچىلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىغا ھەرگىزمۇ تەسىر قىلمايدۇ. ھەتتا بەزى لالما مىجەزلىك نامەردلەر باركى، دەرھال ناھەق بولسىمۇ كۈچلۈك، مۇشتۇمى چوڭراقى تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتقان ئادەمنى ھاقارەتلەيدۇ، ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق مىساللارنى ھەر كۈنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىزغۇ.
بۇلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى غەرەز شۇكى، كىچىك ئىشلاردا ھەققانىي بولالمىغان ئادەم چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ھەققانىي بولالمايدۇ. ئىرادىسىز، جۈرئەتسىز، غۇرۇرسىز ئادەمدە قانداقمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولسۇن. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدە ئاددىيسى ئىنسانىي سۈپەتمۇ بولمايدۇ. ئادەم ھەقىقىي مەردلىك بىلەن ياشايمەن دەيدىكەن، بېشىدا ئۆلۈم پۇراپ تۇرسىمۇ، ھەقىقەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. «بىر سائەتلىك ئادالەت پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ ياخشىراقتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇش كېرەك. ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ھەرقاچان خەلق تەرەپتە بولىدۇ. جاھالەت بار جايدا ئادالەت خارلىنىدۇ، بىراق ھەققانىيەت قوغدالمىسا، ئاخىر ھەققانىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنى ئەلنىڭ پەرزەنتى دەپ بىلىش-مەردلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك-نامەردلىكتۇر.
ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا ئەل بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەل بىلەن بىرگە تۇغۇلىدۇ، ئەل بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ؛ ئەل بىلەن بىرگە يىغلايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئەلنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتگەن بولىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. ئادەم بۇ تۇپراققا تۆرىلىشى بىلەنلا، تەييار نېمەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ زېمىننىڭ مەئىشىتى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەل ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسە بەزىلەر «مېنى ئاتا-ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىمۇ مانا مۇشۇ ئەلنىڭ بىر ئەزاسىغۇ. ھەقىقىي ئىنساپ ۋە ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ تۇپراقتا بىر ئۆمۈر ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە ئۆمرى بولسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك قەرزى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى، ھاۋاسى بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ ئەلنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان تەييار تۇرمۇش ئەندىزىسى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھاسىل قىلغان تۇرمۇش ۋە ياشاش تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەييار ھايات ئېتىكى بولمىغاندا، قانداق ئىجتىمائىي ئاساسقا تايىنىپ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن؟ ئەگەر ئانا تىل بايلىقى بولمىغاندا، قانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ۋە كىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاش مۇمكىن؛ ئەگەر مائارىپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجتىمائىي تەلىم-تەربىيە سىستېمىسى ھازىرلانمىغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدە قانداقمۇ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولاتتى؟ ئاددىيسى بىز سۆيگەن قىزنى، بىز سۆيگەن يىگىتنى مانا شۇ ئەل تۇغۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنغۇ. بىز يەۋاتقان ۋە بىز كىيىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنى مانا شۇ خەلق ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەلدىن ئىبارەت ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى بولمىغاندا، بىر قازان ئاش ئېتىپ يەپ ھايات كەچۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانلار ئىچىدىكى بۇنداق قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھاجەتمەنلىكنى قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاجايىپ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن.
– دۇنيادىن ۋە ئادەملەردىن قېچىش ياخشى ئادەت ئەمەس-دەپ بايان قىلىدۇ «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابتا-سۆھبەتنىڭ پايدىسى خىلۋەتنىڭ مەنپەئىتىدىن كۆپرەك. ئاللاتائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە موھتاج ۋە بىر-بىرىگە لازىم قىلىپ ياراتقان تۇرسا، كىشىلەرگە خىلۋەت قانداقمۇ راۋا بولسۇن؟ ئادىمىزاتنىڭ تەبىئىتى تەبىئەت مەدەنلىرىدىن بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر-بىرىگە قوشۇلماققا مايىل كېلىدۇ ۋە بىر-بىرىدىن ياردەم تىلەشكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر كىشى تائام پىشۇرماقچى بولسا ياكى بىرەر كىيىم كىيمەكچى بولسا، ئاۋۋال قازان ياساش ۋە كەتمەن سوقۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا لاي ئېتىپ بىر قاچا ياساپ، ئۇنىڭدا سۇ ئېلىپ كەكە سوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇن كېسىپ، ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىپى بىلەن قىلىش لازىم بولىدۇ. قازان ۋە كەكە سوقۇشقا بولقا، سەندەل، كۆرەك ۋە كۆمۈر كېتىدۇ. ئاددىيسى كۆرەك ياساش ئۈچۈنمۇ تېرە ئەيلەش كېرەك. تاغقا بېرىپ كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئەپكېلىشكە تاغار توقۇش كېرەك. تاغار توقۇش ئۈچۈن يۇڭ بولۇشى لازىم بولىدۇ. يۇڭنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوي، تۆگە بېقىش كېرەك. قىسقىسى، ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئاۋارە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق بولسا، ھەرقانداق ئادەم بىر كىمنىڭ ياردىمىسىز پۈتۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرەر قېتىم ئاش پىشۇرۇپ يا يېيەلەيدۇ يا يېيەلمەيدۇ. ھەتتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدۇ. شۇڭا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بىرى قازان ياسايدۇ، بىرى كەكە سوقىدۇ، بىرى كۆمۈر كۆيدۈرىدۇ، ئالاھەزەل قىياس، ھەر كىم بىر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ، بۇ ئىقلىمنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ھايات كەچۈرگەچكە، ھەرقانداق ئىش ئاسانلىق بىلەن ھەل بولىدۇ، ئادەملەر بىر-بىرىگە زۆرۈر. يالغۇزلۇق بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. مانا بۇلار ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى، بىرلەشمىسە ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ»
مانا بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى خۇلاسىلەپ، ئەل-ۋەتەننىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياشا، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىل، چۈنكى سېنىڭ جانىجان مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلغان. ئۇ يەنە «مال-دۇنيا تارقاتماق سېخىيلىق ئەمەس، ھەقىقىي سېخىي شۇكى، ئەل ئۈچۈن جانۇ تېنىنى تەسەددۇق قىلىپ پۇشايمان قىلماس» دېگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەردلىك بىلەن نامەردلىكنى سىنايدىغان گىر تېشى. شۇڭا ئۇلار ئەل ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئەل ئۈچۈن ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەل قەلبى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتى بولۇپ قالدى. مانا بۇ ھەقىقىي قەدىر-قىممەت، مانا بۇ مەڭگۈلۈك دېئالىكتىكا. ئەل بىلەن بولغان مۇنداق باغلىنىشنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئەلنىڭ مەۋجۇدىيىتى شەخسنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەلنىڭ تەقدىرى شەخسنىڭ تەقدىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇش نامەردلىك ۋە ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە كېكىرتىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى، ئازغىنا، كۆپۈكتەك مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەلگە ئاسىيلىق قىلىش، خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش، خەلقنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلماسلىق، ئەلنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋاپاسىزلىق ۋە كەچۈرگۈسىز نامەردلىك ھېسابلىنىدۇ.
ۋاپا ۋە ساداقەت مەردلىكنىڭ يارقىن سىماسى، ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىك نامەردلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى
ۋاپادارلىقنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ. ئۇيغۇرلاردا «ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئەلنىڭ ئوغلى بول»، «ئەل رازى خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشاش ۋاپادارلىققا دائىر ماقال-تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ تەشەببۇسلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن داستانلار ۋە خەلق چۆچەكلىرىدە ۋاپادارلىق مەسىلىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەلگە ۋاپادار بولۇش، ۋاپادارلىق تەلىپىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خەلق بىلەن شەخس ئۇقۇمىنى دېڭىز بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققاسلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر تامچە سۇ يەككە-يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت خەلقتىن ئىبارەت دېڭىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ھېكايە قىلىنىشىچە:
بىر كۈنى بىر كىچىك كۆلچەك بىلەن دەريا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.
– ھەي دەريا، سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،-دەپتۇ كۆلچەك دەرياغا مەسخىرىلىك قاراپ،-قارىسام ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن توختىماي ئاقىسەن، بىرئازمۇ ئارام ئالغىنىڭنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە قارىسام ھەر-ھەر ئېغىر كېمىلەرنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، ھەتتا بەزىدە كۆيۈپ پىشىدىكەنسەن. ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولىدىغان بولسام، قۇرۇپ كېتىشكە رازى بولاتتىم.
– سېنىڭ نېمە راھىتىڭ بار،-دەپ سوراپتۇ دەريا كۆلچەكتىن.
– مېنىڭ ھېچقانداق غېمىم يوق. ھەپتىدە، ئايدا بىر قېتىم كۆزۈمگە سۇ توشقۇزىۋالسام بەخىرامان ياتىمەن. دۇنيانىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى بىلەن چاتىقىم نېمە،-دەپتۇ كۆلچەك.
– ھەي بىغەم ئەقىلسىز، مەن ئېقىپ تۇرمىسام، سەن قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايسەن. مېنىڭ تىنماي ئېقىپ تۇرۇشۇم ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاساسى، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ كاپالىتى.
كۆلچەك دەريانىڭ سۆزىگە قايىل بولماي ئۆزىچە تېخىمۇ يوغان گەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن، دەريا ئۆزىنىڭ ئېقىش يولىنى باشقا ياققا يۆتكەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆلچەك بارا-بارا قۇرۇغىلى تۇرۇپتۇ. ئاۋۋال ئۈستىنى لەش بېسىپتۇ، ئاندىن قۇمۇشلار ئۈنۈپتۇ، ئاخىرى مەنبەدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ قاپتۇ. دەريا بولسا توختىماي ئېقىپ باغلارنى ياشارتىپتۇ.
ئەلىشىر نەۋائى بۇ ھېكايەتتە ئەل بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شەخسى تەقدىرىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا خۇلاسىلەپ بەرگەن. دۇنيادا بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىغەرەزلىك بولىدۇ. ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى تارتىش نامەردلىك دېگەن شۇ.
شۇڭا ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاپادار بولمىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان، ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەمنى بېجىرىم ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.
ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتسىزلىك تەلىپى ئەجداتلارغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئائىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش، دوستلارغا ۋاپادار بولۇش قاتارلىق يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ۋاپا، ساداقەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋاپاسىزلىق، ساداقەتسىزلىك ئەدەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنماقتا.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەم ھەربىر قەدەمدە ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر سورۇندا ۋاپاسىزلىق توغرىسىدىكى ۋايساشلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۇ خۇسۇستا بىز ئالدى بىلەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى بىلەن سىزىپ بېرىلگەن كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
«زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، ھەممە ئىش-ھالەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى. بىلىملىكلەر خارلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارىماس پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى، مەي بىلەن يۈزىنى يۇغان بىنامازلار مەرد، باتۇر ئاتىلىپ، ئەلگە كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. پىتنە-پاساتچىلار ئەر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسىس دەپ تونۇلىۋاتىدۇ. ھەي ئەل ھۆكۈمدارى! ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچى كىشىلەر مۇناپىق ئاتالدى، شۇنداقلا ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا بېسىپ كەتتى. ھالالنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپقۇلۇق؟ ھالالنىڭ نامىلا قالدى، لېكىن ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھارام بولسا تالاشتا قالدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى تاشلاپ ھالال يېگۈچى قېنى؟ قىيامەت كۈنىنى بىلىدىغان ھەقىقىي توغرا، تەقۋادار كىشىلەردىن كىم قالدى؟ قارا! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلاشتى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، چوڭدا بىلىم كەملىدى. قوپال، نادانلار كۆپىيىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل، يارماق ئۈچۈنلا بولدى. ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى، «نەسىھەت» دېگەن سۆزلا قالدى. ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى…
نەزەر سال! ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل-قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى. تۇرمۇش ئېغىرلىشىپ، تەشۋىش ئەدەپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خۇشاللىق سۇسلاشتى. پېقىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەپلەنگۈچى قېنى؟»
مانا بۇ ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەلنى قانچىلىك خاراب ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇنىڭدىن ئەلگە بولغان ۋاپاسىزلىقنىڭ نىشانلىرىنىمۇ، ئەجداتلارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقنىڭ ئىزنالىرىنىمۇ، ئاتا-ئانا ۋە ئەقىدە-ئېتىقادقا قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىنىمۇ، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا قىلىنغان ئاسىيلىقنىڭ كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. يۇقىرىقى كونكرېت مىساللارنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە تەدبىقلىغاندىمۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق بايقايمىز.
دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەلدە ۋاپا ۋە ساداقەت كۆتۈرۈلسە، ئۇ ئەلدىن ئامەت ۋە نۇسرەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەخت-سائادەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بىر ئائىلىدە ساداقەتسىزلىك، ۋاپاسىزلىق باش كۆتۈرسە، شۇ ئائىلىمۇ تېز ئارىدىلا سورۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كىشىلەردىكى چوڭقۇر ۋاپا ساداقەتنىڭ خاسىيىتى ئەلگە ئامەت ئېلىپ كەلسە، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق ئەلگە كاساپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھېكايەت قىلىنىشىچە: تۆت ئۈلۈش خانى-قۇدرەتلىك شاھ ئەمىر تېمۇر كۆرەگان ئەتراپتىكى جايلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا، ھىندى دىيارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپتۇ. دەۋران غەلىبە نۇسرىتىنى ئۇنىڭغا يار قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ باغرىنى تىلىپتۇ. ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىرغىنغا ئاتلىنىپ، كېسىلگەن باشلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ. پۈتكۈل دەشتنى جەسەت قاپلاپ، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ھەممە تەرەپتە ئۆتكۈر قىلىچلار يالتىراپ گويا قىيامەت قايىم بوپتۇ.
قىرغىن بولۇۋاتقان ئاشۇ مەھەلدە ئىككى بىچارە دوست قىرغىنغا دۇچ كەپتۇ. بىر نۆۋكەر ئۇلارنىڭ بىرىنى چاپماق ئۈچۈن قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ، دوستىنى قىلىچ ئاستىدا كۆرگەن ئۇنىڭ دوستى ئۆز بېشىنى قىلىچ ئاستىغا سۇنۇپ:
– ئەگەر ساڭا باش كېرەك بولسا، ئۇنى چاپما، مانا بۇ مېنىڭ بېشىم ئۇنىڭغا ئەرزىيدۇ،-دەپ نۆۋكەرگە ئىلتىماس قىپتۇ. نۆۋكەر ئۇنى چاپماق بولۇپ يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ دوستىمۇ يەنىلا شۇ سۆزنى تەكرارلاپتۇ. قايسىنى چاپاي دېسە، ئۇلارنىڭ يەنە بىرى تاقەتسىزلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ:
– ئاۋۋال مېنى چاپ، مەن كۆزۈمنى يۇمغۇچە ئۇ تىرىك تۇرسۇن!-شۇ يوسۇندا ئۇلار ئۆز دوستىنىڭ بىردەملىك ھاياتى ئۈچۈن بېشىدىن كېچىپ، ئۆز بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى تالىشىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئارىدا خېلى تالاش-تارتىش بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىككى دوستنىڭ بىر-بىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كەچكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شاھ تەسىرلىنىپ، ئەلنىڭ قېنىدىن كېچىپ، قەتلىئام قىلىشنى توختىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆزلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ، خەلقمۇ قىرغىندىن خالاس بوپتۇ.
**
چىڭغىز ئايتماتوف نەسلىگە ۋاپاسىزلىقنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىكەن: بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئىلغار ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتسا، ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، ھەرقانداق بىر مىللەت ياخشى ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەنئەنە.
ھازىر بىر قىسىم ياشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولغان ھايا ۋە نومۇسنى تەكچىۋاشقا ئېلىپ قويدى. شۇنچىلىك قەبىھ ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپمۇ ئازراقمۇ يۈزى قىزارمايدىغان، ھەتتا شۇنداق رەزىللىكى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان نامەردلەر مەيدانغا كەلدى. كوچا-كويلاردا ھاياسىزلارچە قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرگەن ياشلىرىمىز ئۆزىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار باشقا ئادەمدە مۇھەببەت ھېسسىياتى، سۆيگۈ تەقەززاسى ۋە سۆيگۈنى يوق دەپ ئويلاپ، بىرەر قىزنى كەلتۈرىۋالغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ شۇنداق تۇيغۇدا شۇ چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن شۇ ياش نېمىدېگەن بىچارە-ھە؟! ئۇلارغا تېخى توغرا نەسىھەت قىلىپ قوياي دېسە، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. تېخى بىزنى مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىقتا، مۇتەئەسسىپلىكتە ئەيىبلىشىدۇ. بىر كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن بىرىنچى يول ئاپتوبوسىغا چىقتىم. مەن بىلەن يەنە بىر جۈپ قىز-يىگىتمۇ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردۇم. ئازراق مېڭىپلا ئۇ يىگىت قىزغا ئەدەپسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىنلا قىزنىڭ بېشىنى قايرىپ تېخىمۇ ئەدەپسىزلىك، ھاياسىزلىق بىلەن قىلىقسىز ئىشلارنى قىلغىلى تۇردى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ، ئەتراپىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. مەن بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، دەپ ئۆزۈمنى ئاران-ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بىراق مەندىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھايا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا تاقەت قىلىشقا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يىگىتنىڭ مۈرىسىگە ئاستا نوقۇدۇم. بۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭا شۇنداق بىر قاتتىق ھومايدىكى، ئەلپازى ئىنتايىن يامان ئىدى:«ھە، نېمە بولدى؟» دېدى ئۇ مېنى چاينىۋەتكۈدەك ئەلپازدا. «يىگىت، ماۋۇ ئاممىۋى سورۇن، دۇرۇسراق ئولتۇرۇپ ماڭساڭلار ياخشى بولامدىكىن؟» دېدىم مەن. ئۇ دەرھاللا «سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئولتۇرۇشىڭىزنى ئولتۇرىۋېرىڭە، كۆپ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادەم ئىكەنسىز، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە تەھدىت ئارىلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بىرئاز تۇتتى-دە، مۇنداق دېدىم:
– توغرا گەپ قىلسا ھۆكىرەپلا قوپسا بولمايدۇ. مەن سىزگە دەپ قوياي، سىزدەك چۈپرەندە ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، نەسىھەت قىلىدىغانغا ئەخمەق بولۇپ قالمىدىم. لېكىن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىش ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئەمەس، ئولتۇرغان يېرىڭىز دادىڭىزنىڭ ئايۋان سارىيى ئەمەس، ئاممىۋى سورۇن، چەت ئەل ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ. سىزنىڭ ھازىرقى ھاياسىزلىقىڭىز مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئەخلاقىي ئەنئەنىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىزنىمۇ ھاقارەتلەۋاتىسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاقارەت قىلىۋاتىسىز. ئۈچىنچى تەرەپتىن، مۇشۇ ئاپتوبوستىكىلەرنى كۆزگە ئىلماي، ئەخلاقسىزلىق قىلدىڭىز، ھەرقانداق ئىشنىڭ جايى ۋە يولى بولىدۇ.
– سىز خۇددى ماڭا دادامدەك تەربىيە قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟ داداممۇ ماڭا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان،-دېدى يەنىلا گەپتىن قالماي.
– توغرا، ئەگەر دادىڭىز تەربىيە قىلغان بولسا، بۇنداق ئىشلارمۇ بولمايتتى،-دېدىم مەن.
– بىزنى سەھرالىق چاغلاپ قالماڭ جۇمۇ، بىزمۇ ئوقۇغان،-دېدى ئۇ.
– گەپنى ئاز قىل ئۇكام، راست ئوقۇپتىكەنسەن. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، سەن قىلىۋاتقان مۇشۇ قىلىقنى سەن ھاقارەتلەۋاتقان ھەرقانداق بىر سەھرالىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسىمۇ، سەندە يوق بىر ئۇلۇغ بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلاردا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت بار، شەرم-ھايا بار،- دېدىم. شۇ ئارىدا ماشىنا مەن چۈشىدىغان بېكەتكە يېتىپ كەلدى.
بۇنداق ياتلىشىش، ئەنئەنىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئىپادىلىرىنى ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن مىساللار ئېلىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتى بار. ھايۋانلار دۇنياسى بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ روشەن، نازۇك بەلگە بار. شۇڭا، ھەربىر ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا، قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ناھايىتى مۇھىم تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.
ھەربىرىمىز مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنمىز، جەمئىيەتتە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، مەسئۇلىيىتىمىزنى جارى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. چېخوپ:«بىپەرۋالىق قەلبنىڭ پالەچلىكى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمدۇر» دېگەن. مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىنسان خاراكتېرىنى نۇرلاندۇرىدىغان چىراغ دېسەك، بىپەرۋالىق ئىنسان خاراكتېرىنى كۆمىدىغان گۆركار. ھەرقانداق قورقۇنچلۇق ھالەتمۇ بىپەرۋالىقتەك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىپەرۋا ئادەم خۇددى ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ نە مەقسىتى، نە نىشانى بولسۇن. ئۇنداق تۇيغۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارايدۇ. مانا بۇ ئەڭ قورقۇنچلۇقى، شۇڭا بىپەرۋا ئادەمنى ئۆز كونتروللۇقىنى يوقاتقان پالەچ ئادەمگىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن. ھەربىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە، ئەنئەنىگە مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ-تەرەپتە، ئېشەكنىڭ غېمى بولارمىش ھەلەپتە» دېگەندەك، «كارىم نېمە؟» دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتساق، بۇنى ھەرگىزمۇ ئەركەكلىك ۋە مەردلىك دېمەيمىز.
يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، قىممەت قارىشىمىزدىمۇ خېلىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئەخلاق جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتقانلىق نەزىرىمىزدىن نېرى ئەمەس. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئاجىز-كەمبەغەللەرگە يار-يۆلەك بولۇشتەك ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىز ئورنىغىمۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، پۇلغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش، پۈچەك-يارماق ئۈچۈن ۋىجداننى، ئىماننى بۇلغاش قاتارلىق ئىللەتلەرگە يول بەردۇق. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاممىۋى سورۇنلاردا شەرم-ھايانى ساقلايدىغان، قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى ئىلمىي مۇئامىلە مۇناسىۋەتلەر ۋە ياخشى ئەنئەنىنىڭ ئورنىنى قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك، ھاياسىزلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمايۋاتىمىز. گەرچە قىسمەن قارشىلىق، نارازىلىق ئىپادىلىرىنى ئۇچراتساقمۇ، ئۇ بىر ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن رولى بولمايۋاتىدۇ. بەزى ياشلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش، ئاينىشلىرىغا زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا زامان، دەۋر ئۆزگەرسە، مىللەتنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن، ئەجدادلىرىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋرنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىغا سەۋەب بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇش خاھىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللىتىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن، روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللىتىگە، مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋە نەسلىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. چۈشكۈن، زەئىپ، ئىرادىسىز كىشىلەرلا ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپلىكنى ئەركىنلىشىش دەپ چۈشىنىدۇ.
**
ۋاپادارلىق ۋە ساداقەت تەلىپىنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى ئاتا-ئانىلارغا بولغان ھۆرمەت، ۋاپا ۋە ساداقەت جەھەتتە سىنىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئاتا-ئانىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنى گۇناھ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلار جەمئىيەتنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قالىدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانا دېگەن ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىغا كېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتچىسى. شۇڭا، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ يارىلىشىغا سەۋەب بولغۇچىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. بۇ ئېنىق ھايۋانىي سۈپەتنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ھايۋانلارلا چوڭ بولىۋېلىپ ئاتا-ئانىسىنى تونۇمايدۇ.
دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارغا كۆز ئالايتماسلىق، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىپ دىلىنى ئاغرىتماسلىق، ئاتا-ئانىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەۋەتلەر بار، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:
«بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنا، يىراق قوشنا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللانى خۇش قىلىشتا ئانىنى رازى قىلىشتىن ياخشىراق ھېچبىر ئامالنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن. ئەگەر ئاتا-ئاناڭ ساڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز رەنجىتمىگىن».
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي بۇرۇچ دەپ تەكىتلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغان:
ئاتا پەندىنى سەن قاتتىق تۇت قاتتىق،
كۈنۈڭ قۇتلۇق بولۇر كۈنسايىن تاتىق.
خىزمەتلە خۇش قىلساڭ ئاتا-ئاناڭنى،
تاپارسەن تۈمەن مىڭ كۆپ پايدا-ئاسىغ.

ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:

بېشىڭنى پىدا ئەيلە ئاتا قاشىغا،
جىسمىڭنى قىل پىدا ئانا باشىغا.

دېمەك، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان نامەرد ئادەمگە «نامەرد، ۋاپاسىز» دېگەن تامغا بېسىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ھەرگىزمۇ ئەلگە ۋە باشقىلارغا ۋاپا كەلمەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئاۋۋال ئاتا-ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقتىن ئىزدەش كېرەك. ۋاپاسىز ئادەمدىن ھەرقاچان ئۆزىنى تارتقۇلۇق، ئۇنداق ئادەم بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ مەردلىك جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ۋاپاسىز ئوغۇللار چايان مەسەللىككى، چاياننىڭ تۇغۇلۇشى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇئەييەن ئادەت بويىچە بولمايدىكەن. يەنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچ قارنىنى يەپ، قورسىقىنى يىرتىپ چىقىدىكەن-دە، چۆل-باياۋانلارغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇۋۇسىدا كىشىلەر كۆرىدىغان چايان پوستى شۇنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بىر ھۆكۈما بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەپتۇركى، بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كىچىكلىكىدە ئاتا-ئانىسىغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلغاچ، ئەلۋەتتە چوڭ بولغاندا شۇنداق سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك (كىنايە قىلىپ ئېيتىلغان سۆز) بولىدۇ-دە.
كىشىلەر چاياندىن سوراپتۇ:
– نېمىشقا قىشتا تاشقىرى چىقمايسەن؟
چايان دەپتۇ:
– يازدا تۈزۈك ھۆرمىتىم بولمىسا، قىشتا چىقىپ نېمە قىلاي.
ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانچە نامرات بولۇپ كەتسىمۇ، قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنى ئۇنۇتماي ۋاپادارلىقتا بايراقدار بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەر خېلى بار. لېكىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قېنىنى شوراپ، ئىچ-باغرىنى يەپ، يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئاتا-ئانىسىنى مەڭگۈلۈك داغدا، ھەسرەت-نادامەتتە قويۇۋاتقان چايان تەبىئەتلىك نامەرد مەلئۇنلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەرنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە سەۋەب تېپىپ يۈز ئۆرۈشكە ئىشتراك قىلغان، بەزىلەر خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خوتۇنىنىڭ يالغان-ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئاتا-ئانىسىدىن يۈز ئۆرىگەن. بەزىلەر ئۆزىنىڭ زەئىپلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى، نابابلىقى تۈپەيلى، بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان تەمەخورلۇققا ئادەتلەنگەن. ئاتا-ئانىسىنىغۇ باقمىسۇن، ئۆزىنىمۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىمۇ بېقىش ئىقتىدارى بولمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر قاتارىغا قوشقىلى بولسۇن؟
بىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەمنىڭ بېشىدا ھەرقاچان خارلىق، زەبۇنلۇق ۋە بالا-قازا ئەگىپ يۈرىيدۇ. ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلمىغان ۋاپاسىزلار قاچان روناق تاپقان؟
**
بىز ئەمدى ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ تېشىنى دوستلۇق تەرەپكە سۈرىمىز. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يەڭگىل كېلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.
ھازىرقى رېئال مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىن شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئورنىنى پۇل، مەنپەئەت تەمەسىدىن ئىبارەت ساختا دوستلۇق قەسىمى ئىگىلىدى. «يېغا (ياغى) ياندىن قوپۇر، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، نۇرغۇن ياخشى خۇيلۇق، دۇرۇس، ئوڭلۇق، مەرد، مەردانە يىگىتلەر نامەرد دوستىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى نۇرغۇن نامەردلەر دوستىنىڭ پوستىغا ئۇردى. يەنى نۇرغۇن گاڭگۇڭ يىگىتلەر ساتقىنلىقنىڭ تورىدا ھالاك بولدى. بەزى خۇمسىلار دوستلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دوستىنىڭ خوتۇنىغا بەدنىيەتلىك قىلدى. بەزىلەر دوستىنى ئالداپ سېتىپ خانىۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە بەزى نامەردلەر «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك، ئازراق پۇل تېپىپ ياكى تىرناقتەك ئەمەلنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېلىپلا بۇرۇنقى نامرات چاغلىرىدىكى، بالا ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزىگە يار-يۆلەك بولغان، نۇرغۇن ئىشلاردا قولداش، يولداش بولغان دوستىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك تونۇماس بولىۋالدى. ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈپتۇركى، بىر كىشىنىڭ دوستى چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانىكەن، ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىپتۇ.
– سەن كىم بولىسەن،-دەپتۇ ئەمىلى ئۆسكەن كىشى دوستىنى قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ. يوقلاپ كەلگۈچى كىشى ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ئوسال ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ ۋە:
– مېنى تونۇمامسەن؟ مەن سېنىڭ كونا دوستۇڭ بولىمەن، سېنى كور بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىدىم،-دەپتۇ.
شۇڭا، ئادامىس «ئەمەلدار بولغان دوست يوقالغان دوست» دېگەن. ھەقىقىي دوستلۇق ئوتتۇرىسىدا ئورۇن، مەرتىۋە، بايلىق، كەمبەغەللىك پەرقى بولمايدۇ. تەمەگە، مال-دۇنياغا، ئەمەل-مەنسەپكە باغلانغان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس، بەلكى قۇلچىلىقتۇر. دوست دېگەن قان دوستكى، ھەرگىز نان دوست ئەمەس. كىمىكى يەنە بىرىگە تەمە بىلەن دوست بولماقچى بولسا، ئۇ خۇددى قۇشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دان چاچقان ئوۋچىغا ئوخشايدۇ. غەرەز ئارىلاشقان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس نامەردلىكتۇر. بىر بۇزرۇكتىن كىشىلەر «نەچچە دوستۇڭ بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى:«بىلمەيمەن، ھازىر دۆلىتىم پاراۋان، نېمىتىم كەڭرىچىلىك، شۇڭا ماڭا ھەممە كىشى دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇ، مەن بىلەن قەلبى بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا لاپ ئۇرىشىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئىززەتنىڭ كۆزىنى مېھنەت قارىغۇ قىلسا، ئۇ چاغدا ئاندىن كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. دېمەك، ئەل خارەزمى دېگەندەك «ئۇرۇش باتۇرنى، جاھىل دانانى، يوقسۇزلۇق دوستنى سىنايدۇ.» بۇزرۈكلار شۇڭا:«تۆت گۇرۇھنى مۇنداق تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك، يەنى باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە، خىيانەتسىز، ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم-بېرىمدە، خوتۇن-پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامراتلاشقان چاغدا، ھەقىقىي دوستلارنى بالا-قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك» دېگەن.

دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست، ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست، ئۇ نانغا دوست.

بۇ شېئىر ھېكمەت كىتابلىرىدا يېزىلغان مۇنۇ ھېكمەتنى ئىپادىلىگەن: پادىشاھلارنىڭ بىرى بىر پازىل كىشىدىن:«خالايىقلارنىڭ مالدار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىدا نېمە ھېكمەت بار؟» دەپ سورىغانىكەن. ئۇ پازىل كىشى:«مال ئۇلارنىڭ مەشۇقىدۇر، مەشۇق قەيەرگە بارسا، ئاشىق شۇ يەرگە كېلىدۇ، مەشۇق كەتسە ئاشىقمۇ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن
مەنىۋى دۇنياسى پۈچەك، ياشاش ئىقتىدارى تۆۋەن ئادەملەر نامەرت كېلىدۇ.
رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، مەرد ئادەمنىڭ قارنى-كۆكسى كەڭ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يۇقىرى، تەبىئىتىدە نومۇس ۋە ۋىجدان بار، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى نومۇس بىلىدىغان، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىشنى ئۆلۈم دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب خاراكتېر بولىدۇ. نامەردلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كەمتۈكلۈكى، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن زەئىپ بولىدۇ، ئۇلاردا نومۇس، ۋىجدان بولمايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھالاللىق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزى كىچىك، دىلى شۇنداق زەھەركى، ئۇلار ئۆزىدىن ئالدىغا كەتكەن ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن ھەسەت، كۆرەلمەسلىك ئوتىدا پۇچۇلىنىدۇ. كۆڭلىدە ئۇلارغا ئاداۋەت ساقلايدۇ، تۆھمەت قىلىپ، ياخشىلارنى يىقىتىپ ئۆزىنىڭ مەجرۇھ گەۋدىسى بىلەن ئالدىغا چىقىشنى ئويلايدۇ. مانا مۇشۇنداق چۈپۈرەندىلەر قانچىلىك كۆپەيسە مىللەتكە كېلىدىغان ئاپەت شۇنچىلىك كۆپىيىدۇ، تارتىدىغان دەرد-ئەلەم شۇنچىلىك ئاشىدۇ. شۇڭا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ بەخت-سائادەت مەنزىلىدىكى پۇتلىكاشاڭ قوتۇرلارنى ئوبدان بايقاش، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى چاكىنا، چۈپۈرەندە، مەرەز ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يارىماسلار بىلەن ئېتىشمايدۇ، بەلكى ياخشىلارغا ئورا كولاش ئۇلارنىڭ ئادىتى ۋە خۇمارى، ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرگە پۇت قويۇش ئۇلارنىڭ ياشاش مەنتىقىسى.
كەڭ قورساقلىق، ياخشىلارنى قوللاش، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش مەردلىكنىڭ مۇھىم نىشانىسى؛ ھەسەتخورلۇق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، ياخشىلارغا ئورا كولاش يارىماس نامەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر.
«ئادەم ياخشىلىقنىڭ بەندىسىدۇر». ياخشىلىق قىلىش قارنى-كۆكسى كەڭ، سېخىي، مەرد ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق مىزانى، ئۇ ئاجايىپ ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنىڭ كانى، ئىنسان قەدىر-قىممىتىنىڭ رەھنىماسى. ياخشىلىقنىڭ چەك-چېگرىسى يوق، ياخشىلىققا چوڭ-كىچىك دەپ باھا بېرىشنىڭمۇ ئورنى يوق؛ ياخشىلىقتا باي، كەمبەغەللىك ئۆلچىمىمۇ يوق. بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشمۇ بىر ياخشىلىق، يولدا ئۇچرىغان بىر زىيانلىق تىكەننى باشقىلارنىڭ پۇتىغا سانچىلمىسۇن، دەپ سىرتقا ئېلىپ تاشلىۋېتىشمۇ ياخشىلىق؛ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ پۇل چىقىرىپ نامرات بىچارىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشمۇ ياخشىلىق؛ بىرەر كېسەلمەن بوۋاي ياكى موماينىڭ سۈيىنى ئەكىرىپ بېرىش، ئوتىنىنى يېرىپ بېرىشمۇ ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتىغا قاراپ ياخشىلىق قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە نىيەتتە. نىيەت دۇرۇس، ياخشى بولسا گەرچە ياخشىلىق قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا: سەن ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ يامانلىق قىلما، يامانلىق قىلمىغانلىقىڭ ياخشىلىق قىلغانلىقىڭ ھېسابلىنىدۇ. (ئەلىشىر نەۋائى) دېگەن تەۋسىيەلەر بار. بۇ مۇقەددەس كىتابلاردىكى «باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىقمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.
كىشىلىك تۇرمۇشتا ياخشىلىقمۇ كۆپ، بىراق خاراكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ.
بىرىنچى، ياخشىلىق قىلىش – مەردلىك ۋە سېخىيلىق. بىراق ئۇنى مىننەت قىلىش، ياكى ئۇنىڭدىن بەدەل تەلەپ قىلىش نامەردلىك ۋە خەسىسلىك ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىق قىلىپ ئارقىدىن بەدەل تەلەپ قىلىشنى ئۇلۇغلار: چوشقىنىڭ يۇيۇنۇپ بولۇپ، يەنە چىلىسىگە مىلەنگىنىدەك ئىش، دەپ تەرىپلىگەن. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە سېخىيلىقى بىلەن ئەل ئارىسىدا قەدىر-قىممەت تاپقان ئوغلانلىرىمىز خېلى بار. ئۇلار مىڭ بالادا تاپقان ئىقتىسادىنى نامراتلارنى يۆلەشكە، يېتىم-يېسىرلارنى ئوقۇتۇشقا، ئىقتىسادىي ئامىل سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان مۇنەۋۋەر، ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا، مەكتەپ سېلىشقا سەرپ قىلىپ، پۇلنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىي ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بۇ مەرد ئوغلانلار بىلەن خەلققە ياخشىلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش، خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان نامەردلەر ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك زور پەرق بار-ھە!؟ شۇ مەرد ئوغلانلارنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىغا دۇئا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى:«ئېسىت! شۇ پۇل مەندە بولۇپ قالسىچۇ؟ ئەخمەق ئادەملەر جىق جۇمۇ، بۇ جاھاندا» دېگەن پۇچۇلىنىشلارنى ئاڭلاپ، «يا ھەزرەت ما ئادەملەرنىڭ كۆڭلى نېمىدېگەن قارا» دەپ قالىدۇ كىشى. بەزىلەر بىر مو پۇلنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ، ھەتتا بىز جەمئىيەتتە ئون كوي، يۈز كوي چاغلىق پۇل ئۈچۈن بىر-بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان نامەردلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتتۇق. پۇل تاپقان ئاشۇ مەرد ئوغلانلار ئۈچۈنمۇ پۇل شۇنداق تاتلىق، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ-تېشىپ كەتكىنى يوق. بىراق كۆز ئالدىدىكى خەلقى ئاچ-يالىڭاچلىقتا ئىڭراۋاتسا ئۇلارنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتمىگەن، ئۇلارنىڭ يېگەن ئېشى زەھەر، كىيگەن تونى كىپەن بولغان. ئۇلار تەڭ يېگەن تەنگە سىڭار دېگەن ئەقىدىنى بىلىدىكەن. يۇرتداشلىرى، خەلقى ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرسا تاپقان پۇلنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۇلارغا بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل دەپ قارايدىكەن.
ھەي خەسىس بىچارە! ئۆزۈڭنىڭغۇ قولىدىن زىياندىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ، ئۇلارغا ئىچىڭ تارلىق قىلىدىغان، ئۇنى كۆرەلمەيدىغان سەندىكى قانداق بىر قەلبتۇ؟…
ساخاۋەت ھەققىدە توختالغاندا، يەنە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مەجبۇرىي، زورلۇق بىلەن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ ھەم قىممىتى بولمايدۇ. تولىستوينىڭ بىر سۆزى بار:«ساختا ساخاۋەت ھەممىدىن يامان، ئاشكارا يامانلىققا قارىغاندا ئادەم ساختا ساخاۋەتتىن كۆپرەك نەپرەتلىنىدۇ». بەزىدە غەرەز ئارىلاشقان ياخشىلىق، يوشۇرۇن دۈشمەنلىككە ئوخشايدۇ. بەزىلەر باركى گېزىتكە يېزىلىپ ماختىنىش ئۈچۈن، تېلېۋىزوردا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن «ساخاۋەتلىك» بولىۋالىدۇ. ھەي بۇرادەر، بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئوڭ قولۇڭ بەرگەن سەدىقىنى سول قولۇڭغا بىلدۈرمە دېگەن ئەنئەنە بار. قىلغان ياخشى ئىشىڭلارنى يامان تەمە بىلەن بىكار قىلغۇلۇق ئەمەس.
جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن يېتىم-يېسىر بالىلار بۇ ھايات داستىخىنىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق مەئىشەتتىن، مېھرىبانلىقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇم ئەجەلنىڭ سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن كېتىشكەن. بەزىلەرنىڭ ئاتىسى ھالال، پاك ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن، ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاپ، خەلق ئۈچۈن ئۆلگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ھېچقانداق مىراسى قالمىغان. ئۇلار ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ساخاۋەتلىك خەلقىمىزگە قالدۇرۇپ كېتىشكەن. ئەجەبا ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاشۇ يىتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ قويغۇدەكمۇ مېھىر-شەپقەت بولمىسا، ئاشۇ پىداكارلارنىڭ كۆزى قانداقمۇ يۇمۇلىدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلىرىمىز بار، بىراق ئۇلارمۇ ئادەم. ئۇلار قاباھەت دېڭىزىغا سەكرەپ، ھالاكەت گىردابىدا ئىڭراۋاتقان بىر مەسۇمنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان بولسا، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتا يوق، ئەكسىچە، ئۇنى ئەخمەقلىقتا ئەيىبلىسە، ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىملىك دەردىدە زارلانسا، كىشىلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۇلار «بولدىلا، بۇ خەلققە بۇنچىلىك قۇربان بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ» دەپ پىداكار قەلبىگە ئىلاجىسىز پەردە تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ كىلۋېتىس:«جاسارەت بەك قەدىرلىنىدىغان، قورقۇنچاقلىق قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ قەدىرلىكتۇر» دېگەن ئىكەن. چۈنكى «جاسارەتلىك يۈرەك ھەرقانداق مۇسىبەتلەرنىمۇ بىتچىت قىلالايدۇ» (سىرۋانىتىس). بىراق ئاشۇنداق جاسارەتلىك سېخىي ئوغلانلىرىمىزنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ياندىشىدىغان، ئۇنىڭ ئىزىنى باسالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەكتە.
سەن يېتىملارنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك ئاجىزلىقىنى بىلەمسەن؟ يىلتىزسىز دەرەخنىڭ كۆكلەپ مېۋە بەرگىنىنى كۆرگەنمۇ سەن؟ يېتىم يىغلىسا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم بولمىسا بولامدۇ؟ يېتىمنىڭ يىغا-زارى ئەرشى ئەلانى تىترىتىدۇ، دېگەن گەپ بار. شۇڭا يېتىملەرگە رەھىم قىلىپ ھېچ بولمىسا كۆز يېشىنى بولسىمۇ ئېرتىپ قوي، يۈز-كۆزىدىكى چاڭ-توزانلارنى سۈرتۈپ قوي، شۇنداق قىلساڭ سېنىڭ بالىلىرىڭ يېتىم بولۇپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغانلار چىقىدۇ. بۇنىڭدىن شۈبھىلەنمە. «بىر يېتىمنىڭ بوينى قىسىق، كۆڭلى سۇنۇق كۆرگىنىڭدە،-دەيدۇشەيخ سەئدى-ئۆز بالاڭنى ئەركىلىتىپ سۆيمە. ئاجىزلارنىڭ قولىدىن تۇتقاننىڭ قولىنى ئەتە ئۆزى ئاجىزلاشقاندا تۇتىدىغانلار چىقىدۇ. كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ئاجىزلارنىڭ بېشىغا ئۇرما، بىر كۈنلىرى چۈمۈلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئايىغىغا چۈشۈپ قالىسەن».
بىزنىڭ خەلقىمىزدە ياخشى، ئەل سۆيەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللىرىغىلا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ھامى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ قالماي، بەلكى يامان دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ بالا-چاقىلىرىغىمۇ خەيرىخاھلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاتىسى گۇناھكار بولغان بولسا، خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ شۇ گۇناھغا شېرىك قىلىش ئىنسانلىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، توغرا يولغا باشلاش، خەلقنىڭ ئارىسىغا باشلاپ كىرىش كېرەك.
ئادەم ياخشىلىق قىلغان ئىكەن ئاداققىچە قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ. بەزىلەر باركى بىر دوستى ئەمەلدار، پۇلدار بولسا، ئۇ ھايات چېغىدا ئاجايىپ يېقىن بولىۋالىدۇ، ھەتتا ئۇ ئۆزىنى پۈتۈن بارلىقىنى دوستى ئۈچۈن تەسەددۇق قىلىدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. بىراق دوستى ئالەمدىن ئۆتسە، ئەمەلدىن چۈشسە ياكى نامراتلىشىپ قالسا، دەرھال يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىغا بىرەر ئاياغ ئېلىپ بېرىشكە يارىمايدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان نامەردلىك ۋە شەرمەندىلىك ئەمەسمۇ؟
ئىككىنچى، ياخشىلىقنى ياخشىلىق قىلىش لازىم بولغان ئادەمگە ۋە ئورۇنغا قىلىش كېرەك. زۆرۈرىيەتسىز جايغا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىق يامانلىق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ ئەلۋەتتە يامانلىق ۋە يۈز ھەسسە يامانلىق. بۇ ھەقتە تارىختا نۇرغۇن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بولغان سەئدىنىڭ ھېكايەت قىلىشىچە: بىر توپ ئەرەب قاراقچىلىرى تاغ بېشىدا ماكان تۇتۇپ كارۋانلارنىڭ يولىنى توسايتتى. ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشكەن، سۇلتان لەشكەرلىرىمۇ يېڭىلىپ قالغانىدى. چۈنكى قاراقچىلار تاغ چوققىسىدا قىيىن يوللارنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆزلىرىگە پاناھ جاي قىلىۋالغانىدى. شۇڭا مەسلىھەت بويىچە بىر ئادەمنى چارلاشقا ئەۋەتىپ ئەپلىك پۇرسەت كۈتمەك بولۇشتى.
بىر كۈنى قاراقچىلار خەلقنى بۇلاشقا كېتىپ ئۇۋىسى خالىي قالغان چاغدا، بىرقانچە ئىش كۆرگەن جەڭ تەجرىبىسىگە ئىگە يىگىتلەر ئەۋەتىلدى. ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىگە مۆكۈپ تۇرۇشتى. قاراقچىلار كەچتە ئولجىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار قورال-ياراغلىرىنى يېشىپ تاشلاپ، ئولجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى دۈشمەن ئۇيقۇ بولدى. بىرىنچى جىسەك ۋاقتى ئۆتكەندە باتۇر يىگىتلەر پىستىرمىدىن چاچراپ چىقىشتى-دە، قاراقچىلارنىڭ قولىنى بىر-بىرلەپ ئارقىسىغا باغلاپ، بامدات ۋاقتىدا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى، پادىشاھ بۇ قاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلدى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ياش بالا كۆزگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ياشلىقىنىڭ كۆچىتىنىڭ مېۋىسى ئەمدىلەتىن يېتىلگەن، جامال گۈلىستانىنىڭ مايسىلىرى يېڭىلا كۆكۈرۈشكە باشلىغانىدى. ۋەزىرلەردىن بىرى شاھ تەختىنىڭ بوسۇغىسىنى ئۈپۈپ، شاپائەت يۈزىنى يەرگە قويدى-دە: بۇ بالا تېخى ھايات بېغىدىن بىرەر تال مېۋىنى تېتىپ كۆرمىگەن ۋە ياشلىق باھارىدىن بەھرىمەن بولمىغان. شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ سېخىيلىق ۋە ئالىيجانابلىقىدىن ئۈمىدىم شۇكى، ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتۈپ مەن بەندىگە بېرىۋەتسە ئىكەن.
پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى، بۇ پىكىر ئۇنىڭ يۈكسەك رەيىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچ مۇنداق دېدى:
ياخشىلارنىڭ نۇرى يۇقماس زاتى پەسكە ھېچقاچان،
تەربىيە نائەھلىگە گۈمبەزدىكى ياڭاقسىمان.
ئۇلارنىڭ ناپاك نەسلىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋېتىش ياخشىراق. چۈنكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ چوغنى قالدۇرۇپ قويۇش، يىلاننى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمىنى ساقلاپ قېلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

ئابىھايات تۆكسىمۇ ئاسماندىن بۇلۇت،
تال سۆگەتتىن مېۋە يېيەلمەيسەن.
پەسكەشكە ۋاقتىڭنى زايا قىلمىغىن،
بورا قومۇشىدىن شېكەر ئالالمايسەن.

ۋەزىر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ خالار، خالىماس ماقۇل كۆرگەن بولدى ۋە شاھنىڭ گۈزەل پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ يەنە مۇنداق دېدى: شاھنىڭ ئىلتىپات قىلىپ ئېيتقىنى چىن ھەقىقەت. ئەگەر بۇ بالا ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئۈلپەتچىلىكىدە ئۆسكەن بولسا، ئۇلارنىڭ خۇيىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولاتتى. ئەمما مەن قۇلىڭىز ئۈمىدۋارمەنكى، ئۇ ياخشىلارنىڭ ئارىسىدا تەربىيە كۆرسە، ئاقىللارنىڭ خۇلقىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بالا، بۇ گۇرۇھنىڭ بولاڭچىلىق، توپىلاڭچىلىق ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ئانچە سىڭگىنى يوق. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:«ھەربىر بوۋاق تۇغۇلغاندا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدى قىلىپ چىقىدۇ، يا خرىستىيان قىلىپ چىقىدۇ، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ.

يامانغا يار بولغاچ لۇتنىڭ جورىسى،
بولدى پەيغەمبەرلىك خانىدان ۋەيران.
ئەسھاب كەھفنىڭ ئىتى نەچچە كۈن،
ياخشىلارغا ئەگەشكەچ بولغانتى ئىنسان.»

ۋەزىر پەيغەمبەر سۆزىنى شىپى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ ئۇ كىچىك قاراقچىنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى-دە:«بولۇپتۇ، گەرچە بۇ ئىشنى مەسلىھەت كۆرمىسەممۇ كەچۈرۈم قىلدىم!» دېدى.
شۇنداق قىلىپ، ۋەزىر بالىنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەرگە كۆمۈۋەتتى. ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ئۇستاز، ئەدىبلەرنى تەيىنلەپ، سۆزلەش ۋە گەپ قايتۇرۇش سەنئىتىنى ۋە شاھقا خىزمەت قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىش ناھايىتى ماقۇل كۆرۈندى. دېمەكلىكچە، ئۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بىر قېتىم ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇ بالىنىڭ سۈپەتلىرى توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ، ئاقىللارنىڭ تەربىيىسى ئۇنۇڭغا تەسىر قىلغانلىقىنى، بۇرۇنقى نادانلىقى ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. پادىشاھ كۈلۈپ قويدى-دە، دېدى:

ئاقىۋەت بۆرە كۈچۈكى بۆرە بولۇر،
گەرچە ئۇ ئادەم ئىچرە ئۆرە بولۇر.

ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتكەندە ئاشۇ مەھەللىنىڭ بىر توپ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۈلپەتچىلىك ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ ۋەزىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەددى-ھېسابسىز مال-مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى ۋە قاراقچىلارنىڭ غارى ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھەيرەت بارمىقىنى چىشلەپ دېدىكى:

ئەسكى تۆمۈردىن ياسالمايدۇ كىشى ئۆتكۈر قىلىچ،
رەزىل ئادەم تەربىيىدە، ئەي ھەكىم بولماس ئىنسان.
گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوخشاش بىراق،
باغدا لالە ئۆسىدۇ، شورلۇقتا يانتاق ھەرقاچان.

شورلۇقتا ھېچقاچان سۇنبۇل ئۆسمەيدۇ،
ئۇرۇقنى، ئەمگەكنى قىلمىغىن زايا.
يامان ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش،
ياخشىغا يامانلىق قىلغانلىق گويا.

بۇ ئەقىدە شەرقنىڭ مۇھىم تەجرىبە-ساۋاقلىرىدىن بىرى. ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجرىبە ساۋاقنىڭ يەكۈنى. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىنمۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ سىماسى چاقنايدۇ. چۈنكى ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمىغانىكەن، يامان ئۇرۇقتىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ. ئاق كۆڭۈللۈكنىڭمۇ، مېھرىبانلىقنىڭمۇ چېكى بار. تارىخىمىزدا نۇرغۇن پاجىئەلەر قارىغۇلارچە يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىلەن رېئاللىققا مۇئامىلە قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقتى. يەنە نۇرغۇن پاجىئەلەر بىزنىڭ ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزنى قوغداپ قالالمىغانلىقىمىزدىن يۈز بەردى. (بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي پىكرىمىزنى كېيىنكى مەخسۇس تېمىدا ئوتتۇرىغا قويىمىز).
بەزىلەرنىڭ كۆزقارشى ۋە كلاسسىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا يامانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار بار. بىراق بۇ ئىشقا مۇئامىلە قىلىشتا شۇ ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئادەملەر نادانلىقى، نامراتلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا مېڭىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ يامان يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالساق، بۇ ياخشىلىق بولىدۇ. بىراق كىشىلەرگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان، خەلققە دۈشمەنلىك ئورۇندا تۇرۇپ ئېغىر زىيانلارنى سالغان، خاراكتېرى يامان، قەبىھ، رەزىل، زەھەرخەندە، رەھىمسىز، تەبىئەتسىز مەخلۇقلارنى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش مەردلىك ھېسابلانمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يانتاياق بولغانلىق، ئۇلارنى قوللىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ رەزىللىكىنى بىر كۈن چەكلىمىسە خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ. ئۇنداقلارغا رەھىمدىللىق قىلىش ئەل ۋەتەنگە زىيانكەشلىك قىلىش بولۇپ، بىزدىن ئىنتايىن زور بەدەل بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە كەچۈرۈشنى بىلىش مەردلىك ھېسابلانسا، بەزىدە قەتئىي كەچۈرمەسلىكمۇ مەردلىك ھېسابلىنىدۇ.
تارىختىكى ئاچچىق تەجرىبە-ساۋاقلاردىن چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىش كېرەكقۇ؟ بىز يېقىنقى تارىخىمىزدا، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى مۇھىم ئىشتا ئەڭ ئېغىر گۇناھ سادىر قىلدۇق. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئەسىرىگىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا خەلقىمىز ئىچىدىن نەچچە يۈز مىڭ سەرخىل ئوغلانلىرىمىز ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە شۇ دەۋر ئېتىبارىدىن قارىغاندا مىللەتنىڭ غۇرۇرى، مىللەتنىڭ ۋىجدانى، مىللەتنىڭ ۋەكىلى، مىللەتنىڭ سەركەردىسى، ئاقىلى، ئالىمى، سىياسىيئونى ۋە باشلامچىلىرى ئىدى. ھەرگىزمۇ چاكىنا-چۇكىنا، كېرەكسىز ئادەملەر ئەمەستى. بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. ئۇلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن. بىز ئۇلارنى قوغداپ قالالمىدۇق، ئۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنى ئاسرىيالمىدۇق. نەتىجىدە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت خەلقنى ئەقىلدار، يىراقنى كۆرەر باشلاردىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، نادان خەلقنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ ساماسىغا ئۇسسۇل ئويناتتى. خەلق سەركىسىدىن ئايرىلغان قوي پادىسىغا ئوخشاپ قالدى. بىر مىللەتتىن بۈيۈك ئەقىلدار باشلامچىلاردىن قانچىلىك چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئادەملەر بارماق بىلەن سانىغىدەكقۇ؟ دۇنيادا قانچە ماندىلا بار، جۇڭگودا ۋە دۇنيادا قانچە ماۋزېدۇڭ ۋە قانچە دىڭشياۋپىڭ بار؛ لىنكولىندىن قانچىسى، مۇستاپا كامالدىن نەچچىسى بار. ئارىستوتىلدىن قانچىسى بار، كۇڭزىدىنچۇ، ئوغۇزخاندىن قانچىسى بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپتىنچۇ؟ دېمەك، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە – بەزىدە بىر ئەسىردە، بەزىدە 10 ئەسىردە، ھەتتا بەزىدە 20-30 ئەسىردە بىردىن بۈيۈك شەخسلەر بارلىققا كېلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر ماۋزېدۇڭ بىلەن دېڭشياۋپىڭ چىقمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايتتى. شۇڭا جۇڭگو خەلقى بۇ ئۇلۇق داھىيلىرىدىن قانچىلىك پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ.
ئەپسۇسكى بىز ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز قولىمىز بىلەن قەتلى قىلدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ل.مۇتەللىپنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئوغلانلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۇتۇپ بەردۇق. ساناپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەجرۇھلۇق بولامدۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق ئۇلۇق ئادەملىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلارنى بەرسەك ئەرزىيتتى. بىراق بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق.
ئىككىنچى تەرەپتىن، بىز خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىگە يول بەردۇق ۋە كەڭ بازار ئېچىپ بەردۇق. مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زىيانداش مەخلۇقلارغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلار ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ، بىزگە ئېغىر مۇسىبەتلەر يۈكىنى ئارتتى. بىراق ئۇلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ قول چۇماقچىلىرى بولۇپ، خەلنىڭ بېشىدا داۋاملىق قامچا ئوينايتتى. ئۇنىڭ بىلەن ساتقىن، ئاسىيلار بارغانسېرى كۆپىيىۋەردى.
بۇنداق ئېغىر زىيانكەشلىكنىڭ تېگىنى ۋە ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئىنتايىن ئاددى مەنپەئەت تەمەسى ياكى كىچىككىنە شەخسى ئاداۋەت سەۋەبلىك شۇنچە چوڭ پاجىئەلەرنى تۇغدۇرغان. بەزىلەر ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئۆز بۇرادىرىنى ساتقان ۋە ياكى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالغان. مەسىلەن: ئابدۇقادىر داموللام مانا شۇنداق ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىكنىڭ قۇربانى بولغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ساتقىنلىقنىڭ قۇربانى بولغان… بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. كۆپلىگەن قۇربانلار چوڭ سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا قۇربان بولمىغان، بۇ ئەلۋەتتە ئۆكۈنۈشكە تېگىشلىك تارىخىي ساۋاق.
دېمەك، خەلقىمىز ئىچىدە مەۋجۇت بولغان مەردلەر بىلەن نامەردلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە ئاساسلىق رول ئوينىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق ۋە مەردلىك بىلەن، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە زىيانكەشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەسەتخورلۇق ۋە پىتنە پاسات ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز.
ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، پىتنە-پاسات مەنىۋىيىتى ئىنتايىن زەئىپ يارىماس ئادەملەردە بولىدىغان يامان سۈپەتلىك كېسەل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ تەڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. ئىنسانغا ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېيىش جايىز ئەمەس. لېكىن ھەسەت، شۇ ھەسەتكە مۇپتىلا بولغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىگە يىگۈزىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خاراب قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزگىلەرنىمۇ خاراب قىلمىغۇچە توختىمايدۇ. شۇڭا ھەسەتنى «ھەممە سۈپەتلەرنىڭ ناچارراقى، بارچە خىسلەتلەرنىڭ خارراقىدۇر» دەيدۇ. ھەسەت ھىممەتنىڭ سۇسلۇقىدىن، خاراكتېرىنىڭ ناچارلىقىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ شەرمەندە نومۇسسىزلىقنىڭ نەتىجىسى. بىلمەك كېرەككى ھەسەتخور باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەسەت ئوتىدا كۆيىدۇ، ھەر سائەتتە مىڭ غەم-غۇسسىنىڭ زەھەرلىك شەربىتىنى ئىچىدۇ. باشقىلار ئىشرەت داستخىنىنى يەرگە يايسا، ھەسەتخور كىشى ھەسەت قولىنى بېشىغا ئۇرىدۇ. ھەسەت توغرىسىدا دانالىرىمىز ئاجايىپ قىممەتلىك، ئىبرەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەسەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق،
ئۆزىنى ئۆزى يەپ، سېزەر ئۇ ئاداق.

تۈپۈڭ-يىلتىزىڭنى پاساتلىق قىرار،
بۇ ياخشى ئىزىڭنى پاساتلىق بۇزار.

ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دەيدۇ:
«بېخىلنىڭ مېلىنى ئاسراشتىن مېھنىتى قاتتىق، ھەسەتخورنىڭ خۇي-پەيلىدىن تۇرمۇشى ئاچچىق. دېمەككى، بىرىنچىسى ئۆز بايلىقىدىن خار، ئىككىنچىسى ئۆز قىلىقىدىن مۇسىبەتدار»
مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى مۇنداق دەيدۇ:
پىتنىخورلۇق قىلىش ناھەق قان تۆكۈشتىنمۇ يامان.
بىلىمسىز كىشى ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى پىتنە-پاسات تېرىشتىنلا ئىبارەت.
ئالەم پىتنە-پاساتتىن خاراب بولىدۇ.
مانا بۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھاياتتىن چىقارغان خۇلاسىسى. دېمەككى، قايسى ئەلدە ھەسەت، پىتنە-پاسات كۆپ بولىدىكەن، ئۇ ئەلدە بەخت-سائادەت، خاتىرجەملىك ئاز بولىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«پىتنە-پاسات قەيەردە باش كۆتۈرسە، شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ» دېگەن. بۇ خۇسۇستا تارىختىكى مۇنداق بىر مەشھۇر ھېكايىنى مىسال ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر:
ئىسكەندەر زامانىسىدا بىر جانۋار پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسە ھالاك بولاتتى. ئىسكەندەر بۇ ئىشقا تەئەججۈپلىنىپ ھەيران بولدى. ھېچبىر تەدبىر بىلەن ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالمىدى. ئاخىر ئەرىستۇ ئۇنىڭغا چارە تەدبىر قىلدى.
ئۇ بۇيرۇتۇپ چوڭ بىر ئەينەك ياساتتى. ئارقىسىغا بىر كىشىنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەينەكنى ھارۋىغا سالدى. ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا بىر كىشى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇ جانۋار تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ جانۋار ئادەمنىڭ ھىدىنى ئېلىپ، ئەينەككە قاراپ ماڭغانىدى، ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ يىقىلدى. جان تەسلىم قىلىپ شۇ زامان ئۆلدى.
ئىسكەندەر بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ ئەرىستودىن سورىغاندا، ئەرىستو: بۇ جانۋار نەچچە يىل يەر ئاستىدا ياتقان ئوخشايدۇ. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ بەدبۇي نىجاسەتتىن تۆرەلگەندۇر. ھالا يەر يۈزىگە چىققاندا، ئۇنىڭ كۆزىدە ھەسەت زەھىرى بار ئىكەن. مانا بۇ ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبتۇر. ئۇنىڭ ئالدىغا ئەينەكنى توغرىلىغاندا ئۇنىڭ كۆزى ئۆز ئەكسىگە چۈشتى-دە، شۇ ۋاسىتە بىلەن (كۆزىدىكى ھەسەت زەھىرى ئۆزىگە تەسىر قىلىپ) ھالاك بولدى، دەپ جاۋاب بەردى.
مىللەتنىڭ ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك-مىللەتنى خاراب قىلىۋاتقان، خەلقنىڭ ئىچىگە نىزا-ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، دۈشمەنلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولۇپ روناق تاپتۇرمايۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟
چېقىمچى، ھەسەتخور، پىتنە-پاساتچى نامەردلەرگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ھايات ۋە مەئىشەت داستىخىنىنى بۇلغاشقا يول قويۇش جەمئىيەتنىڭ بىر ئىللىتى بولماقتا. ئۇلار بۇنداق يوچۇقتىن ئۈنۈملۈك ۋە ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈۋاتىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا ئەرلىك خاراكتېر ئۈستۈنلۈكىنى ئالغان، ئاجايىپ ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، مەرد ئەزىمەتلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق يامانلارغا بولغان قارشىلىق روھى ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغان. شۇڭا بۇ خىل ئىجتىمائىي يوچۇق يامانلار ئۈچۈن شوتا بولۇپ بەرگەن.
ھېكايە قىلىنىشىچە: بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بىچارە ئۈمىدسىز ھالەتتە پادىشاھنى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان. چۈنكى كىشىلەر ئېيتقاندەك، كىمىكى جېنىدىن ئۈمىد ئۈزسە كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ.
پادىشاھ سوراپتۇ:«نېمە دەيدۇ ئۇ؟». ئالىيجاناب ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بېرىپ:«ئەي پادىشاھىم، ئۇ ئېيتىدۇركى، جەننەت غەزىپىنى يۈتكۈچىلەر ۋە خەلقنىڭ كەمچىللىكلىرىنى كەچۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر»  ①  قۇرئان كەرىم، 3-سۈرە، 134-ئايەت.
دەيدۇ.
پادىشاھنىڭ ئۇ ئەسىرگە رەھمى كېلىپ خۇنىدىن ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا بايىقى ئالىيجاناب ۋەزىرگە زىت بولغان ۋە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان يەنە بىر ۋەزىر:«بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا راست سۆزدىن باشقىنى دېيىش لايىق ئەمەس. بۇ ئەسىر پادىشاھقا دەشنام بېرىپ، نالايىق سۆزلەرنى قىلدى» دېدى. پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى-دە، دېدى:«ماڭا سېنىڭ راست سۆزۈڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يالغان سۆزى يارىشىش جەھەتتىن ئېيتىلغانىدى، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارىتىلغان. ھالبۇكى، ئاقىللار: پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن.»
دېمەك، دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يول قويۇشتىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ئەگەر يول بېرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن سورۇن بولمىسا، بۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش مۇمكىن.
ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا يەنە بىر خىل بولۇش، تىلى باشقا، دىلى باشقا بولۇش نامەرد ساتقىنلىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى.
بۇ خۇسۇسىيەتتىكى ئادەملەرمۇ ئەرلىك سۈپەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇلا ئەمەس، ئەقەللىسى ئادەم بولۇش سالاھىيىتىمۇ ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك دېگەن، لىللا، گاڭگۇڭ، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، ئىشەنچكە يارىغۇدەك بولىدۇ. ئامانەتكە ھەرگىزمۇ خىيانەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە قەدىمكى ھېكايەتلەردە كىشىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك مۇنداق بايانلار خاتىرىلەنگەن:
بەھرام ئىلگىرى نۇئمان ئىبنى مەنزەرگە خىزمەتكار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى شىكارغا چىقىپ، بىر كىيىكنى ئۇچراتتى. ئۇنى جەھد بىلەن قوغلىدى. كۈن چۈش بولدى. ھاۋا ئىسسىق ئىدى.
قەبزى ئاتلىق بىر ئەرەبى بار ئىدى، كىيىك ئاخىرى قېچىپ، بىتاقەت بولۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. قەبزى ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ قويدى. شۇ ھالدا بەھرام يېتىپ كەلدى. تىركەشتىن ئوق چىقىرىپ قەبزىگە ھەملە قىلدى:
– ئەي ئەرەبى، مېنىڭ ئولجامنى چىقىرىپ بەرگىن!
قەبزى بەھرامغا مۇنداق دېدى:
– ئەي ئاتلىق، بۇ خۇدانىڭ مەخلۇقىدۇر، مېنىڭ قېشىمغا پاناھلىق ئىزدەپ كەپتۇ. مېنى ئۆلتۈرسەڭمۇ، ئۇنى ساڭا تۇتۇپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئۇ مەردلىك ئەمەس،-دېدى. بەھرام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قوپاللىق ئىزھار قىلدى. قەبزى:
– ئەي يىگىت، بىھۇدە سۆزلەرنى ئېيتمىغىن. ئوق قولۇڭدا، تا مېنى ئۆلتۈرمەي، ئول جانۋارنى ئالالمايسەن. ئەگەر مېنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىم، قەبىلەم خەلقى سېنى ھەم تىرىك قويمايدۇ. ئۆزۈڭنىڭ جېنىغا كۆيگىن. ئەگەر خالىساڭ بىر دۇلدۇل، چاپقۇر ئېتىم بار. ساڭا بېرەي، كەلگەن يولۇڭغا يانغىن،-دېدى. بەھرامغا قەبزىنىڭ مەردلىكى ۋە ھىممىتى خۇش كەلدى. قەبزىنىڭ مەردلىكىگە ھەيران قېلىپ ئارقىسىغا ياندى.
مانا بۇ شىجائەت، مانا بۇ مەردلىك. ئۇ بىر ھايۋان ئۈچۈن شۇنچىلىك مەردلىك ۋە ھىممەت كۆرسىتىۋاتقان يەردە ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مەردلىك كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ئارىمىزدا شۇنچىلىك نامەردلەر باركى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرەر ئادەم پاناھلىق تىلەپ كەلسە، ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ ئامانەت قويغىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنى، گەپ بولسا يۈز تۇرانە دېيىشنى، ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىدا ساختىلارچە «ھە، ھە» قىلىپ ھىجىيىپ، ئارقىدىن غاجايدىغان، تىلى شېكەر، ئىچى زەھەر ئادەملەرنى ئىنتايىن يامان كۆرىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«ھەقىقىي مەرد ئەركەك ئەل ئارىسىدا يۈرىكىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئۇياتماي يۈرەلەيدۇ» دېگەنىدى. ئەسلىدىن ئالغاندا مانا بۇ بىزنىڭ ئەسلى مىللىي خاراكتېرىمىز. چۈنكى قورسىقىدا كىر يوق ئادەم، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئادەم، غۇرۇر ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئاشۇنداق ئوچۇق ئاشكارا، ئۇياتماي ياشىيالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇرسىقىدا غۇم يوق. ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئەرلەر سىرلىق بىر پەردە ئىچىگە ئۆزىنى يوشۇرىۋالدى. گەپ-سۆزلىرىگە قارىسا ئاجايىپ مەردانىلارچە سۆزلەيدۇ، گەپ بىلەن شەھەر ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىنتايىن قورقۇنچاق ۋە رەزىل؛ بىرەر مۇھىم ئىشنى بېجىرىۋالغۇچە ۋاي تاغام، دادام، چوڭ دادام دەۋالغان، ئىشى پۈتكەندىن كېيىن ئەزەلدىن كۆرمىگەن كىشىدەك تۇزكورلۇق قىلىدىغان؛ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيىدىغان، ئارقىدىن پىچاق ئۇرىدىغان نامەردلەر كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا ئۆتكەندە بىر مۆتىۋەر: ھازىرقى ئادەملەر ئالدىڭدا مەن دېگەن ئۇنداق ياخشى ئادەم، ئۇنداق ئاق كۆڭۈل، مۇنداق قورسۇقۇم كەڭ، مەن دېگەن ئوغرى قاچانىڭ تېغىنى ئۆرۈپ بېرەلەيمەن، ماڭا قاتتىق ئىشىنىڭ، دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىسە، كۆڭلۈمدە «يالغان، يالغان، ئىشەنمەيمەن، ئىشەنمەيمەن» دەپ ئۆزۈمگە ئاگاھ بولىدىغان بولۇپ قالدىم، دەيدۇ. دېمەك، ئەرلىك سۇسلاشسا ئىشەنچمۇ سۇسلىشىدىغان ئىش ئىكەن. ئۆزئارا ئىشەنچ بولمىسا بىرلىك، ھەمدەملىك، بىر نىيەتلىك، بىر مەقسەتلىك بولمايدۇ، ئۇنداقتا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.
تەمەخورلۇق ۋە قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىش-يارىماسلىق ۋە ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى.
بىزدە بىر مۇقەددەس ئەقىدە بار، يەنى «تەمە ھارام» دەيدىغان. يەنە بىرى ئادەمنىڭ ئادەمگە قۇلچىلىق قىلىشى گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. ئادەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەبىرلەرنىڭ بىرىدە ئادەم ئىككى پۇتلۇق، ئۆرە ماڭالايدىغان مەخلۇق، دەپ تەبىر بېرىلگەن. بىراق ھازىر جەمئىيىتىمىزدە باشقىلارغا يادەك ئېگىلىپ، ھايۋاندەك تۆت پۇتلۇق بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپىنىدا ئەرلىك سۈپىتى، ھەتتا ئادەملىك غۇرۇرىنى ئۇنتۇپ كۈچۈكتەك ئۆمىلەپ يۈرگەن مەخلۇقلارنى تولا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ھەتتا بەزىلەر پەسلىشىپ شۇنچىلىك ھالەتكە يەتكەنكى، ئۇ تەكەببۇر مەنمەنچىلەرنىڭ ماختاپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ھېچ كىمنى مەنسىتمەسلىك تەرەپكە ئۆتىدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۇ خوجىلىرىدىن بىرەر تەستەك يەپ قالسا، ياكى بىرەر قېتىم تىللاپ قويغان بولسا شۇنىڭدىن كېرىلىپ ماختىنىپ كېتىدىكەن. بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولمىش بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ھەر قېتىم ئۇچراشسام، پوكونى باينىڭ ئۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، پالانى باينىڭ مۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، دەپ ماختىناتتى. بىر كۈنى يەنە بىر ئۇچراشقىنىمىزدا ئالدىمنى توسۇپ، يەنە ماختىنىپ گەپ باشلىدى. «كۆرمەمسەن، كېچىچە پۇل ساناپ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالماپتىمەن» دەيدۇ. مەن:«بىر يەردىن بىر خەزىنىگە ئۇچراپ قالغان ئوخشىمامسەن» دېسەم، «ياق پوكۇنى باينىڭ مانچە مىليون پۇلىنى سانىشىپ بەردىم» دېمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن نومۇس قىلىپ كەتتىم. ھەي بۇرادەر، سەن دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئادەم، نېمىدىن پەخىرلىنىشنى، نېمىدىن نومۇس قىلىشنى بىلىپ سۆزلىگىن. باشقىلارنىڭ پۇلىنى سانىشىپ بەردىم، دەپمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىشمۇ. سەن بولسا، مۇنداق ماقالە يازدىم، مۇنداق كىتاب چىقاردىم، مۇنداق دەرس ئۆتتۈم دەپ ماختانساڭ بولىدۇ، دېدىم.
لۇشۈننىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر خىتابى بار «كالا بولۇپ باش ئىگىمەن سەبىي بالىلارغا، غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا» مانا بۇ مەردلىك بولىدۇ. بىراق تەمەگەرلەرنىڭ يەنە بىر ئىللىتى شۇكى، ئۆزىنىڭ تەمە ئوبيېكتىلىرىغا شۇنداق قۇلچىلىق بىلەن خۇشامەت قىلغان بىلەن، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە بولسا شۇنچىلىك تەكەببۇرانە مۇئامىلە قىلىدۇكى، باشقىلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمىگەن خەس-خەشەك بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنى ئۆزىگە ئاشۇنداق خۇشامەت قىلسىكەن، دېگەننى تەمە قىلىدۇ.
تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى ئۇلۇق شائىر ئەلىشىر نەۋائى بىر ھېكايەتتە ناھايىتى تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.
«خەلق ئارىسىدا بىر غەيرەتسىز كىشى بار ئىدى،-دەيدۇ ئەلىشىر نەۋائى،-خالايىق ئۇنىڭ ئۆلۈمتۈك ۋە غەيرەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، ھەربىرى بىردىن مۇشت ياكى جاپا تەستەكلىرىنى ئۇراتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىلەردىن بىر لوقمىدىن نان ئېلىپ يەيتتى. كىشىلەر قوغلىسىمۇ كەتمەيتتى. بەلكى ئۇ باغرى تاش زالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايتتى. كىشىلەر ئۇنى بۇ جاپالارغا ئۆگىتىۋالغانىدى. ئۇنى خارلىغان بىر كىشى كېلىپ تەپسە بىر چۆرگىلەپ توختايتتى، ئۇ غەيرەتسىز پەس كىشى بۇنىڭ بەدىلىگە تەپكۈچى كىشىدىن بىر نەرسە ئالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەرخى شۇنىڭغا توختىغانىدى. ھەر كىشى ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بەرسە، نەپسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. نان بەرگۈچى شۇ ھامان بىر مۇشت سالاتتى-دە، ئۇ كىشى يەرگە يىقىلاتتى. گەرچە ناننى يەپ قورسىقى تويسىمۇ، لېكىن مۇشتىنى يەپ ھېچ نەرسە يېمىگەندەك يۈرىۋېرەتتى…»
جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق ھاقارەت تەستەكلىرىنى، خورلۇق تېپىكلىرىنى يەپ تۇرۇپمۇ كىچىككىنە ئاشقان-تاشقان لوقمىنىڭ تەگكىنىگە مەمنۇن بولۇپ، موللا مۈشۈكتەك ياشاۋاتقان ئادەملەر ئازمۇ. قېنى ئۇلاردىكى ئەرلىك تەبىئەت، قېنى ئۇلاردىكى ئىنسانىي خىسلەت. ئەسلى، بۇ دۇنيادا ئادەم بىلەن ئادەم باپباراۋەر. ھېچكىمنى ھېچكىم بېقىپ قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ پېشىدە ناماز ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ مىننەتلىك بىر لوقما گۆشىنى يېگەندىن، ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرىگە تايىنىپ ئېرىشكەن بىر بۇردا نان نېمىدېگەن قىممەتلىك ھە!
ئادەم تەمەگە قانچىلىك بېرىلگەنسېرى قەدىر-قىممىتىنى شۇنچىلىك يەرگە ئۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلۇغلىرىمىز «تەمەخور ھەرقانچە بەگ بولسىمۇ، ئۇ قۇلدۇر، تەمەخور كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدۇر» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ) دېگەن. «ئادەم تەمەخور بولسا، نەپسىگە قۇل بولىدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمنى تەمەخورلۇق قۇل قىلىۋالغان بولسا، بۇ قۇللۇقتىن ئۆلۈپ قۇتۇلمىغىچە قۇتۇلمايدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمىكى بىر تاۋاق ئاش ئۈچۈن قۇل بولىدىكەن، ئۇنىڭ يۈزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۈرۈش كېرەك» (ئەلىشىر نەۋائى). «ئەگەر سەن تەمەدىن خالى بولالىساڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بولىدۇكى، پۈتۈن ئالەمدىكى كىشىلەر بىر تەرەپ بولسىمۇ، يالغۇز ئۆزۈڭ ئۇلارغا تەڭ كېلەلەيسەن» (ئەلىشىر نەۋائى). يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى يەنە مۇنداق نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:«ئەگەر تەمەخور تەمە قىلغىنىغا ئېرىشسە، ئۇ سېنى ئاكام ياكى ئۇكام دەپ ئاتايدۇ، ئەگەر ئېرىشەلمىسە يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ھەتتا تۇغۇلۇپ سېنى زادى كۆرۈپ باقمىغاندەك ئۆزىنى يىراقلاشتۇرىدۇ.»
شەيخ سەئدىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى تەمەخور قۇللارغا ئۇرۇلغان ئەڭ جايىدىكى تەستەكتۇر بەلكىم:
«بىر كىشى بىر تەلەپ بىلەن ئەتىگەندە خارەزىمشاھنىڭ ئوردىسىغا باردى. ئۇ شاھ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىنغاندا، ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال روكۇغا بارغاندەك ئېگىلدى، ئاندىن قەددىنى رۇسلاپ، سەجدە قىلغاندەك دۈم بولۇپ يۈزىنى يەرگە سۈردى.
يېنىدىكى ئوغلى بۇ ھالنى كۆرۈپ ئاتىسىدىن سورىدى:
– ئاتا، بىر سوئالىم بار جاۋاب بېرەمسىز؟
ئاتىسى سورا، دېگەندە، ئوغلى:
– سىز ھەر دائىم قىبلە ھىجاز تەرەپتە دېمىگەنمىدىڭىز؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۈگۈن نامازنى پادىشاھقا قاراپ ئوقۇدىڭىز،-دېدى.
شۆھرەتپەرەس نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمە، ئۇنىڭ ھەر سائەتتە باشقا قىبلىسى بار. ئاچ كۆزلۈك، تەمە سېنىڭ ئېتىبارىڭنى چۈشۈرىدۇ. بىر تال ئارپا ئۈچۈن بىر ئىتەك ئۈنچە تۆكىسەن. تەمە قىلىشتەك يامان خۇي سېنى ھەممە سورۇندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ خۇينى تاشلىغىنكى، سېنى ھېچكىم قوغلىۋەتمىسۇن. ئەي نەپس! ئۆزۈڭدە بارىغا قانائەت قىل، شۇنداق قىلساڭ، شاھ بىلەن گاداينى ئوخشاش كۆرىسەن. نېمە دەپ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا بىر نەرسە تىلەپ بارىسەن؟ تەمەنى تاشلاپ ئۆزۈڭ سۇلتان بول. ئەگەر نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرسەڭ قارنىڭنى تاۋاق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىنى ئۆزۈڭگە قىبلە قىلىسەن. ئەگەر ھەر نەپەستە نەپسىڭ ساڭا بەر-بەر دەپ ھۆكۈم قىلسا، سېنى خورلاش ۋە ھاقارەتلەش بىلەن يېزىمۇ يېزا سازايى قىلىدۇ. ئەي ئەقىللىق ئىنسان! قانائەت ئىنساننىڭ بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تەمەخور ئادەمنىڭ بېشى بولسا مۈرىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. بىر كىشى تەمە دەپتىرىنى پۈكلەپ تاشلىۋەتسە، ھېچكىمگە <قۇلىڭىز>، <چاكىرىڭىز> دەپ مەكتۇب يازمايدۇ»
يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەمەگەرلىكنى ئىنتايىن يامان كۆرگەن. ئۇلار تەمەگەرلىكنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىزدىگەن. بىرى، يارىماسلىق، مۇستەقىل ياشاش روھى بولماسلىق؛ يەنە بىرى، نەپسى يامان بولۇش، نەپسى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇق تارتسىمۇ ھەرگىز ھار ئالماسلىق.
ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن رەزىل قىلمىشلار ۋە ۋىجدان، غۇرۇرىنى سېتىشلارنىڭ تۈپ نېگىزىنى تەكشۈرگەندە تار شەخسى مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە تەمەگەرلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. تەمەگەرلىك ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىك نامەرد ئادەملەرنى، زەئىپ خاراكتېرلىك مەخلۇقلارنى مەنبە قىلىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك بىر نان يېسە تويىدىغان شۇ قورسىقى ئۈچۈن ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئايىغىدا تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۆمىلىمەيدۇ.
سەئدىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە: بىر مەرد كىشىگە خوتەن ئەمىرى بىر يىپەك تون كىيگۈزدى. ئۇ كىشى بۇ ئىلتىپاتقا نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق خۇرسەن بولغان ۋە خانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
– خوتەن ئەمرىنىڭ بۇ تونى نېمىدېگەن ئېسىل، لېكىن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تونى تېخىمۇ ئېسىلدۇر.
دېمەك بۇ يەردە گەپ ناھايىتى چوڭقۇر مەنادا يۈرگۈزۈلگەن. چۈنكى مىننەتلىك ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا سەئدى بۇ ھېكايىسىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق ھېكمەتلىك تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:«ئەگەر ھېچكىمنىڭ مىننىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىساڭ داق يەردە يات، بىر پارچە پالاس ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرنى سۆيمە.» ئەقىللىق مەرد كىشى چىرايىغا كىبىر سىركىسى سۈرىۋالغان ئادەمنىڭ ھەسىلىنى يېمەيدۇ.
بەزىلەر كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى بۇنداق بۇزۇلۇشنى زاماننىڭ تارلىقى، تىرىكچىلىك بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ نېمىدېگەن ئازغۇن ۋە زەئىپ پىكىر-ھە. ئۇيغۇرلاردا «ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن سەل سېنى ئاقتۇرسىمۇ، يېمە نامەرد ئېشىنى ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ» دېگەن مەردلىك خىتابى بار. نامەردلىك ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ قىستىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىش ئەمەس. قاراپ باقساق، تۇرمۇشتا نى-نى كەمبەغەل، نامرات ئادەملەر بار. بىراق ئۇلار ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ كىچىككىنە نەپسى ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن. چوڭقۇرراق كۈزەتسەك تەمەخورلۇق ۋە نامەردلىكنىڭ كۆپىنچىسى يوغان قورساق، پۇلدار مەخلۇقلاردىن كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. بەزىلەر بىر بالداق يۇقىرى چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىگە دەسسەپ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر خوتۇن-قىزلىرىنى دەسمايە سېلىش ھېسابىغا رەزىل مەقسىتىگە يېتىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئاچ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانمۇ؟ ياق! بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىپلاسلىقنىڭ نەتىجىسى.
جەمئىيىتىمىزدىكى نامەردلىكلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى بىرمۇبىر كۆزىتىدىغان بولساق، بارلىق قاتلاملاردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىپادىلەرنى تاپالايمىز. بەزىلەر ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىلگىرىكى نامرات چاغلىرىدا ھەمدەم بولغان، جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتقان، ئېغىرىنى كۆتۈرگەن قەدىناس خوتۇنىدىن چېنىپ، «مەدەنىي» قىزلاردىن بىرنى تېپىۋېلىپ بالىلىرىنى يېتىم قىلغان. بەزىلەر تەييارتاپلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە يارىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىسىنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ ئۇلارنى دوك قىلىۋەتكەن. بەزىلەر ئۆكتەملىك، زومىگەرلىك، كۆكەمىلىك قىلىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىش ھېسابىغا جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن. بەزىلەر باشقىلارنىڭ رىزقىغا توپا چېچىش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنى سەمرىتكەن؛ يەنە بەزىلەر نومۇس قىلماي تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
ئەي نامەرد! نامەردلىك بىلەن ئېرىشكەن قىلدەك ئامىتىڭگە مەغرۇرلىنىپ ئۇنچە كۆرەڭلەپ كەتمە، ئەلگە ئۇنچە غادايما! گۆرەن تومۇرۇڭنى نېمانچە كۆپتۈرىسەن، تۈتۈننىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ،دەپ سەن شۇ ئىمتىيازغا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى، بىلىم قابىلىيىتىڭ ۋە ئەلگە قوشقان تۆھپەڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇۋلۇق، شۇملۇقلىرىڭ بىلەن، ئەرلىك ۋە مەردلىكىڭنى، ۋىجدانىڭنى گۆرۈگە قويۇش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئادىمىيلىك ئوبرازغا داغ تەگكۈزۈش ھېسابىغا ئېرىشتىڭ.
ئەگەر بۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان بولساڭ قېنى ئىقتىدارىڭنىڭ مېۋىسىدىن ئەلنى بەھرىمەن قىلىپ باقمامسەن. قېنى بولمىسا مانا مەن ھاياتىمدا ئەل ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىپ بەردىم، دەپباقمامسەن؟!
بەزىلەر ھازىرقى مىللىي ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، مەدەنىيەت جەھەتتە كەينىدە قالغانلىقىمىز، نىزا-ئاداۋەت، تەپرىقىچىلىك، يۇرتۋازلىق، ھەسەت ۋە چېقىمچىلىق ۋە باشقا بەختسىزلىكلەرنى تۆۋەن تەبىقە خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۇچىغا چىققان نامەردلىك. «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دېگەندەك ئىش. خەلقىمىزدە گۇناھ يوق، ئۇلاردا گۇناھ بار دېيىلسە، ئۇلار تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان، كۆپىنچىسى ساۋاتسىز، ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتىدۇ، نېمە كىيىۋاتىدۇ، قانداق ئۆيدە ئولتۇرىۋاتىدۇ، نېمە قالاۋاتىدۇ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ پرولېتارىياتنىڭ داھىيسى ئىنگلىس مۇنداق دېگەن:«دارۋىن ئورگانىك دۇنيانىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايقىغانغا ئوخشاش، ماركس ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقىدى. يەنى ئۇ، كىشىلەر سىياسەت، دىن ۋاھاكازالار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا قادىر بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولۇشلىرى ھەمدە كېيىنىشلىرى كېرەك. دېمەك، تىرىكچىلىك ئۈچۈن توغرىدىن توغرا زۆرۈر بولغان ماددىي ۋاسىتىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە دەۋرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەربىر مەلۇم باسقۇچى شۇنداق بىر نېگىز بولۇپ تۇرىدۇ. دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى، ھوقۇق قاراشلىرى، سەنئىتى ۋە ھەتتا كىشىلەرنىڭ دىنىي تەسەۋۋۇرلىرىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئەنە شۇ نېگىزگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈش كېرەك، دېگەن ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە كەينى-كەينىدىن ئېدىئولوگىيىلىك پەردىلەر ئاستىدا بېسىلىپ ياتقان ئاددىي پاكىتنى كەشپ قىلدى». ① ف.ئېنگلىس:«ماركس قەبرىستانلىقىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» 2-توم 254-بەت.
ئەگەر بىز بۇ قانۇنىيەتنى ھېس قىلغان بولساق خەلقىمىزگە ئۇنچە كۆپ لىڭگىرچاقلارنى ئارتماس ئىدۇق. بىراق خەلقىمىز يەنىلا قەھرىمان خەلق. ئۇلار ناھايىتى زور تىرىشچانلىق قىلىپ دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئەمىر-پەرمانلارنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۇلاردا يۇقىرى تەبىقىلەردىكىدەك ياتلىشىش يوق، بىزنىڭ ساپ مەدەنىيىتىمىز، ساپ تىلىمىز، مىللەتنىڭ كەڭ قورساقلىق، سېخىيلىق ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت مىللىي خاراكتېرىنى مانا شۇ ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بىراق ئۇلار شەھەرلىكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىلەر بەھرىمەن بولغان نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. شۇ خەلققە ئەيىب قويۇۋاتقانلار ئېيىغا ئەر-ئايال نەچچە مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ ياشايدۇ، دېھقانلىرىمىز شۇنداق نەچچە مىڭ كوينى بىر يىل خەجلەيدۇ.
ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئارىسىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، زىيالىيلار ئەلۋەتتە ھەر جەھەتتىن خەلققە ئىجابىي يېتەكچى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز ئەيىبلەۋاتقان، بىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئۆزىمىزدە ئىكەن. مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەدەنىي» قاتلامنىڭ بۇنچە ياتلىشىشى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زور زىيانلارنى سېلىۋاتقان ئاساسىي ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىز بۇ خۇسۇستا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك تەۋسىيەلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىڭلارغا ھاۋالە قىلىمىز.

ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشنىڭ ئاپىتى، ساداقەتنىڭ خاسىيىتى

دۈشمەنلىشىشنىڭ يامانلىقى

ئەي دوست، ھوشيار بولغىنكى،دۈشمەنلىشىش ئىنتايىن يامان ئادەتتۇر. بۇ ئادەت ھەسەتخورلۇق بىلەن ئۈلپەتتۇر، ئۇنىڭ ئۆزى غەم-ئەندىشە ھەم بالايىئاپەتتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇلسا، سەمىمىي سادىقلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دۈشمەنلىشىشنى تاشلاش كىشىنى بەخت-سائادەت كوچىسىغا يەتكۈزىدۇ. دۈشمەنلىشىش ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئەسل-ۋەسلىنى قۇرۇتۇپ، خانۇ مانىنى خاراب قىلىدۇ. ئەگەر پادىشاھلار ئارىسىدا يۈز بەرسە، پۈتكۈل جاھاننى خاراب قىلىدۇ.
جاھان ئەھلىدىن ۋاپا كەلمەيدۇ. ئۇلاردىن دوستانىلىك ناھايىتى يىراق. ئەگەر ياخشى ئويلايدىغان بولساڭ، جاھان ئەھلى ئارىسىدا تۈگىمەيدىغان بىر ھۈنەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلىشىش، ئاداۋەت بىلەن ئۆزىنى زايا قىلىشتىن ئىبارەت. بىرنەچچە خىل ئادەملەر باركى، ئۇلار ھەمىشە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرى قاچانىكى ھەمكارلاشسا، ئۇنىڭغا شۇ ھامان ئازار بەرمەي قالمايدۇ. كىمىكى بىرەر ھۈنەرنى ئىگىلىسە، ئۇنىڭغا دەل ھۈنەردىشى دۈشمەن بولىدۇ. بىرى بىرەر ئىشتا ماھارەت كۆرسەتسىلا، يەنە بىرىمۇ شۇ ئىشقا چاڭ سالىدۇ-دە، ھەر تەرەپتىن لاپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زىتلىشىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاداۋىتى كېچە-كۈندۈز كەم بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنداق ئىشلار كۆپىنچە ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، پادىشاھلار يۈزمىڭلىغان چېرىكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزئارا شاھلىقىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىشىدۇ. ھاكىملار بولسا، ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ ئورۇنباسارى دەپ بىلىشىپ، ھاكىمىيىتىنى تالىشىپ ئۆزئارا زىددىيەتلىشىدۇ. لەشكەر بېشى قوماندان، چېرىك بەگلىرى لەشكىرىي ئىشلاردىكى ھوقۇق-ئىمتىيازىنى تالىشىپ، بىر-بىرىگە ئورا كولايدۇ. ئۇلار پادىشاھقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، مەنسىپى قانچە ئۆسكەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىشىش شۇنچە كۈچىيىدۇ. بىلىشى ئازراق بولغان ئاددىي خەلقنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىشىش، ئۆچلىشىش ئوردىدىكىگە ۋە دىۋان-مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكىگە قارىغاندا ئاز كۆرۈلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ۋەيرانچىلىق ۋە سورۇقچۇلۇقى يەنىلا دۈشمەنلىشىش-ئۆچلىشىشتىن كېلىپ چىققان. ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۆچلىشىشى بىرنەچچە ئائىلىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىللە شۇ قاتاردا ئۆزىنىمۇ خاراب قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما دۈشمەنلىشىشنى پادىشاھلار ئۆزىگە ئادەت قىلسا، ئۆز مەرتىۋىسىنى باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن بىلىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرمانىغا كىرگۈزۈشنى قەستلىسە، بۇنداق خىيال پۈتكۈل ئالەم خەلقىنى خانىۋەيران قىلىدۇ. بۇ گوياكى بىر توپان بالاسى، بۇ بەئەينى دەريالارنىڭ تاشقىنى، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ شىددەتلىك چايقىلىشىدۇر. بۇنداق مەملىكەتتە ئامانلىق ۋە ئاۋاتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. بۇنداق بالا-قازا تاشقىنىدىن ھېچكىم ئامان قالمايدۇ. پۈتكۈل خەلق جەبىر-زۇلۇمغا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر ئىككى پادىشاھ دۈشمەنلىشىشكە بەل باغلىسا، جاھان ئەھلى ئۇ ئىككىسىگە لەشكەر بولۇپ، ھەممىسى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ھېچنېمىگە قارىماستىن قىلىچ يالىڭاچلاپ، بىر-بىرىگە ھالاكەت تىغلىرىنى تەڭلەيدۇ. ئاتا بىر پادىشاھقا، ئوغۇل يەنە بىر پادىشاھقا لەشكەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىر-بىرىگە يول قويمايدۇ. ئاداۋەت ۋە قەھرى-غەزەپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە ئاتىسى ئالدىرايدۇ. ئوغۇلمۇ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. قېرىنداش قېرىنداشنىڭ بېشىنى كېسىشتىن تەپ تارتمايدۇ. دوستلار دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ. بىر ئۆيدىكى كىشىلەرمۇ بىر-بىرىدىن كېچىشىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئەھۋالدا يات كىشىلەر قانداق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق شىددەتلىك قارا بوران جاھاننى قاپلايدىدىغان بولسا، پىتنە-پاساتنىڭ چاڭ-توزانلىرى خالايىقنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز خۇدىنى بىلمەيدىغان، ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان، ھەق-ناھەقنى ئايرىمايدىغان بولىدۇ. جاھان ئەھلى بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان، بۇلاپ-تالايدىغان ۋە بىر-بىرىنى ۋەتەنلىرىدىن قوغلاندى قىلىدىغان ھادىسىلەر ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالەم بىر ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. گەرچە جەڭ ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاداۋەتمۇ پەقەت ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ زىيان-زەخمەتلىرى، بالايىئاپەتلىرى پۈتكۈل خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. ئاشۇ ئىككى شاھنىڭ دۈشمەنلىكى سەۋەبىدىن سان-ساناقسىز ئاجىز بىچارىلەر ئاياغ ئاستىدا پايخان بولۇپ يانجىلىدۇ، ھالاك بولىدۇ. ئىككى پادىشاھ بىچارە پۇقرالارنىڭ جېنىغا رەھىم قىلماستىن جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزۈشۈپ، ئۆزئارا كۈچ سىنىشىدۇ. نەتىجىدە غەلىبە قىلغان بولىدۇ. بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق كۈن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاپەت كۈنى، ياق بەلكى قىيامەت كۈنىدۇر. بۇنداق پادىشاھلاردىن كۆرە، بىر-بىرىگە مۇھەببەتلىك بولغان ئىككى نامرات بىچارىنىڭ ھال-كۈنى ياخشىراقتۇر. چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىگە يول قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، بىرى قوللىغاننى يەنە بىرىمۇ قوللاپ، بىرى قارشى تۇرغانغا يەنە بىرىمۇ قارشى چىقىپ، دوستانە ئۆتىدۇ. شۇڭا، بىر-بىرىگە مۇخالىپ ئىككى پادىشاھتىن بىر-بىرىگە مۇۋاپىق ئىككى قەلەندەر ياخشىراق.
ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىرادە قىلىنغان بۇ چەكسىز ئالەمنىڭ مەئىشىتىنى ھارام دەپ قاراشقا ئېلىپ بارغان چىكىدىن ئاشقان ئازغۇن ئىدىئولوگىيە خەلقىمىزنى قانچىلىك زور مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلمىغان-ھە! بۇ خىل خاتا ئىدىئولوگىيىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان روھ تا ھازىرغىچە تېخى ئۇنىڭ زەھىرىدىن قۇتۇلالىغىنى يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتىلىشچان، ئىجادچان، تىرىشچان، كۈرەشچان روھ ئۆلگەن. ئۇلار خوجا-ئىشانلارنىڭ پېشىگە يۈزىنى بىر سۈرتۈۋېلىشنى چەكسىز بەخت-سائادەت ھېسابلاشقان. ئۇلار بەختنىڭ، ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. بارا-بارا ئۇيغۇرلارنىڭ مەغرۇر خاراكتېرىنىڭ ئورنىنى قۇلچىلىق ئىگىلەپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى «ئات ئۈستىدە جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىپ، تىكلىگەن نامىنى ئۇنۇتقان. بۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىللار بۇرۇنلا كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ كىيىدىغان، ئاياغلىرىغا پېتەك سېلىپ كىيىش مەدەنىيىتىگە كىرگەن، قوللىرىدا پەلەي، ئۇچىلىرىدا ساۋۇت-دوبۇلغا، ئاياغلىرىدا خۇرۇم ئۆتۈك، ئېسىل تونلارنىڭ ئۈستىدە يەنە كېپىنەك تون كېيىپ يۈرگەن ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئەپتىنى ۋەيرانلىق باسقان. باشلىرىدا مەزھەپلىرىنى ئۇقتۇرىدىغان ئاق ۋە قارا تەقىي دوپپا ۋە ياكى كۇلا-جەندە، ئۇچىسىدا كېپەنلىك تون، پۇتلىرى يېرىلىپ تىلىم-تىلىم بولۇپ كەتكەن، يالاڭ ئاياغ، رەڭگىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاياللىرىمىز تېخىمۇ خورلۇق ئۈستىگە خورلۇق تارتقان، ئۇلارنى ھە دېگەندە ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلاشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى جارى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغان. كىروران ئانا ياشىغان بۇنىڭدىن تۆتمىڭ يىل بۇرۇن پۇتلىرىغا گۈللۈك ئۆتۈك كىيگەن، ئۇچىسىغا قاتلاق گارمۇن ئىشتان كېيىپ يۈرىيدىغان، يۈزلىرىگە ئەڭلىك سۈرتۈپ پەدازنى تاشلىمايدىغان ئانىلار، قاراخانىيلار دەۋرىدە باغرىداق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئاياللىرىغا باغرىداق مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ دەۋرگە كەلگەندە قارا چۈمپەردىنىڭ ئىچىدە خورلىنىشقا، ئىنسانىي ئەركىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇشقا باشلىغان. خان-پادىشاھلارنىمۇ پىسەنت قىلماي، تىپىپ يىقىتىۋېتىپ، «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما»① مۇشۇ ماقالىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق ھېكايەت قىلغان: خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تېپىپ يېقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرىلىق بىر ماقال چىقىرىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم، 619-بەت.»
دېگەندەك تەمسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرى خوجا-ئىشانلارغا نەزىر قىلىپ بېرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ قالغان.
ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىجتىمائىي-تارىخىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئېزىقىشلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر، تەلىم-تەربىيىدىن مەھرۇم بولۇپ نادان قېلىشلار، دۇنيادىن بىخەۋەر بېكىنمىچىلىككە ئۆزىنى بەنت قىلىشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىلغار مىللىي خاسلىقىنى دەپنە قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.
ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇنداق ھالسىزلانغان، تېڭىرقىغان، ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويغان ھالىتىدە 20-ئەسىر بوسۇغىسىدىن ئاران-ئاران كىرگەن. بىراق، بۇ دەۋردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلغان، دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان، شۇڭا ئۇلار يېڭى بىر كۆز، يېڭى بىر ئىدىئولوگىيە بىلەن ئۆزلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئىزدەش، زەئىپلىك دەستىدىن ئېڭراۋاتقان مەجرۇھ روھنى قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى، خۇراپاتلىق توزىقىغا بەنت بولغان، قۇللۇق زەنجىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق نىدا قىلماقتا ئىدى. ئەگەر بۇنداق نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇق داۋاملىشىۋەرسە، خەلق ھەرگىزمۇ چىقىش يولىنى ۋە ئىستىقبالىنى تاپالمىغان بولاتتى. بۇ خىل ئېغىر تەقدىرنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن، روھى بالدۇرراق ئويغانغان ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ يۈرىكى ئەلەم زەرداپلىرى بىلەن ئۆرتەندى. ئۇلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان، مەنىۋى ئىللەتلەر تورىغا بەنت بولۇپ ئېڭراۋاتقان، جان تالىشىپ تىپىرلاۋاتقان روھنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتاشتى. شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئاقارتىش ھەرىكىتى باشلاندى. خەلققە ھەق-ناھەقنى تونۇتۇش، ۋۇجۇدىدىكى يامان، مەرەز كېسەلنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشتى. بىز بۇ خۇسۇستا پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 21-يىللىرى يازغان «ئـۇيغۇرۇم» دېگەن دىئاگنوز خاراكتېرلىك شېئىرىدىن ئازغىنە مىسال ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز:

جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ خاتا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرسىدە ساپا باردۇر؟
……………….
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يوشۇرماي بىرگە ئونىنى قوشۇپ چاققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم كامدۇر،
قوۋلۇق-شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

بوۋىلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت-جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق، بولدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قۇيغانىمىز باردۇر.

……………….

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

ئەل يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن، ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى، ئۆز پاجىئەسىگە سايە بولۇۋاتقان ئىللەتلەر بۇنىڭدىنمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلمەس. بۇ تىرىشچانلىقلار يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان مىللىي خاسلىقنى ئويغىتىش، ئۆزلىرىنى قايتا تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.

تۈگىدى

مەنبە: ﻳﺎﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺗﯘﻏﻠﯘﻗﻨﯩﯔ «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ ،ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ؟» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى
ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
http://bbs.alkuyi.com/thread-21121-1-1.html

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش