• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » دىنىي ھايات » ئىلمىي ۋە ئىجابىي تەنقىد قىلىش مېتودى

ئىلمىي ۋە ئىجابىي تەنقىد قىلىش مېتودى

islam-islamic-art-islamic-history-2856689-1200x848

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

قۇرئان كەرىم 23 يىل جەريانىدا پارچە-پارچە چۈشكەن. بۇنىڭغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارىغان كىشى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. قۇرئان كەرىم جەمئىيەتنى يۈزلەندۈرۈپ، يول بەلگىلىرىنى يورۇتۇپ بېرەتتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئاخىرقى نىشانلارنى ئەسلىتەتتى. ئىزدىنىش ياكى ئىنسانىي ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بىرەر خاتالىق يۈز بەرسە، قۇرئان كەرىم شۇ خاتالىققا كىم بولىشىدىن ۋە قايسى تېمىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى(تەۋبە سۈرىسى،43-ئايەت. ئەھزاب سۈرىسى، 37- ئايەت.  ئەنفال سۈرىسى، 67-ئايەتلەرگە قاراڭ).

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە قارىساقمۇ ساھابىلەرنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئۇلارنى ئەڭ توغرا ئىشلارغا كۆرسەتمە بەرگەن دەلىللەرنى كۆرەلەيمىز. مۇسۇلمانلار بۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تەنقىدنى تۈرلۈك شەكىلدە ئېلىپ بارغان. مۇسۇلمانلارنى ئازغۇنلۇق ۋە خاتالىقتىن قۇتقۇزىدىغان ئۈنۈملۈك، ئىجابىي، ئىلمىي تەنقىد بولسىلا تەنقىد قىلىش يوللۇقتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ خاتالىشىپ سالىدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت.

ئىنسان ئۆزى، ئائىلە، ئورگان ۋە جەمئىيەت ئىچىدە خاتالىقنىڭ يۈز بىرىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئامىللىرىغا قارىتا ئۆزلۈك تەنقىدنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇھتاج. مەسىلىنى قايتا تەكشۈرمەي ئىسلاھ قىلغىلى بولمايدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزمەي تەرەققى قىلغىلى بولمايدۇ. قوشۇپ ۋە ئېلىۋېتىش ھايات يۆلىنىشىنى ئىسلاھ قىلىشىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىدۇر.

تەنقىدنىڭ مەنىسى: توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش. ياخشى ئىشلارنى قوللاش، خاتا ئىشلارغا تەنبىھ بېرىشتىن ئىبارەت. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد قىلىش نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.

تەنقىد قىلىش خاتالىقنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنى تېز داۋالاش ئۈچۈن مۇھىم. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد بولمىسا، خاتالىق چوڭىيىپ تۈزەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد ھەممەيلەننىڭ ئىسلاھ قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىقى سانىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى بەزىدە ھېس قىلسا، يەنە بەزى چاغلاردا ھېس قىلالمايدۇ، شۇڭا خاتالىقنى كۆرسىتىپ قويىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد قىلىش ئەيىب-نۇقساننى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋە ئۆزىدىكى قۇسۇرنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەينەكتۇر.

ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد قىلىش بولمىسا، ھېسابلىماي ماختايدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ، ئاشۇرۇپ ماختاش ئىنسان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئالداپ قويىدۇ، ھەقىقەتلەرنى ساختىلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

شەرئى جەھەتتىن ئۇيغۇن بولمايدىغان ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد قىلىش ۋە نەسىھەت قىلماسلىق گۇناھقا شېرىك بولغانلىقتۇر. چۈنكى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش قولىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاجىپ. شەرئى خاتالىققا سۇكۇت قىلغۇچى ئاسىي گۇناھكاردۇر.

(1)  بىرەر ئىشقا پىلان تۈزمەكچى بولساق، قارارلىرىمىزنى كەسكىن توغرا دەپ جەزمىلەشتۈرىدىغان دەرىجىدە بىلىپ كېتەلمەيمىز. پىلان ياكى قىلغان ئىشلىرىمىزدا بىزگە ئېنىق كۆرۈنمىگەن ھەقىقەتلەر بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن پىلان ۋە مېتودلىرىمىزنى قايتا تەكشۈرۈش، تۈزۈتۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان شەكىلدە تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئىزدىنىش ئاساسىدا قىلغان ئىشلىرىمىز توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن ياكى خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. ئېنىق ھۆججەت ۋە كەسكىن ئۇقۇم ئاساسىدا بولماي، ئىزدىنىش ئىچىدە بولغان ئىشلاردا ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىدتىن قېچىش مۇناسىپ ئەمەس. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد ئىلگىرىكى خاتالىقىمىزنى ھېس قىلىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئىجابىي، ئىلمىي تەنقىدنى قارىشى ئېلىشىمىز مۇناسىپ.

بىز زامان، ماكان، ئىمكانىيەت،ئىقتىدار ۋە تۈرلۈك ئالاقە ئىچىدە ھەرىكەتلىنىمىز. بەزى ۋاقىتلاردا پىلان قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆز-قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى باشقىلارنىڭ باشقىچە قاراشلىرى…سەۋەبىدىن قىلالماي قالىمىز. دېمەك، ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد يوللۇق ئىش.

بەزى ۋاقىتلاردا بىز بىرەر قارىشىمىزنى باشقىلار ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىد قىلسا ھۆرمىتىمىزگە ۋە نوپۇزىمىزغا چېقىلغانلىق دەپ قاراپ قالىمىز، بەزىدە تەنقىدنى ئىلمىي، ئىجابىي بولسىمۇ قوبۇل قىلماي قالىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز تەنقىد قىلغان كىشىگە ئىشەنمەيمىز ياكى ئۇنىڭغا كۆڭلىمىز خاتىرجەم ئەمەس. بەزىدە تەنقىدنى رەت قىلىمىز، چۈنكى تەنقىدنى قوبۇل قىلغانلىق ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققى قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ…

بەزىلەر ئۆزىگە بەك ئىشەنگەنلىكىدىن ۋە ئۆز كۆز-قارىشىنى چوڭ بىلگەنلىكتىن تەنقىدنى رەت قىلىدۇ. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىدنى رەت قىلىشقا ئالاقىدار سەۋەب نېمە بولسا بولسۇن، ئۇنىڭ نەتىجىسى ھالاكەتلىك بولىدۇ. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىدنى رەت قىلىش يېڭى مەرىپەتنى رەت قىلغانلىقتۇر، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ماسلىشىشنى رەت قىلغانلىقتۇر، ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى تونۇپ تۈزىۋېلىشنى رەت قىلغانلىقتۇر.

باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بىزدىكى ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلىش بىزنى ئاجىز كۆرسىتىپ قويمايدۇ، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ. ئىشلىرىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە بىزنى قاراڭغۇ يولدا مېڭىشتىن ھېمايە قىلىپ قالىدۇ.

تەنقىدنىڭ ھەقىقى ئۈنۈم بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا رېئايە قىلىش لازىم:

1.ئۈنۈملۈك تەنقىد قۇرۇشنى، مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ۋە قوغداپ قېلىشنى  ئاساس قىلغان تەنقىدتۇر. ئىيجابى تەنقىدنى بىر ئىشنى تۈزۈپ چىقماقچى بولغان ئادەملەر قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى بىلىدۇ. ئىلمىي، ئىجابىي تەنقىدكە قۇلاقنى ئېتىۋېلىش، بىر نەرسە بىلمەيدىغان ياكى سەۋىيىسى يەتمىسىمۇ قالايمىقان سۆزلەيدىغانلارغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

2.تەنقىدنىڭ ئۈنۈملۈك ئىيجابى بولىشى ئۈچۈن تەنقىدنى تەجرىبىلىك، بىلىم-مەرىپەتلىك ۋە شۇ ساھەنىڭ كەسىپ ئىگىلىرى قىلىشى لازىم. مەسىلىنى جايىدا چۈشەنمەيدىغان ۋە ساھەنىڭ كەسپىي بولمىغان ئادەملەرنىڭ تەنقىد ساھەسىگە كىرىۋېلىشى نادانلىقتۇر. بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەنقىد قىلىشقا كۈچلۈك ئىشتىياقى بار. شۇڭا باشقىلارنى تەنقىد قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى تەنقىد قىلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ياكى تېمىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي قارىغۇلارچە تەنقىد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەنقىدىي يۈزەكى بولىدۇ ياكى ئاجىز كۆز-قاراشنى ئىپادىلەيدۇ ياكى بىر تەرەپلىمە بولۇپ قىممىتى بولمايدۇ. تەنقىد قىلىش مەسىلىسىدە ئىلمىي ھەم ئىجابىي تەنقىد بىلەن غەۋغا خاراكتېردە تەنقىد قىلىدىغانلار ئارىلىقىدا ئەلۋەتتە پەرق بار.

3.ئۈنۈملۈك، ئىيجابىي تەنقىد قىلماقچى بولساق ئېنىق ۋە بەلگىلىك تەنقىد بولىشى لازىم. ئىسلاھ قىلىش بىلەن بۇزۇش نىسبىي ئىش. بىز ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تەنقىد قىلىشىمىز لازىم، ئۇنداقتا تەنقىد قىلماقچى بولغان تېمىنى روشەن چۈشەنمەي تۇرۇپ كۆز-قارىشىمىزنى پاكىتلىق ئېنىق قويالمايمىز. تەنقىد قىلغاندا ئەۋزەل دەپ قارالغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىش بەك پايدىلىق.

4.تەنقىد قىلغۇچى ئىزدەنگۈچىدۇر، شۇڭا ئىزدىنىشى ۋە ئىجتىھادى قايتا تەكشۈرۈش ۋە رەت قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ قارىشى كېرەك. ئىجتىھادى مەسىلىلەردە بىز تەنقىد قىلغان كىشى بىزنىڭ تەنقىدىمىزدىكى ھەممە قاراشلارنى-توغرا تاپمىسا- قوشۇلۇشى لازىم ئەمەس. دېمەك، نەسىھەت ۋە تەنقىد قىلغاندا تەنقىدىمىزنى قوبۇل قىلىدىغان دەرىجىدە ئىلمىي ھەم ئىجابىي بولىشى لازىم. بۇ مەسىلە چوڭچىلىق قىلماي، تەنقىدنىڭ مەخپى ۋە سىلىق سىپايە شەكىلدە بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

(2)  ئىيجابىي تەنقىد قىلىش مېتودى ۋە ماھارىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

تەنقىدنىڭ ئىجابىي بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1.ئىجابىي تەنقىد قىلىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى: بىلىم مەرىپەت ۋە ئەخلاقتۇر. ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئىنساپلىق بولۇش تەنقىد قىلغاندا بەك مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. تەنقىد قىلىش ئەخلاقنى ئاساس قىلىشى لازىم، ئەخلاقنى ئاساس قىلمىغان تەنقىد قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

2.تەنقىد قىلغاندا ئاساسلىق ئىشلار بىلەن تارماق ئىشلار ئارىسىنى ئايرىپ قاراڭ. پرىنسىپال ئىشلار بىلەن تارماق ئىشلارنى پەرقلەندۈرۈپ قاراڭ. پرىنسىپال ئىشلاردا چىڭ تۇرۇش لازىم. پرىنسىپال مەسىلىلەر قىزىل سىزىق بولۇپ تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەسىلىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. ئەمما جۇزئىيات ۋە تارماق مەسىلىلەردە كەڭ قورساق ۋە تۈرلۈك قاراشتا بولۇش مۇھىم. تارماق مەسىلىلەر ئىجتىھادنى قوبۇل قىلىدۇ.

3.تەنقىد قىلىشتىكى نىشانىڭىزنى راستچىللىق بىلەن بەلگىلەڭ:

بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشمۇ ياكى باشقىلارنىڭ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشمۇ؟ ياكى ئۇنى ئېغىر خاتالىقتىن قۇتقۇزۇۋېلىشمۇ؟ ياكى باشقىلارنى چۆكۈرۈپ ئۆزىڭىزنى بازارغا سېلىشمۇ؟  تەنقىدىڭىزنىڭ باشقىلارنى ئۈمىدسىزلىككە باشلاپ بارماسلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

4.تەنقىدتە باشقىلار ئۆزگەرتەلەيدىغان يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈڭ. تەنقىدتە مۇبالىغلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭ.

مەسىلىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىڭ: قەيەردە، قاچان، نېمە، نېمە ئۈچۈن، كىم؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىڭ.

6.تەنقىد قارىلىۋاتقان كىشىگە ھېسداشلىق پوزىتسىيىدە بولۇڭ، تەنقىدىڭىزدە ئۇ كىشىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىدىن قىسمەن تىلغا ئېلىڭ.

7.تەنقىدتە ئومۇملاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭ، تەنقىدىڭىز ئېنىق ۋە بەلگىلىك بولسۇن. تەنقىدىڭىزگە دەلىل ۋە مىسال كەلتۈرۈڭ. ئېنىق پاكىتىڭىز بولمىسا گۇمان ئاساسىدا ياكى بىرەر پاسىقنىڭ خەۋىرىگە تايىنىپ تەنقىد قىلماڭ. باشقىلارنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرىگە تەنە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

8.تەنقىدىڭىز قوبۇل قىلىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن خاتا ئىستىل ياكى توغرا بولمىغان كۆز-قاراشقا مەركەزلەشتۈرۈڭ. پىكىرنى تەنقىد قىلىڭ، شەخسىيىتىنى تەنقىد قىلماڭ. كۆز-قاراشنى ياكى ئىستىلىنى تەنقىد قىلىش يوللۇق، شەخسىيىتى توغرىسىدا ئورۇنسىز توختىلىش ئەدەبسىزلىك ۋە ئابرويىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر.

9.نىشانىڭىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىت ۋە ئورۇن تاللاڭ. تەنقىدنى ئاشكارا قاراتماڭ، تەنقىد قىلىنىۋاتقان كىشى ئىدىيە جەھەتتىن تەنقىدنى ئاڭلاشقا تەييارلىقى بارمۇ-يوق تەكىتلەڭ. شۇنداقلا سىز ئاچچىقلاپ قالغان ياكى غەزىپىڭىز قوزغالغان ۋاقتىڭىزدا تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

10.تەنقىدتىن كېيىن نورمال ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بەلگىلەڭ. مۇناسىۋەتسىز، ئىنساپسىز ۋە قارانىيەت پۇرسەتپەرەس ئادەملەرنىڭ ئارىنى بۇزۇشىغا يول قويماڭ.

11. كەمتەر بولۇڭ. بىلىم-مەرىپىتىڭىز، يىراقنى كۆرىدىغانلىقىڭىز ياكى نوپۇزىڭىز بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ئاشكارىلاشتىن ساقلىنىڭ. غايە ھەقىقەتكە يېتىش، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئەمەس، شۇڭا ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ.

12.. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا تەنقىدچىلىك كۆرۈنۈشتە كۆرۈنمەڭ. چۈنكى سىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەنقىدكە لايىق بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

13.تەنقىد قىلىشتا ئىلمىي كۈچ ۋە يىراقنى كۆرەر كۆز بولۇشى لازىم. قورساقتا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق، بىلىمسىز ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر ئىقتىدار ۋە ئاڭ-سەۋىيىسى يەتمەيدىغان تېمىلارنى تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بىلەرمەنلىك قىلىش نادانلىق ۋە ئەدەبسىزلىكتۇر. تەنقىد قىلغۇدەك مۇناسىپ سەۋىيە يوق تۇرۇپ ياكى كەسپىي مەيدان ئەمەس تۇرۇپ ياكى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىش ئەدەبسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر.

بىر ئىشنى بۇزۇۋەتمەك ئاسان، قۇرۇپ چىقماق تەس. ئالاقىنى بۇزۇش ئاسان، ئالاقىنى ئورنىتىش قىيىن. تەنقىد قىلماق ئاسان، ئىش قىلماق تەس…نەزەرىيەدە سۆزلىمەك ئاسان، ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش ئاسان ئەمەس.

14.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تارماق مەسىلىلەردە كۆز-قاراشنىڭ تۈرلۈك بولىشى قېرىنداشلىق ئالاقىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

2015-4-10 كۈنى، قاھىرە

مەنبە: ئەزھەرىي ماقالىلەر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top