ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (2)

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (2)

43227[1]

ئاپتور Peter Fleming

ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى

“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)

 

 

تەرجىماندىن ئىزاھات:

 

مەن ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر  – بۈيۈك بىرىتانىيىنىڭ ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى Peter Fleming تەرپىدىن يېزىلغان “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلك قىسىملىرى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئاپتورنىڭ 1935- يىلى  بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە خوتەن دىيارىنى بويلاپ قەشقە ۋە كېيىن قونجىراپ ئېغزى ئارقىلىق بىرىتانىيە باشقۇرىشىدىكى كەشمىرگە بېرىش سەپرى داۋامىدا ئۇيغۇرئېلىدە ئۆزى كۆرگەن  – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بىر ساياھەت خاتىرىسىدۇر.  بۇ كىتاپ 1933 – يىلىدىن  1935 – يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن شېڭسەي ھەم بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلىندۇ.  قىسقىسى بۇ كىتاپ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىى ۋە سىياسىي ھاياتىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تارىخي مەنبەدۇر . مەزكۇر كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرىتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان.

 

تۇغۇلغان كۈن

 

ئىككى سائەتتىن كېيىن بىزمۇ قارشى تەرەپكە قاراپ سەپرىمىزنى باشلىدۇق. بىزنىڭ بۇ ئىككى تۈركى يولباشچىمىز تۆگىلەرنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئارتىپ، ئارغامچىلار بىلەن قوپاللا باغلىدى. ئۇلارنىڭ ئارتىلىغان يۈكلەرنى ئارغامچىلار بىلەن باغلاش ئۇسۇللىرى موڭغۇللارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. بىزنىڭ بۇرۇنقى يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە مۇشۇ يەردە خوش دەۋاتقانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى.
بىزنىڭ بۇرۇنقى سەپەر يولباشچىمىز بورودىشىن ئۆزى ئالدىنقى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە تونۇشقان بىر باي ئادەمنى بىزنى بىزگە تونۇشتۇرغان ئىدى. بۇ يەردە ئۇچ يۇرت بار ئىدى. بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئىككى سائەتلەرچە بولۇپ قالدى. بىز كەلگەندە بۇ باي ئادەم ئۆيىدە يوق بولۇپ، بىزنى ئايالى قىزغىن كۈتۋالدى. ئىچى ئىسقا تولغان بۇ يۇرتنڭ تاملىرىغا ئېسىل ساندۇقلار قويۇلغان ئىدى. بىز سىرىتتا چىقىرىشىپ بالىلار بىلەن بىر مەەل ئوينىدۇق. كېيىن بىز قايتىپ كەلگەندە قۇرئان قانۇنىنى ئۇنتۇپ قالغان 6 – 7 چىرايلىق قىزلارنى كۆردۇق. گەرچە ھىچ قايسىمىز بىر – بىرلىرىمىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ چۈشەنمىگەن بولساقمۇ، بۇ بىر كۆڭۈللۈك ئۇچۇرۇشۇش بولغان ئىدى. بىزنى كۈتۈۋالغان ساھىبخان بىز بۇرۇن پەقەت يەپ باقمىغان بىر خىل مېزلىك تائاملار تەييارلىغان ئىدى.  ئۇچ دانە ياۋا ئۆدەك تۇخۇمى بىلەن چاقىلىقتىن كەلتۇرۇلگەن بىر دانە پىيازنى بىزنىڭ يىيىشىمىزگە سۇندى. ساھبخان يەنە قانداقتۇر سېرىق ماي بىلەن پىشۇرۇلغان چەلپەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تائامنى كەلتۇردى. بىز ئۆزىمىزنى ئاران تۇتۋېلىپ بۇ يېمەكلىكلەرنى يىدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇلارغا خوش دەپ سەپرىمىزگە ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا كىنى (Kini) بۇ  ئايالغا سوۋغات سۈپتىدە بىر تال بوينىغا ئاسىدىغان زەنجىر تەقدىم قىلدى. كېيىن بىز تۆگىلىرىمىزگە مىنىپ يولۇمىزغا راۋان بولدۇق. (201- بەت)

 

News_Tartary_Cherchen1

 

بىز غەرب تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، سازلىقلاردىن، ئاستا ئاقىدىغان كۆلچەكلەر ۋە ئېرىقلاردىن ئوتتۇق. بۇ سۇ ئېقىنلىرى ئىسسىق پاختىدىكى كىچىك تۇز كۆلى بىلەن ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان، خەرىتىمىزدە كۆرسىتىلىۋاتقان ئاياققۇم كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
مەن بورودىشىنىڭ ياردىمىدە دائىم ئىشلىتىدىغان 20 تۈركى سۆزلۈكنى يېزىۋالغان ئىدىم. بىز چېدىر تىككەن ۋاقتىمىزدا مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئىشلەتتىم، ئۇلار خوش بولۇپ كەتتى.  بىرى يېشى چوڭراق، غۇرۇرى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. قانداقتۇر ئۇنىڭ كەيپىياتىدىن دىققىتى باشقا بىر ئىشلارغا چېچىغلىقتەك، قولىدىن ئانچە كوپ ئىش كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى توختاخۇن بولۇپ ئەمدىلا 20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئۇنىڭدا نومۇس قىلىش يوق ئىدى.  ئۇنىڭ كالىسىدا باشقا بىر ئىشلارنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، يۈزى يۇمىلاق، قىلىقى ئەدەپسىز، قورسىقى ئېچىپلا تۇرىدىغان بىر بالا ئىدى. ئۇ بىر قانچە ئايلار پەقەت گۆش يەپلا جېنىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەمىشە تسامبا (تۈبۈتلەرنىڭ ئۇندىن ياسىلىدىغان تامىقى- ت)، ئۈن قاتارلىق يېمەكلەرنى يېيىشلا كېلەتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭغا يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكىنى ئېيتقانلىغىمنىڭ سەۋەبىنى ئۇ بىلەتتى چۈنكى بىزنىڭ ئوزۇق – تۈلكىمىز  ئاز قالغان ئىدى. (202 – بەت)
ئەتە 31- ماي. بۇ مېنىڭ 28 گە كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ئەمما مېنىڭ  بۇ يەردە باشقا ھەرقانداق كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا ئادەتتىكىدەك بولدى.
بىزنىڭ پېكىندىن ئايرىلغىنىمىزغا ئۇچ ئاي، تانگار دېگەن يەردىن ئايرىلغىنىمىزغا ئىككى ئاي بولۇپتۇ. بىز ئويدىن ئايرىلىپ بۇ سەپەرنى باشلىغىنىمزغا توققۇز …  ئون، ئون بىر ئايلارچە بولۇپتۇ…. (203- بەت)
بىزنىڭ يېمەك خالتىلىرىمىز قۇرۇقدىلىپ كەتكەن ئىدى. بىز  كۆكىرىپ، ئېچىپ كەتكەن، خالتىنىڭ ئاستىلىرىدا قېلىپ قالغان يېمەك ئۇۋاقلىرى بىلەن تسامبا يەۋاتىمىز.  بىزنىڭ قولىمىزدىن ھىچ ئىش كەلمەيتتى. بىز  مۇشەققەتلىك كۈنلەرگە قالغان ئىدۇق. (204- بەت)
بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇچۇرغان بۇ دەريانى تۈركساي دەپ ئاتايدىكەن. ياز ۋاقىتلىرى تۈركىلەر بۇ دەرياغا كېلىپ ئالتۇن يۇيىدىكەن. بۇ يەردە ئوت – چۆپلەر ئانچە كۆپ ئۆسمەيدىكەن. بىز ئەتىسى چۈشكىچە بۇ ئىسسىق ھۋا كىلىماتىدا راھەتلىنىپ ئارام ئالدۇق. (212- بەت)
بىز ئاستا – ئاستا سەپىرىمىزگە يەنە كىرىشىپ كەتتۇق. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ يەر دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى نۇقتىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا بىز بىر مۇز ئويمانلىقىنىڭ ئىچىگە قاراپ كېتىپ باراتتۇق. قۇياش نۇرىدا قىزغۇچ تېرىسى كۈلرەڭ كۆرۈنىدىغان سۇغۇرلار ئالدىدا مېڭىپ كېتىۋاتقان بۇ گىگانت گەۋدىلەرنى كۆرۈپ،  ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، ئۆز ئۇۋىلىرىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىشەتتى. مەن بىز كېتىۋاتقان جىلغىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا بىر سۇغۇرنى ئاتتىم. تۈركىلەر سۇغۇرنى ۋە مېنىڭ ئېغىزىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ “ئابدان” دېدى ۋە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ “يامان” دەپ قوشۇپ قويۇشتى. (214- بەت)
ئوت -چۆپ، ئادەملەر، خەۋەر
مەن ئىشلىتىۋاتقان بۇ ماشىنا يەنى مېنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستا- ئاستا مېڭىشتىن توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماقتىمەن. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتقان ئىدىم، ئادەتتە تىز ماڭدى دېگەندىمۇ باكتېرىيە تۆگىسى بىر سائەتتە ئاران 3 كىلومېتىر يول يۈردۇ بىراق باكتېرىيە تۆگىسى پەقەت توختىمايدۇ.(220- بەت)
ئەتىسى سەھەردە بىز دىمنالىك (دىمنالىق – ت) دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەر بىزنىڭ خەرىتىمىزدە ئېيتىلىپ، ئېنىق كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن ئىدى. ھەم بىزنىڭ تۈركى يول باشچىلىرىمىزمۇ ئىشەنچ بىلەن بۇ يەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادەتتە ئۇلار كۆپىنچە مۇشۇنداق پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. بۇ يەرلەردە يۇرتلار، مال – چارۋىلار كۆرۈنمەيتتى. دۆڭلۈكلەر قوپ قورۇق كۆرۈنەتتى. “ئادەم يوك” دېدى يېشى چوڭراق كەلگەن ئادەم بىر خىل راھەتسىز كەيپىياتتا. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە “ھىچ كىم يوق” ئىدى. بىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
بىز شۇ تەرىقىدە 8 سائەت ماڭغاندىن كېيىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن دەريا بويىغا كەلدۇق ۋە سۇ ئالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئۇدا توختىماي چۆللۈكلەرنى، تۆگە چاتقاللىقلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ بىر قۇملۇق يەرگە كەلدۇق ۋە بۇ يەردە بىز ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان بىر قانچە جەرەن مۈڭگۈزلىرى بىلەن قۇملارنى كولاپ ئۇنىڭغا چېدىرىمىزنىڭ ئارغامچىلىرىنى چىگىپ چىڭىتتۇق. بۇ يەردە بېشىدا ئازراق مۆلدۈر يېغىپ كېيىن يامغۇرغا ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۆتكەنكى ئىككى كۈندىن بۇيان بىز بۇ يەردە خېلى كۆپ ئېگىزلىك ھاۋا بېسىمىنى يوقاتقان ئىدۇق. تۈركىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بىز يەنە بىر كۈن ماڭساق باشمالغۇن دېگەن يەرگە يېتىپ بارالايدىكەنمىز.
بۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇلار خاتالاشمىغان ئىدى. بىز ئەتىسى يەنى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى  زور چىداشلىق بېرىپ، زېرىكمەي، قاقشىماي بىر ماڭغىنىمىزچە 9 سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان بۇ قۇملۇق بىزنى بىر قۇرغاق دەريا ئېقىنىغا ئېلىپ كەلدى. بىز بۇ يەرلەردە ئۆسكەن بۈك – باراقسان يۇلغۇنلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان باشقا بىر دۇنيادا تۇرۋاتقانلىغىمىزنى سەزدۇق.  بۇ يەرلەردە ھەقىقىي ئوت- چۆپلەر ئۆسەتتى. يەر يۈزىدە ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر شۇنداق بۇلۇق ئىدى. توپ – توپ بولۇپ قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇياش نۇرىغا تولغان بۇ يايلاقلاردا ئوتلاۋاتقان مەنزىرىلىرى چۆل – باياۋانلارنى تولا كۆرۈپ تېلىقىپ كەتكەن بۇ كۆزلىرىمىزنى زەررەمۇ زېرىكتۈرمەيتتى. يىراقلاردىن ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى كېلەتتى. بىز ئىگىزلىكتىن ئالدىراش تۆۋەنگە چۈشۈۋېتىپ، بىر توپ ئۆچكىلەرنى باققاچ ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر قانچە يۇرتقا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر قىزنى ئۇچراتتۇق.
ئالدىمىزغا 6- 7 دەك ئادەملەر بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. بۇ يەردىكى ئادەملەر ئىسسىق پاختىغا ئوخشاش ئېگىزلىكتە ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئەدەپ – قائىدىلىكرەك كۆرۈنەتتى. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالاملاشقاندا ئىككى قولىنى ئۇزارتىپ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئىككى قولىنى تۇتىدىكەن. ئاندىن ئازراق بېشىنى ئەگكەندىن كېيىن ئارقىغا يانىدىكەن. ساقىلىنى سىپايىلىك بىلەن سىلاپ، تۇرقىنى رۇسلاپ قارىشىپ تۇرىدىكەن. ساقىلىنى چۇشۇرۋەتكەنلەرمۇ ساقىلى بار ئادەملەرگە ئوخشاش ئەينەن قىياپەتلەرنى ئىپادىلىشى كېرەك ئىكەن. بىز تىزلا بۇ تۈركىلەرنىڭ مۇنداق سالاملىشىش قائىدىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈۋالدۇق.  (221- بەت)
بۇ يەردىكى ئادەملەر ئېگىزلىك ھاۋا كىلىماتنىڭ زىيان – زەخمەتلىرىگە ئاز ئۇچۇرغان بولۇپ، ئىسسىق پاختىدىكى ئوۋچى تۇركىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك سىلىق – سىپايە كۆرۈنەتتى. دېمەك ئۇلار نورمال بىر تۈركىلەرگە ئوخشايتتى. بىز تۆگىلىرىمىزدىكى يۈك – تاقلارنى چۈشۈرۇپ، چېدىرلىرىمىزنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار رەڭگى ئۆچكەن بىر قىزىل رەختنى ئېلىپ كەلدى. بۇنى پۈتۈن تۈركىستان بويىچە “دەستىرخان” دەپ ئاتايدۇ. ئادەملەر تاماقنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ يەيدۇ. بىز بۇ سەپىمىزدە تانگار دېگەن يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تونۇردىن ئىسسىق چىققان نان يېيىشىمىزدۇر. بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق. داستىخان ئۈستىدە يوغان ياغاچ قاچىدا قىمىز قويۇلغان ئىدى. بىز ئۇ دەقىقىلەردە ئۆزىمىزنى خۇددى جەننەتتە تۇرغاندەك ھىس قىلدۇق.
بىز يولباشچىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز قاتارلىق ئەۋاللىرىمىزنى يۈزەكى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، بىز ئۇلاردىن ئالدىمىزدىكى يول توغرىسىدا ئەھۋاللار ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. سوئال – جاۋابلار بىز يەر ناملىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن “ياخشى” ياكى “ئەسكى” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاسان داۋام قىلدى. ئۇلار مېنىڭ سوئاللىرىمنى كەڭ دائىرىدە پەرەز قىلىپ چۈشەنگەن بولسا كېرەك، تۈركىلەر سۆزلەشكە باشلىغاندىن كېيىن بۇ يەردە چوڭ چاتاق چىقتى. ئۇلار سۆزلىسە ەممىسى بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا ۋارقىرىشىپ سۆزلەيدىكەن، بەلكىم ئۇلار شۇنداق ۋاقىرىشىپ سۆزلەۋاتقان بۇ ۋاقىتتا بۇ دۇنيادا ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغان باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ بارلىقىنى تامامەن ئۇنتۇغان بولسا كېرەك.  ئەلۋەتتە،  بۇ يەردە سىياسەت، جۇغراپىيە، تارىخقا ئوخشاشمۇ ئىلىملەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار قىزغىن مۇنازىرىلەر بىلەن تۆكۈلۈۋاتاتتى ئەمما كاشكى بۇ سۆزلەرنىڭ 95% مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىدى.
قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى قايتا- قايتا ئاڭلاپ، ئەلگەكتە مۇھىم بولغانلىرىنى تاسقاپ ئېلىپ ئاخىرى ۋەزىيەت توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پەرىزىمىزنى مۇقىملاشتۇردۇق. بىز ئىسسىق پاختىدا ئاڭلىغان چەرچەن بىلەن چاقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختاپتۇ. دېمەك باشمالغۇندىكى ئادەملەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا بىزنىڭ چەرچەنگە بېرىش يولىمىز ھىچ بىر توسالغۇغا ئۇچۇرمايدىكەن. بىزنىڭ بۇ يەردىن چەرچەنگە بېرىشىمىزغا كۆپ بولغاندا ئالتە كۈن كېتىدىكەن. بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە گەرچە قوزغىلاڭچى تۇڭگانلار ئەسكى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىزنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇ خىل ئېھتىماللىنقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى خېلىلا يېنىك ھىس قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئىمكانىيىتىمىز بىلەن بىز چۈشەنگەن خەۋەرلەر ياخشى بولۇپ چىقتى. بىزنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن يولىمىز توسۇلۇپ قايتۇرۋېتىلمەيدىغانلىغىمىزغا ئىشەنچ قىلدۇق. بىز بۇ يەردە بىر كۈنراھەتلىنىپ ئارام ئالدۇق. (222- بەت)
ئىيۇننىڭ 10- كۈنى بىز چەرچەنگە قىلغان سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىگىنى باشلىدۇق. بىز بىر خىش چاي ۋە بەش دوللارغا بىر يول باشلىغۇچى ياللىدۇق ھەم تۆگىلىرىمىز ۋە ئۇچ ئېشەكنىڭ سەپەر ئوزۇق -تۈلۈكلىرىنى ۇق. بىزنىڭ يول باشلىغۇچىمىز تۇزۇن (تۇرسۇن -ت) ئىسىملىك خۇش چىراي بىر ئادەم ئىدى. كۆرۈمسىز، پاخپىيىپ  ئۆسكەن ساقال – بۇرۇتلار ئارىسىدا ئۇنىڭ يۈزى نۇرلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ كۆرۈنۈشى ۋە ھەرىكەتلىرى بىزگە خۇددى سانتا كلائۇس (روژېستىۋا قارا بوۋاي -ت) نىڭ ئامراق بىر جىيەنىنى ئەسلىتەتتى. بىز ئۆزىمىز بىلەن بۇ سەپەردە بىللە ئېلىپ ماڭغان يىڭنە، سوپۇن، سەرەڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈن، گۈرۈچكە تېگىشىپ سودا قىلىپ ماڭدۇق. كېيىنچە ئاياللار بىزنىڭ بۇ ماللىرىمىزغا يېڭى تونۇردىن چىققان “توقاچ’ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇملۇق ماكاننىڭ قوي پېچىنىسىنى تېگىشتى. بەزىلىرى خۇش چىراي ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بىزگە ھەتتا قوي سوۋغا قىلىشتى. بىز سائەتلەرچە بۇ سوۋغاتلارغا پۇل بېرىشىمىز كېرەك دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىز 3 دوللار تولىدۇق. دېمەك بۇ بىزنىڭ سەپەر داۋامىدا تۇنجى قېتىم قاسساپقا تۆلىگەن گۆش پۇلىمىز بولدى ئەمما بىز تۆلىگەن بۇ پۇلىمىزغا نارازى بولمىدۇق.
بىز يۈك – تاقلىرىمىزنى ئارتىپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا كېكەچلەپ گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئاخىر سائەت 10 لەردە سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماڭا قىزىقىپ قالغان شۇنداق بىر چىرايلىق قىز بالا ئايرىلىش سوۋغىتى سۈپىتىدە رۇسىيەنىڭ بىر قاپ سەرەڭگىسىنى سوۋغا قىلدى. بۇ دەقىقىلەردە بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم تولىمۇ مېھرىبان ۋە دوستانە كۆرۈنەتتى. بىز بىر يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئۇستى كىگىز – پالاسلار بىلەن يېپىلغان، گەمىگە ئوخشايدىغان بىر ئۆتەڭگە كېلىپ توختىدۇق. بىز ئۇ يەردە نان، قىمىز ۋە جەرەن گۆشى بىلەن تاماقلاندۇق. مۇندىن كېيىن ئېسىمىزدە بولسۇنكى تۈركىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشىمىز كېرەك ئىكەن. (223- بەت)
بىز چەرچەن دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ماڭدۇق. باشمالغۇننىڭ ئورنى بىزگە ئېنىق ئىدى. بىز سۇ ئېقىنىنى ئارقىمىزدە قالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار يەرلەرگە يېقىنلاشقانسېرى ئالدىمىزدىكى يولىمىز پاتقاقلىق، يەنە بىر چېتى كۆز يەتكۈسىز ئۇپۇق بولۇپ كۆرۈندى. (224 –بەت)
بىز بەش سائەت سەپەر قىلغاندىن كېيىن يولباشچىمىز مۇنابۇلاق دەپ ئاتىغان ۋە بىزنىڭ خەرىتىمىزدىمۇ شۇنداق دەپ يېزىلغان بىر يەرگە كەلدۇق. ئەمما يەنە بىر قېتىم بۇ يەردە “ئادەم يوك” ئىدى. بۇ يەردە تاشلاندۇق قالغان بىر يۇرت بىلەن ئاز تۇزلۇق سۇ چىقىدىغان بىر بۇلاق بار ئىدى. (228- بەت)
ئەمدىلىكتە بىز ئۆزىمىزنىڭ چەرچەنگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھىسقىلىۋاتاتتۇق ئەمما يول ئازابىدا بىزنىڭ تارتقان جەبرى – جاپالىرىمىز، ھېرىپ چارچاشلىرىمىز سەۋەبلىك ئالدىمىزدا يەنە قانچىلىك يولنىڭ قالغانلىقىنى دەرھال پەرەز قىلالمايتتۇق. بىز قۇم بارخانلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز قۇم بارخانلىرىدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرەلمەيتتۇق ۋە قىياس قىلغۇدەكمۇ ماجالىمىزمۇ قالمىغان ئىدى.
قۇياش پارلاپ كۆتۈرۈلدى. ئېشەكلەر ئۆمىلىگەندەك ئاستا ماڭماقتا. چارچاپ  كەتكەن تۆگىلەر خۇددى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى بىر ئىززەت تۇيغۇسىغا چۆمگەن دەقىقىلەرگە ئوخشاش مىدىرلىماقتا. ھازىر بىزگە شۇ ئېنىقكى بىز بۈگۈن كەچ كىرىشتىن بۇرۇن چەرچەنگە يىتىپ بارالمىغۇدەكمىز.  (231- بەت)
كۆز ئالدىمىزدىكى قورقۇنچسىز يېڭى دۇنيا
ئەتىسى ئەتىگەندە، بىز پېكىندىن يولغا چىققاندىن باشلاپ دەل تۆت ئاي سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئاخىر چەرچەن بوستانلىقىغا يىتىپ كەلدۇق. بىز كەڭ كەتكەن قۇرۇق دەريانى بويلاپ ئىككى سائەت ماڭدۇق. بۇ يەرشارى بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر بىرلىرىگە قارشى ئوخشىماسلىقنى ھەدىيە قىلمىغان بولسا كېرەك يەنى دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇق، بوستانلىق بىلەن چۆل- جەزىرە. دېمەك كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرىدىن بىزگە شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى بىز بىر دۇنيادىن باشقا بىر دۇنياغا كىرگەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بۇ يېڭى دۇنياغا كىرىدىغان ئېنىق بىر باسقۇچلار يوق ئىدى. يول بويلىرىدىكى رەت – رەت ئۆسكەن دەرەخلەر ئېتىزلىقلاردىكى كەندىر، شال ۋە ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرگە سايىسىنى تاشلاپ تۇراتتى. چىرايلىرىدىن ياۋاش – يۇمشاقلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئاق ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئادەملەر قوللىرىدا كەتمىنىنى تۇتقاچ بىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى كۆزىتىپ قاراپ تۇراتتى.  ئەنە ئۇ يەر – بۇ يەردە تۇزۇن (تۇرسۇن) نىڭ تونۇش – بىلىشلىرى ئۇنىڭغا سىلىق ئاۋاز بىلەن “ياخشى كەلدىلە…” دەپ توۋلايتتى، قوللار سىقىلاتتى، ساقاللار سىلىناتتى…. ئاخىرىدا بولسا كۆزلەرھەيرانلىق بىلەن بىزگە تىكىلەتتى.
ئېرىقلار بۇ يەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە خۇددى مۇزىكا رېتىملىرىدەك ئاقاتتى. ئاچ قىزغۇچ رەڭلىك دوپپا كىيگەن، سۇ توختاپ قالغان كىچىك كۆلچەكتە بوۋىقىنى يۇيۇۋاتقان بىر قىز بىز كاپىرلارنى كۆرۈپلا چاققانلىق بىلەن يۈزنى رومىلى بىلەن يېپىۋالدى.  (233- بەت)
دەرەخلەر ئاستىدا توپا – لاي بىلەن قوپۇرۇلغان پاكار ئۆيلەر ۋە بېشى يېرىم يېپىلغان ئالدىغا دۆۋىلەنگەن دەرەخ ياغاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بەزىدە بىزنىڭ سەپىمىزنى كۆرگەن ئاياللار ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ بىزنى مارىشاتتى ياكى ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ كىرىپ كېتەتتى….

 

News_Tartary_Cherchen2

 

كاككۇكلار سايرىدى …. بۇ ماڭا تونۇش ئاۋاز ئىدى، مەن بۇ ئاۋازنى ئۇچ ئاي ئىلگىرى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ دېمەك شۇنى بىلدۈردىكى بىز  ئادەملەر بار، ئۆيلەر بار دۇنيادا ئەلبەتتە. بىز بۇ كاككۇكلار ئاۋازدىن ئاچ كۆزلۈك بىلەن تۇخۇمنى خىيالىمىزغا كەلتۈردۇق. بىز كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بىر نامرات كۆرۈنىدىغان ئۆيگە كېلىپ توختىدۇق. بۇ ئوي ئىگىسى تۇرسۇننىڭ بىر تۇغقىنى ياكى تونۇشى بولۇپ، ئۇلار بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن  پالاس سالدى ۋە بىزگە قىمىز، پىشمىغان ئۆرۈك بەردى. بۇ بىزنىڭ مارت ئېيى كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مېۋە يېيىشىمىز ئىدى. بىردەمدىلا توپلاشقان 6 – 7 دەك ئاياللار كىنىگە (Kini) تىكىلىپ قارىشىپ، پىخىلداپ كۈلۈشۈپ، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ جىنسى ھەققىدە تالاش تارتىشنى باشلىۋەتكەندەك قىلاتتى. تۇرسۇن ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر تال قىزىلگۈل سوۋغا قىلدى. تۇرسۇن ئېسىل بىر ئادەم ئىدى. مەن يول بويى ئېلىپ ماڭغان بىر مەشنى ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدىم. گەرچە بۇ ئېشەكلەر پات يېقىندا بىزگە تەۋە بولمايدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ مەشنى ئېشەكلەرنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتمىسۇن دەپ سەپەر داۋامىدا ئۆزى بىلەن بىللە  ئېلىپ دۈمبىسىگە ئېسىپ كۆتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئادەتتە “ئاقساقاللار” توغرىسىدا گەپلەر بولۇنۇپ تۇرىدۇ. (234- بەت)
بۇ “Aksakal” دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا “ئاق ساقال” دېگەننى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر جامائەت توپىنىڭ باشلىقى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دېمەك بىزنىڭ بۇ باشمالغۇن دېگەن يەردىمۇ بىر ئاقساقىلىمىز بار ئىدى. بۇ ئىسىم يەنە كېلىپ قەشقەردە تۇرۇشلۇق بىرىتانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ يەرلىك خادىملارغا بەرگەن مەنسىپى ئىدى.  مېنىڭ بۇرۇن بىلىشىمچە بىرىتانىيىنىڭ مەنپىئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم دەپ قارالغان ھەربىر بوستانلىق شەھەردە مۇشۇنداق “مۇھىم خادىملار” نى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار ئارقىلىق بىرىتانىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت بۇ ئۆلكىگە كېلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە ھوقوقلىرىنى قوغداش ئىدى. بۇ ئۆلكىدە ئىككى يىل داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن چەرچەندە مۇشۇنداق بىر يىراق، چەت – ياقا يەرلەردە بىرىتانىيە ئاقساقىلىنى تېپىش ياكى بولمىسا يەرلىك ئابرۇيغا ئىگە، بىرىتانىيە ئۈچۈن ئىشلىيەلەيدىغان بىر كىشىنى تېپىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەستەك كۆرۈنەتتى ئەمما بىزنىڭ مۇشۇنداق بىر كىشىنى تېپىشىمىزدا ئۈمىد ھەم يوق ئەمەس ئىدى.
دەرەخ يوپۇرماقلىرى سالقىن شاماللاردا شاراقلايتتى، كاككۇكلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى… ئاياللار پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن تۇيۇقسىز ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈش بولغان چاغدا ئۇلار مېنى ئويغىتىپ چۆپ بىلەن تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلار سۇدا پىشۇرۇلغان تەمسىز بىر تاماقنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. كېيىن بىز يۈك تاقلىرىمىزنى ئېلىپ، بۇ ئاقكۆڭۇل ئادەملەرگە خوش دەپ ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە راۋان بولدۇق.
بىز دەريانى كېچىپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا مەن يىراقتىن ئىككى ئاتلىق ئادەملەرنىڭ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. تەبىئىيكى مۇنداق پىژىرغىن ئىسسىقتا ئات مىنمەكمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى… بىر ئازدىن كېيىن ئىشلار ئېنىق بولدى. مېنىڭ پەرىزىم توغرا بولدى گەرچە بۇ مەن بۇرۇن ئوقۇغان ۋە خاتىرەمدە قالغان ئېنىق قالغان بىر ھېكايە بولسىمۇ. ئېنىق، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرۇپ بىزگە قاراپ كېلىۋاتاتتى.  (235- بەت)
ئۇلار بىزگە يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىنلا مەن ئۇلارنىڭ توپا رەڭ ھەربىي كېيىمىنى پەرق قىلدىم. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىزگە خەن تىلىدا توۋلىدى. بىز توختىدۇق. تۇرسۇن قايغۇلۇق كۆرۈنەتتى. تۇڭگانلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا دۈپۈرلەپ كېلىپ توختىدى. ئالدىمىزدىكى بۇلار بىرھەربىي باشلىق ۋە بىر مىلتىق ئېسىۋالغان خۇسۇسىي قوغدىغۇچى ئىدى. ئەمما بۇ دەقىقىلەردە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئەڭ كۆپ تارتىۋاتقىنى ئۇلار ئەمەس بۇ ئاتلار ئىدى. بۇ ئاتلارنىڭ تېرىسى تىيۇلىن تېرىسىدەك پارقىراق، بويىنى يايسىمان سوزۇلغان. بۇنداق ئېسىل ئاتلارنى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشانىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئاتلار بىزنى ئۆزلىرىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى. ئاتلار شۇنداق زىلۋا ۋە بەستلىك كۆرۈنەتتى. بىز بەلكىم دۇنيادا مۇشۇنداق چوڭ، ئېگىز ئاتلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان چېغىمىز. بۇ ئاتلار بىزنىڭ نەپسىمىزنى ئۆزىگە قوشۇپ بىللە ئېلىپ كېتىپ باراتتى. بىز ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدۇق.
بىراق بۇ خىل قېتىپ تۇرۇپ قېلىش ئۇزاققا داۋام قىلمىدى. ئىنچىكە بۇرۇتلۇق ھەربىي ئەمەلدار ئالدىمىزدا تەقى – تۇرقىنى بىر رۇسلىۋېلىپ، بىزنىڭ بۇ سەپەر مەقسىتىمىز ۋە كىملىكىمىزنى سورىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ خەنچە سۆزلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، خۇددى ئوخشاش جىنسلىق ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش گەپ قىلىپ، ئۆز قارشىلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم.
“ ياق، بىز رۇسىيەلىك ئەمەس. بۇنداق قاراش تامامەن خاتا بولىدۇ. مەن ئېنگىلىس، ئۇ (ئايال) فىرانسۇز. مېنىڭ يەنە بىر ئىسمىم لېرند…..“
مەن ئۇنىڭغا ”بىزنىڭ پاسپورتىمىز راست پاسپورت، خاتالىق يوق …” دەپ چۈشەندۈردۈم. مەن ئىچىمدە ئۆز – ئۆزۈمگە “بەلكىم بىز ئېلىپ ماڭغان بۇ يول خېتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندۇ… ئەمما گېپىمىزدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك” دېگەنلەرنى ئويلىدىم.   (236- بەت)
ھەربىي ئەمەلدار بىزگە مۇنداق دېدى: “بىز  بازارغا بارىمىز، سىلەرنىڭ پاسسپورتىڭلار شۇ يەردە تەكشۈرۈلىدۇ.”
“بىراق بىز ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمىز لازىم ئىدى…”
ھەربىي ئەمەلدار “بۇ يەرلەر بىخەتەر ئەمەس، بۇ يوللاردا باندىتلار بار…”  دەپ سوغۇققانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
بۇ خىلدىكى ئورۇنسىز، ساختىلىققا تولغان سەۋەب كۆرسىتىشلەرنى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغزىدىن تولا ئاڭلىغانمەن. مانا ئەمدى بىزنىڭ تەقدىرىمىز يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ. مەن يول ئۈستىدە چىرايىمدا كۈلۈمسىرەش كۆرسىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ناچار خەن تىلى تەلەپپۇزى ئۈچۈن ئۇلاردىن كەچۈرۈپ سوراپ دېگەندەك يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. بىز ھەر قېتىم قولغا ئېلىنساق تۈركىلەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ تۇيۇقسىز بىزنى تاشلاپ كېتەتتى ئەمما بۇ قېتىم تۇرسۇن ئۇنداق قىلمىدى. ھېلىقى خۇسۇسىي قوغدىغۇچى ئەسكەر ئېتىنىڭ ئۈستىدە ئېگەردىن مىلتىقىنى ساڭگىلىتىپ، كۆزىنى بىزدىن ئۈزمەي قاراپ ماڭاتتى.
مەن كىنى (Kini) گە “مېنىڭچە بىز ئۆزىمىزنى قولغا ئېلىندۇق دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ”  دېدىم.  ئۇمۇ مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قوشۇلدى.  (237- بەت)
بۇ ئادەملەرنىڭ بىزنى ھۆرمەت قاراۋۇلى بىلەن قوغداپ ئېلىپ ماڭدى، بىز بازارغا كىردۇق، كېيىن بايقىدۇقكى بۇ يەر بوستانلىقنىڭ مەركىزىدىكى ئولتۇراق بىر يەر ئىدى. بىز يەنە شۇنى بىلدۇقكى بىزنى قولغا ئېلىپ ماڭغۇچىلار گومىنداڭنىڭ كۆك يۇلتۇزلۇق يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭدا “36th DIV” دېگەن خەت يېزىق ئىدى. بۇ ئېنىقكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ گېربى ئىدى. ئەمما بىز تۇڭگانلارنى مەكىزى ھۆكۇمەتتىن مۇستەقىل، ئۇلارنى بىر قوزغىلاڭچىلار دەپ چۈشىنەتتۇق. بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى مەركىزى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سادىق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقاندەك كۆرۇنەتتى. دېمەك بىزنىڭ قولىمىزدا نەنجىڭ پاسپورتىنىڭ بولماسلىقى بىر چاقچاق ئەمەس ئىدى. بىز ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئەنسىرەشكە باشلىدۇق.
بىز بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن قاتار كىچىك ئۆيلەر بار بىر يەرگە كېلىپ توختىدۇق. ئۇلار دەرۋازىسىنى تاقىدى. بۇ يەردە بىزگە مەسئۇل بولىدىغان باشقا ھېچ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. بۇ يەر بەلكىم بىر مېھمانساراي ياكى بىر تۈرمە بولۇشى مۇمكىن. بىز يۈك – تاقلىرىمىزنى بوشىتىپ ئىچىگە قويدۇق. ئاتا – ئۇلاغلىرىمىزنى ئېغىلغا ئاپىرىپ باغلىدۇق. (238- بەت)
ئۇلار بىزگە پاسپورتىمىزنى تاپشۇرۇشىنى ۋە بۇ يەردە تۇرۇشىمىزنى ئېيتىپ كۆزىمىزدىن غايىب بولدى. كوچىدىن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتىكى تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. (239- بەت)
ئارىلىقتا بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەختسىز تەقدىرىمىز بىزگە قايتىدىن كۈلۈپ قاراشقا باشلىدى. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىقتىدارسىزلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، يوغان خۇمار كۆزلۈك بىر ياش ئادەم خەن تىلىدا ئۆزىنى ئاقساقال ئائىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. بىز بۇ ئادەمدىن ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ بىرىتانىيە ئاقساقىلى ئىكەنلىكىنى ۋە بىز بىلەن سالاملىشىش ئۈچۈن يولدا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق.
مانا ئاقساقالمۇ چىرايلىق  ئېگەرلەنگەن بىر ئاتقا مىنگەن پېتى ئارقىسىغا يەنە بىر ئاتلىق خىزمەتچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ يەرگە يىتىپ كەلدى. بۇ ئاقساقال ئادەم ئېگىز بويلۇق، زېرەك كۆزلۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆرۈنىدىغان بىر ئافغان ئىدى. ئۇ بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆزنىڭ بىزنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىق ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ باشتىن ئاياق تۈركى، ئافغانى ۋە ھىندۇستانى تىللىرىدا سۆزلىدى ئەمما خەنچە سۆزلىمىدى. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق ئىدى چۈنكى بۇ يەردە تەرجىمانلارنى ئاسان تاپقىلى بولاتتى. بىز ئۇنىڭ گېپىدىن بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى پەرەز قىلدۇق.  (240- بەت)

 

 

(داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى قىسمى پات ئارىدا سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۇشىدۇ)

 

 

بۇ تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى تۆۋەندىكى ئۈلنىشلاردىن ئوقۇيالايسىز:

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر  (1)
http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=3701
http://bbs.bagdax.cn/thread-27980-1-1.html
“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق كىتاپ ھەققىدە
http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=3653
http://bbs.bagdax.cn/thread-27868-1-1.html

 

يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر  (2)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش