You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى

ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى

ئەينى ۋاقىتتا غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي قان – قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە.

پەرغانە، يەتتىسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى – كەينى، جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن دەرۋىگە كەلگىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشىغان ئىدى. قەشقەردىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ چىققانلار كۆپ بولغاچقا، ئۇلار يەرلىكلەر تەرىپىدىن «قەشقەرلىكلەر» دەپ ئاتالغان بولسا؛ غۇلجا، ئالتاي ۋە چۆچەكلەردىن يەتتىسۇ رايونىغا كۆچۈپ چىققانلار «تارانچىلار» دەپ ئاتالغان ئىدى. بولۇپمۇ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە بولغان ئىدى، ئۇلار بىر – بىرى بىلەن يۇرت مۇناسىۋىتى بويىچە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بىر – بىرىنى ئۇيغۇر، ئۆزبېك دەپ مۇئامىلە قىلماستىن، قەشقەرلىق، قوقەنتلىك، مەرغىلانلىق، خوتەنلىك، يەكەنلىك ۋە ئەنجانلىق دەپ ئاتىشىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىشىپ كەلگەن ئىدى. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان تارىخىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى – كەينىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە ئىلى رايونلىرىدىن ھۈنەرۋەن – كاسىپلار ۋە كەمبەغەل ئىشلەمچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا ئىش ئىزدەپ بېرىپ، تۇرمۇشىنى قامدايتتى. بۇلارنىڭ سانىنى ناھايىتى تولا دېيىشكە بولاتتى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا «قەشقەرلىكلەر» ۋە «تارانچىلار» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يۈز بەرگەن بارلىق سىياسىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ .
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ مۇستەملىكىلەردىن قۇتۇلۇش يولىدىكى مىللىي ئازادلىق چاقىرىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز ۋەتىنىدە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلاتلار ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى دېگەندە، لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگىيەسىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگيەسى قانداق تارىخىي شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان؟ نېمىنى مەقسەت قىلغان؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىشىمىز لازىم. تونۇلغان تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئانا يۇرت» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، «لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى ئازاد قىلىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش غايىلىرى ۋە كۈرەشلىرىنى، ئەنە شۇ بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان «لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگيەسى» بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1914 – يىلى پارتلىغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، چار رۇسىيەگە ناھايىتى ئېغىر بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە، چار رۇسىيەدە رومانوۋلار ئائىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ھەرىكەتلىرى قانات يايىدۇ. 1917 – يىلى 27 – فېۋرال چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلاپ، رۇسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، پېتېرگرادتىمۇ ئىشچى – ئەسكەرلەر كېڭىشى قۇرۇلۇپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ. ئىشچى – ئەسكەرلەر كېڭىشى بولشېۋىكلار ۋە مىنشىۋېكلار دەپ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۆزئارا ھاكىمىيەت كۈرىشى نەتىجىسىدە، بولشېۋىكلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ ۋە يەنە بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا تەييارلىق قىلىدۇ. رۇسىيە بولشېۋىكلىرى 1917 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇ كۈنى قۇرۇلتاي چاقىرىلىدۇ ۋە رۇسىيەدىكى بىردىنبىر ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلىنىدىغان «خەلق كومىسسارلار كېڭىشى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ، ۋلادىمىر ئېلئىچ لېنىن كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئىگىلەيدۇ. &&&
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، چار رۇسىيەدە بۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، دۇنيادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. چار رۇسىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، «ئانتانتا» دۆلەتلەر، يەنى ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى، فىرانسىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سېپىدە «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر»، يەنى گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئاۋستىرىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە ئولتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىرىق چار رۇسىيەدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، مانا بۇ ئىككى ئامىل لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاسانلا ئىگىلىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلارنىڭ قوراللىق ئىنقىلاب قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تېزدىن ئىگەللىۋېلىشىغا، بىرىنچىدىن، ئىچكى جەھەتتە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى، سابىق چار پادىشاھ تەرەپدارلىرى ۋە باشقا پارتىيە – گۇرۇھلار قارشى چىقىدۇ. ئىككىنچىدىن تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا دۆلەتلەر چار رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ. بولشېۋىكلار ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى قارشىسىدا 1918 – يىلى 3 – مارت بېلارۇسىيەنىڭ برېست لىتوۋىسكى شەھىرىدە « برېست لىتوۋىسكى تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا دۆلەتلەر رۇسىيە زېمىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇكرائىنا، فىنلاندىيە ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدۇ. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار ئاغدۇرۇۋەتكەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بولشېۋىكلارنىڭ بۇ سەپتىن چېكىنىپ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىشى، ئانتانتا دۆلەتلىرىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ئانتانتا دۆلەتلىرى شەرتنامىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە قوشۇن ئەۋەتىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ.
مانا بۇ تارىخىي شارائىتتا، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلارنىڭ ئالدىدا ئىچكى جەھەتتە ئۆزىگە قارشى قوزغالغان ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن قوراللىق قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇش؛ تاشقى جەھەتتە ئەنگلىيە باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان شەرق مەملىكەتلىرىدە كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە تايانچ كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇ مەملىكەتلەردە غەربنىڭ تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇراتتى. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنە شۇ شەرق دۆلەتلىرىگە ئۆتۈشتە ھالىقىلىق ئورۇندا بولۇپ، بولشېۋىكلارنىڭ شەرق مەملىكەتلىرىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بولشېۋىكلارنىڭ ئىچىدە يېتىشىپ چىققان بىر قىىسم ئۇيغۇر سەرخىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ھەر خىل مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلىي ئورگانلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي زالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرى بولغان بەگلەرنىڭ زۇلۇمىنى يوقىتىپ، مۇستەقىل سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top