• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟى

Eski-Uygurlarﺋﻪﺳﻘﻪﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ۋە ﯞﺍﮬﯩﺘﺠﺎﻥ ﻏوپۇر
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ «ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ» ﯞﻩ «ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ» ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ:

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍﺗﯘ ﺑﯘﺯﻟﯘﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺋﺎﺳﻜﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﺕ ﺗﺎﻍ ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ‹ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ› ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ‹ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋوغۇز›، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻳﻪﻧﻪ ‹ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﺭﻗﯘﻥ› ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺗﯚﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 120 ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ». («ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﺕ ﺗﻪﯞﺍﺭﯨﺦ» 2- ﺑﺎﺏ، ﺭﺍﺩﻟﻮﯞ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ) ﺩﯨﻦ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ «ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ»، «ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋوغۇز» ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 552- 745- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 745- 840- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ (ﻗﯘﺟﯘ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 860-1250- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 870- 1213- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1) ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ
ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ
ﻗﯘﺭﺗﺎﺭﻏﺎﺭ
ﺩﯦﺮﯦﻤﺎﺭ
ﺑﺎﻳﯩﺮﺳﯩﻖ
ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ
ﻗﺎﺳﺎﺭ
ﻗﯘﻻﺱ
ﺋﻮﯞﯗﻏﺎﺭ (ﻳﺎﻏﻤﺎ؟)
ﺳﺎﺑﺎﺭ (ﺳﺎﺭﻭﺭﻏﯘﺭ؟)

2) ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ
ﻗﯘﻥ
ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ
ﺗﻮﯕﺮﺍ
ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ
ﭼﻪﯞﯨﻚ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ
ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ – ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ تەڭرىتاغ، ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﻛﻰ، ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﺎ. ﻑ. ﻳﺎﻛﯘﺑﻮﯞﺳﻜﯩﻨﯩﯔ «9- 11- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻪﺯﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﺏ، ﭘﺎﺭﺱ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، «..ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ) ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﺮﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ماﻧﯩﺰﻡ ﻣﻪﮬﺰﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯞﯗﺭﺍ ﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ (ﺋﺎﻣﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ) ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﻪﺑﯘﻟﻐﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ «ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺩېھقاﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﭼﯜﺭﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﻝ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻗﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﭖ، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
11- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﮔﻪﺭﺩﯨﺰﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «ﺯﻩﻳﻨﯘﻝ ﺋﻪﺧﺒﺎﺭ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ: «… ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯧﯟﻩ – ﭼﯩﯟﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ، ﺋﺎﺭﭘﺎ، ﺑﯘﻏﺪﺍ، ﻗﻮﻧﺎﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﯜﺭﯛﻙ، ﺋﺎﻣﯘﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻟﯟﻩﻙ، ﺳﯘ ﺗﯧﮕﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ – ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺗﺎﺷﻼﺭ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﭼﯧﭙﯩﺶ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﯘ ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯩﺰﯨﺴﻠﯩﺮﻯ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top