ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۆرپ – ئادەت ۋە ئۆرپ – ئادەت مائارىپى

ئۆرپ – ئادەت ۋە ئۆرپ – ئادەت مائارىپى

ئۆرپ – ئادەت
قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى
ھەرقانداق مىللەتنىڭ ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق ئۆرپ – ئادىتى بولىدۇ. دۇنيادا ئۆرپ – ئادەتسىز ياشايدىغان ھېچقانداق كىشى بولمىسا كېرەك.  ئۇنداقتا، ئۆرپ – ئادەت دېگەن نېمە ؟
ئاۋۋال شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ‹‹ ئۆرپ – ئادەتلەر ئىنسانلار جەمئىيىتىنى رەتكە سالغۇچى قائىدىلەر سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ›› (1) غانلىقى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن ياكى ئۇنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۆرپ – ئادەت بولمايدىكەن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مەۋجۇت بولمىغان مىللەتتە ئۆرپ – ئادەتمۇ بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، ئىپتىدائىي تارىختىن بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە، تېخى مۇنداق ئايرىمىلىق — ئۆرپ – ئادەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلىشىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي فورماتسىيە شەكىللىنىپ باقمىدى.
ئۆرپ – ئادەت كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر كىشى، تېخىمۇ مۇھىمراقى بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىدىكى تارىختىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە كۈنسايىن قېلىپلاشقان ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ۋە شۇ ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئىدولوگىيىلىك قارىشى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، دىنىي – ئېتىقادى، مەدەىنىيەت – سەنئىتى، ئىدىئولوگىيىسى، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تارىخى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق نەتىجىسىدىن ئىبارەت. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۆرپ – ئادەت ‹‹ بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە بىر قەدەر ئورتاق بولغان ۋە شۇ خەلق، مىللەت ئىچىدە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يوسۇن، ئادەت ››(2)تىن ئىبارەت. ‹‹ ئۆرپ – ئادەت ›› دېگەن بۇ سۆز ‹‹ ئۆرپ ›› ۋە ‹‹ ئادەت ›› تىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ تەڭداشلاشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ‹‹ ئۆرپ ›› سۆزى ئەرەب تىلىدىكى ‹‹ تونۇش، بىلىش، چۈشۈنىش ›› دېگەن مەنىلەرگە كۆرە، ‹‹ يېزىقتا خاتىرىلەنمىگەن قانۇن ›› ( 3 ) دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدىغان ‹‹ ئورف — orf ›› دېگەن سۆزنىڭ تىلىمىزدا بۇزۇپ ئېيتىلىشى ۋە قېلىپلىشىشى بولسا، ‹‹ ئادەت ›› سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ ئاتا بوۋىلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن ياكى يېڭىدىن سىڭىپ كىرىۋاتقان رەسىم – يوسۇن، ئۇدۇم، تەرتىپ، كونا ئادەت ›› ( 4 ) دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تار مەنىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۆرپ – ئادەت بىر كىشى ياكى بىر مىللەتنىڭ ئاددىي ھالدىكى چەكلىمىلىككە ئىگە بولغان پەرھىزلىك ھەرىكەت  قائىدىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئالايلى، ‹‹  كېچىدە تىرنىقىڭنى ئالساڭ يامان بولىدۇ  ››، ‹‹ سۇپۇندىلارغا سىيىپ – چىشساڭ، جان يېرىڭنى يارا باسىدۇ ›› دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي، ئەمما كېيىنچە ‹‹ ئىسلام  ›› لاشتۇرۇلغان — ياپىلاق تىل بىلەن ئېيتقاندا، دىنىي تۈس بېرىلگەن پەرھىزلىك چەكلىمىلىكلەر ئۆرپ– ئادەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى تولۇقلىشىمىزدا تېخىمۇ مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، بۇنداق پەرھىزلىك چەكلىمىلىككە ئىگە بولغان ھەرىكەت قائىدىسىدە يەنىلا كەڭ دائىرىدىكى مەدەنىيلىك، ئىلمىيلىك بالقىپ تۇرغان ئۆرپ – ئادەت ئامىللىرى يوشۇرۇن ساقلانغان ۋە داۋام ئەتكەن بولىدۇ، ئەلبەتتە مۇنداق مۇھىم نۇقتىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۆرپ– ئادەتلىرىمىزدىكى ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى نۇقتىلارنى تولۇق شەرھلىيەلىشىمىز مۇمكىن. دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈنلا، ئۆرپ – ئادەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى، كېڭىيىشى، چوڭقۇرلىشىشى، ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىققا، مىللىيلىققا، سىياسىۋىيلىققا، دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە مەركىزىي ئوق بېشى مەدەنىيەت قاتلىمىلىق مۇھىم ئورۇننى تۇتۇشىدىن ئىبارەت تەڭداشسىزلىقىنى بەلگىلىگەن. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋەتكىنىمىزدە، شۇ مىللەت مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ تولىمۇ پۈچەك، غېرىپ، قالاق ھەم شاللاق ئىجتىمائىيلىق بىلەن تولغانلىقىنى بىلىمىز. مۇشۇ نۇقتىلاردىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۆرپ – ئادەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى، يەنى ئۇ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ھادىسىسى! ئېيتىش زۆرۈركى، چەت ئەللىك بىر قىسىم تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار ئۆرپ – ئادەتنى مەدەنىيەتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەتقىق قىلغانىدى. فىنېي ( Finney )  ‹‹ مائارىپنىڭ ئىجتىمائىي پەلىسەپىسى ›› دېگەن ئەسىرىدە، فېركاند ‹‹ مەدەنىيەتنىڭ كۆچۈشىدىكى ئىزچىللىق ›› دېگەن ئەسىرىدە، تايلور ‹‹ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ›› دېگەن ئەسىرىدە، لازۇر ‹‹ ئىنسانشۇناسلىق ›› دېگەن ئەسىرىدە مەدەنىيەتنىڭ تەركىبلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ بىربىرىلەپ كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئەشۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ( 5 ). دېمەك، مەدەنىيەتنىڭ قاناتلىرى ئۆرپ– ئادەتتىن ئىبارەت پەيلەردىن تەركىب تاپقان، شۇڭا مەدەنىيەت دېگەنلىك ئۆرپ ۋە ئادەت يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىجتىمائىي، مەنىۋىي، ماددىي قاتلام — ئۇلۇغ سىستېمىدىن ئىبارەت.
گەرچە، بىزدە ئۆرپ – ئادەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلار باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خېلى كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرنەچچە يىللىق تەتقىقاتى ۋە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۆرپ– ئادەتلىرى ‹‹ دىنشۇناسلىق››، ‹‹ فولكلور››، ‹‹ ئېتنوگرافىيە››، ‹‹ مەدەنىيەتشۇناسلىق ›› ۋە ‹‹ ئىنسانشۇناسلىق ›› ساھەسى بويىچە بىر قەدەر سېستىمىلىق تەتقىق قىلىندى، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ياكى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئۆرپ– ئادەتلىرى( پەرھىزلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) تونۇشتۇرۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە ئومۇمىي بايان ››( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى، 1989– يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى ھەققىدە تەتقىقات ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى  1995– يىل، خەنزۇچە نەشرى )، ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار ئەپەندىلەرنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1996 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، ئابدۇرېشىت مامۇت، قۇدرەت ئابلىمىت، ياسىن قاسىم، مەخسۇت  ئەپەندىلەر تۈزگەن ‹‹ شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيىسى ›› ( خەلق تەنتەربىيە نەشىرياتى، ئىككى قىسىم،  198 – ،  1989 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى )، ئابلىز مۇھەممەت بۆرىيار ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ›› ( تۆت قىسىم، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1990 — 1998 يىللار، ئۇيغۇرچە نەشرى )، ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000– يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى)، ‹‹ نورۇزنامە ››( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001– يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، مۇھەممەت ئىمىن سابىر ئەپەندىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ›› ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2002 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى )، ھەدىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت — ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيە ئېتىكىسى ھەققىدە تەتقىقات ›› ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى، 2004 – يىل خانزۇچە نەشرى )، ئەنۋەر سەمەت ئەپەندىنىڭ ‹‹ پەرھىز ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2004 – يىل خەنزۇچە نەشرى ) قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەرقايسى مەتپوئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىمۇ خېلىلا نوپۇزلۇق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
بىراق، بۇ ئەسەرلەردە ئۆرپ – ئادەتلەرنى بىردەك تەتقىق قىلىشلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ كىشىنى تەربىيىلەش — مائارىپ قىممىتىگە سەل قارالغان ( ئەلبەتتە بۇلارنى ئەسەرنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن) دېيىشكە بولىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش قانچىلىك مۇھىم ھەم تەخىرسىز بولسا، ئۇنىڭ كىشىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت مائارىپلىق سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم ھەم خاسىيەتلىك ئىش. بۈگۈنكى كۈندە شۇنى تولۇق تونۇپ يەتتۇقكى، ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىكى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلمەس مەدەنىي مىراسلارنىڭ روھىدا زامانىۋىيلىق بىلەن تەڭ بەيگىگە چۈشەلەيدىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى چۇخچىلاپ يانغىن چىقىرىدىغان ۋاقىت ئاللىبۇرۇن يەتكەندەك قىلىدۇ. ھالبوكى، مۇنداق يانغىننىڭ چۇخچىلىنىشى بىرقەدەر كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. نىھايەت، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ مۇنداق يانغىننىڭ ھوزۇرىدىن بەھىر ئېلىش— ئەۋلادلارنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى! بۇ يەردىكى يانغىن — ئەلۋەتتە تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈلىشىدىن ئىبارەت.
ئۆرپ – ئادەت قېتىپ قالغان، قالاق، مەۋھۇم نەرسە ئەمەس، ئۇ دەۋرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى، كىشىنىڭ، يەنى مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىقتا تۇتقان ئورنى، يېڭىلىنىۋاتقان ساپاسى، شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى، دىن ۋە مەزھەبلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت ئامللىرىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى داۋامىدا ئۆزگۈرىدۇ، يېڭىلىنىدۇ، تۇراقلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يېتىشەلمىگەنلىرى ئاستا – ئاستا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ، بەزىلىرى تولۇقلىنىدۇ. مۇنداق چۈشۈپ قېلىش ۋە تولۇقلىنىش بەزىدە تەبىئىي بولسا، ئادەتتە كۆپرەك مەدەنىيەتنىڭ، يەنى مىللىيەتلىكنىڭ ئۆزلۈك خاراكتېرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مىللەتنىڭ نامراتلىقتا قېلىشى، مائارىپ بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلىشىشى، مىللىي ساپانىڭ تۆۋەنلىشى، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىقىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي مىللەتكە ئايلىنالماسلىقى، شۇنىڭدەك باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىدىكى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىشى، ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىلدىكى بۇزۇقلۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. قىسقىسى، ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، شاللىنىپ قېلىشىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر مەۋجۇت. قانداقلا بولمىسۇن، سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىپ كۆرگىنىمىزدە، دەۋردىن دەۋرگە ئۇلۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۆرپ– ئادەتلەر بىر مىللەتنىڭ ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق تارىخىدا مىللەتنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش — دەۋر ۋە تەرەققىياتتىن  يىراقلاشتۇرۇش — ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت يولىدا ماڭمىغانىدى. پەقەت بەزى تارىخىي دەۋرلەردىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي، دىنىي ئەسەبىيلىك سەۋەبلىرى بىلەن مەجبۇرىي شەكىللەنگەن، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت خاراكتىرىنى يۇقتۇرىۋالغان بىر قىسىم ئۆرپ – ئادەتلەرلا مىللەتنىڭ تەرەقىياتىدىكى ئۈزۈلمەس پۇتلىكاشاڭ بولۇپ كەلگەنىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردىكى يات يەردىن كەلگەن ئەرگە يەرلىك خوتۇندىن بىرنى چېتىپ قويۇش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قىسمىتى، نامراتلىقى ۋە ئىجتىمائىي بۇزۇلۇشىنىڭ بەلگىلىك ئىزناسىدىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى، خوتۇن – قىزلارنىڭ كۆپلەپ تالادا قېلىشى، كوچا – كويلاردا تېنىنى سېتىپ جېنىنى بېقىشى، ئەمەلدار – تۆرىلەرنىڭ، پۇلدار – بايلارنىڭ ئاجىزلارنى قاقتى – سوقتى قىلىشى، جاھاننىڭ ئۇرۇش – يېغىلىق بىلەن تىنجىماسلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغانىدى. بۇنداق چېتىپ قويۇشنىڭ ئەلبەتتە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. يەنى ئاچ – يالىڭاچ قېلىشقا مەجبۇرىي بولغان خوتۇن – قىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئەر تېپىلاتتى، پۇل – بايلىقنىڭ كۈچى بىلەن دىغىراپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ يالغۇزلۇقىنى ھالال يول بىلەن تەڭشەپ، ئىجتىمائىي بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. قىسقىسى، دەۋرگە ماسلاشمايدۇ، قالاق، خۇراپىي، قىممەتسىز دەپ قارالغان بىر قىسىم ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يېتەرلىك ئاڭ، ئەقىل ۋە دەۋر نۇقتىسىدىن كۆزىتەلىسەكلا، ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ، تەربىيىلەش روھىنىڭ يەنىلا يېلىنجاپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ يەردىكى روھ ئۇنىڭ مائارىپلىق — تەربىيىلەش خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مائارىپقا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۆرپ – ئادەت دېگەنلىك تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، مائارىپ، يەنى كىشىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى ۋە تەربىيىلىنىشتە ئەمەل قىلىنىدىغان قائىدە – پىرىنسىپلار دېگەنلىك ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ مەكتەپ مائارىپىدىن ھالىقىپ كەتكەنىدى.

مائارىپ
            
مائارىپنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىگە كەڭ ئورۇن بېرىلىشى كېرەك.
مائارىپنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەھلىل قىلغان تۈزۈك. تەتقىقاتچىلار مائارىپنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، بىرى، تۇرمۇشنى قامداش ۋە كوللېكتىپ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىياجى؛ يەنە بىرى، ئالاقە تەپەككۇرى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئامىلنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغان، دەپ قارايدۇ(6). روشەنكى، تۇرمۇشنى قامداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە كوللېكتىپ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش تەلىپى داۋامىدا تىل مەيدانغا كەلگەن، تىلنىڭ مەيدانغا كېلىشى مائارىپنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى زۆرۈر شەرت بىلەن تەمىن ئەتكەن. مۇشۇ نۇقتىلاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مائارىپ ئىنساننىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيلىشىشى، كەڭ تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان تونۇشى، ئۆگەنگەن – ياراتقانلىرىنى جۇغلىشى، جۇغلىنىش داۋامىدىكى قېلىپلىق ھەرىكەتلىرى، شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ ئادىمىيلىككە ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشى — كامالەت تېپىشىدىكى بارلىق تەرتىپلەرنى يارىتىش، يېڭىلاش، ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ناھايىتى كەڭ ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشى، ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلىشى،  قانداق چاغدا ئوۋچىلىق قىلىش، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قانداق قۇتۇلۇش، تۇرالغۇلىرىنى قانداق جوڭقۇرۇش، بالىلىرىغا ياۋايى ھايۋانلارنى قانداق ئوۋلاشنى ئۆگىتىشى قاتارلىقلارمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدى. مۇنداق بىلىم خاراكتېرىدىكى ئۇقۇملارنىڭ كۈنسايىن جۇغلىنىشى، سېستىمىلىققا ئىگە بولۇشى، ئۇرۇق، جەمەت، قەبىلە، مىللەتلەرنىڭ ئايرىلىشى ھەمدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ئەندىزە ۋە يېڭىلىنىش جەريانىنىڭ تېزلىشىشى، شۇنداقلا مۇنداق تېزلىشىشقا ماسلىشىش ئىقتىدارنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن، مائارىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەت خاراكتېرىنى ياراتقانىدى. شۇڭا، مائارىپنى سىستېمىلىق ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت تۈزۈملەشكەن مەكتەپ مائارىپى دەپلا قارىماسلىق كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مائارىپ — ئادەم بولۇپ يېتىلىش جەريانى، يەنى ئادەملىكتە يۈكسېلىش جەريانىدىن ئىبارەت.
خەنزۇ تىلىدا نەشرى قىلىنغان ‹‹ ئوكيانۇس›› نىڭ 1469 – بېتىدە ‹‹ مائارىپ ›› سۆزىگە تار مەنىدە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: ‹‹ بەلگىلىك مەقسەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەربىيىلەنگۈچىگە قارىتا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل پىلانلىق ھەرىكەت. مائارىپ ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۇ ئەمگەكتىن كېلىپ چىققان، يەنى ئۆگىتىشكە لايىقلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ئېھتىياجى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن، شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. بەلگىلىك جەمئىيەتنىڭ مائارىپىدا بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋېتى ۋە سىياسىي ئىنكاسى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە رول ئوينايدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئېلىپ بېرىلغان. قۇللۇق جەمئىيەتتە مۇستەقىل بولغان مائارىپ قۇرۇلمىسى — مەكتەپ مەيدانغا كەلگەن . . .  مائارىپ دېگەن بۇ سۆز مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەكتەپ مائارىپىنى كۆرسىتىدۇ، بىراق بۇ سۆز يەنە جەمئىيەتتىكى بارلىق تەربىيىۋى رولغا ئىگە بولغان پائالىيەتلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، جەمئىيەت تەربىيىسى، ئائىلە تەربىيىسى دېگەنگە ئوخشاش. ››(7) بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مائارىپنىڭ خاراكتېرى بالىلارغا، يەنى كىشىلەرگە تەلىم بېرىش خىزمىتى دېگەنلىك ئىدى. بىراق، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى فارابىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، مائارىپ دېگەنلىك ئاددىي ئاۋامدىن سەلتەنەتلىك پادىشاھلارغىچە ھەممە شۇغۇللىنىدىغان كامالەتكە ئىنتىلىش پائالىيىتىدىن(8) ئىبارەت، قىسقىسى، ‹‹ مائارىپ — ئاھالىنىڭ رېئال مەنىۋى قىياپىتى ››(9)نى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىنىڭ مونۇ سۆزىنى قوشۇپ قويۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە قايىل قىلارلىق بولسا كېرەك: ‹‹ ئەگەر كىشىلەر مەكتەپتە ئۆگەنگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا ئېشىپ قالغىنى — تەلىم – مائارىپتۇر ››(10). ئۇنداقتا، ئېينىشتىيىن ئېيتقان مەكتەپتە ئۆگەنمىگەن ‹‹ ئېشىپ قالغان ›› ‹‹ تەلىم – مائارىپ ›› نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مانا بۇ مەكتەپ مائارىپىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئائىلىدىن ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ( ئەلبەتتە مىللىي روھ ئۇچقۇنلىرىدىن ) جۇغلىغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت مائارىپى، ئۆز قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئېرىشكەن ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەش مائارىپى، يەنى ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت بىلەن ئۆزگىلىكنى جارى قىلدۇرۇش — قىزىقىش – ئىنتىلىش ئېڭىنىڭ غىدىقلىشىدىن ھاسىل بولغان ‹‹ كامالەت تېپىش ›› ۋە ‹‹ كامالەتكە ئىنتىلىش ›› مائارىپىدىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇنىڭغا يەنە ئائىلىنىڭ رولىنىمۇ ئالاھىدە تۈر قىلىپ قوشۇپ قويۇش كېرەك. چۈنكى، ئائىلە ‹‹ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق تەربىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ›› (11) بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ‹‹ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەشكىلى ›› دىن ئىبارەت(12).

ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيەتلىكى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر تىلىدا نەشرى قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەر — گېزىت – ژۇرناللاردىكى ئوخشاشمىغان تېمىلاردىكى ئىلمىي، ئىجتىمائىي ماقالىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە نەشىرىياتلار نەشىرى قىلغان بىر قىسىم كىتابلاردا ئىنكاس سۈپىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆرپ – ئادەتلەرنى تەكىتلەش ۋە بالىلارنى ئۆرپ – ئادەت تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش ئىنتىلىشى كۈنسايىن كۈۋەجەپ، ئۆزلۈك مەدەنىيىتى ۋە بۇ مەدەنىيەتنىڭ سەمەرىلىرىدىن چاڭقاپ ۋە قاغجىراپ كەتكەن قىرغاق — ئۇچۇر دەۋرىدە ئەسلىدىنلا قېنىدا ئۇرغۇپ تۇرالايدىغان مىللىي ئەنئەنە، مىللىي تەپەككۇر،  مىللىي روھلىرىمۇ بارغانسېرى ‹‹ ئۇچۇر ›› لىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىگە دولقۇن يېرىپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.  
ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنى تەكىتلەشتىكى زۆرۈرىيەت نېمە؟ مېنىڭچە، بۇ سوئالغا مىكرولۇق جاۋاب بەرگەندە، ئادەم بولۇپ ياشاش ۋە مىللەت بولۇپ ئاتىلىش دەپ ئېيىتىش  مۇمكىن. يەنى ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىدە ياشىشى، مىللەتنىڭ مىللىيلىكىدە ئۆزلۈك روھىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئىبارەت.
قارىماققا، ‹‹ ئادەم بولۇپ ياشاش ››( ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكتە ياشىشى )، ‹‹ مىللەت بولۇپ ئاتىلىش›› ( مىللەتنىڭ مىللىيلىكىدە ئۆزلۈك روھىنى جارى قىلدۇرۇشى ) دىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆز ناھايىتى ئاددىيدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئادەم بولغانلىقى ئۇنىڭ ئادەم بولۇپ تۆرەلگەنلىكىدە ئەمەس، شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ مىللەت بولغانلىقى ئۇنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىدە ئەمەس، نىسبەتلەشتۈرۈپ ئېيىتىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ‹‹ ئادەم بولۇپ ياشىشى ››، ‹‹ مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ ئاتىلىشى ›› تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ ئاتالغىنىغا نەچچە ئەسىرلىك ئۆزىگە خاس قاينام – تاشقىنلىق، شاۋقۇن – سۈرەنلىك تارىخ ۋە يىرىك، يېپىشقاقلىق مەدەنىيەت تىندۇرمىسى، مىللىي ئۇيۇشۇش — سىياسىي ئېقتىدارى گۇۋاھ بولغان بولسا؛ ئادەمنىڭ ئادەم بولۇشىغا ئۇنىڭ نازاكەتلىك ۋە لاتاپەتلىك ئەخلاق – پەزىلىتى، جەسۇرلىقى، غەيرەت – شىجائىتى، ئادەت – يوسۇنى، ساپاسى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە مەرىپىتى گۇۋاھ بولىدۇ. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بىز ھازىرغىچە ئادەم بولۇپ ياشاۋاتىمىز، مىللەت بولۇپ ئاتىلىۋاتىمىز. لېكىن . . .
ئەتراپىمىزغا سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر سېلىپ باقايلى:
زامانىۋىلىش بىلەن شەھەرلىشىشنىڭ قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا، شۇنداقلا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ كۈنسايىن قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزلۈك مەدەنىيىتىمىزنى يات مەدەنىيەت ھامان غىدىغلىدى ۋە بۇنداق غىدىغلاش ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە بولدى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ سۈركىلىش – توقۇنىشىش — قوشۇلۇش قانۇنىيىتى، يەنى تەبىئىي قانۇنىيەت. لېكىن بىز مەدەنىيەتتىن ھالقىپ كەتتۇق، توغرىسى مەدەنىيەتنىڭ خاراكتېرىدىن ياتلىشىپ كەتتۇق، كىشى –  ئادەملىكتىن ( ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ‹‹ ئىنسانلىق ›› تىن ) ياتلىشىپ كەتتۇق، ئەنئەنىدىن ياتلاشتۇق، يەنە ئەقىل – پاراسەتتىن ياتلاشتۇق — ‹‹ ياتلاشقان ئىنسان، ياتلاشقان ئەقىل – پاراسەت ››(13)، ياتلاشقان مەدەنىيەت ۋە ياتلاشقان ئۆزگىلىك — مىللىيلىقتىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق ئىجتىمائىي فورماتسىيىنى كەڭ تەبىئەت – جەمئىيەت قوينىدا ئەللەيلەپ ئۆستۈرۈۋالدۇق.
ئەرۋەڭ – سەرۋەڭ كىيىنىۋالغان، ئۆڭ – تۇرقىدىن قايسى مىللەتلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بالىلار، ياشلار؛ يولدا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ھېچنېمىدىن ھېيىقماي بىربىرىگە گىرەلىشىپ تۇرغان، سۆيۈشىۋاتقان، ئەتراپىدا كىشى يوقتەك بىربىرىنى قوپال، سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىۋاتقان قىز – يىگىتلەر؛  يولدا، ئاپتوبۇس( ئەلبەتتە كوچا ئاپتوبۇسلىرى ) لاردا ئۇنى– بۇنى يەپ تاماقلىنىپ كېتىۋاتقانلار؛ يولدا، ئاشخانا — ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادەم بار – يوق دېمەي تۈكۈرىۋاتقان– مىشقىرىۋاتقانلار؛ رېستۇران — قاتار چاي قىزغىنلىقىغا غەرق بولۇۋاتقان خوتۇن – قىزلار؛ شاراپخورلۇق، پاھىشىۋازلىق — ‹‹ رەڭلىك ئولتۇرۇش ›› قا بېرىلىپ كەتكەن ئەر – يىگىتلەر . . . كۆزىمىزگە دائىم چېلىقىپ تۇرىدۇ، قورقۇنچلۇق سايىدەك ئەتراپىمىزدا پىرقىراپلا يۈرىدۇ. بۇلارغۇ بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان — زامانىۋىلىق بىزگە ئاتا قىلغان زامانىۋى ئادەت – يوسۇنلار — مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرى. ئەمما بىز كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىگەن، ئاڭلاپ يېتەلمىگەن ياتلىشىشلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق— ئالايلى، قاغىلىق ناھىيىسىدە 38 ياشلىق بىر نومۇسسىز دادا ئۆزىنىڭ 17 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان؛ تۇرپاندا بىر ئۆگەي دادا 18 ئايلىق ئۆگەي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان؛ پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئۆگەي دادا تۆت ياشلىق ئۆگەي قىزىنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ 20 ياشلىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ھالال ئېرىنى يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ ياش بىر تۇل ئايال چوڭ دادىسىنىڭ ‹‹ بېشىڭنى ئوڭشىۋالساڭ بولاتتى ›› دېگەن سۆزىگە غەزەپلىنپ، ئۇنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ بىر ئانا ئوغلىنىڭ گاس – گاچىلىقىدىن گەپ ئىشتىپ قالغىنىغا، ئۇنى كەكە بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ بىر دادا بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا بىر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغان؛ يەنە بىر ئايال ئائىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا ئەر بىلەن قەيەرلەرگىدۇر قېچىپ كەتكەن . . . — كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئادىمىيلىكتىن ياتلىشىدىغان دېلولار— بىزنىڭ ھەقىقىي مەنىدىن نېمىگە تەشنا ئىكەنلىكىمىزدىن، ‹‹ بىزدە نېمە كەم ؟››لىكىدىن(14) چۇقان سالماقتا. دۇرۇس، بىزدە ھازىر نېمە كەم؟ نۇرغۇن، نۇرغۇن نەرسىلەر كەم. يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى — بىزدىكى ئۆرپ – ئادەت مائارىپى — تەربىيىسىنىڭ كەملىكىدە. ئەگەر بىز ئۆرپ – ئادەت مائارىپىنى بالدۇرراق روياپقا چىقىرالىغان بولساق ئىدۇق، ئۇ ھالدا بەلكىم يۇقىرىقىدەك يىرگىنىشلىك ئامىللار كۆرۈلمىگەن بولاتتى. چۈنكى ئەرول گۈنگۆرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ‹‹ بىزنى جىنايەتتىن توسقان، يەنى جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ‹ يامانلىق › ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدىغىنى پەقەت بىرلا ئۆرپتۇر ›› (15). يەنە شۇنىمۇ بىلىش زۆرۈركى، ئۆرپ – ئادەتلەر ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ۋە ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتلەردە ‹‹ تەدبىق ›› قىلىنىدىغان قائىدىلەر (16) دىن ئىبارەت ئىدى.
ئەھمىيەتسىز چىكىلداپ ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت، ‹‹ چوشقىلارغا بايرام ›› ( مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسى ) بولغان ئىسراپخورلۇق؛ تەبىئەتنىڭ ئوخشاشمىغان دەھشەتلىرىدىن كۆرە،  كىشىلەرنىڭ ئاڭقاۋلىقى، پارازىتلىقى، تۇزكورلۇقى بىلەن بىز تېخىچە سىرىنى تېپىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقان ‹‹ قۇم باسقان شەھەر ›› ( مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شۇ ناملىق رومانى ) لەر، نامىدىن بەتتەر غېرىبلىق، مىسكىنلىك قاپلاپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى دۇنيادا — ئۇچۇر دۇنياسى دەۋرىدىمۇ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشنىڭ قوقاسلىرىدا چاراسلاپ كۆيدۈرۈۋاتقان ‹‹ يىگانە ئارال ›› ( ئەختەم ئۆمەرنىڭ شۇ ناملىق رومانى )، ھېلىغىچە كىشىلەرنىڭ تاياق – توقماقلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن، ئەمما ئۇلارغا مەنىۋىي ئەركلىك، جىسمانىي قۇۋۋەت ئاتا قىلغان ‹‹ بۆرە ئانا ››( توختى ئايۇپنىڭ شۇ ناملىق رومانى)، كۆزىمىزدىن، ئېڭىمىزدىن بىراقلا يۈتۈپ كەتكەن، ئەپسانىنىڭ تىرىلىشىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغان يەنە نۇرغۇن ئەسەرلەر ‹‹ ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ›› ( مىڭ چىبىي بىلەن لولۇلۇلارنىڭ شۇ ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى) كە ئېرىشەلمىگەن، ئادىمىيلىكتىن، مەدەنىيىلىكتىن، ئەقىل – پاراسەتتىن، مىللىي ئۆزلۈكتىن ۋە ئۆرپ – ئادەتتىن ياتلىشىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ‹‹ تەپسە تەۋرىمەس ››تىن ئىبارەت مىللىي، مەنىۋىي ئاڭقاۋلىقتا ‹‹ ئادەم بولۇپ ياشاپ ››، ‹‹ مىللەت بولۇپ ئاتىلىپ ›› كېتىۋاتىمىز. ئەلبەتتە، مۇشۇنداق بىر قاتار زۆرۈرىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە زىيالىيلار قاتلىمىدا ئادەم بولۇپ ياشاش، مىللەت بولۇپ ئاتىلىش — ئۇيغۇرلاردىكى ئىللەتلەرنى قامچىلاش ۋە تۈزۈتۈش، شۇنىڭدەك يىلتىز ئىزدەش روھى ھەققىدىكى چۇقانلىرى بىر مەھەل كىشىلەرنى ئويغاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق چۇقانلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چەكسىز قۇم دېڭىزىغا سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنىنىڭ كولدۇرما ساداسىدەك ئاستا – ئاستا يىراقلاپ — سۇسلىشىپ، بالدۇرلا قايتقان پەسىل قۇشلىرىدەك نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ ‹‹ بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا ››، ئەركىن روزىنىڭ ‹‹ بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار ››، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام ››، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ››، ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ››، ئەسەت سۇلايماننىڭ ‹‹ تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ ››، ‹‹ تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە ››، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى ››، ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ ‹‹ يىلتىز ئىزدەش ›› ئەنۋەر مەتسەيدىنىڭ ‹‹ ئەجداد ھېكىمتى ۋە ئەۋلاد قىسمىتى ››، ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ›› قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەنە شۇ چۇقانلارنىڭ يارقىن ئىپادىلىرى ئىدى. ھالبوكى، بىز ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدىن ھالقىپ كەتتۇق، تېخىمۇ توغرىسى ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇق. بۇنداق ياتلىشىش بۈگۈنكى كۈندە روھىمىزنىڭ قاتماللىشىشىنى، چۈشكۈنلىشىشىنى، شالغۇتلىشىشىنى، پۈچەكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، بىز ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدىن ياتلىشىشتا ئەسلىدىكى قوللىنىشقا، ۋارسچانلىقنى كۈچەيتىشكە تېگىشلىك بولغان ئۆرپلىرىمىز ۋە ئادەتلىرىمىزگە سەل قارىدۇق ياكى ئۇنى بىراقلا تاشلىۋەتتۇق. لېكىن بۇنداق تاشلىۋېتىش، ياتلىشىشنى ‹‹ زامانىۋىلىق ››، ‹‹ زامانغا ماسلىشىش ›› دېگەندەك چىرايلىق ھەل بېرىلگەن سۆزلەردە ئەڭلىك سۈرتۈپ، روھىمىزدىكى قاششاقلىق، ئەنئەنىنى قەدىرلىمەسلىكتەك ئىدىيىدىكى لىڭتاسمىلىق، مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ دىئالىكتىكىلىق بىرلىكىنى ۋە قارىمۇ قارشىلىقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان دېۋەڭلىك، غەيرىلىكنى، كارنىيى يىرتىلغىچە جىنسىي ئەركىنلىكنى جار سېلىپ تەلەپ قىلىدىغان غەربلىكلەرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرىنى دورايدىغان، قوغلىشىدىغان ۋە بۇنداق ئىجتىمائىي، مەنىۋىي سۇپۇندىلارنى  ئىجتىمائىي، مەنىۋىي قىممەت ۋە مەدەنىيەت دەپ قارايدىغان كۆرەڭلىكتىن كۆرە شاللاقلىق قاتارلىقلارنى يىللار بويى تەن ۋە روھ چۆمبەللىرىدە يوشۇرۇپ كەلدۇق.  
ئەگەر، بالىلىرىمىزغا، ئۆزىمىزگە، ئەتراپىدىكىلىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدىن زېرىكمەي، تېرىكمەي تەلىم – تەربىيە بەرگەن، ئۆرپ – ئادەتنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزگىلىكىدىكى رولىنى، مائارىپلىق خاراكتېرىنى تونۇتالىغان، بۇ ھەققىدە نەزەرىيىۋى سېستىما يارىتالىغان بولساق، ئۇ ھالدا، بەلكىم بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن، ئالدى ئېلىنغان، مەدەنىيەتتىن، مەرىپەتتىن، ئادىمىيلىكتىن، مىللىيەتلىكتىن، ئەقىل – پاراسەتتىن ياتلاشمىغان، ئۇلارنىڭمۇ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى مۇنچە ئۇزۇراپ — تاشلاپ كەتمىگەن بولۇر ئىدى. مەدەنىيەتنىڭ، مەرىپەتنىڭ، ئەقىل – پاراسەتنىڭ، پەن – تېخنىكىنىڭ، ئېقتىسادنىڭ، سىياسىينىڭ بىزنى مۇنداق يەككە – يىگانە تاشلاپ كېتىشى روشەنكى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى قۇم  بوران ئۇچۇپ تۇرغان ۋە ئاخىرىدا قۇم بوران بېسىۋالغان تەكلىماكان — تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى تاشلاپ كېتىشى بىلەن قىلچە ئوخشىمايتتى، ئوخشىتىش مۇمكىن دەپ قارالسا، بۇنداق تاشلاپ كېتىش پەقەت ئاشۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنىڭ سىرى بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىزنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىگىلا ئوخشىتىش مۇمكىن. خەن زىيۇڭ، لې لىنلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ياتلىشىش ۋە تاشلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى قەدىمكى قورىغارلىقلار — غەربىي يۇرتلۇقلارغا خاس ھالدا يېتىلدۈرۈۋالغان ‹‹ يەككە ھاياتىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىقى ئاجىز؛ سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سىياسىي ئىقتىدارى ئاجىز؛ ھېسسىياتچان ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەقلىي بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز؛ يېڭىلىققا قىزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسىنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ››، شۇنىڭدەك ‹‹ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ بىربىرىنى چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىز؛ تارىخقا، ئاتا – ئانىغا، پېشقەدەم نامايەندىلەرگە، ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت، ۋارسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش، قەدىرلىمەسلىك، بىپەرۋالىقتىن كۆپ ئاجىز ›› ( 17) لىقىدىن ئىبارەت بولغانىدى. بىز بۇ نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىمىزدە، ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇرۇشتەك ناھىيىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر فۇنكىسىيىگە ئىگە (18) ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.
شۇڭا، بىز يەنىلا ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ زۆرۈريەتلىكلىكىنى سىجىل تەكىتلەيمىز. دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈنلا، ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تۇرمۇشىمىزغا لايىقلاشتۇرۇش، تەدبىقلاشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىدە ياشىشى، مىللەتنىڭ مىللىيلىكىدە ئۆزلۈك روھىنى جارى قىلدۇرۇشىدىكى ئىنقىلاپ خاراكتېرلىق قۇرۇلۇش دەپ قارىشىمىزغا تامامەن ھەقلىقمىز.

ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەت مائارىپى

جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، زامان يېڭىلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان( ۋاقىت )، ماكان( بوشلۇق )، قىممەت، كىملىك تەپەككۇرى تولۇقلىنىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت ئۆتكۈر دەرىجىدە غىدىقلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھازىرقى دەۋردە غىدىقلىنىشتىن يەنە بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇتۇۋېلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. تارىختىن بۇيانقى مەدەنىيەتلەرنىڭ سۈركىلىشى، قوشۇلۇشى، توقۇنىشى نەتىجىسىدە، قاندىكى شالغۇتلىشىش بىلەن تىلدىكى شالغۇتلىشىش ئاخىر مىللىيەتلىكتىكى شالغۇتلىشىشنى، ئۆزلۈكتىكى شالغۇتلىشىشنى، تېخىمۇ يامىنى روھ ۋە تەپەككۇردىكى شالغۇتلىشىشنى، يەنە ئەقىدە ۋە ئېتىقاتتىكى شالغۇتلىشىشنى روياپقا چىقاردى. مانا بۇ ئۇيغۇرلار مۇشۇ دەۋردە دۇچ كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭ شەپە – سېگناللىرى ئاللىبۇرۇن قۇلىقىمىزغا ئورناپ كەتكەن، ئامما بىز ئالدىنى ئېلىشتا قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان كېسەللىك ياللۇغى ئۆتكۈرلەشكەن سوزۇلما خاراكتېرلىق تىراگدىيە !
دۇنيا ئەللىرى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىدۇكى، دۇنيانىڭ ماددىي قىياپىتى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ۋە كەڭ دائىرىدە ئۆزگۈرىۋاتىدۇ(19). شۇنىڭغا ئۇلىنىپلا دۇنيانىڭ مەنىۋىي قىممىتى ۋە مەنىۋىي قىياپىتىدىمۇ ئوخشاشمىغان ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي قىياپىتى ۋە قىممىتىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى. ماددىي ۋە مەنىۋىي قىياپەتتىكى مۇنداق ئۆزگۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، دىنىي، ئەخلاقىي قىممەتتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ قىممەت ۋە ئېتىبارىنىڭ يوقىلىشىنىڭ تېزلىشىش سۈرئىتى كۈنسايىن ئېشىۋاتىدۇ. ئالايلى، شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ سىزىقىدىن چىقىپ كەتتى ۋە يېڭى – يېڭى ئادەت – يوسۇنلارنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. تاماق يېيىش، ئولتۇرۇپ – قوپۇش، ئادەمگەرچىلىك، دوست – بۇرادەرلىك، تۇغقاندارچىلىق، قوشنىدارچىلىك ئادەتلىرىمىزدە بارغانسېرى يىرىك مەدەنىيەت قاتلىمى سىڭىپ كىردى. قاينام – تاشقىنلىق تۇغقاندارچىلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت يىلسېرى چۆلدەرەپ قالدى، تۇغقانلارنىڭ ياتلىشىشى ئېغىرلاشتى. ئەقىدە – ئېتىقاتلىرىمىزدا ھېيت – ئايەم كۈنلەردە كىرىپ – چىققان مېھمانلارغا ھاراق – شاراپ تۇتۇلمايتتى. شەھەر مەدەنىيىتى مۇنداق ئادەتلەرنى يىراقلارغا چۆرۈۋەتتى. ئوغلىمىز، قىزىمىز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىغا ھاراق – شاراپ ئىچىپ كىرمەيتتى، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىغا مۇنداق ئەخلاققا يات قىلىق – ھەرىكەتلىرىنى كۆرسەتمەيتتى، ئىلگىرى قوشنىلار بىربىرىگە تاماق سۇنۇشاتتى، بۇنداق ئادەت بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنلا ‹‹ تارتىن ›› (20) دەپ ئاتىلاتتى ھەم بۇنداق ‹‹ تارتىن ›› ئادىتى مەدەنىيەت سۈپىتىدە يېزىلىرىمىزدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەنىدى، ھالبوكى، شەھەرلىشىش ۋە ئۆرپ – ئادەتتىن ياتلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن قوشنىلار بىربىرىنى تونۇمايدىغان ۋە ‹‹ تارتىن ›› لارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئانچە ئېتىبارغا ئالمايدىغان بولۇپ كەتتى. قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جامائەتچىلىك ئادىتى، تېخىمۇ توغرىسى جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىدە ئۆزگىلىكىنى، مىللىي روھىنى، قىممەت قارىشىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى يېڭى مۇھىت، يېڭى دەۋردە، بولۇپمۇ مەدەنىيەتلەر بىربىرىنى توختىماستىن غىدىقلاۋاتقان، توقۇنۇشىش خاراكتېرىنى نامايان قىلىۋاتقان دەۋردە مۇنداق ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئىجتىمائىي توپتىن ئايرىلىشى ۋە كىشىلەردە يەككىلىك قىممەت قارىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن شەھەرلەرلا ئەمەس، يىراق يېزا، كەنتلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتى، ھەمكارلىقى، قان – قېرىنداشلىقى، مېھرىبانلىقى يۇغۇرۇلغان جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىگە دەز كەتتى، ھەتتا بۇ دەز تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي، مەنىۋىي يېرىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.  مەسىلەن، ئىلگىرى، يېزا ، كەنتلەردە بىرەر كىشى ئۆي سالماقچى بولسا، شۇ مەھەللە ياكى يۇرتنىڭ كىشىلىرى ئۆي سالغۇچىنىڭ تام قوپۇرۇشتىن تارتىپ، ئاخىرقى سىلىق ( ئىنچىكە ) سۇۋاقلىرىغىچە ياردەم بېرىشەتتى. بولۇپمۇ، قوپۇرۇلغان تامنىڭ ئۈستىگە كېسەك قويۇلىدىغان كۈنىدىن باشلاپ سىلىق ( ئىنچىكە ) سۇۋاق ئاخىرلاشقىچە ( ئاساسەن ئۈچ كۈن ) ئەل – جامائەت قېرى – ياش، ئەر – خوتۇن، قىز – ئوغۇل بولۇپ ئۆي سالغۇچىغا ياردەمدە بولاتتى، چوڭلار قوپۇرۇلغان تام ئۈستىگە كېسەك قوياتتى، لىملارنى چىقىراتتى، بورا، قومۇش، مەڭگەن، سامانلارنى ياپاتتى، ئۆگزە ئۈستىگە كۈچۈنۈپ تۇرۇپ توپا تاشلايتتى، ياشلار، بالىلار چوڭلار ئەتكەن لايلارنى چېلەكلەردە توشۇيتتى، تام ئۈستىدە تۇرغان ئۇستاملارغا كېسەك ئېتىپ بېرەتتى، بىر كېسەكنى نېرى قىلالمايدىغان قېرىلار چېغىدا ‹‹ ئانداق قىل، مانداق قىل ›› دەپ ئاۋازى يەتكەن يەرگىچە سۆزلەپ تۇراتتى، ئاياللار ئۆي – ئۆيلىرىدىن ھەر خىل تاماق، نازۇ – نېمەتلەرنى داستىرخان قىلىپ ئەكىلەتتى، قىزلار قاچا – قۇچىلاردا ئىشلەۋاتقانلارغا ئۇسسۇزلۇق تەييارلايتتى ۋە قول – قولچە سۇنۇشاتتى، ئىشقىلىپ، قىزغىنلىق، قاينام – تاشقىنلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل – كۆكسىگە تولاتتى، چەبدەس ھەرىكەتلىرىدە نامايان بولاتتى. لېكىن ھازىرچۇ؟ ھازىر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىنى شەخسىيەتچىلىك، ‹‹ ئۆزىنى بىلىش، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىق ›› ئىدىيىسى يۇتۇپ كەتتى. يېزىلارغا بارسىڭىز، ھەممە كىشى ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش كۆرۈنىدۇ، تام قوپۇرماقچى، ئۆي سالماقچى بولغانلارغا گاھىدا قولۇم – قوشنىلىرىنىڭ ‹‹ قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزى ›› بىلەن ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى، گاھىدا ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ ‹‹ ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىقنىڭ يۈزى ›› بىلەن ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆي ئىگىسىنىڭ كىملەرنىڭدۇر ياردەم بېرىشىنى تىلەپ، ئۆيمۇ – ئۆي، كوچىمۇ – كوچا قاتىراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز، بۇرۇنقى قىزغىنلىق، قاينام – تاشقىنلىقلار پارلاتقان جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ بوۋاي، مومايلار كېچىلىرى مۈگدەپ ئولتۇرۇپ ئېيتىپ بېرىدىغان ئەپسانىلەرگە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. يەنە ئالايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مەكتەپ مائارىپى دەپ قارىلىدىغان مەشرەپتىن ئىبارەت جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا  ئاستا – ئاستا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشى، بالىلىرىمىزنىڭ( ياق، بالىلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى ياشلارنىڭ، ھەتتاكى يەنە بىر قىسىم ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ) مەشرەپنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشى؛ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چۇخچىلىشىغا ئەگىشىپ، غەيرىي ئىجتىمائىيلىشىشى بىلەن يۇرتىدارچىلىقتىن ئىبارەت  ئەنئەنىۋى جامائەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن بارغانسېرى ماغدۇرسىزلىنىپ، چۆلدەرەپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان، مۇشۇنداق قورقۇنچلىق لېنىيىدە مېڭىۋېرىدىغان بولساق، ئاخىرىدا دەرمانىدىن كېتىشتەك ھالاكەتلىك تەغدىرگە دۇچار بولىدىغان ئۇيغۇر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدەك غېرىپسىنىپ قېلىشى، ئەلبەتتە بىزدە يەنىلا ئۆرپ – ئادەت مائارىپى — تەربىيىسىنىڭ بولۇشىنى جىددىي تەكىتلەيدۇ. مانا بۇنى ئەنئەنە ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ياتلىشىش ۋە ياتلاشماسلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى دېيىشكە بولىدۇ.
ۋاھالەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى تۇرمۇشىدا، مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، زامانىۋىلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى، ئىجتىمائىي قىممەت ۋە ئىقتىسادىي قىممەت قارىشىنىڭ تولۇقلىنىشى، مەنىۋى ئوزۇق بىلەن ماددىي بايلىقنىڭ بىربىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىيلىقىدا كۈچلۈك ئىدىيىۋى ئېقىمغا ئايلىنىشى بىلەن ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ شاللىنىشى — يوقىلىشى تېزلەشمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى، بىرىنچىدىن، شەھەرلىشىش — كىشىلەرنىڭ رامكىلىنىشى — تەبىئەت قوينىدىن ئايرىلىشى. كىشىلەر ئۆيدە ۋە خىزمەتتە تۆت تام ئىچىگە سولىنىپ روھىنىڭ سىقىلىشىنى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا كۈتىدۇ، سىرتتا ئىگىز – ئىگىز بىنالار، گۈرۈلدەپ ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللار، ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان يوچۇن كىشىلەر ( ياكى ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ياتلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان كىشىلەر)، شاۋقۇن – سۈرەنلەر كىشىلەرنى ئەنئەنىۋىلىكتىن، مەنىۋى ۋە ماددىي ھاياتىدىكى ئۆرپ – ئادەتلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ياتلاشتۇرىدۇ، كاللىسى يېڭى – يېڭى مەدەنىيەت ئۇقۇملىرى بىلەن تولىدۇ ياكى مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرىنىمۇ يېڭى ئۇقۇمدىكى مەدەنىيەت ئورنىدا قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرىنىڭ غىدىقلىشى، ئاخىرىدا ئالداپ كېتىشى — ئۆزلۈك مەدەنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئۇنتۇلۇشى ياكى يوقىلىشى تېزىلىشىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، زامانىۋىلىق ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۈزۈكلۈك كىشى بىلەن ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنىۋى ئۈزۈكلۈك ۋە بوشلۇق پەيدا قىلماقتا. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ‹‹ ئۆرپ – ئادەتلەر ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ۋە ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتلەردە ‹ تەدبىق › قىلىنىدىغان قائىدىلەر ›› دەپ قارالغىنى بىلەن، ‹‹ زامانىۋى ھايات ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئۆگىنىلىشى ۋە ئۆگىتىلىشىنى ئادەتتە ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ ››(21). تۆتىنچىدىن، ئائىلە مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە مەدەنىيەت قارىشى بارغانسېرى سۇسلىشىشى، يەنى ئائىلە مەدەنىيىتىنى ئاساسىي بىرلىك قىلغان ئائىلە تەربىيىسىنىڭ كۈنسايىن ئىجتىمائىيلىشىشى ۋە رودىمىتلىشىشى ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدە شاللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۆزلۈك مەدەنىيەت قارىشى، ئەنئەنىۋى مىللىي روھ قارىشى سۇسلىشىپ ياكى ئۇنتۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يات مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرى يۇغۇرۇلۇپ كېتىلگەن ئۆرپ – ئادەت — ئەخلاق قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، قىممەت قارىشى، جىنسىي مەدەنىيەت قارىشى ئىگىلىدى. شۇڭا، ‹‹ ئائىلە ھاياتىمۇ يەنە ئۆرپ – ئادەتلەر تەربىيىسى بېرىشكە ئاجىز كەلمەكتە ›› (22). بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن، كۆيۈنمىگەنلىكىمىزدىن، مىللىيلىققا ئىگە قىلمىغانلىقىمىزدىن، ‹‹ زامانىۋىلىشىش ›› چۈشەنچىمىزنىڭ نورمالسىزلىقى، كەمتۈكلىكىدىن بولغان. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆزلۈك مەدەنىيەتتىن، ئۆرپ – ئادەتتىن ياتلىشىش ‹‹ زامانىۋىلىشىش ›› دەپ چۈشۈنىلدى ۋە ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى شۇ لېنىيىدە تەرەققىي قىلدى. ھالبوكى، ‹‹ ياتلىشىشنى زامانىۋىلىشىش دەپ قارىغاندا، بۇ ئېنىقكى، ئۆزىمىزنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىمىزنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ، شۇڭا زامانىۋىلىشىش تەركىبىدە مىللىيلىشىش كەم بولسا بولمايدۇ ›› (23). ئەگەر، بىز  يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەمرەتكىلىرىنى يەنىلا مەدەنىيەت ئېنىقلىمىسى، مەدەنىيەت ئۇقۇمى بويىچە چۈشۈنىدىغان ۋە قوبۇل قىلىۋېرىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا، ئۆرپ – ئادەتنىڭ ياتلىشىشى ‹‹ سېغىزخان شاتۇتىنىڭ مېڭىشىنى ئۆگىنىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قالغانمىش ››(24) دېگەن تەمسىلنىڭ روھىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەرقانداق مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ ۋە يېڭىلىنىپ، تولۇقلىنىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت جەۋھىرى بولىدۇ، بۇنداق مەدەنىيەت جەۋھىرى روشەن ھالدا ئۆرپ – ئادەتتىن قۇۋۋەت ئالىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ تۇرالىشى ۋە دۇنياغا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلىشى ئەلبەتتە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، تولۇقلىنىۋاتقان، يېڭىلىنىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى، ماددىي تۇرمۇشىغا مەنىۋى قۇۋۋەت، دۇنيادىكى ئورنىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ يارقىنلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. بىراق، ئۆرپ– ئادەتلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشى، تەجىرىبىدىن ئۆتمەيلا شاللىنىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بالىلىرىمىزنى، تېخىمۇ توغرىسى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەشتە بىز مۇشۇ شاللىنىۋاتقان، ئۇنتۇلۇۋاتقان، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن خۇراپىي، قالاق، ۋاقتى ئۆتكەن دەپ قارىلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزدىن پايدىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىي قىممىتى بار دەپ قارايمەن. بىزنىڭ نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ تارىخىي قاتلىمى چوڭقۇر، مەدەنىيەت قاتلىمى مۇرەككەپ بولغاچقا، تېخىمۇ مۇھىمراقى، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى دەۋر، مەدەنىيەت، ئەقىل – پاراسەت، قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن تارازىلاپ باقمىغانلىقىمىز، نېمە ئۈچۈن ئۆرپ – ئادەت بولۇپ داۋاملىشىپ كەلدى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ، تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى نېمە، دەۋر روھى بۇنىڭغا يەنە قانداق زەر ياكى توزانلارنى قوشتى؛ نېمە ئۈچۈن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي مۇقەددەس، نېمە ئۈچۈن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيمىز، نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانىلىرىمىز بىلەن بىرگە ھاراق – شاراپ ئىچمەيمىز، ئاتا – ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بالىلىرى بىلەن بىرگە يالىڭاچلىنىپ يۇيۇنمايدۇ، نېمە ئۈچۈن تونۇشمىساقمۇ بىربىرىمىز بىلەن سالاملىشىمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆرپ – ئادەتلەرگە بولغان چۈشەنچىمىز ۋە ئىشەنچىمىز ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ. مۇھىمى، بىز ئاۋۋال ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزغا قانداق يېتىپ – قوپۇش، يۈز – كۆزىنى قانداق يۇيۇش، تاماق يېگەندە قانداق ئولتۇرۇش، نېمىگە دېققەت قىلىش، قانداق يېيىشنى؛ چوڭلار بىلەن قانداق سالاملىشىش، قانداق مۇئامىلىدە بولۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا نېمىلەرنى قىلىش، نىمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرگە دېققەت قىلىش، يول يۈرگەندە، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە يەنە نېمىلەرگە دېققەت قىلىشنى؛ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلاردا  قانداق پائالىيەتلەردە بولۇشنى؛ ياسىنىش، تارىنىشتا قانداق ياسىنىش، تارىنىش كېرەكلىكىنى؛ ئاممىۋى تازىلىق بىلەن شەخسىي تازىلىققا قانداق قاراشنى، قانداق ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى  ئۆگىتىشىمىز، ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تىلدىكى ئۆرپ – ئادەتلەر — تىلدىكى بۇزۇقلۇقلارغىمۇ دېققەت قىلىشىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇشىمىز، ئۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ( ئەلبەتتە ئۇيغۇر تىلىدەك ئۆزلىشىپ كەتكەن باشقا تىللاردىكى بىر قىسىم سۆز ۋە سۆزلەملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئۆلچەملىك سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈشىمىز، سۆز ئارىلىقلىرىدا ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەرەبىي، پارىسىي سۆزلەرنى قوشۇپ سۈر – ھەيۋىلىك سۆز ياساشقا بېرىلمەسلىكىگە، سۆزلەپ كېلىۋېتىپ بىر قىسىم سۆز، ئاتالغۇلارنى يات تىللاردا ئىپادىلەپ قويماسلىقىغا كۆندۈرۈشىمىز— ئانا تىل روھىنى سىڭدۈرۈشىمىز ۋە ئۇنىڭغا سېغىندۇرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بالىلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىنىڭ  قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق بىلگەندىلا، باشقا تىللارنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ، ئىشلىتىش قىممىتىنى ئاشۇرالايدۇ. مانا بۇلارنى بىز تەكىتلەۋاتقان ئۆرپ – ئادەتنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرى يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە كۈچلۈك ئىلمىيلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ كىشىنى تەربىيىلەش — مائارىپلىق خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئىلىم سۈپىتىدە نەزەرىيىۋى سىستېمىغا ئىگە قىلىش يېڭى دەۋرنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى، شۇنىڭدەك ئۆزىنى دۇنياغا نامايان قىلىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل. بۇ ئۆتكەل كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى قانداق تەربىيىلەش ۋە قانداق ئۆزلۈك مەدەنىيەتتە تاۋلاش بىلەن، شۇنىڭدەك دەۋرگە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قىسمەن ماس كەلمىگەن بىرقىسىم ئۆرپ – ئادەتلەرنى زامانىۋىلىققا ئۇلاش، قۇۋۋەت كۈچىدىن يېڭى دەۋردىمۇ ئوخشاشلا پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بېسىپ ئۆتۈلىدۇ. ئەرۇل گۈنگۆرنىڭ ‹‹ ئۆرپ – ئادەتلەر غەۋغاسى ›› ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنداق ئىككى مەسىلە بىزنىڭ دېققىتىمىزنى تارتىشى ۋە بۇ ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندىشى كېرەك: بۇنىڭ بىرى، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتنى ئىدارە قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ مۇنازىرىسىگە ئارتۇقچە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرگەندە، دەرھال ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈۋاتقانلىقى، دىن ۋە ئۆرپ– ئادەتلەر قاتارلىق پۈتكۈل ئىدىيىۋى ئېلىمېنىتلار ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقىلچىل ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھۇجۇم تېمىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، تەجرىبىۋى ھەقىقىتى تېپىلمىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ خۇراپىي ياكى قۇرۇق ئېتىقاد دەپ ھېسابلىنىۋاتقانلىقى؛ يەنە بىرى، ئۆرپ – ئادەتتىكى ياتلىشىش ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۈزۈكلۈكنىڭ تەسىرىدە، ‹‹ دېموگراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەردىمۇ . . . ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ يېڭى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلىشى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلدۇرۇلىشى ››نىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت(25). ئالدىنقى مەسىلە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، يەنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارغانسېرى ئىجتىمائىي ئېقىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۇلغۇيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرول گۈنگۆر ئەپەندى كۆرسەتكەندەك ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئەقىل تارازىسى بىلەن ئۆلچەنمىگەنلىكى، يەنى تەجرىبىۋى ھەقىقىتىنىڭ كۈمتۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېيىنكى مەسىلە بىزنىڭ كېيىنكى ھايات ۋە مەدەنىيەت مۇساپىمىزدىكى ئازابلىق جەريان. ئەگەر بىز مۇشۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرىنى بالىلىرىمىزغا يەتكۈزەلىسەكلا، بۇ ئىككى مەسىلىدىن ھالقىپ كېتەلەيمىز. چۈنكى، بىزگە پۇرسەت ۋە شارائىت بار، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز ئەمدىلەتىن تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئۆزىمىز زامانىۋى دۇنيادا ياشىساقمۇ، ئەمما تۇرمۇشىمىز، كىشىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت، قىممەت، ئۆزلۈك، سىياسىي قارىشى تېخىچە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە. يەنە بىرى،  تەرەققىي قىلغان ئەللەردەك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز ئۇنچىلىك ئۇزۇراپ كەتمىدى، قولىمىزنى سوزساقلا يېتىدۇ. دەۋرگە ماسلاشمىغانلىرىنى يېڭىلاپمۇ، تولۇقلاپمۇ، ئىسلاھ قىلىپمۇ ئۈلگۈرىمىز. ئالايلى، قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ  توي – تۆكۈنلىرىدە قىزنى ( يېڭى كېلىننى ) ئوتتىن ئاتلىتىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ ئادەت ھازىرغىچە يېزىلىرىمىزدا ساقلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. شەھەرلەردە بولسا، ئوت يېقىش ئىمكانىيىتى دېيەرلىك بولمىغاچقا، كېلىننى قىزىل تاۋارغا دەسسىتىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن ئاتلىتىدىغان يېڭىچە ئادەت شەكىللەندى. دېمەك، شەھەرلەردىكى قىزىل تاۋار ئوتقا مىسال قىلىندى. مانا بۇ ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، زامانىۋىلىققا ماسلاشتۇرۇلۇشى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتقا تىۋىنىشتەك ئۆرپ – ئادىتى ساقلاپ قېلىندى ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىندى. كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مىللىيلىشىش ۋە ئۆزلۈك مەدەنىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېتىبار بېرىلگەندىلا ئۆلگەن، ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ‹‹ تىرىلىشى ››، ‹‹ قايتىپ كېلىشى ›› مۇقەرەرلىك، يەنى ئامېرىكىلىق فولېكلورشۇناس رىچارد دورسۇننىڭ ‹‹ ئامېرىكا فولكلورى ›› دېگەن ئەسىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەنگىنىدەك ‹‹ ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ يوقىلىشىدىن ئىبارەت مۇنداق قاراش ئەسلىدىنلا بىر خىل ئۆرپ – ئادەت ئىدى ››(26 ).
خوش، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ– ئادەتلىرىمىزنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرىنى سىستېمىلىق پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلساق، تەدبىقلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرساق، ئۆزگىچە نەزەرىيىگە ئىگە قىلساق، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى زامانغا لايىقلاشتۇرساق، بۇنداق پەننى ‹‹ ئۆرپ – ئادەت مائارىپى ›› دەپ ئاتىساق بولامدۇ – يوق؟ مېنىڭچە، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرىنى بىلدۈرىدىغان، چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، شۇنىڭدەك ئۇنى نەزەرىيىۋى قىممەتكە ۋە نەزەرىيىۋى سىستېمىغا ئىگە قىلىدىغان، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنىڭ مېغىزىنى ھەقىقىي مەنىسىدىن چاقىدىغان، تۇرمۇشىمىزغا، جەمئىيەتكە تەدبىقلايدىغان، شۇ ئارقىلىق روھىمىزنى ساپلاشتۇرىدىغان، ئەۋلادلىرىمىزنى يېڭى دەۋرگە يۈزلەندۈرىدىغان چاغ يەتتى. ‹‹ ئۆرپ– ئادەت مائارىپى ››نىڭ مەقسىتى ۋە نىشانىنى مۇنداق ئۈچ لېنىيە بويىچە چەكسىزلىكتە نامايان قىلساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن: بىرىنچى لېنىيە، ئۆزىمىزنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ مائارىپلىق خاراكتېرىدە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە تەدبىقلەش؛ ئىككىنچى لېنىيە، زامانىۋىلىققا يېتىشەلمىگەن ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى تولۇقلاش، ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللىككە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى لېنىيە، بالىلىرىمىز— كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى چۈشۈنىش، ھۆرمەت قىلىش تەربىيىسى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى سەزگۈرلىكى ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ بەزى ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. ئۆرپ– ئادەت مائارىپى مانا مۇشۇ ئۈچ لېنىيە، يەنى ئۈچ ئاساسىي تەركىبكە ئىگە قىلىنغاندىلا، ھەم ئەنئەنىگە، ھەم دەۋرگە، ھەم كەلگۈسىگە جاۋاب بەرگىلى، ‹‹ تۆنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتە ›› دىن ئىبارەت دەرۋنىڭ دىئالىكتىكىلىق تەرققىيات بىرلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ماسلاشقىلى بولىدۇ.  شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ‹‹ ئۆرپ – ئادەت مائارىپى ›› دېگەن سۆزنىڭ ئالدىغا ‹‹ ئۇيغۇر ›› ئېتنىك نامىنى قوشۇپ قويۇش كېرەك، ئۇ ھالدا ‹‹ ئۆرپ – ئادەت مائارىپى ›› تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. مەكتەپ مائارىپىدىكى ‹‹ ئەخلاق ›› ئوقۇتۇشى ئەمەلىيەتتە بىز بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ‹‹ ئۆرپ – ئادەت مائارىپى ›› نىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئىشىنىمەنكى، ‹‹ ئۆرپ – ئادەت مائارىپى ›› مەكتەپ مائارىپىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقىنى تەرتىپلەشتۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماستىن، يېلسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى، ئۆزلۈكىنى كۈچەيتىشتە رىئال قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ. گەپ ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىشىمىز ۋە قانداق تۇراقلىققا، قىممەتكە ئىگە قىلالىشىمىزغىلا باغلىق.  

ئىزاھلار :
(1)        (15) (16) (18) (19)(21) (22) (25) ئەرول گۈنگۆر ‹‹ ئۆرپ – ئادەتلەر غەۋغاسى ››( يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى )، ‹‹ بۇلاق ›› ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2005 – يىللىق 5– سان، 65 –،  69–،71 –،72–73 –  بەتلەرگە قاراڭ.
(2) ‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ›› ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1996– يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 5– توم 802 – بەت.
(3)        ‹‹ پارسچە – خەنزۇچە لۇغەت ››، شاڭۋۇ كىتابچىلىق نەشىرياتى، 1988 – يىل خەنزۇچە نەشرى، 1604 – بەتكە قاراڭ.
(4) ‹‹ ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ›› ( بىرىنچى توم )، رۇس تىلى نەشىرياتى، 1981 – يىل ئۆزبېكچى نەشرى، 521 – بەت.
(5)        چېن شۈجىڭ ‹‹ مەدەنىيەتشۇناسلىققا ئومۇمىي نەزەر ››، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى، 2005 – يىل خەنزۇچە نەشرى، 240 –، 247 –، 249 – بەتلەرگە قاراڭ.
(6) تېڭ داچۈن ‹‹ چەت ئەل مائارىپى ئومۇمىي تارىخى ›› ( ئىككىنچى توم )، شەندۇڭ مائارىپ نەشىرياتى1989 – يىل خەنزۇچە نەشرى 4 – بەتكە قاراڭ.
(7)        ‹‹ ئوكيانۇس ››( ‹‹ سىخەي  辞海 ›› )، شاڭخەي لۇغەتچىلىك نەشىرياتى، 1980 – يىل خەنزۇچە نەشرى 1469 – بەت.
(8)        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 232 – بەت .
(9)        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 239– بەتكە قاراڭ.
(10)        جوگوپىڭ (دىلنۇر ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى) ‹‹ مائارىپتىن ئەركىنلىك تالىشىش ››، ‹‹ شىنجاڭ مائارىپى ›› ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى 2003 – يىل  5– سان 24 – بەت( ئەسلى ماقالە ‹‹ خېبىي گېزىتى ›› نىڭ 2002 – يىل 12 – ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ).
(11)        لىن ياۋخۇانىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ‹‹ مىللەتشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمىي بايان ››، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستېتۇتى نەشىرياتى، 1990 – يىل خەنزۇچە نەشرى 292 – بەت.
(12)         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ ئائىلە ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2002 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1 – بەت
(13)         ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2002 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 283 – بەت.  
(14)         قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى ‹‹ بىزدە نېمە كەم ؟ ››، شىنجاڭ ‹‹ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى ››، 2002 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىكى سانى، ئۇيغۇرچە نەشرى.  
(17) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2002 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 68 – بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
(20) مەھمۇد قەشقىرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ››، بىرىنچى توم ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1980 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 567 – بەت.
(23) ئەنۋەر مەتسەيدى ‹‹ ئەجداد ھېكمىتى ۋە ئەۋلاد خىسلىتى ››، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 2003 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 34 – بەت.
(24) مۇھەممەت ئوسمان ھاجىم ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى ››، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 2003 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 12 – بەتكە قاراڭ.
(26) ئالان دۇندېس ‹‹ ئۆرپ – ئادەتنىڭ شەرھىيسى ››، گۇاڭشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى، 2005 – يىل خەنزۇچە نەشرى، 67 – بەت.

 2005 – يىل 11 – ئاي . ئۈرۈمچى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش