ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » دىنىي ھايات » ئىسلام ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئىسلام ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

maxresdefaultئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى
ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن خەلقئارالىق دىندۇر، ئىسلام دىنى بىلەن توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارىسىدا زىتلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. كىم زىتلىق مەۋجۇد دەپ گۇمان قىلسا، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى توغرا چۈشىنەلمىگەن ئىنساندۇر. ئىسلام دىنى ئائىلە، جەمەت، شەھەر ۋە ۋەتەن دائىرىسىدىكى ئەزالىق ۋە تەۋەلىكىنى تەكىتلىگەن، لېكىن بۇ تەۋەلىك دىن ۋە دىننىڭ قىممەت-قاراشلىرىنىڭ زىيىنىغا بولماسلىقىنى، بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ باشقا يۇرتلۇقلارنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلماسلىقنى شەرت قىلغان.

(1) ئىسلامنىڭ خەلقئارالىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمى

ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتىنى بىلەن پەخىرلىنىش ئىنسان قەلبىدىكى تەبئىي تۇيغۇ، ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ ئورنىنى ۋە ئىنساننىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنى تەكىتلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ كۇپارلار تەرىپىدىن مەككىدىن چىقىرىۋېتىلگەن چاغدا:«ئى يۇرتۇم مەككە شەھىرى! سەن ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك يۇرت ئىدىڭ، ئەگەر ئۇلار مېنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىمىغان بولسا، سېنىڭدىن ھەرگىز چىقىپ كەتمىگەن بولاتتىم”دېگەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ۋە ۋەتىنى توغرىسىدا بۇ سۆزنى قىلغاندا، مەككە خەلقى ئاساسەن كۇپارلار ئىدى.
رەسۇلۇللاھ مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا:«ئى ئاللاھ بىزگە مەككە شەھىرىنى سۆيۈملۈك قىلغاندەك، مەدىنە شەھىرىنىمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ بەرسىلە»دېگەن ئىدى (بۇخارى رىۋايىتى)
رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ۋە ۋەتەن-يۇرتنى سۆيۈشنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى سۆيۈشكە زىت دەپ قارىمىغان. بەلكى:«كىم زېمىنى(يەنى ۋەتىنى)نى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ» (ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلىغان)دەپ باھا بەرگەن.
ۋەتەن سۆيگۈسى بولمىسا، ۋەتەندە تەرەققىيات بولمايدۇ ۋە ھايات تۈزۈمى ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. ۋەتەن سۆيگۈسى قانداقمۇ ئىماننىڭ قاتارىدىن بولمىسۇن! ۋەتەن سۆيگۈسى نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنىڭ سەۋەبى ئەمەسمۇ!. دېمەك، ۋەتەننى سۆيۈش قايسى ئەھۋالدا بولمىسۇن دىننىي سۆيۈش بىلەن زىتلاشمايدۇ.
ئىسلام دىنى ئىسلام دىيارى ئىچىدىكى يۇرت ۋە ۋەتەنلەرنىڭ زېمىن ۋە جۇغراپىيە چېگرىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئىنساننى ۋەتىنىگە سادىق بولۇشقا، مىللىتى يولىدا بەدەل تۆلەشكە، ۋەتىنىگە بارلىق ئالى شەرەپلەرنى ئۈمىد قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى زېمىن چېگرىسىنى ئاخىرقى باسقۇچ قىلىۋالمايدۇ، ئىسلامنىڭ ئالاھىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىسلام ئۈممىتى بولۇشتۇر. دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام تەلىماتىدىن يات نەرسە ئەمەستۇر.

(2)  ئىسلام بىلەن قايسى خىلدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك زىتلىشىدۇ؟

ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرىغا قارىشى تۇرمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان مىللەتچىلىك ئىسلام بىلەن زىتلاشمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارزۇ بولماستىن،بەلكى ۋەتەنگە ئەزا بولغانلىقتىن تۇغۇلىدىغان تەبئىي تۇيغۇدىن ئىبارەت. ئەسلىدە ئىسلامنىڭ خەلقئارالىقىغا ئەزا بولۇش بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئارىسىدا زىتلىق يوق، بۇ زىتلىقنى دىن دۈشمەنلىرى ۋە ئاڭسىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى پەيدا قىلغان. دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرا ئۇقۇمى بىلەن بولغاندا ئىسلام بىلەن ھەرگىز سوقۇشمايدۇ.
ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ يۇرتى ۋە ئانا ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىشى تەبئىي ۋە ھەقلىق مەسىلە. ئائىلىمىز، تۇغقانلىرىمىز، خوشنىلىمىز، مەھەللىمىز ۋە يۇرتىمىزنى ياخشى كۆرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز، دەۋەت قىلىشىمىز، شۇنداقلا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، خاتا يوللاردىن ئاگاھلاندۇرشىمىز كېرەك. رەسۇلۇللاھ دەسلەپتە دەۋەتنى ئۆزىنىڭ ئائىلە، جەمەتىدىن باشلىغان ۋە ئۇلارنى بىر ئورۇنغا توپلاپ خىتاب قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام دىنى زىتلاشمايدۇ.
ئىسلام دىنى توغرا ئۇقۇمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىككە قىزىقتۇرىدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ. باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى مۇتەئەسسىپ شەكىلدە يۇرت ۋە مىللەت ئۈچۈن مىللەتچىلىك قىلىش خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر.
ۋەتەنپەرۋەرلىك سەن بىلەن ئەزەلدىن بىرگە ياشاپ كەلگەن كىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك ئەسلىدىن تۈرك ئائىلىسىدىكى بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يۇرتتا ئۆز-ئارا مىللەتچىلىك قىلىش خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر. ئۇيغۇر مۇسۇلمان بىلەن ئەرەب مۇسۇلمان ياكى باشقا مىللەتتىكى مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئارا-مىللەتچىلىك قىلىپ، بىر بىرىگە چوڭچىلىق قىلىشى خاتا ئۇقۇمدىكى مىللەتچىلىكتۇر، چۈنكى ئىسلام ئۈممىتى(ۋەتەنپەرۋەرلىكى) ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى بىلەن بارلىق كىشلەرگە مۇھەببەت ۋە نەپرەتنى ئورتاق قىلىش توغرا بولمايدۇ، توغرا ئۆلچەم ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى:«ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ» (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىل ئادەمنى ۋە ئاتېئىستنى يات يۇرتلۇق تەقۋا مۇسۇلماندىن ئارتۇق كۆرۈش خاتا، چۈنكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئاللاھ ئۈچۈن بولىشى كېرەك.
توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئادەم قەلبىدە ئۆز ۋەتىنىگە كۆڭۈل بۆلۈش، مۇھەببەت باغلاش…روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، بۇ مۇھەببەت زالىملار ۋە ساتقۇنلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان مۇتەئەسسىپلىك ۋە ھەددىدىن ئارتۇق پەخىرلىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرا ئۇقۇمدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس.
بەزىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن ئەرەب مىللەتچىلىكى رەت قىلىنغاندەك، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئورنىغا چۈشۈرگەن تۇران مىللەتچىلىكى رەت قىلىنىدۇ. ئىسلام پرىنسىپلىرى چەتكە قېقىلمىغان ئاساستا ۋە ئىسلام روھى ئاستىدىكى تۈرك بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقى (يەنى تۈرك مىللەتچىلىكى) قارىشى ئېلىنىدۇ.

(3)  قۇرئان كەرىم ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

مۇسۇلماننىڭ ئاساسلىق ئەزالىقى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بولسىمۇ، مۇسۇلماننىڭ ئىسلام بىلەن باشقا دائىرىلەرگە ئەزا بولۇش ئىختىيارلىقى ئىسلام بىلەن مىللەتچىلىك ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە بولىدۇ. ئەمما ئەزا بولۇش دائىرلىرى تەرتىپكە سېلىنغاندا زىتلىق يۈز بەرمەيدۇ.
ئىسلام دىنى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك پرىنسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەتەن ۋە ئورۇنغا ئىگە بولمىسا پرىنسىپلىرىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ۋە پرىنسىپلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەننىڭ بولىشى زۆرۈر.
ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە قەبىلە، يۇرت، خەلق، ۋەتەن ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا پەرقلىق بولۇشنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن بىرگە ئەقىدە، شەرىئەت، ئۈممەت ۋە ھەزارەت ئاساسىدا بەلگىلىدى. شۇڭا ئىسلام پەلسەپىسىدە ۋەتەن، مىللەت بىلەن بىرگە خەلقئارالىق بىلەن ئۈممەت ئۇقۇمى بىرلەشكەن.
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈشىنى بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش دەپ قارايدۇ، شۇڭا ۋەتەندىن چىقىرىۋېتىش ئۆلۈمگە ئوخشاش :«ئەگەر بىز ئۇلارغا:«ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق(يەنى ئىلگىرىكىلىرىگە يۈكلىگەندەك ئېغىر تەكلىپنى ئۇلارغا يۈكلىسەك)ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى»،( نىسا سۈرىسى، 66-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى قوغداشنى قەھرىمانلىق مېۋىسى سۈپتىدە تەسۋىرلەيدۇ:«ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى(يەنى ئەھدىنى)ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزەڭلار گۇۋاھسىلەر. كېيىن سىلەر(ئەھدىنى بۇزۇپ)بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى(يەنى بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرىسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ(يەنى تەۋراتنىڭ)بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قىلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر”،(بەقەرە سۈرىسى، 83-85-ئايەتلەر).
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىلىشىدە ۋەتەننى سۆيگەنلىك ۋە ھىمايە قىلغانلىق ھاياتلىقتۇر. قۇرئان كەرىم ۋەتەنپەرۋەرسىزلەرنى ئۆلۈكلەر دەپ تەسۋىرلىگەن:«ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى(ئاللاھنىڭ نېمىتىگە )شۈكۈر قىلمايدۇ.(بەقەرە، 243-ئايەت).
ئىسلام دىنى ۋەتەننى قوغدىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھاياتلىق دەپ باھا بەرگەن بولسا، شۇنداقلا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى دىنغا دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكى دەپ قارىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسلامدىكى كۆرەش دەۋەت قىلىش ئەركىنلىكىگە توسالغۇلۇق قىلىدىغانلار ۋە كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلارغا قارىشى مۇداپىئە كۈرىشى سۈپىتىدە يولغا قويۇلدى. ئىسلامدىكى كۈرەش ئۇقۇمى مانا مۇشۇ ئىككى سەۋەبكە يىغىنچاقلانغان.
دېمەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنسانىي تۇغما خاراكتېر، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھاياتلىق بىلەن تەڭ، ئۇنى يوقاتقانلىق ئۆلۈم بىلەن تەڭ…

(4)
ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلەر

ۋەتەننى سۆيۈش تەبىئىي مەسىلە، ھەر بىر نەرسىنىڭ قائىدىسى ۋە قائىدىدىن سىرتقى ئىشلىرى بولىدۇ، ئۇ قائىدىنىڭ سىرتىدىكىلەر تۈرلۈك شەكىلدە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر يۇرتىنى دىن دۈشمەنلىرى ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىگە ساتىدۇ، يەنە بەزىلەر دۈشمەنلەرنىڭ ئىدىيە ۋە پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۈشمەنلەرگە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ.
مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ۋەتەننى سۆيۈش ۋەتەن ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە تەرەققىياتنى سۆيۈش دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ ياخشىلىق ۋە تەرەققىيات خەلق توغرا تېپىپ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنى پرىنسىپلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەگەر سەن ۋەتەننى ھەقىقى سۆيىدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا ياخشىلىق ۋە تەرەققىيات مەنبەسى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلغىن. ئەگەر سەن ئىسلام بىزگە ياخشىلىق بېرەلمەيدۇ، دېگەن خاتا گۇماندا ئىسلامغا زىت ئېقىملارنى سۆرەپ كىرىپ، ۋەتەنگە ياخشىلىق كۆرسىتىمەن دەپ قارىساڭ، ئۇ چاغدا سەن ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ دۈشمىنى. دىننىڭ دۈشمىنى، ئادىمىيلىك ۋە ۋەتەننىڭ دۈشمىنىدۇر.
مۇشۇ ئاساستا، ئىدىيە، پىكىر ۋە پىسخىكا جەھەتتىن بۇرۇلۇپ ۋە ئۆزگىرىپ قائىدىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرگە دەيمىزكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەننى سۆيۈشنى ئاشۇرۇپ سېتىشقا ئورۇن يوق. ۋەتەننى سۆيۈش دېگەنلىك ۋەتەن، خەلقنىڭ ئېتىقادىغا زىت ئىدىيە، ئېقىم، پەلسەپە ۋە يات تەسەۋۋۇرلارنى قوبۇل قىلىش ياكى تارقىتىش دېگەنلىك بولمايدۇ.

خاتىمە
شۇنى بىلىش كېرەككى، ۋەتەن سۆيگۈسى ئىسلام سۆيگۈسىگە قارىشى تۇرماسلىقى ۋە دىنى قىممەت-قاراشلاردىن يوقىرى ئۈستۈن ئورۇن ئالماسلىقى لازىم. توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسى ئېتىقادقا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، بەلكى ئېتىقادنى ھېمايە قىلىدۇ. يۇرت ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن ھەرگىز زىتلىشىپ قالماسلىقى كېرەك.
مۇسۇلمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئاساسى ئىسلام ئەقىدىسىدۇر، ئىسلام قېرىنداشلىقى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مېۋىسىدۇر.

مەنبە:  ئەزھەرىيلەر ماقالىلەر تورى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش