You Are Here: Home » ئومۇمى » تۇۋادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى قىزغىنلىقىنىڭ پەسىيىشى

تۇۋادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى قىزغىنلىقىنىڭ پەسىيىشى

شەھەريېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىدىن بىرى «ئىنايەت» نىڭ باش بولۇپ تەشكىللىشى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ئالىملىرى ۋە يازغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قەلئەلىرىدىن بىرى پورباجىندا زىيارەت ھەم تەكشۈرۈشلەردە بولدى. بۇ ئاشۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئەۋجى ئالغان پورباجىن ئۇيغۇر شەھىرى قىزغىنلىقىنىڭ داۋامى بولسا كېرەك.

رۇسىيەنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى 8-ئەسىرگە تەۋە قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى خارابىسى پورباجىننى قايتا ياساپ چىقىش ۋە بۇ يەردە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىش پىلانى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2005-2010 يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات پىلانى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.

2007-يىلى رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ھازىرقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تۇۋا مىللىتىدىن كېلىپ چىققان سېرگېي شويگۇنىڭ تەشەببۇسى بويىچە پورباجىن قەلئەسىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئىشقا رۇسىيەنىڭ بىر قانچە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى قاتنىشىىپ مەزكۇر شەھەر خارابىسىدىن خېلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان ئىدى.

ئەينى چاغلاردا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مەزكۇر قەدىمى شەھەرگە ئائىت خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھەتتا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس پورباجىن مەدەنىيەت فوندى قۇرغانلىقى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ھەم پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى يېزىلغان ئىدى.

2007-يىلى 13-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مونوككو كىنەزى ئالبېرت ئىككىنچىنى باشلاپ، پورباجىنغا زىيارەتكە كەلدى. پرېزىدېنت پۇتىننىڭ مەزكۇر قەدىمى ئۇيغۇر قەلئە خارابىسىنى زىيارەت قىلىشى 8-9-ئەسىرگە تەۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولغان پورباجىنغا بولغان زور قىزىقىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان، ھەتتا بۇ شەھەر ۋە ئۇنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك پروگراممىسىمۇ ئىشلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.

تۇۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى ئارقىسىدا تۇۋادا پورباجىن ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن ئېچىلدى ھەمدە بۇ شەھەر ۋە تۇۋانىڭ تارىخى ھەققىدە ھەر خىل تىللاردا كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

لېكىن، بىر يىل ئەتراپىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يەردىن خېلى كوپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان ھەمدە قەلئەنىڭ ئەسلى قىياپىتى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، ئۇنى ياساپ چىقىش باشلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قەلئەنى قايتا ياساپ چىقىش ئىشى توختاپ قالدى. نەتىجىدە، پورباجىن قەلئەسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئىشقا ئاشمىدى. ھازىر بولسا بۇ شەھەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مەتبۇئات سەھىپىسىدىن قېپ قالغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇۋادىكى مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىگە بولغان قىزىقىش پەسەيمىدى.

شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيىتى « ئىنايەت» بۇ جايغا قارىتا زىيارەت تەشكىللىگەن بولسا كېرەك. بۇ ئۆمەككە قاتنىشىپ، پور-باجىننى زىيارەت قىلغان رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىسمايىلجان ئىمىنوف پورباجىن شەھىرىنى قايتا ياساپ چىقىش پىلانىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پورباجىن قەلئەسى رۇسىيەدىكى 8-ئەسىرگە مەنسۇپ ئۇيغۇر شەھەر خارابىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قەلئەگە ئائىت تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتناشقان ئالىملاردىن بىرى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرق تارىخى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دمىترىي ۋاسىلىيېۋنىڭ ئېيتىشىچە، پورباجىن ئىشى ھازىر توختىغان، ئەمما ئۇ ئۆزى تۇۋادىكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردىن ئون نەچچە ئۇيغۇر شەھەر خارابىسىنى تاپقان، پورباجىن ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

پورباجىن مەدەنىيەت فوندىنىڭ تەزكىرىسىدە ئېيتىلىشىچە ئالدى بىلەن پورباجىن شەھەر خارابىسى 1891-يىلى، مىنۇسىن مۇزىيىنىڭ خادىمى دمىترى كلېمېنس تەرىپىدىن بايقالغان. 1957-1963-يىلى سوۋېت ئېتنوگرافى ۋە ئارخېئولوگى سېۋىيان ۋاينېشتەيىن پورباجىن ئۈستىدە تۇنجى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ قەدىمى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن ئىدى.

تۇۋا قەدىمكى ئۇيغۇر قالغانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربتىكى ئاساسلىق زېمىنلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ياشىغان. يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، تۇۋالىقلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ھېسابلايدۇ ھەمدە بۇ يەردە ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدىغان قەبىلىلەر مەۋجۇت.

تۇۋا جۇمھۇرىيىتى جەنۇبى سىبىرىيە رايونىغا تەۋە، موڭغۇلىيە ۋە قازاقىستانغا چېگرىداش بولۇپ، تۇۋا رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىن ئانچە يىراق ئەمەس.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top