• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » كۈتۈلمىگەن ئۇچرىشىشلار

كۈتۈلمىگەن ئۇچرىشىشلار

1929ئابدۇۋەلى ئايۇپ

“ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا” نىڭ داۋامى


ئامېرىكىدىكى ئاپتۇبۇسلۇق سەپىرىم خاتا تەسەۋۋۇر تۈپەيلى كۆزلىگەن مەقسەدكە ئۇلاشمىغان بولسىمۇ بەزى ھاياجانلىق قىستۇرمىلارنىمۇ يوق دېيەلمەيمەن. ئەڭ تاسادىپى خۇشاللىقىم، شۇنچە بىپايان ئامېرىكا توپراقلىرىدا ئۇيغۇرغا يولۇقۇشۇم بولدى. سانتلۇيىس بېكىتىدە ئاڭلانغان ئۇيغۇرچە پاراڭدىن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە ئۈنسىز يېقىنلاشتىم. 60 ياشلاردا باردەك كۆرۈنىدىغان بۇ بىر جۈپ ئەر ئايالغا بىر “ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ” بىلەنلا بالا بولۇپ كەتتىم. قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئامېرىكىغا قىزىنى يوقلىغان باھانىدە ئىشلىمەكچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، يات ئەلگە كېلەر كەلمەي ئېزىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگۈم كەلمىدى. ئېنگىلىز تىلى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن تىنەپ قالغان بۇ ئىككەيلەننىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىپ خاتا كېلىپ قالغان شەھەردىن بارماقچى بولغان مەنزىلگە ئۇزۇتۇپ قويدۇم. ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا تۈزۈكرەك قېنىشالمايلا ئايرىلدۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز تىل ئۇقماي تۇرۇپ ئاتلانغان تەۋەككۈلچىلىكى مىنى قايىل قىلدى. ئون يىللار بۇرۇن مەن بىر ئېغىز خەنزۇچە ئۇقمايدىغان خوتەنلىك بوۋاي بىلەن 16 ياشلىق نەۋرىسىنى خۇددى مۇشۇ ئىككىيلەننى يولغا سالغاندەك لەنجودىن گۇاڭجۇغا ئىشلىگىلى يولغا سېلىپ قويغان ئېدىم. گۇاڭجوغا ماڭغان خوتەنلىك ئۇيغۇر بىلەن مەندىن ئۇزاپ كېتىۋاتقان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرنىڭ يولى، ئويى، كەسپى ھەرخىل بولسىمۇ ئۇلارنى مۇساپىرلىق دەشتىگە تاشلىغان كۈلپەت بىر ئېدى. ئۇلاردىكى شۇ كۈلپەتلەردە تاۋلىنىۋاتقان ئۈمىدۋارلىق، تەۋەككۈلچىلىك ۋە چىدامچانلىق ئوخشاش ئىدى. ئۇلار يەنە پەرقلىنەتتى، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرچىنى ئاڭلىغان ھامان ھاياجانلىناتتى، سۆزلىگۈچىنى باغرىغا باساتتى، تارىملىق ئۇيغۇر بولسا ئاۋۋال ئەندىكەتتى، خۇدۇكسىرەيتتى، ئۇزاققىچە ئىشىنەلمەيتتى.
    سەپىرىمنىڭ ۋاشىڭتون بېكىتىدە بىر ھەپتە ئارام ئالدىم. شۇ پۇرسەتتە ئۈرۈمچىلىك بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن تويلاشقان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىن ئامېرىكىغا چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتا ئاسىيادىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىلىك پەرقلىرى ھەققىدە ئەھۋاللاشتۇق. ئۇنىڭ قارىشىچە قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان دېموكراتىيەگە نائىل ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا جۇشقۇن، پائالىيەتچان ۋە ئۆم كېلىدىكەن. ئاسانلا جامائەتلىشىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تېزراق ماسلىشىپ كېتەلەيدىكەن. قىرغىزىستاندا يىگىت باشلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا قانداق سايلاپ، ئىشلىرىنى قانداق يۈرۈشتۈرۈپ ماڭغان بولسا ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق ئىكەن. ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ئەڭ ئازاپلىغان يېرى بىر قېتىملىق نەزىرگە ۋەتەندىن چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ ئاتايىن چاقىرىلىپ كەلمىگەنلىكى ۋە بۇنى بۇددىست خەنسۇلارنىڭ ئادىتى دەپ باشقىلارنى بېرىشتىن توسقىنى بوپتۇ.
      سەپەر جەريانىدا بېلىكىگە تىبەتنىڭ خەرىتىسىنى چېكىۋالغان بىر بۇددىست ئامېرىكىلىق قىز بىلەن پاراڭلاشتىم. ئەسلى ئۇ قىزنىڭ بېلىكىدىكى تىبەت خەرىتىسىگە دىققەت قىلمىغانىكەنمەن.  پاراڭ ئارىلىقىدا دىيارىمىزنىڭ نەدىلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تىبەتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلدى. چۈنكى تومۇز پاجىئەسىدىن بۇرۇن غەرپلىكلەرگە دىيارىمىزنىڭ نەدىلىكىنى قىسقا، ئۇقۇشلۇق قىلىپ چۈشەندۈرۈش قىيىن بولۇپ پەم تەلەپ قىلاتتى. ئالاقىلىرىم كۆپەيگەنچە بايقىدىمكى ئۇلارغا جوڭگۇنىڭ غەربى شىمالى دېگەندەك گەپلەر بىلەن دىيارىمىزنى چۈشەندۈرۈش نەتىجىلىك بولمايدىكەن. ئۇلار تىبەتنى جوڭگۇدىكى رايۇنلار ئىچىدە بەكرەك بىلىدىكەن. مۇشۇ تەجرىبىلىرىم بويىچە قىزغا دىيارىمىزنى تىبەتنىڭ غەربىدە دېيىشىمگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ تىبەتكە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن بۇرۇن تىبەتنىڭ خەرىتىسىگە دىققەت قىلىمىغانىكەنمەن. ئويلاپ باقسام ئامېرىكىدا ماشىنىلارنىڭ تاختىلىرىدا، ئەينەكلىرىدە مۇشۇنداق خەرىتىنى كۆپ كۆرگەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى. ئاپتۇبۇسقا كىرىۋالغان بىر چىۋىننى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇم قىزنى نارازى قىلدى. بىلەتتىم بۇددىستلارنىڭ جانلىقىلارنى ئۆلتۈرمەيدىغىنىنى، يېنىمدىكى قىزنىڭ شۇ پەيتتىكى چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچەيگەن كۆزلىرى نەقەدەر چوڭ خاتالىققا تەرەددۇت قىلغىنىمنى ھىس قىلدۇردى.
    كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكىدا بۇددا دىنىغا خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەزى رايۇنلاردا خېلى يىلتىز تارتقىنىنى بايقىدىم. بەزى ئاشخانىلارنىڭ مەخسۇس گۆش يىمەسلەر ئۈچۈن ئايرىم پۇكەي ھازىرلىغىنىنى كۆردۈم. مەن كۆرگەن گۆش يىمەسلەر ھەتتا سۈت ۋە تۇخۇملارنىمۇ يىمەيتتى. ئاقتۇرۇپ باقسام ئامېرىكىدا بۇددا ئىبادەتخانىسى بۇندىن 120 يىللار بۇرۇن سان فرانسىسكوغا سېلىنغان ئىكەن. ھازىر بۇددسىتلارنىڭ ئامېرىكا نوپۇسىدىكى نىسبىتى 0.5% تىن 0.9% كىچە ئىكەن.
    يەنە بىر ھاياجانلىق ئۇچرىشىشىم بىر ئىرانلىق بىلەن بولدى. ئۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا ئۇتتۇر ماڭا قاراپ پارىسچە سۆزلەپلا كەلدى. مېنى ئىرانلىق دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئېراندىن تۈركىيىگە قېچىپ سىياسى پاناھلىق تەلىپى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەنىكەن. دەرتلەشتۇق، سىرداشتۇق، كۆزلەردىن چاقنىغان غەزەپ، دىللاردا قاينىغان ئازاپ، جانلارنى سىرقىرتىۋاتقان سىقىلىشلىرىمىز تىللىرىمىزدىكى تۇساقلارنى يوق قىلدى. ئۇنىڭ سىلەردە “كىشىلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى بارمۇ؟” “ئاياللار ياغلىقسىز يۈرسە بولامدۇ؟” دەپ سورىغانلىرى ھازىرقىدەك ئېسىمدە. ئېراندا مۇسۇلمانچە ياغلىق ئارتمىغانلار تەقىپ قىلىنىدىكەن ۋە دىنىي ساقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىدىكەن. بەزى جايلاردىكى سىياسىي ساقچىلارنىڭ نەزەرىدە ياغلىق بىلەن ساقال ئەجەللىك مەسىلە. شۇ مىنۇتلاردا ئۈچ ئاي ئۆگەنگەن پارىسچامدىن تۇنجى قېتىم شۇنچىلىك سۆيۈندۈمكى، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۆگىنىۋاتقان ئېنگىلىزچىدە بىرسى بىلەن ئۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ سىرىدىشىپ باقمىغىنىم ئېسىمگە كەلدى.
    ئامېرىكىدىكى ئاپتۇبۇسلۇق سەپەردىن ئەسلىدە ئويلىغانلىرىمغا ئېرىشەلمىدىم. يولدا سەپەرداش، مۇڭداش ئىزدىگەن ئىدىم، ۋاقىتلىق ھەمراھقىلا يولۇقتۇم. ئامېرىكىنىڭ ماڭا نامەلۇم يۈزىنى سەپەداشلىرىمنىڭ ھىكايىسىدىن ئوقۇپ چىقماقچى ئېدىم. ئوقۇغانلىرىم ئۇيغۇرچە كۈلپەتنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە پارىسچە زۇلمەتنىڭ ئەۋجى بولدى. ئوقۇيالمىغىنىم ھالسىز، بىپەرۋا، سۇس، دەرتمەن چىرايلارنىڭ غۇۋا ئىپادىلىرى بولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ شەھەر بازارلىرىنى كۆرۈپ جاراڭلىق كۈلكىسى، ئۈنسىز خۇرسىنىشلىرى ۋە غەزەپلىك يۇلقۇنىشلىرىغا شاھىد بولماقچى ئېدىم. شاھىد بولغىنىم خىلۋەت بىكەتلەردىكى سوغۇق خىزمەتچى ۋە خامۇش يولۇچىلار بولدى. ئەگەر قىرغىزىستانلىق بىر جۇپ مۇساپىر ئۇيغۇرغا يۆلەك بولالمىغان بولسام، ئاق تەنلىك بۇددىست قىزنىڭ چىۋىندىنمۇ ئايىمايدىغان رەھىمدىللىكىگە شاھىد بولمىغان بولسام، ئىرانلىق دەرتمەن بىلەن ئېنگىلىزچىگە ئاغدۇرغىلى بولمايدىغان ئازاپلىرىمىزنى ئەسرارلىشالمىغان بولسام خوراپ كەتكەن ئون بەش كۈنلۈك ئۆمرۈمگە يۈز كېلەلمىگەن بولاتتىم.ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top