ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى زادى قەيەردە؟

چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى زادى قەيەردە؟

Chin Tomur Baturئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ (يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
     يەكەن ناھىيە مىشا يېزىسى يېڭىچكىئېىق كەنتىنىڭ 1- مەھەللىسىدە، يەنى دۆلەت يولى 3513- لېنىيەسىنىڭ يەكەن – مارالبېشى يول بۆلىكىنىڭ مىشا يېزىسىدىن يەكەن شەھەر رايونىغا كىرىدىغان ئېغىزىغا 100مېتر كېلىدىغان جايدا بىر مەھەللە قەبرىستانلىقى بار.  قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 6 كىۋادراتمېتر كۆلەمدىكى بىر قەبرە باشقا قەبرىلەردىن نىسبەتەن بىرەر مېتىرچە ئېگىز ھالەتتە بولۇپ، كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. يەرلىك كىشىلەر بۇ قەبرىىنى بىز رىۋايەتلەردە دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى ياكى «چىم –چىم باتۇرنىڭ قەبرىسى» دەپ ئۇلۇغلاپ، ئالاھىتەن دۇئا قىلىشىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىشىدۇ، چالما ئوچاق ئېتىشىپ ئىسرىق سېلىشىدۇ، مازار ئەتراپىدىكى تېرەكلەرگە ساڭزا – قۇيماق، «ئەرۋاھ نېنى» ئېسىشىدۇ. پاختا كۆيدۈرۈپ ئىس قويۇشىدۇ.
     ئېسىمنى بىلسەم،  7-8 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ دائىم دادام- ئانامغا  ئەگىشىپ،  مۇشۇ قەبرىستانلىق بويىدىن ئۆتكەندە،  دادام بىزنى ئالاھىتەن توختىتىپ: «بالام، بۇ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن قەھرىماننىڭ قەبرىسى شۇ. ئۇ بەكمۇ باھادىر كىشى ئىكەن» دەيتتى ۋە قەبرىگە ئۇزاقتىن ئۇزاق دۇئا قىلاتتى. مەنمۇ دادامغا ئەگىشىپ كىچىككىنە قوللىرىمنى جۈپلەپ، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن  دۇئا قىلاتتىم. ئەنە شۇنداق چاغلاردا كۆز ئالدىمدا مەن دائىم دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ كەلگەن، كېيىن «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» ناملىق كىتابتىن ئوقۇپ بىلگەن باھادىر پالۋان چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئارغىماققا مېنىپ، مىسران قىلىچىنى يېنىغا ئېسىپ، كاپكاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان، يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن 40 كېچە – كۈندۈز توختىماي جەڭ قىلىۋاتقان، كېيىن سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى بۇلاپ كەتكەن موڭغۇل لەشكەرلىرى بىلەن تىغمۇ – تىغ ئېلىشقان بەھەيۋەت تۇرقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى. شۇنداق بىر ئۇلۇغ قەھرىماننىڭ، كۈچتۈنگىر پالۋاننىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن خىيالىي پاراڭلىشىۋاتقاندەك چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرىغا ۋە تۈگىمەس خىياللارغا چۆكەتتىم، چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن خىيالىي پاراڭلىشاتتىم.
     نىھايەت، ھەر قېتىم شۇ يەردىن ئۆتسەملا ۋۇجۇدۇمدا ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ ئىستەك يېلىنجايتتى. ئاشۇ قەبرىدىكى پالۋاننىڭ تېگى- تەكتىنى بىلگۈم، بۇ قەبرىنىڭ سىرىنى ئاچقۇم كېلەتتى. چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن بولغان قەلب دىيالوگۇم ماڭا ھېچ ئارام بەرمەيتتى، مېنى تېنىمسىز ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلاتتى.
يەنە كېلىپ بىرەر يازما تەزكىرە قالدۇرۇلمىغان، بىرەر تارىخىي كىتابتا «چىن تۆمۈر باتۇر (چىم –چىم باتۇر)» ئىسىملىك بىرەر قەھرىماننىڭ ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان شارائىتتا، قاراملىق بىلەن بۇ قەبرىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ دەپ كېسىپلا ھۆكۈم قىلىش تولىمۇ بىمەنىلىك بولۇپ قالاتتى، شۇنداقلا، «بۇ قەبرە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئەمەس» دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشمۇ ئالدىراقسانلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى.
    شۇنداق قىلىپ «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانلىرىنىڭ بىر قانچە خىل ۋارىيانتلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەل ئارىسىدىكى چىن تۆمۈر باتۇرغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ۋەقەلەرنى، رىۋايەتلەرنى، يەر –جاي ناملىرىنى، «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى» دەپ قارالغان جايلارنىڭ ئەتراپىدىن مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيەلىك بەلگىلەرنى تەپسىلىي ئارىلاپ ئۇچۇر ئىزدىدىم. شۇنداق قىلىپ، قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقى، پاكىتلىرىمنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي، بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. مەقسىتىم ھەرگىزمۇ بۇ قەبرىنىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر»نىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق بىر قەبرىنىڭ بارلىقى ۋە بۇ قەبرىگە مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيەلىك بەلگىلەر، مەدەنىيەت، تارىخىي ئۇچۇرلارنى ۋە بىر قىسىم رىۋايەتلەرنى بىر – بىرىگە باغلاپ بېقىش، بۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر قەبرىنىڭ بارلىقىنى، ھېلىھەم خەلقىمىزنىڭ بۇ قەبرىنى «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى» دەپ ئۇلۇغلاپ، تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈپ قويۇش، ئەلۋەتتە!
    «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قەبرىسى» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ قەبرىستانلىقنىڭ نىسبەتەن ھېچقانداق ئۆزگىچە بەلگىلىرى يوق، پەقەت كۆلىمى تەخمىنەن 3 مو ئەتراپىدا كېلىدىغان ئادەتتىكى بىر مەھەللە قەبرىستانلىقى. قەبرىستانلىقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىرەك كۆلىمى تەخمىنەن 5-6كىۋادراتمېتر كۆلەمدىكى بىر قەبرە باشقا قەبرىلەردىن پەرقلىق ھالدا بىرەر مېتىرچە ئېگىز. يېنىدا 2-3 مېتر ئەتراپىدا بىر نەچچە ئۈجمە دەرىخى بار. يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1988-يىلى «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» دەپ بىكىتىلگەن.
     قەبرە جايلاشقان يېڭىچكى ئېرىق كەنتىدىكى ئورۇندىن شەرق تەرەپنى نىشانلاپ ماڭغاندا ئىلگىرى بۇ يەردىن قەدىمىي چوڭ بىر دەريا ئېقىنىنىڭ ئېقىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغاندا بۇ قەبرىستانلىققا ئانچە يىراق بولمىغان جاي (ھازىرقى يەكەن ناھىيەلىك نېفىت شىركىتىنىڭ ماي ئىسكىلاتى، ئاپتوموبىل گاز تەمىنلەش شىركىتى) جايلاشقان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار «يامانيار» دەپ ئاتىلىدۇ. يامانيار بىلەن قەبرىستانلىق ئورنىنى پەقەت دۆلەت تاشيولى يەكەن – مارالبېشى تاشيولى بۆلىكىنىڭ 315-لېنىيەسى ئايرىپ تۇرىدۇ. يامانياردىن مىشا يېزىسىنىڭ تېتىرباغ، شامالباغ، قەمبەر، دۆڭئۆستەڭ، چارەك، قايماقچى، ئاق يەر قۇلغان، ئارال قۇلغان، ئارال يېزىسىنىڭ چوڭئۆستەڭ، سېرىقدۆۋە  قاتارلىق كەنتلىرىنى بويلاپ ماڭغاندا خېلىلا كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغان ئۈزۈك – ئۈزۈك ھالەتتىكى دەريا ئېقىنىنىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ تۇتاش كەتكەن كەنتلەر غەربتىن شەرققە قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ھېلىقى ئېقىننىڭ يۇقىرىقى يۇرتلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئارال يېزىسىنىڭ سېرىقدۆۋە كەنتىدە يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
     يەنە يەكەن شەھىرىدىكى يار كوچا دېگەن يولنىڭمۇ غەربتىن شەرققە قاراپ بارا – بارا پەسلەپ ماڭىدىغانلىقى، بۇ يولنىڭ ئىلگىرى دەريا ئېقىنىنىڭ ئورنى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاخىرى بولغان جاھانباغ، شامالباغ، ئاقيەر قۇلغان، ئارال قۇلغان، «ئارال» يېزىسىنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ چوڭئۆستەڭ، تارامبويى قاتارلىق كەنتلىرىدىكى پارچە –پارچە ئېقىن ئورۇنلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ قارىغاندا،  بۇ ئېقىننىڭ ئارال يېزىسىنىڭ چوڭ ئۆستەڭ كەنتى تەۋەسىدە يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقىنى، بۇ جايلاردا ئىلگىرى خېلى كۆپ تارام ۋە ئېقىنلارنىڭ بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئېقىن ئىزلىرىنىڭ ئۈزۈك – ئۈزۈك ھالەتتە بولۇشى شۈبھىسىزكى، كېيىنكى دەۋرلەردىكى كىشىلەرنىڭ مەھەللە قۇرۇش، يەر سالالاشتۇرۇش، يول ياساش جەريانىدا ئېقىن ئورنىنى تىندۇرۇپ تۈزلەپ، ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بولغان، ئەلۋەتتە!
     بۇ ئىككى ئېقىن يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئېقىپ، مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات ناھىيەلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئاقسۇ دەرياسىغا قوشۇلۇپ تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
     دېمەك، بۇ بايانلاردىن بىز «چىن تۆمۈر باتۇر قەبرىسى» يېنىدىن بىر چوڭ دەريا ئېقىنىنىڭ ئۆتكەنلىكىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز.  شۇنداقلا، يەكەن دەرياسىنىڭ تارىختا 5 قېتىم چوڭ كۆلەملىك يار ئېلىپ كېتىپ، يەكەن شەھىرىنى زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراتقانلىقىنى، بۇ ئېقىنلارنىڭ بىر – ئىككى ئېقىنلا ئەمەسلىكىنى، كېيىنچە يەكەن شەھىرى قايتا قۇرۇلۇپ ھازىرقى ئورنىدا قەد كۆتۈرۈپ، «يار ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر» بولغانلىقىدەك تارىخقا تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. يەنە كېلىپ يۇقىرىقى ئىككى ئېقىننىڭ يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلغان ئېغىزىدىن باشلاپ يەكەن دەرياسىنى بويلاپ داۋاملىق شىمالغا قاراپ ماڭساق، دەريانىڭ ئىككى چېتىنىڭ ئەزەلدىن قويۇق ئورمانلىق، جاڭگاللىق ئىكەنلىكىنى، ئۇ جايلاردا قىرغاۋۇل، تۈلكە، توشقان، جەرەن، بۇغا، مارال، بۆدۈنە، ئاققۇ، كەكلىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى خان پادىشاھلارنىڭ دائىم يەكەن دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ئوۋ ئوۋلايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. بۇ ھەقتە «تارىخىي رەشىدىي»، «يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار»، «تەۋارىخىي مۇسىققىيۇن»لاردىن، جۈملىدىن ئابدۇررەشىدخاننىڭ ئاماننىساخاننى شىكارغا چىققاندا يەكەن دەرياسىنىڭ بويىدىكى خىلۋەت مەھەللىدىكى ئۆيىدە ئۇچراشقانلىقىدەك تارىخىي ۋەقەلەردىنمۇ خېلىلا مول پاكىتلارنى ئۇچرىتالايمىز.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بويىدا مىشا يېزىسىغا قاراشلىق «قارزاق» دېگەن كەنت كومىتېتى ۋە بۇ كەنت تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان «قارازاق ئۆستىڭى» دېگەن چوڭ بىر ئۆستەڭ ھەم قارزاق ئۆستىڭىنىڭ بويىدا يەنە «سۇللاق يەر» «سۇللاق يا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساسلىقمۇ بار؛ يەنە يەكەن دەرياسى بويىغا جايلاشقان «ئېلىشقۇ» دېگەن نامنىڭمۇ «ئاققۇ يۇرتى» ئىكەنلىكى يەر – جاي ناملىرى تەتقىقاتى جەريانىدا ئاتاقلىق يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى سۇلتان مامۇت ئەپەندى تەرىپىدىن ئاللىقاچان يورۇتۇلدى. بۇ ناملار توغرىسىدا ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئېنىق قىلىپ: «قاراساق- تۈلكە جىنسىغا كىرىدىغان بىر خىل ھايۋان؛ سۇللاغ- سۇلۇق يەر؛ قۇ- ئاققۇ» دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىن بىز يەكەن دەرياسىنىڭ غەربي قىرغىقىنىڭ ئېقىنلار بىر قەدەر كۆپ، ساسلىق، جاڭگاللىق ھەم «قاراساق»، «ئاققۇ»غا ئوخشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ جەزملەشتۈرەلەيمىز.
     ئەمدى بىز يۇقىرىدا «چىن تۆمۈر باتۇر مازىرى» يېنىدىن بىر ئېقىننىڭ ئۆتكەنلىكىنى دەلللىدۇق. ئەمدى بۇ دەلىلگە ئاساسەن «چىن تۆمۈر باتۇر» داستاندىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئوۋغا چىققاندىكى جاڭگاللىقنى يەكەن دەرياسىنىڭ بويى دەپ جەزملەشتۈرەلەيمىز.
    داستاندا مەختۇمسۇلانىڭ ئېرىقتا چېچىنى تارىغانلىقى، چېچىنىڭ ئېرىق ئارقىلىق ئېقىپ بېرىپ، موڭغۇل شاھزادىسى ئۇزمۇغنىڭ قولىغا ئىلنىشىپ قالغانلىقى، ئۇزمۇغنىڭ «بۇ قايسى گۈزەلنىڭ چېچىدۇ؟» دەپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ، قوشۇن باشلاپ كېلىپ مەختۇمسۇلانى تۇتۇپ يۇرتىغا ئەپكەتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تۇغۇلغانلىقى، كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۇزمۇغ بىلەن ئېلىشقانلىقى، ئۇزمۇغنىڭ مەختۇمسۇلادىن بولغان ھەر ئىككى بالىنى دەرياغا تاشلىغانلىقى، مەختۇمسۇلانىڭ كەينىگە قايتمىغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ.
    ئەمدى بىز بايىقى «چىن تۆمۈر باتۇر» قەبرىسى يېنىدىكى ئېقىپ ئۆتكەن ئېقىن بويىدا چوقۇم مەختۇمسۇلانىڭ تۇرالغۇسى بولغان دېگەننى پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا بۇ چاچ ئېقىپ بېرىپ يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، داۋاملىق يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا-يەنى مەكىت تەۋەلىكىگە ئېقىپ بارغان بولىدۇ.
داستاندا چىن تۆمۈر باتۇر يەتتە كۈنلۈك ئوۋغا چىقىدۇ. ئەينى دەۋردىكى ئەھۋالدا چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن دەريانىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى، يەنى دەريا ئاققان ئېقىن يۆنىلىشى بويىچە شىمال تەرەپكە ئات بىلەن ماڭدى دەپ قارىساق،  يول بولمىغان شارائىتتا ئۇنىڭ جاڭگاللىقتا ئات بىلەن يۈرۈشى تەبئىي. ئۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئالدىغا 3 يېرىم كۈن ماڭغان بولسا، قايتىشى ئۈچۈنمۇ يەنە 3 يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ يەتتە كۈن جەريانىدا ئۇ  ئوۋلايدىغان جانىۋارلارنى قوغلىشى، تاماق يېيىشى، ئۇخلىشى، ئارام ئېلىشى كېرەك.
     دېمەك، ئۇ ھەر قانچە چاپسىمۇ، ئات بىلەن مۇشۇ 3 يېرىم كۈندە ئەڭ يىراق بولغاندا يەكەن شەھىرىدىن 50-60 كىلومېترچە يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان خاڭدى، دۆڭباغ يېزىلىرى ياكى بۇ يېزىلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىسى ئەتراپىغىچە بارالىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
مەكىتنى موڭغۇللارنىڭ مەركىت قەبلىسى ياشىغانلىقى كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنە يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەكىت نەھىيەسىدىن يەكەن دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان خاڭدى بازىرىنىڭ 6-كەنتى «موغال»، «موغاللا» دەپ ئاتىلىدۇ.
   دېمەك، بۇ يەردىكى «موغال (موغاللا)» دېگەن نامدىن بىز بۇ يەردە موڭغۇللارنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلىمۇ بولىدۇ.
   ھازىر «چىن تۆمۈر باتۇر قەبرىسى» دېيىلىۋاتقان جاينىڭ 200 مېتر كېلىدىغان غەربىي شىمال قىسىمدا مىشا يېزىسىغا تەۋە «كېسىمچى» ناملىق بىر كەنت بار. بۇ كەنت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە: «چىن تۆمۈر باتۇر مۇشۇ يۇرتتا نۇرغۇنلىغان قالماقلارنىڭ (موڭغۇل دېمەكچى) بېشىنى كەسكەن، شۇڭا بۇ يۇرت چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قالماقلارنىڭ بېشىنى كەسكىنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كېسىمچى دەپ ئاتالغان» دېگەن رىۋايەت كەڭرى تارقالغان.
يەنە كېلىپ بىزدە ھېچقانداق بىر كەسپتە مەخسۇس بىرەر ھۈنەر – كەسپنىڭ نامىنى «كېسىمچى» دەپ ئاتىمايدىغانلىقىمۇ، يۇقىرىقى نامنىڭ بىرەر ھۈنەر- كەسپنىڭ نامى بىلەن باغلاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
     ئەمدى بىز يۇقىرىقى يەر – جاي ناملىرى ۋە ئىزلارنى «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىدىكى بايانلار بىلەن ئۆز ئارا باغلاشتۇرۇپ باقساق تۆۋەندىكى يەكۈنگە ئېرىشىمىز:
   چىن تۆمۈر باتۇرنى مىشا يېزىسى يىڭىچكىئېرىق كەنتى (ئەلۋەتتە، بۇ نامنىڭ قاچان قويۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس) دىكى مەھەللىسىدىن مەختۇمسۇلانى يالغۇز قالدۇرۇپ، يەتتە كۈنلۈك ئوۋغا چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ چېچى ئىشىكى ئالدىدىكى ھېلىقى ئېقىندىن ئېقىپ ئۆتۈپ يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلغان، بۇ چاچ يەكەن دەرياسى ئارقىلىق ئېقىپ بېرىپ مەكىتتىكى موڭغۇل شاھزادىسى ئۇزمۇغنىڭ قولىغا ئىلناشقان، ئۇزمۇغ يەكەن دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئېقىن بويلاپ كېلىپ مەختۇمسۇلانىڭ تۇرالغۇسىنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى تۇتۇپ مەكىتكە ئېلىپ كەتكەن، مەختۇمسۇلادىن بولغان بالىسىنى يەكەن دەرياسىغا تاشلىغان, چىن تۆمۈر باتۇر كېسىمچى دېگەن كەنتتە موڭغۇل لەشكەرلىرى بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى كەسكەن» دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز.
   كىشىلەر بۇ قەبرىنى يەنە «چىم چىم باتۇر قەبرىسى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. بىزدە كىچىك بالىلاردا بىر بىرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنى چىمدىشىپ «چىم – چىم باتۇر؟!» دەپ ئوينايدىغان بىر خىل بالىلار ئويۇنى بار. بۇ بەلكىم يەكەن شىۋىسىدە «كىم – كىم باتۇر؟» دېگەن گەپنى بۇزۇپ «چىم – چىم باتۇر؟» دەپ تەلەپپۇز قىلغانلىقتىن بولغان دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا «چىن تۆمۈر باتۇر» ياكى «چىم –چىم باتۇر» توغرىسىدىكى بۇ رىۋايەتنىڭ نىسبىي چوڭقۇر ئورنىغانلىقىنى قىسمەن ئىسپاتلاشقا ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن!

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى يەكەن(بۇ يازمامدا  پەقەت ئۆزۈم بىلگەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن،باشقىلاردىن ئاڭلىغان، تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلاندىم. يەنە داۋاملىق پىششىقلاش پىلانىم بار. تورداشلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ياردەم پىكىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!)

مەنبە: باغداش تورى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش