• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىز ۋە ئىز باسارلىق

ئىز ۋە ئىز باسارلىق

karvanئابدۇۋەلى ئايۇپ

«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا»
    كانزاس ئۇنۋىرسىتېتىغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە بىنالارنىڭ ئىسمىدىكى غەلىتىلىكلەر دىقىتىمنى تارتقانىدى. شۇنچە ئۈگەنگەن ئېنگىلىزچەم يەتمىگەندەك ئىمارەتنىڭ قاشقىسىغا يېزىلغان خەتلەرنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي سوراپ يۈردۈم. كېيىن ئۇقىشىمچە بۇ ئىسىملار مەكتەپ تارىخىدىكى تۆھپىلىك شەخىسلەرنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىك ئىش-ئىزلىرىنى خاتېىرلەش ئۈچۈن قويۇلغانىكەن. تارىختا ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كانزاسقا ماكانلىشىپ بۇ يەردە ئۇنۋىرسىتىت قۇرۇپ چىققۇچىلار ئوخشىمىغان تىللارنىڭ ھەقدارلىرى بولغانلىقتىن، مەكتەپتىكى بىنا ۋە تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ناملىرىدىمۇ شۇ تىللارنىڭ ئىزى ساقلىنىغلىق ئىكەن. بىنالارغا ئىسمى ئويۇلغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ مەكتەپنى قۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ياكى زىھىن سەرىپ قىلغانلار، يەنە بەزىلىرى ئىقتىساد ياكى ھۈنىرىنى ئاتىغانلار ئىكەن.
     مەكتەپتىكى مەمۇرىيەت ئورگانلىرى كۆپرەك جايلاشقان بىنانىڭ نامى ئېنگىلىزچە ستراڭ بولۇپ تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى سىتراڭ ئەپەندىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن ئىكەن. بىنانىڭ پىشانىسگە “سىتراڭ بىناسى1864” دەپ يېزىلغىنىغا قارىغاندا مەزكۇر ئىمارەت شۇ يىلى سېلىنغان بولسا كىرەك. يىراقتىن قارىماققا ھەيۋەت، كۆركەم ۋە پۇختىلىقى چىقىپ تۇردىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كارىدور ۋە پەلەمپەيلىرمۇ ئازادە بولۇپ، يەنە نەچچە يۈز يىل ئىشلەتكىلى بولدىغانلىقى كۆرۈنۇپ تۇراتتى. غۇر-غۇر شامال ئۆتۈشۈپ تۇردىغان دەرىزىلىرىدىن كۆرۈندىغان گۈل-گىياھلار ۋە بۈككىدە ئورمان كىشىنىڭ كۆزىنى راھەتلەندۈرەتتى. لېفىت، لامپا، توكلۇق پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ بارلىققا كەلمىگەن زامانلاردا سېلىنغان بۇ قۇرلۇشنىڭ يۇقارقى ئەسلىھەلەر سەپلەنگەندىمۇ قىلچە زەخمە يىمەي 150نەچچە يىلدىن ئامان-ئىسەن ئۆتۈشى ئەينى دەۋىردىكى لاھىيە، ھۈنەر ۋە تەجىرىبىنىڭ پۇختىلىقىدىن دىرەك بىرىپ تۇراتتى. ئەگەر ئەينى چاغدىكى مائارىپ ئەندىزىسى ئەمەلىي، ئىلمىي، تەلەپچان بولمىغان بولسا، شۇ مائارىپتا تەربىيەلەنگەن بىناكارلار پۇختا بىلىم ۋە تەجىرىبگە ئىگە بولمىغان بولسا جاھاندا تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈش ئەڭ تىز ۋە كەسكىن بولغان بىر يېرىم ئەسىرلىك بوران چاپقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ يەنە نەچچە 100يىل چىدايىدىغانلىقنى نامايەن قىلىپ تۇردىغان بۇنداق بىنالارنى قۇرۇپ چىقالمىغان بولاتتى.
    بىر ئىشنى تۇنجى باشلىغۇچىنىڭ مۇشەققىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەرس ئەمەس ئەلۋەتتە. ستراڭ ئەپەندىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان بارلىق جاپالارنى يېڭىپ  مەكتەپ قۇرۇش ئارقىلىق ياراتقان مەنىۋىي قىممەتنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولدىغان ئابىدىگە ئايلاندۇرغىنى ئۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە يېتىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسى ۋە ئىخلاسى بىلەن سىتىراڭ ئەپەندىنىڭ كانزاس ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مائارىپ ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇشتىكى تۆھپىسنى ئۇنىڭ نامىغا بىنا ياساپ خاتىرىلىگەن ئىدى. شۇڭا بىر جەمئىيەتتە نامىنى بىنالارغا، ئابىدىلەرگە ئويغىدەك ئادەملەرنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ.  شۇ ئىنسانلارنىڭ يىمىرىلمەس تۆھپىسىگە، خاسىيەتلىك ئىزىغا لايىق يىقىلماس ئابىدىلەرنى تىكلىيەلەيدىغان بىر تۈركۈم ۋارىسلار، ئىزباسارلار بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى ئەجداتلاردىن قالغان نەمۇنىلەرنى كېيىنكى ئىز باسار ئەۋالاتلارغا يول بەلگىسى قىلىپ تىكلەيدىغان ئاڭ ۋە جاسارەت بولۇشى كېرەك. شۇندىلا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ “بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس” دېگەن ئۆگۈتىگە ئەمەل قىلىنغانلىق بولىدۇ.
      قەدىمكى پايتەخىت قەشقەردىكى ئاپاق خوجا قەبرىگاھىنىڭ ھەشەمىتى بىلەن خانلىق مەدىرىسە، ساچىيە مەدىرسى قاتارلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرنىڭ ۋەيرانىلىقى بىزگە بۈگۈنكى خار زەبۇنلۇقنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. تارىخى دۇنياغا مەشھۇر ئوكىسفورد ۋە كامبىرىج ئۇنىۋىرىستتىلىرىدىن ئۇزۇن بولغان، مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ مىڭ يىلدىن بىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئىككى بىلىم بۇلىقىنىڭ قۇرىشى ۋە زىيارەتچىسىز تاشلاندۇق ھالىتى بىزنى ئەجدادىنىڭ ئىزى ۋە  ئىز باسارلىق  ھەققىدە ئاچچىق ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلدۇ. ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ھەقىقەت ۋە ئىلىمسۆيەرلىكنىڭ بەلگىسى بولغان تارىخى ئىزلار ئۆز پىتى ساقلىنىشى، تەشۋىق قىلىنىشى ۋە ئىزباسارلار ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىنىشى كېرەك ئېدى، ئەپسۇس. 2012-يىلى ھۈسەيىن مۇسابايۇف ۋە باھاۋىدىن مۇسابايۇفلار بۇندىن 100 يىللار بۇرۇن سالغۇزغان ئىكساق مەكتىپىنى زىيارەت قىلدىم. ئەسلىدىكى مەكتەپ چېقىپ تاشلىنپ ئورنىغا يېڭلاپ ساپتۇ. ئەجداتنىڭ ئىزى ئۆچۈپتۇ، تۆھپىنىڭ خاتېرە تىمى غۇلاپتۇ.
    مەكتىپىمىزدىكى چاققانغىنە كەلگەن بىر بىنانىڭ ئالدىغا بىر-بىرىگە يانچە قارىشىپ تۇرغان ئىككى كىشىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. ئىزدىنىپ كۆرسەم، بۇ لىپتون ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇنىڭ باشقا بىر دۆلەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جەڭدە قۇربان بولغان ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. لىپتون ئەپەندى كانزاس ئۇنسۋىرسىتىتىدا ئەڭ بۇرۇن تەسس قىلىنغان قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ پىروففىسورى بولۇپ مەزكۇز فاكۇلتىتتنىڭ بەرپاچىسى ئىكەن. ھەيكەلدىكى ئوقۇغۇچى بولسا ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلغان تۇنجى كىشى ئىكەن. ھەر قېتىم قىزغىن پاراڭلىىشپ تۇرغان ئۇستاز ۋە شاگىرتنىڭ ھەيكىلىنى ئەسلىگىنىمدە مەكتەپىمىزدە بىلىم، ئەخلاق ۋە غايەلا تەكىتلەنمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ھۆرلۈكىنى قوغدايدىغان قەھرىمانلىقنىڭمۇ سىڭدۈرىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىمەن.
    كانزاس ئۇنۋىرسىتىتىدىكى ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرى ئىچىدە مەشھۇر سانىلىدىغان ۋاستىكبۇل مەيدانى بار. مەيدان جايلاشقان جايلاشقان تەنتەربىيە سارىيىغا مەكتەپ ۋاستىكبول كوماندىسىدا ئۇزۇن يىل مەشقاۋۇللۇق قىلىپ ئۇنى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلەر ئارا داڭلىق كوماندىغا ئايلاندۇرغان ئەللىن ئەپەندىنىڭ نامى بېرىلگەن. كانزاس ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ۋاستىكبول كوماندىسى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئېچىدە ھېلىمۇ مەشھۇر بولۇپ، بىر قانچە يىل بۇرۇن مەملىكەت بويىچە چىمپىيۇن بولغانىكەن. شۇڭا مەزكۇر مەكتەپنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئېسىل ۋاستىكبول مۇسابىقىلىرىنى دەپ مۇشۇ يەردە ئوقۇيدىكەن. مەكتەپ تەنتەربىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەندىن باشقا، كۆڭۈللۈك ئوينىيالايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشنىڭمۇ موھىملىقىنى ئۇنۇتمىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتە تۈرلۈك تەنتەربىيە سورۇنلىرى قۇرۇپ ۋە ھەرخىل تەنھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەندىن باشقا بۇ ساھەدىكى تۆھپىكارلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن بىنالارغا نام بېرىپ خاتىرىلەشنىمۇ چىڭ تۇتقان. شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتە ئىزدىنىش ۋە ئوقۇشنىڭلا ئەمەس، چېنىقىش ۋە ئويناشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى بىلىشنىڭمۇ زۆرۈرلىكىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى ساغلاملاشتۇرغان.
    مەكتىپىمىزگە ھەر مەۋسۇمدا يېڭى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا ئانىلار ۋە ھەۋەسكار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كېلىپ تۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن چۈشەندۈرگۈچىلىرى زىيارەتچىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۇقارقى ھەيكەل ۋە بىنالارنى تەپسىلى تونۇشتۇراتتى. مەن زىيارەتچىلەرگە يۈزلىنىپ چىغىر يوللاردا  كەينىچىلەپ مېڭىپ ھەر بىر ئىمارەت، چىمەنلىك ۋە ھەيكەلنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرىۋاتقان پىدائىلارغا ھەۋەسلىنەتتىم. يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا مەنمۇ ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ھاياجانلىرىمنى   “دىمەك، مەكتەپتىكى ھەربىر ساراي، تەجرىبىخانا، مۇزىي، تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن كىىشلەر قالدۇرغان تۆھپىنىڭ ئىزىدىن ئىبارەت. ئۇلار شۇ تۆھپىلىرى ئارقىلىق ئىزلىرىنى بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ يول خەرىتىلىرىگە ئايلاندۇرغان. ئەنە شۇ ئىزلاردىن ماڭغۇچىلار بۈگۈنكى ئۈزۈلمەس كارۋانلارغا ئايلانغان. مانا بۇ بۈگۈنكى غالىپ مىللەت ۋە ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى. ئۇلاردا شەخسلەر مېلى، جېنى ۋە ئۆمرى بەدىلىگە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئېزىتقۇ چۆللەردە بەلگە قالدۇرغان، پايانسىز زۇلمەتتە يول ياسىغان. سەن ئوقۇۋاتقان بىنا، چېنىقىۋاتقان ساراي، ئۆگىنىۋاتقان كۈتۈپخانا ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىزى، بۈيۈكلۈكنىڭ يول بەلگىسىدۇر. بۇ ئىزنى بويلاپ تېخىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە يۈرۈش قىلامسەن ياكى شۇ يولدا يىقىلىپ يۈك بولامسەن ئۆزۈڭگە باغلىق” دەپ يازغانىدىم.
    مەكتەپتە ھەر مەۋسۇم تونۇشتۇرۇلۇپ، خاتىرىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ ھەيكەللەرنىڭ ھىكايىسى ماڭا بۇرۇن سىڭدۈرۈلگەن “تارىخنى خەلق ياراتقان، بارلىق تۆھپە ۋە ئۇلۇغلۇق كوللىكتىپقا مەنسۇپ…” دىگەندەك ساختا شۇئارۋازلىقنى رەت قىلاتتى. مەكتەپ ھويلىسىدىكى مەڭگۈلۈك ئىسىملار، يىقىلماس ئابىدىلەر، سۆيۈملۈك ھەيكەللەر شەخسىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇراتتى. كىشىگە ھەر ۋاقىت قىممەت ياراتقان شەخىسلەردىن بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. مەكتەپتە تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ كۈندە تەكرارلىنىپ تۇردىغان ئىسىملىرى، كۆرۈنىپ تۇرىدىغان ھەيكەللىرى كىشىنى ئاشۇلار باشلىغان ھەقىقەتەن، ھەققانىيەت ۋە ھۆرلۈك كارۋانىنىڭ ئىزباسارىدەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى.
   
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top