ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە تۈركولوگىيە

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە تۈركولوگىيە

maxresdefault (1)
رەشىد رەھمەتى ئارات(تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

1-   «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە تۈركولوگىيە
تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاش تۈرك كۈلتۈر تارىخىنىڭمۇ ئەڭ كاتتا ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تېخى قول تەگمىىگەن بىر ئابىدە ھالىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. يالغۇز «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەرنىڭمۇ بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىم تەرىپىدىن ئىشەنچلىك ھالدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر شەكىلدە رەتلەنمىگەنلىكىنىڭ تەبىئىي سەۋەبلىرى بار. بۇ سەۋەبلەردىن بىرى ئايرىم دەۋر ۋە كۈلتۈر مۇھىتلىرىدا تۈركلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ خىل ئەسەرلەرنى توغرا ئوقۇش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ياخشى ھازىرلانمىغانلىقىدۇر. فىلولوگىيەنىڭ باشقا ساھەلىرىگە نىسبەتەن خېلىلا يېڭى بىر ئىلىم تارمىقى بولغان تۈركولوگىيە قىسقا مەزگىل ئىچىدە  تېز ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدە تېخىچىلا چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاسانلا مۇراجىئەت قىلغىلى بولىدىغان قوللانما كىتابلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تېخى پۇرسەت تاپالمىدى. ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە رەتكە سالىدىغان بىر تەشكىلاتقا ئىگە بولمىغان بۇ ئىلىم تارمىقىنىڭ تەرەققىياتى كۆپىنچە پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ۋە سانى ناھايىتى چەكلىك بولغان ئالىملارنىڭ شەخسىي غەيرەت ۋە ئىمكانىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى. باشقا مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىر تەرەپتىن ئۆز تارماقلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركولوگىيە بىلەن ناھايىتى يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى زۆرۈر بولغان ئىلىم تارماقلىرى ئارىسىدا زىچ ھەمكارلىقنىڭ ئورنىتىلمىغانلىقىدۇر. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى رەتلەش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان ئىلمىي تارماقلاردىن بۇ خۇسۇستىكى چۈشەنچە ۋە ئالاقىنى بىرئاز كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان چېغىمىزدا، پۈتۈن ئىلىم دۇنياسىنىڭمۇ ئۇلاردىن مۇشۇنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش  ئورۇنلۇقتۇر.
«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى پەقەت كېيىنكى يىللاردا تولۇق نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەر ئۈستىدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساس بولغان نۇسخىنىڭ كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇشىمۇ ئۇنىڭدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىشقا توسالغۇ بولدى. ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش تەجرىبىلىرىمۇ تۈركولوگىيەنىڭ خېلى دەسلەپكى باسقۇچىغا ۋە تازا تولۇق بولمىغان بىر تەييارلىق دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇ دەسلەپكى تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان رادلوفنىڭ نەشر نۇسخىسىدا قوللىنىلغان ئالفابەنىڭ، يەنى ئىلمىي مۇھىتقا ئۇيغۇنلاشمىغان بىر ئالفابە ۋە تىرانسىكرىپسىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسەر يېزىلغان تىلنىڭ فونېتىكىسىغا زىت بولۇشىمۇ يالغۇز ۋاسىتىلىك ھالدا ئالاقىدار بولغان ئىلمىي مۇھىتنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇشۇ ساھەدە ئىشلىگەنلەرنىڭمۇ بۇ ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇردى. شۇ ۋەجىدىن بۇ تەتقىقاتلارمۇ خۇددى ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىغا ئوخشاش كەڭ ئوقۇرمەنلەر توپىدىن يىراقتا قالدى ۋە ئىلمىي مۇھىتتىمۇ ئۆز ئەھمىيىتى بىلەن مۇناسىپ بىر ئېتىبارغا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەر ھەققىدە ھازىرغا قەدەر بىلگەنلىرىمىز ئەسلىي مەتىننىڭ تەتقىقاتىغا ئەمەس، كۆپىنچە ئۇ خىل ياكى بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر بىلەن پارچە – پارچە ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە تايانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر بىر-بىرىنى تولۇقلىمىغاندىن سىرت، كۆپىنچە خاتا ۋە بىر – بىرىگە زىت بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلدى. كۆپىنچە ئەسەرنىڭ تاشقى تەۋسىپىنى ۋە ماۋزۇسىنى ئېنىقلاشتا كۆرۈلگەن ھەم بىر -بىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بۇ پىكىرلەر ئەسەرنىڭ ئىچكى قىممىتى ھەققىدە قانداق تەسەۋۋۇر ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىشقا يېتەرلىكتۇر دەپ قارايمەن.
*                    *                   *               
«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مۇشۇنداق بىر چەتتە ئۇنتۇلۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەسەر يېزىلغان دەۋرنىڭ مەيلى سىياسىي ياكى كۈلتۈر تارىخى جەھەتتىن بولسۇن، تۈرك – ئىسلام مۇھىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچىنى تەشكىل قىلغىنىغا قارىماي، بۈگۈنگە قەدەر تامامەن نامەلۇم ھالەتتە قالغانلىقىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك تارىخىنىڭ ھېچبىر دەۋرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن يورۇتۇلغانلىقىنى، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ تارىخىي دەۋرلەر بويىچە  تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئايرىلغانلىقىنى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەرگە باغلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ نە ئانا مەنبەلىرى قىدىرىپ كۆزدىن كەچۈرۈلسۇن، نە بۇ دەۋرنىڭ كۈلتۈر مەنبەلىرى ھەر كىم پايدىلىنالايدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈلسۇن. بۇ خىل ۋەزىيەتتە قولغا چۈشكەن ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان مەسىلىلەرنى  شارائىت ۋە تارىخىي دەۋرلەر بويىچە تەتقىق قىلىش قىيىن، ھەتتا ئىمكانسىزدۇر. نەتىجىدە بۇ يولدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ كۆپىنچە شەخسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ پاسىلىدىن  ھالقىيالماي، مۈجمەل قىممەتلەرنى ئىپادە قىلىشتىن ئىلگىرىلەپ كېتەلمىدى.
*                    *                    *
قاراخانىيلار دەۋرى ئۈچۈن ھازىرغىچە مۇراجىئەت قىلىنغان ئەڭ ياخشى تەتقىقات سۈپىتىدە بارتولدنىڭ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى يازغان تۈركىستان ھەققىدىكى ئەسىرى بار.[1]  بۇنىڭدا بىر مۇنچە مەسىلىلەر مۈجمەل بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن ئەڭ ياخشى  شەكىلدە پايدىلىنىلغان. مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىدە كۆپرەك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسمى  ھەققىدە توختالغان ۋە بىزنىڭ بۇ يەردە  ئەسلىي دىققىتىمىزنى تارتقان شەرقىي قىسمى ھەققىدە بولسا  ئۇنىڭدىن بۇرۇن يازغان بىر ماقالىسىنى [2] تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. ئەپسۇس، بۇ ماقالىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولمىدى. مەۋجۇت مەنبەلەرنىڭمۇ بۇ دۆلەتنىڭ تارىخى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆرۈلىدۇ. شەرق تارىخچىلىرى كۆپ توختالغان ھۆكۈمدارلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى ۋە نەسەبلىرىمۇ بۇ دەۋر ئۈچۈن ئېيتقاندا تولۇق ئېنىقلانمىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ» تەقدىم قىلىنغان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قارا خان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلان قاراخاننىڭ قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرى جەدۋىلىدە ئورنىمۇ يوق. بۇ زاتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى ئاشۇ دەۋرگە ئائىت بولۇپ، بۇ پەقەت يەركەندە تۈزۈلگەن ئەرەبچە بىر مەھكىمە ۋەسىقىسى ئارقىلىق ئېنىقلاندى.[3]   بۇ ۋەسىقە بىلەن بىرلىكتە يەركەندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ سانى ئون بەش پارچە بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقتى يېزىلغان ۋە ھىجرىيە 474~529(1081~1135) يىللىرىدا تۈزۈلگەن. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ يەتتە پارچىسى ئەرەبچە، يەتتە پارچىسى تۈركچە(بۇنىڭ ئىچىدە تۆت پارچىسى ئەرەب يېزىقىدا، ئۈچ پارچىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان) ئىدى. ئەرەبچە يېزىلغانلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچە ۋەسىقىدە شاھىتلارنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقى مەلۇم. قاراخانىيلارنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئەبۇل فازىل مۇھەممەد ئىبن ھۈسەيىن بەيھەقى(386~470=996~1078)نىڭ ئەسىرىدىن تېخىچە پايدىلىنىدىغان ئەھۋالدا ئەمەسمىز. بۇ دەرىجىدە قاراڭغۇ ھالەتتە قالغان بىر دەۋر ئۈچۈن نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولغان بۇ ئەسەر ۋە ۋەسىقىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تەتقىقات سىرتىدا قېلىشىنى ئىلىم نامىدا ئىزاھلاش قېيىن. قاراخانىيلار تارىخى بىز ئۈچۈن يالغۇز بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ تارىخى بولۇش جەھەتتىنلا ئەمەس،  بەلكى  پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز تارىخىي تەقدىرىگە يېڭى بىر نىشان كۆرسىتىدىغان يېڭى بىر كۈلتۈر چەمبىرىكىگە كىرگەنلىكىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئاساسلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش جەھەتتىنمۇ مۇھىمدۇر.   
   
2 – قاراخانىيلار ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى
قاراخانىيلاردىن ئىسلامىيەتنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان ۋە قەشقەردە تۇنجى تۈرك – ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ مەيلى كىشىلىكى ياكى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە بولسۇن، بىز مەنقىبەلەردىن باشقا بىر نەرسە بىلمەيمىز. بۇ مەنقىبەلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ئابدۇل غافىرنىڭ قەشقەر تارىخىغا ئائىت ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن جەمال قارشى(ئەبۇل فازىل بىن مۇھەممەد)نىڭ ھىجرىيە681-يىلى(1282) قەشقەردە يازغان «مۈلھەقاتۇس سۇراھ» دېگەن ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ساتۇق بۇغرا خان ئىسلامىيەتنى قاراخانىيلاردىن پاناھلىق تىلەشكە  مەجبۇر بولغان سامانىيلار خانىدانىغا مەنسۇپ شاھزادە ناسىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا 12 ياش چېغىدا قوبۇل قىلغان ۋە 25 ياشقا كىرگەندە قاراخانىيلار تەختىگە چىققان. ساتۇق بۇغراخان ھىجرىيە 344-يىلى(955) ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئارتىش(ئارتۇچ)قا دەپنە قىلىنغان. ئىبنۈل ئەسىر ھىجرىيە 349-يىلى(960) نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بىر تۈرك توپىنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ تازا ئېنىق ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ۋەقەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا تۈنجى تۈرك – ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى مەۋجۇت ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاساسنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.  شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ يېقىن شەرق بىلەن يىراق شەرق ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر ئۆتكەلگە ئايلانغانلىقى ۋە بۇ رايونلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارقالغان دىنلارنىڭ تارىخى نەزەرگە ئېلىنسا، بۇ يەرنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەرگە تاقاشقا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىسلامىيەتنىڭ بۇ يەردە ئۆز جامائىتىنى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشتىمۇ ئارتۇقچە ئىككىلىنىشكە ئورۇن قالمايدۇ.
قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەسلىي مەركىزى قەشقەر (ئوردۇ كەند) بولۇش بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردە شىمالدا بالاساغۇن(قوز ئوردۇ)غا قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى ۋە بۇ يەرنىڭ قاراخانىيلارنىڭ ئەڭ مۇھىم  شەخسلىرىدىن بىرى بولغان ھارۇن تەرىپىدىن ئىككىنچى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. كېيىنچە دۆلەت غەربكە قاراپ كېڭەيگەن مەزگىلدە ۋە غەربىي قىسىمنىڭ مەركىزى سەمەرقەندكە كۆچۈرۈلگەنگە قەدەر مۇشۇ جايلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئۆزكەندنىڭ مۇھىم بىر سىياسىي مەركەزگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. 11-ئەسىردە ئاھالىسى تۈركلەر بىلەن سوغدىلاردىن تەشكىل تاپقان بالاساغۇن( قوز ئوردۇ، يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن قۇز ئۇلۇش كېيىنچە قۇز بالىق دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان) مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە  داڭلىق ۋە مەشھۇر بىر شەھەر سۈپىتىدە ئۇچرىسىمۇ، شەھەرنىڭ ئەسلىي ئورنىنى تەيىن قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇنىڭ تاراز(تالاس، بۈگۈنكى ئەۋلىيا ئاتا)نىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇشى ياكى توقماق شەھىرىگە توغرا كېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ھەر ھالدا چۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۆزكەند ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە بېرىلگەن مەلۇماتلار باشقىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاز.[4]  
تۈركلەرنىڭ نىسبەتەن كىچىك تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە تەبىئىي شارائىتى  قوغدىنىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ  تايانچ نۇقتىلار قاراخانىيلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە دۆلەتنىڭ كېڭىيىش پىلانى مەۋجۇت ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەبىئىي  ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. قاراخانىيلارنىڭ شەرقتىن بەكرەك غەربكە قاراپ بۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى بۇ سۇلالىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە سامانىيلارنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ تېخىمۇ قولاي بولغانلىقىدىن باشقا  يەنە بۇ دەۋرلەردە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە قاراپ كۆچكەنلىكى بىلەنمۇ ئىزاھلاش مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر ئانا خەتلىرى بىلەن ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، تۈرك قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت مىللىي باغلىنىشنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇشى ۋە غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە قاراخانىيلارغا رەقىب بولالىغۇدەك يەنە بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقى بۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرلا تۈرك دۆلىتى مەركىزىگە باغلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئاسانلاشتۇردى. تۈرك مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلغان قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلارغا  سېلىشتۇرغاندا بۇ تارقاق گۇرۇھلارنى تېزلا ئۆزىگە قارىتىشى ناھايىتى تەبىئىيدۇر. قەشقەرنىڭ تەبىئىي ئىچكى ھويلىسى بولغان خوتەننىڭ ئىشغال قىلىنىشىمۇ خېلى كېيىنكى ۋاقىتقا قالغانىدى.
تۈرك دۆلەتلىرى تۈرك قەۋمىي تەشكىلاتىدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ ئاشۇ قەۋمىي تەشكىلات ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ ھېچبىرىسىدە ھەقىقىي بىر  مەركىزىي ھاكىمىيەت تەسىس قىلىنالمىغان ئىدى. دۆلەتنىڭ ئايرىم بۆلگىلىرىنىڭ ئىچكى، ھەتتا تاشقى  ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ناھايىتى كەڭ سالاھىيەت بىلەن خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى ۋە بۇ بۆلگىلەرنىڭ دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارغا  قاراپ بىر-بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بىر سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى ئەسلىي مەركەزنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم ئاجىزلاتقان ياكى  ئەمەلدىن قالدۇرغىنىدەك، دۆلەت رەھبەرلىكىدىكى ۋارىسلىق مەسلىسىنىمۇ بىر تالاش – تارتىش تېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سانى ئارتىپ بارغان رەقىبلەرنى بىر – بىرىدىن ھەر ۋاقىت خەۋپسىرەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ ئارىدىن كۈچلۈك بىر شەخس ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى باشقىلارغا قوبۇل قىلدۇرالمىغان دەۋرلەردە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى مۇدائىپە قىلىش قىيىنلاشقان، ھەتتا بۇ كۆپىنچە مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. تەرىپىنى قىلىپ بىر مۇنچە گەپ قىلىشقا بولىدىغان ۋە ئۆز دەۋرىدە قەۋمىي تەشكىلات ئاساسىغا تايانغان تۈرك مىللىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىن پايدىسىز بولمىغان بۇ خىل ئىدارە قىلىش شەكلىنىڭ، بولۇپمۇ تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن داۋاملىق  مۇناسىۋەتتە بولۇش ھالىتىدە تۇرغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئاپەتلىك بىر نەتىجىنى بېرىدىغانلىقىنى  سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ نىسبەتەن قىسقا بىر مەزگىل داۋاملىشىشىدا ۋە قەدىمىي تۈرك كۈلتۈر رايونلىرىدا قۇرۇلغانلىقىغا قارىماي، تۈرك كۈلتۈر تارىخىدا ئۆزىدىن كۈتۈلگەن نەتىجىلەرنى بېرەلمىگەنلىكىدىمۇ بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنىڭ چوڭ بىر تەسىرى بولغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. شۇنداقتىمۇ قاراخانىيلار غەربكە قاراپ ماڭغان تۈرك قوۋملىرىنىڭ رەھبەرلىكى باشقا بىر تۈرك خانىدانى بولغان سەلجۇقلارغا ئۆتكەنگە قەدەر بۇلارنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغداش شەكلى  بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىغان .
*                   *                   *   
قاراخانىيلارنىڭ غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا تۇنجى قېتىم ئارىلىشىشى ھارۇن (ئۆلۈمى-383/993)نىڭ بالاساغۇندىن باشلىغان ھەربىي يۈرۈشى بىلەن باشلاندى. ھارۇن ماۋارەئۈننەھرىدە ھېچقانداق بىر كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىماي بۇخاراغا قەدەر ئىلگىرىلىدى ۋە بۇ يەردە ئاساسەن زەئىپلەشكەن سامانىيلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، 992-يىلى بۇخارانى نۇھ(ھىجرىيە 387-يىلى/مىلادىيە997-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. لېكىن بۇ تۇنجى غەلىبىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ھارۇننىڭ كېسەلگە دۇچار بولۇشى بىلەن قاراخانىيلار قوشۇنى چېكىندى. سامانىيلارنىڭ زەئىپلىكى ۋە قاراخانىيلارنىڭ ھۇجۇمى كېيىنچە سامانىيلارنىڭ ئورنىنى ئالغان غەزنەۋىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتتى. ھىجرىيە 367-يىلى(977) غەزنە ئەمىرى دەپ ئېلان قىلىنغان سەۋۈگ تېگىن ھىجرىيە 386- يىلى (ھىجرىيە 403- يىلى/ مىلادىيە 1012~1013-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاراخانىيلاردىن ناسىرنىڭ ئۆزكەندتىن ئاتلانغان قوشۇنى ماۋارەئۈننەھرىگە كىرگەن ۋاقىتتا نۇھ تەرىپىدىن ياردەمگە چاقىرىلدى. سەۋۈگ تېگىن بىلەن ناسىر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن سىر دەرياسى ھاۋزىسى قاراخانىيلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتتى. سەۋۈگ تېگىن بولسا ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. نۇھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ناسىر  ئۇرۇشسىزلا بۇخارانى ئىشغال قىلدى(389/999). لېكىن، ناسىر قاراخانىيلار قوشۇنىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان سامانىيلاردىن ئەبۇ ئىبراھىم ئىسمائىل(395/1005) بىلەن يەنە بىر مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن سامانىيلار مەسىلىسى ھەل بولۇپ، غەربىي تۈركىستاندا ئىككى تۈرك ھۆكۈمدارى بىر – بىرى بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن تۈركىستاندىن بەكرەك  ھىندىستان بىلەن مەشغۇل بولغان غەزنەۋىلەرنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن  بۇ بۆلگىلەرنى ئىدارە قىلىۋاتقان ۋە مەركەزگە بەك سادىق بولمىغان ئۆز خانىدان ئەزالىرىغا ئانچە ئىشەنمىگەن قاراخانىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىپ ئارىدىكى دوستلۇققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەھمۇد غەزنەۋى (389~421 = 999~1030)نىڭ ناسىرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشى بۇ ياخشى مۇناسىۋەتنى تۇغقانچىلىق ئالاقىسى ئارقىلىق كۈچەيتتى. ناسىردىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان توغان(ھىجرىيە 408-يىلى /مىلادىيە 1017~1018-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن)مۇ مەھمۇد بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى ساقلىغىنىدەك، ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋە تەخت ۋارىسى ئارسلانخان(ھىجرىيە 416-يىلى / مىلادىيە 1025-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) دەۋرىدىمۇ بۇ ياخشى مۇناسىۋەت داۋام قىلدى. مەھمۇد ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى مەسئۇدنى ئارسلانخاننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر قىزغا ئۆيلىدى. كېلىن بەلختە كاتتا مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى. قاراخانىيلاردىن سەمەرقەند خانى يۈسۈف قادىرخاننىڭ توغانخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئارسلانخاننى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەھمۇدقا مۇراجىئەت قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىگە چىقىپ كۈچلۈك نوپۇزى ئارقىلىق خانىداننىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان يۈسۈف قادىرخان 1019-يىلى مەھمۇد بىلەن كۆرۈشتى. نەتىجىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىچكى نىزادىن پايدىلانماقچى بولغان مەھمۇد ھىجرىيە 416-يىلى (1025) سەمەرقەند ئەتراپلىرىغا قەدەر كەلگەن ۋاقىتتا ئىككى ھۆكۈمدار قايتا ئۇچرىشىپ، ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كېڭىشىپ، زىياپەت بېرىش ۋە  ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كۆپ سوۋغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق ھەل قىلدى. كېيىنچە تولۇق ئىجرا قىلىنمىغان بۇ كېلىشىم قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى ئارىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئائىت(ماۋارەئۈننەھرىنى ئەلى تېگىننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ياغانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قادىرخاننىڭ قىزىنى مەھمۇدنىڭ ئىككىنجى ئوغلى مۇھەممەدكە ۋە مەھمۇدنىڭ قىزىنى ياغانغا ياتلىق قىلىش) مەزمۇنلارنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
مەھمۇد ھىجرىيە 421-يىلى(1030) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەسئۇد(ھىجرىيە 432-يىلى / مىلادى 1041–يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) چىققاندىن كېيىنمۇ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتى. مەسئۇد 1031-يىلى تەختكە چىققانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇرۇنقى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىدە قەشقەردىكى يۈسۈف قادىرخانغا بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى. بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچىدە قادىرخاننىڭ قىزىنى مەسئۇدقا ۋە قادىرخاننىڭ ئوغلى بۇغرا تېگىننىڭ قىزىنىمۇ مەسئۇدنىڭ ئوغلى مەۋدۇدقا ياتلىق قىلىش ھەققىدىكى تەلەپمۇ بار ئىدى. لېكىن، بۇ مۇزاكىرىلەر يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئۆلۈمى(/423 1032) سەۋەبىدىن بىرئاز ئۇزۇنغا سوزۇلدى. مەسئۇد ئەنئەنىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى بۇغرا تېگىن سۇلايمان ئارسلانخان( ھىجرىيە 425- ياكى 448 -يىلى/مىلادىيە 1034- ياكى 1056- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)غا دادىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەلچىلەرمۇ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ھىجرىيە 425 – يىلى (1034) غەزنەگە قايتتى. مەۋدۈدنىڭ لايىقى يېرىم يولدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەمما مەسئۇدنىڭ لايىقى غەزنەگە سالامەت ئۇلىشىپ، ئۇ يەردە كاتتا مۇراسىم ۋە تەنتەنە بىلەن قارشى ئېلىنغان.   
ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ ئىتتىپاق ۋە دوستلۇق ئىپادىلىرىگە قارىماي، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزىدە سەۋەبلىرى تازا ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشلار(ھىجرىيە 396- يىلى/ مىلادىيە 1006- يىلى مەھمۇد ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغاندا ناسىرنىڭ نىشاپۇر، تۇس ۋە بەلخنى ئىشغال قىلىشى ۋە مەھمۇدنىڭ ئارقىغا قايتىشى بىلەن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، ھىجرىيە 398-يىلى/ مىلادىيە 1008- يىلى يەنە بىر  دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ناھايەت ھىجرىيە 410- يىلى/ مىلادىيە 1019- يىلى ئارسلانخان بىلەن قادىرخاننىڭ بىرلىكتە مەھمۇدنىڭ مەملىكىتىگە ھۇجۇم قىلىشى) يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتكۈدەك بىر خاراكتېر ئالمىغانلىقى مەلۇم.
قاراخانىيلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيگەنسېرى مەركەزنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئاجىزلاشقانلىقى ۋە غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا پايدىلىق بىر ھەرىكەتتە بولالمىغانلىقى مەلۇم. مەسئۇد مەھمۇدنىڭ قىزىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياغانغا ياتلىق قىلىشنى خالىمىغىنىدەك، ئەلى تېگىنگە قارىتا  سىياسىتىنىمۇ ئۆزگەرتكەن ۋە ئۆزىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن سەلجۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ياردەم قىلىش شەرتى بىلەن ئەلى تېگىننىڭ ئوغلى ئالپ تېگىن بىلەن كېلىشىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇدنىڭ ئوغلى سەئىد ئالپ تېگىننىڭ سىڭلىسى بىلەن، مەھمۇدنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ناسىرنىڭ قىزىمۇ ئالپ تېگىن بىلەن توي قىلغان.
*                    *                   *   
ھىجرىيە 430–يىلى(1039) ماۋارەئۈننەھرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ناسىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ(بۆرى تېگىن، ھىجرىيە 460-يىلى/مىلادىيە 1068 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قولىغا ئۆتتى. مەسئۇدنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئالپ تېگىنگە قارشى ھەرىكىتى سەلجۇقلار تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە قاراخانىيلار تەرىپىدىنمۇ قارشىلىققا ئۇچرىمىغان ئىبراھىم دەسلەپتە قاراخانىيلارنىڭ بىر ۋاسسالىدەك ھەرىكەت قىلدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ رايوننى ئايرىم بىر دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋالدى. بۇ ئىشتا سەلجۇقلارنىڭ 1040-يىلى مەسئۇد غەزنەۋىنى مەغلۇپ قىلىپ خوراساندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىنىڭمۇ پايدىسى تەگدى. بۇ ۋەزىيەت ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى، غەزنەۋىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن سەلجۇقلارمۇ ماۋارەئۈننەھرىدە ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى. ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان شەمسۈل – مۈلك(ھىجرىيە 472-يىلى / مىلادىيە 1080-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ دەۋرىدە سەلچۇقلارنىڭ ھۇجۇمى كۆپەيدى. ناھايەت مەلىكشاھ( ھىجرىيە 485-يىلى/مىلادىيە 1092-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ سەمەرقەندكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدىن كېيىن شەمسۈل – مۈلك سەلجۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلدى. قاراخانىيلاردىن يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئوغۇللىرى توغرۇل بىلەن ھارۇننىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقچى بولۇپ شەمسۇل–مۈلك ئۈستىگە يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە ئىككى قاراخانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا خوجەندنىڭ چېگرا قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى مەلۇم. شەمسۈل-مۈلكنىڭ ئورنىغا ئىنىسى خىزىر(ھىجرىيە 473-يىلى/ مىلادىيە 1081-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئەھمەد(ھىجرىيە 488-يىلى/ مىلادىيە 1095-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەختكە چىققان. ئەھمەد دەۋرىدە مالىكشاھ ھىجرىيە 482–يىلى(1089) بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، يەنە بىر قېتىم  سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋە ئۆزكەندكە قەدەر ئىلگىرىلەپ بارغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەشقەر خانى ئۆزكەندكە كەلگەن ۋە ئىككى ھۆكۈمدار ئوتتۇرىسىدا مەلىكشاھقا پايدىلىق بىر كېلىشىم تۈزۈلگەن.
غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تارىخى شۇنىڭدىن كېيىن سەلجۇقلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ كەتتى. بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار سەلجۇقلارنىڭ بېقىندىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ غەربىي تۈركىستاندا ھايات دائىم تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئەمەس. بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالدا ئوڭشاش ئۈچۈن مەيلى مەلىكشاھ ياكى سەنجەر بولسۇن، سەلجۇقلار بىر قانچە قېتىم سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ دەۋردە مەملىكەتنى ئىدارە قىلغان ئەڭ مۇھىم كىشى سۇلايمان ئوغلى مۇھەممەد ئارسلانخان( ھىجرىيە 525/ مىلادىيە 1131-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ئىدى. 1109-يىلى ئىچكى مۇقىملىقنى  كاپالەتكە ئىگە قىلغان مۇھەممەد ئارسلانخان دەۋرىدە بۇ يەرلەر 20 يىل خاتىرجەملىككە ئېرىشتى. سەنجەرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن(552/1157) ماۋارەئۈننەھرىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغان خارەزىمشاھلار دەۋرىدىمۇ ۋە غەربىي قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئوسمان(ھىجرىيە 610- يىلى/ مىلادىيە 1213-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ دەۋرىگە قەدەر بۇ ۋەزىيەتتە چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا كېرەك.
*                    *                     *   
  قاراخانىيلارنىڭ ئەسلىي مەركىزى بولغان قەشقەر، بالاساغۇن، ئۆزكەند ۋە بۇ شەھەرلەرگە قاراشلىق بۆلگىلەرنىڭ تارىخى غەربىي قاراخانىيلار تارىخىغا نىسبەتەن خېلىلا قاراڭغۇ. ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قاراخانىيلار ھەققىدە بۇلارنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبى بىلەن مەلۇمات بېرىلگەن. شۇ سەۋەبلىك، بۇ تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىگە يېقىن بولغان ۋە ئۇ يەردىكى ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلغان غەربىي قاراخانىيلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇمات ئۇچرىسىمۇ، بۇ مەركەزدىن يىراق بولغان ۋە ئۇ يەردىكى ۋەقەلەر بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى ئاز بولغان شەرقىي قاراخانىيلاردىن سۆز ئېچىلمىغان. بەزىدە تاسادىپىي ئۇچرايدىغان خاتىرىلەردە بېرىلگەن مەلۇماتمۇ كۆپىنچە خاتا ۋە قالايمىقاندۇر. پۈتۈن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ باشچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئاخىرقى ھۆكۈمدار يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى سۇلايمان ئارسلانخان بولدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، قەشقەردە ھىجرىيە 425 -يىلى(1034) بۇ سالاھىيەتتىكى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مەسئۇد غەزنەۋى ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈلدى. ناسىر ئوغلى ئىبراھىم(بۆرى تېگىن)نىڭ ماۋارەئۈننەھرىدىكى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قاراخانىيلار دۆلىتى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ دەۋرىگە ياكى ھىچ بولمىغاندا سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئۆلۈمىگە قەدەر غەربىي قىسىمنىڭ قەشقەر ھۆكۈمدارىنى دۆلەتنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.
يۈسۈف قادىرخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، قەشقەردە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان(بۇغرا تېگىن)، تاراز(تالاس)، ئىسفىجاب ۋە شاش(تاشكەند)تا كىچىك ئوغلى مەھمۇد(مۇھەممەد) بۇغراخان(ياغان تېگىن) ۋە ئۆزكەندتە باشقا ئىككى ئوغلى تۇغرۇل بىلەن ھارۇن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ مەركەزلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، قوللانغان ئۈنۋانلىرىغا نەزەر سېلىنسا قەشقەر خانلىرىنىڭ باشقا مەركەزلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن باشچى سۈپىتىدە تونۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. شەمسۈل – مۈلككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمى ئوتتۇرىسىدا خوجەندنى پاسىل قىلىپ بېكىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي يۈرۈش  ئېنىقكى تۇغرۇل( ھىجرىيە 467-يىلى/ مىلادىيە 1074- 1075- يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن) بىلەن ھارۇن(ھىجرىيە 496-يىلى/  مىلادىيە 1103-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئىسفىجاب ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەھمۇد بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ كۆپىنچە غەربىي قاراخانىيلار تەۋەسى بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردا بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلاردىن مەھمۇدنىڭ نەۋرىسى قادىرخان جەبرائىل ھىجرىيە 495–يىلى(1102) ماۋارەئۈننەھرىنى ئىشغال قىلغان ۋە سەلجۇقلار زېمىنىغا قەدەر ئىلگىرىلەپ بېرىپ، تىرمىزنى قولغا كىرگۈزگەن، لېكىن بۇ شەھەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا سەنجەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاشۇ ئائىلىدىن بولغان مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تەختىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرىگە ئايلاندى.
قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن سۇلايمان ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. ھىجرىيە 423-يىلى(1032) دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان سۇلايمان ئارسلانخان ھىجرىيە 448–يىلى(1056)غا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. قولىمىزدىكى مەۋجۇت خاتىرىلەردە سۇلايمان ئارسلانخاندىن كېيىن يەنە تۈۋەندىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىسىملىرى بېرىلگەن: 1- ھەسەن بىن ئارسلان، 2- ئەھمەد بىن ھەسەن، 3- ئىبراھىم بىن ئەھمەد، 4- مۇھەممەد بىن ئىبراھىم، 5- يۈسۈف بىن مۇھەممەد، 6- مۇھەممەد بىن يۈسۈف. بۇلاردىن ھەسەن بىن ئارسلان(ھىجرىيە 496-يىلى/ مىلادىيە 1103-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)غا ھىجرىيە 462–يىلى(1069~1070) يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تەقدىم قىلىنغىنىدەك، يەنە شۇ ھۆكۈمدار دەۋرىدە ھىجرىيە 474-يىلى(1082) ياكى 496-يىلى(1101) يەركەندە تۈزۈلگەن بىر مەھكىمە ۋەسىقىسىمۇ مەۋجۇت. ئەھمەد بىن ھەسەن ھىجرىيە 496-يىلى(1103) تەختكە چىققان بولسا كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ 1105-يىلى مەھمۇد بىن ئابدۇلجەلىلۇل كاشغەرىي دېگەن بىر كىشىنى خەلىفە مۈستازھىر بىللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە خەلىپىنىڭ ئۇنىڭغا «نۇرۇددىن دەۋلە» ئۈنۋانىنى بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. ئاشۇ ھۆكۈمدار ھىجرىيە 522- يىلى(1128) قەشقەردىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى جايدا قاراقىتانلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان بولسىمۇ، بۇ غەلىبىگە مۇناسىپ ھالدا قاراخىتايلارنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتالمىدى. قاراقىتانلار ئۆزىگە مەركەز قىلغان بالاساغۇننى ئۇرۇشسىزلا ۋە بۇ يەردىكى ھۆكۈمراننىڭ رەقىپلىرىگە قارشى ياردەمچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كىرگۈزگەنلىكى توغرا بولسىمۇ، قاراخانىيلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىختىلاپلىرىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. قەشقەرنىڭ بىر مەزگىل قاراقىتانلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى شۈبھىسىز بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان مەلۇمات قولىمىزدا يوق. شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارلار تىزىملىكىدە تىلغا ئېلىنغان ئىبراھىم بىن ئەھمەد بىلەن مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ھەققىدە ھېچقانداق بىر خاتىرە بولمىغىنىدەك، يۈسۈف بىن مۇھەممەدنىڭ ھىجرىيە 601-يىلى(1204)، مۇھەممەد بىن يۈسۈفنىڭ بولسا ھىجرىيە 607-يىلى(1210~1211) ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.  
يۇقىرىدا قاراخانىيلارنىڭ قوشنىلىرى، بولۇپمۇ غەزنەۋىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇ ئىككى خانىدان ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بەلكىم قانداشلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تارىختا خاتىرىلەنگىنىدەك پەقەت بۇ خىل رەسمىي ساداقەتتىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن ئەمەس. دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە  باشقا بىر مۇنچە شەخسلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق باغلانغانلىقى مۇمكىندۇر. بولۇپمۇ تاجدار ۋە تاجسىز شاھزادىلەرنىڭ مۇشۇنداق سارايلاردا تەربىيە كۆرۈپ دەسلەپكى ھايات دەرسىنى ئېلىشى تۈرك مۇھىتىدا كۆپ كۆرۈلگەن ۋەقەلەردىن بىرى ئىدى. بۇ سارايلار ئوتتۇرىسىدا رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى دائىملىق زىيارەتلەر ۋە مېھماندارچىلىقلار بولۇپ تۇراتتى. شاھزادىلەرنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان شەخسلەر، رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئەلچىلىكلەر ۋە زىيارەتلەر،  ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ ئۆز مۇھىتىدا ئادەتكە ئايلانغان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈش ئىستىكىدە بولۇشى ۋە يېڭى مۇھىتتا ئېرىشكەنلىرىنى تۇغقان ۋە يېقىنلىرىغا كۆرسىتىش ئارزۇسى شۈبھىسىزكى رەسمىي سوۋغاتلار تىزىملىكىگە كىرمىگەن بىر مۇنچە كۈلتۈر ماتېرىياللىرىنىڭ بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىككى مۇھىتتا ئىشتىياق بىلەن ئوقۇلغان ئەسەرلەرنىڭمۇ بۇ خىل نادىر سوۋغىلار ئارىسىدا بولۇشى تەبىئىيدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، قاراخانىيلارنىڭ ھەم سامانىيلار ھەم غەزنەۋىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ناھايەت مائارىپ ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈلتۈر ئالاقىسىدا ھەر يەردە ۋە ھەر دەۋردە ئوينىغان رولىنى قەدىمىي تىجارەت يولىنىڭ بۇ مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسىدىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئوينىغانلىقى تەبىئىي. باغدادقا قەدەر بارغان ۋە مەشھۇر ئەسىرىنى شۇ يەردە يازغان مەھمۇد كاشغەرىي بۇ خۇسۇستا بىر ئايرىملىق بولماستىن، بەلكى بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر مىسال بولىدۇ. بۇنىڭ قارشى تەرەپتىمۇ ئەينى شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.
قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى يالغۇز غەرب بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەرق بىلەنمۇ كۆپرەك داۋام قىلدۇرغانلىقى ئېنىق. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر بىلەن ئەسىرلەر بويى داۋام قىلدۇرغان يېقىن مۇناسىۋەتنى بىردىنلا ئۆزۈپ تاشلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. قەشقەر تەۋەسىدە ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىشى بىلەن يېڭى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ روھانىي گۇرۇھى باشقا دىنلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى رەتكە سالىدىغان ئاساسلارغا ھېچ يەردە، بولۇپمۇ تۈرك تارىخىدا پەقەت دىنىي كۆز بىلەن قارالمىغانلىقىمۇ ئىسپاتلاشقا  موھتاج بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق.  
*                    *                    *  
3- قەشقەر ھۆكۈمدارى ھەسەن بىن سۇلايمان
    «قۇتادغۇ بىلىگ» تەقدىم قىلىنغان بۇ قەشقەر ھۆكۈمدارى ئەسەرنىڭ پەرغانە نۇسخىسىدا «خاقانۇل – ئەجەللۇل – مۈئەييەد ناسىرۇل- ھەققى ۋەد – دىن تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن ئارسلان خان»(ئۇلۇغ، ئىلاھىي قۇدرەت ئارقىلىق ھىمايە قىلىنغان، ھەق ۋە دىننىڭ ياردەمچىسى خاقان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن ئارسلان خان) ۋە ئەينى دەۋرگە ئائىت بولغان، يەركەندە تۈزۈلگەن ئەرەبچە بىر مەھكىمە ۋەسىقىسىدە ئۈنۋان ۋە نەسەبى تېخىمۇ ئېنىق قىلىنىپ، «ئەل – خاقانۇل – ئەجەللۈس سەييىدۈل – مەلىكۇل – مۈئەييەدۇل – مۇزەففەرۇل – مەنسۇر ئىززۈد – دىن مۈشەييىدۇد – دەۋلەتىل – قاھىرە ۋە بۇرھانۇل – مىللەتىل – باھىرە ۋە كەھفۈل – ئۈممەتىت- تاھىرە غىياسۈل – مۇسلىمىن مەلىكۇل – مەشرىقى ۋەس – سىن تاۋغاچ بۇغرا قاراخاقان ئەبۇ ئەلىييىنۇل – ھەسەن بىن سۇلايمان ئارسلان قارا خاقان مۈجتەبە خالىفەتۇللاھى ۋەلىييى ۋە ئەمىرىل – مۈمىنىن»(ئۇلۇغ، ئىلاھىي قۇدرەت بىلەن ھىمايە قىلىنغان مۇزەپپەر ۋە غالىب پادىشاھ، دىننىڭ شەرىپى، قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە نۇرلۇق مىللەتنىڭ يېتەكچىسى، پاك ئۈممەتنىڭ پاناھگاھى، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتكارى، شەرق بىلەن چىننىڭ ھۆكۈمرانى، مۆمىنلەرنىڭ  ئەۋلىياسى ۋە ئەمىرى بولغان ئاللانىڭ خەلىپىسىنىڭ سەرخىلى خاقان تاۋغاچ بۇغرا قارا خاقان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمان ئارسلان قارا خاقان) شەكلىدە خاتىرىلەنگەن.
يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى بۇغرا تېگىن سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھىجرىيە 448-يىلى(1056)غا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەنلىكى توغرا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمدار 24 يىل قەشقەر تەختىدە ئولتۇرغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يەردە بىزنى يېقىندىن ئالاقىدار قىلغان ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى ھەسەننىڭ دەۋرى ئۈچۈن شۇ تارىخنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: يۈسۈفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»نى تەقدىم قىلغان ھىجرىيە 462-يىلى(1069~1070) ھەسەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلىغا، يەركەند مەھكىمە ۋەسىقىسى تۈزۈلگەن ھىجرىيە 474-يىلى(1082) ياكى ھىجرىيە 494-يىلى(1101) يىلى بولسا 26- ياكى 45- يىلىغا توغرا كېلىدۇ(ۋەسىقە زېدىلەنگەنلىكتىن يىلنامىدىكى بىر ساننىڭ «يەتمىش» ياكى «توقسان» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوقۇغىلى بولمىدى. بۇ يىلنامىلاردىن بىرىنى كەسكىن قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن بۇ ۋەسىقە بىلەن بىرلىكتە تېپىلغان باشقا 14 ۋەسىقىنىڭ تەتقىق ۋە نەشر قىلىنىشىنى كۈتۈش كېرەك). ھەسەننىڭ قەشقەر تەختىگە چىققان ۋاقتىدا قانچە ياش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قېيىن. تەڭگىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بىر مەزگىل تارازدا ھۆكۈم سۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ تەڭگىلەر ئېھتىمال ھەسەننىڭ دادىسىنىڭ ھايات چېغىدا بۇ ئەتراپلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىگە ئائىت بولۇشى، شۇنىڭدەك تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئائىت بولۇشىمۇ مۇمكىن. تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئانچە ياش ئەمەسلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان بۇ ھۆكۈمدارنىڭ 1103-يىلى ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى قاراش توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ 47 يىلدەك ئۇزۇن ۋاقىت تەختتە ئولتۇرغانلىقى ۋە خېلىلا قېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. 1089-يىلى سەلجۇقلاردىن مەلىكشاھ بىلەن ئۆزكەندتە بىر كېلىشىم تۈزگەن قەشقەر ھۆكۈمدارىمۇ ھەسەن بولۇشى كېرەك.
ھەسەن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10- يىللىرى ئەتراپىدا قاراخانىيلارنىڭ ئەسلىي زېمىنى بولغان شىنجاڭنىڭ ئىسلام ۋىلايەتلىرى بىلەن شىمالدىكى بالاساغۇن ۋە تاراز بۆلگىلىرىنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىپ، قائىدە – نىزام تۈزۈپ، ياخشى بىر ھۆكۈمدار كىشى سۈپىتىدە شۆھرىتىنى ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرگىمۇ يايغان. بۇ دەۋردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەر، غەزنەۋىلەرنىڭ يوقىلىشى، سەلجۇقلار ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشى ۋە ماۋارەئۈننەھرىدىكى قاراخانىيلار خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇرۇشلىرى بىلەن نورمال ھايات بۇزۇلغان چاغدا قەشقەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردىن بىزار بولغان ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئارزۇ قىلىنغان راھەت بىر ماكان ھېسابلانغان بولۇشى مۇمكىن. يەركەندە تۈزۈلگەن مەھكىمە ۋەسىقىسىدە ئىسمى ئۇچرايدىغان، شۇ ئەتراپنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە قازىسى بولغان شەيخ قازى ۋە ئىمام ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد بىن ئابدۇس- سەمەد بىن ئىسمائىل ئەل- بۇخارىنىڭمۇ بۇ دەۋردە شۇ خىل تۇيغۇ بىلەن بۇ يەرگە قەدەر كېلىپ مەمۇر بولغان شەخسلەرنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى ئەمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن.  
*                     *                     *
4- قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەر
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركلەرنىڭ پىكىر ۋە سەنئەت ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان ھېچقانداق بىر ئەسەرگە ئىگە ئەمەسمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت مەنبەلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەن بارتولد قاراخانىيلار تەۋەسىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پەقەت بىر قانچىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭ بىرى مەجدۇددىن مۇھەممەد بىن ئەدناننىڭ تۈركىستان ۋە خىتاي تارىخىغا ئائىت ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئىبراھىم بىن ناسىر(ھىجرىيە 460- يىلى/ مىلادىيە 1068-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى. ئەسەر بىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەسەرنىڭ تۈركىستانغا ئائىت قىسمىدىن ئەۋفى (ھىجرىيە 630-يىلى/ مىلادىيە 1233-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) پايدىلانغان ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەجدادى قاراخان ھەققىدىكى ئەپسانىۋى مەنقىبەنى نەقىل كەلتۈرگەن. خىتاي تارىخى قىسمىدىن بولسا شۈكرۇللاھ زەكىنىڭ «بەھجەتۇتتەۋارىخ»(تەخمىنەن ھىجرىيە 861- يىلى/مىلادىيە 1457- يىلى يېزىلغان) دېگەن ئەسىرىدە سۆز ئېچىلىدۇ. يەنە بىر ئەسەر مۇھەممەد بىن ئەلى ئەل – كاتىب ئەل – سەمەرقەندىنىڭ «ئەغرازۇسسىياسە فى ئىلمىر-رىياسە» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ مەسئۇد بىن ئەلى ئۈچۈن (488~490/1095~1097) يېزىلغان. بىر نۇسخىسى دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بۇ ئەسەردە[5] سەلجۇقلاردىن سەنجەر(ھىجرىيە 553- يىلى/مىلادى1157- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالى كۆپىنچە قىسقا بىر ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ مەسئۇد دەۋرىگە ئائىت ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى ئەڭ مۇھىمدۇر.  
ئەسلىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزىدە ياشىغان ئالىملاردىن پەقەت بىرسىنىڭ ئەسەرلىرى  مەلۇم. بۇ ئالىم ئەبۇل – فۇتۇھ ئابدۇلغافىر (ياكى ئابدۇلغاففار) بىن ھۈسەينىل – ئالمائىيۇل كاشغەرىى(ھىجرىيە 486-يىلى / مىلادىيە 1083-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)دۇر. مۇئەللىپنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھىجرىيە 486-يىلى(1093) ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇئەللىپنىڭ قەشقەر تارىخى ھەققىدە يازغان ئەسىرىدىن جەمال قارشى پايدىلانغان. يەنە بىر ئەسىرى «مۇجەمۈش – سۈيۇھ» سەمئانىنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. دادىسى بالاساغۇنلۇق بولۇپ، ئۆزى ئالمالىقتا تۇغۇلغان جەمال قارشى ھىجرىيە 681-يىلى(1282) ئەل – جەۋھەرىنىڭ «ئەس – سىھاھ فىل – لۇغا» ناملىق لۇغىتىنى «ئەس – سۇراھ» دېگەن نام بىلەن ئەرەبچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇنىڭغا ئەرەبچە بىر ئىلاۋە («مۇلھاقاتۇس – سۇراھ») قوشۇلغان. بۇ ئىلاۋىدە جەمال قارشى بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا سۇلالىلىرى بىلەن بۇ يەردە مەشھۇر بولغان شەيخ ۋە ئالىملار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. 16- ئەسىرنىڭ مۇئەللىپلىرىدىن مۇھەممەد ھەيدەر جەمال قارشىنى بالاساغۇنغا تەرەپدار بولغان كىشى دەپ ئەيىبلىگەن. جەمال قارشى ھەر بىر شەھەرنىڭ مۇھىم كىشىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، سەمەرقەندلىكلەردىن 10 كىشىنى ئاز سانىغان بولسىمۇ، بالاساغۇنلۇقلارنى شۇ قەدەر كۆپ كۆرسەتكەن ئىدىكى، يالغۇز بىرلا شەھەردە ئەينى دەۋردە ئۇ قەدەر كۆپ مۇھىم شەخسنىڭ جەم بولغانلىقىنى مۇھەممەد ھەيدەر توغرا تاپمىغان. لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن نۇسخىسىدا بۇ خىل مەزمۇن يوق، ھەتتا بالاساغۇنمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ يەردە مۇئەللىپ بالاساغۇنلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ئۆز شەيخى شەمسۈددىن ئەييۇب بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى رۇكنۈددىن ئەھمەدنى تىلغا ئالىدۇ. مانا بۇ مەلۇماتلاردىن جەمال قارشىنىڭ ئەسىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى ياكى مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تىلغا ئالغان ئەسەرنىڭ تېخىچىلا قولغا چۈشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.  
بارتولد قاراخانىيلار دۆلىتىدە تارىخقا ئائىت ئانچە كۆپ ئەسەرنىڭ يېزىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان،  بولۇپمۇ بۇنىڭغا شەرق تارىخچىلىرىنىڭ بۇ ساھەگە ئائىت بارلىق مەلۇماتلارنى ئىراندا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. «قۇتادغۇ بىلىگ» شائىرى يۈسۈفنىڭ بۈيۈك تۈرك ھۆكۈمدارى توڭا ئالپ ئەر(ئەفراسىياب) ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئىران مەنبەلىرىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىشىمۇ بۇنىڭغا ئىلاۋە بولىدۇ(280~282- بېيىتلەر). تارىخقا ئائىت بولمىغان باشقا ئەسەرلەر ھەققىدىكى مەلۇماتىمىز تېخىمۇ ئاز. يۈسۈفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»دە ھەر بىر پۇرسىتى كەلگەندە پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان شەخسلەر بىلەن ئىسىملىرىنى تىلغا ئالمىغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ سۆزلىرى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاغزاكى نەقىللەرگە ئوخشىمىغىنىدەك، بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە كۆرگەن  ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ ھەممىسى خەلق ئەدەبىيات مەھسۇلى بولمىسا كېرەك. مەھمۇد «تۈرك شائىرىنىڭ ئىسمى» دەپ تەرىپلىگەن چۇچۇ بەلكىم كۆپرەك چۈشەنچە بېرىشنىڭ لازىمى بولمىغان مەلۇم بىر شەخس بولۇشى مۇمكىن. تۈرك مىللىتىنىڭ  تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەر بۈگۈنگە قەدەر تاسادىپىي ئەھۋالدا تېپىلغان ئەسەرلەر سۈپىتىدە بايقالماقتا. ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن بىز ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇشۇ شەكىلدە مەلۇم بولدى. لېكىن، ئەمدىلىككە كەلگەندە تۈركلەرنىڭ سىياسەت، ئەدەبىيات ۋە ئومۇمەن قىلغاندا كۈلتۈر تارىخىنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق تاسادىپىيلىقنى كۈتۈپ تۇرۇش توغرا ئەمەس. بىر تەرەپتىن قەدىمكى تۈرك كۈلتۈر مەركەزلىرى دائىرىسىدە پىلانلىق ھالدا قىدىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر بىر ۋەزىپە بولغىنىدەك، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا كۇتۇپخانىلىرىنىڭ چاڭ – تۇزان باسقان كىتاب – ماتېرىياللىرى  ئۈستىدە  ئەينى تەرزدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پىلانلىق تەتقىقاتلاردىنمۇ ناھايىتى مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
*                     *                     *
5- يۈسۈف خاس ھاجىپ
يۈسۈف بىلەن مەھمۇد بىر دەۋر ۋە بىر مۇھىتتا يېتىشكەن تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. ئەسەرلىرىنى بىر-بىرىدىن يىراقتا يازغان، بىر-بىرىنى تونۇمىغان ۋە بىلىشمىگەن بولسىمۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش ماتېرىيال ئۈستىدە ئىشلەپ بىر-بىرىنى تولۇقلىغان. بولۇپمۇ مەھمۇد تىل ساھەسىدە دەۋرى ئۈچۈن ئارگىنال ۋە ئىلغار بىر فىلولوگ چۈشەنچىسى بىلەن ئىزدەنگەن ۋە نىسبەتەن يېڭى بولغان سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇشقا ھەقلىق بولغان بىر تۈرك ئالىمىدۇر. مەھمۇدنىڭ ئالاقىسى يالغۇز تىل ساھەسى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈرك مىللىتى ۋە تۈرك مەملىكەتلىرى ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلارغا سەل قارىمىغىنىدەك، ئۆز دەۋرى ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولغان. تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى كېزىپ، تۈرك خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆرگەن، ئۆزى بىۋاسىتە كۆرمىگەن تۈرك قوۋملىرى ۋە مەملىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان، كەڭ زېمىنغا تارقالغان بۇ قوۋملارنىڭ ئولتۇراقلاشقان يەرلىرىنى بىر خەرىتىدە ئېنىق كۆرسەتكەن ۋە ئايرىم تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. ئەسىرىدە ھەر قانداق بىر سۆزنىڭ دەلىلى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەدەبىي پارچىلار يالغۇز بۇ مەقسەت بىلەن توپلانغان نەرسىلەر بولماستىن، زۆرۈر بولغاندا مۇراجىئەت قىلغان قولىدىكى مەۋجۇت ئەسەرلەردىنمۇ ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇدنىڭ يازغانلىقى سۆزلىنىدىغان، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولمىغان گىرامماتىكا كىتابىدىن باشقا يەنە بۆلەك ئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى پەرەز قىلىش ئورۇنلۇقتۇر. مەھمۇدنىڭ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەسىرىدىن ئۇنىڭ كۆپىنچە تۈرك مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ تاشقى  قىسمى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. يۈسۈف بولسا بۇ مىللىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى قىسمى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە تۈرك پىكىر مەھسۇللىرىنى يېقىندىن ئۆگەنگەن ھەمدە نۆۋىتى كەلگەندە بۇلاردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان. ئۇ تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى تولۇق بىلەتتى. بەلكىم ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئاشۇ تەشكىلات ئىچىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈفنىڭ ئەسىرى  تۇنجى قاراشتا  بىۋاسىتە دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈلسىمۇ، شائىر ئەسىرىدە تەجرىبىدىن كەلگەن ئىلمىي مۇكەممەللىكى ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان شەخسلەر  بىلەن بۇلارنىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىشكە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئاجراتقان.
*                    *                     *
«قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغان دەۋر ۋە مۇھىتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى،  ھەم ئايرىم شەخسلەرنىڭ، ھەم ئايرىم سىنىپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ بىلىم ۋە پىكىر سەۋىيەلىرى بىلەن بۇ ساھەدە تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خۇسۇسىيەتلەر، قوشنا مىللەت ۋە كۈلتۈر دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسەردىكى تەسىرلىرى ھەققىدە كېيىن ئەسەرنى تەھلىل قىلغان چاغدا ئايرىم توختىلىمىز. يۈسۈف بۇ مەسىلىلەرگە بەزىدە بۇلار  ئۈچۈن ئاجراتقان ئايرىم بابلاردا بىۋاسىتە، بەزىدە ۋاسىتىلىك ھالدا توختالغان. ئەسەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان كامىل ئىنسان ئۇقۇمىنىڭ تەرىپىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە پەزىلەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر تۈرلۈك بىلىمگە ئېرىشىش، يەنى ئوقۇش، يېزىش،  خەتتاتلىق، بارلىق يېزىقنى ۋە بارلىق تىللارنى بىلىش، شېئىر يېزىش، بەلاغەت، ھېساب ۋە گېئومېتىرىيە ئۆگىنىش، ئاسترونومىيە ئىلمىگە پىششىق بولۇش، تېبابەتچىلىكتىن خەۋەردار بولۇش، چۈشكە تەبىر بېرىش قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم تارماقلىرىنى تەشكىل قىلغان ماۋزۇلار بولغىنىدەك، تۈرك مۇھىتىغا خاس ئوۋچىلىق، قۇشچىلىق، ئوقچىلىق، چاۋگەن ۋە شاھمات ئويۇنلىرىغا ئوخشاش ماھارەتلەرگە ئائىت تېمىلارمۇ بار. بەزىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يالغۇز بىرلا شەخستە مۇجەسسەملەشكەن بولۇشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.  يۈسۈف بۇلارنى بەزىدە ئايرىم بىر بىلىم تارمىقى سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرىدۇ، بەزىدە بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى ھەققىدە توختىلىدۇ. يۈسۈف زىيالىي ۋە مۇتەپەككۇر بىر شەخس سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرى ۋە مۇھىتىدا ئېرىشكىلى بولىدىغان بارلىق بىلىم ۋە  چۈشەنچىلەرنى ئىگىلەشكە تىرىشقىنىدەك، بۇلارنىڭ بىر قىسمىغا بىۋاسىتە ئېرىشكەنلىكىمۇ تەبىئىيدۇر. ئەسەردە قوللىنىلغان ئاتالغۇلارغا قارىغاندا، ئىلىم تارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش يولى بىلەن ئېرىشىلگەنلىكى مەلۇم. يۈسۈفنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە بىلىدىغانلىقى ھەم ئىسلام دۇنياسىنى ئالاقىدار قىلغان بىلىم تارماقلىرى بىلەن ئەدەبىياتقا ئەگىشىپ ماڭغانلىقى ئەسەرنىڭ تەھلىلىدىن ئاسانلا مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كىتابتا بۇ مۇھىتنىڭ قەدىمكى تۈرك مەنبەلىرىنى تەشكىل قىلغان بۇرخانچىلىق (بۇددىزم) كۈلتۈرى ۋە پەلسەپىسىنىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ بىلىم نەزەرىيەسىدە بۇرخانچىلىق پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى كۆرۈلمەكتە. ئەمەلدارلاردا، بولۇپمۇ دۆلەت رەئىسلىرىدە ھازىرلىنىشى لازىم بولغان خۇسۇسىيەتلەردە يۈسۈف بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇنجى ۋە بۈيۇك پەيلاسوپى فارابى(950-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ئارىسىدا ناھايىتى قويۇق بىر يېقىنلىق بار. [6] شائىرنىڭ نەسىلداش ھەم ۋەتەندىشى بولغان فارابىنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ھەر قانداق كىشىدىن تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. 10- ۋە 11-  ئەسىرلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بولغان بۇ ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش بۇ يېقىنلىقنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭدەك تۈرك پىكىر ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى شەرھلەپ بېرىشكە يارىغۇدەك مۇھىم نەتىجىلەرنىمۇ بېرىدۇ.
*                     *                     *
يۈسۈف ئۆز ئىسمىنى ئەسىرىدە پەقەت بىر قېتىم تىلغا ئالىدۇ(6627 – بېيىت). ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش مەقسىتى بىلەن كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان نەزمىي ۋە نەسرىي مۇقەددىمىلەردە بېرىلگەن مەلۇمات بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، شائىر بالاساغۇن-قوزئوردۇ ‏(A ۋە  Cنۇسخىلارنىڭ كۆچۈرگۈچىلىرى بۇ ئىسىمنى بىلمىگەن)دا تۇغۇلغان. ئېسىل بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئىلىمى، پەزىلىتى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن جەمئىيەتتە ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەت مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بىر زاتتۇر. ئەسىرىنى  بالاساغۇندا يېزىشقا باشلىغان، كېيىن قەشقەرگە بېرىپ ئۇ يەردە تاماملىغان ۋە تاۋغاچ قارا بۇغرا خانلار خانىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغان. ھۆكۈمدار شائىرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن ۋە يېنىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇ ۋەجىدىن ئىسمى «يۈسۈف خاس ھاجىپ» ياكى «يۈسۈف ئۇلۇغ خاس ھاجىپ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان.
ئەسەرنىڭ ئىچىدە شائىرنىڭ توختالغان تېمىلىرىدىن ھاياتىنىڭ بەزى نۇقتىلىرىنى بىرئاز ئېنىقلاشقا ياكى پەرەز قىلىشقا مۇمكىن بولسىمۇ، تولۇق بىر تەرجىمىھالىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە تەبىئىي ئىمكانىيەت يوق. ئون سەككىز ئايدا يازغان ئەسىرىنى ھىجرىيە 462- يىلى(1069~1070) تاماملىغانلىقى ۋە ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان ۋاقىتتا 50 ياشلاردا ئىكەنلىكىگە نەزەر سېلىنسا، يۈسۈف ھىجرىيە 410-يىلى(1019) ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولىدۇ. ئۆلۈمى ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق. ئەسەرنىڭ ئىلاۋە قىسمىدا ئۆزى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا قېرىغانلىقىنى، ھاياتىنى ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ تەڭرىگە ئىبادەت قىلىشقا كېچىككەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
*                     *                     *
ئەسەرنىڭ مەتنى تولۇق چۈشىنىلمەستىن ۋە ئەسەردە ئۇچرايدىغان تېمىلار ئۈستىدە مۇمكىن بولغان بارلىق تەھلىللەر يۈرگۈزۈلمەستىن، ئايرىم – ئايرىم پارچىلاردىن ھەر قانداق بىر نەتىجىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش كىشىنى خاتا يولغا باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان بەزى تەجىرىبىلەردىنمۇ بۇنى كۆرۈپ يېتىمىز. بۇ ئېھتىيات دەرۋازىسىنى ئوچۇق قويۇش شەرتى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تە «قۇت»(سائادەت، ئىقبال، دۆلەت) قا سىمۋول بولغان ئايتولدى بىلەن «ئۇقۇش»(ئەقىل)قا سىمۋول بولغان ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىدا شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئەسەردىن بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىمىز يۈسۈفنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ سېلىشتۇرمىدا ئەسەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن زۆرۈرىي بولغان پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ھەر تۈرلۈك پەزىلەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۆز مۇھىتىدا بۇ پەزىلەتلەردىن پايدىلىنىلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزگەن ئايتولدى بىر كۈنى ھۆكۈمدار كۈنتۇغدىنىڭ ياخشىلىقىنى، خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۆز ئەتراپىغا پەزىلەتلىك ئادەملەرنى توپلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىش ۋە  ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزۈش نىيىتى بىلەن ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك بىر سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھۆكۈمدار تۇرىدىغان شەھەرگە يېتىپ بارىدۇ. يېنىغا ئالتۇن ئېلىۋالغانلىقىدىن ئۇنىڭ باي ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ خىزمىتىگە كىرىش ئارزۇسىنىڭ يالغۇز پايدا – مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن خىزمەت قىلىش ئىستىكى بىلەن بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ساياھەت ۋە يات شەھەردىكى دەسلەپكى كۈنلەر شائىر تەرىپىدىن ناھايىتى تەبىئىي بىر ئۇسۇل بىلەن ھېس قىلىنىپ يېزىلغان. بۇ قىسىمدا ئايتولدىنىڭ ساياھىتى ھەققىدىكى تەسۋىر بىلەن بۇ ساياھەتكە سەۋەب بولغان پىكىر شائىرنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئۆز ھاياتى ۋە تەجرىبىسىدىن چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن . شائىرنىڭ بۇ ھۆكۈمدار تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن تارازدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنى يېقىندىن تونۇغانلىقى ۋە كېيىن تەختكە چىققاندا ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلىقىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن.
كىتابتا ئايتولدىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى خۇسۇسىي ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات يوق. پەقەت قېرىپ ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلگەندە ئەمدىلا ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئوغلى مەيدانغا چىقىدۇ. گەرچە «ئوغۇل» سۆزى ئەسەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئومۇمەن كىچىكلەرگە خىتاب قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسىمۇ، 186~190- بېيىتلەردە بۇ سۆزنى يۈسۈفنىڭ ئۆز ئوغلى مەنىسىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. شائىرنىڭ تارقاق ياكى مەركەزلىك ھالدا ئۆز روھىي ھالىتىنى چۈشەندۈرىدىغان پارچىلار بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى سېلىشتۇرۇلسا، ئۆگدۈلمىشنىڭ تەسۋىرىدىمۇ يەنە يۈسۈفنىڭ ئۆزىنى تېپىش مۇمكىن. بولۇپمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندە ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆزىنى ئېغىر بىر نەپس ھېسابلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىشلىرىنى تاشلاپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش ھەققىدىكى ئارزۇسى شائىرنىڭ ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە تامامەن ماس كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى بىر ئوتوبىيوگرافىك ئەسەر دەپ قارايدىغان چۈشەنچىگە بەند بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ھايات ئارقىلىق ئىدېئاللاشتۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ شائىرنىڭ دەۋرىدىن بۇرۇنقى بىر زامانغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق. يۈسۈف بۇ شەكىلدە ئىدېئال شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دەۋرىدىن ئەلەملىك شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئەسىرىدە بۈيۈك بىر خۇسۇسىيەت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ھەرىكەت ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە يوقالغانلىقىنى سۆزلەيدۇ (6427~6428- بېيىتلەرگە قاراڭ : «ئۇ چاغدا ئۇلار گەر دېيىلسە ئادەم، بۈگۈنكى خەلق نېمە، قېنى ئېيت بۇ دەم. ئى ئالىم، بىز ئىنسان ئىكەنمىز ئەگەر، گۇمانسىز پەرىشتە ئىرۇرلەر ئۇلار»). ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدىكى ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئىنسانلارنى شائىر تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدېئال بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.
*                     *                     *
يۈسۈف تەقۋادار بىر مۇسۇلمان. ئۇ ئاللانىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلماي، چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ. ئاللا ئىنساننى تاللاپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا  ئەڭ بۈيۈك پەزىلەتلەرنى بەرگەن. ھەر بىر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللادىن  كەلسىمۇ، ئىنسان نېمىنى تېرىسا شۇنى ئالىدۇ. ئىبادەت قىلىش لازىم، لېكىن بۇ ئۆز ئالدىغا بىر غايە ئەمەس. ئىنساننىڭ ياخشىلىقى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ تېمىدا ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەت دىققەتكە  سازاۋەردۇر. ئۆلۈم ئۇقۇمى ئىنسانلارنى ياخشى يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. ياخشى ۋە يامان ئادەملەر ئۈچۈن ئەجىر ۋە جازا سۈپىتىدە جەننەت بىلەن دوزاختىن بەكرەك، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلار ھەققىدە بەرگەن ھۆكۈمى مۇھىمدۇر. ياخشى نام قالدۇرۇپ ئۆلۈش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ياخشى نامنىڭ سايىسىدا ياشاشنى داۋام قىلدۇرۇش – دەل ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەڭ غايىدۇر ۋە ئەسلىي مۇكاپات مۇشۇدۇر.
يۇقىرىدىمۇ  كۆرسىتىلگىنىدەك، يۈسۈف ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كەڭ مەنىدىكى بىر ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسكىرىي گۇرۇھ بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلىقى بۇ گۇرۇھ ھەققىدە توختالغاندا قوللانغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئېنىق بىلىنىدۇ. يۈسۈف مەيلى شائىر ياكى مۇتەپەككۇر سۈپىتى بىلەن بولسۇن، ئۆز ئەھمىيىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكەن ۋە بۇنى ئىپتىخار بىلەن ئىپادە قىلىشتىن يىراق تۇرمىغان. كىتابنىڭ بېغىشلىما قىسمىدا (112~115-بېيىتلار) ئەسەرنىڭ ئەبەدىيلىكى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشەنچىدە  بولغانلىقى ئارىدىن توققۇز ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن بۇنىڭ ھازىر ھەر كىم تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى بىلەن ئايدىڭلاشتى. ئۇنىڭ شەخسىيىتىنىڭ  قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇمۇ يېتەرلىك بىر دەلىلدۇر. ئۇ يالغۇز ئەسىرىنى تەقدىم قىلغان ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ھۆكۈمدارىغا يېڭىدىن بىر ھايات بېغىشلاپ قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قوللانغان بىر تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، تۈرك تارىخىنىڭ مۇھىم بىر دەۋرى ئۈچۈن  ئۆچمەس بىر مەشئەل ياققان ئىدى.
*                     *                     *   
6- «قۇتادغۇ بىلىگ»
«قۇتادغۇ بىلىگ» ــ ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك(Kut-ad-ġu Bil-i-g)، ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىسى بىلەن سائادەتلىك بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يولنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەردۇر. بىر – بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھاياتىنىڭ ئىدېئال بىر شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چۈشەنچە، بىلىم ۋە پەزىلەتلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە بۇلارغا قانداق شەكىلدە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەم قانداق قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان شائىر – مۇتەپەككۇر بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلگەنلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەكىتلەۋاتقىنىدەك، ئۆز ئىگىلىرىگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مەنىسىز مەجازى ۋاستىلەر ئارقىلىق ئەخلاق دەرسى بەرگەن قۇرۇق بىر نەسىھەتچى ئەمەس ئىدى. يۈسۈف بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسنى كۆرسىتىدىغان بىر پەلسەپە، يەنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان ئىدى.
يۈسۈفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»نى قانداق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يازغانلىقى ئېنىق ھالدا  مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەسەردە بۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن بىر ئەمر ياكى ئارزۇ بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئىشارەتمۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادا خانىدان ئەزالىرىنىڭ بىر – بىرىگە قارشى ئۇرۇشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە بۇ ئىچكى غەلىيان مەزگىلىدە ھەم ئايرىم شەخسلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەم جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلىنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلسا، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. يۈسۈف ئەسىرىنىڭ ئايرىم بىر بابىدا شائىرلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز ئىگىلىرىنى مەدھىيىلەش ياكى ئەيىبلەش ئىبارەت بولۇپ، خاتىرىسى قىلدىن ئىنچىكە، تىلى قىلىچتىن ئىتتىك بۇ شائىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ خالىغان نەرسىسىنى بېرىش ئارقىلىق ياخشى ئۆتۈشنىڭ ۋە ئۆزىنى ئۇلارنىڭ تىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ، ئۆزى بۇ خىل شائىرلار تۈركۈمىدىن ئەمەس ئىدى. ئەسەرنى كۆزگە كۆرۈنۈش، ھۆرمەت قازىنىش ۋە ئېھسانغا ئېرىشىش مەقسىتىدە، يەنى يالغۇز شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يازمىغان. بولمىسا يۈسۈفنىڭ ئەسىرىمۇ بىر مەدھىيە مەجمۇئەسىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇ يەردە شەخسلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىرىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر بىر دەۋردە قىيىن بولغان پەزىلەت ۋە پىداكارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئىدېئال بىر جەمئىيەتنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىق شائىر ئۆز دەۋرىنى تەنقىد قىلغان. خۇسۇسىي ئارزۇلار ۋە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەرنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار ئارىسىدا شائىر – مۇتەپەككۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى قوغداش ئاسان بولمىغان. شائىر بۇ ئەسىرى ئارقىلىق «خاس ھاجىپ» ياكى «ئۇلۇغ ھاجىپ» مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ بەلكىم ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىي مۇھەببىتى سايىسىدە بولغان. لېكىن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يۈسۈفنى بەزىدە ئاچچىق شىكايەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان تىل تىكىنى شائىرنى ھىچ ئارامىدا قويمىغان ئىدى. قانداق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان بۇنداق بىر مۇھىتتىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق بىر قاراش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر مۇتەپەككۇر دۇچ كېلىدىغان چۈشەنچە نەزەرگە ئېلىنسا ئەسەرنىڭ قەلبتىن ئېتىلىپ چىققان بىر تۇيغۇ ۋە ئۆزى مەنسۇپ جەمئىيەتكە قارىتا چوڭقۇر بىر مەسئۇلىيەت ھېسلىرى بىلەن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان چۈشەنچە كۈچىيىدۇ ۋە شائىر بىر ئىنقىلابچى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
تۈرك ئەدەبىي تىلى ماتېرىياللىرىغا ھۆكۈمران بولغان ۋە ئۇنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى  پىششىق بىلىدىغان ھەم بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان شائىر ئەسىرىدە ئىران سەنئەتكارلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئارۇز ۋەزنىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ئالاھىدىلىك ياكى ئەيىب ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر قانداق بىر تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن(ئەگەر مۇشۇنداق بىر مەسىلە سۆز تېمىسىگە ئايلانسا) ھېچبولمىغاندا دەۋرداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۆتۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. ئەسەر شائىر تاللىغان يېرىم ھېكايە ۋە يېرىم سىمۋول شەكلىدە، ئارىلىقتا ھەرىكەتنى ئىپادىلىگۈچى ۋە ئىزاھلىغۇچى مونولوگلار ھەم جانلىق تەبىئەت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بېزەلگەن سەھنىلىرى بىلەن بىر پۈتۈن  ھالدا، شۇنداق مۇكەممەل بىر ئۇسلۇب ۋە قۇرۇلما ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدىكى، بۇ ماتېرىيالغا يەنە باشقا قانداق بىر شەكىل بېرىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن.
«قۇتادغۇ بىلىگ»تە شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بولغان ئىدېئال بىر ھايات نىزامىنى ئىپادە قىلغاندا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ھەققىدە قايسى دەرىجىدە توختالغانلىقى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىتىگە قايسى دەرىجىدە ئورۇن بەرگەنلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئەسەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تەھلىلى ۋە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغانغا قەدەر بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلانغاندا، يۈسۈفنىڭ ئالدى بىلەن بىر شائىر ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. «قۇتادغۇ بىلىگ» نە ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بىر تارىخ، نە رايون ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگەن بىر جۇغراپىيە، نە دىن ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان بىر ئەسەر، نە ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە تايانغان بىر پەلسەپە، نە شەيخلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەت كىتابى بولسۇن. بۇنىڭدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن ۋە تەرىپلەنگەن ھىچقانداق بىر ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. بىر ئەدەبىي ئەسەردىن بۇ خىل مۇكەممەللىكنى كۈتۈش ۋە ئەسەرنى ئايرىم ساھەلەرنىڭ قاراڭغۇ نۇقتىلىرىنى يورۇتۇشقا يارايدىغان ياكى يارىمايدىغانلىقى جەھەتتىن باھالاشقا ئۇرۇنۇش ئىنتايىن تار بىر قاراش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈسۈف كۈندىلىك ھايات قايغۇلىرىدىن ھالقىغان ۋە ئۆز مۇھىتىنىڭ سەۋىيەسىدىن ناھايىتى يۈكسەلگەن بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئىنسان سۈپىتىدە ئۇمۇ مۇھىتنىڭ بىر مەھسۇلى بولۇپ، چۈشەنچە ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇھىتنىڭ ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئارزۇلىرىنىمۇ ئاڭلىغۇچىلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەش مەجبۇرىيىتىدە ئىدى. شائىر ئەسىرىدە دەۋرنىڭ ئۇسلۇب ۋە شەكلىگە ماسلىشىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇللىرىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇ مۇراجىئەت قىلىنغان شەخس ۋە ئەسەرلەر بۈگۈن بىز ئۈچۈن مەلۇم بىر نەرسىنى ئىپادە قىلمىسا، بۇنىڭدىكى ئەيىب شائىردا ئەمەس، بەلكى شۇ چاغدىكى تۈرك مۇھىتى بىلەن بۈگۈنكىسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋىيە پەرقىدە ۋە ئۇ دەۋر ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ھەم بەلكىم بۇ يولدا مۇھىم بىر قەدەم باسمىغان ئىلىم مۇھىتىمىزدا. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خۇسۇسلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇلىدىغانلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە ھەققىمىز بولمىغىنىدەك، بۇنىڭغا ئورۇنمۇ يوقتۇر. ئەسەردە تۈرلۈك تېمىلارغا ئائىت پىكىرلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىغا مەنسۇپ بولغان شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ شەخسلەرنىڭ ياكى شائىرنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىقى، ياكى ئەسىرى ئارقىلىق تۇنۇشقانلىقى ۋە ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەسەرلەردە ئىسمى ئۇچرايدىغان مەشھۇر كىشىلەر ئىكەنلىگى شۈبھىسىزدۇر. مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «بۆكە ياۋغۇسى»(5043،5523)، «ئېلا ئاتلىغى»(841، 1629، 2319)، «ئېلا بېگى»(1779)، «ئېلا ئەركىنى»(4752)، «ئىل كەندى بېگى»(216)، (3460)،«ئۇلۇغ كەندى بېگى»(5354)، «ئۆگە بۇيرۇقى»(2941)، «ئۆتۈكەن بېگى»(1962،2682)، «تۈرك بۇيرۇقى»(1163)، «تۈرك خانى» (3817)، «ئۇچ ئوردا بېگى»(1594)، «ئۇچ ئوردۇ خانى»(2966،3815)، «ياغما بېگى» (1758) قاتارلىق نىسبەتەن ئېنىق كۆرسىتىلگەن شەخسلەر ۋە «بۇدۇن باشچىسى»، «ئاژۇن تۇتغۇچى»، «ئاژۇن ئىلچىسى»، «ئاژۇنچى بەگ»، «ئىلچى بەگ»، «ئىلچى بۈگۈ»، «بۈگۈ بەگ»، «بۈگۈ بىلگە بەگ»، «بۈگۈ ئىلچى بەگ»، «تۆرۈ بىلمىش ئەر»، «تۆرۈ بىرگۈچى» قاتارلىق ئىما – ئىشارەت ئارقىلىق تىلغا ئېلىنغان دۆلەت خادىملىرىدىن سىرت، ئالىم، ھېكىم، شائىر، مۇئەللىم، قوماندان، قەھرىمان، تەجرىبىلىك قېرى، روھانىيلار گۇرۇھىغا مەنسۇپ زاتلار، زاھىد ۋە باشقا بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى سۆزلىنىدۇ ھەمدە ئەرەبچە ئەسەرلەر(تازى تىلى) بىلەن ئىران ئۆلىماسى(تەژىك بىلگەسى)دىن سۆز ئېچىلىدۇ. ھۆكۈمدار ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيادىكى ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكنى داۋاملىق يۈدۈپ يۈرۈشنى خالىمىغانلىقىنى ئۆگدۈلمىشكە ئېيتقاندا، بۇ زات ھۆكۈمدارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نام قازىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر پائالىيەت سورۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر – بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنىڭ لازىملىقىنى، لېكىن كاپىرلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆي – جايلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشىنى، ئوغۇل – قىزلىرىنى ئەسىرگە ئېلىشىنى، ماللىرىنى خەزىنىگە تۆكۈشىنى، بۇتخانىلىرىنى چېقىپ، ئورنىغا مەسچىت سېلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىسلامىيەتنى تارقىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شائىر بۇ ئارقىلىق قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا ئارىلاشقۇدەك ئەھۋالدا بولمىغانلىقىدىن كۆپىنچە شەرققە بۇرۇلۇپ بۇرخانچى( بۇددىست- ئۇ) ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دىنىي بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئەسكىرىي كۈچ ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەردىنمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغۇدەك بىر ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. يۈسۈفنىڭ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرى ۋە مۇھىتى ھەققىدە توختالغان نۇقتىلارنىڭ يالغۇز بۇ تاسادىپىي چىقىرىلغان بىر قانچە مىسال بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى ئەسلىتىشنىڭمۇ  ھاجىتى يوق.

———————————

[1] V. Barthold, Turkestan v epohu Mongolskogo naşestviya, Petersburg, 1900;   İngl,

[Pam. Kn. Semir  Turkestan down to the Mongol invasion, GMNS, Ⅴ,  London, 1928.[[2

[3]Barthold, Wilhem. “Kutadgu Bilig’in Zikrettiği Buğra Han Kimdir?.” Türkiyat Mecmuası 1 ,1925 : 221-226

[4] ئۆزكەندنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، زامانىمىزغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن تارىخىي ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە بىبلىيوگرافىيە ئۈچۈن «Türkiyat» (تۈركىيات) ژۇرنىلىنىڭ 1- سان، 347-، 350- بەتلىرىگە قارالسۇن.

[5]  Arsal, Sadri Maksudî. “Hukuk Felsefesi Tarihi.” Hukuk Fakültesi Talebe Cemiyeti Yayınları, İstanbul ,1945

باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى ( ئەسلى مەنبەسى : تۈرك كۈلتۈرى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «تۈرك كۈلتۈرى» ناملىق ئايلىق ئىلمىي ژۇرنالنىڭ  1970- يىلى 12- ئايدىكى «قۇتادغۇ بىلىگ»كە  بېغىشلانغان مەخسۇس سانى(98-سان)دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش