• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » قاراخانىيلار دەۋرىگە قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستان

قاراخانىيلار دەۋرىگە قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستان

رەسىميۈسۈپجان ياسىن

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا داستان

بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۇنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى دەۋرگە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى چوڭ جەھەتتىن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى  ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋر، دەپ ئىككى باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسەرلىرى داستاندىن ئىبارەتتۇر. مەلۇمكى، داستان ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدە ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ۋە سەنئەتلىك دەرىجىسى  ئەڭ كۈچلۈك بىر تۈر. ئۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ، تەپەككۇر دۇنيا قاراش، ئېتىقاد، پەزىلەت ۋە مىللىي قەھرىمانلىقىنىڭ شېئىرىي ھېكايىسى.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى داستانلارغا ئائىت يازما ھۆججەتلەر قولىمىزدا يوق، لېكىن داستان تېمىلىرىنىڭ خۇلاسىلىرىنى ۋە بەزى پارچىلىرىنى پارسچە ۋە ئەرەبچە مەنبەلەردىن تاپالايمىز. راشىدىنىڭ «جامىئۇتتەۋارىخ»، جۇۋەينىنىڭ «تارىخىي جىھانگۇشاي»، مەسئۇدىنىڭ «مۇرۇجۇز زەھەب» ۋە فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» لىرىدە قەدىمكى تۈرۈك-ئۇيغۇر داستانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بار.

قەدىمكى ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدا بار پارچىلىرى تۈرلۈك مەنبەلەردىن توپلانغان، بۇنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزىمىزدىن يېتىشكەن ۋە باشقا مىللەتلەردىن چىققان تەتقىقاتچىلار توپلىغان؛ بەزىلىرى خەنزۇ، ئەرەب ۋە رىم مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» تىمۇ ئايرىم داستان پارچىلىرى تىلغا ئېلىنغان، بۇ داستانلارنىڭ بىر قىسمىنى مىلادى 11-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتورلار قەلەمگە ئالغان. تەتىقىقاتلار نەتىجىسىدە مىلادى 13-ئەسىردىن بۇرۇنقى مەزگىلگە ئائىت، يەنى ساك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇرلارغا ئائىت داستانلاردىن تۆۋەندىكىلەر مەلۇم بولدى:

1-يارىتىلىش داستانى

2-ئالپ ئەرتۇڭا داستانى

3-شۇ داستانى

4-ئوغۇزخان داستانى

5-كۆكبۆرە داستانى

6-ئەرگىنەقۇن داستانى

7-تۆرىلىش داستانى

8-ماناس داستانى

يارىتىلىش داستانى-بۇ ئالەمنىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى داستاندۇر، بۇنى 19-ئەسىردە رادلوف ئالتا تۈرۈكلىرى ئارىسىدىن توپلىغان. داستاندا مۇنداق مەزمۇن بار: ئالەمدە ئاۋۋال تەڭرى قايراقان بىلەن سۇ بار ئىدى، كېيىن تەڭرى قايراقان ئۆزىگە ئوخشاش بىر جانلىقنى يارىتىپ، ئۇنى «كىشى» دەپ ئاتايدۇ. تەڭرى كىشىگە بۇرۇق قىلىپ تۇپراقنى يارىتىدۇ. تەڭرى يەرگە توققۇز شاخلىق بىر دەرەخ تىكىپ، ھەر بىر شاخنىڭ ئارىسىدا بىر ئادەمنى يارىتىپ، ئۇلارنى توققۇز مىللەت بولسۇن دەيدۇ، لېكىن تەڭرى تۇپراقنى ۋە ئادەمنى ياراتقاندا، كىشى كەينى-كەينىدىن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. تەڭرى ئۇنى ئەرلىك (شەيتان) دەپ ئاتاپ، يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ دۇنياغا سۈرۈپ، قىيامەتكىچە ئۇ يەردە تۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ. ئۆزى كۆكنىڭ 17-قەۋىتىدە ئالەمنى باشقۇرىدۇ. بۇ داستان قەلەمگە ئېلىنغىچە بولغان جەرياندا ھىندى، ئىران مەدەنىيىتىنىڭ ۋە شامانىزمنىڭ قىسمەن تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئالپ ئەرتۇڭا داستانى-بۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردە ياشىغان (ئىرانلىقلار ئارىسىدا «ئافراسىياپ» دەپ ئاتالغان) ساك ھۆكۈمدارىغا ئائىت داستان بولۇپ، داستاننىڭ ئاساسىي پارچىلىرى فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» داستانىدا ئۇچرايدۇ. ئالپ ئەرتۇڭا شۇ ۋاقىتتىكى تۇران-ئىران ئۇرۇشىدا ئىراننى كۆپ قېتىم يېڭىپ شۆھرەت قازانغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 624-يىلى ئىران (مېدىيە) نىڭ پادىشاھى كىياكسارس ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈەتكەن. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىمۇ ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك پارچىلار تىلغا ئېلىنىدۇ، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ خاتىرىسى تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە ئۇزاققىچە داۋاملاشقان. كۆكتۈرلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ «يوغ» (دەپنە مۇراسىمى) ئۆتكۈزۈلگە، بېزەكلىك تام رەسىملىرىنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن.

شۇ داستانى-بۇ ساكلارغا ئائىت داستان، ھازىر داستاندا نامى ئاتالغان شۇنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ياشىغان ساك ھۆكۈمدارى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتىدۇ. داستاندا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ماكىدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ئىراندىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ئىستىلا يۈرۈشلىرى ۋە بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تۈركىي قەۋملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۆزلىنىدۇ. بۇ داستانغا ئائىت مەلۇماتلار «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە ئۇچرايدۇ.

ئوغۇزخان داستانى-ھازىر ئۇيغۇرلاردا «ئوغۇزنامە» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ داستاننىڭ تېمىسى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە دۆلەتنى ئىدا قىلىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىلادىي 13-ئەسرگە قەدەر بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. داستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۈركى قەۋملەرنىڭ دۆلەت پەلسەپىسىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دۇنياۋىي ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدە. 17-ئەسىردە ياشىغان تۈرك ئالىمى ۋانى مەھمەد ئەپەندى ئۆز تەپسىرىدە «قۇرئان» نىڭ «ئەل كەھف» سۈرىسىدە سۆزلىنىدىغان زۇلقەرنەيىننىڭ ئوغۇزخاننى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئىككىلىنىدىغان ھېچقانداق نۇقتا يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

«ئوغۇزنامە» داستانى ئوتتۇرا ئەسىردە باشقا مىللەتلەرگىمۇ مەلۇم بولغان، ھەتتا بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ داستان ساسانىيلار دەۋرىدە پارسچىغا، كېيىن پارسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھەقتە مەملۇكلار دەۋرىدە ياشىغان مۇئەللىپلەردىن ئايبەگ ئەد-دەۋادەرى «دۇرەر ئۇت-تىجان ۋە گۇرەرۇ ئىل-تەۋارىخ ئىل-ئەزمان» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: «تۈركلەرنىڭ ئىككى مۇقەددەس كىتابى بار: بىرى، ‹ئۇلۇغ خان ئاتام بىتىگ›، يەنە بىرى ‹ئوغۇزنامە› دۇر. ‹ئوغۇزنامە› نىڭ پارسچە تەرجىمىسى ئەبۇ مۇسلىمنىڭ خوراساندىكى كۇتۇپخانىسى باغداتقا كەلتۈرۈلگەن، ھارۇن رەشىد ئۇنى تېستۇرى تېۋىپ جىبرىل بۇختيىشۇغا بۇ پارسچە تەرجىمىسىنى ئەرەبچىگە ئاغدۇرغۇزغان، جىبرىلنى ھارۇن رەشىدكە ئاقھۇنلۇ ئوسمان تونۇشتۇرغان». لېكىن بۇ تەرجىمىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئاساس بولغان تۈركچە نۇسخا دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىگەن. مۇڭغۇللار دەۋرىدە «ئوغۇزنامە» داستانى كەڭ يېيىلغان، دەشتى قىپچاق ۋە غەربىي ئاسىيادا بۇ داستاننىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى بارلىققا كەلگەن. مۇڭغۇللار ئەزەربەيجاننى ئىشغال قىلغان چاغدا، ئابدۇلھەق ئىبىن سۇلايمانۇل ئەزەربەيجاننى مۇڭغۇل قەۋملىرىنىڭ ئاغزىدىن «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ بەزى مەنقىيەلىرىنى ئاڭلاپ خاتىرىلىۋالغان، جون پائۇل روكس بۇ داستاننىڭ مۇڭغۇللار دەۋرىدىكى تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مانى مۇھىتىدا شەكىللەنگەن بۇ بۈيۈك ئۇيغۇر داستانىنىڭ بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىپ مۇسۇلمان ۋە خەنزۇلارغا، ھەتتا ماركوپولوغا قەدەر ئۇلىشىشى ھېچ سەل قارايدىغان ۋەقە ئەمەس. بۇ داستان ئوغۇز، نايمان، ئۆڭگۈت، قالماق، ئۇيرات ۋە باشقا تېخىمۇ كۆپ خەلقنىڭ داستانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن».

«ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى 1300-يىلى تۇرپاندا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخا ھازىر پارىژ مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نۇسخىنى ۋ.باڭ بىلەن رەشىد رەھمەتى ئارات ئاۋۋال 1932-يىلى گېرمانچە تەييارلانغان. كېيىن 1936-يىلى رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، «ئوغۇز قاغان داستانى» دېگەن نام بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا سۇنغان. داستاننىڭ باشقا نۇسخىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىگە ئائىت.

كۆكبۆرە داستانى-بۇ داستان مىلادى 6-ئەسىردىن 8-ئەسىرلەرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان كۆكتۈركلەرگە ئائىت ئىدى، ئۇ خەنزۇچە مەنبەلەردە ئىككى رىۋايەت شەكلىدە خاتىرىلەنگەن، ئاشۇ مەنبەلەردە بۇ رىۋايەتلەرنى پۈتۈنلەشتۈرىدىغان باشقا مەلۇماتلارمۇ بار. داستاندا قوشنا ئەلنىڭ قىرغىن قىلىشىغا دۇچار بولۇپ نەسلى يوقۇلۇشقا يۈزلەنگەن كۆكتۈركلەرنىڭ قايتىدىن كۆپىيىپ كۈچىيىشىدە بىر كۆك بۆرىنىڭ ئانا بۆرە سۈپىتىدە رول ئوينىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

ئەرگىنەقۇن داستانى-بۇ كۆكتۈركلەرگە ئائىت يەنە بىر داستان، مىلادى 13-ئەسىردە ئىلخانىيلارنىڭ ۋەزىرى راشىدىننىڭ ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. داستاندا كۆكتۈركلەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىلخاننىڭ ئامان قالغان ئوغلى قايان (قايى) بىلەن ئىلخاننىڭ جىيەنى تۇقۇز ئىككىسى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، «ئەرگىنەقۇن» دېگەن جايغا يوشۇرۇنۇپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. ئۇلار بۇ جايدا 400 يىل ياشاپ كۆپىيىدۇ، ئاندىن بۇ يەردىن چىقىپ يېڭى بىر ماكان تۇتماقچى بولغاندا، بىر تۆمۈر تاغنى ئېرىتىپ يول ئاچىدۇ. بىر كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇ يەردىن چىقىپ، دۈشمەنلىرىدىن قىساس ئالىدۇ.

تۆرىلىش داستانى-بۇ مىلادى 745-يىلىدىن 840-يىللارغىچە دەۋر سۈرگەن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت داستان، داستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلى بىر ئىلاھىي مەنبەگە باغلىنىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. داستاندا مۇنداق مەزمۇن بار: ھۇن تەڭرىقۇتى ئىككى مەلىكىسىنى تەڭرىگە ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ، شۇڭا دۆلىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بىر قورغان ياسىتىپ، قىزلارنى شۇ يەردە ساقلايدۇ. نىھايەت بىر كۈنى تەڭرى كۆك بۆرە شەكلىدە كېلىپ كىچىك مەلىكە بىلەن قوشۇلىدۇ، ئۇ ئىككىسىدىن تۇغۇلغان بالىلار «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىمۇ كۆكبۆرىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ۋە كۆكبۆرە روھى بىلەن كۆپىيىدۇ.

كۆچ-كۆچ داستانى-بۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت داستان، ئۇنى تۆرىلىش داستانىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ داستان خەنزۇ ۋە پارس مەنبەلىرىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل رىۋايەت شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. ئىران تارىخچىسى جۇۋەينىنىڭ ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، داستاندا تىلغا ئېلىنغان ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئەسلىدە مانىنىڭ «ئىككى ئاساس» ناملىق ئەسىرىدىكى ئىككى تۈپ دەرەخكە سىمۋول قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنغان. ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن (ئورخۇن) دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغان ئابىدىلەرنىڭ بىرىدە بۇ داستاننىڭ يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. «كۆچ-كۆچ داستانى» دا مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە سائادەت كەلتۈرگەن بىر قىيا (قۇتلۇق تاغ) نىڭ تابغاچلارغا بېرىۋېتىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەيران بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە كۆچكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

ماناس داستانى-بۇ داستان ھەققىدە تۈركىيە ئالىمى نىھال ئاتسىز مۇنداق دەيدۇ: «ماناس» داستانى تۈرۈكلەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن تۇنجى داستان بولغاچقا، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچ-كۆچ داستانىنىڭ داۋامى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ داستان مىلادى 11-ۋە 12-ئەسىرلەردە يەتتە سۇ ۋادىسىدا مەيدانغا كەلگەن، 7 ئىسلامىيەتنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان ‹ماناس› دېگەن پەۋقۇلئاددە بىر قەھرىماندىن سۆز ئېچىلىدىغان بۇ داستان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پۈتكۈل تۈركلەرگە ئورتاق ئىدى، كېيىنچە زور تارىخىي ۋەقەلەر بۇ داستاننى نۇرغۇن تۈرك قەۋملىرىنىڭ يادىدىن كۆتۈردى، بۈگۈن پەقەت قىرغىزلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان بۇ داستان مىلادى 19-ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان. مەلۇمكى بۇ داستاندا تارىخىي تۈرك داستانلىرىنىڭ ئورتاق موتىفلىرى بار، يەنى بۇنىڭ تېمىسى قەھرىمانلىق ، ئات قەھرىماننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئايال ئەر بىلەن تەڭداش ئورۇندا تۇرۇپ، ئەرنىڭ ۋاپادار سەپدىشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ دائىم ئېرىگە ياخشى نەسىھەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىماسلىق ئىنساننى ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ. قاراخانىيلار دەۋرىدە ماناس دېگەن بىر قەھرىماننىڭ ياشىغان ياكى ياشىمىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بەلكىم بۇنداق بىر كىشى ياشىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ‹ماناس داستانى› دا كۆرۈلگىنىدەك، يات دىن مۇرۇتلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان تۈرك قەھرىمانلىرى چىققان، ماناس دەل ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىنىڭ ياكى ھەممىسىنىڭ بىر-بىرلەپ مىللەت خاتىرىسىدە ئەدەبىي ۋە ئەبەدىي سىمۋولىدۇر».

ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، شائىلارنىڭ قولىدا داستانلار يېزىلدى. بۇ داستانلار تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ئەرەب ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئىچىدە يەنىلا ساپ مىللىي تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولغان ۋە سىرتنىڭ تەسىرىدىن خالىي نۇرغۇن ھەقىقىي داستانلار داۋاملىق مەيدانغا كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، تارىخىي رىۋايەتلەر ۋە تارىخىي داستانلارنىڭ رېئاللىققا يېقىنلىق نىسبىتى تۈرلۈك مىللەتلەردە ناھايىتى پەرقلىق ھالدا كۆرۈلىدۇ، تۈرك-ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ رېئاللىققا يېقىنلىقى، مۇبالىغىدىنمۇ يىراقلىقى ئورخون ئابىدىلىرىدە ئىسپاتلىنىپ كەلگەن بىر خۇسۇسىيەتتۇر.

مانا شۇ مىللىي داستانلاردا تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قاپىيەگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن، شۇنىڭدەك شەكلى تۆتلۈك (بوغۇم ۋەزنى) ۋە قوشاق تىپىنى ئاساس قىلغان. بەزى داستانلاردا قىسمەن ھالدا نەزمىي ۋە نەسىرىي تۈرلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىدە نەزمىي ھالەتتە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ، يەنى بەزى داستانلاردا نەسىرىي شەكىلدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بۇ داستانلار مىللىي ۋە بەدئىي ئامىللار جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىن ناھايىتى ئۈستۈن تۇرىدۇ. يامانلىق ۋە رەزىللىكتىن خالىي ھالدا قەھرىمانلىق، ئەخلاق پەزىلەت، ۋەتەن ۋە مىللەتكە ساداقەت بىلەن كۈچ بېرىش قارىشىنى ئاساس قىلغان داستانلىرىمىز ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەقىقىتىنى يۇغۇرۇپ چىققان بۈيۈك قىممەتلەر بىلەن تولغان. شۇ ۋەجىدىن تارىخىمىزدا يارىتىلغان داستانلىرىمىز ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە مىللىي دەرسلىك بولۇش رولىنى ئوينىغان.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يازما ئەدەبىيات دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ داستانچىلىق داۋاملاشقان، 8-ئەسىردە تىكلەنگەن «ئورخۇن ئابىدىلىرى» بۇنىڭ تۇنجى ئۆرنىكى. بۇ ھەقتە مەشھۇر تۈركولوگ، ئەدەبىياتشۇناس م. فۇئاد كۆپرۈلۈ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى پارچىلاردا ئىپادىلەش شۇ قەدەر جانلىق ۋە ئاھاڭدار، شۇ قەدەر سەمىمىي ۋە چوڭقۇر ھېسلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇكى، بۇ يەردە ناھايىتى كۈچلۈك ‹ئىجتىمائىي بىر لېرىكىزم› بىلەن ‹داستانىي بىر روھ› ئۆزىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدۇرىدۇ» دېسە، س. گ. كلياشتورنىي بىلەن ت. ئى. سۇلتانوۋ: «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىدا خىتابەت سەنئىتىنىڭ ۋە ئەسىرلەر بويى ئوتتۇرغا چىققان قەھرىمانلىقلارنى تېما قىلغان ئاغزاكى داستانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي شەكىللىرىنى ساقلىغان سىياسىي نەسر تۈرىنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق پارلاق ئۆرنىكى يوقتۇر» دەپ تەرىپلىگەن. جون پائۇل روكس بولسا: «خېلىلا ناچار بىر شەكىلدە يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما داستانىي ۋە شائىرانە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر خاراكتېرىنى ئالغان بۇ تېكىسىتلەر دىننىي تەمسىللەر، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە دىننىي ئىدېئولوگىيە تېمىسىدا كەسكىن بىلىملەرنى بەرگەن» دەيدۇ.

بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىختىكى كۆپ قېتىملىق كۆچۈش ۋە يۆتكىلىشى، ئاتلىق ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش شەكلى، بولۇپمۇ قەھرىمانلىقنى تېما قىلغان داستان ئەدەبىياتى ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ساھەسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. پوتانىن ئىسىملىك بىر رۇس ئالىمى تۈركىي قەۋملەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ داستانلىرىنى «شىمالىي ئاسىيا داستانى» دېگەن نام ئاستىدا مۇستەقىل ۋە بىر پۈتۈن ھالەتتە تەتقىق قىلىپ، «ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا داستانىدا شەرق تېمىلىرى» دېگەن نام بىلەن 1899-يىلى نەشر قىلغان چوڭ ھەجىملىك مۇھىم ئەسىرىدە ئۇلارنى ياۋرۇپانىڭ داستانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ھەمدە بۇنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا مىللەتلىرىگە، ھەتتا يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. فۇئاد كۆپرۈنىڭ قارىشى مۇنداق: «سلاۋيانلار، فىنلەر، گېرمانلار ۋە فرانسۇزلارنىڭ قەدىمكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى داستانى-ئېپوسلۇق موتىفلارنىڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى تۈركى قەۋملەر ۋە مۇڭغۇللارغا ئائىت ئىدى، مەركىزىي ياۋرۇپا مىللەتلىرى ياراتقان داستان ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسلىرىنى قۇرۇش رولى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئاتىللا ھۇنلىرىغا باغلانغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتىللا ۋە ئاتىللا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى داستان ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇ قەدەر زوركى، بەزى گېرمان ئەدەبىياتى تارىخچىلىرى ئۇنىڭ گېرمان داستانىدىكى ئەھمىيىتىنى يۇنان داستانىدىكى ‹ئاگامېننون› غا ئوخشىتىدۇ. رۇسلارنىڭ مىللىي داستانى بولغان 12-ئەسىرگە ئائىت ‹ئىگورنىڭ سەپىرى› دېگەن ئەسەر ئومۇمەن روسلارنىڭ قىپچاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ داستاندىكى تۈرك تەركىبلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ، ھەتتا ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش تۈركچە سۆزلۈكلەرنىڭ بارلىقى ھازىر ئېنىق مەلۇم بولدى. شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپا مىللەتلىرىنىڭ ، يەنى سىرىبلار، يۇنانلىقلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ خىل ئەسەرلىرىدىمۇ يەنە تۈركىي قەۋملەرنىڭ ناھايىتى چوڭ تەسىرى بولغان. مانا بۇلار تۈرك داستانلىرىنىڭ ئومۇمەن ئالەمشۇمۇل ئەھمىيىتى ۋە بۇ خۇسۇستا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشكە يېتەرلىكتۇر».

بىز توختىلىۋاتقان دەۋرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدا داستانلاردىن باشقا يەنە مەرسىيە، قوشاق، ماقال-تەمسىللەر ياكى پەندى-نەسىھەتلەرمۇ بار ئىدى، بۇ جەھەتتە مەھمۇد كاشىغەرىي تىلغا ئالغان ئالپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى مەرسىيەلەر ۋە ھۇن ئېمپېراتورى ئاتىللانىڭ ئۆلىمىدە ھۇن شائىرلىرى ئوقۇغان مەرسىيەلەرنى ئەسلەش يېتەرلىكتۇر. خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن ھۇنلارنىڭ «ئالچى تېغى قوشىقى» ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي نەزم ئۇسلۇبىمىز بولغان تۆتلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان، يەنە ئاشۇ ئۇسلۇبتا مىلادىي 5-ۋە 6-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇلارغا ئائىت «يايلاق شېئىرلىرى» دېگەن نام بىلەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تېلى-تۈرك قوشىقى»، «بەگقۇلى ھەققىدە قوشاق» تىمۇ قەھرىمانلىق، مۇھەببەت ۋە تەبىئەت تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ شېئىرلار تۇيغۇ-ھېسىيات جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك، پىشقان ۋە گۈزەل ئەدەبىي ئەسەرلەردۇر. بۇ دەۋرگە ئائىت ماقال-تەمسىللەر ۋە پەندى نەسىھەتلەردىن ھازىرچە بىزگە تۇرپان تېكىستلىرىدىن 28 پارچىسى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دىن 298 پارچىسى مەلۇم بولدى. يەنە ھازىرچە بىز تۇنجى ئۇيغۇر شائىرىنىڭ مىلادى 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 6-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان قوغۇرسۇ ئالتۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، بەزى مەلۇماتلاردا «تېلى-تۈرك قوشىقى» نىڭ ئۇنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top