ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قاراخانىلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي- پەلسەپىۋى پىكىرلىرىدىكى ئورتاق ئامىللار [1]

قاراخانىلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي- پەلسەپىۋى پىكىرلىرىدىكى ئورتاق ئامىللار [1]

Uyghurlar[دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن] [1]

9 – ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مىلادىيە 840- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلە مەركىزىي ئاسىيا ئېتنىك ۋە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تەرەققىياتى يېڭى بىر دەۋرگە كىردى. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي زېمىنلىرىغا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى[2] ئۇ يەردە يېڭى دۆلەتلەرنى قۇردى. غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇ يەردە ئىلگىرى -كېيىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ( 866- 1363)، قاراخانىيلار سۇلالىسى (9- ئەسىر- 1212) ۋە گەنجۇ دۆلەتلىرىنى(866-1028) بەرپا قىلدى. پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى تەرەققىياتلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن گۈللىنىش بۇ ۋاقىتتىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە ئىدىقۇت مەملىكىتىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىدۇر. بىراق، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئەمما، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلە قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا ھەل قىلغۇچى كۈچلەرگە ئايلاندى. گەرچە، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر- تۈركىي خاندانلىقى ئىككى خىل دىنىي مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەلەردە ئورتاقلىق مۇھىم يۆنىلىش بولدى. پەلسەپىۋى ئىدىيىلەردىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلارنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن شەرھىيلەيمىز:

مىللىي ئىدىيە
ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلامنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق ۋە ئۈممەت چۈشەنچىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ پەرىزلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى ئەسلى كوپ ئەسىرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللەت – بودۇن چۈشەنچىلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۆزلىرىنى ئەرەبلەر ۋە پارسلاردىن ئېتنىك ئالاھىدىلىكلەردىن ئايرىپ قارىغان ئىدى.
تۈركىي خەلقلەردىكى «بودۇن» چۈشەنچىسى، يەنى «بودۇن» بىلەن خەلق ۋە دۆلەت بىرلەشتۈرۈلگەن چۈشەنچە كۆك تۈركلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدىلا مۇكەممەللىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. بۇ خىل ئىدىيە ئەمەلىيەتتە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدە تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. «تۇنيۇقۇق»، «كۈل تېكىن»، ۋە «مۇيۇنچۇر» ئابىدىلىرىدە شۇنىڭدەك مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرىدە مەزكۇر مىللىي ئىدىيە، يەنى ئەشۇ 8- ئەسىردە يوللۇغ تېگىن خاتىرىگە ئالغان ۋە تەكىتلىگەن ھەر قايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى يەنە روشەن ھەم تەكرار شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان ئىدى. 8- ئەسىردىكى مەزكۇر بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى بىر سىياسىي ۋە ئېتنىك گەۋدە ئاستىغا توپلاش غايىسى قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېنىق قىلىپ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە سىياسىي كىملىكىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەن ، بۇنىڭغا كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن ئىدى[3] .مەھمۇد كاشغەرىي تەكىتلىگەن «تۈركلەر» ئۇقۇم دائىرىسى جەھەتتىن بىر تەرەپتىن قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان ۋە تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى كۆزدە تۇتاتتى.
مىلادىيە 840- يىلىدىن كېيىن، قاراخانىيلار دۆلىتى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ۋە گەنجۇ (كەڭسۇ)[4] ئۇيغۇر دۆلەتلىرى دەسلەپتە ئاساسلىقى بۇددىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا راۋاجلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق، قاراخانىيلار دۆلىتى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئېتىقاد جەھەتتە شەرقتىكى باشقا ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتىدىن پەرقلىق يولنى تاللىۋالدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان قاراخانىيلار بىلەن بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇدرەتلىك ئۇيغۇر- تۈركىي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دىنىي ئېتىقاد توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ئاخىرىدا ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. تارىخىي ئەمەلىيەت بۇ ئۇرۇشلارنىڭ مىللىي ئۇرۇش ۋە ياكى سىياسىي جەھەتتىن بىر- بىرىنى بويسۇندۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئۇرۇش ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر ئېتنىك تۈركۈمگە مەنسۇپ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، قاراخانىيلار بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئارىسىدىكى ئۇرۇش ھەل قىلغۇچ خاراكتېرىنى ئالماي، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز چېگرالىرىدىن ئۆتمەي، تەڭداش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. قاراخانىيلار سۇلالىسى سۇلتان سۇتۇق دەۋرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن چوڭ ۋە كونا دۆلەت سامانىيلار خاندانلىقى (875- 999) نى يوقىتىپ، ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلەش كۈرىشىگە ئاتلانغان بولۇپ، بۇ. سۇلتان سۇتۇق ئۆز ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇردى. نەتىجىدە، قاراخانىيلار قوشۇنلىرى مىلادىيە 990- 992- يىللىرى ئارىسىدا ئىسفىجاب، پەرغانە، سەمەرقەند ۋە بۇخارانى ئىشغال قىلدى. ھەسەن بۇغراخان مىلادى992- يىلى ۋاپات بولغاندا سامانىيلار قايتىدىن بۇخارانى تارتىۋېلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىلادىيە 999- يىلى، ناسىر ئىبىن ئارسلان خان ئانچە كۈچلۈك بولمىغان قارشىلىقلارنى يوقىتىپ، بۇخارانى قايتا ئىشغال قىلىپ، سامانىيلار خاندانلىقىنى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتتى.[5] بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ھەربىي كۈچ ۋە نوپۇس جەھەتتىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. مىلادىيە 1006- يىلى، يۈسۈپ قادىرخان خوتەننى ئىشغال قىلدى. مۇھىم نۇقتا شۇكى، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت سامانىيلار خاندانلىقىنى يوقىتىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن يانمىغان قاراخانىيلار نېمە ئۈچۈن خۇددى خوتەننى بويسۇندۇرۇپ، ئىسلاملاشتۇرغاندەك ۋە سامانىيلارنى يوقاتقاندەك كۇچارنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ، پۈتۈن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى ئىسلاملاشتۇرۇش يولىنى تۇتمىدى؟ ئۆزىنىڭ شەرقىي چېگرالىرىدا ئۆزىگە قارىغاندا ئاجىز بىر بۇددىزم ئېتىقادىدىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويدى؟ ھۆكۈم قىلىشقا ھەقلىقمىزكى، بۇنىڭدىكى بىر قاتار سەۋەبلەر قاتارىدا قاراخانىيلار بىلەن سامانىيلار گەرچە بىر دىندىكى دۆلەتلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈچلۈكلۈك ۋە ھۆكۈمرانلىق تالىشىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ۋە مىللىي خاراكتېردىكى ئۇرۇش ئىدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولغىنىغا ئىككى ئەسىردىن ئاشقان سامانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار قاتلىمى تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بولۇپ[6]، سامانىيلار خان جەمەتى كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۆزلىرىنى ساسانىيلار خانلىرىغا باغلايتتى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇخارا، سەمەرقەند، پەرغانە قاتارلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىنى ئىگىلىگەن سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن يايلاق رايونلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشقان بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قاتلامنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىران تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدا بولۇشى ھەم ئىران تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي- سىياسىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇلار بىلەن تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا مەلۇم زىددىيەت ئامىللىرىنى ياراتقان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا يەنە ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىدىكى پەرقلەرمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل زىددىيەتلەرنىڭ نېگىزلىرىدىن بىرى كۆك تۈركلەر بىلەن ساسانىيلار( 224- 651) ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار دەۋرىگە تۇتىشاتتى.
ئىشەنچلىك ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر قاراخانىيلار سۇلالىسى كۇچارنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، ئىسلاملاشتۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلانغان بولسا، بەلكى بۇ مەقسىتىگە يېتەتتى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇشلار پارتلىشى، ئۆزلىرىنىڭ قان- قېرىنداشلىرى، يەنى ئۆز قوۋملىرى بىلە ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ۋەھالەنكى ، قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلاملاشتۇرۇشنى شەرقتە پەقەت كۇچارغىچە بولغان جايلاردىلا توختىتىپ، قوچۇ دۆلىتى، يەنى تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئۆزى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت تەڭداش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول ئاچتى. بۇ، قۇدرەتلىك ئوتتۇرا شەرق جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا ۋە ئىسلامنى كېڭەيتىش غايىلىرىگە زىت ئەھۋال ھېسابلىناتتى. قاراخانىيلار سۇلتانلىرى نېمە سەۋەبتىن خوتەن رايونىنى بويسۇندۇرۇشتىن قەتئىي توختاپ قالماي، بۇ جاينى تولۇق بويسۇندۇرۇش ۋە ئىسلاملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە نىيىتىدىن يانمىدى. ئەمما تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىغا بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە سىياسەت يۈرگۈزدى؟
بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەبلەرنى ھەر خىل تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىم نۇقتا قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خان جەمەتى ۋە خانلىقنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى ۋە ئاساسىي ئاھالىسى بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ خان جەمەتى ۋە ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قەبىلە- ئۇرۇق جەھەتتىكى تۇغقانلىق ھەم يېقىنلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دىنىي پەرقتىن كۈچلۈك كەلگەنلىكىدۇر. قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى قەبىلە بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى تەسىس قىلغان قەبىلە ئەسلى 840- يىلى ئورخۇن ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر قالغانلىقى خان جەمەتىنى تەشكىل قىلغۇچى قەبىلىلەر بولۇپ، 840- يىلى، قالغانلىقى قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولۇپ، ھەر قايسى قەبىلىلەر غەرب ۋە جەنۇب ۋە باشقا تەرەپلەرگە تارقالغاندا، ئاساسىي قەبىلىلەر تۇرپان، كۇچار، قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ ماكانلاشقان ئىدى.[7] مانا بۇ گۇرۇپپىلار ۋە بۇ يەرلەردە ئەسلىدىن مەۋجۇت ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاساسىدا ئىلگىرى-كېيىن ئىككى ھاكىمىيەت مەيدانغا چىققان ئىدى. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قەشقەر ئەتراپى، جۈملىدىن قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرى ئىسلاملىشىشتىن ئىلگىرى ئۇلار بىلەن تۇرپان ئىدىقۇت خان جەمەتى ئارىسىدا، قاراخانىيلار پۇقرالىرى بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى پۇقرالىرى ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتلەر ساقلانغان ئىدى. بولۇپمۇ، كۇچار، قاراشەھەر رايونى بىلەن تۇرپان ۋادىسى ئارىسىدا ئەزەلدىن ئەڭ زىچ ئالاقىلەر بولۇپ تۇرغان ئىدى. مۇنداق ئەسلىدىن ئېتنىك، دىنىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇرلار جەھەتتىن ئورتاقلىققا ۋە ياكى زور دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە ئاھالىلەرنىڭ دىن ئۆزگەرتىشى بىلەن تەڭلا ئۆزئارا بىر- بىرىنى قىرغىن قىلىپ، بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، قاراخانىيلار خوتەن رايونىغا قاراتقان دىنىي ۋە سىياسىي ئۇرۇش يەنە ئېتنىك خاراكتېرگىمۇ ئىگە بولۇپ، خوتەن دۆلىتى ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىلا تېخى تولۇق تۈركىي- ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە مەنسۇپ ئەمەس ئىدى. خۇددى مەھمۇد كاشغەرىي ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ ئايرىم ئۆزلىرىگە خاس تىلىمۇ بارلىقىغا قارىغاندا، 10- ئەسىردە خوتەن رايونىدا ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلەردىن باشقا يەنە بۇددىزم ئېتىقادى كۈچلۈك ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئاھالىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، خوتەنلىكلەرنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىگە قەتئىي بويسۇنماي ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلماي كۈرەشنى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشتۇرۇشىدا مانا بۇ خىل ئاز ساندىكى ئېتنىك پەرق ئېلېمېنتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، خوتەن خان جەمەتىنى تەشكىل قىلغۇچى قەبىلىمۇ ئۇرۇغ جەھەتتىن قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى خان جەمەتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن پەرقلىق ئۇرۇق- قەبىلىگە مەنسۇپ بولسا كېرەك. چۈنكى، قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋە ھاكىمىيەتلەر تارىخىدا مۇنداق ئوخشىمىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ۋە ئوخشاش قەبىلىلەر بىرلىشىپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. خوتەن دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ قايسى ئۇيغۇر ياكى تۈركىي قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ئامىل خوتەننىڭ 1000 يىلغا يېقىن بۇددىزم مەركىزى بولۇشى ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەردە بۇددىزم ئېتىقادىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلاد مۇستەھكەم داۋاملاشقانلىقى بولسا كېرەك. قاراخانىيلار بىلەن خوتەننىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىدە دىنىي قارشىلىق ئىدىيەلىرى ئېتنىك ۋە قەبىلىۋى ئورتاقلىقنى بېسىپ چۈشكەن بولۇپ، لېكىن كېيىن خوتەن بەرىبىر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قاراخانىيلار بىلەن ئورتاق ئېتىقاد، ئورتاق ئېتنىك كىملىك ۋە دۆلەت كىملىككە ئىگە بولدى. ئەگەر، ئىلگىرىدىنلا خوتەن ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر- تۈركىي ئېتنىك تەركىبىگە مەنسۇپ بولمىغان بولسا ۋە ياكى ئۇيغۇر- تۈركىي ئېتنىك ئامىلى بۇ رايوندا بەك ئاز بولغان بولسا، مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ مۇنداق پۈتۈنلەي تۈركلىشىشى ياكى ئۇيغۇرلىشىشى ئىشقا ئاشمىغان بولار ئىدى. مۇنداق ئايرىم ھاكىمىيەت ۋە چوڭ زېمىنگە ئىگە شۇنىڭدەك باشقىلاردىن ئايرىلىپ، ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بىر مىللەتنىڭ بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىردىنلا باشقا مىللەتكە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، ئېتنىك جەھەتتىن ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خوتەنلىكلەر 11- ئەسىردە قاراخانىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، بىراقلا ئۇيغۇرلاشتى ياكى تۈركلەشتى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا مىللەت ئىدى، دېگەندەك كۆز قاراشلار ئىلمىيلىكتىن يىراقلا ئەمەس، بەلكى ئەقلىي تەپەككۇر ۋە ئەمەلىيەتكىمۇ سىغمايدۇ. ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، قاراخانىيلار بىلەن خوتەن ئارىسىدىكى ئۇرۇش پەقەت دىنىي ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، ئەسلا مىللىي ئۇرۇش ئەمەس. مەزكۇر ئۇرۇش نەتىجىسىدە خوتەنلىكلەر پەقەت مۇسۇلمان بولدى خالاس !
بەلكى، خوتەن بىلەن بولغان ئۇرۇش قاراخانىيلار خانلىرىغا ئۆز قوۋمىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇنداق قاتتىق ئۇرۇش قىلىش يولى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بىلەن ئۆزگەرتىش يولىنى تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئاتا قىلغان بولسا كېرەك. يۈسۈف قادىرخان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قوزغىغانلىقىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلار مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانى» دىكى بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا ئائىت شېئىرلار بەلكى قاراخانىيلار بىلەن خوتەن ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.[8] بىراق، قوشاقلاردىكى ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ قىلىنغان ھۇجۇمغا ئائىت ئۇچۇر مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى، كونكرېت قايسى يەرلەر ئىكەنلىكى نامەلۇم. ئەمما، بۇنىڭدىن تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىنىڭ چېگرالىرىنىڭ ئىلى ۋادىسىغا يېقىن جايلارغا تۇتاشقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىگە ئالغا ئۇيغۇرلار زېمىنلىرىغا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدىكى قوشاقنىڭ مەيدانغا كەلگەن يىلىنى ئېنىقلاش تەس. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر قوشاقلار، مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلۇشىدىن ئانچە ئۇزۇن ئەمەس يىللارغا توغرا كەلمەيدۇ. ئېھتىمال 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11- ئەسىرنىڭ بېشىدا مەيدانغا چىققان بولۇشى مۇمكىن. قوشاقتا كۆرسىتىلگەن ئۇرۇش ئېھتىمال ئومۇمىي جەھەتتىن قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەرگە قارشى ئۇرۇشتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئومۇمەن، خوتەن خانلىقى ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى تەۋەسىدىكى جايلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. قوشاقتىكى ئىلى دەرياسى ئۆتۈپ مىڭلاق يېرىگە قىلىنغان ھۇجۇم كۇچار، قاراشەھەر ۋە ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىلى بىلەن تۇتىشىدىغان جايلار بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇرۇش تۇرپان ئويمانلىقى ياكى بەشبالىق ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولسا چوقۇم مەھمۇد كاشغەرىي بۇنى ئىزاھلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەش شەھىرى بارلىقى ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى- يېزىقى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان[9]، بىراق ئۇ قاراخانىيلار بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى ئارىسىدىكى ئۇرۇش بولغانلىقى ھەققىدە مىسال قىلغان قوشاقلاردىن باشقا ئۆزى ھېچنېمە دېمىگەن. بۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى خانلىق ئارىسىدا ئۇرۇش بولغانلىقى راست، ئەمما ئۇرۇش ئۇنچە كەڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولغان ئەمەس ۋە قاراخانىيلار قوشۇنلىرى قوچۇ، بەشبالىق قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرگە، يەنى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى زېمىنلىرىغا ئىچكىرىلەپ ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئەگەر ئۇنداق كەڭ ۋە قاتتىق ئۇرۇشلار بولسا مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ تاڭغۇتلارنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە قىرغىنچىلىقىنى ئېچىنىش ھېسسىياتى بىلە تىلغا ئالىدۇ.[10] ئومۇمەن مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلارنىڭ بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ئائىت خەلق قوشىقىنى ئەسىرىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق ئۇرۇشلار ھەققىدە مەخسۇس توختالمايدۇ.
قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسى بىلەن شەرقىي ئاسىيا بۇددىزم دۇنياسى ئارىسىدا چېگرا پاسىلىنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئىككى دىن – ئىسلام ۋە بۇددىزم تەڭداش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى داۋاملاشقانلىقتىن ئۇلاردا ئۇيغۇر بۇددا ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەتلىرى پەيدا بولدى شۇنىڭدەك تەڭداش راۋاجلاندى. بىر خەلق كۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بۈگۈر ئەتراپىنى چېگرا قىلىپ[11]، ئىككى خىل ئېتىقادقا ئايرىلدى. ئەلۋەتتە بۇددىزمنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركىزى كۇچار مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدە ئاللىقاچان قاراخانىيلار تەركىبىدە بولغان[12] ھەم بۇ يەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ئىدى. كۇچارنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى ئىگىلىگەن قاراخانىيلار ئارىسىدا قەدەممۇ- قەدەم ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، دۇنيا قاراش ۋە پەلسەپىۋى قاراش جەھەتلەردىن ئىسلام ۋە بۇددىزم رامكىسى ئاستىدىكى پەرقلەر ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىكى مىللىي ئورتاقلىق، ئورتاق تۈركىي قوۋم ئىدىيەسى ئۇلار ئارىسىدىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى ياراتقان ئىدى. بۇ خىل ئىدىيە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا روشەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مەھمۇد كاشغەرىي بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۇيغۇرلىرىنى ئومۇمىي تۈرك قەبىلىلىرى تەركىبىدە ساناپ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي قەبىلىلىرىدىن ئايرىپ قاراش خاھىشىنى كۆرسەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى ئۇيغۇرلار بۇددىست بولسىمۇ، لېكىن قەشقەرنى پايتەخت قىلغان خاقانىيەلىكلەر بىلەن بىر مىللەتكە تەۋە ئىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى ھەتتا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن مىللىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن چۈشەنگەن بولۇپ، مىلادىيە 1036- يىلى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى خەۋىرى قەشقەر ۋە خوتەندىكى قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇر مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىشى تاسادىپىي ئەمەس. گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تەرەپ- تەرەپكە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، قاراخانىيلار سۇلالىسى تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە بۇ ئۇرۇشتا شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇپ، مەخسۇس خوتەندىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى. قاراخانىيلارنىڭ تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل مىلادى 1008- يىلى يۈسۈپ قادىرخان خوتەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، قەدەممۇ- قەدەم خوتەن دۆلىتىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شەرق تەرىپى تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىنى بويلاپ، تاكى گەنسۇ ۋە چىڭخەي چېگراسىغىچە يېتىپ بارغانلىقىنى جەزم قىلىش مۇمكىن. ئەمما، مىلادىيە 1036- يىلى، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن پۈتۈن خېشى كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭخەي ۋە گەنسۇ رايونلىرى تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتۈپ، تاڭغۇتلار قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خوتەننىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگە تەھدىت سالدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىلگىرىدىن شىمالىي سوڭ سۇلالىسى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە قىلىپ، كەلگەن ئۇدۇن خان جەمەتى ۋە ئاق سۆڭەكلەر گۇرۇھىدىن پايدىلىنىپ، شۇلارنى ۋاسىتە قىلىپ شىمالىي سوڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇدۇن ئەلچىلىرى مىلادىيە 1093- يىلى شىمالىي سوڭ ھۆكۈمىتىگە تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلىش ھەققىدە ياردەملىشىشكە ئائىت مەكتۇپ يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي سوڭ بۇنى رەت قىلدى. بىراق قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇدۇندىن يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، 1094- 1098- يىللىرى ئارىسىدا تاڭغۇتلارنىڭ پاراكەندە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ،«شۇڭا قوشۇن تارتىپ، گەنجۇ، شاجۇ ۋە سۇجۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا ھۇجۇم قىلماقچىمىز» دەپ بىلدۈرگەن.[13] سوڭ پادىشاھى بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەلچىلەرنى ياخشى كۈتۈش بىلەن جاۋاب بەرگەن. روشەنكى، شىمالى سوڭ سۇلالىسى تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇشتا قاراخانىيلارغا ماسلىشىشنى رەت قىلغان. ھەتتا، 1081- يىلى ئۇدۇن خانى قەبىلە ئاقساقالى ئاشىنانى شىمالى سوڭغا مەكتۇپ بىلەن ئەۋەتتى. ئەلچى پادىشاھغا ئۆزلىرىنىڭ يول بويى سېرىق ئۇيغۇر ۋە چىڭتاڭ ئەللىرىنىڭ يەرلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، پەقەت قىتانلارنىڭلا بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىدىن قورققانلىقىنى بىلدۈرگەن[14].
بۇ پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان پۈتۈن تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىي گىرۋەكلىرىدە تاكى كۇچار- بۈگۈرگىچە بولغان رايونلاردا ئىسلامىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسى شىمالىي سوڭ سۇلالىسىدىن بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقىنى يوقىتىشتا ياردەملىشىش ۋە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلماستىن بەلكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئەتراپىنى بازا قىلغان تاڭغۇتلار دۆلىتىگە جازا يۈرۈشتە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ روشەنكى، بۇ بىزگە قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ گەرچە بۇددىزم ئېتىقادىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىر مىللەت، بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئىچىدە ئۇرۇش قىلىش زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى يوقىتىپ، گەنسۇ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىدە بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى بىر تىل ۋە بىر مىللەت رامكىسى ئاستىدا چۈشىنىش روھى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي قارىشى بولماستىن، بەلكى بۇ ئىدىيە قاراخانىيلار ھاكىمىيەت قاتلىمىغا، ئالىم- مۇتەپەككۈرلەرگە ۋە باشقىلارغا ئورتاق ئىدى. بۇ خىل ئورتاقلىق ئىدىيەۋى پىكىرلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىدىمۇ باشتىن ئاخىرى يادرولۇق ئورۇن تۇتتى.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك ئەھلى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە بولغان سادىقلىقىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەڭرى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىكى ئىسلامىيەت ئېتىقادىنى بىر- بىرى بىلەن زىددىيەتلەشتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىسلام بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرى ئېتىقادلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.[15] ئۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىنى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى دۇنيا قاراشلىرى، تەبىئەت قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاراشلىرى تەركىبىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. شۇڭا ئۇ قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرى، تەڭرىزم ھەتتا بۇددىزم چۈشەنچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شېئىر- قوشاقلىرى، ماقالە – تەمسىللىرى، ئېتنوگرافىيەلىك ئۇچۇرلىرى ۋە باشقىلارنى تۈركىي – ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى سۈپىتىدە خاتىرىلىگەن. مەسىلەن; ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم ئەقىدىسى بىلەن مۇرۇۋۋەتلىك بولغان سۆزلەردىن «تويىن» سۆزى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ؛ «تويىننىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ دىنىي باشلىقى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىكى ئىمام ياكى مۇپتى بىلە ئوخشاشلىقى. تويىننىڭ ھەر قېتىم بۇددانىڭ ھەيكىلى ئالدىدا نوم ئوقۇيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلە بىرگە يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن مىسال سۈپىتىدە «تويىن باشى ئاغرىسا، قامۇغ تويىن باشى ئاغرىماس»[16] دېگەن ماقال- تەمسىلنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ، ھەرگىزمۇ مەزكۇر ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئىلگىرى ياراتقان مەدەنىيەت ۋە شانلىق سىياسىي ئۆتمۈشىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتمىغان ئىدى. شۇڭا ئالىپ ئەر تۇڭا ۋە ئاپراسىياپ دەۋرلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن بولغان كۈرەشلىرىگە تۈركىي- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى نۇقتىسىدىن قارىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئالىپ ئەر تۇڭا ۋە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين دەۋرىدە ئىسلامىيەت ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
خۇلاسىلىگىنىمىزدە مەيلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار، مەيلى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بولسۇن ئۇلاردا ئوخشاش مەۋجۇت بولغان ئورتاق مىللىي ئىدىيە ئۇلار ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىنى تاللىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولدى.

مەدەنىيەت گۈللىنىش ئىدىيەسى
ئەھمىيەتلىك نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەزكۇر ئىككى گەۋدىسى ياشىغان ئىسلامى قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن بۇددىزم مەملىكىتى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا ئۇيغۇر- تۈركىي مەدەنىيىتى ئوخشاش رەۋىشتە خۇددى بەيگىگە چۈشكەندەك تەڭ تەرەققىي قىلدى. ھېچ قايسىسى بىر- بىرىنىڭ ئارقىسىدا قالمىدى.
قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 11- ئەسىر بولغان بولسا، ئوخشاشلا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىمۇ شۇ دەۋر ئەڭ يۈكسەك دەۋر بولغان ئىدى. قەشقەردە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى دۇنياغا كەلتۈرگەن بولسا، تۇرپان تەۋەسىدە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋە باشقا پەيلاسوپلار، شائىرلار ئىجاد قىلدى ھەمدە ئەڭ بۇددىزم ئەسەرلىرىنى ھەر خىل تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇلاردىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئالدىنقىسى ئىسلام دىنىنى يادرو قىلغان ئىسلامى پەلسەپە، كېيىنكى بۇددىزمنى ئاساس قىلغان بۇددىزملىق پەلسەپىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى كىشىلىك جەمئىيەت ، تەبىئەت، سىياسىي- ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئېستېتىك تەپەككۈرلاردا يەنىلا ئورتاقلىقلار بار ئىدى. ئۇلاردىكى دۆلەتچىلىك كۆز قارىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆز قارىشى، مىللەت- قوۋم قارىشى ۋە مىللىي تىل قارىشى بىردەك ئىدى. ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىنىڭ «تۈرك تىلى» ئىكەنلىكى، «تۈركلەرنىڭ بۈيۈك» خەلق ئىكەنلىكى، دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ بىر خەلق ۋە قوۋمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى شۇنىڭدەك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئادىل ۋە خەلقپەرۋەر بولۇشىغا ئائىت تەپەككۇرلار بىردەك ئىدى. ھەر ئىككىلا خاندانلىقنىڭ قاغانلىرى ئوخشاشلا مەرىپەتپەرۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دەۋرنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك ۋە ئەقىللىك كىشىلىرى، يەنى يۈسۈپ خان ھاجىپ ۋە مەھمۇت كاشغەرىي، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭدەك پەيلاسوپ، تىلشۇناس ۋە ئالىملارنى ئۆز يېنىدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىشى، تەرجىمە قىلىشى ياكى تەرجىمە ئىشلىرىنى تەشكىللىشى شۇنىڭدەك مەدرىسىلەر- مەكتەپلەرنى ئېچىپ يۈزلىگەن تالىپلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى.
خۇلاسىلىغىنىمىزدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قاراخانىيلار سۇلالىسى (840- 1212) ۋە تۇرپان ئىدىقۇت مەملىكىتى (866–1363) دەۋرىدە ئەڭ زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىگە بولدى.
بۇ مەزگىلدە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ بۇددىزم دائىرىسىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان باي ئەدەبىي يازما يادىكارلىقلىرى بارلىققا كەلدى. ئىدىقۇت دۆلىتى دەۋرىدە يازما ئەسەرلەردىن بولۇپمۇ شېئىرلار، پىروزا،دىراما تارالغان ئىدى، تەرجىمە ئىشىمۇ تەرەققىي ئەتتى. ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەنە شۇ ئەسەرلەرنىڭ پەلسەپىسى تەسىر قىلدى. خۇسۇسەن، شېئىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي- سىياسىي، ئېتىكىلىق ۋە ئېستېتىكىلىق ئىدىيەلىرىنى ھەم قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مېدىتسىنا ئەسەرلىرى يېزىلدى ۋە تەرجىمە قىلىندى، كالېندارچىلىق ئەنئەنىسى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇلدى[17].

دۆلەتچىلىك ۋە تىل ئىدىيەلىرى
دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەرنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئېتنو- مەدەنىيەت تارىخى شۇنداق بىر يۈزلىنىشكە دۇچ كەلدىكى، شەرقتە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلام مەدەنىيىتى يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلاندى. ئەرەب ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ شان- شەۋكىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئەرەب تىلى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، ئەرەب تىلى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىدى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھەر مىللەت ئالىملىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىشقا، بىلىملىرىنى ئەرەب تىلىدا ئىپادىلەپ، ئەرەب تىلى تۈركىي تىلىغا قارىغاندا غالىب بىر ئورۇندا تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. مۇنداق شارائىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ۋە زېمىن دائىرىسى كەڭ قۇدرەتلىك تۈركىي مۇسۇلمانلىرى دۆلىتى – قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ غالىبلىق ئورنىنى تىكلەش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار خانى تۈرك -ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يۈسۈپكە ئوردا مەسلىھەتچىسىلىك، يەنى «خاس ھاجىپ» لىق ئۇنۋانىنى بېرىپ، ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تەك بۈيۈك داستاننى ئۇيغۇر- تۈركىي تىلىدا، بەلكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىش ئىمكانىيىتى ياراتتى. مۇنداق بىر مۇكەممەل ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر -تۈركىي تىلىدا يېزىلىشى ئالدى بىلەن قاراخانىيلارنىڭ دۆلەتچىلىك، سىياسىي ۋە مىللىي چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەرەبچە ۋە پارسچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىدا قاراخانىيلار دۆلىتى ۋە ئۇيغۇر- تۈركىي تىلىنىڭ قۇدرىتىنى نامايىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان بۈيۈك تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى تاماملاپ، ئابباسىيلار خەلىپىسىگە تەقدىم قىلدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەخسۇس تۈركىي تىللار ھەققىدە مۇنداق زور ھەجىملىك ئېنسكلوپېدىك ئەسەرنى تاماملاپ، ئۇنى بىۋاسىتە ئابباسىيلار خەلىپىسىگە تەقدىم قىلىشىمۇ ئوخشاشلا تۈركىي- ئۇيغۇر تىلى ۋە كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت ھەم ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى. مانا بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلىگەن تۈركىي دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت قارىشى، تۈركىي قوۋم- قەبىلە قاراشلىرى ۋە باشقا تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىدىكى بۇ خىل ئىدىيەلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك مىللەتپەرۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.[18] ئۇ، بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق مىللىي كىملىكى، ئورتاق سىياسىي كىملىكى، ئورتاق ئەدەبىي تىلى ۋە ئورتاق مىللىي مەدەنىيەت ئىدىيەلىرىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق تىكلىگەن مۇقەددەس ۋە كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر تۈركىي دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى چۈشەنچىلىرى ھەم ئۇيغۇر- تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان، ھەر قانداق ژانىرلاردىكى بۈيۈك ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇكەممەل يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە باي ۋە گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش روھىنىڭ پەقەت ئۇلارغىلا خاس بولماستىن بەلكى بۇ پۈتۈن قاراخانىيلار سۇلالىسى ھاكىمىيەت قاتلىمى ۋە جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىي يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتچىلىك پىكىرلىرى، ئىجتىمائىي جەمئىيەت قاراشلىرى پەقەت بىرلا دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۇيغۇر –تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دۆلەت، ھاكىمىيەتچىلىك قاراشلىرى، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى توپلاپ ھەم ئۇنى ئانالىز قىلىشقا شۇنىڭدەك بۇ ئىدىيەلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى دۆلەتچىلىك سىستېمىسى، يەنى دۆلەت تەشكىلاتى، ئىدارە- باشقۇرۇش تۈزۈملىرى، يەنىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى، كۆك تۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئىسلامىي پىرىنسىپلارغا ماسلاشتۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇش بولدى. دېمەك، قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلامنى مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە ئايلىنىش بىلەن تەڭلا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان ۋە مىراسخورلۇق قىلىپ كەلگەن كۆپ ئەسىرلىك دۆلەت- ھاكىمىيەت ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلىۋەتمىگەن ئىدى.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ دۆلەتچىلىك تۈزۈملىرى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى تۈرك قالغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ ئوردا تەشكىلاتى، ھەربىي- سىياسىي قۇرۇلمىلىرىدا ئىلگىرىكى ئورخۇن قاغانلىقىدىكى سىستېما بەكرەك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ھەتتا كۆپلىگەن ھەربىي- مەمۇرىي ئاتالغۇلار يەنىلا ئۆز پېتىچە قوللىنىلغان ئىدى.
ھەتتا تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى، ئەسلى ئۇيغۇر -تۈركىي ئەنئەنىسى بويىچە ئۆز دۆلەت تەشكىلاتىنى «ئەل» سۆزى بىلەن ئاتاپ، دۆلەتنى «ئۇيغۇر ئېلى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۇيغۇرلىرى بۇددىزم ئېتىقادىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتچىلىك ئىدارە تۈزۈملىرىدە مەزكۇر ئېتىقادنىڭ پىرىنسىپ ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ئۆز تەسىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرسەتكەن ئىدى.
لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا قاراخانىيلار ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ۋە دۆلەتچىلىك تەشكىلىي تۈزۈملىرى كېلىپ چىقىش مەنبەسى، ئەنئەنە، باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، ھەتتا ھاكىمىيەت ئاتالغۇلىرى جەھەتتىن ئاساسەن دېگۈدەك ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. ھەر ئىككىلا خانىدانلىق قاغانلىرى جەمەتىدە تۈركىي- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرلىرىگە مەنسۇپ بولغان «ئارسلانخان»، «بۇغراخان»، «خان»[19]، «تېكىن»، «تارخان» ۋە باشقا خېلى كۆپ ئاتالغۇلار ئورتاق ئىشلىتىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئورتاقلىقلار قەدىمدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
تىل بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ۋە ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر- تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىمۇ خۇددى قاراخانىيلار دۆلىتىگە ئوخشاش ئۆز تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۆز يېزىقىنى ۋە تىلىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى ياراتتى. شۇ سەۋەبتىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا مەتبە تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ، قانچىلىغان كىتابلار ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىدا بېسىپ تارقىتىلدى.[20] تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۆز تىلى ۋە ئۆز مەدەنىيىتى ھەم دۆلىتىگە سادىق بولۇش، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى بۇ خانلىقتا بۇددىزمنىڭ مىڭلىغان نادىر كىلاسسىك ئەسەرلىرى، دىنىي دەستۇرلىرى، نوم- سۇترالىرى، پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى ھەم ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىۋاسىتە سانسكرىت، توخرى، خەنزۇ تىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئالىملىرى، پەيلاسوپلىرى، شائىرلىرى، تىبابەتچىلىرى، قانۇنچىلىرى ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئەنە شۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسىي ئاچقۇچ قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقى سەۋەبىدىن 1209- يىلى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغاندا چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇيغۇر ئۇستازلىرىنىڭ خان جەمەتى ئەۋلادلىرىنى مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.
بۇ مەزگىلدە سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ، ئاتساڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېگىن، پرىتيا ياشرى ۋە باشقىمۇ مەشھۇر تەرجىمانلار، ئالىملار ۋە شائىرلار ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇلارنىڭ بۇددا دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر ئوبرازىنى تونۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋر پەلسەپىۋى ئىدىيەسىنىڭ راۋاجلىنىش سەۋىيەسى ھەققىدە پىكىر قىلىشقا بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مول ۋە باي تەرجىمە ھەم ئىجادىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە كامالىتىنى ئۆز خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو، ھىندىستان، تىبەت ۋە باشقا شەرقىي ئاسىيا بۇددىزم مەملىكەتلىرىگە نامايان قىلغان ئىدى.
«چىستانى ئىلىگبەگ ھەققىدە ھېكايە»، «شاھزادە ۋە يولۋاس ھەققىدە»، «ئالتۇن يارۇغ»، «مايترى سىمىت»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمە ھالى»، «سەككىز يۈكمەك»، «يەتتە يۇلتۇز نومى» ئوخشاش ئەسەرلەر ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ سانسىكىرىت، توخار، خەن تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر كامالەتكە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. مەزكۇر ئەسەرلەردە چوڭقۇر بۇددا ئىجتىمائىي – پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرى ئەكس ئەتكەن ئىدى. بۇ ئەسەرلەر ئىدىقۇتلۇق بۇددا ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئايلاندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك ئاڭ- سېزىمىغا زور تەسىر قىلدى. مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى دۆلەتكە ئىجتىمائىي- سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاق، ئېستېتىكىلىق ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لازىم بولغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بىۋاسىتە مۇشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇ خەلقنى مەملىكەت تەلەپ قىلغاندەك تەربىيەلەيتتى، ئۇلارنى ھەم جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىلدى. ئىدىقۇتلۇق دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەر بۇنى روشەن ئىسپاتلايدۇ.
يۇقىرىقى نامى ئاتالغان بىر قاتار ئەسەرلەر تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىدە ئۇيغۇر- تۈركىي تىلىنىڭ نەقەدەر راۋاجلانغانلىقى ۋە تاكاممۇللاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلار بولۇپ، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى يادرو قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەنە شۇنداق يۈكسەك تەرەققىياتى ئەتراپتىكى خەلقلەرنى قايىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ تىل ۋە يېزىق كېيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل- ئۇرال، ئىران ئېگىزلىكىگىچە تارقالغان، ئۇيغۇر يېزىقى موڭغۇللارنىڭ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مانجۇلارنىڭ قوللىنىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. مانا بۇ ئەھۋاللارنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى يۈكسەك مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار بىلەن قوچۇنى مەركەز قىلغان تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى خاندانلىقتا ئۇيغۇر- تۈركىي تىلى، ئەدەبىياتىنى يادرو قىلغان مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇنداق تەڭ قەدەمدە ۋە يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىشىدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي ۋەكىللىكىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ دۆلەت ۋە تىلى قاراشلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋەكىللىكىدىكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ دۆلەت ۋە تىل قارىشىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى بىر يىلتىزدىن ئۆسكەن دەرەخنىڭ ئايرىم شاخچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى گەۋدىسى بىردۇر خالاس.

دىنىي پەلسەپىۋى ئىدىيەلەر
قاراخانىيلارنىڭ شەرقىدىكى ئىككى ئۇيغۇر خاندانلىقى، يەنى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى بىلەن خېشى كارىدورى رايونىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر مەملىكىتىنىڭ ئاھالىسىمۇ بۇددا تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلدى. خېشى كارىدورى رايونىنى بىر مەزگىل كونترول قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى دۇنخۇاڭ ۋە گەنجۇ بۇددىزمنىڭ چوڭ مەركەزلىرى ئىدى. تارىخ بىز ئۈچۈن شۇ چاغدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ بۇ رايوندىكى بۇددىزم مەدەنىيىتىدە ئوينىغان رولىنى كۆرسىتىدىغان مەنبەلەرنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
840 – يىلىدىكى ئورخۇندا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت، تارقىلىشچان كېسەللىك ئاپەتلىرى ۋە قىرغىزلارنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا يۈز بەرگەن كۆچۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن خېشى كارىدورىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ بارغانسېرى كۈچەيدى. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ گەنجۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانلىرى ئاخىرلىشىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئەمەلگە ئاشتى ھەمدە بۇ يەرلەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۇيغۇرلار تەركىبىگە سىڭىپ كەتتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشتى.[21] ۋەھالەنكى ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۇزۇن يىللار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى ھېسابلىنىدىغان بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تاڭغۇتلار بىلە خېشى كارىدورىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى قىلىشقا توغرا كەلدى، ئاقىۋەتتە مەزكۇر ئۇيغۇر دۆلىتى مىلادىيە 1036- يىلى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىلىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تاڭغۇت خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى[22].
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قۇرغان ھاكىمىيەتلىرى ئىچىدە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك بولغان بولۇپ، گەرچە بۇ ھاكىمىيەت بۇددىزم ئېتىقادىدا بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزلىرى بىلەن بىر دىنىي ئېتىقادقا تەۋە تىبەت سىستېمىسىدىكى تاڭغۇت دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭغۇتلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە تارقاپ كېتىشى كېلىپ چىققان ئىدى. ئەسلى نوپۇسى 300 مىڭدىن ئارتۇق بولغان بۇ ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن كېيىن تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا[23] باش كۆتۈرەلمىدى ۋە نوپۇس جەھەتتىنمۇ كۆپىيەلمەي، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تىبەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىنداشلىرى بولغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر- تۈركىيلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەي ئاخىرى تۆت ئەسىرلىك جەرياندىن كېيىن ئۆزلىرىمۇ تىنچلىق بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىش يولىنى تاللىۋالدى.
شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش كېرەككى، 10- ئەسىرىنىڭ ئاخىرى، 11- ئەسىرنىڭ بېشىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيەسىدىكى قەشقەر، خوتەن، كۇچار قاتارلىق رايونلار تولۇق مۇسۇلمانلىشىپ بولدى. ئەمما مەزكۇر رايوندا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 9 ئەسىر ۋاقىت مابەينىدە ئومۇملاشقان بۇددا دىنى شۇنىڭدەك ئاتەشپەرەسلىك ۋە شامانىزم تەسىرلىرى خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا چوڭقۇر سىڭگەن ئىدى. شۇڭا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا بۇددىزمنىڭ پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي پىكىرلىرى، ئاتەشپەرەسلىك ۋە شامانىزم تەسىرلىرى شۇ دەۋر ئەدەبىياتى ۋە خەلق تۇرمۇش قاتلاملىرىغا بولغان ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يەنە ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالدى.
بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە ئىدىيەلەر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى كۆپ ئەسىرلەر جەريانىدا ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپ ئەۋلادتىن ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن غەيرى ئىسلامىي خاراكتېرگە ئىگە كۆز قاراشلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرىنى 11- ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدىمۇ سېزىشكە بولىدۇ.[24] چۈنكى، بۇ ئەسەردىكى كۆپلىگەن سىياسىي، دۆلەتچىلىك قاراشلىرى ئىجتىمائىي قاراشلار، ئەخلاق قاراشلىرى ۋە باشقا تەرەپلەر ھەرگىز قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان يېڭى ئېتىقادنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ئىدى. ئېنىقكى، قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى تۈركىي –ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئەسىرلىك دۆلەتچىلىك –سىياسىي ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆز تارىخىدا ھۇن ئىمپېرىيەسى، كۆك تۈركلەر ئىمپېرىيەسى، ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ۋە تۈركەشلەر قاغانلىقى، قارلۇقلار قاغانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەر دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە كۆپ ئەسىرلىك ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ئۆزلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تېخى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغىنىغا تەخمىنەن ئازغىنە كەم بىر ئەسىر بولغان مىلادىيە 11- ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىدە ئەسلىدىن مىڭ يىللار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۇرمۇش ئۆرپ –ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىنى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بىر يولىلا پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى[25].
پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ، شامانىزم، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىزم دەۋرىدىكى بىر قاتار ئايەم- ئىرىم، تەبىر- جوراش، ئۆرپ- ئادەت، مۇراسىم –ئايەم قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇردى، ئۇلار ئۇ قەدىمكى قائىدە – ئادەتلەرنى ئىسلام دىنىنىڭ تۈسىگە كىرگۈزۈۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايسىسىنىڭ ئىسلامچە، ۋە قايسىسىنىڭ غەيرى ئىسلامچە ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى.[26] ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئىجتىمائىي – پەلسەپىۋى قاراشلارمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيتتى. دېمەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىشەنگەن ئىپتىدائىي ئېتىقادلار، شامانىزم، زورواستىرىزم، بۇددىزم قالدۇقلىرى ئۆز تەسىرلەرنى ئۇزۇنغىچە ھەر خىل شەكىلدە خەلق ئىجتىمائىي – پەلسەپىۋى ھە تەبىئەت تەپەككۈرلىرى قاتلىمىدا ساقلاپ، ئۇنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ئومۇمەن، شۇ نۇقتا ئېتىراپ قىلىنغانكى، دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىمۇ دىن، ھەقىقەتنىڭ ئەكس ئېتىلىش شەكلى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ئىدى. ئۆزىگە راتسىيونالىزم ۋە ئىرراتسىيونالىزمغا ئوخشاش تۈرلۈك كۆز قاراشلار سىستېمىلىرىنى تولۇق بىرلەشتۈرگەن دىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدىكى ئۇنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئاكتىپ ئېنىقلىغۇچىلىق رول ئوينىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىغا خاس، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن دىنىي ئاڭ – سېزىم مەسىلىلىرىنى ئانالىز قىلىش زۆرۈردۇر.
ئەلۋەتتە، دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە، 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئاساسلىقى ئىككى خىل دىنىي ئېتىقادنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ كۇچارغىچە بولغان غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبى ۋادىلىرىدا ئىسلام دىنى ئۇيغۇر- تۈركىي خەلقلەر ھاياتىغا كۈچلۈك دەرىجىدە سىڭىشىپ، ئىسلامىي ئۇيغۇر- تۈرك مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىۋى قاراشلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئەمما، كۇچارنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدا بولسا بۇددىزم ئومۇمىي دۇنيا قاراش سىستېمىسى سۈپىتىدە بۇ رايون ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە بېيىشىغا مۇمكىنچىلىك ياراتتى. بۇلار، كۆپلىگەن مىللىي ۋە جەمئىيەتكە زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي- ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۆلچەملەر كىشىلىك ھاياتتىن ئورۇن ئالغان ھالدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەخلاق- ئېتىكىلىق ۋە باشقىمۇ قائىدىلىرىنى بەلگىلىدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئومۇمىي ئىنسانىي ئەخلاق نورمىلىرى (ئۆلچەملىرى) ھېسابلىنىپ، ئۇلار ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئەسىرلەر مابەينىدە ساقلىنىپ كېلىندى ۋە ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ كۈندىلىك قائىدىلىرىگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇددىزم پەقەت بىۋاسىتە دىنلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئامىلى بولۇپ ھېسابلانىدى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرىگە بولغان ئىجابىي تەسىرىنىڭ سەۋەبلىرى دەل مانا شۇنىڭدىدۇر. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ مۇتەپەككۇرلەر كومراجىۋا، خۇيلىن، سۇلى سۇما، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ، كىكى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىنى دىنىي- ئەخلاق مەسىلىسى تەشكىل قىلدى. سەۋەبى ئۇلار دىننىڭ، جۈملىدىن ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان ھەم تۇرپان ۋە باشقا جايلاردا ئۇزۇن ئەسىرلەر ھۆكۈم سۈرگەن بۇددىزمنىڭ قانداق چوڭ ئەخلاق- تەربىيەۋى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.
قاراخانىيلار ئىسلام مۇھىتىدىكى مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلارمۇ ئىسلامى دىنىي ئەخلاقى تەربىيەنىڭ مىللەت ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ كۈچىيىشى ھەم جەمئىيەتنىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىدىن ، ئۆز ئەسەرلىرىدە مەزكۇر ئىدىيەنى ئاساسىي نۇقتا سۈپىتىدە تەكىتلىگەن.
ئادەمنىڭ مەنىۋى- ئەخلاق جەھەتتىن مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇ كۈچ دىن ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالاھىدە يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مۇتەپەككۇرلىرى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەربىيىلەش ، ئۆگىتىش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقچى بولىدۇ.

يەكۈن ئورنىدا
خۇلاسىلىگەندە، ئىسلامىي ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر دۆلىتى قاراخانىيلار بىلەن بۇددىزم ئۇيغۇر دۆلىتى تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى تۈپ پەلسەپىۋى- ئىدىيەۋى ئورتاقلىق ئۇيغۇر- تۈركىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ باشقا مەدەنىيەت ۋە تىللار بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ھەتتا باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئەقلىي، سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان بولغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نەزىرىدە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى بۇددىزم ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملار غەيرى دىندىكىلەر سۈپىتىدە قارالسىمۇ، ئەمما تۈركىي مىللىي قېرىنداشلىق قارىشى يەنىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى دەپ پەرەز قىلىشقا ھەقلىقمىز.
ئىككى خىل دىنى ئېتىقادتىكى ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلىرى ئەسلى ئۆزلىرىگە ئورتاق بولغان ۋە كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، ئەخلاق ۋە كىشىلىك قاراشلىرى شۇنىڭدەك سىياسىي، ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇردى ھەم تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى. ئۇلاردىكى بۇ خىل بىر قاتار ئورتاقلىقلار ئۇلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. قاراخانىيلار سۇلالىسى ھەربىي كۈچ، زېمىن دائىرىسى، نوپۇس، ئىقتىساد جەھەتلەردىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرۇشى ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئارقا سەپ تايانچىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىماي،يەنىلا ئۆزىدىن ئاجىز تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلانمىدى. ئۇلار ئارىسىدا پەقەت دەسلەپتە كىچىك كۆلەمدە ئۇرۇشلار بولۇپ، قاراخانىيلار پەقەت كۇچار ۋە بۈگۈرگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشىم بويىچە قانلىق ئۇرۇش ۋەقەلىرى قايتا يۈز بەرمىدى. قاراخانىيلار بىلەن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئارىسىدا ئۇرۇشلار بولغانلىقى ھەققىدە مەيلى جۇڭگو، مەيلى مۇسۇلمان مەنبەلىرىدە «دىۋان» دىكى قوشاقلاردىن باشقا ھېچقانداق يېتەرلىك ئۇچۇرلار مەۋجۇت ئەمەس، بىراق خوتەن ۋە قەشقەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ئالاھىدە رىۋايەتلەر ۋە مەنبەلەرگە ئىگىدۇر. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ئۆز دۆلىتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشلىرىغا يول قويغان ئىدى. لېكىن، كېيىنكى 4 ئەسىر جەرياندا جەمئىيەت ۋە ئاڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر خۇلاسىسى سۈپىتىدە تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق شەرقىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەدەممۇ قەدەم بۇددىزم ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە دۇنيا قاراش ھەم دىنى- پەلسەپىۋى پىكىرلەر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشى ئەمەلگە ئاشتى. تارىم ۋادىسى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقى، جۇڭغارىيە ۋە قۇمۇل رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشى پۈتۈنلەي تىنچلىق ۋە ئۆز ئىختىيارى ھەم تاللىشى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ، شەرقىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازچىلىق قىسىمى پۈتۈن تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك قىسمىغا ئاخىرقى ھېسابتا دىنىي جەھەتتىن تولۇق قوشۇلۇپ، ئېتنىك، دىن، سىياسىي، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇر ھەم دۇنيا قاراش جەھەتتىن تولۇق بىر گەۋدىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ئېسىپ ئۆتكەن بۇنداق جەريان دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ دىنى ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىش تارىخىدا كەمدىن- كەم ئۇچرايدۇ.

——————————————————————————–
[1] بۇ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (1973- 2013) نىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرغان ماقالىسى بولۇپ، ئاكىسى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تەمىنلەندى.
[2] زەكى ۋەلىدى توگان، «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، ئىستانبۇل، تۈركچە نەشىرىگە قاراڭ.
[3] Махмуд ал-Кашгари Диван Лугат ат-Турк / З-А. М. Ауэзова. — Алма-Ата: Дайк-Пресс, 2005. ( رۇسچە)
ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرىگە قاراڭ.
[4] «كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى» دېگەن ئاتالغۇ ت.ئالماس ۋە باشقا بىر قىسىم تارىخچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقارا ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا يەنىلا خېشى كارىدورىدىكى «گەنجوۋ» شەھىرى نامى بويىچە مەزكۇر ئۇيغۇر دۆلىتى «گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. رۇس- سوۋېت ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ ئا.گ.مالياۋكىن ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەم كوللېكتىپ ئاپتورلارنىڭ «ئۇيغۇر قىسقىچە تارىخى» ( رۇسچە نەشىرى) دا بۇ ئاتالغۇ قوللىنىلدى.
[5] Davidovich, E. A. (1998), ”Chapter 6 The Karakhanids“, in Asimov, M.S.; Bosworth, C.E., History of Civilisations of Central Asia, 4 part I, UNESCO Publishing, pp. 119–144
[6] بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى كىتابلارغا قارالسۇن:
Бартольд В.В. История Туркестана // Бартольд В.В.Собрание сочинений ( V.V. Bartold Eserliri.2-tom.1-qisim) . Т. 2. Ч. 1. С. 121. Гафуров Б.Г. Таджики. Древнейшая, древняя и средневековая история ( B.G. Gapurof. Tajiklar: Qedimkiweotturaesirlertarixi. 2-tom.Dushenbe. Т. 2. Душанбе: Ирфон, 1989. С. 86-95.( rusche )
[7] ۋېي لياڭتاۋ .قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى ئوچېرىكى . 1986- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، خەنزوچە.
[8] Elverskog, Johan (2010). Buddhism and Islam on the Silk Road. University of Pennsylvania Press. p. 95. Valerie Hansen (2012-10-11). The Silk Road: A New History. Oxford University Press. pp. 227–228.
[9] Махмуд ал-Кашгари Диван Лугат ат-Турк / З-А. М. Ауэзова. — Алма-Ата: Дайк-Пресс, 2005. (Rusche terjimisi). 982- -bet. We yene u maqalige qaralsun; R. Каримова. «Диван Лугат ат-Тюрк» Махмуда Кашгари как источник по истории и культуре Центральной Азии.( ( R.Kerimova. Maxmut Qeshqerining “Diwanu Lughetit Türki” ning Merkiziy Asiya tarixi we medeniyiti boyiche menbelik roli toghrisida). Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир. с .23-24.
[10] «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۈرۈمچى، 1981-يىل، 1-توم. 447-448- بەتلەر.
[11] «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۈرۈمچى، 1981-يىل، 1-توم. 474- بەت.
[12] А. Камалов. Махмуд кашгари об Уйгурском Турфанском княжестве ( A.Kamalov. <>). Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир. 27-betler (rusche). R. Каримова. «Диван Лугат ат-Тюрк» Махмуда Кашгари как источник по истории и культуре Центральной Азии. Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир. С.24.
[13] سوڭ سۇلالىسى تارىخى، 490- جىلد، ئەنەتكەك، ئۇدۇن قوچۇ تەزكىرىلىرى، «بەش دەۋر ۋە سوڭ، ياۋ جىن يۈەن سۇلالىرى تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 2011- ،ئۈرۈمچى. 204-205-بەتلەر ( ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى).
[14] سوڭ سۇلالىسى تارىخى، 490- جىلد، ئەنەتكەك، ئۇدۇن قوچۇ تەزكىرىلىرى، «بەش دەۋر ۋە سوڭ، ياۋ جىن يۈەن سۇلالىرى تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 2011- ،ئۈرۈمچى. 204-205-بەتلەر( ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى).
[15] Зифа-Алуа М. Ауэзова.Эпоха раннего мусульманства в отражении тюркских источников (на примере Диван Лугат ат-ТуркМахмуда ал-Кашгари) ( Zifa alua M. Awizova. Türkiy menbelerdiki Deslepki Musulmanliq bayanliri . Maxmut Qeshqerining << türkiy tillar diwani >> asasida.«Уйгуроведение в Казахстане: традиция и новация». Под. ред. А. Камалова. Алматы, изд-во «Наш мир», 2006, С. 46-55.
[16] «تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۈرۈمچى، 1984- يىل، 3- توم، ئۇيغۇرچە نەشرى. 232- بەت.
[17] Набиджан Турсун.Краткий очерк культуры Уйгурского Турфанского идыкутства.
(نەبىجان تۇرسۇن: تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان ). http://uighur.narod.ru ( رۇسچە). چېن سۇلو: تۇرپان ئىدىقۇت خانلىقى، ( تاڭ ۋە سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلىرى توپلىمى.) 1993-يىلى، بېيجىڭ. 257-بەت . 258-بەتلەر ( ).
[18] نەبىجان تۇرسۇن: مەخمۇد قەشقەرىينىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.Материалы международной конференции«Вклад Махмуда Кашгари в мировое культурное наследие», посвященная 1000-летнему юбилею М. Кашгари». Алматы.2014. Мир. 63-bet .
[19] بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكى ئەسەرگە قارالسۇن:
Кочнев Б. Д. Нумизматическая история Караханидского каганата (991—1209 гг.) ( B.d.Kochnév. Qaraxanilar qaghanliqining pulchiliq tarixi” 991-1209” ). Москва «София», 2006. 147-148-betler.
[20] Набиджан Турсун.Краткий очерк культуры Уйгурского Турфанского идыкутства.( Nebijan tursun. Turpan uyghur idiqutluqi medeniyiti heqqide qisqiche bayan ). «Уйгуроведение в Казахстане: традиция и новация». Под. ред. А. Камалова. Алматы, изд-во «Наш мир», 2006. http://uighur.narod.ru. Mezkur mesile üchün yene töwendiki eserlerge qaralsun ; М. И. Ерзин. Уйгур Совет мэтбуатининг тарихи. Алма-Ата, 1980, С.236; Laszlo Rasonyi. Tarihte Türklük. Ankara, 1988, S. 111-113; А. Zeki Velidi Togan. Umumi Türk Tarihine Giris. Istambul, 1981, S.272 (a.b.s.d), S.99-100.
[21] А.Г. Малявкин. Уйгуры и тибетцы в Ганьсу во 2-ой половине IX века. // Центральная Азия и Тибет. ( A.G. Malyawkin. Uyghurlar we tibetler 9-esirning 2-yérimida) Новосибирск: 1972. С. 78-83.( Rusche)
[22] چېن سۇلو: «گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىرى نەسەبنامىسى ھەققىدە ئىزدىنىش».. « تاڭ ۋە سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخى ماقالىلىرى توپلىمى» ، 1993، خەلق نەشىرىياتى، 14-149-بەتلەر ().
[23] Michael Dillon (2004). Central Xinjiang: China’s Muslim far northwest. Psychology Press. p. 10.
[24] لاڭ يىن: «‹قۇتادغۇ بىلىك› تىكى بۇددىزم ئىدىيىلىرى ھەققىدە ئويلار»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى . – ئۈرۈمچى، 1986.– № 1؛ يەنە شۇ ئاپتور«‹قۇتادغۇ بىلىك› ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى»). – ئۈرۈمچى، 1992.
[25] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، 1998- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۈرۈمچى. 116- بەت.
[26] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، 1998، شۇ ئەسەر. 116-بەت.

مەنبە: باغداش تورى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش