ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر كۈلتۈرىدە تۇپان قۇشلىرى ــ قارلىغاچ ۋە كەپتەر

ئۇيغۇر كۈلتۈرىدە تۇپان قۇشلىرى ــ قارلىغاچ ۋە كەپتەر

Tufanئادەم ئۆگەر

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

مەنبەسى : بۇ ماقالە «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە توپان قۇشلىرى ــ قارلىغاچ ۋە كەپتەر» دېگەن نام بىلەن «مىراس» ژۇرنىلى 2015- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
قىسقىچەمەزمۇنى : تۈرك كۈلتۈرىدە قۇشلار مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدۇ. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە سىستېمىسىدە، بەزى ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىدە، شۇنىڭدەك توتېم، داستان، خەلق ھېكايىسى، ئەپسانە، چۆچەك ۋە قوشاق قاتارلىق ئاغزاكى كۈلتۈر ئەسەرلىرىدە ھەر خىل قۇشلار تىلغا ئېلىنىدۇ . بەزى قۇشلار ئەپسانە-رىۋايەتلەردە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتىقاد ۋە ئادەتلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى كۈلتۈرئەسەرلىرى ۋە ئەنەئەنىۋىي ئادەتلىرىدىكى دىققەتنى تارتقان قۇشلار بولسا قارلىغاچ بىلەن كەپتەردۇر. بۇ ماقالىمىزدە ئالدى بىلەن قارلىغاچ بىلەن كەپتەرنىڭ تۈرك كۈلتۈرىدىكى ئورنى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە، تۈرلۈك ئېتىقاد ۋەئەنئەنىلەردە بۇ قۇشلارنىڭ قانداق شەكىلدە ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بولسا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان بۇ قۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە مەتىنلىرىگە ئورۇن بېرىلىدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :تۈرك كۈلتۈرى، ئۇيغۇر، قۇشلار، قارلىغاچ، كەپتەر.
ئىنسان بالىسى تەبىئەت ۋە ئالەمگە مەنە بېرىش باسقۇچىدا تۇرغان چاغلاردا قايسى ئۆسۈملۈك، قايسى ھايۋاننىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرۈش، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتەك ئۇسۇل بىلەن بىلمەكچى بولغان. كېيىنچەئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى چۈشىنىپ، ھاياتىنى مەيلى قورقۇنچتىن بولسۇن، ياكى ھاياتنىڭ مۈشكۈللۈكلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پىسىخولوگىيەلىك تەسىرى بولسۇن، تەبىئەتتىكى نەرسىلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشكە باشلاش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان. بۇ نۇقتىدا مەنەبېغىشلانغان نەرسىلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادسىستېمىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ھايۋانلارنىڭ ئەجداد سۈپىتىدە مۇقەددەس دەپ قارىلىشى، ھاتتا تەڭرىلەشتۈرۈلۈشى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ئالدىدا مۇداپىئەسىز ۋە ئاجىز ھالەتتە قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇكونتېكستتە قۇشلارنىڭ مۇھىم بىر رولى بار. قۇشلار بەزىدە تەڭرى بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە، بەزىدە بولسا روھنىڭ شەكىلسىمان تەسۋىرى شەكلىدە بىر قانچە خىل مەنىگە ئىگە قىلىنغان. تۈرك كۈلتۈرى چەمبىرىكىدە قۇشلار خەلق ھېكايىلىرىدىن ئېتىقادلارغا قەدەر بىر مۇنچە فولكلور ئەسەرلىرى ئىچىدەپەرقلىق رول ئويناشتەك ئالاھىدىلىك بىلەن ئورۇن ئالغان.
تۈرك مىفىك ئېتىقاد ۋە چۈشەنچە سىستېمىلىرىدەقۇشلار پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۇچرايدۇ. تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ يارالمىشمىفلىرىدە تۈرلۈك قۇشلار كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن، ياقۇتلارنىڭ ، يېنىسەي ۋەئالتاي ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەبىلىلەرنىڭ مىفلىرىدە غاز، ئاققۇ ۋە قارلىغاچ قاتارلىق قۇشلاردىن سۆز ئېچىلىدۇ.
شامانلارنىڭ دۇمبىقىدا غاز، بۈركۈت قاتارلىق قۇشلارنىڭ تەسۋىرى چېلىقىدۇ. شامانىزم ئېتىقاتىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ روھىنىڭ قۇششەكلىگە ئۆزگىرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ روھىنىڭ بىر قۇش سۈپىتىدەكۆككە ئۇچىشى تۈركىي قەۋملەردە خېلىلا كەڭ تارقالغان بىر چۈشەنچىدۇر. [①]
«جامى ئۇتتەۋارى»تا 24ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن قۇشنىڭ ئونگۇن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەلۇم. ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بىر گىرب – سىمۋول سۈپىتىدە بايرىقىغا چۈشۈرگەن بىر قۇشى بارئىدى.[②]
ئىسلام ئېتىقاتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قۇشلارنى ئۇلۇغلاش داۋام قىلغان، ئۇلار كۆپىنچە دىنىي ۋەقەلەر ۋە شەخسلەرگە باغلىنىشلىق ھالدا چۈشەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارئارىسىدا كەپتەر، قارلىغاچ، بۇلبۇل، تۇمۇچۇق، كاككۇك، قارا قۇچقاچ ۋە پاختەك قاتارلىق قۇشلارغا مۇقەددەسلىك چۈشەنچىسى بېغىشلانغان. شۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار بۇقۇشلارنىڭ بەزىلىرى ئۈچۈن ئۆيلەرگە مەخسۇس ئوۋا ياسايدۇ. قارلىغاچ بىلەن كەپتەربولسا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان قۇشلار بولۇپ، بۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قارلىغاچ بىلەن كەپتەر ھەر خىل مىفىك ۋە دىنى ۋەقەلەرگە باغلىنىشلىق ھالدا مۇقەددەس دەپ قارالغان قۇشلارھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى مەنبەلەردە «قارلىغاچ» سۆزى «قارلاغۇچ»ۋە «قارلاگۇچ» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ. تۈركمەنلەردە «قارلېگاش»، بالقان تۈركلىرىدە «قارېلگاچ»، قىرغىزلاردا «چابىلېكېي» ياكى «چابىيېكېي»، قازاقلاردا«قارلېغاش»، ئۆزبەكلەردە «قالدىرغاچ»، ئالتاي، تەلەئۈت تۈركلىرىدە «قارېلېگاش»،شورلاردا «قارېلېگاش» ياكى «قارلاش»، ساغايلاردا «قارلاگاس» شەكلىدە ئاتالغان.ئۇيغۇرلاردا بولسا «قارلىغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ.[③]ھاسان ئەرەن «تۈرك تىلىنىڭ ئېتېمولوگىيەلىك لۇغىتى» ناملىق ئەسىرىدە «قارلىغاچ»سۆزىنىڭ «قارىلىق»(قارېلېق) قا «(ئا)چ»دېگەن كىچىكلىتىش قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.[④]
قارلىغاچ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ قارالغان ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر قۇشتۇر. دوستلۇق ۋە شەپقەتنىڭ سىمۋولىبولغان قارلىغاچ «ئىنسانلارنى خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان قۇش» سۈپىتىدە تۇنۇلغان.شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئۆي ۋە پىشايۋاننىڭ تورۇسلىرىغا، ئىشىكنىڭ ئۈستىگە قارلىغاچغائاتاپ ئالاھىدە ئوۋا سېلىپ بېرىدۇ . چۈنكى «قارلىغاچ ئوۋا تىزغان ئۆيگە بەختقونىدۇ» دەيدىغان ئېتىقاد بار. ھەتتا كۈز پەسلىدە قارلىغاچلار ئوۋىسىغا قايتىپكەلمىسە ئۇلارنىڭ ئوۋىسىغا ئىسرىق سېلىپ، قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ. بولۇپمۇقارلىغاچلارنى ئۆلتۈرۈشكە ۋە قول بىلەن تۇتۇشقا بولمايدۇ. ئۇنى تۇتىۋالغان كىشىنىڭقولىنىڭ تىترەيدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.[⑤]قارلىغاچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەقىدە ــ ئېتىقادلارنىتەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا قارلىغاچ ھەققىدە سۆزلەنگەن ئەپسانىلەرنىڭ بۇ ئەقىدە ــ ئېتىقادلارنىڭشەكىللىنىشى ھەم ئىزچىل داۋاملىشىشىدا ناھايىتى چوڭ تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپيېتىمىز.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قارلىغاچ ۋە كەپتەربىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر كۆپىنچە «نۇھ توپانى»(توپان بالاسى) نى چۆرىدىگەن ھالداشەكىللەنگەن. «تەڭرىنىڭ دۇنيانى يامانلىقتىن خالىي قىلىش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن يەر يۈزىنى سۇغا غەرق قىلغانلىقىنى، ئەلچىسى ياكى مۇقەددەس بىر كىشىئارقىلىق بىر كېمە ياسىتىپ، ئىنسان، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك نەسلىنى قۇتقۇزۇپ ئۇلارنىقايتىدىن ياراتقانلىقىنى ھېكايە قىلىدىغان توپان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەرنى دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋە بەزى مۇقەددەس كىتابلاردا ئۇچرىتىش مۇمكىن.[⑥] ئەڭ قەدىمكى ئۆرنىكى سۇمېرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بابىللار ئارىسىدىمۇ ئۇچرايدىغان توپان ئەپسانىسى ئالتاي تۈركلىرى ئارىسىدىمۇ تارقالغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، «تەۋرات» ۋە «قۇرئان كەرىم»دىمۇ توپان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەر بار. [⑦]نۇھ پەيغەمبەر ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىدە توپان بىلەن بىرلىكتە ئۇچرايدۇ.
ھاياتلىقنىڭ ئىككىنچى قېتىم باشلىنىشىنى ئىپادە قىلغان نۇھ توپانى ئەپسانىلەردە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ بەلگىلىك ئالاھىدىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ۋەقە سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ.ئۆچكىنىڭ قۇيرىقىنىڭ دىڭگىيىپ تۇرىشى، مۆشۈكنىڭ دۈمبىسىنىڭ يەرگە تەگمەيدىغانلىقى،كەپتەرنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا «مۇقەددەس قۇش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى،قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئاچىماق بولۇشى ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىدە نۇھ توپانىدامەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر سۈپىتىدە چۈشەندۈرلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە «تۇرپان»دېگەن نامنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ نۇھ توپانىغا باغلىنىدۇ.[⑧]
ئۇيغۇرلاردىكى قارلىغاچ بىلەن مۇناسىۋەتلەرئەپسانە ۋە ئېتىقادلارنىڭ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىدا ئورتاقلىق تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ماقالىمىزدە بېرىلگەن 1- ۋە 2- نومۇرلۇق ئەپسانە تېكىستلىرىدە قارلىغاچ نۇھ توپانىدا بار قۇشلاردىن بىرىدۇر ۋە توپاندىن كېيىن ئىنسان بالىسىنى يىلاندىن قۇتقۇزغان قۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئەپسانىدە ئۇنىڭ ئىنسان بالىسىنى قۇتقۇزغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلۇغلانغانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن خۇسۇسلاردىن بىرىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانىلەر تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا خېلىلاكەڭ تارقالغان. مەسىلەن، ھەزرىتى نۇھ توپان سۈيىدە كېمە بىلەن كېتىۋېتىپ دۇنياداقايسى جانلىقنىڭ قېنىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىگە ئاۋۋالقاغىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن قارغا قايتىپ كەلمەپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پاشىنى ئەۋەتىپتۇ.ئومۇ قايتىپ كەلمەپتۇ. ئاخىرىدا قارلىغاچنى ئەۋەتىپتۇ. قارلىغاچ قايتىپ كەپتۇ.ئەپسانىدە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋار بولغان قارلىغاچنىڭ ئۇيغۇرلارتەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قارالغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگەبولغان قۇش ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان بۇ ئەپسانىنىڭباشقا تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك ۋارىئانتلىرى بار. مەسىلەن، ئانادولوداتارقالغان بىر ئەپسانىدە دېيىلىشىچە، نۇھنىڭ كېمىسى تېشىلىپ كېتىپتۇ، تۆشۈكنى يىلان ئىتىپتۇ، يىلان مۇكاپات ئۈچۈن خالىغان جانلىقنىڭ ئېتىنى يىيىشنى تەلەپ قىپتۇ. ھەرە بارلىق جانلىقنىڭ ئېتىنى تېتىپ چىقىپتۇ ۋە ئەڭ تاتلىقى ئىنساننىڭ ئېتىكەن دەپتۇ. قارلىغاچمۇ ئىنسانلارنى قۇتقۇزاي دەپ ھەرىنىڭ تىلىنى چوقۇلىۋاپتۇ.يىلان بۇنىڭغا غەزەپلىنىپ قارلىغۇچنىڭمۇ قۇيرىقىنى چىشلەپ يىرتىۋىتىپتۇ.[⑨]
بۇرياتلارنىڭ بىر ئەپسانىسىدە قارلىغاچنىڭ قۇيرىقىنىڭ يىلان چېقىۋىلىشى بىلەن ئاچىماق بولۇپ قالغانلىقى سۆز تېمىسى قىلىنغان. ئەپسانىدە بۇ ئەھۋال قارلىغاچ ئوتنى قوچۇشقا غەيرەت قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆك تەڭرى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر ئوق بىلەن قۇيرىقى پارچىلانغان دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ.[⑩]ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن توپلانغان بىر ئەپسانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق :«پادىشاھنىڭ مەلىكىسى بىلەن چوپان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقى – مۇھەببەتكە پادىشاھ قارشى چىقىپتۇ. پادىشاھ مەلىكىسىگەلايىق كۆرمىگەن بۇ چوپاننى بىر قىش كۈنى قىيادىن پەسكە تاشلىۋېتىپتۇ. دەل شۇ چاغداپادىشاھنىڭ مەلىكىسى باھار قاتتىق نىدا قىپتۇ، چوپان شۇ ئەسنادا ئاللاھتىن ئۆزىنى بىر قۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى تىلەپتۇ. نەتىجىدە چوپان قارلىغاچقا ئايلىنىپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن قارلىغاچ بىلەن قىشنىڭ كۈرۈشى باشلىنىپتۇ. قىش يېڭىلىشقا ئازقالغاندا ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپتۇ ۋە قولىنى قارلىغاچنىڭ قۇيرىقىغا ئۇزۇتۇپ ئىككىتال پېيىنى ئۈزۈۋاپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ كۆكسى ئاق، قۇيرۇقى ئاچىماق بولۇپ قالغان قارا قۇشنىڭ ئىسمى قارلىغاچ دەپ ئاتىلىپتۇ».[11]
سىبىرىيەدىكى خىرىستىئانلاشقان ياقۇتلار ئارىسىداتارقالغان بىر مەسەل(؟) نىڭ مەزمۇنى مۇنداق : «شەيتان ئىسانىڭ ئاكىسى ئىكەن، لېكىن ئىسا ياخشى ، شەيتان يامان ئىكەن، تەڭرى دۇنيانى ياراتماقچى بولغاندا، شەيتانغا ‹ھەرئىشنى قىلالايمەن دەپ ماختىنىسەن ۋە ئۆزىڭنى مەندىن ئۈستۈن چاغلايسەن، ئۇنداق بولسا ئوكياننىڭ ئاستىدىن قۇم ئېلىپ كەل› دەپتۇ. شەيتان سۇنىڭ ئاستىغا چۆكۈپتۇ،بىراق سۇنىڭ يۈزىگە چىققان ۋاقتىدا قولىدىكى قۇمنىڭ يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.شەيتان يەنە ئىككى قېتىم سۇنىڭ ئاستىغا چۈشكەن بولسىمۇ، قۇمنى ئېلىپ چىقالماپتۇ.تۆتىنچى قېتىم ئۆزىنى قارلىغاچقا ئايلاندۇرۇپتۇ ۋە تۇمشۇقىدا ئازراق لاي ئېلىپ چىقپتۇ. ئىسا بۇ لاي پارچىسىنى ئۇلۇغلاپتۇ، ئۇ لاي دۇنياغا ئايلىنىپتۇ. دۇنيادەسلەپتە تۈز ۋە تۇسالغۇسىز ئىكەن. ئەمما شەيتان ئۆز دۇنياسىنى ياراتماقچى بولۇپ،بىر پارچە لاينى بوغۇزىغا يوشۇرۇۋاپتۇ. ئىسا شەيتاننىڭ ھىيلىسىنىتۇيۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ گەجگىسىگە ئۇرۇپتۇ. لاي پارچىسى شەيتاننىڭ ئاغزىدىنئېتىلىپ چىقىپتۇر ۋە يەر يۈرىدىكى تاغلارنى ھاسىل قىپتۇ. ھالبۇكى ئەسلىدە ھەممەيەر تۈپتۈر ئىكەن».[12] بۇمەسەل ئالتاي تۈركلىرىنىڭ دۇنيانىڭ يارالمىشىبىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مىفىك تېكىستلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. پوتانىن بەزى ئالتاييارالمىش داستانلىرىدا ئىنساننىڭ ئورنىنى قارلىغاچنىڭ ئالغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.[13]
يۇقىرىدىكى ئۆرنەكلەردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك،تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا قارلىغاچ ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئائىت ئامىللار نۇھ توپانى ۋەقەسىگە باغلىنىشلىق ھالدا يارىتىلغان . ئۇيغۇرلارئارىسىدىمۇ قارلىغاچنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىشنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ ئەھۋال بۇلۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارلىغاچنىڭ تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالاشتىمۇ خاس بىر رولى بار. مەسىلەن،ھامىلدار بولماقچى بولغان ئاياللار قارلىغاچنىڭ بالىسىنى ئوتتا پىشىرىپ يەيدۇ.يەنە ھامىلدار بولماقچى بولغان ئاياللار ئەسكى تاملىقتىكى قۇشلارنىڭ ئوۋىسى(ئومۇمەن قۇچقاچلارنىڭ ئوۋىسى)غا قولىنى تېقىپ ، قولىغا نېمە چىقسا ئۇنى كۆزىنى يۇمۇپلا ئاغزىغا سالىدۇ. قۇش بالىسىنى يېيىش ئادىتى قوش كېزەك بالا يۈزى كۆرمەكچى بولغان ئاياللار ئارىسىدىمۇ بار. ھامىلدار ئاياللار قوش گىزەك تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا قارلىغاچنىڭ بالىسىنى تېپىپكېلىپ، ئۇنى باشقا يىمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرماي تىرىك پېتىلا يۇتىۋىتىدۇ. [14] بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر شامانلىرى ئارىسىدا قۇش پەيلىرى بىلەن كېسەل داۋالاش ئادىتى بار. بۇ خىل داۋالاشتا قارلىغاچنىڭ پەيلىرىمۇقوللىنىلىدۇ. كېسەل كىشىنىڭ بىر يېرى ئاغرىسا ياكى بەدىنى ئېغىرلاشسا شاماننىڭ يېنىغا بارىدۇ. شامان بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىماردىن يالغۇز دەرەخ، ئەسكى تام ياكى مەينەت بىر يەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكىنى سورايدۇ. بىمار بۇ ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، شامان بۇ كېسەلنىڭ شۇ يەردىكى مەلۇم خانلىرىمنىڭ ياكى يامان روھلارنىڭ تېگىپ قويغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، شامان خەنجەرياكى بۇركۈت، لاچىن ياكى قارلىغاچ پەيلىرىنى بىمارنىڭ بەدىنىگە سۈرتۈپ ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شامان قۇش پەيلىرىنى بىمارنىڭ بەدىنىگەسۈرتۈپ «ئەزائىم دۇئاسى»نى ئوقۇيدۇ.[15] شامان دۇئا ئۇقۇغاچ قۇش پېيىنى بىمارنىڭ بېشىدىن ئايىغىچە سۈرتۈپ چىقىدۇ. داۋالاشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا قۇش پېيى بىلەن بىمارنىڭ بەدىنىگە ئۇرىدۇ.[16]بۇنىڭدىن باشقا، شامانلارمۇ مۇۋاپىق بىرۋاقىتتا ئۆزلىرى تىۋىنىدىغان، «قوغدىغۇچى تەڭرى» ھېسابلانغان يالغۇز دەرەخ ياكى قۇشقا(بۈركۈت، لاچىن ياكى قارلىغاچ)، شامانىزمنى ئۆگەنگەن ئورۇنغا ئاتاپ قانئېقىتىدۇ ياكى ئىسرىق سالىدۇ. شامانلارنىڭ دېيىشىچە، شامانلار ئۆزىنىڭ مازار – ماشايىخلىرىغا چامىسى يەتكەن دائىرىدە قان ئېقىتىپ ئىسرىق سالمىسا، بۇ مازار – ماشايىخلارشامانغا ئاچچىغلىنىپ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن شاماننىڭ سېھىي كۈچى ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن.[17]
قارلىغاچنىڭ خەلق تېبابىتىدەتېببىي مەقسەتتە قوللىنىلىشى ئانادولۇدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، خەلق تېبابىتىدە«كۆزگە مېھمان كەلگەن» [18]ئەھۋالدا ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قارلىغاچ مېڭىسى، گۈلۈنچەكنىڭ [19]گۈلىنى ئىزىپ چىقارغان سۈيى سۈرتۈلىدۇ.[20]شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدا «قارلىغاچ خادىملىرى»دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان، پەقەت كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئوپىراتسىيە قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر بار. [21]قادىرى تەرىقىتىگە مەنسۇپ بولغان قارلىغاچ خادىملىرى بۇرۇن ئۆز پىرىنىڭ ئىران ھۆكۈمدارىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن كور بولۇپ قالغان كۆزىدىن بىرىنى ئاچقانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمدارنىڭ يەنە بىر كۆزىنىمۇ ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى،تەرىقەت پىرىنىڭ «بىزنىڭ پىرىمىز مۇشۇنچىلىك قىلىشقا رۇخسەت قىلغان» دەپ داۋالاشنىرەت قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمدار تەھدىت سالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قارلىغاچقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ قاچقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.[22] ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئانادولۇ فولكلورىداقارلىغاچنىڭ كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتەك ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقى سۆزلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاغزاكى كۈلتۈر ئەسەرلىرى بىلەن ئەقىدە –ئېتىقادلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇشلاردىن يەنە بىرى بولسا كەپتەردۇر. ئوتتۇراتۈركچىدە كەپتەر سۆزى «كۆگۈرچگۈن» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ. قەدىمكى قىپچاقلاردا«كۆگەرجىن» ۋە «ئۆگەرجىن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتاي تۈركچىسىدە «كۆغۆرچۈن»، قىرغىزلاردا «كۆگۈچكۆن»، «كۆگۈرچكۈن»، چۇۋاش تۈركچىسىدە «كاۋاكارچان» شەكلىدەئۇچرايدۇ. ھاسان ئەرەن «كاۋاك» سۆزىنىڭ «كۆك-گۆك» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنىبىلدۈرىدۇ.[23]تۈركىيە تۈركلىرىدە «گۈۋەرجىن» دەپ ئاتالغان بۇ قۇشنى ئۇيغۇرلار «كەپتەر» ۋە«دەمدەر» دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.[24]
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بەرىكەت»، «توقچىلىق»، «دوستلۇق»ۋە «ساداقەت» تىمسالى سۈپىتىدە تۇنۇلغان كەپتەر يەنە ۋاپادار بىر قۇش دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى كەپتەردىن «خەۋەرچى» قۇش سۈپىتىدىمۇ پايدىلانغان. ئۇزاق ۋە خەتەرلىك رايونلارغاسەپەر قىلغان چاغلاردا يۇرتىغا ئۇنىڭ بىلەن خەۋەر يوللىغان. كەپتەرنىڭ يۇرتقا ساق- سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى سەپەردىكىلەرنىڭ ئامان – ئىسەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان. ئۇيغۇرلار كەپتەرنى چىرايلىق، ئاۋازى يېقىملىق، ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتەياشىغانلىقى ئۈچۈن ۋاپادار قۇش دەپ بىلىپ، ئۆيلىرىدە باقىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،كەپتەرنىڭ سەھەر ۋاقتىدا سايرىشى ئىبادەت، ئىنسانلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن قىلىنغان بىر دۇئادۇر. شۇڭا كەپتەر ئۈچۈن مەخسۇس ئوۋا ياسىلىدۇ، ئۇلارغا قەتئىيزىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ. كەپتەر ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدىمۇ خاس بىر ئورۇن تۇتىدۇ.قۇشلار ئىچىدە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە گۆشى ھالال دەپ قارالغان كەپتەر خەلق تېبابىتىدە تېببىي مەقسەتتە قوللىنىلىدۇ. بولۇپمۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن كەپتەر گۆشىنى يېيىش بۇيرۇلىدۇ. رېماتىزم قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن بەدەننىڭ سىرتىدىن كەپتەرنىڭ قېنى ئېقىتىلىدۇ. بەزى يىرىڭلىق كېسەللەرگە كەپتەرنىڭ قارنىنى يېرىپ تېڭىپ،ئېغىز ئالدۇرۇپ داۋالايدۇ.[25]
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كەپتەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەقىدە – ئېتىقادلارنىڭ، كەپتەرگە ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ نۇھ توپانى، ھەزرىتى مۇھەممەد،سۇتۇق بۇغراخان، قۇمات پاششىم قاتارلىق دىنىۋەقە ۋە شەخسلەرنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. باشقىچەئېيتقاندا، دەسلەپتە نۇھ توپانىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىلگەن كەپتەر كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش ۋە تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان دىنىي شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. مەزكۇر ماقالىدە بېرىلگەن 3- ۋە 7-نۇمۇرلۇق ئەپسانىلەردە كەپتەرنىڭ «نۇھ توپانى»دا ھەم خەۋەرچى ھەم سادىق بىر قۇش سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە ۋەئېتىقادلىرىدىلا ئەمەس، يەنە بىر مۇنچە تۈرك قەبىلىسىنىڭ ئاغزاكى كۈلتۈرئەسەرلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ۋېربىتسكىي تەرىپىدىن رەتلەنگەن ئالتاي تۈركلىرىگە ئائىت توپان ئەپسانىسىدە كەپتەر «خەۋەر يەتكۈزگۈچى »، «تىنچلىق سىمۋولى»،«سادىق قۇش» سۈپتىدە كۆرۈلىدۇ.[26]
توپان ئەپسانىسىدە كېمىگە چىقىپ يۈز يۈزىدىكى ئېگىز يەرگە قاراپ ماڭغان بىر مۇقەددەسكىشى(ئالتاي تۈركلىرىدە ناما) كېمە قۇرۇغلۇققا چىققاندا،ھەر خىل قۇشلارنى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلىپ كىلىشىگە بۇيرىدۇ. ناما نۆۋەت بىلەن قۇزغۇن،سېغىزخان، قاغا ۋە كەپتەرنى ئەۋەتىدۇ. قۇزغۇن، سېغىزخان ۋە قاغا سەپەر جەريانىدابىر تاپقا قونۇۋېلىپ، ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا سەل قارايدۇ. كەپتەر بولساتۇمشۇقىدا بىر تال شاخنى چېشلىگەن ھالدا قايتىدۇ.ناما تاپقا قونۇۋېلىپ ئىشىنى كەينىگە سۈرگەن سېغىزخان، قۇزغۇن ۋە قاغىنى جازالاپ،ئۇلارنى قىيامەتكىچە تاپ بىلەن جېنىڭنى باققايسەن، دەپ قاغايدۇ. تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇندىغان كەپتەرگىمۇ ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىسى بولغانلىقىنى ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۆزىنىڭ ئەۋالادى بىلەن بىللە ياشاشنى بۇيرىدۇ. مانا بۇ ئەپسانە ئارقىلىق سېغىزخان، قۇزغۇن ۋە قاغىنىڭ نېمىشقا تاپ يەيدىغانلىقى، كەپتەرنىڭ بولسا نېمىشقا ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاپ، ئۇلارغا سادىق بىر قۇشقا ئايلانغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. [27]
تۈرك داستان، ھېكايە، مەنقىبە ۋە ئەپسانىلىرىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتقان «شەكىل ئۆزگەرتىش ــ قىياپەت ئۆزگەرتىش» موتىفى ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.[28] بولۇپمۇ شامانلارنىڭ كۆككە قاراپ ئۇچقاندا، «ئىنسان روھى»غا سىمۋول بولغان بىر قۇشنىڭ شەكلىگە كىرىشى ياكى تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر ھايۋانغا مىنىشى سۆز تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي قەۋملەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «قىياپەت ئۆزگەرتىش» موتىفى ئەۋلىيا ياكى ئەرەنلەرنىڭ كارامىتى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلۈشكەباشلىدى. مەسىلەن، 6- نۇمۇرلۇق ئەپسانىدە بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان شاكىر ئىسىملىك بىر قەھرىمان شېھىت بولغان چاغدا،ئۇنىڭ كۆكسىدە پەيدا بولغان بىر ئەركەك، بىرى چىشى كەپتەرنىڭ كۈنىمىزدىكى كەپتەرلەرنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى بىلدۈرىلىدۇ. ئەۋلىيا ۋە ئەرەنلەرنىڭ قىياپەت ئۆزگەرتىشى ئانادولۇ مەنقىبەلىرىدە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. مەسىلەن، رەسۇل بابا بەشكارىشدېگەن يەردە ئاۋۋال بۇغىنىڭ، كېيىن كەپتەرنىڭ سىياقىغا كىرىدۇ. «سالتىقنامە»دەسارى سالتىقنىڭ دۈشمىنى بولغان جادىلارنىڭ كەپتەر سىياقىدا بىر قەلئەدەياشىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. 15- ئەسىردىكى مەشھۇر سۇپى مۇئەللىپلەردىن بىرى بولغان ئەھمەدى بىجاننىڭ «ئەنۋەرۇل ــ ئاشىقىن» دېگەن ئەسىرىدە داۋۇت پەيغەمبەردىنسۆز ئېچىلغاندا ، شەيتاننىڭ ئۇنىڭ كۆزىگەقىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەن بىر ئالتۇن كەپتەر سىياقىدا كۆرۈنگەنلىكى يېزىلغان.[29]«دەدە قورقۇت كىتابى»دا ئەرزائىلنىڭ كەپتەر سىياقىغا كىرگەنلىكى سۆز تېمىسى قىلىنغان. شۇڭا، كەپتەر مەيلى ئىجابى خاراكتېردە بولسۇن، ياكى سەلبى خاراكتېردە بولسۇن، ئومۇمەن «شەكىل ئۆزگەرتىش» موتىفى ئىچىدە چېلىقىدۇ. غەيرى، يامان ياكى ياخشى نىيەتلىك، تەبىئەتتىن ھالقىغان مەخلۇقلارنىڭ قۇشقا ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. جىنلار چۆچەكلەردە كۆپىنچە ئاق كەپتەر، ئاققۇ، ياكى ئىسمى ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن بىر قۇش سۈپىتىدەتەسۋىرلىنىدۇ.[30]
كەپتەر بۈركۈت – لاچىندەك يىرىتقۇچ ئەمەس، ناھايىتى راھىشچان بىر قۇش. ئېيتىلىشىچە، ئەھمەت يەسەۋىي تەرىپىدىن رۇم دىيارىغا ئەۋەتىلگەن ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئانادولۇغا كەپتەرنىڭ سىياقىغا كىرىپ ئۇچۇپ كېلىدۇ. ھاجىبەك تاشى ۋەلى رۇم ئەرەنلىرىگە : «مەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا كەپتەر سىياقىدا كەلدىم،مۇبادا تېخىمۇ ئاددى بىر قىياپەتنى تاپالىغان بولسام، شۇ قىياپەتكە كىرەتتىم»دېگەن شەكىلدە سۆز قىلىدۇ.[31]
ئۇيغۇرئەپسانىلىرىدە كەپتەر ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە سۇتۇق بۇغراخانغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. 4- نۇمۇرلۇق ئەپسانىدە كەپتەرنىڭ كۇپپارلارنىڭ ھەرزىتى مۇھەممەدنى تۇتۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. 5-نۇمۇرلۇق ئەپسانىدە بولسا توقچىلىق ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر قۇش سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن كەپتەر ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان تۇنجى تۈرك خاقانى سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ مازىرى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەپسانىدە بارلىق كۆك كەپتەرلەرنىڭ ئەجدادى شۇ دەۋردىكى بىر كەپتەرگە تاقىلىدۇ ۋە كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلىۋاتقان كەپتەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەقىدە – ئېتىقادلار شۇ دەۋردىكى ۋەقەگەباغلىنىدۇ.[32]ماقالىمىزدە بېرىلگەن 8- ۋە 9- نۇمۇرلۇق ئەپسانىلەردە كەپتەرنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە قانداق ئېرىشكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىلگەن. بۇ ئەپسانىلەردىمۇكەپتەرنىڭ دۇرۇست ۋە سادىق بىر قۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
قىسقىسى، «نۇھ توپانى» باشقا تۈر ك قەبىلىلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاغزاكى كۈلتۈر ئەسەرلىرى ۋە خەلق ئېتىقادلىرىدىمۇ خاس بىر ئورۇنغا ئىگە بولغان. قارلىغاچ ۋە كەپتەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە ۋە ئەقىدىلەر بولسا نۇھ توپانىنى ئاساس قىلغان. بۇ قۇشلار زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىق دىنى ۋە تارىخىي سەخسلەربىلەنمۇ ئالاقىدا قىلىپ كۆرسىتىلگەن، بۇ ئارقىلىق بۇ قۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەقىدە ــ ئېتىقادلارنىڭ داۋاملىشىشىغائىمكانىيەت يارىتىلغان. «بەرىكەت» ، «توقچىلىق» ، «ساداقەت» ۋە «ۋاپا» قاتارلىق ئۇقۇملارغا تەڭداش بولغان قارلىغاچ ۋە كەپتەر ئۇيغۇر خەلق ئېتىقادلىرىدىن ئەقىدىلىرىگەۋە خەلق تېبابىتى دائىرىسىدىكى پائالىيەتلەردىن ئاغزاكى ئىجادىيەتلەرگە قەدەرئۇيغۇر كۈلتۈرىدە ئۇلۇغلانغان قۇشلار سۈپىتىدە ئۇچرايدۇ.

مەتىنلەر
1ـ قارلىغاچ [33]
كېمەئىچىدە ئىككى نەرسە يوق ئىكەن، بىرى چاشقان، يەنە بىرى قوڭغۇزخان. لېكىن كېمەياغىچى ئارىسىدا چاشقان پەيدا بوپتۇ، كېمىنى تېشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىگە سۇ چىقىپ كېتىپتۇ. خالايىقلارغا غەرق بولماق خەۋپى ئايان بوپتۇ. سۇ ئىچىگە نەچچە كىشى شۇڭغۇپ كېمىنىڭ تۆشۈكىنى تاپالماپتۇ.
نۇھئەلەيھىسسالام : «قايسى جانىۋار تۆشۈكنى تاپسا ئۇنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى مەن بىجاكەلتۈرەي» دەپتۇ. يىلان : «مەن ئۇ تۆشۈكنى تاپاي» دەپتۇ. «نېمە تەلەپ قىلىسەن؟»دەپتۇ نۇھ. «ماڭا تاتلىق ئەت(گۆش) كېرەك» دەپتۇ يىلان. نۇھ قوبۇل قىپتۇ. يىلان سۇغا كىرىپ تۆشۈكنى تېپىپتۇ. كولچا(ھالقىدەك يۆگىلىپ) بولۇپ يېتىپتۇ. سۇنى كىرگىلى قويماپتۇ. كېمىگە كىرگەن سۇنى تۆكۈپ چىقىرىپتۇ. يىلان توسۇپ تۇرغان تۆشۈكنى مۇم بىلەن بىكىتىپتۇ. كېيىن سۇ سىڭىپ توپان بالاسى يۇقالغاندىن كېيىن يىلان كەپتۇ ۋە :«ۋەدە بويىچە كەلدىم» دەپتۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام پاشىغا : «يەر يۈزىگە بارغىن. نېمىنىڭ ئېتى(گۆشى) تاتلىق بولسا، خەۋەر قىل، يىلانغا بېرەيلى» دەپتۇ. پاشا كېتىپتۇ، كەچ قاپتۇ. يىلان يەنە سۇرۇشتە قىپتۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام شەرمەندە بولۇپ قالغاچقا :«بارغىن ، پاشىنى تېپىپ كەلگەيسەن» دەپتۇ.
قارلىغاچ بېرىپ پاشىنى تېپىپتۇ ۋە : «نېمە ئۈچۈن كەچ قالدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «يەر يۈزىنى ئايلىنىپ بولغىچە كەچ قالدىم » دەپتۇ پاشا. قارلىغاچ : «تاتلىق ئەتنى تاپتىڭمۇ»دەپ سوراپتۇ. «تاپتىم ئادەمنىڭ ئېتىدىن تاتلىقراق ئەت كۆرمىدىم» دەپتۇ پاشا.قارلىغاچ : «ئۇ ئەتنىڭ تەمى ھېلىمۇ ئاغزىڭدا باردۇر، مەن ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرەيچۇ»- دەپتۇ. پاشا ئاغزىنى ئېچىپتۇ. قارلىغاچ تۇمشۇقى بىلەن بىر چوقۇپتۇ.پاشىنىڭ تىلى ئۈزۈلۈپتۇ، ئىككىسى تالىشىپ نۇھقاكەپتۇ. نۇھ پاشىدىن خەۋەر سوراپتۇ. پاشا قاتتىق – قاتتىق گىڭشىپتۇ.
قارلىغاچتىن سوراپتۇ : «بۇ نېمىشقا سۆزلىمەيدۇ؟» قارلىغاچ : «بۇ ماڭا يولدا خەۋەر بەردى. كەچ قالغىنىغا سىزدىن خىجىل بولۇپ سۆزلىمەيۋاتىدۇ. ئۇ ماڭا : «يولدا جىمىكى جانۋارلارنىڭ ئېتىنى تېتىپ كۆردۈم، قۇر پاقا ئېتىدىن تاتلىقراق ئەت كۆرمىدىم دېدى»دەپتۇ.
نۇھ ئەلەيھىسسالام پاقىنىڭ ئېتىنى يىلانغا تەيىن قىپتۇ. قىيامەتكىچە يىلاننىڭ رىسقى پاقىنىڭ ئېتى بوپتۇ. شۇ كۈنى قارلىغاچ ئۇ ياخشىلىقنى قىلمىغان بولسا ئىدى، ئادەمزات ئوغلانلىرى يىلاننىڭ رىسقى بولار ئىكەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەمزات قارلىغاچنى ئۇلۇغلايدىغان بولغانىكەن.
2 ـ قارلىغاچنىڭ قۇيرىقىنى مىشقا ئاچىماق[34]
بۇرۇنقى چاغلاردا يېزىلار تېخى پەيدا بولمىغان چاغدا ئىككى ئائىلە ياشاپتىكەن. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بىرىدە بىر جۈپ ئەر – خوتۇن، يەنە بىرىدە بىر مومايلا بار ئىكەن. مومايبۇ ئەر ــ خوتۇنلاردىن خېلىلا يىراقتا تۇرىدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ئەر – خوتۇنلارنىڭكىگەبارىدىكەن. بىر كۈنى موماي ھېلىقى ئەردىن مۇنداق دەپ سوراپتۇ.
ــ نېمە ياساۋاتىسەن؟
ئۇئەر پەيغەمبەر ئىكەن. ئۇ :
ــ مانا موما، مەن زور بىر كېمە ياسايمەن. تېزئارىدا توپان سۈيى كېلىدۇ. ئاشۇ توپان سۈيىدە كېمە بىلەن ئۈزىمىز،- دەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن موماي ھەر كۈنى ئۆچكىسىنىڭ سۈتىنى ئۇلارغا سەدىقە ئورنىدا ئەكىلىپ بېرىدىغان بوپتۇ.
ــ ئوغلۇم، مېنىمۇ كېمىدىن قالدۇرما، توپان سۈيىدە غەرق بولۇپ ئۆلۈپ قالماي،- دەپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە توپان سۈيى كېلىپتۇ. نۇھ پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ جامائىتى بىلەن كېمىسىگە ئولتۇرۇپتۇ.ئۇنىڭغا ھەر بىر جان – جانىۋارنى جۈپتى بىلەن ئېلىۋاپتۇ. قانداقلىكى جان ئىگىسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر كېمىسىگە چىقىرىپ ئۈزۈپ كېتىپتۇ. ئۈزۈۋاتقاندا بىر چاشقان كېمىنى تېشىپتۇ-دە ، كېمىگە سۇ كىرىشكە باشلاپتۇ. يىلان سۇ كىرمىسۇن، دەپ شۇتۆشۈككە تۇخۇم تۇغۇپ يېتىپتۇ. يېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن نۇھ پەيغەمبەردىن ئوزۇقلۇق سوراپتۇ.
ــ نېمىنى خالايسەن؟ – دەپ سوراپتۇ نۇھ پەيغەمبەر.
ــقانداق قان تاتلىق بولسا، شۇنى سوراتتىم، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىلان. شۇنىڭدىنكېيىن نۇھ پەيغەمبەر ئالا قاغىنى ئەۋەتىپتۇ.
ــھەر بىر جان ئىگىسىنىڭ قېنىنى تېتىپ باق، قايسىسىنىڭ قېنى تاتلىقراق ئىكەنلىكىنىبىلىپ كەل، – دەپتۇ. قاغا كېتىپتۇ-، بىر ئۆلگەن قوينى كۆرۈپ شۇنى يېيىشكەباشلاپتۇ. ئايلىنىپ قايتماپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پاشىنى ئەۋەتىپتۇ. پاشا قاننى تېتىپكۆرۈش ئۈچۈن كېتىپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، «بۇمۇ قايتمىدى» دەپقارلىغاچقا:
ــسەن بار، – دەپتۇ. قارلىغاچ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. قارلىغاچ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، پاشىنىڭقايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ــ دە:
ــتېتىدىڭمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ قارلىغاچ پاشىدىن، ــ نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن.
ــپۈتۈن قانلارنى تېتىپ چىقتىم، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پاشا، ــ ئادەم قېنىدىن تاتلىققاننى تاپالمىدىم.
ــقېنى، تاتلىق بولسا تىلىڭدا تەمى قالىدۇ. مەنمۇ تېتىپ باقايچۇ، ــ دەپتۇ قارلىغاچ.
پاشائاغزىنى ئېچىپ، تىلىنى چىقارغان ئىكەن، قارلىغاچ تىلىنىڭ بىر پارچىسىنى چوقۇۋاپتۇ.ئۇلار بىللە قايتىپتۇ. قايتىۋاتقاندا قاغىنىڭ بىر ئۆلۈكنى يەۋاتقانلىقىنىمۇكۆرۈپتۇ. قايتقاندىن كېيىن نۇھ پەيغەمبەر پاشىدىن سوراپتۇ:
ــتېتىدىڭمۇ؟
ــبىز – بىز – بىز.
ئۇنىڭتىلىنى قارلىغاچ چوقۇۋالغاچقا پاشا گەپ قىلالماپتۇ.
ــ ئۇ ئىزا تاتقانلىقتىن ئېيتالمىدى.يولدا ماڭا ئېيتقان ئىدى پاقىنىڭ قېنىدىنمۇ تاتلىق قاننى ئۇچرىتالمىدىم دەپ،ــ قارلىغاچ شۇنداق دېگەن ئىكەن، يىلانئاچچىغىدىن قارلىغاچقا ئېتىلىپ، قۇيرۇقىنى ئاغزى بىلەن ئۈزۈۋاپتۇ. شۇڭلاشقاقارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى ئايرىلىپ ئاچىماق بولۇپ قالغان دېيىشىدۇ.
نۇھ پەيغەمبەر يىلانغاپاقىنىڭ گۆشىنى يېيىشكە دۇئا قىپتۇ. يەر قۇرىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىشلىقىغاقايتىپتۇ. موماي ئۇلارنىڭ قايتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەپتۇ.
ــ سەن نەدە يۈردۈڭ؟ مەن ھەركۈنى سۈت ئېلىپ كەلگەنىدىم. سەن زادىلا كۆرۈنمىدىڭ، ــ دەپتۇ.
ــ ھەي موما، موما! ئالتەيىل ئىچىدە پۈتۈنلەي كېمە بىلەن يۈردۇق. توپان سۈيى كەلدى ئەمەسمۇ.
ــ مېنىڭ ئۆچكەمنىڭ پۇتلىرىھۆل بولۇپ قېلىشى شۇنىڭدىن ئىكەندە، توپان سۈيى دېگىنىڭ شۇلىمۇ؟ ــ دەپتۇ موماي.ئەسلىدە، موماي بەرگەن سەدىقىسى ئۇنى توپان سۈيىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىكەن.
3 ـ توپانبالاسى ھەققىدە[35]
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىق ئىشلىرى سەۋەبىدىن يەريۈزىنى توپان بالاسى بىلەن ۋەيران قىلىش ئالدىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامغا بىر كېمەياساپ، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن شۇ كېمىگە چىقىۋېلىش ۋە ھەر جىنىستىكى ھايۋانلاردىنبىر جۈپتىن ئېلىۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپتۇ. نەتىجىدە يەر يۈزىدىكى پۈتۈنھاياتلىق توپان سۈيىدە ھالاك بولۇپ، پەقەت نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى بىلەنكېمىگە چىقىرىۋېلىنغان جان – جانىۋارلا ئامان قاپتۇ. بىر يۈز ئەللىك كۈنلۈك توپانبالاسىدىن كېيىن، نۇھ بىر كەپتەرنى قويۇپ بېرىپتۇ. كەپتەر بىر تال يېڭى زەيتۇنشېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇ. نۇھ توپان بالاسى ئاخىرلىشىپ، جاھان تىنچلانغانلىقىنىبىلىپتۇ ۋە ئارارات تېغىدا قىرغاققا چىقىپتۇ. يەر يۈزىدىكى ئىككىنچى قېتىملىقھاياتلىق باشلىنىپتۇ.
4 ـ دەمدەرنىڭ ئۇلۇغلىنىشى[36]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن مەككىگەقايتىشىدا بىر تۈمەن كۇپپارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپتۇ. كۇپپارلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى تىرىك تۇتۇش كويىغا چۈشۈپ قورشىۋاپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامكۇپپارلارنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپپاناھلىنىپتۇ. كۇپپارلار تاغنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاميوشۇرۇنۇلۋالغان ھېلىقى ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ تاغدا كەپتەرلەر ئىنتايىنكۆپ ئىكەن، كۇپپارلار ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىشىغا تاغدىكى كەپتەرلەر «مالتىلىغۇلۇق –مالتىلىغۇلۇق» دەپ ئۈنلىگىنى تۇرۇپتۇ. كۇپپارلاردىن بىرى :
ــ مۇھەممەد چوقۇم مۇشۇ ئۆڭكۈردە ئىكەن،كەپتەرلەر «مالتىلىغۇلۇق ــ مالتىلىغۇلۇق» دەپ بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، – دەپتىكەن.كۇپپارلار ئۆڭكۈر ئىچىنى ئاختۇرۇشقا تەمشىلىپتۇ. دەل شۇ چاغدا كەپتەرلەرئارىسىدىكى دەمدەر «بوق – بوق – بوق، يوق –يوق – يوق» دەپ ئۈنلەشكە باشلاپتۇ. كۇپپارلار بۇنى ئاڭلاپ :
ــ بىكار ئاۋارە بولمايلى، ئاۋۇ دەمدەر «يوق،يوق» دەپ سايراۋاتىدۇ، مۇھەممەد ئۆڭكۈردە يوق ئىكەن، ــ دېيىشىپ ئۆڭكۈرگە كىرمەيباشقا جايغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۇپپارلارنىڭتۇتىۋېلىشىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسلام دىنىگە ئىشىنىدىغانلارئىچىدە دەمدەرنى ئۇلۇغلايدىغان ئادەتشەكىللەنگەنىكەن.

5- سۇتۇق بۇغراخان مازىرى[37]
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرىنىڭ ئورنىئەسلىدە بىر دېھقاننىڭ خامىنىنىڭ ئورنى ئىكەنمىش. بىر كۈنى ئۇ دېھقان بۇغداينىچەشلەپ قويۇپ، ئەتىسى سەھەردە چەشنىڭ بۇرنىنى ئېلىپ سائىللارغا ئاتاپ خاماننىڭ بىرچېتىگە تۆكۈپ قويۇپ، غەلۋىر بىلەن تاغارلىرىغا قاچىلاشقا باشلاپتۇ. چۈشكىچە نەچچەئون تاغار قاچىلىسىمۇ چەش يەنە شۇ پېتى تۇرغۇدەك. دېھقان ھېرىپ – چارچاپ شۇنداقئاسمانغا قارىسا، مومىنىڭ ئۇچىغا بىر دانە كۆك كەپتەر قونۇۋېلىپ، ھەدەپ بوغۇزىدىنئالتۇندەك ساپسېرىق بۇغداينى شارىلدىتىپ ياندۇرىۋاتقانىكەن. دېھقان «ھۇشت!» دەپكەپتەرنى ئۇچۇرۇۋېتىپ، چەشنى تاغارلىرىغا قاچىلاپ تۇرسا، كىشىلەر : «ئۆزۈڭگەكەلگەن ئامەتنى بىلمىدىڭ» دەپ ئەيىپلەپتۇ.ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ يەر خاسىيەتلىك يەر دەپ ئاتىلىپ، يىراق ــ يېقىندىكىكىشىلەر تېۋىنىدىغان، سەيلە – زىيارەت قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان يەرگە ئايلىنىپتۇ.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغاندا ئەنە شۇ خاسىيەتلىك يەرگە دەپنە قىلىنىپ، بۇيەرنىڭ نامى تېخىمۇ چىقىپ كېتىپتۇ. ھازىرقى كۆك كەپتەرنىڭ ئەجدادى ئەنە شۇ كۆككەپتەر ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆك كەپتەرلەرنى تۇتسا، قوغلىسا يامان بولارمىش.ئۈركۈتمەي، ئاسراپ، دان چېچىپ، سۇ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، ساۋاپ بولىدىكەن.بىر رىۋايەتتە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى كۆرگەن كۆك كەپتەر ھازىرمۇ بار ئىكەن. ھەرجۈمە كۈنى تاڭ سەھەردە مازارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بۇقۇلداپ ئۈنلەپ نالە قىلىدىكەن.
6 ـ قۇماتپاششىم مازىرى[38]
قۇمات پاششىم قارىقاش ناھىيە بازىرىنىڭغەربىي جەنۇبىغا ئوتتۇرز كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاربۇ يەرنى «كەپەرلىك مازار» دەپمۇ ئاتايدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرۇن بۇ يەردەنۇرغۇنلىغان ياۋا كەپتەرلەر بولۇپ، دائىم كىشىلەرگە يول باشلايدىكەن. كەپتەرلەرمازارلىقتىن ئۇچقانچە يولۇچىلارغا يول باشلاپ، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكىزاۋا بوستانلىقىغا ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر بۇ كەپتەرلەرنىخاسىيەتلىك كەپتەرلەر دەپ قاراپ كەلگەنىكەن. ھازىر بۇ كەپتەرخانا قۇملۇق ئاستىغاكۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىچىدە قۇمات پاششىم (كەپتەرخانا)ھەققىدە ئاجايىپ سىرلىق رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،مىلادىيە 10 – ئەسىردە ئىسلام دىنى قەشقەرگە تارقالغان بولۇپ، قەشقەر قاراخانىيلارسۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى قاراخانىيلارقوشۇنلىرى يېڭىساردا ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپقىلغاندىن كېيىن، ئۇدۇنغا باستۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇدۇن قۇشۇنلىرى قۇمات پاششىمداپىستىرما لەشكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شاكىر باشلامچىلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرىپىستىرمىغا ئۇچراپ قېلىپ، تەييارلىقسىزلا ئۇشتۇمتۇت جەڭگە ئاتلىنىدۇ. نەتىجىدەمەغلۇپ بولىدۇ. پۈتۈن قۇشۇن ھالاك بولىدۇ. شاكىر ئۇياققا دوقۇرۇپ، بۇياققادوقۇرۇپ، ھېچقانداق قىلىپ جېنىنى ئېلىپ قاچالماي، ئاخىر يارلىنىپ ئاتتىن غۇلاپچۈشىدۇ. شاكىر ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا ئەسىر بولۇشنى خالىماي، ئۆز قورسىقىغا قىلىچتىقىپ ئۆلۈپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.قىلىچنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن بىر چىشى، بىر ئەركەككەپتەر ئۇچۇپ چىقىپ، كېچە – كۈندۈز شاكىر شېھىت بولغان جاينى ئايلىنىپ ئۇچۇپيۈرگەنىكەن.
مىلادىيە 1006 – يىلى ئىسلام قوشۇنلىرىئۇدۇنغا باشتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتىنى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپقىلغاندىن كېيىن، شاكىرنىڭ روھىغا ئاتاپ ماتەم ئۆتكۈزۈپ، شاكىر بىلەن سېھىرلىككەپتەر ئۈچۈن قۇمات پاششىم دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مازارنى ياسىغان ھەمدە شۇ جايغا بىردانە قۇدۇق كولاپ قويغان، شاكىرنىڭ قەبرىسىنى دائىم يوقلاپ تۇرغان. كېيىنكىدەۋرلەرگە كەلگەندىمۇ يولۇچىلار بۇ يەردىن ئۆتكەندە چوقۇم بۇ مازارغا تاۋاپ قىلىشۋە سېھىرلىك كەپتەرلەرگە دان ۋە سۇ بېرىپ ئۆتۈش ئادەتكە ئايلانغان. رىۋايەتقىلىنىشىچە ، قۇمات پاششىم مازىرىدىكى خاسىيەتلىك كەپتەرلەر كۈندىن – كۈنگەكۆپىيىپ، نەچچە يۈز يىلغىچە ئاۋۇغان ئىكەن.
7- كەپتەر بىلەن قاغا[39]
ئىلگىرى پۈتۈن جاھاننى سۇ بېسىپ كېتىپ، پەقەتنۇھ ئەلەيھىسسالاملا كېمىسى بىلەن سۇنىڭ ئۈستىدە قاپتۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالامناھايىتى كۆپ ۋاقىت سۇ ئۈستىدە يۈرۈپ، ئاخىر بىرەر قۇرۇق يەر تېپىپ تېرىقچىلىققىلماقچى بوپتۇ ۋە كەپتەر بىلەن قاغىنى تېرىقچىلىق قىلغۇدەك قۇرۇق يەر بار-يوقلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇ يەريۈزىگە سىڭىپ كېتىپتۇ. قاغا شۇ ئۇچقانچە بىر نەچچە كۈن ئۇچۇپلا بىر ئەخلەتلىككەچۈشۈپ شەخسىي تىرىكچىلىككە بېرىلىپ كېتىپتۇ. كەپتەر بولسا كېچە – كۈندۈز جاپاچېكىپ، جاھاننى بىر چۆرگىلەپ چىقىپ، ئاخىر بىر سېرىق تۇپراقلىق يەرنى تېپىپ يەرگەچۈشۈپ كۆرۈپتۇ. كەپتەر يەرگە چۈشىشى بىلەن ئىككى پۇتى سېرىق تۇپراققا پېتىپ قاپتۇۋە ئۇ يەردىن ئۇچۇپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەپتەرنىڭ ئىككى پۇتىسېرىق بولۇپ قالغانىكەن.
قاغا بولسا ئۆزىنىڭ غېمى بىلەن قايتىپكەلمەپتۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كەپتەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغاھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنى يەتمەسلىكى، قورسىقى توق تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن دۇئاقىپتۇ، قاغىنى بولسا نىجاسەت چوقۇلاپ ياشىغايسەن، دەپ قارغاپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن كەپتەر ئۆتكەن كۈنىگە شۈكۈرقىلىپ، خۇداغا زىكرى قىلىپ، تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپتۇ. قاغا بولسا قىشنىڭقەھرىتان سوغۇقلىرىدا تاغمۇتاغ يۈرۈپ ، ئىنتايىن خارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ.ئۇ ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، نىجاسەت چوقۇپ يۈرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ گۆشىنى ئىتمۇ يېمەيدىكەن.
8- كەپتەر نېمىشقا توختىماي بۇغۇلدايدۇ[40]
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەپتەر ئۆز ئۇۋىسىدا يېڭىچىقارغان ئون دانە تۇخۇمىنى بېسىپ ياتقانىكەن، بىر مېكىيان كېلىپ:
ــ تۇخۇمدىن نەچچىنى بېسىپ ياتتىڭ؟ ــ دەپسوراپتۇ.
ــ ئون تۇخۇم چىقارغانىدىم. شۇنى بېسىپيېتىۋاتىمەن، ــ دەپتۇ كەپتەر.
مېنىڭ يوغان ئىككى تۇخۇمىمغا ئۇششاق ئونتۇخۇمىڭنى تېگىشەمسەن؟ــ دەپتۇ مېكىيان.
كەپتەر دەسلەپ ئۇنىماپتۇ. كېيىن ماقۇل بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى ئۆز تۇخۇملىرىنى تېگىشىپتۇ. كېيىن كەپتەر ئۆزىنىڭمېكىياننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ. چۈنكى مېكىياننىڭ ئىككىتۇخۇمى چوڭ بولغان بىلەن ئۇنى باسسا ئىككىلا چۆجە چىقىپتۇ. بىراق مېكىيان ئونكەپتەرگە ئىگە بولۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كەپتەر يىغلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ تاكى مۇشۇكۈنگىچە توختىماي بۇغۇلدايدىكەن. ئۇنىڭ «بۇغ – بۇغ – بۇغ» قىلغىنى «ئون تۇخۇمنىقايتۇرۇپ بەر، مەن ياۋاشنى ئالداپ كېتىپسەن، قايتۇرۇپ بەر، قايتۇرۇپ بەر!»دېگىنىمىش.
9 ـ كەپتەرنىڭكۆزى نېمىشقا قىزىل[41]
بۇرۇنقى زاماندا بىر سېغىزخان بىلەن بىركەپتەر كۈننىڭ قاياقتىن چىقىشىنى مۇنازىرە قىلىشىپ ئۆز-ئارا بەسلىشىپتۇ. كەپتەربولسا :
ــ كۈن ئەتىگەندە شەرقتىن چىقىدۇ، ــ دەپتۇ.
سېغىزخان :
ــ كۈن غەربتىن چىقىدۇ، ــ دەپتۇ.
ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇنازىرە قىلىشقانبولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى قايىل بولماي ئۆزىنىڭ سۆزىنى راست قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ.ئاخىر ئۇلار كۈننىڭ زادى قاياقتىن چىقىدىغانلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولۇشۇپتۇ ــ دەنۇرغۇن ھايۋانلار بىلەن تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپتۇ. دەل شۇ پەيتتەسېغىزخان ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئۇ قانىتىنىڭ ئاستىغا ئازراق قىزىلمۇچ تىقىۋالغانىكەن، تاڭ ئاتاي دېگەندە كۈننىڭ شەرقتىن چىقىدىغانلىقىنى سېزىپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كەپتەرنىڭ كۆزىگە قىزىل مۇچچېچىۋېتىپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ كەپتەرنىڭ كۆزى قىزىل بولۇپ قالغانىكەن.
ئىزاھلار :

[①] بۇ ھەقتە م. ئېلىئادېنىڭ «شامانىزم»( ئىسمەتبىرقان تەرجىمىسى) دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن، ئىمگە نەشرىياتى، ئەنقەرە 1999- يىلى،116-، 186~188-بەتلەر. ل. پ. پوتاپوف : «ئالتاي شامانىزمى»(مەتىن ئەرگۇنتەرجىمىسى)، كۆمەن نەشرىياتى، كونيا 2012- يىلى، 202-بەت. ئادەم ئۆگەر، تۇغباگۆنەل : «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا شامانلار ۋە ئۇلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى»، «تۈركولوگىيەتەتقىقاتى»،4سان- 6/ ، 233~248- بەتلەر.

[②] بۇ تېمىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۈچۈنراشىددىن فازلۇللاھنىڭ «جامىئۇتتەۋارىخ ــ سەلجۇقلار دۆلىتى»(پارسچىدىن ئەركانگۆكسۇ، ھ. ھۈسەيىن گۈنەش تەرجىمە قىلغان) دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن. سېلېنگېنەشرىياتى، ئىستانبۇل 2010- يىلى.

[③] ھاسان ئەرەن : «تۈرك تىلىنىڭ ئېتېمولوگىيەلىكلۇغىتى»، بىزىم بۈرو نەشرىياتى، 2- نەشرى، ئەنقەرە 1999-يىلى، 238- بەت.

[④] ھاسان ئەرەن : يۇقىرىقى ئەسەر، 238 – بەت.

[⑤] ھەبىبە تۇرسۇننىياز : «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭتۇغۇت ئادەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (نەشر قىلىنمىغانماگىستىرلىق دىسسىرتاتسىيەسى)، ئۈرۈمچى 2007-يىلى، 16~18- بەتلەر. ئابدۇكېرىم راھمان : «ئۇيغۇرفولكلۇرى»(سۆنەر يالچىن قاتارلىقلار تۈركچىگە ئاغدۇرغان)، كۈلتۈر مىنىستىرلىقىنەشرىياتى، ئەنقەرە 1996- يىلى، 153- بەت. ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىقلار تۈزگەن«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1996-يىلى.

[⑥]مەھمەت ئاچا : «توپانقۇشلىرى ۋە قوزى كۆرپەش ــ بايان سۇلۇ داستانلىرىدىكى بەزى قۇشلار»، «مىللىيفولكلور»، 1999-يىلى، 42-سان، 54- بەت.

[⑦] مەھمەت ئاچا : يۇقىرىقى ئەسەر، 54~55-بەتلەر.

[⑧] ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىنىڭ بىرىدە تۇرپان شەھىرىبىلەن نۇھ توپانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : «توپان بالاسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ دۇنيانىڭ مەلۇمجايلىرىدا توپان بالاسىنىڭ سۇلىرى قېپقالغانمىش. شۇنداق جايلارنىڭ بىرى بولغانتۇرپان ئويمانلىقىدىكى سۇ زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا- بارا ئازلاپ، خاسىيەتلىكئايدىڭ كۆلنى ھاسىل قىلغانمىش. بۇ كۆلنىڭ سۈيى كۆپەيسە كۆپىيىپتۇكى، ئازلاپ كەتمەي ھازىرقى ھالەتتىكىدەك تۇرغاچقا،خېلى ئۇزاق دەۋرگىچە كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ سۇيى توپان بالاسىدىن قېپقالغان سۇ دەپقاراپ، بۇ دىيارنى «توپانلىق» دېگەن نام بىلەن ئاتاشقانىكەن. زامانلارنىڭ ئۆتۈشىبىلەن «توپان» سۆزى «تۇرپان» دېگەنگە ئۆزگىرىپ قالغانىكەن. «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە -رىۋايەتلىرى»(كۆك گۈمبەز) دېگەن كىتابقا قارالسۇن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006 -يىلى، 37 – بەت.

[⑨]ل. سامى ئاكالىن :«تۈرك فولكلورىدا قۇشلار»، كۈلتۈر مىنىستىرلىقى خەلق كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ۋەتەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي مۇدىرلىقى نەشرىياتى، ئەنقەرە 1993- يىلى، 106- بەت.
[⑩] پېرتېۋ . ن. بوراتاۋ : «تۈرك مىتولوژىسى،ئانادولۇ، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تۈركلىرىنىڭ مىتولوژىسى»، بىلگەسۇنەشرىياتى، ئەنقەرە 2012- يىلى، 101- بەت.
[11] مەتىن ئەرگۈن : «تۈرك ئەپسانىلىرىدە ئۆزگىرىشموتىفى»،Ⅰ،سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى، كونيا 1993- يىلى، 811 -بەت.
[12] يوسېف كەمبېل : «ئىپتىدائىي مىفولوگىيە ــتەڭرىنىڭ نىقاپلىرى»(قۇدرەت ئەمىرئوغلۇ تەرجىمىسى)، ئىمگە نەشرىياتى، ئەنقەرە 1995– يىلى، 272 – بەت.
[13] باھائېددىن ئۆگەل : «تۈرك مىتولوژىسى»( مەنبەلەر ۋە ئىزاھلىرىبىلەن بىرلىكتە داستانلار)، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە 1993 –يىلى،466- بەت.
[14] ھەبىبە تۇرسۇننىياز : يۇقىرىقى ئەسەر، 21~26-بەتلەر.
[15] «ئەزائىم دۇئاسى»نىڭ ئۇيغۇر تۈركچىسىدىكى مەتنى ئۈچۈن راھمانئابدۇررەھىمنىڭ «ئۇيغۇرلاردا شامانىزم» دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن. مىللەتلەرنەشرىياتى، بېيجىڭ 2006- يىلى ، 200~208- بەتلەر. «ئەزائىم دۇئاسى»نىڭ تۈركىيەتۈركچىسىگە ئۆرۈلگەن ۋە تەتقىق قىلىنغان مەتنى ئۈچۈن ئا. ئىنايەتئوغلۇنىڭ «بۈگۈنكى ئۇيغۇر شامانلىق ۋە بىر شامان دۇئاسىـــ ئەزائىم قوشىقى» دېگەن ماقالىسىغا قارالسۇن، «فولكلور ژۇرنىلى»، 1~2-سان،2009-يىلى 38~55-بەتلەر.
[16] راھمان ئابدۇرېھىم : يۇقىرىقى ئەسەر، 245~247- بەتلەر.
[17] راھمان ئابدۇرېھىم : يۇقىرىقى ئەسەر،267~268- بەتلەر.
[18] ياللۇغلىنىش، زەھمىلىنىش قاتارلىقسەۋەبلەردىن كۆزنىڭ نۇرسۇندۇرغۇچ قەۋىتىدە(كۆز كورنېئاسىدا) شەكىللەنگەن كېسەللىك ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن چاغدا پەيدا بولغان،بولۇپمۇ كۆز قارچۇغىغا چۈششە بىئارام قىلىدىغان ئاق سەدەپ داغلار «كۆزگە مېھمانكەلدى»، «كۆزگە چۈشكەن داغ»(سىۋاستا)، «كۆزگە تور چۈشۈش»(ئادانا) دېگەن ئىبارىلەربىلەن ئاتىلىدۇ. ئالى ھايدار بايات : «ئانادولۇ تېببىي فولكلورىدا كۆزكېسەللىكلىرى»، «6- قېتىملىق خەلقئارا تۈرك خەلق كۈلتۈرى كونگرېسى بىلدۈگۈلىرى ــئەنئەنە ۋە ئېتىقادلار»، كۈلتۈر مىنىستىرلىقى نەشرىياتى، 1992- يىلى.
[19] گۈلۈنچەك ــ ئانودولۇدا ئۆسىدىغان ۋە گۈلىئېچىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك .
[20] ئالى ھايدار بايات : يۇقىرىقى ئەسەر، 45- بەت.
[21] ئالى ھايدار بايات : يۇقىرىقى ئەسەر، 51- بەت.
[22] ئالى ھايدار بايات : يۇقىرىقى ئەسەر، 51-بەت.
[23] ھاسان ئەرەن : يۇقىرىقى ئەسەر، 168- بەت.
[24] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭخەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1999- يىلى، 876- بەت.
[25] ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىقلار تۈزگەن :«ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى»، 154~156-بەتلەر.
[26] ئابدۇلقادىر ئىنان : «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»(ماتېرىياللار ۋەتەتقىقاتلار)، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە 2006 –يىلى، 22- بەت.
[27] مەھمەت ئاچا : يۇقىرىقى ئەسەر، 54- بەت.
[28] شەكىل ئۆزگەرتىش تېمىسىدا مەتىن ئەرگۈننىڭ يۇقىرىقى ئەسىرىگەقاراڭ، Ⅰ-Ⅱ ، ئەنقەرە، 1997- يىلى. مۇرات دەمىر : «تۈرك داستان ۋە ھېكايىلىرىدەقىياپەت ئۆزگەرتىش»، «بىلىم ۋە كۈلتۈر ــ خەلقئارا كۈلتۈر تەتقىقاتلىرى ژۇرنىلى»،2013- يىلى، 4-سان، 123~132-بەتلەر.
[29] ئا. ياشار ئوجاك : «ئالەۋى ۋە بەكتاشى ئېتىقادلىرىنىڭئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئاساسلىرى ــ بەكتاشى مەناقىبنامەلىرىدە ئىسلامىيەتتىنبۇرۇنقى ئېتىقاد موتىفلىرى»، ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل 2002 – يىلى، 220~221-بەتلەر.
[30] پېرتېۋ. ن. بۇراتوۋ : يۇقىرىقى ئەسەر، 102-بەت.
[31] ئىرەنە مەلىكوف : «ئۇيۇر ئىدىق ئۇياردىلار» (تۇران ئالپ تېكىنتەرجىمىسى)، جەم نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1994- يىلى ، 159~160- بەتلەر.
[32] سۇتۇق بۇغراخان ھەققىدە كەڭمەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئادەم ئۆگەرنىڭ «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا سۇتۇق بۇغراخان»دېگەن ئەسەرگە قارالسۇن، «پىروفېسسور، دوكتۇر فىكرەت تۈركمەن كىتابى»، ئەگەئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى، ئىزمىر 2012 –يىلى، 589~611-بەتلەر.
[33] ئابدۇكېرىم راھمان : «يېپەك يۇرتىدىكىئەپسانە ــ رىۋايەتلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1999- يىلى، 120~122-بەت.
[34] «بۇلاق»، ئۈرۈمچى 1990- يىلى، 1-سان، 175~176- بەتلەر
[35] ئابدۇكېرىم راھمان : يۇقىرىقى ئەسەر، 122 – بەت.
[36]«ئۇيغۇر خەلقئەپسانە ــ رىۋايەتلىرى»(كۆك گۈمبەز)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 2006- يىلى ، 258~259- بەتلەر.
[37] «ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى»(نام – ئاتاقلارھەققىدىكى رىۋايەتلەر)، 2- قىسىم، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1998- يىلى، 167~168- بەتلەر.
[38] «ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى»(نام – ئاتاقلارھەققىدىكى رىۋايەتلەر)، 2- قىسىم، 169~170-بەتلەر.
[39] «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە ــ رىۋايەتلىرى»(كۆكگۈمبەز)، 236~237 –بەتلەر.
[40] ئەھەت ھاشىم : «ھايۋانات ھەققىدە قىزىقارلىق ئەپسانىلەر»، شىنجاڭخەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى 1992 –يىلى، 101- بەت.
[41] «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە – رىۋايەتلىرى»(كۆك گۈمبەز)، 260–بەت.
مەنقىبە ــ ئەرەبچە سۆزبولۇپ، مۇنداق ئىككى خىل مەنىدەچۈشىنىلىدۇ . بىرى، دىنىي زاتلارنىڭ ياكى تارىختا ئۆتكەنمەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتى ۋە پەۋقۇئاددە ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكھېكايىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكئەپسانە – رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ـــ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن.
مەناقىبنامە ــمەنقىبەلەرنى تېما قىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىنامى. ــ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش