ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئالپ ئارسلانخان ۋە مالازگىرت ئۇرۇشى

ئالپ ئارسلانخان ۋە مالازگىرت ئۇرۇشى

Alparslanئوغۇز مۇرات

ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ئۇيغۇرلار تارىخىدىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىمۇ مۇھىم بىر دەۋر بۆلگۈچ ۋەقەدۇر . ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچۈشى بىلەن تەڭ باشقا ئوغۇز قەبىلىلېرى تېخىمۇ غەربكە سۈرۈلدى ، بىر قىسىم قىپچاقلار ھىندىستانغا ، بىر قىسىم قىپچاقلار ياۋرۇپاغا سۈرۈلدى .بىر قىسىم تۈركمەنلەر پارس زېمىنلېرىغا ئىچكىرلەپ كىردى ۋە بۇ جايلارنى ئىگەللىدى . يەنە بىر قىسىم تۈركمەنلەر ئاناتولىيەگە كۆچۈپ كىردى ، بۇلار كىيىنكى دېھلى سۇلتانلىقى، سەلجۇق تۈرك ئىمپىرىيەسى ، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە مىسىر مەملۇكىيلەر خانلىقىنىڭ ئاساسىنى تۈزدى .
تەخمىنەن 950-يىلى ئەتراپىدا سۇتۇق بۇغراخان بىلەن تەڭ زاماندا ،سەلجۇق بەگ ئوغۇز يابغۇسى بىلەن بولغان ئىختىلاپتىن كىيىن ، بىر قىسىم ئوغۇز قەبىلىلېرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، يىڭى كەنىتتىن ئايرىلىپ سىر دەرياسنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلارغا كۆچتى ۋە بۇخارا ئەتراپىغا يەرلىشىپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى ۋە «تۈركمەن»ئاتالدى .[1]
1037-يىلدىن باشلاپ سەلجۇق بەگنىڭ نەۋرىسى توغرۇل بەگ[2] ئىستىراتىگىيلىك ئورۇن خۇراساننى تىزگىنلىدى . 1040-يىلى غەزنەۋىيلەر بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا يېڭىپ ، ئارقىدىنلا پارس زېمىنلىرىغا ھۇجۇم باشلىدى ۋە بۇ جايلارنى تىزگىنلىدى . 1055-يىلى باغداتقا يۈرۈش قىلىپ شىئە مەزھىپىدىكى بۇۋەھىيت خانلىقىنى بويسۇندۇردى ، بۇ سەۋەبتىن خەلىپە قەيىم توغرۇل بەگنى سۇلتانلىققا كۆرسەتتى .[3] 1063-يىلدىن باشلاپ ئالپ ئارسلانخان سۇلتانلىق ئورنىغا ۋارسلىق قىلدى .( تەخىتكە چىقىش جەرياندىكى ئىشلارنى بۇ جايدا قىسقارتىمىز . )

ئالپ ئارسلانخان 1064-يىلى4-ئايدىن باشلاپ سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇردى ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيۋى ،سىياسىي ،ئېتنىك ۋەزىيتى ئالپ ئارسلانخانغا بۇ زېمىننى يالغۇز قۇرال كۈچىگە تايىنىپ تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى ، ئۇ ۋەزىر نىزامۇل مۈلىك بىلەن بېرلىكتە يىڭىچە مەمۇرىي ھەربىي تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقتى ، بۇ تۈزۈم مەلۇم جەھەتتىن ئىمپىرىيە تەرەققىياتىغا ئىجابىي رول ئوينىدى .
ھالبۇكى سۇلتان ئالپ ئارسلانخاننىڭ بۈيۈك نىشانى ئىمپىرىيە ئىچىدىكى ئىختىلاپلارنى تەرتىپكە سىلىش بولماستىن شىئە مەزھىپىدىكى فاتىمى دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز بايرىقى ئاستىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى . بىراق بۇ ئوڭايغا چۈشمەيتتى ، سەلجۇق زېمىنىنىڭ غەربىي شىمالىدا شەرقىي رىم ئىمپىرىيەسى ، شەرقىدە غەزنەۋىيلەر ، قاراخانىيلار[4] ، سامانىيلار خانلىقلېرى بار ئىدى ،غەربىي جەنۇبىدا سۈرىيە ، مىسىر ، مەككە –مەدىنەلەرنى كونترول قىلىۋاتقان فاتىمى دۆلىتى بار ئىدى .
سۇلتان ئۇدۇللا سۈرىيەدىن ئۆتۈپ قاھىرەگە ھۇجۇم قىلغاندا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ شىمالدىن ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەنسىردى ، ۋە يىڭى بىر ئىستىراتىگىيلىك ئۇرۇشنى پىلانلىدى . ئۇ سىياسىي ئىشلارنى ۋەزىرى نىزامۇل مۈلىككە تاپشۇردى ۋە مەلك شاھنى ئۆزىنىڭ ئىز باسارلىقىغا كۆرسەتتى .ئۆزى بىر قىسىم ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ ئەرمىنىيە ( ھازىرقى ئەرمىنىيە بىلەن تەڭ ئاتالغۇ ئەمەس ، ھازىرقى شەرقىي ئاناتولىيەنى كۆرسىتىدۇ )گە يۈرۈش قىلدى .ئۇنىڭ ئويىچە بولغاندا ئاۋۋال ۋىزانتىيە قوشۇنلېرىنى ئەرمىنىيەدە قايمۇقتۇرۇپ ئۆزى تېزلىكتە ھەلەپكە[5] يەنى سۈرىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىدى .
سۇلتان ئارسلانخاننىڭ قوشۇنى شەرقىي رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۈچ نۆۋەت ئۇرۇش قىلدى ۋە 1069- يىلى (يەنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىپ پۈتتۈرگەن يىلى) ئىككى تەرەپ زىمىنلارنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چىگرالارغا قايتۇرۇش توغرسىدا كىلىشىم تۈزدى ، سۇلتان ئەمدى خاتىرجەم ھالدا ئەرمىنىيە چىگىرالىرىنى يېزىنىسىگە تاپشۇرۇپ ،ئۆزى ھەلەپكە يۈرۈش قىلدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى رىم –تۈرك تەرەپنىڭ تۇتۇشۇپ بېقىشى دەپ ساناشقا بولاتتى ، ھەر ئىككى تەرەپ ئاز –پاز مەنپەئەتكە ئىگە بولدى .
رىم ئىمپىراتورى روماننۇس دىئوگىنىس ( تۆۋەندە قىسقارتىپ روماننۇس دەپ ئىلىندى) تۈرك قوشۇنلىرىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى ، ئالپ ئارسلانخان بولسا ئۆزىنىڭ بۈيۈك مەقسىتىنى باش ئورۇنغا قويغاندى ، ئۇنىڭ رىم قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشى پەقەتلا فاتىمى دۆلىتىگە بولغان ئۇرۇش ئىستىراتىگىيسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىناتتى . 1070-يىلى رىم تەرەپ بىر ئەلچىنى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئۇزارتىش مەقسىتىدە سەلجۇق ئوردىسىغا ئەۋەتتى ،بۇ خەۋەر ئەلۋەتتە ئالپ ئارسلانخاننىڭ ئىستىراتىگىيلىك پىلانىغا مۇناسىپ خۇشخەۋەر ئىدى. سۇلتان بۇچاغدا ئۆز ئىستىراتىگيسى بويىچە فاتىمى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى ، سۇلتان كىلىشم تۈزۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى ،لېكىن سۇلتاننىڭ ئەرمىنىيە چىگرالېرىغا مەسئۇل قىلغان قۇماندانى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ئەرمىنىيەگە ھۇجۇم قىلدى .[6] سۇلتاننىڭ فاتىمە قوشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان روماننۇس مۇشۇ پۇرسەتتە ئەرمىنىيەدىكى سەلجۇقلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىنلارنى قايتۇرۋالماقچى بولدى .ھەمدە 1071- يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ فىرانىك ، نورمان ، بۇلغار ، ۋە قىپچاق ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇننى تولۇقلىدى ، 7-ئايدا ئەرمىنىيە چىگىرالىرىغا يېتىپ كەلدى .
سۇلتان ئارسلانخان 5-ئايدا رىم ئىمپىرىيسىنىڭ قوشۇن توپلاۋاتقانلىقى توغۇرلۇق ئىستىخبارات ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن فاتىمە قوشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىپ ،تېزلىكتە ئوردىغا قوشۇن توپلاش توغۇرلۇق مەكتۇپ يوللىغاندىن كىيىن، يېنىدىكى تۆت مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن ئەرمىنىيەگە يول ئالدى ۋە 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئەرمىنىيەگە يىتىپ كەلدى .
ھالبۇكى شۇ كەمگىچە رىم قوشۇنلېرى سەلجۇق قوشۇنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى .ئىمپىراتور روماننۇس قوشۇنلىرىنى ئۈچكە بۆلۈپ چارلاشقا ئەۋەتتى .سۇلتان بۇ ھەربىي ئاخبارات ئۇچۇرنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن ۋان كۆلىنىڭ غەربىدىكى رىم قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى .رىم قوشۇنى يېڭىلدى ۋە غەربكە قاچتى ، روماننۇس قۇماندان بولينىئوسنى ياردەمگە ئەۋەتتى ، لىكىن بولىينىئوسنىڭ قوشۇنىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىدى . روماننۇس ئارقىدىن باشلىئۇكۇسنى ياردەمگە ئەۋەتتى، ھالبۇكى سەلجۇق قوشۇنى باشلىئۇكۇسنىڭ قوشۇنىنى جىلغىغا باشلاپ كىرىپ شۇجايدا پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلدى .
ئۇزاق ئۆتمەي رىم قوشۇنىدىكى قىپچاق تۈركلىرى ( پەچەنەكلەر ، ئۇزلار) سۇلتان ئارسلانخاننىڭ قوشۇنى ئىچىگە ئاغدىلەر ،قىپچاقلارنىڭ سەلجۇق قوشۇنىغا قوشۇلغىنىنى كۆرگەن بىر قىسىم رىم قۇماندانلىرى قوشۇننى تاشلاپ قاچتى ، ئارقا –ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىمپىراتور روماننۇس ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش ئارقىلىق بۈيۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى ۋە ئاساسلىق قوشۇنىنى مالازگىرتقا توپلىدى ھەمدە تۈرك قوشۇننىڭ بارگاھىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى .[7] بۇ ۋەزىيەتتە سۇلتان ئارسلانخان قوشۇنلىرىنى تاغقا چىكىندۈردى، رىم قوشۇنلېرى بارىگاھنى ئىگەللىدى ،بۇ چاغدا سۇلتان قوشۇنلىرىغا ئۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى ، ئىمپىراتور روماننۇس ئۆزىنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى سېزىپ قوشۇنىغا چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى ، ئوڭ –سول قانات قوشۇن سېپى قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، قورشاۋدا قالغان رىم قوشۇنلىرى خېلى قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئاخىردا پۈتۈن سەپ بىلەن مەغلۇب بولدى ،ئىمپىراتور روماننۇس تىرىك ھالدا ئەسىرگە چۈشتى .[8] ئۇرۇش رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى .

ئالپ ئارسلانخان بۇ بۈيۈك زەپەردىن كىيىن ماۋەرا ئۈننەھىرگە يۈرۈش قىلدى ۋە شۇ جايدا قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولدى .[9] ئارسلانخاندىن كىيىن مەلك شاھ سۇلتانلىققا ۋارسلىق قىلدى .[10] بىر مەزگىل قاراخانىيلارمۇ سەلجۇق ئىمپىرىيەسىگە قارام بولدى . 1091-يىلى مەلىكىشاھ پايتەختنى باغداتقا كۆچۈردى . ئىمپىرىيە مەمۇرىي تۈزۈمى دۆلەتنىڭ كۈچلىنىشىگە ئىجابىي رول ئوينىدى ،لېكىن ئۇنىڭ ھالاك بۇلۇشىغىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى . يەرلىك ھەربىي قوماندانلارنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى، بۇ خىل كەمچىلىك ئىمپىرىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،1092-يىلى مەلىكىشاھ ۋە ۋەزىر نىزامۇل مۈلىك ئارقا –ئارقىدىن ۋاپات بولدى . ئىمپىرىيە نۇرغۇن كىچىك سەلجۇق سۇلتانلىقلارغا پارچىلاندى . بۇنىڭ ئىچىدىكى سۇلايمان شاھ (ئالپ ئارسلانخاننىڭ نەۋرە ئىنىسى ) قۇرغان ئاناتولىيەگە جايلاشقان رۇم سۇلتانلىقى ئەڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردى ، بۇ كىيىنكى ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسىدۇر .
مالازگىرت ئۇرۇشى دۇنيا تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىستىراتىگىيىلىك ئۇرۇشتۇر . شەرقى رىم( ۋىزانتىيە ) ئىمپىرىيىسى ياۋروپانىڭ كۈچ-قۇدىرىتىگە ، مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى ، ھەربىي كۈچ سىلىشتۇرمىسىدا رىم ئىمپىرىيىسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى ، ھالبۇكى روماننۇس باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولدى ، ھەتتا ئۆزى تىرىك ئەسىرگە چۈشتى .بۇ رىم ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن چوڭ ھاقارەت ئىدى . ئۇرۇش خىرىستىئان ياۋروپاسىنىڭ سىياسى جۇغراپىيىسىنى تىخىمۇ غەربكە سۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى ، ناۋادا بۇ ئۇرۇشتا رىم تەرەپ يەڭگەن بولسا بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرق جۈملىدىن تۈركىيە خىرىستىئان جۇغراپىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئىدى . ئۇرۇشتىن كىيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى زاۋالىققا يۈز تۇتدى . كىلشىمگە ئاساسەن كۆپ ساندا تۈركى مىللەتلەر ئاناتولىيىگە كۆچۈپ كىردى ( ئوغۇز تۈركمەنلىرى ، پەچەنەكلەر ،قازارلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار ) . ئاناتولىيىگە كۆچۈپ كىرگەن تۈركى مىللەتلەر نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات ئاساسىدا چوڭ – كىچىك بەگلىكلەر ، سۇلتانلىقلارنى قۇردى . بۇنىڭ ئىچىدە ئوسمان بەگ ‹‹ ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسى››نى قۇردى . 1453- يىلى سۇلتان مەھمەد تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە كونىستانتىپول ( يەنى ئىستانبۇل) نى پەتىھ قىلدى ، شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى تارىخقا ئايلاندى .

ئايدىڭلار:
[1]. تۈركمەنىستان سابىق پىرىزدىنتى ساپارمۇرات نىيازوف تۈركمەن تارىخى توغۇرلۇق ئەسىرى رۇھنامە دە تۈركمەن سۆزىنى تۈرك ۋە ئىمان سۆزىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان ، بۇ بەلكىم ئوغۇزلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
[2].توغرۇل بەگ سەلجۇق ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن 1020-يىللىرى بۇخارادا قاراخانىيلار ئۇچۇن خىزمەت قىلغانىدى
[3].تۇغرۇل بەگ باغداتقا كىرگەندىن كىيىن سۈنئىي مەزھىپىنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۇردى
[4].مەلۇم جەھەتتىن قاراخانىيلار بىلەن سەلجۇقلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. سۇلتان تۇغرۇل بەگ ۋە سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ خانىشى ئاق ، قاراخانىيلارسۇلتانى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئامراق قىزى ئىدى . مەلك شاھنىڭ خانىشى تۈركان خاتۇن بولسا غەربى قاراخانىيلارخانلىقىنىڭ بىرىنچى خانى ئىبراھىم تاۋغاچ خاننىڭ قىزى ئىدى . بەزى تارىخچىلار ھەر ئىككى خانلىق خانلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى قىنىق قەبىلىسىگە باغلايدۇ .
[5].ھازىرقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ شەھرىنى كۆرسىتىدۇ .ئىچكى ئۇرۇشتا بۇ شەھەر كۆپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدى . ھازىرمۇ ھەلەپتە سەلجۇقلارۋە ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادلىرى سۈپتىدە بىر قىسىم تۈركمەنلەر ياشايدۇ .
[6].گەرچە مەمۇرى ھەربىي تۈزۈم ئىمپىرىيىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاشتا مەلۇم ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ ، يەرلىك قوماندانلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈكلىكى بۇ خىل سەۋەنلىككە سەۋەپ بولدى
[7].رىم ئىمپىرىيىسى 80 مىڭدىن 200مىڭغىچە ، سەلجۇقلار 40 مىڭ ،رىم ئىمپىرىيىسى قوشۇنىنىڭ سانى توغۇرلۇق پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇد
[8].رىم ئىمپىراتورى ئالپ ئارسلانخاننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىنگەندىن كىيىن سۇلتان ئۇنىڭدىن ناۋادا مۇشۇ ئەھۋالغا ئۆزى چۈشۈپ قالسا قانداق قىلدىغانلىقىنى سورىغان. روماننۇس سۇلتاننىڭ كاللىسىنى ئىلىپ كونىستانتىپولدا سازايى قىلدىغانلىقىنى ئىيىتقان . سۇلتان ئالپ ئارسلان روماننۇسنىڭ بىشىغا دەسسەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تامامەن ئۇنىڭدەك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ۋە قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۇنى ياخشى كۈتۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ نۇرغۇن سوۋغا سالام بىلەن ئۇنى رىم پايتەختى كونىستانتىپولغا يولغا سىلىپ قويغان

[9].تارىخچىلار ئالپ ئارسلانخاننىڭ ئۆلىمىنى ئۇنىڭ بىخەستىلكىدىن دەپ يىزىشىدۇ
[10].مەھمۇد قەشقىرى شاھانە ئەسرىنى سۇلتان مەلك شاھ مەزگىلىدە خەلىپە ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان، مۇئەللىپ ئۆز ئەسرىدە كىتابنى ئەرەپلەرگە تۈركچە ئۈگىتىش ئۈچۈن يازغالىقىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتىدۇ

پايدىلانغان كىتاپلار :
يازىجى ئوغلۇ ئەلى : تەۋارىخ ئەل سەلجۇق (ئوغۇزنامە )
ساپارمۇرات نىيازوف : رۇھنامە
چىن جىچىياڭ : ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى تارىخى
ۋ.م ماسسون ، مۇھەممەد .س.ئاسىموۋ قاتارلىقلار : مەركىزى ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى

مەنبە: باغداش تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش