• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » قوي كۆزلەرگە ھەمراھ شۇ كۆزلەر

قوي كۆزلەرگە ھەمراھ شۇ كۆزلەر

Karikatur-Yorumlamaئابدۇۋەلى ئايۇپ
“ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا”نىڭ داۋامى
    2013 -يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان بۇرادىرىم روبېرتنىڭ توي چىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۈيئوغۇل مەندىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەن بولۇپ بىر ئۇنۋېرىستىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېدى. (مەن روبېرت ھەققىدە “ئامېرىكىلىق بۇرادەر” دېگەن يازمامدا توختالغان) كېلىن بولغۇچى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئېنگىلىزتىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ توي قىلىدىغانلىقىدىن 2009-يىلى ئاۋغۇستتا خەۋەر تاپقان ئىدىم. روبېرت شۇ چاغدا مەلىكەنىڭ توي تەكلىپىگە قوشۇلغانلىقىنىڭ ھاياجىنىنى ياشاۋاتاتتى. ئۇ يىللاردا روبېرت مەلىكە ئوقۇۋاتقان ئۇنۋىرسىتىتنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ئېدى. سىنىپتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىرگەن مەلىكەنىڭ ئالاھىدە پاكىزلىقى ، چاققانلىقى ۋە تاماقنى تۈجۈبىلەپ ئېتىشلىرى روبېرىتقا ئۆزگىچە تەسىر قالدۇرغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئائىلە قۇرۇشقا تەرەققىي قىلغان ئىكەن.
   مەلىكە كىچىكىدىن خەنسۇچە ئوقۇغانىكەن. روبېرت بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئۈگىتىش جەريانىدا ئانا تىلى ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت بىلىملىرىنى تېخىمۇ پۇختىلىۋاپتۇ. ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە تارىخى ھەققىدىكى كىتابلارغا باشقىچە مۇھەببەت بىلەن كىرىشىپ كېتىپتۇ. 2009-يىلى مايئەمىدە كۆرۈشكىنىمىزدە روبېرت مەلىكەنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەن يەنە بىر ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. تومۇز پاجىئەسىدە مەلىكە ھىچ بىر زەربىگە ئۇچرىماپتۇيۇ لېكىن كۆزىدىن بىر قانچە ئايغىچە ياش قۇرۇماپتۇ. روبېرت تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ئۇيغۇردىكى قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقغا قايىل بوپتۇ. ئۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن نەچچە ئاي ياش تۆكىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن.
    2009-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ياشاش ۋە ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر قىزلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ تويلىشىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلدىم.  ئاڭلىشىمچە كانزاسقا يېقىن شىتاتلاردا ئىككى ئۈچ ئۇيغۇر ئايال ئامېرىكىلىق ئەرلىرى بىلەن بىللە ياشاۋېتىپتۇ. كۆرگەن، بىلگەنلىرىمنى قوشقاندا مۇشۇنداق ئائىلە ئونغا يەتمىسە كېرەك. بۇ ئاياللار تۇنجى ئۇيغۇر ئېرىدىن ياكى تۇنجى پۈتۈشكەن يىگىتلىرىدىن ئايرىلىىپ  ئامېرىكىلىقلار بىلەن تويلاشقان ئىكەن. ھالبۇكى بۇ ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى  بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ھەتا بىر ئۇيغۇر ئايال قوشنا شىتاتقا ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئىزدەپ مىھمان قىلىپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇپ كېتىپتۇ.
   ئىككىنچى يىلىمدا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى يېنىمىزدىكى شىتاتقا كۆچۈپ كەلدى. ئۇيغۇرلۇق مىھرى بىزنى ئاسانلا ئۇچراشتۇردى. قېرىندىشىمىز رىزۋاننىڭ يولدىشى ئاق تەنلىك ئامېرىكان بولۇپ تاتار تۈركلىرىنىڭ پۇشتىدىن ئېكەن. ئەسلى ئىسمى جوش بولسىمۇ رىزۋان ئۇنى جۈرئەت دەپ ھەم باشقىلارنى شۇنداق دىگۈزۈپ كۆندۈرىۋىتىپتۇ. جۈرئەت مەن ئەڭ ياقتۇرغان ۋە ئەڭ كۆپ مۇڭداشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىرى ئېدى. (ئۇ ھەربىي دوختۇر بولۇپ ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق ئۇرۇش سەپلىرىدە خىزمەتتە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇرۇشتا يارىلانغان پۇقرالار ۋە نامرات بىمارلارنى داۋالاش جەريانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئېچىنىپ سۆزلەپ بىرىشلىرىنى ئاڭلاشقا خۇددى ئازاپقا خۇمار بولغاندەك خۇشتار ئىدىم. مەندىكى بۇ تۇيغۇنى ئازاپقا كۆنۈپ قالغانلىق ياكى ئاغرىقتىن لەززەتلىنىش بولۇشى مۇمكىن ئىدى. دۇنيادا كۈلپەتكە قالغانلارنىڭ بىزلا ئەمەسلىكىمىزنى ئاڭلاپ تەسەللىي ۋە تەسكىن تېپىش دېيىشكىمۇ بولاتتى.)
    مەن رىزۋاننىڭ يولدىشى جۈرئەتكە قايىل ئېدىم، چۈنكى ئۇ ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە سەۋرچان ئېدى. رىزۋان بىلەن يىغىلغانلىرىمىزدا ھەممىمىز بەسبەستە ئۇيغۇرچە سايرىشاتتۇق. جۈرئەت سائەتلەپ ئۇنىڭ بۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ناگان – ناگاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقى ئېسىمىزگە كېلىپ ئۆزرە قوياتتۇق ۋە ئانچە-مۇنچە ئېنگىلىزچە پاراڭ قىلغانمۇ بولاتتۇقيۇ دىگەنلىرىمىز يۈرەكلەردىن ئەمەس ئاغىزلاردىن چىققاندەك بىلىنىپ ئۇيغۇرچىغا يېنىۋالاتتۇق. جۈرئەتنىڭ ” ئايالىمنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندىكى خۇشاللىقلىرىنى، ئاۋازىغا ئۇسسۇلدەك تەڭكەش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسەملا بولدى، گېپىڭلارنى چۈشەنمىسەم ھىچ ۋەقەسى يوق. سۆيگەن ئايالىمنىڭ ئانا تىلىنى تۈزۈك ئۈگىنەلمىگىنىم ئۆزۈمنىڭ نۇقسانى” دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە . رىزۋان قىزىق-قىزىق گەپلەردىن قاھقاھلاپ كەتكىنىدە سەۋەبىنى ئاڭقىرالماي قاراپ قالغان جۈرئەتكە ئۇيغۇرچە “شۇنداقمۇ جۈرئەت” دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋىتەتتى.
    جۈرئەت بىلەن رىزۋان ياپۇنىيەدە تونۇشقان ئىكەن. ئۇ رىزۋاننىڭ ياپۇنىيەدە ئۇيغۇر يولدىشىدىن ئاجرىشىپ بىر ئېنگىلىزچە كۇرۇستا ئوقۇۋاتقان ۋاقتى ئىكەن. جۈرئەت ياپۇنىيەدە ئەسكەر بولۇپ بوش ۋاقىتلىرىدا ئېنگىلىزچە كۇرۇسلاردا خالىس ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىكەن. جۈرئەتنىڭ خالىسلىقى بىلەن رىزۋاننىڭ ئىجتىھاتچانلىقى ماسلىشىپ بۈگۈنكى بەخىتلىك ئائىلە بەرپا بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تۆت ياشلاردا رەنا ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ مەسئۇدەنىڭ دوستى ئىدى. جۈرئەت ۋە رىزۋانلار خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ياپۇنىيەدە بىر نەچچە يىل ، گېرمانىيەدە بىر نەچچە يىل ياشاپتۇ. مەن سانائەت ۋە پەندە دۇنيانىڭ سەردارلىرىدىن سانىلىدىغان بۇ ئىككى مەملىكەتكە قايىل ئىدىم. جۈرئەتتىن بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە جىق سېلىشتۇرمىلارنى ئاڭلىدىم. بولۇپمۇ ياپۇنلارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە  ئىشتىراكچىدىن ساھىپخانغا ئۆزگىرىدىغان قىزغىنلىقى بىلەن گېرمانلارنىڭ ئىزچىل كۈزەتكۈچىلىك، مىھمانلىق سۈپىتىنى ساقلايدىغان سوغۇققانلىقى دىققىتىمنى تارتتى. گېرمانلار پايدا ئېلىپ تۇرۇپ ئامېرىكا ئەسكەرلەرىنىڭ ۋەتىنىدىن يوقىلىشىنى خالىسا، ياپۇنلار داۋاملىق تۇرغۇزۇشنى ئىستەيدىكەن.
   ئۇيغۇر خانىملار بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان ئامېرىكىلىقلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا قىز-ئاياللىرىمىزدىكى ئەجنەبىي ئەرلىرى دائىم تەرىپلەيدىغان ئەمما مەن ئىزچىل ئىچىمدە تەنقىدلەپ كەلگەن بەزى خىسلەتلەردىن ۋاقىپلاندىم. ئۇلار بۇ خىسلەتلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن مىساللارغا قارىسام ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى رايىشلىق، ئۈنسىز ماسلىشىش، بىلىنمەس بويسۇنۇش، تايىنىشچانلىق ۋە قانائەتچانلىق قاتارلىقلار ئىكەن. چوڭ بولسام ئانام شۇنداق رايىش ئىكەن، موماممۇ شۇنداق ئىتائەتچان، جاپاكەش، سەۋىرچان مەزلۇم ئىدى. مەن بۇنداق شەرتسىز رايىشىلىقنى ۋە تەبىئىي بويسۇنۇشنى قوللىمايتتىم ۋە بۇ قەدەر تايىنىشچانلىق ۋە شۈكۈرچانلىقتىن شىكايەتچى ئىدىم. تام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ “ئايالىمنىڭ نەزىرىدە مەن ھەرقاچان چۈشەندۈرگۈچى، قارار چىقارغۇچى، يېتەكلىگۈچى بولۇپ كەلدىم. ئۇ ئىزچىل ياخشى ئاڭلىغۇچى، قوللىغۇچى ۋە ئىجراچى بولۇپ چىقتى، ئۇ ھەتتا ئۇيغۇرچە يوسۇنغا تەئەللۇق ئىشلارنىمۇ مەندىن سورايدۇ. ” دېگەنلىرىدىن ئىچىم ئاچچىق بولدى. مىڭەمگە “مۇستەملىكە” دېگەن بىر سۆز توكتەكلا تەپتى. بۇ سۆز ئەرەبچە ئىسىم بولۇپ ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىكى ئەدىبە، ئەدىنە، ئەزىمە دېگەندەكلەرگە ئوخشاشلا “ئە” بىلەن ئاخىرلىشاتتىيۇ قۇرئانىمىزدا تىلغا ئېلىنغان بىلەن ھىچ بىر ئۇيغۇرغا قويۇلمىغان ئىدى.
   ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەمگەكچانلىقى، پاكىزلىقى ۋە ئۆي ئىشلىرىنى شۈبھىسىز ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق ئەرلىرىنى قايىل ۋە مايىل قىلغان يەنە بىر تەرەپ ئىكەن. ئامېرىكىلىق كۈيئوغۇللار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىم. لېكىن بۇ يەردىكى “خىزمىتىدە بوماق” سۆزىنى توغرا تەرجىمە قىلالمىدىم. بۇ يەردىكى خىزمەت سۆزىنى ئېنگىلىزچىگە ئۆرىگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئامېرىكىلىقلاردا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئادەت يوق. ئەر-ئاياللار بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىلىقىنى ساقلاپ قالاتتى. ئامېرىكىدا ئاياللار ئادەتتە ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىراتتى، كېلىنلىك بۇرچ تەكىتلەنمەيتتى.
    مەن ئۇچراتقان ئائىلىلەرنىڭ بەزىلىرىدە بالىلار ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرچە تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيدىكەن. ھەتتا ئەرلىرىمۇ ئاياللىرى ئەتكەن ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن باشقىنى مەجبۇر قالمىغان ئەھۋالدا يىمەيدىكەن. بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى ياڭاق، يىمىش ۋە قاقلارنى قوندۇرۇپ پۇشۇرغان نانلارغا ئامراقلىغىنى ئاڭلىغىنىمدا ئانامنىڭ “نان دىگەن ھەمراھ” دەپ ئايرۇپىلان بىلەن سەپەرگە چىقساممۇ سومكامغا نان سېلىپ قويدىغان ئادىتىنى ئويلىدىم. ئۇيغۇر خانىملار ئانا تىلىنى ئەۋلادىغا، ئېرىگە سىڭدۈرەلمىگەن بىلەن ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ۋە ناننىڭ مىھرىنى سىڭدۈرۈپتۇ، ئاخىر. ئەمما ئاشۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولۇپ ئۇيغۇرچىنى چۈشەنگەن بىلەن سۆزلىيەلمەيدىغان بىر قىزنىڭ كىتابلىقىدىن ئۇيغۇلارغا دائىر بەش ئالتە پارچە ئېنگىلىزچە كىتابنى ۋە خالىد ھۈسەينىنىڭ ” پارلاپ تۇرغان مىڭ قوياش” ۋە باشقا رومانلىرىنى كۆرۈپ تىل ئېنگىلىزچە سۆزلىسىمۇ يۈرەكنىڭ ھامان ئۇيغۇرچە سوقىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. سانىيە ئىسىملىك بۇ قىز مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرى ئۇسلۇبىدا يېزىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رومانىنى ئوقۇپ بەرگەن ئېدى.
   بىر كۈنى كانزاسنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولدۇق. گەپ ئارىلىقىدا ئامېرىكىغا مەندىن كېيىن ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئېنىمىز “مۇشۇ چەتئەللىككە تەگكەن ئاياللار كۆزۈمگە بىر قىسمىلا كۆرۈنىدۇ” دەپ قالدى. سورۇنىمىزدا ئامېرىكىلىق ئەرلىرى بىلەن ياشاۋاتقان ئۈچ ئايال بار ئېدى. بار يوقى بىز ئالتەيلەن بولغاچ ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىشتە تىگىشلىك گەپ تاپالماي بەك ئوڭايسىزلاندىم. ئۇ ئېنىمىزگە ئامېرىكىلىق بىرەيلەنگە ياتلىق بولغان ئاقسۇلۇق بىر ئايال تېخى بىر قانچە ئايلار بۇرۇن قىزىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. چەتئەللىككە تەگكەن ئاياللار غەلىتە كۆرۈنگىنىگە قارىغاندا ئۇ ئىشلاردىنمۇ ئۈمىد يوق بولسا كېرەك. سورۇندا ھېلىقى ئۇكىمىزدىن باشقا چوڭراق ئەركىشى مەن بولغاچقا تەڭقىسلىقنى ئوڭشىيالماي تەرلەپ كەتتىم. قارىسام ئىنىمىزنى ئۇيقا باسقان چىراي. ئۇنى ئۆيۈمگە يوللىۋېتىپ سۆھبتىمىزنى داۋام قىلدۇق. ئايلار ئۆتۈپ ئاران جەم بولغاندا ھىچقايسىمىزنىڭ كۆڭۈلسىز تاراپ كەتكۈمىز يوق ئېدى. ئەمما پارىڭىمىز ئانچە قولاشمىدى.
    تەبىئىيلا پاراڭ تىمىسى نىمە ئۈچۈن “چەتئەللىك” بىلەن توي قىلغانلىققا يۆتكەلدى. خانىملارنىڭ نادامەت، ھەسرەت ۋە كۈپەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەقلىق ئېدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ۋەتەندىكىگە ئوخشاش بىر توي قىلغان قىزلارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى ئاسان ئەمەس ئېدى. ۋەتەندە ئۇيغۇر ئەرلىرىنڭ “قېز ئېلىش” ئىستىكى قانچە كۈچلۈك بولسا چەتئەللەردىمۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ “يىگىت” ئەمەسلىكىدىن بىخەۋەر “قىز ئېلىش” ئىستىكىدە ئىدى. مۇشۇلار ھەققىدە قىزىرىشىپ، قىزىشىپ سۆزلەپ كېتىۋاتقان بۇ چوكانلارغا قاراپ ئېزىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە ياشىيالىمىغىنى ئۈچۈن پۇشمانلىق، ھەسرەتلىك، غەملىك ئىدى. بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەسلىكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت پەرقى سەۋەبلىك ئۇلغايغان كېلىشەلمەسلىك، تۇيۇقىسز ئۆلۈپ تارتىپ قالسا ئۇيغۇر ئەقىدىسى بويىچە دەپنە قىلىنماسلىقتىن ئەنسىرەش، ئۇيغۇرچە ۋەسىيەتلىرىنى قالدۇرغاچ، ئايەتلەرنىڭ ساداسىدا ئىچىدە كۆز يۇمالماسلىقتىن قايغۇرۇش… مۇشۇنداق تەشۋىشلىك ئويلار يۈرەكلەرنى ئاسقىتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەللىككە تەكگەن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ باشقىلارنىڭ يەنى يۇرتداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى زىدە ۋە پارەكەندە قىلىپ تۇراتتى.
  رازىمەنلىك، خاتىرجەملىك ۋە قانائەت ئۇيغۇر گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ چوكانلارنى تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتەتتى. ئۇلار ئائىلە ھاياتىدىن تامامەن مەمنۇندەكمۇ قىلاتتى. ئەرلىرىگە شەرتسىز تەقدىم قىلىۋاتقان مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئۆزى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ئەرلەر بىلەن مۇشۇنداق تۈن نىسبىگىچە ئولتۇرپ مۇڭدىشىشىغا شارائىت ياراتقان ئېدى. ئۇلار ئامېرىكىغا ساياھەتكە كەلگەن بۇرۇنقى ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھازىرقى ئېرى بىلەن ياشاۋاتقان ئۆيلىرىدە ئۇيغۇرچە كۈتۈپ قوندۇرىۋالالالىغىندىن، بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان بالىلىرىنى ھازىرقى ئېرىنىڭ بالىلىرى بىلەن باررۋەرلىككە ئېرىشتۈرەلىگىنىدىن، بۇرۇنقى ئەرلىرى بىلەن نورمال ئۇيغۇرچە قېرىنداشلىقىنى توسالغۇ ۋە گۇمانلارسىز داۋاملاشتۇرالىغىنىدىن خۇشھال ئىدى.
    سورۇن يەنىلا كۆڭۈللۈك تارىدى. تېگى – تېگىدىن غۇرۇرلۇق ئەجدات، پارلاق مەدەنىيەت، ئېسىل ئەنئەنىنىڭ ۋارىسىلىرى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان بۇ ئاياللارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ بىر خىل چىدىماسلىق، قىيالماسلىقتەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئۇلار مەنچە بولسا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قۇچاقلىرىغا قايتىشى، ئۇيغۇردىكى قەھرىمانلىقنى، يېڭىلمەس روھىنى ۋە باش ئەگمەس تىرىشچانلىقنى ئەۋلاتلىرىغا ئۇيغۇرچە يەتكۈزىشى كېرەك ئىدى. ئويلىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە چىگىشلەشتى. بۇلاردىن ئۈزلەشكەن ئەرلەر ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇيغۇردىن ئاجراشقان بۇ ئاياللار ئامېرىكىلىق ئەرلەر بىلەن تويلىشىپتۇ. لىكىن ئۇ ئەرلەرنىڭ ھىچ بىرىنىڭ ئامېرىكىلىق ئاياللارغا ئۆيلەنگەنلىگىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. بۇنى “خىرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە ئەتىۋا” دىگەندەك چۈشىنىشكىمۇ بولامدۇ بىلمىدىم. ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ ئامېركىلىقلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ جىسمىدىكى گۈزەللىك ۋە روھىدىكى خىسلەتلەر ئۆزگىلەرنىڭ قولىدا بايقىلىپ ئۇلارنى مۇھەببەتلىك ھاياتقا مۇيەسسەر قىپتۇ. نېمىشقا ئۇيغۇر خانىملىرىدىن ۋاز كەچكەن ئۇيغۇر ئەرلىرىدىكى خىسلەتلەرنى ئامېرىكىلىق خانىم قىزلار بايقىمىغاندۇ…دېگەنلەرنى ئويىلىدىم.

ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top