ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىللەت مىللەتتە بولامدۇ؟

ئىللەت مىللەتتە بولامدۇ؟

OUIGHUR_P1

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغانلىقىغا 115 يىل، قەتلى قىلىنغانلىقىغا  93 يىل بولغان دەملەردە مەرھۇمنىڭ مەتبۇئاتلاردا ۋە تورلاردا يېيىلغان ئەسەرلىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەڭ ئالقىشلىق ئەسەرلىرىدىن مىللەتنى تەپەككۇرغا چاقىرغان«ئويغان» ۋە مىللەتنى تەنقىدلىگەن «باردۇر» بار ئىكەن. ئويغىنىش چاقىرىقىنىڭ ئەبەدىيلىكىگە ھىچ بىر گۇمانىم يوق. چۈنكى ئىنساندا قەلبنىڭ بىخۇدلۇقى، روھنىڭ خامۇشلىقى، ئەقىلنىڭ مۈگدەپ قېلىشى تەكرار-تەكرار يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسىكەن. شۇڭىمىكىن مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن يېشى ئاتمىشقا يەتكەندە «ئارىفنامە» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ ئۆزىنىڭ قايتا ئويغانغانلىقىنى جاكارلارپتۇ.  ئەمدى ئۇيغۇرنىڭ «ئىللەت» لىرىنى پاش قىلغان «باردۇر» غا كەلسەك، بۇ شىئېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ئەڭ بۇرۇن رەسمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان شىئېرى ئىكەن. بۇ شىئېر 1947-يىلدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە  ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ تاكى بۈگۈنكى توربەت، ئۈندىدار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغىچە توختىماي تارقىتىلىپ كەپتۇ. ئا. ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ ماقالىلىرىدە مەزكۇر شىئېرنى تىلغا ئېلىشنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شىئېرلىرى ئىچىدە پەقەت مۇشۇ شىئېرنىڭلا ئىككى خىل خەنسۇچە تەرجىمىسى بار ئىكەن. بىر تەرجىمىدە ئەسلىدىكى ماۋزۇ ساقلانغان بولسا، يەنە بىر تەرجىمىدە «بىزنىڭ ئىللەتلىرىمىز» دەپ يېڭى ماۋزۇ قويۇلۇپتۇ. شۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە بۇ ماۋزۇ ئوقۇش ۋە ئالاقىدە كۆپرەك خەنسۇچە قوللىنىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا كەسكىن بىر مۇنازىرىگە سەۋەب بوپتۇ. مەن قاماقتىن چىققاندىن كېيىن بۇ تارتىشمىلاردىن خەۋەردار بولغان ئىدىم. خەنسۇچە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا، گاڭگىراشلىرىغا شاھىد بولغان، سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن ئىدىم.

خەنسۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇنازىرىنىڭ كوچىلارنى بىرونىۋىكلەر سوراۋاتقان چاغلارغا توغرا كېلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئويغان ئۇيغۇر»نى ئەمەس، «بىزنىڭ ئىللەتلىرىمىز» نى مۇنازىرە تېمىسى قىلغانلىقىمۇ دىققەتكە سازاۋەر. ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردىكى ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى پەسكويغا چۈشكەن، ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن بىر ھالەتتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر» سەرلەھىلىك بۇ شىئېرىنىڭ خەنسۇچە ۋە ئۇيغۇرچە قايتا باش كۆتۈرىشى، زاھىر بورھاننىڭ ئۈندىدار سالۇنىدا «بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىمىز» ماۋزۇسىدا يازمىلارنىڭ ئاۋامغا سۇنىلىشى  كىشىنى ئۇيغۇرنى ئىللەتلەشنىڭ يەنە قېتىملىق بىر ۋاباغا ئايلىنىشىدىن ئىسەنكىرىتىدۇ. چۈنكى باشلارغا مۇسۇبەت ياغقانلىقى، ئاياقلارنىڭ پالاكەتكە پاتقانلىقى، كۆزلەرنىڭ كۈلپەتتە ياشلانغانلىقى ئەمەلىيەت. تەبىئىيكى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى يۈكلەنگەن كىشىلەر بۇنداق چاغلاردا، « نە ئۈچۈن بىز بۇ بالاغا مۇپتىلا؟» دەپ ئويلاشقا، سەۋەپلەرنى سۈرۈشتۈرۈشكە، قارا باسقاندەك ئارامسىزلىنىشقا مەجبۇر. بۇ تۇيغۇ تىللاۋاتقان ۋە تىللىنىۋاتقانغا، تۇتۇۋاتقان ۋە تۇتۇلىۋاتقانغا، قىيناۋاتقان ۋە قىينىلىۋاتقانغا ئورتاق. ھەممە ئارامسىزلىققا مەھكۇم بونداق بۇرۇختۇرمىچىلىقتا بارلىق كېلىشمەسلىكنىڭ سەۋەپچىسىنى «بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىمىز» دەپ چۈشەندۈرۈش ۋەزىيەتكە، بىخەتەرلىككە ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن. چۈنكى كېسىلىۋاتقان ياغاچنىڭ ئاۋۋال كۆرەلەيدىغىنى ۋە ئەڭ نەپرەتلىنىدىغىنى بىسى يانغان پالتىلارنىڭ ياغاچ ساپلىرى.  شۇڭا ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە باغرىمىزدىكى قېرىنداشلاردىن ئاغرىنىمىز، «ياتنىڭ ياندىن، قېرىنداشنىڭ جاندىن ئۆتەر» دېگەن شۇ. شەخسى كىملىكنىڭ توختىماي تەكشۈرىلىشى نەتىجىسىدە كىشىلەر بۇنىڭغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئورتاق كىملىككە تېخىمۇ قاتتىق باغلىنىدۇ. شۇڭا قاماقتىن چىققاندىن كېيىن بىر خەنسۇ تونۇشۇمغا كەيپىياتىمنى سۆزلەپ بۇرۇنقىدىنمۇ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىكىمنى دېگەنىدىم. بىر ئۇيغۇر قانچە ئۇيغۇرلارشقانچە ئۇنىڭ شەخسى پىشكەللىكلىرى، ئازاپلىرى ۋە پۇشمانلىرىمۇ شۇنچە ئۇيغۇرلىشىدۇ. نەتىجىدە مېنىڭ ئىللىتىم «بىزنىڭ ئىللەتلىرىمىز» گە ئايلىنىپ شۇ ماۋزۇدىكى ئەسەلەر بوغۇزىمىزغا قاپلىشىپ قالغان ھىسلىرىمىزنىڭ ئىزھارىدەك تۇيۇلۇپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىدۇ.

تارىختا ئۆز مىللىتىدىن ئىللەت ئىزدەش خاھىشى ئۇيغۇرلاردىلا بولغان ئەمەس. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەملىكىچىلىك قىسمىتىگە دۇچار بولغان خەلقلەردە بۇنداق ھادىسىلەر ئورتاق ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن، خەنلەردە لۇشۇن باشلىغان ئىللەتچىلىك ئاجايىپ قارشى ئېلىنىپ بوياڭنىڭ قەلىمىدە «بەتبەشىرە جوڭگۇلۇقلار» ناملىق كىتابقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى جوڭگۇ جەمئىيىتىدە مەيلى لۇشۇننىڭ بولسۇن ياكى بوياڭنىڭ بولسۇن ئىللەتچىلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى ئالقىشتىن قالدى. ھەتتا لۇشۇننىڭ جوڭگۇلۇقلارنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلىرى دەرسلىكلەردىنمۇ پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن «تۈركلەرنىڭ يېرىمى ئاخماقتۇر» دەپ مۇنازىرىگە تۇتۇرۇق بولغانىكەن. ھازىر بۇ گەپلەرنى ھىچكىم مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى بۇنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «باردۇر” رادىپلىق مىللەت ئىللەتلەنگەن نەزمەنى يېزىشتىن بۇرۇنلا قازاق مۇتەپەككۇرى ئاباي قۇنانباي قازاقلارنى، تاتار شائىرى غابدۇللا تۇقاي تاتارلارنى ئەسەرلىرىدە قامچىلاپ بولغان. بۈگۈن قارايدىغان بولساق نە تاتارلار، نە قازاقلاردىن بۇ قامچىنى كۆتۈرۈپ قېرىنداشلىرىدىن بېشىدا دىۋەيلەپ تۇرغان بىرەر مۆتىۋەر يوق. پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قامچىسىلا ھېلىھەم ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ، زۇۋاندازلىرىنىڭ قولىدا. يۇقارقى مىساللاردىن قارايدىغان بولساق مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىنى ئۆزگەرتىدىغىنى مەۋجۇد رىياللىق. مەلۇمكى، تارىختا تەنقىدلەنگەن قېرىنداش قازاق، تۈرك ۋە تاتار خەلقلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن يوق، پەقەت ئۇلارنىڭ رىياللىقى ئۆزگەردى. مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇق ھالىتى ئۆزگەرسە، مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىمۇ ئۆزگىرەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىللەتلىك بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

مەيلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر» رادىپلىق شىئېرىدىكى «ئىللەتلەر» بولسۇن، ياكى ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئەختەم ئۆمەرلەر بايقىغان ۋە يازارمەنلەر داۋاملىق كەشىپ قىلىۋاتقان نۇقسانلار بولسۇن ھەممىسنىڭ پەندىكى ئىسمى ئىجتىمائى كەيپىيات ۋە ئىجتىمائى مەسىلە دېيىلىدۇ. بۇلار بىرخىل ئىجتىمائى تۈزۈمدىكى كىشىلەرگە ئورتاق مەسىلە بولۇپ ھىچ بىر مىللەتكە خاس ئەمەس. مەسىلەن،خوشامەتچىلىك، يالغانچىلىق، پارىخورلۇق، چېقىمچىلىق، كۆرەلمەسلىك، قۇلچىلىق…قاتارلىقلار ئوتتۇرا شەرقتىكى باغداتتىن شەرقى ئاسىيادىكى بېيجىڭغىچە، موسكۇۋادىن قاھىرەگىچە بولغان جەمئىيەتلەرگە ئورتاق ھادىسە ھىساپلانسا، ئوخشاشلا شەرقلىق سانىلىدىغان سىنگاپور، ياپۇنىيە، تەيۋەن، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئايرىم قىلمىش ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئالدىنقىسىدا كىشىلەر شۇ ئىللەتلىك كەيپىياتنى پەيدا قىلىدىغان مۇستەبىت، چىرىك ۋە كېسەل تۈزۈمدە ياشايدۇ. كېيىنكىسىدە كىشىلەر ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھىرلىنىدىغان ساغلام بىر جەمئىيەتتە ياشايدۇ. ئىنسان قانداق جەمئىيەتتە ياشىسا شۇنداق كەيپىياتقا گىرىپتار بولىدۇ ۋە شۇنداق ئىجتىمائىي مەسىلىگە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك مۇستەبىت تۈزۈمدە ۋە ئىللەتلىك جەمئىيەتتە ياخشى ئادەم ، پەزىلەتلىك كىشىلەر بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئۇنداق جەمئىيەتلەردىمۇ ياخشى ئادەملەر بولىدۇ، ئەمما ياخشىلىق ئومۇملاشمايدۇ. پەزىلەتلىك كىشىلەر بولىدۇ، ئەمما پەزىلەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ . مۇستەبىت ئەللەردىمۇ خەيىر ئىھسان بار، ئەمما خەيىرلىك نەتىجىگە سەۋەب بولىدىغانلىرى ئاز بولىدۇ. خەيىرلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلار بار، ئەمما كۈتۈلمىگەن خەتەردىن ئەنسىرەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، سەئۇدىلىق بايلارنىڭ يىلىغا نۇرغۇن ئۆشرە زاكات تارقىتىدىغىنى راست ئىكەن، ئەمما زاكات ئالغۇچىدىن ھىساپ ئالمايدىكەن. غەرپ ئەللىرى ۋە ياپۇنىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ساخاۋەت ئورگانلىرىمۇ يارىدەم تارقىتىدىكەن، ئەمما ئاۋۋال پىلان يوللاش تەلەپ قىلىنىپ، ئاخىرىدا چىقىم تەپسىلاتىنى بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرىدىكەن. ئىككىسى ئوخشاشلا يارىدەم بولسىمۇ بىرى ياخشىلىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، يەنە بىرى ھارامخور، پۇرسەتپەرەسلەرنى سەمرىتىدۇ. يەنە مەسىلەن، جۇڭگۇدا سوتقا چۈشكەنلەر نەق مەيداندىن گۇۋاھچى بولىدىغان ئادەم تاپالماي ئاۋارە بولىدىكەن، مۇستەبىت مۇسۇلمان ئەللىرىدىمۇ ئوخشاشلا «ئىشىڭ بولمىسا شاھىد بول» دەيدىغان گەپ مودا ئىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى، بىوروكىراتلىقى ۋە سۆرەلمىلىكى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق قىلغۇسى بولسىمۇ ئاۋارەچىلىكتىن قورقۇپ قۇلاق يوپۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ياخشىلىق ئومۇملاشمايدۇ.

ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ، شەخستە بولىدۇ.  بىر مىللەت ئىچىدىكى شەخسلەردىن مۇستەبىت تۈزۈم، ئىللەتلىك جەمئىيەت، بېقىندى ھالەت سەۋەبىدىن تۈرلۈك نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي كەيپىياتلاردىن يۇقۇملىنىدىغانلارمۇ ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى ئىمۇنىتقا ئېرىشىدىغانلارمۇ بولىدۇ. بۇنداق يۇقۇملىنىش ياكى ئىمۇنىت يېتىلدۈرۈش جەريانىنى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىلىشىشى دەيمىز. توپتىن ئايرىلالماسلىق پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ھەر بىر ئىنسان جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا دائىم پاسسىپ ھالدا ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىلىشىش جەريانى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىلا بولماستىن بەلكى رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش ۋە قارشى چىقىش جەريانى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئورتاق تىل، ئورتاق غۇرۇر ۋە  ئورتاق كەچمىشكە ئىگە ھەر قانداق مىللەت كىشىلىرى مەيلى قانداق جەمئىيەتتە ياشىسۇن پۈتۈنلەي ئىللەتلىك بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەجەللىك ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولغان بولسا مەۋجۇدلىقىنى داۋام قىلالمايدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان لوت قەۋمىنىڭ مىللەت بويىچە ئىللەتكە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبىدىن يوقالغانلىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش