• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » گېرمانلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىرى

گېرمانلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىرى

Germansئەليۈكسەل
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
يېقىنقى نەچچە ئون يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلاردا ئۆزگىرىش زور بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرمۇ بار، ۋە سەلبىي ئۆزگىرىشلەرمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرىلەشمۇ ۋە چېكىنىشمۇ بولدى. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مىللىي خاراكتېرلىرى ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن توغرا تىرىشىش نىشانلىرىنى بەلگىلەشتە چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئاجىزلىقلىرىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش. مەزكۇر يازمىدا مەن گېرمانلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئومۇمىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. مەن بايان قىلىدىغان مەزمۇنلار غەربتە نەشر قىلىنغان بىر پارچە قوللانمىغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار بولۇپ، ئۇلار ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ [1]. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، قوللانغان ئۆلچەمنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن گېرمانلارغا ئائىت بىر نەرسە ئۇلارنىڭ ئىجابىي خاراكتېرى بولالىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئوخشاش بىر نەرسە يەنە ئۇلارغا ئائىت سەلبىي قېلىپلاشتۇرۇش بولالىشىمۇ مۇمكىن. يەنى، بىر نەرسىگە باھا بېرىشتە قوللىنىلغان ئۆلچەم ناھايىتى مۇھىم.
ئەمدى مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

1. يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيىسى

كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گېرمانلار تارىختىن بۇيان ناھايىتى ئېسىل نەرسىلەرنى ياسايدىغان ۋە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى يارىتىدىغان كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ كەلدى. كىچىكرەك دائىرە بويىچە قارىغاندا، ئىندىۋىدۇئال گېرمانلار يەر شارىدىكى ئەڭ قاتتىق ئىشلەيدىغان كىشىلەر قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا بىر يازغۇچى گېرمانلارنىڭ مۇشۇنداق خاراكتېرىنىڭ بىر سەلبىي ئاقىۋىتىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «گېرمانلار ساراڭدەك ئىشلەيدۇ. ئۇلار تۇرمۇشتىن قانداق ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيدۇ.» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانلارنىڭ ھەربىي ئاكوپلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىر قىسىم ئاكوپلارغا تور مىلەڭزە تارتىلغانلىقىنى، گىلەم سېلىنغانلىقىنى، نەقىش تاختىسى ئېسىلغانلىقىنى، ۋە ئۈستەللەرگە گۈل قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن. بىر قىسىم گېرمان ئارمىيە لاگېرلىرىدا گۈللۈكلەر ياسىلىپ، گۈل باغلىرى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە توشقانلار بېقىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئەسىرگە ئېلىنغان گېرمان ئەسكەرلىرى تۈرمىدە ياغاچتىن كىچىك پويىزلارنى ياسىغان. گېرمانلارنىڭ ئىجتىھاتلىق ۋە ئىجادكار بولۇشتا داڭقى بار.

گېرمانلار زادىلا جىم تۇرماي، داۋاملىق بىر ئىشلارنى قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئالدىراش ياشايدۇ. ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقان جايىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ھەربىي كىيىملىرىنى ياماش، ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش، ۋە خەت يېزىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن.

2. ئۈزۈل-كېسىللىك

گېرمانلارنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «ئەگەر بىر ئىش قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، ئۇ ئىش توغرا قىلىشقا ئەرزىيدۇ.» گېرمانلار ھەرگىزمۇ بىر ئىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويمايدۇ. ئۇلار تەشكىللەش ۋە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، ھەممە ئىشنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىدۇ. بۇ خاراكتېرنىڭ سەلبىي تەرىپى، ئۇلار ھەممە ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ، ھەمدە باشقىلارنى ياراتمايدۇ. بۇ گېرمان ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ تەسۋىرلىنىدىغان «ئەڭ مۇكەممەل» ھېسابلىنىدىغان خاراكتېردۇر.

3. تەرتىپلىك

گېرمانلارنىڭ يەنە بىر سۆزى بار: «تەرتىپ بولمىسا، قەتئىي بولمايدۇ!» گېرمانلار ناھايىتى رەتلىك ۋە پاكىز كېلىدۇ. ھەممە ئىشنى قائىدە بويىچە قىلىدۇ. ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىدۇ. پويىزمۇ زادىلا كېچىكىپ قالمايدۇ. يىغىنغا كېچىكىپ قالغان كىشىنى ئەيىبلەپ تويغۇزۇۋېتىدۇ.

4. سەمىمىيلىك

گېرمانلار سەمىمىيەتلىكتە ئۆزلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغان بولۇپ، دېگىنىنى چوقۇم قىلىدۇ. ئادولف گىتلېرمۇ ئۆزىنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىنى يازغاندا، ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى دۇنياغا ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىغان. گېرمانلارنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «بىر گېرمان ئۆزى ئىشەنمىگەن ئىش ھەققىدە ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ.» گېرمانلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى «كۆك كۆزلۈكلەرنىڭ ھەممە ئىشتا مېنىڭ راست دېيىشى»، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدۇ.

بۇ جەھەتتە گېرمان ئەسكەرلىرىگە چىقىرىلغان چاقىرىق مۇنداق: سىز بىر ئىندىۋىدۇئال ياكى بىر گۇرۇپپا شەكلىدە باشقىلارغا بىر ئىشنى قىلىپ بېرىمەن، دېگەن بولسىڭىز، سىز چوقۇم گېپىڭىزدە تۇرۇڭ. باشقىلارغا سەمىمىي بولۇڭ.

5. ساداقەتلىك

بۇ گېرمانلارنىڭ ئۆز-ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىش دەرىجىسىگىچە يېتىلدۈرگەن خاراكتېرلىرىنىڭ بىرى. گېرمانلارنىڭ گىتلېرغا بولغان ساداقەتمەنلىكى گېرمانىيەنىڭ 1940-يىللىرى تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىگە ۋە گىتلېرنىڭ كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ گۆرگە بالدۇر سەپەر قىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. گېرماننىڭ «Germanic SS» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالاھىدە قىسمىنىڭ مۇنداق بىر شوئارى بار بولغان: «مېنىڭ ساداقەتمەنلىكىم مېنىڭ شان-شەرىپىم». ئۆزى تەۋە تەشكىلاتقا، ئائىلىسىگە، ۋەتىنىگە ۋە سەپداشلىرىغا بولغان سادىقلىق بارلىق گېرمانلارنى تەبىئىي ئەسكەرلەرگە ئايلاندۇرغان. ئەمما، تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە گېرمانلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى بىر سەلبىي قۇتۇپقىچە، يەنى چوقۇنغۇچىلار مىللەتپەرۋەرلىكىگىچە تەرەققىي قىلغان. گېرمانلار ئاشۇنداق ساداقەتمەنلىكنى ئۆزىنىڭ جاھىللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىزنىڭ نېمە دېيىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلىرىنى ۋە گېرمانىيەنى باشقىلاردىن ۋە باشقا ئەللەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ.

بۇ جەھەتتە گېرمان ئەسكەرلىرىگە چىقىرىلغان چاقىرىق مۇنداق: سەپداشلىقنى مەشىق قىلىڭ. ئۆز تەشكىلاتىڭىزدىكى باشقا ئەزالارغا ۋە تەشكىلاتىڭىزغا ياردەم قىلىڭ. تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئۆز ئەزالىرىغا ياردەم قىلىدىغان شەكىلدە تۈزۈلۈشى كېرەك.

6. ناخشا

گېرمانلار گۇرۇپپا ناخشىسى ئېيتىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن گۇرۇپپا ناخشىسى ئېيتىش ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ھېسابلىنىدۇ. 1940-يىللىرىدىكى گېرمان ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن ناخشا ئېيتماسلىق ئىرادىسى سۇس بولۇش بولۇپ ھېسابلانغان. گېرمانلار ئۈچۈن ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ناخشىسىنى ئېيتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناخشىنى قانچە كۆپ ئادەم ئېيتسا، شۇنچە ياخشى، دەپ قارىلىدۇ.

7. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيە

گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقى جەزملىشىپ بولغان بىر ۋاقىتتا، «لاندسېر» (Landser) ئىسىملىك بىر كوماندىر ئۇرۇش قىلىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا مۇنداق 3 نەرسە سەۋەب بولغان: (1) ئۇنىڭ مەدەنىيىتى-سەمىمىي ۋە ساداقەتمەن بولۇش، (2) قارىغۇلارچە ئېتىقاد، ۋە (3) ئۈمىدۋارلىق. بۇنىڭغا يەنە بىر ئامىلنى قوشۇش مۇمكىن: ئۇنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قانۇنىي تۈزۈمىدىن قورققانلىقى. گەرچە ئادەتتىكى گېرمان ئەسكەرلىرى تولۇق غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لاندسېر ئۆزلىرىگە پايدىلىق بىر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. گېرمان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ ھاياتى بولۇپ، ھەر خىل سىستېمىلارنىڭ ئىشلەشتىن توختىمىغانلىقى ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ ھېسابلانغان. شۇڭلاشقا ئۇلار ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا پەرۋا قىلمىغان.

8. تەبىئەتنى ياخشى كۆرۈش

گېرمانلار تەبىئەت ۋە ھايۋاناتلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانلار ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ بەزىلەر بېرلىننىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىكى نانلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆيىگە يېقىن كۆللەردىكى غازلارغا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. گېرمانلارنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئۆي ھايۋانلىرىنى قانداق داۋالاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئادەمنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

9. سىنىپ ئايرىش

بۇ ئۆرپ-ئادەت كىشىنى ئۇنچىۋالا سۆيۈندۈرمەيدىغان بولۇپ، ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ كۈچلۈك دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بۇ ئادەتنىڭ دەرىجىسى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ناتسىستلار «پەقەت بىرلا سىنىپ مەۋجۇت» دېگەننى كۈچەپ تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى گېرمان ئارمىيىلىرى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان.

10. ئەدەپلىك بولۇش

ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا ياۋروپالىقلار كۆپ ئەدەپلىك كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانلارمۇ بار. گېرمان تىلىدا ئەدەپنى ئىپادىلەيدىغان مېخانىزم بار. مەسىلەن، رەسمىي سورۇنلاردا 2-شەخس ئۈچۈن «سىز» نى ئىشلىتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يېقىن دوستلارنى چاقىرىش ئۈچۈن «سەن» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. بالىلار، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ھايۋاناتلارغا بولسا «دۇ» دېگەن يەنە بىر سۆزنى ئىشلىتىدۇ. گېرمانلار باشقىلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە باشقىلارنى قارشى ئېلىشنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، ئۆيگە كەلگەن مېھمانلار بىلەن ئىشىكتىن كىرگىچە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆيدىن ئۇزاتقاندا يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خوشلىشىدۇ. بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلار بۇ ئادەتكە بىر ئاز نارازىمۇ بولۇپ باققان.

11. تاماكا چېكىش

تاماكا چەككەندە ئامېرىكىلىقلار ئۇنى بىگىز بارماق (كۆرسەتكۈچ بارماق) بىلەن ئوتتۇرا بارماقتا تۇتىدۇ. گېرمانلار ئۈچۈن تاماكا تۇتۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئۇنى باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقتا تۇتۇش (تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە قاراڭ).

1-رەسىم: گېرمانلارنىڭ تاماكا تۇتۇش ئۇسۇلى.

11. يۈرۈش-تۇرۇش

گېرمانلار يۈرۈش-تۇرۇشقا قاتتىق دىققەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۆرە تۇرغاندا تىك تۇرىدۇ. ھەرگىز ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش ئىككى قولىنى ئىشتان يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ تۇرمايدۇ.

12. سېغىز چايناش

گېرمانلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ داۋاملىق سېغىز چاينىۋېلىشىنى ياخشى كۆرمەي، بەزىدە «قارا ئاۋۇ ئامېرىكىلىقلارنى، خۇددى كالىغا ئوخشاش داۋاملىق سېغىز چاينايدىكەن»، دەپ، نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارنى تىللايدىغان سۆزلىرىنىڭ بىرى «سېغىز چاينىما!» دېگەن سۆزدۇر.

13. توي ئۈزۈكى

ئامېرىكىلىقلار توي ئۈزۈكىنى سول قولغا سالىدۇ. گېرمانلار بولسا توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلەر ئۈزۈكنى سول قولغا سېلىپ، توي قىلغانلار بولسا ئۈزۈكنى ئوڭ قولغا سالىدۇ.

14. تاماق يېيىش

گېرمانلار ۋە باشقا ياۋروپالىقلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋىلكىنى سول قولدا دۈم كۆمتۈرۈلگەن ھالەتتە تۇتۇپ، ئوڭ قولدا بولسا پىچاق، قوشۇق ياكى بىر پارچە ناننى تۇتىدۇ.

بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان رەسمىي مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئەگەر گېرمانلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئەھۋالىنى تورلارغا بۇرۇن يوللانغان ماقالىلەر [2,3] دىكى ياپونلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، بۇ ئىككى مىللەتتە كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە ياپونلار بىلەن گېرمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن-مۇددەتلىك تارىخىي دوستلۇق مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ بىرلىشىۋالغان ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئىككى مىللەت ھازىرمۇ ئىقتىساد، ئىنژېنېرلىق ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىرى ياۋروپادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىرى ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.

مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىختا ئۆز مىللىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن بىر-بىرىگە بولغان سەمىمىيەتلىكى بىر خىل ئېتىقاد دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلگەن، پۈتۈن مىللەت ئىنتايىن كۈچلۈك مىللىي ئىپتىخارلىققا ئىگە ھالدا ياشىغان دەۋرلىرى مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئاشۇ دەۋرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرلىرىگە توغرا كەلگەن.

مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەرگە بىلىمخۇمار بۇرۇن تورلاردا ئېلان قىلغان «گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى» دېگەن ماقالىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

پايدىلىنىش مەنبەسى:
[1] By Eric Tobey, edited by Jonathan Bocek: «Mannerisms & Cultural Traits of Germans in General»
[2] بىلىمخۇمار: «ياپونلۇقلارنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە تەبىئىي خاراكتېرى»
[3] بىلىمخۇمار: «ياپونلۇقلارنىڭ مىللىي روھى»
[4] بىلىمخۇمار: «گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top