ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » دىنىي ھايات » ئەزھەرنىڭ ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلىرى

ئەزھەرنىڭ ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلىرى

 

970-972, Cairo, Egypt --- The courtyard of Al-Azhar Mosque, the center of Al-Azhar University, the oldest university in Egypt. --- Image by © Barry Lewis/Corbis

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۈچ تۆرت ئاي بۇرۇن مىسىرغا ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان ئىككى ئىنىمىزگە مەسلەھەت بېرىمەن دەپ بىر غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولدۇم. شۇ سەۋەپلىك دىنىمىز ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ خاتا چۈشىنىلگەنلىكىدىن ھېلىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. چۈنكى سەمىمىي نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىش كۆزلەنگىنىدەك ياخشى نەتىجىگە سەۋەپ بولغىنى ئەۋزەل ئىدى. شۇندىن كېيىن بۇ ئەپسۇسلۇقتىن كېيىنكى ئويلار مېنى بوش قويمىدى. شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر يىغىلغان بىر يەر ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ تۈۋرىكىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدىغان بىر مۇنەۋۋەر سەپ ھەققىدە ھىچ نېمە ئويلىماسلىقىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گۈزەل دىنىمىزنىڭ خۇنۇك شەكىلدە ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىدىن ھەر ئۈمىدسىزلەنگىنىمدە، ئىستىقبالىمىزنىڭ مەشئەللىرى بولغان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ھەمىشە كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا بېرىپ ئاشۇ ئۈمىدلىك ئىلىم تەلەپكارلىرىنى، پىداكار ئۆلىمالارنى، مۆھتىرەم ئۇستازلارنى يوقلاش، شۇ كەسكىن ۋە ئۆم قوشۇننى كۆرۈپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر بۇرادېرىمگە خەۋەر قىلىپ قويدۇم. بىلەتنى ئېلىپ بولۇپ يەنە بىر ئۇستازغىمۇ تېلىفون قىلدىم. ئۇستاز قەتئىي كەلمەسلىكىمنى تاپىلىدى. سەۋەبى بىرى ھازىر ئىمتىھان مەزگىلى بولغاچقا تالىپلار بىلەن ئېچىلىپ پاراڭلاشقىلى بولمايدىكەن. يەنە بىرى بىر قىسىم بالىلار يۇرتلىرىدىن چاقىرتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇنى مېنىڭ يازمامدىن كۆرىدىكەن. (ماڭا بۇ ھەقتە خەتمۇ كەلگەن، دېيىشىچە مەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە يازغىنىم سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى دائىرىلەرگە ئاشكار بولۇپ قاپتۇ). ھېلىقى بۇرادەر خەۋىرىمدىن بەك مەمنۇن بولغان ئىدى. ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ بېرىشنى قارار قىلدىم. دوستلىرىم چاخچاق قىلىپ «تالىپلاردىن تاياق يەپ كەتمەڭلار يەنە» دېگەنمۇ بولدى. ئەڭ ئېزىلگىنىم مېنى «سەۋەبچى بولدى» دەپ قالغانلار بولدى. مۇشۇ كۈندىمۇ مىسىر بىلەن تۈزۈمدە سىرداش، ھەمكارلىقى كۈچلۈك بولغان، دىنغا پەۋقۇلاددە سەزگۈر بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئۇنۋېرىستىتتىكى ھالىدىن بىخەۋەر قالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن تالىپلاردىن ھەيران قالدىم. شۇلارنىڭ ئىچىدە مەكتەپلەردە ئوقۇپ چىگرا ئاتلىغىدەك، ماڭا تەسىرلىك خەت يازغىدەك ساپادىكى  بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. مۇشۇنداق بېشىمىزغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان مۇسۇبەتلەرنىڭ سەۋەپكارىنى دائىم ئۆزىمىزدىن ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىدىن كۆردىدىغان تەپەككۇر شەكلى مېنى مەيۈسلەندۈرەتتى.

مىسىرغا بېرىپلا ئەزھەرنى پۈتكۈزگەن ئۇستازلاردىن باشلاپ كۆرۈشۈپ چىقتىم. پاراڭلرىمىز كۆڭۈللۈك بولدى. بولۇپمۇ بىر ئۇستازنىڭ «ھەممە بالىلارنى قارى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق!» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  قايتىلىتىپ يازسام بولىدىغانلىقىغا ئىجازەت ئېلىۋالدىم. ئۇنىڭ تەجرىبىسىچە بالىلارنى قارىغۇلارچە قارى بولۇشقا زورلاش، قۇرئان يادالاشنى ئىلىمگە تەڭ قىلىۋېلىش، يادىلىتىشقا كۈچەپ مەنىسىنى سىڭدۈرۈشكە سەل قاراش خاتالىق ئىكەن.  ئۇ يەنە ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان بالىلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرچە ناتىلىقلىق ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەكىتلەپ، ۋەتەندىكى رەسمىي بولمىغان مائارىپتىمۇ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىڭ يوقلىقىدىن ھەسرەتلەندى. ئەرەب ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىياتقا ماھىرلىقى ئالدىدا بىزنىڭ ئۇيغۇر تالىپلارنىڭ بەكلا چېنىپ قالىدىغانلىقىدىن ئىچىندى. ئۇستازنىڭ ئەقىدە توغرىلىق ئالتە توملۇق كىتاپ يېزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ سۆيۈندۈم. ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى قايسى رىيال زۆرۈرىيەتكە جاۋاپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم. سۆھبىتىمىزدە ئەزھەرنىڭ ئوقۇتۇشى ھەققىدە بىر تەھلىل، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە بىر لايىھە، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىز ھەققىدە بىر ئەندىشە كۆرۈلمىدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى زەرەتلەيدىغان، مەنىۋىي ئىھتىاجىنى قامدايدىغان، ئىنتىرنېت دەۋرىگە ماس كېلىدىغان بىر ھىدايەت كۆزنىكىگە تۇتۇش قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسۇمغا ئۇستاز نېمە ئۈچۈندۇر سۈكۈت قىلدى.

كىتابنى كۆپ ئوقۇغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئۇستازنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ «ھازىرقى مۇستەبىتكە قارشى نامايىشتا مۇشۇ يوللاردا 3،800دىن ئارتۇق ئادەم قەتلى قىلىندى، ھەقىقەت قوغۇداشقا مۇھتاجكەن» دېگىنى ئېسىمدە. شۇئان كۆڭلۈمگە «توغرا، ئۇلار تەلەيلىك مەرھۇملاركەن. دۇنيانىڭ يەنە شۇنداق بۇلۇڭلىرى باركى زادى قانچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، قانچىسىنىڭ قىيناقتا ئىكەنلىكىدىن جاھان ئەھلى بىخەۋەر. مىسىرلىقلار قىرغىنغا ئۇچرىغاندا ئەلجەزىرە خەۋەر قىلىدۇ. قاھىرەلىكلەرنىڭ قۇربانلىقلىرى مىسىردىكى تورلاردا ھېلىمۇ ئاشكارە، نامايىشچىلار پاناھلانغان جامەگە ئوت ئېچىلماي ساق تۇرۇپتۇ، بۇنداق پۇرسەت نىسىپ بولمىغان شورلۇق مىللەتمۇ بارغۇ» دېگەنلەر كەچتى. بۇ ئۇستازنىڭ غەيرىتىدىن تېخىمۇ ئىپتىخارلاندىم. پەرزەنت، تىجارەت، ئەخلاق قاتارلىق تېمىلاردا بىر يۈرۈش دەستۇر يېزىش ئالدىدا ئىكەن. بىر پارچە زور ھەجىملىك ئىسلامىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بوپتۇ. قۇرئانىمىزنى مۇكەممەل ۋە ئۆزگىچە تەپسىر قىلىپ چىقىشنى پىلان قىپتۇ. ماڭا تېخىمۇ ئۆزگىچە تۇيۇلغىنى ئۇنىڭ بىر يۈرۈش سودا پىلانلىرى ۋە مەبلەغچىلىك ئىددىيىسى بولدى. بۇ ئۇستازنىڭ «دۇنيادا مىللەت دېگەن گەپ يوق، پەقەت تۇيغۇن، دولقۇن، تۈرگۈن بار، مۇشۇنداق ھەر بىرىمىزنى سۆيسەڭ مىللەتنى سۆيگەن بولىسەن، مەن مۇشۇ كۈنگىچە دۈشمەن ئۇيغۇر كۆرۈپ باقمىدىم، سىلەرمۇ ئاراڭلاردىن ئىزدىمەڭلار!» دەپ تەبلىق قىلغانلىقى ماڭا بەك تەسىرلىك تۇيۇلدى.

مىسىردىكى بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىن ئەزھەرگە ھەرخىل باھا بەرگەنلەر بار. ئارىسىدا مەدھىيەمۇ، تەنقىدمۇ، پىكىرسىزلىكمۇ مەۋجۇد. مەسىلە بار دەپ قارايدىغانلارنىڭ كۆپرەكى ۋەتەندە ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولغانلار، كۆپرەك كىتاپ ئوقۇغانلار، مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەنلەر ئىكەن. ھەممىدىن بىر قانچەيلەننىڭ «ئەزھەرنىڭ بەزى فاكۇلتىتلىرىدا بىر سىنىپقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى يىگىرمە مىڭدىن ئاشىدۇ!، تولۇق كۇرۇس ئەمەس ئاسپىرانتلارغىمۇ سىنىپ يېتىشمەيدۇ، نېمە ئۇ تاپشۇرۇق، ماقالە، دەرسخانىدىكى مۇنازىرە دېگەن!» دېگىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يەنە بىرەيلەننىڭ «مىسىر دېگەن بىر ئاسارە ئەتىقە دۆلىتىكەن. ئەزھەرمۇ بىر بۇرۇنقى مائارىپىنىڭ تەكچىدىكى تەۋەرۈكىكەن. دەرسخانىدىمۇ ساپلا مىڭ يىل، نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئاسارە ئەتىقە كىتابلىرىنى ئۆگىتىدىكەن» دېگىنىمۇ قىزىقارلىق. بۇندىن باشقا ئەزھەرنىڭ دۇنيادىكى تەڭداشسىز ئورنىنى مەدھىيەلىگەنلەر، يۈسۈپ قەرزاۋىينىڭ ئەزھەرنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلەر، ئەزھەر شەيخىنىڭ قىرغىنچىلىققا پەتىۋا بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنغانلار، ئەزھەردىكى بەزى ئۇستازلارنىڭ چېكىدىغانلىقىدىن غەشلەنگەنلەر…ئىشقىلىپ، ھەركىم ھەر نېمە دېدى.

بىر ئۇستازنىڭ «ئەزھەردە ئوقۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىرىماس قىلىپ قويدى، بالىلارنىڭ ئەزھەرگە كېلىپ ئەڭ ئاۋۋال ئۆگىنىدىغىنى تاقەت، چۈنكى مىسىردا ئادەمنى جىددىيلىككە ئۈندەيدىغان بىر كەيپىيات يوق» دېگىنى تەئەججۈپلۈك تۇيۇلدى. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىراقلا ئىمتىھانلا ئېلىنىپ سىناق ئېلىنمايدىغان، يوقلىما قىلىنمايدىغان، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىدىن سوراپ بىلىۋېلىشكە ئىمكان بولمايدىغان ئوقۇتۇشتىن سەل نارازىلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ بىرقىسىم بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا مۇنۇ شىئېر يېزىلغانىكەن:

روھى ئۆلگەن ئەزھەردە قالغان ئىمتىھان،

ئىمتىھاننىڭ سۈرىدىن قىينىلار بۇ جان.

دېمەك، بۇنداق ئىمتىھانغىلا باغلانغان ئوقۇتۇشتىن مەيۈسلەرمۇ بار. مەسىلە بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقىنى يالغۇز ئۇيغۇر بالىلارلا ئەمەس. بۈگۈنكى غەرپ دۇنياسىدا تەسىرى كۈچلۈك سانىلىدىغان ئالىملارنىڭ ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئالىملارنىڭ ئەزھەر ھەققىدىكى تەنقىدلىرى ئاز ئەمەسكەن، ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرى تېخىمۇ كونكىرىتكەن. مەسىلەن ئامېرىكىدىكى ئۆلىما ياسىر قازى «مەدىنە، ئەزھەر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىنسىزلىق دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە دەرس بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەرسلىرىدە سۆزلىنىدىغىنى بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ياكى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن، ئىسلامدا تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەر» دەپ سۆزلەپتۇ. بىر دوكتۇرنىڭ يازماقچى بولغان «ئەزھەر شۇنداق بولۇشى كېرەك» ياكى «ئەزھەردىكى ئون يىلىم» دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنسا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇستازنىڭ نەزىرىدىكى ئەزھەر مۇكەممەلرەك سۈرەتلىنىشى مۇمكىن.

ئەزھەردە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە نائېنىق. بەزىلەر مىڭدىن ئاشىدۇ، دەيدۇ. بەزىلەر ئىككى مىڭدىن ئاشىدۇ دەيدۇ. بىر تۇڭگان ئۇيغۇر قوشولۇپ ئىككى ئۈچ- مىڭ دەيدۇ. ئىشقىلىپ ھەر قېتىم ئەزھەرگە بارغىنىمدا ئۇيغۇر بالىلارنى كۆردۈم. ئاللاھ ئىنسانغا شۇنداق بىر ئىقتىدارنى ئاتا قىلغان بولۇپ مىڭلىغان چىرايلاردىن ئۆزىنىڭ مىللىتىگە خاس چىراينى ئەڭ باشتا بايقىۋالىدۇ، مىليۈنلىغان ئاۋازلار ئىچىدىن ئۆز مىللىتنىڭ ساداسىنى ئەڭ بۇرۇن پەرقلەندۈرىدۇ. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن كۆزۈمگە ئۇيغۇر بالىلار جىق كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. مەكتەپنىڭ ئېنگىلىزچە تور بېتىگە قارىسام سەھىپىلەر ئاساسەن قۇرۇق، تېخى ياسىلىۋېتىپتۇ. خەت يېزىپ سوراپ باقاي دەپ ئالاقە كۆزنىكىنى ئاچساممۇ قۇرۇق. ئەزھەرگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلچىخانىسىدىن چوقۇم خەت ئېلىشى شەرت بولغىنىدىن قارىغاندا قاھىرەدىكى جوڭگۇ ئەلچىخانىسىدىكىلەر ساننى ئېنىق بىلىشى مۇمكىن. ئەمما ساننىڭ ئاز كۆپلۈكى موھىم ئەمەس. موھىمى ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تولۇقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنى، پۇلپەزلىك پىرىنسىپ بولغان جەمئىيەتتە كىملىكىنى يوقاتماي ئوكيان ئاتلاپ ئاللاھ نازىل قىلغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئىرادە باغلىغىنىدۇر. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەرچە ساندا پەۋقۇلاددە ئاز بولسىمۇ ئەزھەرنىڭ پارلاق دەۋرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەزھەرنى قايىل قىلغان دەۋرلىرى بولغان. ئابدۇلئەزىز چىگىزخان داموللام، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قاتارلىق ئالىملىرىمىز شۇلاردىندۇر. چىڭگىزخان داموللام ئەرەبچە يازغان ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئەسەر مۇشۇ كۈنگىچە تۇنجىلىق تەختىدىن چۈشكىنى يوق.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش