ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قاراخانىيلارغا قەدەر ئۇيغۇرلاردا مەدەنچىلىك

قاراخانىيلارغا قەدەر ئۇيغۇرلاردا مەدەنچىلىك

Uyghurيۈسۈپجان ياسىن
مەدەننىڭ بايقىلىشى ۋە مەدەن تاۋلاش ئارقىلىق ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملارنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يېڭى بىر باسقۇچقاكۆتۈرگەن. بولۇپمۇ، تۆمۈرنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە قوللىنىلىشى ئىنسانلارنىڭتەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدەيېڭىچە بىر سالاھىيەتكە ئېرىشتۈرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتمەركەزلىرى ئىچىدە مەدەنگە باي ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان جايئالتاي ، تەڭرىتاغ ، قارا قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرى ۋە بايقال كۆلى بويلىرى ئىدى.بولۇپمۇ، ئالتايدىكى مول مەدەن كان بايلىقلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىزتەرىپىدىن بايقىلىپ  قېزىلغان. ئالتاي مولۋە قىممەتلىك مەدەن بايلىقلىرى بىلەن داڭق چىقارغان.[1]يازما مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا قارىغاندا، تۈركىي قەۋملەرنىدۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەن قازغۇچى مىللەتلەرنىڭ بېرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.تۈركىي قەۋملەر ئاپىرىدە بولغان ۋە بۈيۈك دۆلەتلەرنى قۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئالتۇنتاغ»، «كۆمۈش تاغ»، «تۆمۈر تاغ» ۋە «كۆمۈر تاغ» دەپ ئاتالغان تاغلار، «باقىربالىق»، «باقىرلىغ» دەپ ئاتالغان شەھەر ۋە يەر ناملىرى باربولۇپ، بۇ توپونومىك ناملارمۇ ئاشۇ تاغلاردىن چىققان ئالتۇن، كۆمۈش، مىس، تۆمۈر ۋەكۆمۈر قاتارلىق مەدەن كانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا بارلىققا كەلگەن. ئوتتۇرائاسىيا قەدىمكى دەۋرلەردىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك ۋەئەڭ مۇھىم مەدەن بايلىقلىرى چىقىدىغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. شەرقتە موڭغۇلىيەدىنغەرپتە دۇناي دەرياسى بويلىرىغىچە بولغان بوزقىر رايونلىرىدىكى قورغانلارداتېپىلغان تۈرلۈك مېتال بۇيۇملار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىشلەنگەن «ھايۋان ئۇسلۇبى»تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنچىلىك ۋە مېتال تاۋلاش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋەئىقتىدارىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ.
ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت دەپ قارىلدىغان سۇمېرلارنىڭ زاتىنى ئالتايغاۋە تۈركىي قەۋملەرگە باغلايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن(بەزىلەربەش مىڭ يىل بۇرۇن دېسە، بەزىلەر، تۆت مىڭ بۇرۇن بۇرۇن، دەپ قارايدۇ) ئالتايدىنمىسوپاتامىيەگە كۆچكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بىز مانا شۇ سۇمېر مەدەنىيىتىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، سۇمېرلارنىڭ مەدەن يوق مىسوپاتامىيەدە تەرەققىيقىلغان مەدەنچىلىكنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ مەدەنلەرنىڭ دەل خامماددا ھالىتىدە ئالتايدىن ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە كېيىنتاۋلاپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.[2]  دېمەك، سۇمېر مەدەنىيىتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ،بولۇپمۇ ئالتاي تاغلىرىنىڭ تارىختا ئەڭ دەسلەپ مەدەن كانلىرى قېزىلغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بەزى تارىخچىلار تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنچىلىكبىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرگە تايىنىپ، ئۇلاردىن قالغان «ئەجدادلار غارى»نىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل مېتال كانلىرىئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.[3]بۇنداق غارلار كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت داستانلاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭغارىيەدە ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانقازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر بايانى ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر.ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «مەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇغلۇق قىسمىدىن ئىلگىرىئىشلىتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنىڭ ئورنىنى تاپتىم. شۇڭا كانچىلىقنى پەقەت فىنخەلقلىرىگىلا خاس كەسىپ ئىدى دەپ قارىساق بولمىغىدەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە بۇكەسپتە فىن خەلقلىرىگە قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ.»[4]فرانسىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس جون پائۇل روكس «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنتاۋلىغۇچىلارنىڭ، ھەيكەلتاراشلارنىڭ ۋارىسى بولغانتۈركلەر مەدەنچى، سانائەتچى ۋە ھۈنەرۋەرگە ئايلانغانىدى»[5]دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنچىلىك تارىخىنىياراتقۇچى مىللەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
برونزا ۋە مىس بۇيۇملار تارىخى تاش دەۋرىگەتاقىلىدىغان ھەر قانداق مەدەنىيەتتە ئۇچرايدۇ. بۇ بۇيۇملار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭقەدىمكى كۈلتۈر ئىزلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. بىراق برونزا قۇيمىچىلىقتا تۈركىيقەۋملەرنىڭ خەنزۇلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. گېرمانىيەلىك مەشھۇرخەنزۇشۇناس ۋ. ئېبېرخاردنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە شيا سۇلالىسىنىڭقۇرۇلۇشى شىمالدىكى تۈركىي قەۋملەردىن برونزىنى ئىمپورت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكبولغان.  مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400- يىللاردابرونزا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ يېيىلغان. ئەڭ دەسلەپكى برونزا قوراللارنىڭشەكىللىرىمۇ سىبىرىيەدىكى قوراللارنىڭ شەكىللىرىگە ئوخشاپ كەتكەن. يەنە بۇئالىمنىڭ مىتولوژى ۋە بەزى بەلگىلىك پاكىتلارغا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغانبايانلىرىغا قارىغاندا، برونزا قۇيمىچىلىق سانائىتى ئاۋۋال تۈركىي قەۋملەرتەرىپىدىن شىمالىي جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەردىن شەرقىي ۋەجەنۇبىي جۇڭگوغا تارقالغان، بۇ يەرلەردە ئۆزىگە خاس بىر برونزا سانائىتىشەكىللەنگەن.[6]ئافاناسيېف كۈلتۈرى جەمبىرىكىگە مەنسۇپ مىنۇسىنسك ۋە ئالتاي تاغلىق رايونىدىكىئىزلاردا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردىن قالغان مىس پىچاق، بىگىز، سىم، ھالقاۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى تېپىلغان. ئىلىم ساھەسىدە بۇ كۈلتۈرنىڭ ئوۋچىلىق بىلەنبىرلىشىپ كەتكەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنىڭ ۋە مەدەن ئىشلىتىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنىتەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. رۇس ئالىمى ل. ر. كىزلاسوفنىڭ قارىشىچە، «جەنۇبىيسىبىرىيە ۋە ئالتايدا ياشىغان قەبىلىلەر ئافاناسيېف كۈلتۈرى دەۋرىدە تاش قورالدىنباشقا، مېتال قورال ــ سايمانلارنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئۇ دەۋردە ئالتايدۇنيانىڭ مەدەنچىلىك مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى.»[7]دېمەك، ئارخېئولوگلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا جەنۇبىي سېبىرىيەدە مەدەنكانلىرىنىڭ قېزىلغانلىقى ۋە ئالتاي تاغلىق رايونىدا مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە. شىنجاڭدىكى ئالتاي، ئۈرۈمچى،بارىكۆل، پىچان، ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىنمۇ مىستىن ياسالغان تۇرمۇشبۇيۇملىرى، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ھەيكەللەر تېپىلغان. بۇبۇيۇملارنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000- يىللارغا تاقىلىدۇ. تۈركىيەئالىمى سادرى مەقسۇدى ئارسال مۇنداق دەيدۇ : «قەدىمكى تۈرك ۋەتەنلىرىدە ئىشلىتىپتاشلىۋىتىلگەن ناھايىتى نۇرغۇن مەدەن كانلىرى تېپىلماقتا. بۇنىڭ كۆپ قىسمى مىسكانلاردۇر. بۇ كانلارنىڭ يەر ئاستىدىكى يوللىرى خۇددى ئەسىرىمىزدە(20- ئەسىردە)قېزىلغان مەدەن كانلىرىغا ئوخشاش تۈۋرۈكلەر بىلەن تىرەلگەن. بۇ مەدەن كانلىرىنىڭكۆپلۈكىدىن تۈركلەرنىڭ بۇ مەدەنلەرنى ئۆزلىرى ئىشلىتىپلا قالماي، باشقامەملىكەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.»[8]بولۇپمۇ نىلقىدىكى سىدام تاغ ۋە نۇرساي دېگەن يەرلەردىن تېپىلغان مىلادىدىنبۇرۇنقى 7-، 6- ئەسىرلەرگە تەۋە مىس كان ۋە مىس ئېرىتكەن ئىزلار ئۇيغۇرلارنىڭمېتاللورگىيە تارىخىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇر بەرمەكتە. خارابىسىكۈنىمىزگىچە ساقلانغان ئاشۇ كانلارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن مەلۇمكى، بۇ ئەتراپتىن تېپىلغانئون قۇدۇقنىڭ يەر ئاستى تونېللىرى بىر- بىرىگە ئۇلۇشۇپ كەتكەن. مۇكەممەل يەر ئاستىمەدەن قېزىش تورلىرى شەكىللەنگەن.[9]بۇنىڭدىن باشقا، كۇچانىڭ تىقماق دېگەن يېرىدە ھۇن دەۋرىگە ئائىت خېلىلا چوڭ كۈلەمدىكىبىر مىس كاننىڭ ئىزى بايقالغان. خارابە تەخمىنەن ئىككى كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنىقاپلىغان بولۇپ، بۇ يەردىن داشقال، كۈرەك ئاغزى، پىچ ئۇلى، مەدەن پارچىلاشقائىشلىتىلگەن تاش ياغۇنچاق ۋە ئۇقۇر قاتارلىقلار تېپىلغان. قاقماق دېگەن يەردىمۇكۆلىمى سەل كىچىكرەك مىس تاۋلاش ئورنىنىڭ ئىزلىرى بار.[10]نىيەدىن تېپىلغان شۇ دەۋرگە ئائىت مەدەنچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېپىلمىلارئارىسىدىمۇ مىس تاۋلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چاناق ــ بۇتا بار. خەنزۇمەنبەلىرىدىمۇ مۇشۇ دەۋردە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلاردا قۇرۇلغان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭمەدەنچىلىك تېخنىكىسىغا ئائىت بەزى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. قورغانلاردىن قېزىپچىقىرىلغان نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرى مەدەنچىلىكنىڭ تۈركىي قەۋملەرنىڭ نەزىرىدەناھايىتى شەرەپلىك بىر سانائەت دەپ قارالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.پېتروگرادنىڭ ئەرمىتاژ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قورغانلاردىن قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرئىچىدە مىستىن ياسالغان كىچىك بىر ئادەم ھەيكەلى بار. بۇ ھەيكەل قولىدا بولقاتۇتقان بىر مەدەن ئىشچىسىگە سىمۋول قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ياسىلىشىدىكى ماھارەت،نەپىسلىك ۋە زوق ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قورغانلاردىن ناھايىتىنۇرغۇن كىچىك بولقىلار تېپىلغان. مەلۇمكى، قەدىمكى تۈركىي قەۋملەر كىچىك ھەيكەللەرۋە بولقىلارنى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە قوللىناتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردائارخېئولوگىيە ۋە سەنئەت تارىخى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئاسىيادا تېپىلغانمېتالدىن ياسالغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنىتەستىقلاشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. [11]
ئالتايدا ئەڭ دەسلەپ قېزىلغان كانلار ئىچىدە ئالتۇن كانلىرىمۇ بار ئىدى.ئالتاينىڭ شۆھرىتىنى ھەر تەرەپكە يايغان نەسىلەر ئىچىدە ئالتۇن كانلار ئالدىنقىئورۇندا تۇرىدۇ. ئالتاينىڭ قەدىمدە «ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتالغانلىقى ۋەئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپبېرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغان بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، زۇلقەرنەيىننىڭئالدىن يۈرەر قوشۇنى تۈرك خاقانىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بىر تۈركئەسكىرى زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قېلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچەئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمياننى بىلىگەئېسىۋالغان ئىكەن. ئۇمۇ كېسىلىپ تىللالار قانغا مىنىلىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسىئەتتىگەن تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىنەلگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر – بىرىدىن بۇ نېمەدەپ سوراشقاندا، ئۇلار «ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا، شۇ يەردىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇنام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈركخەلقلىرى ياشايتتى.[12]  بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغنى ئالتاي تېغىدەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرئىلى ئىدىقۇت خانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئالتاي تېغى بۇ خانلىقنىڭ شىمالىيچېگرىسىنى تەشكىل قىلاتتى. «بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى»دېيىلىشىمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ ئالتاي ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ تاغنىمەركەز قىلغان ھالدا دەۋر سۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت بىلەن بىردەك. بۇيەردە مەھمۇد كاشغەرىي پەقەت ئالتاي تېغىنىڭ ئەسلى نامى، جۇغراپىيەلىك ئورنى،مەدەن بايلىقى ۋە تارىخىي رولى قاتارلىقلارنى رىۋايەت شەكلى بىلەنلا ئىپادىلەپبەرگەن. ئاندىرنوف كۈلتۈرى دەۋرىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا  ۋە شىمالىي ئاسىيادا ئالتۇن ئەسۋاپلار ئالاھىدەئورۇن تۇتقان. بۇ دەۋردە ئىنتايىن باي ۋە قۇدرەتلىك بىر ئىجتىمائىي ھاياتقا شاھىدبولغان ئالتاي ھەقىقىي بىر «ئالتۇن سانائىتىنىڭ مەركىزى» ئىدى. بۇ يەردىكىمەدەنچىلىكنىڭ تەسىرى جەنۇپتا تەڭرىتاغلىرىغىچە سوزۇلغان.[13]  قىسقىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- مىڭ يىللاردادۇنيا ئالتۇن سانائىتى تۈركىي قەۋملەرنىڭ قولىدا ئىدى.[14]جۇڭگو مەنبەلىرىدە ئالتاينىڭ ئالتۇن مەدەنلىرىدىن سۆز ئېچىلغىنىدەك، قەدىمكى يۇنانئەسەرلىرىدىمۇ بۇ خۇسۇستا خاتىرىلەر بار. ھېرودوت يازغان «تارىخ» دېگەن كىتابتىكىبايانلارغا قارىغاندا، قەدىمكى يۇنانلىقلار ئالتايدا ياشىغان قەۋمنىڭ نامىنىبىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سىمۋوللۇق قىلىپ، ئالتايدىكى ئالتۇن قازغۇچىلارنىئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بىر ئەپسانىدىكى ئالتۇن ساقلايدىغان، يىلان تەنلىك، قۇش باشلىقھايۋان گىرفوننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان دېيىشكە بولىدۇ.[15]  بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئالتاينىڭ ئالتۇن كانلىرى ۋەبۇ يەردە ياشىغان قەدىمكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئالتۇن ئېرىتىش جەھەتتىكى شۆھرىتىيىراقتىكى يۇنانلىقلارغا قەدەر يېتىپ بارغان. ئەمەلىيەتتە «ئالتاي» دېگەن ناممۇئالتۇنغا باغلىنىدۇ. ئالتاي تېغى «ئورخۇن ئابىدىلىرى»دە «ئالتۇن يىش»(ئالتۇن تاغ)دەپ يېزىلغان. خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىمۇ مۇشۇ نامنىڭ مەنا ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسىبويىچە «金微山»، «金山»، «安台山»،«阿勒台山» دەپيېزىلغان. مەلۇمكى، ئالتايدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغلار ۋەقويۇق ئورمانلىقلار بار.  قەدىمكى تۈركىيتىلدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغ «تايگا»، قويۇق ئورمانلىق «يىش»دەپ ئاتالغان. ۋ.ۋ. رادلوف بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «ئالتاي» سۆزى «ئالتۇن» (قەدىمكىتۈركىي تىلدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە ئاتىلاتتى) ۋە «تايگا» دېگەن ئىسىملاردىكى «ئال» ۋە «تاي»دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان، دەيدۇ.[16]كېيىنكى ۋاقىتلاردا ۋاڭ يەندېمۇ تىلغا ئالغىنىدەك، تەڭرىتېغىنىڭ شەرقى بۆلۈكىدىكىبوغدا تېغى ئېتەكلىرىدىمۇ ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مەدەن كانلىرى بولغاچقا، بۇتاغمۇ خەنزۇ مەنبەلىرىدە «金岭»، «金沙岭»، «金沙山»،«金娑岭»، «金娑山» دەپ ئاتالغانىدى. بۇ تاغنىڭ  ئېتىگىدە قۇرۇلغان بەش بالىقمۇ «ئالتۇن بالىق»دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇ نام ھۇن دەۋرىگە ئائىت خەنزۇچە مەنبەلەردە «金满城» دەپ يېزىلغان. يەنە كۆكتۈركلەر دەۋرىگە ئائىت خەنزۇ مەنبەلىرىدەيېزىلىشىچە، تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، بورتالانىڭ جەنۇبىدىن ئىلىغا ئۆتىدىغان يەردىكى تاغدىنمۇ ئالتۇنچىققاچقا، بۇ تاغمۇ «金牙山»دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «ئالتۇن يول» دېگەن بىر يول بولۇپ، ئۇ يولمۇ خەنزۇچە «金牙道» دەپ  يېزىلغانىدى.[17]ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا «يىپەك يولى» قاتنىشى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، يەنى مىلادىدىنبۇرۇنقى 7- ئەسىردىلا شىمالدا «ئالتۇن يولى» ياكى «برونزا يولى» دەيدىغان بىر سودايولى ئېچىلغانىدى. بۇ سودا – كارۋان يولى شەرقتە جۇڭگونىڭ خېتاۋدىن باشلىنىپ،شىمالغا مېڭىپ ئالتاي تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي سىبىرىيە يايلاقلىرىنى بويلاپقارا دېڭىز بويلىرىغا باراتتى. بۇ سودا – كارۋان يولىدا ئالتاي ئاساسلىق تارقىتىشمەركىزى ئىدى. بۇ يولدا شەرق ۋە غەرپتىكى ھەر قايسى ئەللەرگە توشىلىدىغانتاۋار-ماللارنىڭ كۆپىنچىسى ئالتايدا ئىشلەنگەن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس ۋە برونزابۇيۇملاردىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ يول تارىختا «ئالتۇن يولى» ياكى «برونزا يولى»دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئالاقە نەتىجىسىدە شەرق ۋە غەرپتىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگەمەنسۇپ تەركىپلەرمۇ ئالتايغا تارقىلىپ كىرىپ، قەدىمكى تۈرك كۈلتۈرى ۋەمەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. ئىسسىك قورغىنىدىنتېپىلغان «ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە»نىڭ جەسىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىن تېپىلغانمىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرگە ئائىت بىر قەبرە(«ئالتۇنلۇق قەبرە» دەپ ئاتاشقىمۇبولىدۇ) قەدىمكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئالتۇن ئېرىتىش تېخنىكىسىنىڭ نە قەدەر يۇقىرىسەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا «ئالتايدا 72 جىلغا بار، ھەممەجىلغىدا ئالتۇن» دېگەن سۆز  بار. مانا بۇخاتاسىز ھالدا ئەمەلىيەت ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۇندۇر. مەسىلەن، ئالتاي تاغلىرىداتۆمۈر، بېرىللىي، لېتىي، نىئوبېي، تانتال، مىس، ئالتۇن، خرومىت، قوغۇشۇن، سنىڭ،تىتان قاتارلىق مېتاللارنىڭ كانلىرى بار. مېتاللو ئىدكانلاردىن سىماب، سىليودا،خروستال، فليورت، ھاك، كۆمۈر، گلائوكونىت، تالىك، تورف سىسېرپېنتىن، كائۇلىن،سېغىز توپا، فوسقۇر، بارىت قاتارلىقلار بار.[18]بۇ مەدەنلەر نۆۋەتتە جۇڭگو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رولئويناۋاتقان كان بايلىقلىرىدۇر.
تۆمۈرنىڭ بايقىلىشى مەدەنچىلىك تارىخىداخېلىلا كېيىنكى دەرۋگە ئائىت بولسىمۇ، تۈركىي قەۋملەر تارىختا تۆمۈر كانلىرىنىئېچىش ۋە تۆمۈردىن تۈرلۈك قورللارنى ياشاشتا مەشھۇر بىر مىللەتكە ئايلانغان. «ئالتايۋە ئالتۇن تاغ  ۋادىلىرىدا يەرلەشكەنتۈركىي قەۋملەر مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇستا مەدەن ئىشچىلىرى ئىدى.بۇلار قەدىمكى ئەدەبىياتتا ئالتاينىڭ تۆمۈرچىلىرى دەپ ئاتالغان.»[19]دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان تۈركىي قەۋملەر، جۈملىدىن ھۇنلار،كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن كەڭ ئومۇملاشقان يۇقىرى ھەربىيسانائەتكە ئىگە ئىدى. بۇ ئۈستۈنلۈكنى ياراتقان ۋاسىتىلاردىن بىرى دەل تۆمۈردۇر.ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا تۆمۈر ئەڭ دەسلەپ بايقالغان رايون سۈپىتىدە بەزىدەئافرىقا، بەزىدە جەنۇبىي ھىندىستان، يەنە بەزىدە شەرقىي ئاناتولىيە قاتارلىقجايلار تىلغا ئېلىنىپ،  مىلادىدىن بۇرۇنقى4-مىڭ يىللاردا مىسىردا، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا، تىرويادا ۋە مىسوپاتامىيەدەتۆمۈرنىڭ بايقىلىشقا باشلىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ قاراش ئانچە مۇھىم بىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولالمىغان.چۈنكى، مىتورىت ياكى مەدەن پارچىسى ھالىتىدىكى بۇ تۆمۈر ماددىسى ئۇ دەۋرلەردەناھايىتى ئاز مىقداردا ئىدى. تۆمۈر قوراللار دەۋرى تۆمۈردىن كۆپ مىقداردا قورال –سايمانلارنى ياساشتىن باشلىنىدۇ. كېيىنكى تەتقىقاتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغانتۈركىي قەۋملەرنىڭ كۆچمەن تۇرمۇش شەكلى، جەڭگىۋار ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلارجەھەتتىكى كۈچلۈك قوراللارنى ياساش تەقەززاسى تۆمۈرنىڭ بىر خىل مەدەن سۈپىتىدە بايقىلىشىغاسەۋەپ بولغانلىقى ۋە بۇ خىل ئىمكانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتايداۋە يېنىسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ئەتراپلىرىدا مەۋجۇت بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.مەلۇم بولغىنىدەك، تۆمۈر كانلىرى مول رايون ھېساپلانغان ئوتتۇرا ئاسىيادايەرلەشكەن ۋە دەسلەپكى ھاياتىنى كۆچمەنلىك ۋە ئاتلىق تۇرمۇش شەكلى بىلەن باشلىغانجەڭگىۋار تۈركىي قەۋملەرنى ئەڭ بۇرۇن تۆمۈر كانلىرىنى تاپقان مىللەت دەپ ئاتاشخاتا ئەمەس. تارىخي دەۋرلەردىمۇ ئالتايدا، يېنىسەي ۋە تۇبا دەرياسىنىڭ يۇقىرىئېقىن بويلىرىدا يۇمشاق ۋە قاتتىق تۆمۈر(پولات) قېزىلغان. ئاباقاندا ئالىيدەرىجىلىك ماگنىت كانلىرى قېزىلغان. ئىۋولگى دەرياسىنىڭ سېلىنگا دەرياسىغاقۇيۇلىدىغان يېرىگە قۇرۇلغان  ھۇنلارنىڭبىر قورغىنىدىن(ئىۋولگى خارابىسىدىن) تۆمۈر تاۋلاش سېخلىرى بىلەن برونزا قۇيۇشئورۇنلىرى تېپىلغىنىدەك، شىمالىي ئالتايدىن ۋە ئۇلان ئۈدە(بايقال كۆلىنىڭ شەرقتەرىپىدە) دېگەن جايدىن كۆكتۈركلەر دەۋرىگە مەنسۇپ تۆمۈر كانلار ۋە تۆمۈر تاۋلىغانيەرلەر تېپىلدى.[20]  ھەقىقەتەن، تارىختا بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭھاياتى تۆمۈرگە ھەممىدىن بەكرەك باغلانغان بولۇپ، بۈيۈك بىر مىللەت خاراكتېرىنىيارىتىشىمۇ تۆمۈرنىڭ كۈچى ئارقىلىق بولغان. ئۇلار ناھايىتى قەدىمدىن بېرى ماھىرتۆمۈرچىلەر سۈپىتىدە تونۇلغانىدى. بۇ داستان ۋە فولكلور ئەسەرلىرىدىمۇ ئەكىسئەتكەن. مەسىلەن، «ئوغۇزنامە»دە تۆمۈر تاغنىڭ قېزىلغانلىقىدىن سۆز ئېچىلغىنىدەك[21]،«ئەرگىنەقۇن داستانى»دىمۇ ئەرگىنەقۇنغا يوشۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ تۆمۈر ئېرىتىشئارقىلىق سىرتقا چىقىش يولى ئېچىپ، بۇ يەردىن قۇتۇلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.[22]خەنزۇ مەنبەلىرىدە ياركەن ۋادىسىدا تۆمۈر تاغنىڭ بارلىقىدىن سۆز ئېچىلىش بىلەنبىرلىكتە بۇ تاغقا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرمۇ بايان قىلىنىدۇ.[23]ئا. زەكى ۋەلىدى توغان مۇنداق دەيدۇ : «ئىران داستانلىرىمۇ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىنبېرى تۈركلەرنى ئۈستى بېشى پولات ــ تۆمۈر بىلەن قاپلانغان بىر مىللەت سۈپىتىدەتەسۋىرلىگەن بولۇپ، بىز بۇنى تارىخىي دەۋرلەردە تۈركلەرنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلغانلىقىۋە تۆمۈرچىلىكنىڭ بۇلارنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان بىرسانائىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز.»[24]باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆمۈر تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتى، تۇرمۇشمەئىشىتى، سەنئىتى ۋە ھەربىي تېخنىكىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقاچقا، تۈركىي قەۋملەرئۇنى مۇقەددەس بىر جىسىم دەپ بىلگەن. قەسەم قىلغاندا ئالدىغا قىلىچ قويۇپ قەسەمقىلغان.[25]تۈركىي قەۋملەردە ۋە ئىرانلىقلاردا داستان، رىۋايەت ۋە ئېتىقاد ئەنئەنىسى شەكلىئارقىلىق ساقلانغان بۇ مەلۇماتلارمۇ تۆمۈرنى بايقاش ۋە ئۇنى تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭتۈركىي قەۋملەرگە مەنسۇپ ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەلبەتتە.
قەدىمكى كۈلتۈرئىزلىرى ۋە قورغانلاردىن تېپىلغان ماددى ئىسپاتلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆمۈرتاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ باشلىنىش تارىخىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشكە مۇمكىنچىلىكبولمىسىمۇ، بۇنىڭ ھەر ھالدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- مىڭ يىللارنىڭ باشلىرىغا توغراكېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. چۈنكى، ئاشۇ ۋاقىتلاردا تۈركىي قەۋملەرنىڭكەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىشى سۈرئەت جەھەتتىن ئات ئارقىلىق ئېرىشكەنئۈستۈنلۈك بىلەن بىرگە، ئۇرغۇچى قورال سۈپىتىدە تۆمۈردىن ياسالغان قورال ۋەسايمانلارنى كەڭ دائىرىدە قوللانغانلىقىدىن بولغان. ئەمەلىيەتتىمۇ مىلادىدىنبۇرۇنقى 1-مىڭ يىللارغا ئائىت بولغان تەڭرىتېغىدىكى قارغالى قورغىنىنىڭ بىرىنجىقەۋىتىدە تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملار تېپىلدى. بۇ تەسىر بۇ يەرگە يېنىسەيبويلىرىدىن كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى1400- يىللاردا ئالتاينىڭ غەربىدە كۆپ مىقداردا تۆمۈرنىڭ ئېرىتىلگەنلىكىنى تىلغائېلىپ ئۆتكەن ۋ. رۇبىن «تارىخىي ۋەسىقىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، بۇ قەدىمكى تۈركزېمىنىنى تۆمۈر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەن يېرى دەپ قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتىباردۇر»[26]دەيدۇ.  مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت جۇڭگومەنبەلىرىدە ساقلانغان ھۇن تىلىغا ئائىت سۆزلۈكلەردىن بىرىنىڭ «تۆمۈر»(خەزۇچە «تېفەن»دەپ يېزىلغان) ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەدەنىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىندۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يېيىلىشقا باشلىغان. بەزى ھىندى ــ گېرمانشۇناسلارتەرىپىدىنمۇ مەدەنچىلىك جەھەتتە ئالتايلىقلارنىڭ ھىندى ــ گېرمانلارغا كۆرسەتكەنتەسىرى قوبۇل قىلىنغان. ھىندىلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرگە ئائىت ۋەقەلەرنىئەكىس ئەتتۈرىدىغان «ماخاپخاراتا» داستانىدا تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ شىمالدىن،يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.[27]بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىھىندىستاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- مىڭ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، مىسىردا مىلادىدىنبۇرۇنقى 1200- يىللىرى، ئاق دېڭىز(ئوتتۇرا دېڭىز) بويلىرىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى1100- يىللىرى، ئوتتۇرا ياۋروپادا مىلادىدىن بۇرۇنقى 800- يىللىرى باشلانغان.[28]ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ ئالتايدىن تارالغانلىقى ۋەمىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىردە جۇلار ۋاسىتىسى بىلەن مەلۇم بولغانلىقى سەنئەتتارىخچىسى ئو. مۈنستېربېرگ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، تۆمۈرنىڭ كەڭدائىرىدە ۋە قورال – سايمانلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى جۇڭگودا مىلادىدىنبۇرۇنقى 300- يىللاردا باشلانغان.[29]جۇڭگو سەنئىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغانتارىخچى كارىل ۋ. بىسخۇپ 1937 – يىلى 5-ئاينىڭ 6- كۈنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپروفېسسورلىرىدىن دوكتۇر توماسرېدقا يازغان خېتىدە جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمكى تۆمۈرقوراللارنىڭ جۇ سۇلالىسى تەۋەسىدىكى يەرلەردە تېپىلغانلىقىدىن تۆمۈرنىڭ «يايلاقكارىدورى»، يەنى ۋېيخى دەرياسى ھاۋزىسى ئارقىلىق غەرپتىن كەلگەنلىكى، بۇنى جۇسۇلالىسىنى قۇرغان دىلار(تۈركلەر)نىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.[30]بۇ قاراشنى خەنزۇ ئالىملىرىمۇ ئېتىراپ قىلغان. بۇ ھەقتە سېن جۇڭميەن مۇنداق دەيدۇ: «سىبىرىيەنىڭ ھەر قانداق يېرىدە تۆمۈر كانلىرى بار… كۆكتۈركلەر تۆمۈرنى‹تامۇر› دەپ ئاتايتتى. بۇ سۆزنىڭ بىرىنجى بوغۇمى بولغان ‹تا› بىلەن خەنزۇچىدىكى ‹tie› (‹تۆمۈر› مەنىسىدە) نىڭقەدىمكى تەلەپپۇزى ئوخشاش. بۇ جۇڭگودا تۆمۈر ئىشلىتىش تېخنىكىسىنىڭ غەربىي شىمالتەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»[31]يازما خاتىرىلەر، ماددىي پاكىتلار ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مەدەن كانلىرى قىس بولۇپ، مېتالچىلىق سانائىتىدىكىتەرەققىياتلار شىمالدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرىدەبارلىققا كەلگەن. ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناس نىكولا. دې. كوسمونىڭ قارىشىچە، ئەسلىدەمەدەنچىلىك ئەنئەنىسى شىمالنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلغان ھەمدە شىمال بىلەنئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا كۈلتۈر جەھەتتىكى بىر چېگرا سىزىقىنىھاسىل قىلغان.[32]
شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئىزلاردىن چىققانمىلادىدىن بۇرۇنقى 9- 5- ئەسىرلەرگە ئائىت تېپىلمىلار ئارىسىدا تۆمۈردىن ياسالغانساپان، پىچاق، خەنجەر، ئۈزۈك قاتارلىق سايمانلار ۋە زىننەت بۇيۇملىرى تېپىلغان،يەنە تۆمۈر پارچىلىرىمۇ بار. بۇ شىنجاڭدا بايقالغان ئەڭ دەسلەپكى تۆمۈربۇيۇملاردۇر. خەنزۇ مەنبەلىرى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا قارىغاندا، ھۇنئىمپېرىيەسى دەۋرىدە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارغا جايلاشقان شەھەر دۆلەتلىرىدەمەدەن كانلىرى قېزىلغان ۋە تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھەر خىل مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىخېلى كەڭ ئومۇملاشقان. بەنگۇنىڭ «خەننامە» دېگەن ئەسىرىنىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دەبۇ ھەقتە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن: «چارقىلىق دۆلىتىنىڭ تاغلىرىدىن تۆمۈرچىققاچقا، ھەربىي قورال – ياراقنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. ئوقيا، نەيزە، قىلىچ، خەنجەرتۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت كىيىدۇ»،[33]«ياركەندىن تۆمۈر، كۆك قاشتېشى چىقىدۇ»،[34]«ناندۇ دۆلىتىدە تۆمۈر، مىس كۆمۈش قاتارلىق مەدەنلەر چىقىدۇ»،[35]«قۇم(ئاقسۇ)دىن مىس، تۆمۈر، سېرىق مەرگىمۇش چىقىدۇ»،[36]«كۈسەن خانلىقى مېتال قۇيمىچىلىقنى بىلىدۇ، قۇغۇشۇن چىقىدۇ»،[37]«قۇرۇقتاغ دۆلىتىنىڭ تاغلىرىدىن تۆمۈر چىقىدۇ.»[38]ئاشۇ مەنبەدە يەنە ياركەن، كۆكيار، خوتەن، پىشامشان خانلىقلىرىدىن قاش تېشىچىقىدىغانلىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەرىيانىدا كۇچاناھىيەسىدىكى كۆكشادىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋگە مەنسۇپ تۆمۈر كانلارنىڭ ئىزىتېپىلدى. يەنە نىيە خارابىلىقىدىن، لوپ ناھىيەسىدىكى ئاچچىق تېغىدىن ۋە كۇچاناھىيەسىدىكى ئاغى تېغىدىن بۇ دەۋگە ئائىت تۆمۈر تاۋلاش ئوچاقلىرى، رۇداپارچىلىرى، داشقاللار، بوتا، تۆمۈر ئۇۋاقلىرى، پىچ ئاغزى، تاش ئىسكىنە، تاشبازغان، ساپال نوكەش قاتارلىق تېپىلدى.[39]«بۇددا ئەللىرى ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتاپتا مۇنداق يېزىلغان : «كۈسەننىڭشىمالىدىن 200 لى كېلىدىغان يەردە بىر تاغ بار. تاغدا كېچىلىرى ئوت يالقۇنى يېنىپتۇرىدۇ، كۈندۈزى بولسا تۈتەك ئۆرلەپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ تاغنىڭ تاش كۆمۈرى بىلەنيەنە بۇ تاغدىن قازغان تۆمۈر رۇدىسىنى تاۋلاپ، 36 دۆلەتنى تەمىنلەيدۇ.»[40]بولۇپمۇ كۇسەننىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتىن ھالقىپ، باشقا ئەللەرنىمۇ تۆمۈربىلەن تەمىنلىگەنلىكى بۇ ئەلدە مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيەگەيەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۈسەننىڭ بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتى كېيىنكى دەۋرلەردىمۇتىلغا ئېلىنغان. لى يەنشۇ كۈسەننىڭ مەدەن بايلىقى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ ئەلدىنمىس، تۆمۈر، قۇغۇشۇن، تەڭلىمات، نۇشۇدۇر، كۆكتاش، سېرىق مەرگىمۇش چىقىدىغانلىقىنىبىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋە ياپپانلارنىڭجەنۇبىدىكى تاغ ئىچىدە گۈڭگۈرت چىقىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاپېرىپ دوراقىلىدىغانلىقىنى يازغان.[41]4- 6- ئەسەرلەرگە ئائىت خەنزۇ مەنبەلىرىدە يەنە قەشقەردىنمۇ مىس، تۆمۈر، سېرىقمەرگىمۇشنىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى ۋە ھەر يىلى بۇ نەرسىلەردىن كۆكتۈركلەرگە سوغاقىلىپ تۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.[42]
6- ئەسىردە كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىبىلەن ئالتاي ۋە تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى ۋە يېنىسەي دەرياسى ۋادىسىدا ئالتۇن، مىس، كۆمۈش، قەلەي ۋە تۆمۈر كانلار تېخىمۇ كۆپ قېزىلغان. بۇنىتوۋادىن تېپىلغان ھەر خىل ئەسەرلەر ۋە مېتال بۇيۇملار، كۆكتۈركقاغانلىرىنىڭ ئوردىسىدىكى ئالتۇندىن ۋە كۆمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكى،يازما مەنبەلەردە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە مىستىن قۇيۇلغان مېتال پۇللارنىڭ «قۇمدەك كۆپ»دەپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە كۆكتۈركلەرنىڭ تۆمۈر سودىسى قىلغانلىقىدىن بىلىشكەبولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە كۆكتۈركلەرنىڭ تۆمۈرچىلىكتىكى ماھىرلىقى ۋە ئۇرۇشقوراللىرى ياساش ئېھتىياجى يېڭى ۋە ئېسىل سورتلۇق تۆمۈر كانلىرىنى ئېچىشقا تۈرتكەبولغان. بۇ ھالەت ئۇلار دەۋرىدە يارىتىلغان داستانلاردىمۇ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدەئوتتۇرىغا چىققان. خەنزۇ مەنبەلىرىدە كۆكتۈركلەر تەۋەسىدە«تۆمۈر تاغ»دەپ ئاتالغان ۋە ناھايىتى ئىستېراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىرتاغنىڭ بولغانلىقىدىن سۆز ئېچىلىدۇ.[43] كۆكتۈركلەرنىڭتۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى  ل. گۇمىليېف مۇنداق تەرىپلەيدۇ : «تۆمۈرنى رودائېرىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەتتى. تۆمۈرنىڭ ئوكسىت ۋە كاربون ئوكسىتىنىبىرلەشتۈرۈپ، خىمىيەلىك رېئاكسىيەدىن ئۆتكۈزۈپ يېڭىدىن تاۋلاش ئارقىلىق خام تۆمۈردەپ ئاتالغان نېرۋۈرلۈك مېتال پارچىلىرىغا ئېرىشەتتى. بۇنىڭ سۈپىتى بۈگۈنكىكۈندىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىسسىقلىقتا ئېرىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەنمېتالنىڭ سۈپىتى بىلەن ئوخشاش ئىدى.»[44] ئەمەلىيەتتىمۇ ئالتاي تاغلىرىدا ياشاپ تۆمۈرچىلىكبىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئاۋار قاغانى تەرىپىدىن «تۆمۈرچى قۇللار» دەپ ئاتالغانكۆكتۈركلەر تۆمۈر تاۋلاشقا ماھىرلىقى ۋە تۆمۈردىن ياسىغان ئۆتكۈر قوراللىرىنىڭكۈچى بىلەن ئاۋارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەرپتەقارا دېڭىز بويلىرىغىچە سوزۇلغان زور بىر ئىمپېرىيەنى ياراتقان. بۇ چاغدا ئالتايتاغلىرى، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرى ۋە يېنىسەي ۋادىسىدا قېزىلغان تۆمۈر ۋە باشقامەدەنلەر كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. بۇ ھەقتەخەنزۇ مەنبەلىرىدە قىرغىزلار ھەققىدە سۆز ئېچىلغاندا مۇنداق دېيىلىدۇ : «مەدەنبايلىقلىرىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، قەلەي چىقىدۇ. ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندىن كېيىنتۆمۈر تېرىۋالىدۇ .‹كاشا› دەپ ئاتالغان بۇنداق ئېسىل تۆمۈردىن ئۆتكۈر قوراللارنىياساپ، كۆكتۈركلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.»[45]كۆكتۈركلەر ئېھتىياجىدىن ئاشقان تۆمۈر ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملارنىئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ئىران ۋە شەرقىي رىم قاتارلىق ئەللەرگە ساتقان. ۋىزانتىيەئەلچىسى جۇستىنۇس II نىڭئەلچىسى زېماركوس ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەندە تۆمۈر ساتماقچى بولغان كۆكتۈركلەربىلەن ئۇچراشقان. بۇ ۋەقەنى خاتىرىلىگەن مېناندروسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،كۆكتۈركلەر تۆمۈر كانلىرىنىڭ بارلىقىنى ياتلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ خىلھەرىكەتلەردە بولغان.[46]بۇ دەۋردە قورىقانلارمۇ تۆمۈر تاۋلاشقا ماھىر بىر قەۋمسۈپىتىدە تونۇلغانىدى. قورىقانلار ئىشلەپ چىقارغان خام تۆمۈردىكى ساپ مېتال نىسبىتى% 99.45 گە قەدەر بولغان. شۇڭا بۇ تۆمۈر خېلىلا قاتتىق ۋە تاۋلاشقا قولاي ئىدى. [47]
ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرگەئاساسلانغاندا، كۆكتۈركلەر دەۋرىدە تالاس ئەتراپلىرى مۇھىم بىر مەدەنچىلىكرايونىغا ئايلانغان. ئىسلام مەنبەلىرىدە بۇ رايوندىكى ئانچە چوڭ بولمىغان شەلجىدەرياسى بويلىرىدا بەزى مەدەن تاۋلاش ئورۇنلىرىنىڭ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.بولۇپمۇ بۇ يەردە كۆمۈش كانلىرى بولغان. بۇ ئەتراپتا تەتقىقاتتا بولغانئارخېئولوگلار بۇ يەردىكى مەدەن تاۋلايدىغان شەھەرلەرنىڭ مىلادىيە 7-،8-ئەسىرلەردە، يەنى كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شەلجىئەتراپلىرىدا رودا ئېرىتىش ۋە تاۋلاش ئورۇنلىرىدىن 78 ئى تېپىلدى. بۇنىڭ ئىچىدەتىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغىنى چالدىۋار ۋە ئالدىنقى ئاقتەپە شەھەرلىرىدۇر. كۆمۈشرۇدىسىنى قېزىش ۋە كۆمۈش تىجارىتى بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەشغۇلاتىغائايلانغان.[48]
كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركىيقەۋملەر ئىچىدە مەدەن كانلىرىنى ئېچىش، مېتالدىن ھەر خىل بۇيۇملارنى ياساش،بولۇپمۇ پولات ۋە تۆمۈر تاۋلاشتا ئۇستىلىقى بىلەن قوشنا ئەللەرگە مەشھۇر بولغانىدى. بېزەكلىكتىكى تامرەسىملىرىنىڭ بىرىدە ئىش ئۈستىدىكى بىر تۆمۈرچىنىڭ تەسۋىرى ئىشلەنگەن بولۇپ،رەسىمنڭ ئاستى تەرىپىگە «بۇ تۆمۈرچى» دېگەن خەت يېزىلغان.[49]ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ شەھەرلىرىدە تۆمۈردىنياسالغان ھەر خىل نادىر بۇيۇملار سېتىلىدىغان بازارلارنىڭ بارلىقى، تۆمۈردىنياسالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تىبەت ۋە چىن(ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك-ئا)گە ئېكسپورتقىلىنىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.[50]
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە كانمەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى ئۈچ خىل مەدەن قېزىلغان. يەنى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى تۆمۈركانلارنى ئاچقان، يېشىل تۇز(مىس ئوكسىد) ۋە نۇشۇدۇر قازغان.[51]ناھايىتى سورتلۇق بولغان بۇ مەدەنلەر ۋە ئۇلاردىن ياسالغان نەرسىلەر ئوتتۇراتۈزلەڭلىككە سېتىلغان. تۈركىيە ئالىمى ب. ئۆگەل «نۇشۇدۇر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭتىجارىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئىدى. بەلكىم ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇشۇدۇرمەدەنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بولسا كېرەك….ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقىرىدىغان يېشىلتۇز چىن(جۇڭگو)دە ئەتىۋارلىق مەدەنلەردىن ئىدى. خەنزۇلار بۇ مەدەننى شەرقىيتۈركىستان(شىنجاڭ-ئا) نىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا بىلەن ئىراندىنئالاتتى. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قارا شەھەردىمۇ بۇ مەدەن چىقاتتى …موڭغۇللار  پولات تاۋلاشنى بىلمىگەنلىكىئۈچۈن، موڭغۇل قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلىرى قىلىچلىرىنى ئۇيغۇرلارغا بۇيرۇتۇپياسىتاتتى. چىننىڭ غەربىدىكى تۆمۈر مەدەنلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك تاتارلارئىشلىتەتتى»[52] دەيدۇ.ئۇ يەنە : «دەسلەپتە موڭغۇللاردا ئەنئەنىۋىي مەدەنچىلىك ۋە تۆمۈرچىلىك كۈلتۈرى يوقئىدى. بۇ تېخنىكىنى موڭغۇللار يا ئۇيغۇرلاردىن ياكى بولمىسا ئۇزۇن ۋاقىتئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قارا ھارۋىلىقلار قاتارلىق پروتو ــ موڭغۇلقەبىلىلىرىدىن ئالغان…. موڭغۇللاردىكى ئەسلى تەرەققىيات ئۇيغۇر خانلىقىنىڭمىلادى 840- يىلى ئاغدۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇپقا كۆچۈشى بىلەن باشلانغان.ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن ۋە دوست ۋاسساللىرىدىن بولغان قارا ھارۋىلىقلار دېگەن پروتو ــموڭغۇل قەۋمى ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ شەرقتە تارقىلىشىدا مۇھىم بىر رول ئوينىغان.ۋېتفوگېلنىڭمۇ توغرا  ئېيتقىنىدەك،خىتاي(قىتان) خانلىقىنى قۇرغان قىتانلار چېدىرلىق ھارۋا ياساش بىلەن تۆمۈرچىلىكنىئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى مۇشۇ قۇللىرىدىن ئۆگەنگەنىدى»[53]دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشتا كۆمۈر(تاش كۆمۈر)دىن كەڭپايدىلانغانلىقى مەلۇم. تۈركىي قەۋملەر مىلادىدىن بۇرۇنلا ياغاچ كۆمۈردىنپايدىلانغان، تاش كۆمۈر قېزىپ ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ پايدىلانغان. نىلقىدىكى نۇرسايدىنتېپىلغان مىس كاننىڭ خارابىسىدىن شۇ ۋاقىتتا ياغاچ كۆمۈرنى يېقىلغۇ ئورنىداپايدىلانغانلىقى مەلۇم بولغىنىدەك، خەنزۇ مەنبەلىرىدىمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭمىلادىدىن بۇرۇنلا تاش كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ تۆمۈر تاۋلىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.ئالتايدىكى بېرىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتراپىدىن تېپىلغان بېرىلقورغىنىدىكى ھۇنلار دەۋرىگە مەنسۇپ (مىلادىدىن كېيىنكى) بىر قەبرىدىن ئادەمئىسكىلىتلىرى بىلەن بىللە، يەنە كۈل ۋە كۆمۈر قالدۇقلىرى چىققان.[54]بايانچۇر قاغاننىڭ ئابىدىسىدە ھەربىي يۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر كۆمۈرتاغدىن سۆزئېچىلىپ، «كۆگۈردە، كۆمۈر تاغدا، يار دەرياسىدا» دەپ بايان قىلىدۇ.[55]ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كۆمۈر تاغنى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ پايتەختى تەسىس قىلىنغان قاراقۇرۇمنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بىر تاغ دەپكۆرسىتىدۇ.[56] بۇھەقتە ۋاڭ يەندېنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە مۇنداق بىر مەلۇمات بار: «ئۈستىدە ئوت ۋەئىس ــ تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر تاغنىڭ ئېتىگىدە قارا تاش(كۆمۈر) ۋە قۇمبار. ئۇيغۇرلار بۇ قارا تاشنى ئەكىلىپ ئوچاقتا قالايدۇ.»[57]دېمەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر ناھايىتى قەدىمدىن بېرى كۆمۈر قېزىپ،ئۇنىڭدىن تۇرمۇشتا ۋە مېتال تاۋلاش ساھەسىدە كەڭ پايدىلانغان ھەمدە ئۇنى سانائەتۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋاستىسىغا ئايلاندۇرغان. ۋاڭ يەندې يەنە مۇنداقيازغان : «ئالتە كۈندىن كېيىن جىن لىڭ دېگەن تاغنىڭ ئاغزىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇتاغنىڭ چوقىسى ‹ئالتۇن چوقا› دەپ ئاتىلىدىكەن. چۈنكى، بۇ يەردە ناھايىتى قىممەتلىكمەدەنلەر چىقىدىكەن.»[58]  تۈركىيەلىك مۇتەپەككۇر ۋە تارىخچى ئىبراھىمكافەسئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى «ماھىر مەدەن ئىشچىلىرى»(تۆمۈر، مىس، تاش كۆمۈر)[59]دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئالاھىدەخاراكتېرلەندۈرگەن. يەنە تۈركىيەلىك قانۇنشۇناس ۋە تارىخچى ئانىل چەچەنئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدەتوختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «مىلادى 1- ئەسىردىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار مىس، تۆمۈر،كۆمۈر، كۆمۈش ۋە ئالتۇن ئېرىتىش بىلەن مەشغۇل بولدى. تەكلىماكان چۆلى تەتقىقاتىداتۆمۈر تاۋلاش ئۈچۈن قېزىلغان مەدەن كانلىرى تېپىلدى. كۇچادا بولسا مىس ۋە تۆمۈرتاۋلاش ئۈچۈن ياسالغان قازانلار قولغا چۈشتى. كۇچانىڭ شەھەر ئەتراپلىرىدائۇيغۇرلار ئىشلەتكەن بىر كۆمۈر كېنىمۇ تېپىلدى. كۆمۈر ئىشلىتىشنى بىلگەن ئۇيغۇرلاربۇنىڭ ئوتى بىلەن باشقا مەدەنلەرنى تاۋلاپ، قورال-ياراق، جوتۇ، گۈرجەك، پالتا،ئوتىغۇچ قاتارلىق ماتېرىياللارنى ياسىغان. تۆمۈرچىلىك ۋە مىسچىلىقتىن باشقاقۇيمىچىلىقتىمۇ ئالغا باسقان. تۆمۈرچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرتۈركلىرىدە دېھقانچىلىق ۋە سۇغىرىش تېخنىكىسىمۇ يۈكسەلدى. شەرقىيتۈركىستان(شىنجاڭ-ئا) دا ناھايىتى نۇرغۇن سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى قېزىلدى.»[60]
ھەقىقەتەن، ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلاردەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنى يېڭى بىر باسقۇچقاكۆتۈرگەن. بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان باشقا تۈركىي قەۋملەردىمۇمەدەنچىلىك مۇھىم ساھەگە ئايلانغان. بۇ دەۋردە ئالتۇن ۋە كۆمۈش كانلىرىنىڭ كۆپقېزىلغانلىقى، كۆمۈر ۋە نېفىت كانلىرىنىك ئېچىلغانلىقى 10-ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچەبولغان مەزگىللەردە ياسىغان ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مۇھىم بىر تېماسۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، قۇدامە ئىبن جافەر «كىتاب ئەل – خاراج» دېگەنئەسىرىدە شاشتىن تۆت پەرسەھ كېلىدىغان يەردە «كۆمۈش كېنى» دەپ ئاتالغان بىر يەرنىڭبارلىقىدىن سۆز ئاچقان.[61]  ئىستاھرىنىڭ «مەسالىك ئەل-مەمالىك» دېگەنئەسىرىدە مۇنداق بىر بايان بار : «خوراسان چېگرىسىدىن گۇرنىڭ ئۇ تەرىپىگە ۋەباميانغا قاراپ سوزۇلغان تاغلار بار. بۇ تاغ تىزمىسى بامياندىن بەنجىرگە بېرىپ، ئۇيەردىن ۋاھخان رايونىغا ئىچكىرلەپ كىرىدۇ. ماۋرەئۈننەھرىدىكى ئىلاك ۋە شاشتەۋەسىدىن تۈرك ئەللىرىنىڭ ئىچىگە، ھەتتا قىرغىزلار ئىلىگە قەدەر سوزۇلۇپ بارىدۇ.تاغنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە ھەممە يېرىدە كۆمۈش ۋە ئالتۇن كانلىرى بار. بۇنىڭئەڭ مول يېرى قىرغىز ئىلىگە يېقىن يېرىدۇر. بۇ كانلار پەرغانە ۋە شاشقا قەدەرسوزۇلغان.»[62] بۇبايان كېيىن يەنە ئىبن خەۋكالنىڭ «سۈرەت ئەل ــ ئارز» دېگەن ئەسىرىدىمۇ نەقىلكەلتۈرۈلگەن.[63] گەردىزى«زەينۇل – ئەخبار» دېگەن ئەسىرىدە «تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھاسا كەسبتۇر. بۇشەھەر تىك تاغلار ئارىسىغا قۇرۇلغان. بۇ تاغلاردا ئالتۇن كانلىرى بار»[64]دەيدۇ. ئىدرىسى «نۇزخەت ئەل ــ مۈشتاق فى ئىختىراك ئەل-ئافاق» ناملىق ئەسىرىدە : «بەنجاركىماكلاردىن ھەر خىل قاتلامدىكى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان چوڭ بىر شەھەر… بۇيەرنىڭ تاغلىرىدا كۆمۈش كانلىرى بار…كىماك ھۆكۈمدارىنىڭ شەھىرى ئون ئالتىدۇر.ئاستۇر تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان، تېرىقچىلىق يەرلىرى كەڭرى، سۇيى مول بىر شەھەردۇر.خەلقى بۇغداي ۋە گۇرۇچ تېرىيدۇ. بۇ يەردە تۆمۈر كانلىرى بار… كىماك دېڭىزىنىڭساھىلىدە دېڭىز كۆتۈرۈلۈپ دولقۇن كۈچەيگەندە كىپەك ئالتۇن پەيدا بولىدۇ. بۇساھىلگە قوشنا يەردىكى تۈركلەر ساھىلنىڭ بەزى يەرلىرىگە كېلىپ، كىپەك ئالتۇنسۈزىدۇ. ئادىتى بويىچە بۇنى يىغىپ، سۇ بىلەن تازىلاپ ئېرىغدايدۇ. كېيىن بۇ كىپەكئالتۇننى سىماپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سىيىر قىغىدىن ياسالغان قېلىپلارغا قۇيىدۇ.شۇنداق قىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئالتۇن توپلايدۇ. ھۆكۈمدار بۇ ئالتۇننىڭ بېجىنىئالغاندىن باشقا، ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى سېتىۋالىدۇ. ئېشىپ قالغىنىنى بۇ ئەلدىكىسودىگەرلەر ئىشلىتىدۇ…. ئوغۇزلار بىلەن باشقىرتلارنىڭ چېگرىسىدىكى مارگان دېگەنئېگىز تاغدىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىدۇ. بۇ دەريا ماگرا(ياكى ماگراد) دەرياسى دەپئاتىلىدۇ. سۇ توڭلىغاندا دەريا ئېقىنىدا كۆپ مىقداردا كىپەك ئالتۇن تېپىلىدۇ.دەريانىڭ ئاستىدىن زەڭگەر تاش چىقىدۇ. بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى خوراسان دىيارىغائېكسپورت قىلىدۇ…گاربىيان شەھىرىدىن ئۈچ مىل يىراقلىقتا ناھايىتى كۆپ كۆمۈشچىقىدۇ. ئوغۇزلار بۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپىدۇ» دەپ مەلۇمات بەرگەن.[65]كازۋىنى «ئەسار ئەل – بىلاد ۋە ئەخبار ئەل – ئىباد» دېگەن ئەسىرىدە «كۇران تۈركدىيارىدىكى تىبەت تەرەپكە جايلاشقان بىر كىچىك شەھەردۇر. خازىمى ‹ئۇ يەردە كۆمۈشكېنى بار› دەيدۇ. بۇ يەردە تەبىئىي جەۋھەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ سىڭىپ كېتىدىغان سۇبار»[66]دەپ يازغان. ئەۋفى «جامىئۇل ھىكايەت» تە «قارلۇقلار بارلاس تېغىغا ماكانلاشقانبولۇپ، بۇ ئالتۇن تاغدۇر»[67]دەيدۇ . ئەل ــ مۇقەددىسىنىڭ ئەسىرىدىمۇئاستىدا ئالتۇن ۋە كۆمۈش كانلىرى بار بارمان دېگەن بىر يەرنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. بۇيەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغان بارمان(ئاقسۇ) بىلەن بىر شەھەر ئىكەنلىكىبىلدۈرۈلمەكتە.[68] بۇبايانلارغا ۋە باشقا مەنبەلەرگە قارىغاندا، 9 ~ 13- ئەسەرلەردە قاراخانىيلارداۋە ئۇنىڭغا قوشنا تۈرك ئەللىرىدە مەدەنچىلىك ــ كانچىلىقنىڭ تېخىمۇ يۈكسەلگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇ چاغداپەرغانە رايونىدا تۆمۈر، قەلەي، كۆمۈش، سىماپ، مىس، تاشپاختا ۋە بىريۇزاقاتارلىقلارنى قازغان. دېۋىرقاي ئىشلەپچىقارغان. خوجەندتە كۇش- شىم(كۈمۈش تاغ) دەپئاتىلىدىغان بىر كۈمۈش كېنى بولغان. ئۇسرۇشان رايونىدىكى مالىسماندا شەھىرىئەتراپىدا ۋە مىڭكى ــ رۇستاك دېگەن جايدا تۆمۈر كېنى بولغان. ئەرەب يازغۇچىسىئىستاھرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسفارادا چوڭتاش كۆمۈر كېنى بولغان. ئۇ تاش خۇددى كۆمۈرگەئوخشاش كۆيگەن. ئۇ يەنە 10- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي ئىشلار ساھەسىدەنېفىتنىڭ شەھەر – قورغانلارغا ھۇجۇم قىلىشتا يېقىلغۇ ئوق سۈپىتىدەئىشلىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، قاراخانىيلاردا نېفىتكانلىرىنىڭ  قېزىلغانلىقى مەلۇم. زەرەپشاندەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بىر كان رايونى بولۇپ، بۇ كان رايونىدىن ئاساسلىقىئالتۇن، تۇز، سۇلفات كىسلاتاسى قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان. باداخى تاغلىق رايونىمۇناھايىتى بۇرۇنلا قىزىل ياقۇت ۋە سېلېستىرىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭق چىقارغان.شۇ چاغدا پامىر تاغلىرىدىمۇ كانلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.[69]مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلارنىڭ مەدەن كانلىرى ھەققىدە پەقەت «بارخان… قەشقەرگەيېقىن بىر تاغنىڭ ئۈستىدىكى قورغان. بۇ تاغنىڭ ئاستىدا ئالتۇن كان بار»[70]دەپ بىرلا مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىسۈپىتىدە ئۇچرايدىغان «ئالتۇن» (ئالتۇن)، «كۆمۈش» (كۆمۈش)، «تامۇر» (تۆمۈر)، «قۇرچ»(پولات)،«باقىر»(مىس)، «تۇچ» (تۇچ)، «چودىن»(برونزا)، «قورۇغژىن» (قۇغۇشۇن)، «ئارق»(داشقال، قىرىندى)، «تات» (دات)، «كۈگ»(دات)، «تۇز»(تۇز)، «ئاژمۇق»(زەمچە، سۇمۇق)،«چاتىر»(نۇشۇدۇر)، «قاراغۇ»(زاك)، «قارا ياغ»(نېفېت مېيى)، «ئۈرڭەك» (ھاك تېشى)، «سارىنچى»(ھاكتېشى)، «قاش» (قاش تېشى)، «چەش» (كۆك ياقۇت)، «يىنچۈ»(ئۈنچە ــ مەرۋايىت)، «ئەردەنى»(گۆھەر)،«سارىغ چۈۋىت»(سېرىق بوياق)، «كۆك چۈۋىت»(كۆك بوياق)، «قىزىل چۈۋىت»(زىنجىفرە؛قىزىل رەڭلىك، تەبىئىي سىماپ بىرىكمىسى)، «ماراز»(قۇم بۇياق)، «ئاشۇ»(رۇشا، قىزىلتوپا)، «كۈركۈم»(زەپە، زەپىران)، «ياشىل چۈۋىت»(مىس دېتى)، «ئال چۈۋىت»(زىنجىفرە)،«كىرشەن»(قۇغۇشۇن ئۇپا)، ‹‹ئوپۇ›› (ئاق قوغۇشۇن) قاتارلىق سۆزلۈكلەر ۋە مېتالتاۋلاشقا ئائىت باشقا بىر مۇنچە سۆز ۋە تەرىپلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنچىلىك ھەققىدىكىبىلىم جۇغلانمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلاردەۋرىدىكى مەدەنچىلىك تارىخىنى چۈشىنىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ. يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»(5357-بېيىتىدە) تىكى «بەگلەر ئاستىدا ئالتۇن كۆمۈشبار بىر تاغقا ئوخشايدۇ، كۆمۈش كانلارنى قازغۇچى بېيىپ كېتىدۇ»[71]دېگەن مىسرالىرىنىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ بىر ئىنكاسىدەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئارخېئولوگىيەلىكتەكشۈرۈشلەر جەرىيانىدا قاراخانىيلارغا ئائىت كان ئىزلىرى، كان قېزىش قوراللىرى، رودا، داشقال ۋە مىتال بۇيۇملار بايقالغانبولۇپ، بۇنىڭدىن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى كان ئېچىش ئۇسۇلى، كان قۇدۇقلىرىنىڭشەكىللىرى، رودىلارنى بايقاش، ئايرىش ۋە يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىش، تاۋلاش،پىششىقلاش، يەر ئاستى سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، خاڭ يوللىرىنى يورۇتۇش، ھاۋائۆتۈشتۈرۈش ۋە گۈمۈرۈلىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بەلگىلىكچۈشەنچىگە ئېرىشەلەيمىز. ۋېي لياڭتاۋنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، بۇ دەۋردە يەرشەكلىگە قاراپ تىك قۇدۇق، يانتۇ قۇدۇق، ۋە ئۈستىئوچۇق كانلار بولغان. قۇدۇق ئاستىغا خاڭ يولى ياسىلىپ، ئىش مەيدانى بارلىققاكەلتۈرۈلگەن. بەزى كان قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 150-160 مېتىرغا يەتكەن. كان ئېچىشتائومۇميۈزۈك كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. يەنى ئىش مەيدانىنىڭ بىر تەرىپى ئۇزاقكۆيدۈرۈلۈپ، تاغ جىنسى كۆيۈپ قىزارغاندا ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيۇلغان. مۇشۇنداققايتا – قايتا تەكرارلاش نەتىجىسىدە تاغ جىنىسلىرى پارچىلىنىپ، رودا ناھايىتىئاسانلا قېزىۋېلىنغان. كان قېزىشتا دائىم جوتۇ، تۆمۈر گۈرجەك، تۆمۈر بازغان، تاشبازغان، كۈرەك ۋە ياغاچ كۆرەك قاتارلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن. كان ناھايىتى تۈجۈپىلەپقېزىلىپ، رودا پاكىز تاللانغان. نۇرغۇن خاڭ يوللىرىغا تىرەك جازىسى قويۇلمىغان،بەزى كاڭ يوللىرىغا ئېلاستىك تىرەك جازىسى قويۇلغان. شامال ئۆتۈشتۈرۈشتە ئاساسەنتەبىئىي ئۆتۈشكەن شامالدىن پايدىلانغان. بەزىدە شامال توسۇش تاختىسىدىن پايدىلىنىپ،ھاۋانى ئۈستىگە ئۆرلەتكەن. سۈنئىي ئۇسۇلدا شامال ئۆتۈشتۈرۈش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلغان.قۇدۇق ئاستىدىكى سۇنى چىقىرىشتا شۇ جاينىڭ كارىز تەجرىبىسى قوللىنىلغان بولۇپ، يەرئاستى سۈيى ئېرىق بىلەن چىقىرىلغان. يورۇتۇشتا چىراق نۇرىدىن پايدىلانغان. رودىلارتولۇم ياكى سېۋەتكە قاچىلىنىپ، چىغرىق بىلەن يەر يۈزىگە چىقىرىلغان. رودىلارنى يەريۈزىدە تۈرگە ئايرىپ، پارچىلاپ، ئېرىغداپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋلىغان ياكى باشقاجەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلىگەن. مېتال تاۋلاش مانافاكتورلىرى خاڭنىڭ ئەتراپىغاقۇرۇلغان. يازما تارىخىي ماتېرىياللار، داشقاللار ۋە مېتاللارنى تەھلىل قىلىشقائاساسلانغاندا، شۇ دەۋردىكى ھۈنەرۋەنلەر سۇلفىدلاشقان مىس رودىسىنى ئېرىتىش،قىزىتىپ مېتال تاۋلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆمۈش ئايرىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش مۇرەككەپھۈنەر-سەنئەتنى ئىگەللەپ بولغان.[72]
ھۇنلار دەۋرى ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئەسەربۇرۇنقى دەۋرلەردىن تارتىپلا تۈركىي قەۋملەر قازغان مەدەنلەر ۋە ئۇلار ياسىغانتۈرلۈك مېتال بۇيۇملار بۇ قەۋملەرنىڭ تۇرمۇش، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكىئېھتىياجىنى قامدىغاندىن سىرىت، يەنە باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنغان.بولۇپمۇ بۇ نەرسىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، تىبەت، ئىران، ئەرەب ئەللىرى ۋە شەرقىيياۋروپادا ئەتىۋارلىق بۇيۇملارغا ئايلانغان ۋە تۈركىي قەۋملەرنى مەدەنچلىك ۋەمېتال تاۋلاشقا ماھىر  مىللەت دېگەن سۈپەتبىلەن تونۇتقان.

(مەنبەسى : «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2015- يىلى 4-سان)
——————————————————————————–
*بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ ھەم ئۇيغۇرچە ھەم تۈركىيە تۈركچىسىدە يېزىپ نەشىرگە سۇنغان «ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ «مائارىپ ۋە پەن – تېخنىكا» دېگەن بۆلۈمىگەئائىت مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ نام بىلەن 2010- يىلى تۈركىيەنىڭ ئەلازىگشەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2-قېتىملىق خەلقئارا تۈرك ئىقتىساد تارىخى كونگرېسى»دە  ئوقۇلغان.
[1] Türk Ansiklopedisi(‘‘Altay’’ maddesi), 2.cilt, s.194, 1966, İstanbul, Milli Eğitim Basımevi.
[2]  Kamuran Görün, Türkler ve Türk Devletleri Tarihi, s.35, 1981, Ankara, Bilgi Yayınevi.
[3]  D.Sinor, Erken İç Asya Tarihi, s. 318, 2000,İstanbul, İletişim Yayınları.
[4]  چوقان ۋەلىخانوف : «جۇڭغارىيەئوچېرىكلىرى»، «مىراس»، ئۇيغۇرچە، 2006- يىل، 4-سان، 48- بەت.
[5]  Jean- Paul Roux, TürklerinTarihi(Pasifik’ten Akdeniz’e 2000 yıl) , s. 47, 2004, İstanbul, Kabalcı Yayınevi.
[6]  W. Eberhard, ÇinTarihi, s. 23, 24, 1995, Ankara,Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[7] KaziT .Laypanow /İsmail M .Miziyev, Türk Halklarının Kökeni, s. 55, 2008, İstanbul,Selenge Yayınları.
[8] Sadri Maksudi Arsal, Türk Tarihi ve Hukuk, Ⅰ, s.34, 1947, İstanbul, İsmail Akgün Matbaası.
[9]  قۇربان ۋەلى : ‹‹بىزنىڭتارىخى يېزىقلىرىمىز››، ئۇيغۇرچە، 169- بەت، 1986 – يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ياش –ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. ئابدۇقەييۇم خوجا : ‹‹غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت››،ئۇيغۇرچە، 232-، 234- بەتلەر، 1995- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
[10] 刘锡凎 陈良伪 著《龟兹古国史》,第113页,1992年, 乌鲁木齐,新疆大学出版社。
[11]  Sadri Maksudi Arsal, TürkTarihi ve Hukuk, Ⅰ, s. 34, 35.
[12] Kaşgarlı Mahmud, Divanü Lügat –it –Türk, Ⅰ, s.91, 1985, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[13] İbrahim Kafesoğlu, Türk MilliKültürü, s. 320 – 321, 2004, İstanbul, Ötüken Neşriyat.
[14] Yilmaz Öztuna, Türk Tarihinden Yapraklar, s. 38, 1969,İstanbul, Milli Eğitim Basımevi.
[15] 马雍 王炳华 :《阿尔泰与欧亚草原丝绸之路》,张志尧 主编 《草原丝绸之路与中亚文明》,第2 页,1994年,乌鲁木齐, 新疆美术摄影出版社。
[16]  Faruk Sumer, ‘‘AltayDağları Orta Asya’nın En Eski, En Zengin Kültür Merkezi’’, Türk DünyasıTarih Dergisi, 1987, sayı 1, s.31,32.
[17] 苏北海 著《西域历史地理》,第310,311,313页, 1987, 乌鲁木齐, 新疆大学出版社。
[18]  ئابدۇقادىر يۇنۇس : «ئانايۇرت – ئالتۇن دىيار»، ئۇيغۇرچە، 140- بەت ، 1988- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.
[19]Türk Ansiklopedisi(‘‘Altın’’ maddesi), 2.cilt, s. 211, 1966, İstanbul,Milli Eğitim Basımevi.
[20] İslam Ansiklopedisi(‘‘Türkler’’ maddesi), 12/2.cilt, s.249, 1988, İstanbul,Milli Eğitim Basımevi.
S. G. Klyashtorny / T. İ. Sultanov, Türkün Üç Bin Yılı,s. 68, 2004, İstanbul, Selenge Yayınları.
[21]  Türk Ansiklopedisi, 23.cilt, s.141, 1976, Ankara, Milli Eğitim Basımevi.
[22] İslamiyet Öncesi Türk Edebiyatı, s.89, 1984, İstanbul,Toker Yayınları.
[23]  ئىمىن تۇرسۇن : «تارىمدىن تامچە»، ئۇيغۇرچە،438-، 439- بەتلەر، 1990- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى
[24] A.Zeki Velidi Togan, Umumi Türk Tarihine Giriş, s.31, 1981,İstanbul, Enderun Kitabevi.
[25]  Kaşgarlı Mahmud, Divanü Lügat –it–Türk,Ⅰ, s. 362.
[26]  İslamAnsiklopedisi(‘‘Türkler’’ maddesi),12/2.cilt, s.249.
[27] A. Zeki VelidiTogan, Umumi Türk Tarihine Giriş, s.30.
[28] İslam Ansiklopedisi(‘‘Türkler’’ maddesi), 12/2.cilt, s.249.
[29]  A. Zeki Velidi Togan, Umumi Türk Tarihine Giriş, s.30.
[30] A. ZekiVelidi Togan, Umumi Türk Tarihine Giriş, s.30.
[31] 岑仲勉 著《隋唐史》,第一册,第24页,1982年,北京,中华书局。
[32] 〕美〔狄宇宙 著《古代中国与其强邻》(东亚历史上游牧力量的兴起),第63页,2010年,北京,中国社会科学出版社。
[33]  بەنگۇ : «خەننامە»ئۇيغۇرچە، 853 – بەت، 1991- يىلى،ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
[34]  بەنگۇ : «خەننامە»ئۇيغۇرچە، 881 – بەت.
[35]  بەنگۇ : «خەننامە»ئۇيغۇرچە، 864- بەت.
[36]  بەنگۇ : «خەننامە»ئۇيغۇرچە، 916- بەت.
[37]  بەنگۇ : «خەننامە»،ئۇيغۇرچە، 929- بەت.
[38]  بەنگۇ : «خەننامە»،ئۇيغۇرچە، 930- بەت.
[39] 薛宗正 主编 《中国新疆古代社会生活史》,第58页,1997年,乌鲁木齐,新疆人民出版社。
[40]  马长寿 著《突厥人和突厥汗国》, 第95页 ,2006 年, 桂林,广西师范大学出版社。
[41] لى يەنشۇ : «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»،ئۇيغۇرچە، 428-، 430- بەتلەر،2002- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
[42]  «24 تارىختىكى جەنۇبىي –شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە ئائىت غەربىي يۇرت تارىخىي ماتېرىياللىرى»(«سۈينامە»قىسمى)، ئۇيغۇرچە، 865- بەت، 2004- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭخەلق نەشرىياتى.
[43]  İsenbike Togan, Gülnar Kara, Cahide Baysal,Eski T’ang Tarihi(Chiu T’ang-shu), s.20, 2006 , Ankara, TürkTarih Kurumu Basımevi.
[44]  Lev Nikolayeviç Gumilyëv, EskiTürkler, s. 91, 2003, İstanbul, Selenge Yayınları.
[45]  W. Eberhard, Çin’inŞimal Komşuları, s.68, 1995, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi. AhmetTaşağıl, Çin Kaynaklarına Göre Eski Türk Boyları(M.ö.Ⅲ –M.s.Ⅹ),s.84, 2004, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[46] D.Sinor, Erken İç Asya Tarihi, s. 383, 424.
[47] Lev Nikolayeviç Gumilyëv, Eski Türkler, s.92.
[48]   Tuncer Baykara,‘‘Eski Türk İktisadî Hayatı ve Şehir’’, Türk Kültürü Araştırmaları, s. 107,1997, İzmir, Akademi Kitabevi.
[49]  Tuncer Baykara,  ‘‘EskiTürk İktisadi Hayatı ve Şehir’’, s. 108.
[50]  Ramazan Şeşen,İslam ÇoğrafiyacılarınaGöre Türkler ve Türk Ülkeleri, s. 98, 2001, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[51] 任一飞, 亚森 · 吾守尔 著《维吾尔族》,第22页,1997年,北京,民族出版社。
[52]  Bahaeddin Ögel, Türk Kültürünün GelişmeÇağları,Ⅰ, s. 129-134, 1971,İstanbul, Milli Eğitim Basımevi.
[53] Bahaeddin Ögel, TürkKültür Tarihine Giriş, Ⅰ, s. 401, 422, 2000,Ankara, Gazı Üniversitesi İletişim Fakultesi Basımevi.
[54] Bahaeddin Ögel, İslamiyetten Önce Türk Kültür Tarihi, s. 72,2003, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[55] Ahmet Bican Ercilasun, TürkDili Tarihi(Başlangıçtan Yirminci Yüzyıla), s.216, 2007, Ankara,Akçağ Yayınları,
[56] Hüseyin NamıkOrkun, Eski Türk Yazıtları, s.910, 1994, Ankara, Türk Dil KurumuYayınları.
[57] Bahaeddin Ögel, TürkKültürünün Gelişme Çağları,Ⅰ, s.132.
[58] Bahaeddin Ögel, Türk Kültür Tarihine Giriş,Ⅰ, s.123.
[59]  İbrahim Kafesoğlu, Türk Milli Kültürü,s.316, 2004, İstanbul, Ötüken Neşriyat.
[60] Anil Çeçen, Türk Devletleri, s. 170-171, 2007, Ankara, FarkYayınları.
[61] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler veTürk Ülkeleri, s.190.
[62] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler ve Türk Ülkeleri, s. 163.
[63] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler ve Türk Ülkeleri, s. 172-173.
[64] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler veTürk Ülkeleri, s.90.
[65] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler ve Türk Ülkeleri, s. 105-106, 110-115.
[66] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler ve Türk Ülkeleri, s. 146.
[67] Ramazan Şeşen,İslam Çoğrafiyacılarına Göre Türkler veTürk Ülkeleri, s. 93.
[68] FarukSumer, Eski Türklerde Şehircilik, s. 78,1994, Ankara,Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[69] 魏良弢 著《中国历史· 哈拉汗王朝史 西辽史》,第146, 335页,2010年,北京,人民出版社。
[70] Kaşgarlı Mahmud, Divanü Lügati-it Türk,Ⅰ,s. 436, 1985, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[71] Yusuf Has Hacib, Kutadğu Bilig, Ⅱ, s.383, 2003, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.
[72] 魏良弢 著《中国历史· 哈拉汗王朝史 西辽史》,第146,335页,2010年,北京,人民出版社。

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش