• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»

بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»

Shahnameh3-1ئالىمجان تىلىۋالدى

يېقىندا ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاق يىگىت ئەلىبىكوۋ بۆلىمىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئىنستىتۇت نامىدىن بىركىتاپقا تەقرىز يېزىش لازىملىغىنى تاپشۇرۇپ، شۇ توغرىلىق قىسقىچە ئۇچۇر يېزىلغان بىر پارچە ۋاراقنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. دەسلەپ مەن بۇنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ چۈشەندىم. ئەمما ئاخبارات ۋارىغىنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا، خەلقىمىزنى يەنە بىريېڭىلىق كۈتۈپ تۇرغانلىغىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» داستانى توغرىلىق تەقرىز يېزىشى ھەققىدە بولۇۋېتىپتۇ. 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇق ۋەكىلى قەلەندەر11-ئەسىردىكى پارس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ«شاھنامە»سىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن… ئەمما بۇ نەق تەرجىمە ئەسەرمۇياكى يېڭىچە بىر شەرھىمۇ، بۇ توغرىلىق ھازىرچە بىر نېمە ئېيتىش قىيىن، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قول يازمىلارنى كۆچۈرۈشتە ياكى تەرجىمەقىلىشتا ئەركىن ۋە ئىجادىي ياندىشىش ئەنئەنىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھېساپقائالساق، ئۇ چاغدا ماڭا ئالاھىدە بىر داستان توغرىلىق تەقرىز يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلكىدە سالمىغى 7 كىلوگرامغا يېقىن بولغان 1042 بەتلىك چوڭ كىتاپنى قولۇمغائالدىم.
ئۇمۇمەن، ئۇيغۇر شائىرىنىڭ بۇ داستانىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا خېلى مەلۇماتلارغا ئىگەبولدۇم. مەزكۈر ئەسەرنى 1921- يىلى باي ئوغلى ئىسىملىق كىشى قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي كىتاپخانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. دېمەك، بۇ مەشھۇر ئەسەركىتاپخانىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكەن يۈز يىلنى ھېساپقا ئالغاندا، ئۈچ ئەسىرداۋامىدا كۆمۈكتە ياتتى دېگەن سۆز. ئېچىنارلىق يېرى، مەزكۈر داستان بىزنىڭ ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققەت-نەزىرىدىن سىرت قالغان. ئەگەر بىز داستاننىڭ مىللىي كىتاپخانىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقتىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇ چاغدا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋاقىئەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇخەلقىمىزنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ۋە مىللىي تەئەللۇقلۇغىنى ئېنىقلاپ، يېڭى بىردەۋىرگە قەدەم تاشلىغان پەيتى ئېدى. نەق موشۇ دەۋىردە قەلەندەرنىڭ «شاھنامىسى» تېپىلغان ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي دۇردانىلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تېپىلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى تۇۋا تەۋەسىدە تېپىلغان پورباجىن. ئۇ خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاشۇردى. ئۆز ۋاقتىدا مەن تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىررىتورىيەسىدەقەدىمىي ئۇيغۇر خاقانلىغىغا ئائىت يەنە بەش شەھەرنىڭ توپا ئاستىدا ياتقانلىغىنى روسىيە دۆلىتىنىڭ شۇ چاغدىكى پەۋقۇلادە ۋەزىيەتلەر مىنىسترى سىرگەي شويگۇنىڭ لەۋزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. دىمەك، كېلەچەكتە خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇكۆتىرىلىدىغانلىقىغا ئۈمۈت ئارتىمىز. ئەڭ مۇھىمى، بۈيۈك تارىخىمىزغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلىرىمىزنىڭ، يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئاممىۋىي ئۈگىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئىنتىلساقلا بولغىنى.

Baysonghori_Shahnameh_battle-scene
ئەندى«شاھنامىنىڭ» ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنى قازاق خەلقىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك شەرىقشۇناس ئالىم، ھەلى مەرھۇم مۇھەمەدرەھىميارمۇھەمەدوۋ ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئامما نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئالىمنىڭ ماقالىلىرى نەشىر قىلىنمىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ئەسەر تاجىك ئالىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بىردىن جەلىپ قىلغان. نەتىجىدە قازاقستان مىللىي كىتاپخانىسىنىڭ باش مۇدىرى گۇلىسا بالابەكوۋا قەلەندەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى«شاھنامىسى»نى تەۋەررۈك ئەسەرلەر قاتارىدا يۇنىسكو(ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت تەشكىلاتى )نىڭ «دۇنىيا خاتىرىسى»تىزىمىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.مانا شۇ قارارنى مەن م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نامىدىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ، پىكىر يوللىدىم. بۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى كۆمۈكتە ياتقان نادىر ئەسەرنىڭ ئاممىۋىيلىشىشى ئۈچۈن مىسقالدەك بولسىمۇ ئۈلۈش قوشقانلىغىمنى ۋە ۋۇجۇدۇمدا پارتىلىغان مىللىي ھىسسىياتىمنى يوشۇرالمىدىم.

خۇللەس،قەلەندەر دېگەن كىم؟ ئۇ ھەققىدە بىز نىمە بىلىمىز؟
يۇقۇرىداقەيت قىلىنغان قول يازمىدىن قەلەندەرنىڭ شاخ ھىجران نىزامىددىن غوجا ئوغلى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇ مەزكۈر «شاھنامىنى» دانىيال غوجىنىڭ ئوغلى ياقۇپ غوجا جاھاننىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن يازغانلىغىنى بىلىمىز. نەق موشۇنداق مەلۇمات 18-ئەسىر ئۇيغۇرنامايەندىسى مۇھەممەت سادىق قەشقەرىينىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ئەسىرىدىمۇ بار.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتنى ئاتاقلىق شائىرىمىز تىيىپجان ئىلىيوۋئېلان قىلغان ئىكەن. ئەندى ئۇنى كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىغا دەسلەپكى قېتىم تونۇشتۇرغان بولسا ئاتاقلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، مەرھۇم ساۋۇت موللاۋۇدوۋدۇر. ئەمما، ئالىمنىڭ «18- ئەسىر ئۇيغۇرشېئىرىيىتى» كىتاۋىنى قولغا ئالغاندا، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزدۈم. شائىرنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە تامامەن ئاخبارات يوق. ئەمما س.موللاۋۇدوۋ قەلەندەر شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ خوتەن شەھىرىدەتۇغۇلغانلىغىنى تەخمىن قىلغان. ئەندى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى،ئالىم غەيرەتجان ئوسمان قەلەندەرنىڭ شېئىرلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، شائىرنىڭ يۇرتى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى قۇندۇز دېگەن يەر دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەمماكېيىنرەك ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ، شائىرنىڭ يۇرتى ئاۋغانستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھىرى دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن دەرھال 2005-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان بەش توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»نى قولغا ئېلىپ،قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنى ئىزدىدىم. بىراق، نېمىشقىدۇ، ئۇلۇق ئەدىپنىڭ ئىجادىيىتى مەزكۈر چوڭ توپلامدىنمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالماپتۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، بىز1908-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە بېسىلغان «شاھنامەئى تۈركىي» توغرىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلاردىن، يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلارنى ئالدۇق. بۇ خەۋەرلەرنى ھېساپقا ئالغاندا، بىز شائىر قەلەندەرنىڭ ئاتىسى شاھ-ھىجراننىڭ تولۇق ئىسمى شاھمۇھەممەد ئىمىناخۇن ئىبن غوجا نىزامىددىن ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزىمىز. دېمەك، ش ئۇئا ر ئالىملىرى ئىمىنجان ئەھمىدى ئۇتۇق بىلەن غەيرەتجان ئوسماننىڭ تەكىتلىشىچە،«شاھنامەئى تۈركىينىڭ» نۇرغۇنلىغان تەرجىمىلىرى مەۋجۇت. «شاھنامە»نىڭ تاشكەنتتىكى نۇسخىسىنى ئېيتمىغاننىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ ئالمۇتىدىكى نۇسخىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى كىتاۋىنىڭ نەق يېرىمى، يەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چوڭ بىر تومى. ش ئۇ ا رئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانساق، ئىككىنچى تومىنى شاھ-ھىجراننىڭ دوستىخامۇخۇن ئىسىملىق شائىر يەكەندە 16 يىل ماباينىدا يېزىپ تۈگەتكەن. مەزكۈر كىتاپنىڭ قول يازمىسىنى يەكەنلىك ھەمىتاخۇن دېگەن كىشى ش ئۇ ا ر نىڭ مىراسگاھىغا ھەدىيەقىلغان. دېمەك، 18-ئەسىردە پۈتۈلگەن «شاھنامە تۈركىي» ئىككى نەپەر ئۇلۇق ۋەتالانتلىق ئەدىپلەرنىڭ ئۇزاق يىللىق مىھنىتىنىڭ مېۋىسى. تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى،قەلەندەر يەكەندە ياشىغان شۇ بۈيۈك زات شاھ ھىجراننىڭ ئوغلى. دېمەك، ئاتا-بالائىككىسى تەڭدىشى يوق مىللىي غەزنىنى خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلغان ئىكەن. بۇنىڭغاقاراپ، قەلەندەرمۇ يەكەنلىك بولۇشى ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ ئويلىدۇق. ئەمما بىزھازىرچە ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇماتلارنى تاپالمىدۇق.
ئەندى قەلەندەر ئاتالغۇسىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇشى مۇمكىن.مەلۇمكى، 18- ئەسىردە نەقىشبەندى سوپى-دەرۋىشلەر ئوردەنىنىڭ (جامائىتىنىڭ) چېچىلىپ كېتىشىگە باغلىق، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاپپاق غوجا رەھبەرلىگىدىكى «ئىشقىيە» ۋەدانىيال غوجا باشچىلىغىدىكى «ئىسھاقىيە» ئوخشاش ئىككى چوڭ گورۇھ پەيدا بولۇپ،ئۇلار ئىدىيەۋىي جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن كۈرەشكەن. كېيىنرەك، ئۇ تارىختا ئاقتاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار دەپ نام ئالغان. قەلەندەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇدانىيال غوجىلار ئەۋلادى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئىسھاقىيە» جامائىتىگەئەگەشكەن. مەزكۈر جامائەتنىڭمۇ بىر قانچە دەرۋىشلەر ئوردەنىدىن تەركىپ تاپقانلىغ مەلۇم. ئەينە شۇنداق سوپىلار جامائىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئۆزى تەشكىل قىلغان قەلەندەر ئوردەنى بولۇشى ئېھتىمال ھەم بۇ ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. ئۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ، بۈگۈنكى كۈندە پارس-تاجىك ۋە ئۆزبەك ئەدەبىياتىدا قەلەندەرئىسىملىق ئەدىپلەر مەۋجۇت. بۇ ئوردەندىكى دەرۋىشلەر رېئال ھايات ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇغى بىلەن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كېچە-كۈندۈز ئىجات قىلىش، قوليازمىلارنى كۆچىرىش ھەم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بەنت بولغان. ئۇلار بايلىق توپلىمىغان. مەنىۋىي بايلىق – زور بەخىت دەپ چۈشەنگەن. بىزنىڭ ئويىمىزچە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ «ئىسھاقىيە» گورۇھىغا توپلىنىشى ئۇتتۇر دانىيال غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ياقۇب غوجا شاھ جاھان ۋە فۇتۇھىيلارنىڭ تەرەققىي پەرۋەر ھەم چوڭقۇربىلىم-پاراسەت ئىگىلىرىدىن بولۇپ، زور ئىجتىمائىي-سىياسىي سالماققائېرىشكەنلىگىدىن بولسا كېرەك.

Shahnameh3-5 يەنەبىر ھەيران بولارلىق يىرى، دانىيال غوجا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى شاھ جاھان (ئەرشىي)دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رىۋاجلانغان. بۇ دەۋىردەزەلىلىي، نوبىتىي، خاراباتى، خامۇشاخۇن، شاھ ھىجران، مەشھۇرىي، شائىراخۇن،مۇھەممەت سىدىق قەشقەرىي، گۇمنام ئوخشاش نامايەندىلەر ئىجات قىلىپ، زور شۆھرەت قازانغان.ئەمما ئاپپاق غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇرھانىدىن غوجا «ئىسھاقىيە»دەرۋىشلەر جامائىتىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بولغان مەشھۇر شائىرلارئەرشىي، ئۇنىڭ ئوغلى فۇتۇھىينى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ تۈپەيلى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك بىر گۈللىنىش دەۋرىگە چوڭ دەخىل يەتكۈزۈلگەن.ئەلۋەتتە،بۇ خىل ئەھۋالدا قەلەندەر، ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ ھىجران بىلەن دوستى خامۇشاخۇننىڭ تەغدىرى توغرىلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى تەبىئىي! بەلكىم، ئۇلارمۇ ئاپپاق غوجائەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پاجىئەلىك ۋاقىئەلەرنىڭ زەرداۋىغا ئۇچرىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ھەر ھالدا، غوجىلار دەۋرى تەپرىقىچىلىككە ۋە جاھالەتكە تولغاندەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ دەۋىردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە بىر ئۇلۇغ باسقۇچقا قەدەم قويغانلىغىنى ئۇنتىماي، بۈيۈك ئەدەبىياتىمىز بىلەن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
بۇئەسەردىن باشقا قەلەندەرنىڭ قەلىمىگە 150كە يېقىن غەزەل، 20دىن ئوشۇق مۇخەممەس مەنسۈپ. قەلەندەرنىڭ دۇنيا مىقىياسىدىكى ئەللامە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى قولغا ئېلىشى، ئۇنى، سۆزسىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇق شائىرلىرىنىڭ قاتارىغا قويىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، ۋاقىت ئۆتۈپ، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئېگىلەيدۇ.

ئاپتور: م. ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top