• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » چوقۇنۇش ۋە چوقۇندۇرۇش خەۋپى

چوقۇنۇش ۋە چوقۇندۇرۇش خەۋپى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Worship-Background_crop1

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا بىر سورۇندا بىر تۈرك ۋە قىرغىز تەتقىقاتچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. گەپلەر تۈرك مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىقى، پىداكارلىقى ۋە ۋەتەنسۆيەرلىكى ھەققىدە بولدى. تەبىئىيكى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن ماناس باتۇر ھەققىدە كۆپ تەسىرلىك ھىكايىلەر سۆزلەندى. ئۇيغۇرلاردا قىرغىزلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ماناس ۋە تۈرك داھى مۇستاپا كامال ھەققىدە كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى بۇ ئىككەيلەننى سۆيۈندۈردى. ئىلھاملىنىپ كېتىپ «ئاللاھ ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلسا ئىسمىنى ماناس ياكى ئاتاتۈرك قويمىسام» دەپتىمەن. ھەر ئىككەيلەن دەرھاللا ئىنكار قىلىشتى. چىرايىدىكى جىددىيلىك، تەلەپپۇزىدىكى كەسكىنلىك، كۆزلىرىدىكى نارازىلىق مېنى خېلىلا تەمتىرەتتى. ئەسلى مەن ئۇلارنى خوش بولىدۇ، دەپ ئويلىغانتىم. ئۇيغۇرنىڭ قائىدىسى بويىچە پەرزەنتلىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئۈلگە قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇش تولىمۇ ئالقىشلىق بىر ئىش ئىدى. ئەجەبا باشقا تۈرك مىللەتلىرىدە…سۆھبەت كۆڭۈلسىز ئاياقلاشتى، ئامېرىكىدا تەتقىقات قىلىۋاتقان بۇ ئىككى مۇتەخەسىسنىڭ ئېڭىدا بۇ قەدەر چوڭقۇر يىلتىزلىغان قەھرىمانلارغا، ئۇلۇغ شەخسلەرگە چوقۇنۇش خاھىشى مېنى خېلىغىچە ئويلاندۇرغان بولدى.

ئېسىمگە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەۋېلىپ ئۇيغۇرغا سالغان كۈلپەتلىرى، ئۇيغۇرنى ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق دەپ ئىككىگە ئايرىپ، بىر بىرىنى كاپىر دېگۈزۈپ قىرغىنغا سېلىشلىرى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ئاپاق خوجىنى «قاراخانىلارنىڭ پۇشتى ئىدى، پەيغەمبەر ئەۋلادى ئىدى» دەپ ئاقلاشلىرى كەلدى، بۇلارمۇ شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مەن دوستلىرىمنىڭ تەرىقەتنى ئاقلاشلىرىغا قارشى ئەمەس، ئەمما تەرىقەتنى دەپ ئۇيغۇرنى دەۋلەتسىز قويغان خوجىلارنى ئاقلاشلىرىغا قارشى ئىدىم. تارىختىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قومۇلدىن ئىستانبۇلغىچە بولغان تۈرك توپراقلىرىدىكى شەخسكە چوقۇنۇش خاھىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىر بىرلەپ ئويلاپ باقتىم. تۈركىيەدە كۆرۈلىۋاتقان چاتاقمۇ خوجىغا چوقۇنۇشنىڭ بىر مەزگىل ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ كۈچىيىپ، ئەمدى ئۇنىڭغا قارشى مەيدانغا ئۆتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2006-يىلى تۈركىيەنىڭ قەشقەرگە ئوخشايدىغان قەدىمكى پايىتەختى كونياغا ساياھەتكە باردىم. شەھەرنىڭ چىرايلىق مەيدانلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان مەۋلانە جالالىددىن رۇمى نامىدىكى كۈلتۈر مەركىزىگە يېقىنلاشقىنىمدا نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ بىر ماشىنىغا تەلپۈنۈپ قارىشىۋاتقانلىقىغا، بەزىلىرىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىشىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇقتۇمكى، سەئىد نۇرسىنىڭ ھايات شاگىرتلىرىدىن بىرى كۈلتۈر مەركىزىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانكەن. نۇرچىلار جامائىتىگە مەنسۇپ توپ توپ كىشىلەر نۇرسىنى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشىكەن بىر شاگىرتنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ بەس بەستە قولىنى سۆيگىلى تۇرۇپتۇ. يېقىن بارالمىغانلارنىڭ قولى ھاۋادا پۇلاڭلايتتى. ئادەتتە بۇنداق خوجىلار بىلەن كۆرۈشكىلى بولماسمىش. كۆرۈشمىسە نېمە بولىدىغانلىقىنى سورىشىم بىلەن ئالدىمدىكى سۆھبەتدېشىمنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.

شۇندىن كېيىن خوجىلارغا چوقۇنغۇچى جامائەتلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. تۈركىيەدە مەھمۇتچىلار، سۇلايمانچىلار، مەنزىلچىلەر، نۇرچىلارغا ئوخشاش جامائەتلەر بار ئىكەن. بولارنىڭ ئىچىدە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نەشرىيات، تېلۋىزور، رادىيو ئورگانلىرى شەكىللەنگەن، مۇرتلىرى ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت ساھەلىرىگە قەدەر يىلتىز تارتقان بولۇپ ھوقۇق يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىر كۈچ ھالىتىگە كەلگەن ئىكەن. شۇنداق كۈچلۈك جامائەتلەرنىڭ بىرى نۇرچىلار بولۇپ بۇلارنىڭ پىرى سەئىد نۇرسى ھەققىدىكى تۈركچە فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم. «ھۆر ئادەم» دېگەن بۇ ۋىدىيو ۋەتەندە تارقىتىلىشقا باشلىغاندا ئەنسىرىدىم. چۈنكى فىلىمدە تەسبىھنىڭ رولى مۇبالىغە قىلىنغان، شەخسكە چوقۇنۇش سىڭدۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ئىچىدە ساغلام مەزمۇنلارمۇ يەتكۈچە بولغىنى ئۈچۈن كىشىلىرىمىزنى ياخشىلىق يولىغا يېتەكلەشتە پايدىسى بولۇر دېگەن ئۈمىدتە سۈكۈت قىلغان ئىكەنمەن. ھەتتا بەزىدە باشقىلارغا ئەرگىشىپ تەرىپلىشىپ بەرگىنممۇ بولغان. يېقىندا يازغان بىر يازمامدىمۇ ئاق كۆڭۈل بىر قەدىناس دوستۇمنىڭ ئېيتقىنىغا ئىشىنىپ ئىزدىنىپ كۆرمەيلا مەنزىل جامائىتىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ تاشلاپتىمەن. تۈركىيەدە جامائەتلەر ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە مەۋجۇد بولغاچقا بۇ يەردە ياشاپ باققان ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق جامائەتلەرنىڭ تەرغىباتلىرىدىن خەۋەرسىز قالغانلار ئاز بولسا كېرەك. بەزى ئۇيغۇر دوستلار بۇنداق جامائەتلەردە ياتقان، ئوقۇغان، ئىشلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشكەن.

بۈگۈن تۈركىيە ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دېيىلىۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتى نۇرچىلاردىن بۆلۈنۈپ  فەتھۇللاھ دېگەن ئۆلىمانىڭ باشچىلىقىدا ئايرىم بىر توپنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. ئەمما ئوقۇيدىغان كىتاپلىرى نۇرچىلارنىڭكىدەك «نۇر رىسالىسى كۇللىياتى» دېيىلىدىغان «سۆزلەر»، «مەكتۇبات»، «ياشلىق رەھبەرى» دېگەندەكلەر بولىشى ناتايىن. چۈنكى بۇ كىشىنىڭ تەپسىرچىلىك، سيىرەت (پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى) ۋە تەسەۋۋۇف ھەققىدە بىر مۇنچە كىتابلىرى تەييار ئىكەن. گۈلەننىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى «مۇھەممەد» دېگەن ئېنگىلىزچە كىتابىنى ۋاراقلاپ باققان ئىكەنمەن. بۇ كىتاپنىڭ خەنسۇچە تەرجىمىسى بەش ئالتە يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ئىكەن. گۈلەن ھەرىكىتى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتتە مەكتەپ قۇرغانلىقى، دىنلار ئارا دىئالوگ تەشەببۇسى ۋە ئوتتۇرا ھال ئىسلام تەرغىباتى بىلەن تونۇلغان. بۇ ھادىسىنىڭ كىتاپلارغا يېزىلىدىغان ئاشكارە مەزمۇنى. يەنە بىر مەزمۇن مەخپىي بولۇپ خوجىلارنىڭ ۋە ئىخلاسمەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە يېزىلغان. بۇنى چۈشىنىش تەرس، چۈنكى بۇ بىر كۆرۈنمەس كۈچ، ئاشكارە تەشكىلات ئەمەس. ئۇنىڭ نىزامى دىن پائالىيىتى ئىبادەت دېيىلىدۇ، تۆۋەن يۇقۇرىغا، مۇرتلار ئۇستازىغا شەكسىز ئىتائەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ھەر قانداق بىر ئادەم سىرلىقلاشتۇرۇلسا، چوقۇنۇلسا ۋە شەرتسىز ئەرگىشىلسە ئاسانلا خاتالىشىدىغانلىقى ئەقىل ئىگىلىرىگە سىر ئەمەس. مەسىلىنىڭ ئەڭ نازۇك يېرى، بۇنداق شەخسلەرنىڭ خاتالىقى ئۆزىگە ئەگەشكەن مىڭلىغان مەسۇم كىشىلەرنى خاتالاشتۇرىدۇ.

شەخسكە چوقۇنۇش ۋە چوقۇندۇرۇلۇش تۈرك مىللەتلىرىدە ئورتاق ھادىسە. ئاتاتۈرككە، سىتالىنغا، ماۋزىدوڭغا چوقۇنۇش ۋە چوقۇنۇدۇرۇلۇش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ قەۋىملەر بۈگۈنمۇ مۇرتلۇق سەۋداسىدىن پۈتۈنلەي كەچكىنى يوق. تۈرك قەۋملىرى 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇپمۇ بۇ پالاكەتكە خوش دېيەلمىدى. ئەينى چاغدا ئاپاق خوجا دىننى قورال، مۇسۇلمانلارنى ئەسكەر قىلىپ سەئىدىيە دۆلىتىنى قانداق يىقىتقان بولسا بۈگۈنكى تۈركىيەدە مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان مۇرتنىڭ روھىنى يېتەكلەۋاتقان خوجىلارمۇ شۇ، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. بەزى خوجىلار دىني قېرىداشلىقنى تەكىتلەپ مۇرتلاردىكى مىللىي ئاڭ، قانداشلىق ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا مۇرتلار ئۆزىگە دىن دەپ ئۆگىتىلگەن تەلىماتقا، ۋە ئۆزى دىندار دەپ بەيئەت قىلغان ئۇستازغا ئەرگىشىپ ۋەتەن مىللەتكە قارشى سەپكە ئاتلىنالايدۇ. ئۇستازىغا ۋە ئۇنىڭ تەلىماتىغا قارشى چۈشەنچىدىكى كىشىلەرنى كاپىر ساناپ ھالاك قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. بۇنداق ۋەتەنسز، مىللەتسىز چوقۇنغۇچىلارنىڭ قۇتراشلىرىغا قارشى دولقۇندا ئىنسانلار ئۇستىلىق بىلەن ۋەتەن ۋە مىللەتكە چوقۇندۇرىلىدۇ. قوشۇلمىغۇچىلار ۋەتەن خائىنى ۋە ساتقۇن ئاتىلىپ بالاغا قالىدۇ. نەتىجىدە ۋەتەننى قوغۇداشقا رەھبەرلىك قىلغان ئاتاتۈركتەك يەنە بىر رەھبەرگە چوقۇنۇش باشلىنىدۇ.

بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى پاتپاراقچىلىقنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ دۆلەتكە ۋە ئۇنى قۇرغۇچى ئاتاتۈرككە چوقۇندۇرۇلۇشتىن زېرىككەن كىشىلەرنىڭ قارشى قۇتۇپقا ئېغىپ خوجىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەلىمىگە چوقۇنۇپ دۆلەتنى ئىنكار قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس دېيەلمەيمىز. تۈرك مىللەتلىرىدىكى ۋەتەن ۋە دىن سۆيگۈسى دائىم مۇشۇنداق سۈيىئىستىمال قىلىنىدۇ. ئاتاتۈرك دىن سۆيگۈسىنى تەكىتلەپ ۋەتەننى ئىنكار قىلىدىغانلارغا قارشى تۇرغان ۋە ئۈممەتتىن مىللەت يارىتىشقا تىرىشقان، ئۆزىنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشپاناھى سانايدىغان جامائەتلەرنى ۋەتەن توپراقلىرى ئۈچۈن جان بېرىدىغان ۋەتەنداشلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرەشكەن. بىر قىسىم جامائەت خوجىلىرى ھازىر ئەكسىچە ۋەتەن ۋە تۈركلۈكنى ئىنكار قىلىپ خوجىسىنىڭ يارلىقى ۋە تەلىمىگە بارلىقىنى بېغىشلايدىغانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرمىشىۋاتىدۇ.

ئويلىسام ئۇيغۇردىمۇ شەخسكە چوقۇنۇش ۋە چوقۇندۇرۇش خەۋپى بار. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەلىرى ئون يىللاپمۇ ئۆزگىرىپ تاشلىمايدۇ. ھەتتا بەزى رەھبەلەر قورقماي «ماڭا بۇ ئورۇننى ئاللاھ بەردى» دەپ بايانات بېرەلەيدۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا خەلقىمىز تاكى سەكسەنىنچى يىللارغىچە ماۋزىدوڭغا چوقۇنۇشقا مەجبۇرلىنىپ تويۇپ كەتكەچكىمىكىن ھۆكۈمرانغا تۈركىيەدىكىدەك چوقۇنمايدۇ. تۈركىيەدىكىدەك خوجىلارغا ياكى داھىلارغا چوقۇنۇش ئانچە ئېغىر ئەمەس. ئۈرۈمچىدە ئاتاتۈركنىڭ نامى دۇككانلارغا قويۇلىۋېرىدۇ. ھەتتا ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى ئاتايدىغان ئاپاق خوجىنىڭمۇ ۋەتەندە تۇڭگاندىن باشقا مۇرتلىرى كۆپ قالمىدى. خوتەن ئۇيغۇرلىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەتتوختى، مەتتۇرغۇن، مەتتۇرسۇن، مەتيار قىلىپ ئىشلىتىۋېرىدۇ. بۇ بەلكىم خەلقىمىزدە ئۇلۇغلۇقنىڭ بىر كىشىنىڭ ئىلمىدە، ئىسمىدا، جەمەتىدە ئەمەس؛ بەلكى ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدا ئەلنىڭ دۇئاسىنى، ۋەتەننىڭ كېلەچىكىنى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەپ ماڭغانلىقىدا دەيدىغانلارنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن بولسا كېرەك.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش