ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » يەتتە قىزلىرىم

يەتتە قىزلىرىم

kuqadiki qizlar mektiwi.jpg.thumb

ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ (گىرمانىيە)

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺳﯧﺘﯟﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﭻ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺭﻭﮪﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﺗﻤﯩﺴﺎﻗﻼ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ – نېلسۇن ﻣﺎﻧﺪىلا   

ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ (1711-1799) ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ 1760-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻟﻪﻧﯘﺭﺧﺎﻥ (ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ) ﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﻳﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯩﭙﺎﺭ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﻪﺯﯨﺰﻩ ﭘﺎﺷﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻪﻧﯘﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﮪﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﮪﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯘﺵ، ﺷﯧﺨﻰ ﭘﻮﻻﺕ ، ﮪﯩﺪﯨﻲ ﺋﯩﭙﺎﺭ“ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻛﯚﭼﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﯩﺸﻰ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻏﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﭼﯘﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺎﻻﺭﺩﺍ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣۈﻟﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﻻﭖ، ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻐﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﯕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﺎﻻ ﺗﯜﺯﮔﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺘﻰ. ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ“ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﮪﻪﭘﺘﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺳﻮﻻﯞﺍﻻﺗﺘﻰ. ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯘﺯ-ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﻩ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﯘﻟﻼﻏﺎ ﺳﻮﻻﯞﯨﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ چىدىماي، ﻳﯘﺭﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺗﯘﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ-ﺯﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ، ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﭼﯩﯖﻨﯩﯔ ﻧﺎﻳﻨﺎﻕ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﯘ ﻟﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎقسۇﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ قاﭘﺎﻕ ﻛﯚﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺯﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘ ﻟﯘﻥ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﭗ، ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯗ، ﻗﯩﺰ ﭘﯜﺗﯘﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﻪﺧﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ، ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﯘﻛﭽﻪﻛﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﯘﻛﭽﻪﻙ ﻣﻪسچىت ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﯔ ﺳﺎﻻﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﯨﯟﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻧﯘﻟﻼ ﺳﻪﮔﻪﮔﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﺨﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﻟﺘﺎ-ﻛﻪﻛﻪ، ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ-ﺗﻮﺧﻤﺎﻕ، ﻗﯩﻠﯩﭻ-ﺋﻮﺭﻏﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﻪﻳيﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻟﺘﯘﻕ“ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺎﻟﺮﺩﺍ ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ “ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﺵ” ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﯘﻳﻘﻪﺱ ﺗﯘﺯﯗﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﯘﻟﻼﻧﻰ ﻣﻪشغۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ مەشخۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﺋﺎﻣﺎﻧﯘﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻏﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ،
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺩﻩﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ.
ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﯓ ﺋﻪﻣﺪﻯ،
ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﮔﻪ.
ﺟﯩﮕﺪﯨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺟﻪﯓ ﺑﺎﺷﻼﭖ،
ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻳﻮﻕ.
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﻳﻮﻕ.
ﺋﺎﻗﺘﯘﻗﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯧﻴﯩﺪﺍ ،
ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ،
ﺳﯚﻳﯘﻧﻤﻪﻣﺪﯗ ﺟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.

ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ۋاقىتلاردا 1765-ﻳﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﮪﺎﺷﺎﺭﭼﯩﻼﺭ ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ، ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ-ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺯﻩﺑﻪﺭﺩﻩﺱ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺕ ﭼﺎﻗﻨﺎﺕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻥ-ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﻳﯘﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﻝ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺋﯩﺪﻯ.
“ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯘﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ-ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺷﻼﺭﻣﯘ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، “ﻟﻪﺑﻪﻱ “ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﯨﺮﻩﻣﺪﯗﻕ؟ ﻳﺎﻕ، ﻳﺎﻕ! ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﺎﻗﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘﮔﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ! ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﺎﻳﻠﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺩﻩ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﺘﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ! ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﻠﯩﯖﻼﺭ! ﻗﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﺯﻩﺭﺩﻩﭘﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭ، ﻗﻪﻝ´ﺋﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎ!” ﺩﻩﭖ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻗﻪﮪﺮﯨﻲ-ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ دېھقان ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯘﭖ، ﮪﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯘﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ “ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻘﻰ” ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:
ﺋﯩﻼﮪﯩﻢ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﯕﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ،
ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﭖ ﺟﯩﮕﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﯕﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ.
ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﺎﻳﺎﻕ-ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ،
ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﻨﻰ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺩﻩﺭﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﻤﺎﻕ.
ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﺎﺷﺘﻰ، ﮪﺎﺷﺎﺭ-ﺋﺎﻟﯟﺍﻥ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺰ،
ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﻗﯩﺰ.
ﺗﯘﮔﻪﭖ ﺗﺎﻗﻪﺕ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﻪﯞﯨﺮ-ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ،
ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ، ﺗﯚﻛﯘﭖ ﻗﺎﻥ.

ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪلئەگە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮪﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗۈﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ قەلئەنى ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ قەلئەدىن  ﺋﺎﻳﺎﻟﭽﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﭽﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺒﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﯘ ﻟﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗ ﯞﻩ ﮪﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﻪﺗﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗ.
ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗ. ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻣۈﺩﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﮔﻪﻥ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺳﯩﭙﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻘﻪ ئېسىلىپ ﺋﯚﻟﯩﯟﺍﻟﺪﯗ. ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻳﺎﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻕ-ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﮪﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤۇ ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﭺ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﻠﻐﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ.
ﺩﯨﺨﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﯨﺨﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻏﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﻪﻥ ﺗﺎﺧﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻤﯘ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳيارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﺳﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﺎﻍ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺭﺍﭖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﯘﻟﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛۆرە ﺟﺎﯕﺠﯘﻧﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ 3 ﻣﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯚﻟﯘﻧﯘﭖ ﯞﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺳﺎﻳﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﺪﯗ. ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ(ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﻳﯩﻤﮭﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ) ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﯩﺰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﯗﺭﺩﯗ.
  ﯞﺍﻟﻪﻧﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯘﺭﻩ ﺟﺎﯕﺠﯘﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯘﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗ، ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻠﻪﺭﻟﯩﺮﻯ خۇددى ﻗﺎﻏﺎ-ﻗﯘﺯﻏﯘﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﻣﯩﯖﻐﯩﻠﺪﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻮﭖ-ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﯘﭖ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪھرىمانﺋﯜﭼﺘﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
قەھرىمان ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯘﻟﻼ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯩﻨﻰ ﺗﯘﻛﯘﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﺎ ﺧﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﺷﯧﻴﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺭﻩﺧﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﺋﺎﺧﯩﺮﭼﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﯩﭙﯩﻠﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﻪﯕﺪﻩ شېھىت ﺑﻮلىدۇ. ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﺳﻤﯘﺗﯘﻟﻼ ﻗﻮﻣﺎندانلىق قىلىدۇ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺧﺎﺋﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻛﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﺋﻪﭘﺘﻰ-ﺑﻪﺷﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ، ﺋﻪﺳﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺳﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ شېھىتلەرنى ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ،ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﻮﻣﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﺧﺎﺋﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻛﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﻟﯘﻣﮕﻪ ﮪﯘﻛﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﺎﺋﯩﻨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﺷﻪﻣﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘﺯﯗﻝ –ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻤﯘﺗﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ شەﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻧﯖﯘ ﻳﺎﻥ ﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺘﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 10 ﻣﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯧﺸﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻤﻰ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻗﻪﮪﺮﯨﺘﺎﻥ ﺳﻮﻏﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﺎﺕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺩﻩﻝ ﻣﺎﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﺍ مۆكۈنۈپ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯜﻝ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ 6 ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.
   ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯜﻝ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻤﯘ، ﺋﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻤﯘ ﻳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯘﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﯩﺪﯨﻨﻰ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﻪﻟﮕﯘﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺯﮔﻪﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﭖ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻡ ﺋﻮﺗﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰ، ﺯﯗﮪﺮﻩ ﮔﯜﻝ، ﻗﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﺴﺎ، ﮔﯜﻝ ﺋﺎﻳﯩﻢ، ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﻧﯩﺴﺎ، ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 6 ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪنگە ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ (ﻣﺎﻳﯩﻤﺨﺎﻥ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ “ﺋﻮﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﻗﯩﺰ” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ-ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭقىلىدۇ. ﺋﺎﻧﺎﺭﮔﯜﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ 7 ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯘﺗﯘﭖ ﺧﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯚﺳﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﭙﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ، ﮪﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﯩﺘﯩﺮﻻﭖ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺪﯗ. 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯔ ﺗﯘﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺗﺎﻍ باغدىرىدىكى ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﻰ ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ (1711-1799) ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ 1760-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻟﻪﻧﯘﺭﺧﺎﻥ (ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ) ﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﻳﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯩﭙﺎﺭ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﻪﺯﯨﺰﻩ ﭘﺎﺷﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻪﻧﯘﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﮪﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﮪﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯘﺵ، ﺷﯧﺨﻰ ﭘﻮﻻﺕ ، ﮪﯩﺪﯨﻲ ﺋﯩﭙﺎﺭ“ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻛﯚﭼﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﯩﺸﻰ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻏﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﭼﯘﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺎﻻﺭﺩﺍ ﮪﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺳﯘ ﭼﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣۈﻟﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﻻﭖ، ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻐﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﯕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﻩ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ قەھرىمانلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ.

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻡ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍللىنىپ، ﻣﯘﻟﺠﻪﺭ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻳﯘﺯﻟﯘﻙ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﻏﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

20160430043728225  ﺑﯘ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ 7 ﻗﯩﺰ ﻗﻪتئىي ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﯩﻚ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮪﺎﺭﺩﯗﻕ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ 7 ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯘﻳﻤﺎﻱ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎغلارﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﻰ، ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﺋﯚﻣﯘﻟﻪﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻳﯘﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﮪﻪﺯﻟﻪﻙ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯨﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﻛﯩﺮﻩﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻮﻗﻼﺭ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﮔﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﻛﻰ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﭼﻪﺑﺪﺍﺱ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﻮﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﻩﻙ ﺗﻮﺯﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﺪﻩﻙ ﻧﯜﺭ ﺗﯚﻛﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﮪﺮﻩ ﮔﯜﻝ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﻗﺎﭖ-ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯚﺯ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻱ ﺋﻪﮔﻤﻪﺱ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻥ 7 ﻗﯩﺰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﻝ-ﺟﯘﻝ ﺗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﯩﻐﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺭﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﻙ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﻣﻠﻪنگەﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﻗﻪدﺩﻩﺱ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﭼﻪبدەﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍلمايسىز.
ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ، ﺷﯩﺮ ﻳﯘﺭﻩﻙ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ، ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻏﺎﻥ، ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﮪﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ قەتئىي ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

 ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﺭﻩﻟﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯘﻡ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻼﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﺎﭖ-ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﺷﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯ ﺳﯚﻳﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ!
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﭼﺎﺷﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﺳﯘﭘﻪﺗﻠﯩﻚ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻩﻙ ﻳﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻛﯚﻙ ﻳﯘﺯﯨﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﻗﯩﺮﺍﻕ ﻳﯘﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎرﻗﯩﺮﺍﻕ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﻣﺪﯨﺪﻯ. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻟﻪﺵ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﺴﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﻮﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﺳﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﻪﯕﻘﯩﯟﺍﺭ 7 ﻗﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﻮﺧﯘ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻳﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﻩﻛﻠﯩﺮﻧﻰ ﻣﯘﺟﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﭘﯩﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﻗﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ، ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﺯﺍﻧﻪ ﺋﯜﭺ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻳﯘﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻟﺠﻪﺭ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﻪﺑﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ كەلدى.
ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﻗﯩﺰ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﯧﯟﯨﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯚﯞﻩنگە ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﮕﻰ ﻳﻮﻕ ﮪﺎﯓ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﯧﭻ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﺗﺴﯩﺰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ، ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﻨﻰ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯘﻛﻠﻪﺭ، ﻗﺎﻧﺨﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﺭﺍﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﭘﻪﻗﻪﺕ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﺎﺷﯘ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ 7 ﻗﯩﺰ ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﻳﺎر ﻟﯧﯟﯨﺪﻩ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ 7 ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛۈﺗۈﺭۈﻟۈﭖ، ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﺮﻩﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺪﻯ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﮪﺎﯕﻐﺎ ﺷﯘڭغۇدى. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ 7 ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﭘﺎﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ.
ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪھرﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺭﻭﮪﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗۈﺭﯨﻠﺪﻯ، ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻥغان ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ، ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎ ﺑﯘﮔۈنگە  ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺪﻯ ، ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻰ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳۈﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍڭغۇﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ!.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ!
ﺑﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ قەھرىمان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ .
ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ قەھرىمانلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ.

25.07.2015  ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش