سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئالدىغا قاراپ مەغلۇپ بولۇش

ئالدىغا قاراپ مەغلۇپ بولۇش

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

What-can-we-learn-from-others-success-stories1

ئەليۈكسەل

 

بالىلىرىمىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلارغا مەغلۇپ بولۇشنى ئۆگىتىش.
ئەگەر بىز تۇنجى قېتىم سىنىشىمىزدىلا ئۆزىمىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشىشنى «مۇۋەپپەقىيەت»، قالغان ئەھۋاللارنى بولسا «مەغلۇبىيەت»، دەپ ھېسابلايدىكەنمىز، بىز ھەممىمىزنىڭ مەغلۇپ بولغان ۋاقتىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقتىمىزدىن جىق كۆپ بولىدۇ.
قاتتىق تىرىشىپ مەغلۇپ بولۇش ئاساسىدا يۇقىرىغا ئۆرلىگەن كىشىلەر كۆپرەك ۋە يۇقىرىراق دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار مەغلۇبىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە تېخىمۇ چىداملىق بولىدۇ.

uu3_michael.jpg.thumb
(رەسىم: ھېچ كىم ھەممە ئىشنى قىلالمايدۇ، ئەمما ھەر بىر ئادەم مەلۇم ئىشلارنى قىلالايدۇ. سىز ئۆزىڭىز قىلالىغان ئىشلارنى قىلىۋاتامسىز؟ دۇنيا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا موھتاج)
مەغلۇبىيەت ئاساسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئامېرىكىلىق ئىككى نەپەر ئۇلۇغ كەشپىياتچىلار بار. ئۇلارنىڭ بىرى تورداشلارغا ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان توماس ئېدىسون بولۇپ، يەنە بىرى بولسا 1920 – 1947-يىللىرى «General Motor» شىركىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان چارلس كەتتېرىڭ.
ئېدىسون داۋاملىق «مۇۋەپپەقىيەت يولىدا مەغلۇپ بولدۇم» دەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم بىر يېڭى نەرسىنى سىناپ، سىنىغان نەرسىسى ئىشلىمىسە، «ئىشلىمەيدىغان نەرسىدىن بىرىنى بايقاپ، ئىشلەيدىغان نەرسىنى تېپىشقا بىر قەدەم يېقىنلاشتىم»، دەپ ئويلايتتى.
كەتتېرىڭ بولسا «ئالدىغا قاراپ مەغلۇپ بولۇش» نى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ، خاتا قىلىنغان ھەر بىر ئىشنى «پراكتىكا سىنىقى» دەپ ئاتايتتى.
بۇ ئىككى زاتنىڭ ئورتاق ئارتۇقچىلىقى، ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە مەغلۇپ بولغان تىرىشچانلىقلار ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىستراتېگىيە قايتا-قايتا سىناق قىلىش بولۇپ، ئۇلار «مەغلۇپ بولۇش» دېگەن قاراشنى زادىلا قوبۇل قىلمىغان. ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق «IBM» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توماس ۋاتسون ھەتتا «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلى مەغلۇپ بولۇش نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈش» دېگەن.
ئەلۋەتتە بىز مەغلۇپ بولۇشنى ئارزۇ قىلمايمىز، ئەمما بىز مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنالمايمىز. ھەمدە مۇۋاپىق پوزىتسىيە تۇتۇش ئارقىلىق بىز مەغلۇبىيەتنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق نەرسىگە ئايلاندۇرالايمىز.
مەغلۇبىيەتتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى خەتەرلەردىن ۋە قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بولۇپ، ئۇنداق قىلىش ھەقىقىي مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىناپ باقمايدىكەنسىز، سىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.
سىزنىڭ نىشانىڭىز بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر ئىشنى قىلىش، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك ياكى كەسپىي ئىقتىدارلىرىنى ياخشىلاش بولۇشى مۇمكىن. سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى، ئوڭۇشلۇق بولمىغان سەرگۈزەشتلەرنى سىزنىڭ ئالدىڭىزنى توسۇۋالىدىغان بىر يوغان تاشتىن سىز يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە دەسسەپ ئېگىزلەيدىغان پەلەمپەي تاشلارغا ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئىبارەت.
ئوڭۇشسىزلىقنى پايدىغا ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ئادەمدىن مۇنداق 3 خىل ئىقتىدار بار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ: ئىجابىي كۆزقاراش تىكلەش، كۆپ ئەسلەش ۋە ئويلىنىش، ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.

بىرىنچىدىن، كەشپىياتچىلاردىن ئۆگىنىڭ. بىرەر مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا، ھەرگىز ئۇنى «ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ» دەپ ئويلىماڭ. ئوڭۇشسىزلىق ئىرادىڭىزنى بوشاتمىسۇن، ياكى سىزنى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ۋاز كەچكۈزمىسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەغلۇبىيەت بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر ئادەم ئەمەس. پەقەت ئۆزىڭىزنى بىر مەغلۇپ بولغۇچى ھېسابلىمىسىڭىزلا، سىز قايتا-قايتىلاپ دۇچ كەلگەن مەغلۇبىيەتلەر سىزنى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ. سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلار ئۈستىدە قانداق تەپەككۇر قىلىشىڭىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ: ئۇ ھەم سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى كۈچەيتەلەيدۇ، ھەم ئىرادىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ.

ئىككىنچىدىن، بۇرۇن ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. ئەگەر بۇرۇنقى ئىشلاردىن تەجرىبە-ساۋاق توپلىمايدىكەنسىز، بۇرۇن يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئىسراپ قىلىۋېتىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئىش-ھەرىكەتلىرى، پوزىتسىيىلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى قايتا-قايتا ئەسلەڭ ۋە ئۇلار ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئۇلاردىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەپ، ئىگىلىگەن بىلىملەردىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشچانلىقلار ئۈچۈن يېتەكچى ئىدىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىڭ.

ئۈچىنچىدىن، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ. قايتا-قايتا سىناپ، بارغانسېرى ئاقىلانە ئىش قىلىدىغان بولۇپ مېڭىڭ.

شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش جەريانىدىن ھۇزۇرلىنىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياكى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدىكى بىرەر ئۆزگىرىشنى نىشان قىلىپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىز ياراتقان بىر قىممەتلىك تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

توققۇز داڭلىقلارنىڭ «مەغلۇبىيەت» ھەققىدە ئېيتقانلىرى

تۆۋەندىكىسى ئامېرىكىدىكى 9 نەپەر داڭلىق زاتلارنىڭ خارۋارد ۋە ستانفورد قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن ئېلىنغان سۆز-ئۈزۈندىلەر:

–سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى تاپمىسىڭىز بولمايدۇ.  بۇ خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت جۆرىڭىزنى تاپقان بىلەن ئوخشاش. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ھاياتىڭىزنىڭ ناھايىتى چوڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.  شۇڭا ئۆز-ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تۈردە قانائەتلەندۈرۈشنىڭ بىردىن-بىر  ئۇسۇلى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ ھېسابلىنىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش.  قىلىدىغان ئىشىڭىزنى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ھەقىقىي تۈردە ياقتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئىشنى تېخىچە تېپىپ بولالمىغان بولسىڭىز، ئۇنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.  ھەمدە ئۇنى تاپمىغىچە توختاپ قالماڭ. ئۇنى تاپقان-تاپمىغانلىقىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز بىلەلەيسىز—كۆڭۈلگە تەۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. (Steve Job, 2005)

–سىز بەزىدە دۆتلۈك قىلىسىز. بەزىدە ئاتا-ئانىڭىزنى ئەنسىرىتىسىز—مەنمۇ شۇنداق قىلغان. سىز ئۆز تاللاشلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىسىز.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن، خىزمىتىڭىزدىن، ۋە ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان ماكان ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دوستلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىسىز. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، يۇقىرىدىكىدەك ئىشلارغا ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك.  ئۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋاللار.  (Ira Glass، 2012)

–سىز ھاياتىڭىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا مەغلۇپ بولىسىز.  سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايسىز.  ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىسىز.  بۇنىڭدا ھېچ قانداق شەك يوق.  ئۇنى قوبۇل قىلىڭ.  ئەگەر سىز مەغلۇپ بولمايدىكەنسىز، ئۇ سىزنىڭ تېخىچە بىر ئىشنى قىلىشنى سىناپ باقمىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.  مەغلۇپ بولۇش بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ.  (Danzel Washington، 2011)
–سىز ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراش ئارقىلىق تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىسىز.  سىز ئاشۇنداق جەريانلار ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەر بىلەن كېيىنكى ھاياتىڭىزدا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقنى بىر خىل كاپالەتكە ئىگە قىلىسىز.  ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەيسىز.  ئاشۇنداق بىلىملەر سىز ئۈچۈن بىباھا سوۋغات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  (J. K. Rowling، 2008)

–«مەغلۇبىيەت» دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.  مەغلۇبىيەت بىزنى باشقا بىر يۆنىلىشكە باشلايدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇمۇ ھاياتنىڭ بىر قىسمى.  ھەر بىر خاتالىقتىن بىلىم ئېلىڭ.  ئاندىن سىز ئۈچۈن كېيىنكى توغرا يۆنىلىشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ.  (Oprah Winfrey، 2013)
–بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز ئۆزىمىزدىكى ئىدىلوگىيىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىمىزنى، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلاردىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما سىز ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىكەنسىز، سىز «مەغلۇبىيەت» دەپ ھېسابلىغان نەرسە ئۆز-ئۆزىڭىزنى يېڭىدىن بايقاشتىكى يادرولۇق نەرسىگە ئايلىنىدۇ.   (Conan O’Brien، 2011)

–سىز دۇنيانى ئۆز ئۆلچەملىرىڭىز بويىچە ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ.  ئۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس.  مەن بىلەن ئوخشاش دەۋرنىڭ كىشىلىرى سىزگە بىر قىسىم ئىشلارنى «قىلغىلى بولمايدۇ»، دەيدۇ.  بۇنىڭغا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.  ئۇ ئىشلارنى مېنىڭ يېشىمدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن قىلالمىغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار.  ئەمما سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار بىزنىڭ دېگىنىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش.  (Stephen Colbert، 2015)
–ئۇ ئىشلارنى سىز يالغۇز قىلالمايسىز.  بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزنى ياشاپ مېڭىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇڭ.  كۆپىنچە ۋاقىتلاردا باشقىلار سىزدىن، ۋە باشقىلارنىڭ ئىدىيىلىرى سىزنىڭكىدىن ياخشىراق بولۇپ چىقىدۇ. سىزگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان ۋە سىزگە مەدەت ئاتا قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ئادەملەرنى تېپىپ، كۆپلىگەن ۋاقتىڭىزنى شۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈڭ.  ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز ئۆز ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.  (Amy Poehler، 2011)

–مېنىڭ دادام بىر داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى بولالايتتى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن.  شۇڭا ئۇ ئاسانراق يولنى تاللاپ، بىر بوغالتىر بولغان.  مەن 12 ياشقا كىرگەندە دادام ئىشتىن بوشىتىلدى.  شۇنىڭ بىلەن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ھاياتىمىزنى ساقلاشقا مەجبۇرى بولدۇق.  مەن دادامنىڭ ئەھۋالىدىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.  ئۇلارنىڭ بىرسى، سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلمايدىغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندىمۇ مەغلۇپ بولۇپ قالىسىز. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ سىناپ بېقىڭ.  (Jim Carrey، 2014)

uu4_speech.jpg.thumb

يۇقىرقى رەسىم: يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلغان داڭلىقلار ئىچىدىكى 8 كىشى.  ئىككىنچى كىشى (ئىرا گلاسس، 2012) نىڭ رەسىمى ئوچۇق چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ رەسىمى ئىشلىتىلمىدى.

پايدىلىنىش مەنبەسى:
[1] Michael Josephson: « How to Succeed by Failing Forward – Turning Stumbling Blocks to Stepping Stones».
[2] Nine inspiring quotes from memorable commencement speeches

(2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى,  باغداش مۇنبىرى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش