ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر – مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد ( دوكلات )

جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر – مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد ( دوكلات )

幻灯片1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ياخشىمۇ سىزلەر؟

22- فېۋۇرال يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمىيىتى يەنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، يەنە بىر قېتىملىق ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.

ئەڭ ئاز 50 كىشى قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق ئۇيغۇر ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن  تېمىلاردىن بىرى سىڭلىمىز مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد سۇنغان « جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر » ئىدى. تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغان ئىلمىي دوكلاتنىڭ تام تەسۋىرى، مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىمنىڭ يۇقۇرى ماھارەتلىك چۈشەندۈرىشى نەتىجىسىدە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئانا تىلىمىز ھەققىدە چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە تەرەققىيات يۈلىنىشى ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دوكلاتنىڭ ئۈن ۋە سىن ھۆججىتى ھازىر بولغىچىلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى توغرا تاپتۇق. دىققىتىڭىز تۈۋەندىكى دوكلاتتا بولسۇن!

دوكلاتنىڭ PDF  نۇسخىسى:bilimilim.org/kaznak/جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر .pdf

دوكلاتنىڭ رەسىملىك نۇسخىسى: bilimilim.org/kaznak/جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر .ppsx

slideshare.com دىكى ئادرىسى: http://www.slideshare.net/AbdulazizBESTOGRAK/ss-45025942

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش