سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر خەلق داستانى «تاھىر ــ زۆھرە» بىلەن ئالتاي ئېپىك داستانلىرىدىكى «كۆزۈيكە داستانى»نىڭ سېلىشتۇرمىسى

ئۇيغۇر خەلق داستانى «تاھىر ــ زۆھرە» بىلەن ئالتاي ئېپىك داستانلىرىدىكى «كۆزۈيكە داستانى»نىڭ سېلىشتۇرمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

mem-u-zin

ئىبراھىم دىلەك (تۈركىيە)

تەتقىقاتىمىزغا ئاساس قىلىنغان مەتىن تۈرك خەلقلىرى، ھەتتا ئۇلارغا قوشنا ياشىغان يات خەلقلەر (ئەرمەنلەر، ئالبانلار) ئارىسىدا داستان، خەلق ھېكايىسى ۋە چۆچەك قاتارلىق  شەكىللەردە كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمايدىغان خېلى كۆپ ۋارىيانتلىرى بار. ئاناتولىيەدە «تاھىر مىرزا»(تاھىر بىلەن زۈھرە)، ئۆزبېكلەر ئارىسىدا «تاھىر ۋە زۇھرا»، ئالتاي تۈركلىرى ئارىسىدا «كوزىن ئەركەش» ۋە «كۆزۈيكە» دېگەن ۋارىيانتلىرى، باشقۇرۇتلار ئارىسدا «كۇزىيكۆرپەس» دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولغان ئىككى ۋارىيانتى بار. ئەدەبىياتتا «بالايايېۋ ۋارىيانتى» دەپ ئاتالغان مەتىن پەقەت نەسرىي شەكىلدە بولسا، «كونشاك ۋارىيانتى» دەپ ئاتالغىنى نەسرىي شەكىل بىلەن نەزمىي شەكىل ئارىلاش ھالەتتىدۇر. داستاننىڭ قازاقلار ئارىسىدا «قوزى كۆرپەش ۋە بايان سۇلۇ» دېگەن نامدا ئاتالغان ئۈچ ۋارىيانتى بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى رادلوف تەرىپىدىن نامەلۇم بىر ئاقىننىڭ، ئىككىنچىسى ئاقىن شۆجەنىڭ، ئۈچىنچىسى بولسا ئاقىن چاناقنىڭ ئاغزىدىن قەلەمگە ئېلىنغان مەتىنلەدۇر. داستاننىڭ قازان ۋە سىبىرىيە تاتارلىرى ئارىسىدا «كۇزى كۆرپە» دېگەن ئىككى ۋارىيانتى بار. بۇنىڭ بىرى، رادلوف تەرىپىدىن، يەنە بىرى بولسا ل. ۋ. دىمىترىيېۋا تەرىپىدىن توپلانغان. داستاننىڭ قىرىم ــ دوبرۇجا تاتارلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىككىدىن ۋارىيانتى بار. ئۇيغۇر ۋارىيانتلىرىدىن بىرى، ئېسلام ھېلىم بىلەن سۇلايمان سېتى ئېيتىپ بەرگەن «بوز  كۆرپەش ــ قارا ساچ ئايىم» ناملىق مەتىن بولۇپ، بۇ كورلا بىلەن لوبنۇر رايونىدا تارقالغان ۋە يۈسۈپ ئىسھاق تەرىپىدىن توپلىنىپ قەلەمگە ئېلىنغان. بۇنىڭ يەنە بىرى، رادلوف تەرىپىدىن رەتلىنىپ، «بوزى كۆرپەش» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنغان①. بۇ مەتىن كېيىن تۈركىيەدە ر. رەھمەتى ئارات تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان. قازاق ئالىمى ئىسھاق دۈيسەنبايېف رادلوف تەرىپىدىن توپلىنىپ نەشر قىلىنغان ۋارىيانتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان داستانلارنىڭ(بولۇپمۇ قازاق داستانلىرىنىڭ) بىر ۋارىيانتى دەپ ھېسابلىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋارىيانتنىڭ باشقىلىرى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى پەقەت نام جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىدۇر②. بىزمۇ دۈيسەنبايېفنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىلاۋە سۈپىتىدە نامى تىلغا ئېلىنغان داستاننىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ۋارىيانتىنى «بوزى كۆرپەش» ئەمەس، بەلكى «تاھىر ــ زۆھرە» ناملىق ئۇيغۇر خەلق داستانى دەپ ئويلايمىز . بۇنىڭغا يەنە شۇنى ئىلاۋە قىلىشقا بولىدۇكى، «بوز كۆرپەش  ۋە قارا ساچ ئايىم» بىلەن «كۆزۈيكە» ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق بولسا قەھرىماننىڭ ئۆلۈم ۋەقەلىكىدىن ئىبارەتتۇر. «كۆزۈيكە»نىڭ باشتىكى ۋەقەلىكىمۇ ئۇيغۇر خەلق داستانى «غېرپ ــ سەنەم»نىڭ باشتىكى ۋەقەلىكى بىلەن ئوخشايدۇ. بىز تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىكشەن ئەسەرلەر ئىچىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان داستاننىڭ ۋارىيانتلىرى ئارىسىدا «تاھىر ــ زۆھرە» دىن سۆز ئاچماسلىقى  دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ماقالىمىزدە بىز بىر ــ بىرىنىڭ ۋارىيانتى دەپ قاراۋاتقان ئالتاي داستانلىرىدىن «كۆزۈيكە» بىلەن ئۇيغۇر داستانلىرىدىن «تاھىر ــ زۆھرە» ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرمىنى(تۈزۈلۈش ۋە موتىف جەھەتتە) ئاساس قىلدۇق.  مەتىننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا شامانىزم، مىف ۋە ئېپىك ئامىللار ئاساسىي ئورۇندا تۇرسا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا ئولتۇراق مەدەنىيەت ۋە چۆچەك موتىفلىرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇ ئەھۋال بىزگە ئومۇمەن مەتىننىڭ ئۆزى تارقالغان جەمئىيەتنىڭ شارائىتىغا ياندىشىپ قانداق ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچرىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ۋ. م. جىرمونسكىي، گ. ن. پوتانىن، ل. پ. پوتاپوف، س. س. سۇرازاكوف، ئالكېي مارغۇلان ۋە س. س. كاراتاشنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، داستان مەتنىنىڭ ھەر قايسى تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدە ۋارىيانتلىرىنىڭ بولۇشى داستاننىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئۇنىڭ تۈركىي قەبىلىلەر بىر ئورۇندا ياشىغان دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، قەبىلىلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ھەر خىل ۋارىيانتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ داستاننىڭ شەكىللىنىشىدە تەسىر كۆرسەتكەن باشقا بەزى داستان ۋە خەلق ھېكايىلىرىغىمۇ دىققەتنى بۇراپ، ئۇلاردىن ئوزۇق ئېلىش ئارقىلىق مۇكەممەلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار داستان مەتنىنى «بامسى بەيرەك»، «ئالپ ماناش»(ئالپامىش ۋە ئۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرى)، «ئاشىق غېرىپ»، «تاھىر بىلەن زۈھرە»(تاھىر ــ زۆھرە) ۋە «بوز يىگىت» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەتنى بىلەن ناھايىتى ئورۇنلۇق ھالدا سېلىشتۇرما قىلغان ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچە بىر ــ بىرىگە ئارىلىشپ كەتكەتلىكىنى، بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن③.

  بىرىنچى، تۇزۈلۈش جەھەتتىكى سېلىشتۇرما

«كۆزۈيكە داستانى» نىڭ تېكىستى نەزمىي شەكىلدە بولۇپ، 1948 مىسرادىن تەشكىل تاپقان، «تاھىر ــ زۆھرە داستانى» نەزىم ۋە نەسرىي شەكىل ئارىلىشىپ كەتكەن بىر داستاندۇر. داستاننىڭ نەزمىي قىسىملىرى قەھرىمانلارنىڭ دىيالوگلىرى ۋە ئوقۇلغان بېيىتلەردىن تەشكىل تاپقان. داستاننىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ۋەقەلىكىگە باغلىق بولغان سېلىشتۇرمىنى مۇنداق شەكىلدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ :

1,قەھرىمانلارنىڭ ئائىلىرى

ھەر ئىككىلى داستاندا قەھرىمانلارنىڭ ئائىلىسى باي ۋە ھۆكۈمران سىنىپقا مەنسۇپ. قەھرىمانلار بالىسىز ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى سۈپىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ ۋە داستاننىڭ ئاخىرىغا قەدەر يالغۇز بالا سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ دادىلىرى ئالتاي ۋارىيانتىدا ئىككى دوست قاغان، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا بولسا ئىككى تۇغقان قاغاندۇر. قاغانلارنىڭ ئىسىملىرى داستاندىكى رولىغا ئۇيغۇن ھالدا ئاق قائان بىلەن قاراتى قائان(ئالتاي ۋارىيانتى) ۋە ئاقخان بىلەن قاراخاندۇر(ئۇيغۇر ۋارىيانتى)④. ئىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىتلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىققا سىمۋول قىلىنغان. ھەر ئىككىلى داستاندا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان دادا(ئاق قائان ــ ئاقخان) ئىجابىي، قىز پەرزەنتلىك بولغان دادا( قاراتى قائان ــ قاراخان) بولسا سەلبىي تىپلاردۇر. مەتىننىڭ ھەر ئىككىلى ۋارىئانتىدىمۇ ئاق قائان ۋە ئاقخان ئاتتىن يىقىلىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ يەردە پەقەت زامان جەھتتىن پەرق بار. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا ئاقخان ئۆيىگە بېرىپ بالىسىنى كۆرەلمەستىن ئۆلىدۇ، ئالتاي ۋارىيانتىدا بولسا ئاق قاغان ئوغلى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن  تۇغۇت تويى (ئات قۇيۇش مۇراسىمى ــ ئۇ)دا ئۆلىدۇ. ئانىلار سۆز تېمىسىگە ئايلانغاندا بولسا داستاننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا قەھرىماننىڭ ئانىسى (ئەركە تانا) ئوغلىنىڭ سۆيگۈنىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىنى توسۇشقا ئورۇنغان شەكىلدە ۋەقەلىكنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالسا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا قەھرىماننىڭ ئانىسىدىن زادىلا سۆز ئېچىلمايدۇ. داستاننىڭ راۋاجىغا ئائىت قىسىملىرىدا ئەركەك قەھرىماننىڭ دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاقخاننىڭ تاھىرغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن قاراتى قائاننىڭ كۆزۈيكەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆرۈلىدۇ. قاراخان تاھىرغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. قاراتى قائان بولسا كۆزۈيكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى تۆۋەن كۆرۈپ رەت قىلىدۇ. ھەتتا قىزىنى كۆزۈيكەدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى باشقا بىر يۇرتقا ئاپپىرىۋېتىدۇ. كۆزۈيكە قاراتى قائان بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا تاھىرنىڭ قاراخانىغا قارشى بۇنداق بىر زىيانلىق ھەرىكىتى كۆرۈلمەيدۇ.

2.قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە چوڭ بولۇشى

داستاننىڭ ھەر ئىككىلى ۋارىيانتىدا قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئوۋ ۋە كېيىك موتىفلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «كۆزۈيكە داستانى»دا ئاق قائان ۋە قاراتى قائان خانىشلىرىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تۇغۇلىدىغان بالىلىرىنىڭ جىنسىنى ئىككىسى بىللە ئوۋغا چىققاندا بىر بوغاز  كېيىكتىن ئۇققان بولسا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا ئاقخان بىلەن قاراخان ئوۋغا چىققاندا خانىشلىرى ھامىلدار ئىدى. ئالتاي ۋارىيانتىدا قاغانلار ئوۋغا ئۆزى يالغۇز چىقسا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا خانلار ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ــ ۋۇزۇرالار بىلەن بىرلىكتە ئوۋغا چىقىدۇ، ئۇلار ئوۋ جەريانىدا ئالدىغا چىققان بوغاز كېيىكنى قىساسى خانىشقا يېتىپ قالمىسۇن، دەپ ئۆلتۈمەيدۇ.

بالىلارنىڭ جىنسىغا مۇناسىۋەتلىك  ھالدا خەيرىلىك (ئوغۇل بالىنى) ۋە خەيرىسىز (قىز بالىنى) دەپ قاراش داستاننىڭ ھەر ئىككىلى ۋارىيانتىدا مەۋجۇت بىر ئامىلدۇر. ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغان قاغاننىڭ ئاق قائان ــ ئاق خان، قىز پەرزەنتىنىڭ ئىسمى چاقىرىلىدىغان قاغاننىڭ قاراتى قائان ــ قاراخان  دېيىلىشى تاسادىپىي ئەمەس. ئالتاي تۈركلىرىنىڭ خەلق ئېتىقادلىرىغا ۋە داستاندا ئۇچرايدىغان ئىپادىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلاردا ئوغۇل پەرزەنت «كەرەكتۈ بالا»(كېرەكلىك بالا)، قىز پەرزەنت بولسا «كەرەگۈ جوق بالا» (كېرەكسىز بالا) دەپ خاكتېرلەندۈرىلىدۇ. مەتىننىڭ ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا بولسا قىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى بىلگەن قاراخان كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى  «ئوغۇل كۆرسەم، مۇرادىم ھاسىل بولار ئىدى، چاپان يامىغۇچ كۆرۈپتىمەن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

«كۆزۈيكە داستانى» دا ئاق قائاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بىر ــ بىرىدىن ئايرىلغان ۋە ياشلىق چاغلىرىغا قەدەر كۆرۈشمىگەن قەھرىمانلارنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا قەھرىمانلار تۇنجى ئايرىلىشىغا قەدەر قاراخان تەرىپىدىن بىللە مەكتەپكە ئەۋەتىلىپ، تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مەتىننىڭ ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا قەھرىمانلارنىڭ بالىلىق چاغلىرى بىرلىكتە ئۆتىدۇ. قاراخان دادىسىز قالغان تاھىرىنى قىزى بىلەن بىللە چوڭ قىلىپ مەكتەپكە ئەۋىتىدۇ. مەتىندىكى بۇ ۋەقەلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ۋارىيانتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى مۇھىم پەرق دىققەتنى تارتىدۇ. بۇنىڭ بىرى، قاراخاننىڭ تاھىرگە ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى قىزى بىلەن بىللە چوڭ قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ  ئەھۋال ئالتاي ۋارىيانتىدا باشقىچە، يەنى قاراتى قائان دادىسىز قالغان كۆزۈيكەنى ياخشى چوڭ بولمايدۇ دەپ قاراپ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. پەرقنىڭ يەنە بىرى،  تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ مەكتەپكە بېرىشىدۇر. بۇ ئەھۋال شۆبھىسىزكى ئولتۇراق مەدەنىيەتنىڭ مەتىنگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىدىن بىرىدۇر. مەكتەپكە بېرىش موتىفى ئالتاي ۋارىيانتىدا يوق.

ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا تاھىر ئانچە كۆپ قەھرىمانلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما، بالىلىق چاغلىرىدا قاراخاننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تۆت تال يانى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىدىن ۋە قاراخاننىڭ زۆھرە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى توسۇش ئۈچۈن قوپۇرغان تېمىنى بىر پەشۋا بىلەن ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان قىسىملاردىن بىز ئۇنىڭ قانچىلىك كۈچ ــ قۇۋۋىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ تەرىپى بىلەن داستاننىڭ ئۇيغۇر ۋارىيانتى لىرو ــ ئېپىك قۇرۇلمىغا ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئالتاي ۋارىيانتىدا پەقەت ئېپىك خاراكتېر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دىكى ئېپىك خاراكتېر مىفىك ئامىللار بىلەن تېخىمۇ بېيىغان. ئۇنى «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دىن پەرقلىق قىلغان ئالاھىدىلىكلەر ئىچىدە شەكىل ۋە ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرغان ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. مەتىندە كۆزۈيكە ۋە ئۇنىڭ ئېتى شەكىل ئۆزگەرتىدۇ. كۆزۈيكە باياننىڭ تويى بولۇۋاتغان يەرگە كىرگەندە بىر خىل تىلەمچى بولغان «تاس»(تاستاراقاي) قىياپىتىگە، ئېتى بولسا تېرە تاشلىغان بىر تايغا ئۆزگىرىدۇ. شەكىل ئۆزگەرتىپ سۆيگىنىنىڭ تويىغا بېرىش موتىفى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان داستان موتىفلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ، سىبىرىيە تۈركلىرىنىڭ داستانلىرىدىن بىر مۇنچىسىدا ۋە دەدە قورقۇت قەبىلىلىرىدىن بامسى بەيرەكتىمۇ كۆرۈلىدۇ. داستاننىڭ ئاخىرىدا بولسا قەھرىمان ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئېتىمۇ تومانغا ئۆزگىرىپ، تەبىئەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كۆزۈيكە باياننىڭ تويى بولۇۋاتقاندا شىددەتلىك ناخشا ئېيتىپ قاراتى قائاننىڭ يۇرتىغا سوغۇق چۈشۈرىدۇ. ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىش ئالتاي داستانلىرىدا قەھرىمانلارنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىدۇر. بەزى داستانلاردا قەھرىمانلارنىڭ قولىدا «يادا تېشى» تۇتقان ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەمما، بۇ داستاندا كۆزۈيكە ھاۋا رايىنى ناخشا ئېيتىپ ئۆزگەرتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆزۈيكەنىڭ ئېتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ بەزى ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشىپ ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى ئۇنى تاھىردىن پەرقلىق قىلغان تەرەپلەردىن يەنە بىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تاھىر جىسمانى جەھەتتىن كۆچ كۆرسەتمىسىمۇ، ئۇنىڭدا ئۈستۈن قەھرىمانلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار. بۇ ئەھۋالنى داستاندا ئۈچ قېتىم ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭ بىرىنچىسى قاراخاننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يالىرىنى سۇندۇرىۋېتىشى، ئىككىنچىسى زۆھرە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا سوقۇلغان تامنى بىر پەشۋا بىلەن ئۆرىۋېتىشى، ئۈچىنچىسى ئۇنى سۇلتان بۈۋىچە بىلەن توي قىلدۇرماقچى بولغان رۇم شاھىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتىشىدۇر. تاھىر ئاش ــ ناننىڭ ئورنىغا قورالنى، ئاتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىنى، قۇشلارنىڭ ئىچىدە شۇڭقارنى تاللاپ بۇ سىناقلاردىن ئۆتىدۇ. يەنە كۆزۈيكەنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرى تاھىرغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېپىكىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شۇنداق بولغاچقا، ئالىملار مەتىننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىنىڭ ئۇيغۇر ۋارىيانتىغا قارىغاندا تېخىمۇ قەدىمىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تاھىرنىڭ قەھرىمانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كۆزۈيكەگە قارىغاندا ئاز بولۇشى بىزگە ئۇنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىدىكى «ئالپ» تىپىدىن «ئاشىق» تىپىگە ئۆتۈش دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلغان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

3.قەھرىمانلارنىڭ نىكاھىغا سۆز بېرىش ۋە توينىڭ چەكلىنىشى

  داستاننىڭ ھەر ئىككى ۋارىئانتىدا دادىلار بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بېشىنى باغلاپ قويۇشنى قارار قىلىدۇ.  سۆز بېرىشكەن چاغدا ئورتاق ئامىل سۈپىتىدە «باشلىق»(قىز تەرەپكە بېرىلىدىغان مال ياكى پۇل ــ ئۇ) بېرىش موتىفى كۆرۈلمەيدۇ.  ھەر ئىككىلى ۋارىيانتتا قەھرىمان ئۆزىنىڭ لايىقىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگىنىدەك، ئۇنىڭ دادىسى تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز قالىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ تويىنىڭ چەكلىنىشى «كۆزۈيكە داستانى»دا ئەر قەھرىماننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك قىزنىڭ دادىسى سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، قىزىنى بۇ تويدىن چەتكە ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا ئاپىرىۋېتىش شەكلىدە يۈز بېرىدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا بولسا قەرىمانلارنىڭ ئايرىلىشىغا رەقىبلەر سەۋەب بولىدۇ. ھەر ئىككى مەتىندىكى ئورتاق بولغان خۇسۇس قىزنىڭ باشقا بىرىسىگە ياتلىق قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر.  «كۆزۈيكە داستانى»دا باياننىڭ سانىسقانباينىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىنىشى ئارزۇ قىلىنسا، «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا قارا باتۇر قاراخاننىڭ يۇرتىنى دۈشمەندىن قۇتقۇزغانلىقى ئۈچۈن زۆھرەنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

4.ئايرىلىش

داستاننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا قەھرىمانلارنىڭ ئايرىلىشى قاراخاننىڭ يۇرتىنى باشقا بىر يەرگە كۆچۈرۈشى بىلەن باشلانسا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا قاراخاننىڭ تاھىرنى بىر ساندۇققا سېلىپ رۇم دەرياسىغا تاشلىۋېتىشى بىلەن باشلىنىدۇ. قەھرىمانلار ئايرىلىپ جۇدالىق ئىچىدە ياشىغان مەزگىلدە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى «كۆزۈيكە داستانى»دا  تەپسىلىي  سۆزلەنمەيدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا بولسا بۇ ۋەقەلىك خېلى كەڭ تەسۋىرلەنگەن. تاھىر سولانغان ساندۇق ئېقىپ توققۇز تارامغا كەلگەندە، تاھىر كارۋانلار ئارقىلىق زۆھرەگە ئۆزى توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزىدۇ.

5.كۆرۈشۈش

قەھرىمانلارنىڭ ئايرىلىشتىن كېيىنكى كۆرۈشۈشى داستانلاردا پەرقلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دا ئايرىلىشتىن كېيىنكى تۇنجى كۆرۈشۈش باياننىڭ سانىسقاباينىڭ ئوغلى بىلەن تويى بولۇۋاتقان چاغدا بولغان بولسا، «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا قەھرىمانلار بەھرام شاھنىڭ تاھىرنى رۇھ پادىشاھىنىڭ مەملىكىتىدىن قاراخاننىڭ تەڭرىقۇتتىكى يۇرتىغا ئېلىپ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دىكى كۆرۈشۈش ئەسلىدە بىر  ــ  بىرىنى زادى تونىمىغان قەھرىمانلارنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى تونۇشۇشى مەنىسىدە كەلگەن بولسا، «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دىكى بۇ كۆرۈشۈشنى  يېڭىدىن ۋىسال تېپىش مەنىسىدە چۈشىنىش كېرەك.

6.ئۆلۈم

داستاننىڭ ھەر ئىككى ۋارىيانتى تراگىدىيەلىك نەتىجە بىلەن، يەنى قەھرىمانلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. كۆزۈيكە دۈشمەنلىرى ئاتقان ۋە پۇتىنىڭ ھوشۇقىغا تەگكەن زەھەرلىك ئوقتىن يارىلىنىپ ئۆلىدۇ. تاھىر بولسا قاراخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دا بايان كۆزۈيكەنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا ئۈچ كۈن يىغلىغاندىن كېيىن پىچىقىنى كۆكسىگە سانجىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا بولسا زۆھرە تاھىر ئۆلۈپ 40 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا كېلىپ بېيىت ئوقۇيدۇ. بېيىت تۈگىشى بىلەن تەڭلا تاھىرنىڭ قەبرىسى يېرىلىدۇ، زۆھرە قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ جان بېرىدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»نى «كۆزۈيكە داستانى»دىن پەرقلىق قىلغىنى قارا باتۇرنىڭمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشىدۇر. رەقىبنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى «كۆزۈيكە داستانى»دا كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ۋارىيانتىنىڭ ئاخىرىدىكى «دەرۋىش ھەققىدە ھېكايە» ۋەقەلىكىمۇ ئالتاي ۋارىيانتىدا مەۋجۇت ئەمەس.

ئىككىنچى، موتىفلار جەھەتتىكى سېلىشتۇرما

1.ئوۋ موتىفى

كۆزۈيكە ۋە تاھىر ــ زۆھرە داستانلىرىدا ئورتاق بىر موتىف سۈپىتىدە كۆرۈلگەن ئوۋ تۈرك داستانلىرىدا ئۆزىنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇچرايدۇ. بۇ داستانلاردا ئوۋ كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلىكتە كىرېزىس دەۋرلىرىگە ئوخشاش، يەنە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەن دەۋرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوۋغا چىقىشتىن بۇرۇن تازىلىق قىلىش، ئايال بىلەن بىرگە بولۇشتىن ساقلىنىش، ئوۋ سايمانلىرىغا ئايال كىشى ياكى بالىلارنىڭ قولى تېگىپ كەتسە ئۇنى ئېرىغداش قاتارلىقلار ئوۋدىن بۇرۇنقى، ئوۋ جەريانىدىكى ۋە ئوۋدىن كېيىنكى ئىشلارغا دائىر ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان ئېتىقاد ۋە ھەرىكەتلەر سۈپىتىدە ئۇچرايدۇ⑤. تارىختا تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئوۋ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلىرى ئۇنى ئادەتتە بىر خىل ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن دادىلارنىڭ بالىلىق بولغانلىقىدىن شىكاردا خەۋەر  تېپىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا ئوۋ موتىفى رۇم شاھىنىڭ تاھىرنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن شىكار ئويۇشتۇرغان ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم كۆڭۈل ئېچىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇچرايدۇ.

2.بالىسىزلىق موتىفى

تۈرك داستانلىرىدا قەھرىمان تىپىنىڭ قېلىپلاشقان ئالاھىدىلىكلىرى بار. داستاننىڭ قەھرىمانلىرى تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىشكە باشلايدۇ. دۇنياغا كېلىش، ئومۇمەن پەۋقۇلئاددە شارائىتلاردا يۈز بېرىدۇ. ئەنئەنىۋىي بولغان بۇ خىل تەكىتلەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى «بالىسىزلىق» موتىفى تەشكىل قىلىدۇ⑥. بۇ موتىف بىز تەتقىقاتىمىزغا ئاساس قىلغان داستانلارنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم موتىفلىرىدىن بىرىدۇر. بىر مۇنچە تۈرك داستانلىرىدىكىگە ئوخشاش، كۆزۈيكە ۋە تاھىر ــ زۆھرە داستانلىرىدىمۇ ئەر ــ  خوتۇن ياشانغان ۋاقىتلىرىغا قەدەر بالىلىق بولالمايدۇ. بۇ ئەھۋال «ھەمرا ۋە ھۆرلىقا»، «غېرىپ ــ سەنەم» ناملىق ئۇيغۇر داستانلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ھەتتا «غېرىپ ــ سەنەم»دە «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دىكىگە ئوخشاش قەھرىمانلار پادىشاھ بىلەن ۋەزىرنىڭ ئوۋدا بوغاز كېيىكنى قويۇۋېتىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

3.ئات قويۇش

  يۇقىرىدا (بىرىنچى مەزمۇننىڭ 2. تېمىسىدا) توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ قويۇلۇشى مەتىنلەردە بىر ــ  بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا «ئات تويى» ئۆتكۈزۈلمەيدۇ ، بالىلارغا ئىسمىنى قاراخان قويىدۇ. ئالتاي ۋارىيانتلىرىدا بالىلارنىڭ ئىسمىنى توغۇت تويىغا قاتناشقان خەلق ئىچىدىكى  ياشانغان ئەر ــ ئاياللار قويىدۇ. بالىلارغا ئىسىمنىڭ ياشانغان ئەر ــ ئاياللار تەرىپىدىن قويۇلۇشى ۋە ئات تويى ئۆتكۈزۈلۈشى قەدىمكى تۈرك كۈلتۈرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىزگە «دەدە قورقۇت داستانى»نى ئەسلىتىدۇ.

4.ئەھدىلەشمەك

ئەھدىلەشمەك تۈرك داستان ۋە ھېكايە ئەنئەنىلىرى ئىچىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر موتىف. مەتىننىڭ ئۇيغۇرچە ۋارىيانتىدا قاغانلار ئوتتۇرىسىدىكى  ئەھدىنامە يازما شەكىلدە، ئالتاي ۋارىيانتىدا بولسا ئاغزاكى شەكىلدە تۈزۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاشۇ مەتىن شەكىللەنگەن ئولتۇراق ــ شەھەر مەدەنىيتى (ئۇيغۇر)  بىلەن ئوۋچى ــ كۆچمەنلەر جەمئىيىتى (ئالتاي) ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يىگىتلەرنىڭ (تاھىر ياكى كۆزۈيكە) لايىقى ياكى قوشۇلچىقىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرگەن كىشىلەر ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا تاھىر زۆھرەنىڭ  قوشۇلچىقى  ئىكەنلىكىنى بىر مومايدىن، ئالتاي ۋارىيانتىدا بولسا كۆزۈيكە باياننىڭ قوشۇلچىقى ئىكەنلىكىنى قۇرداش بالىلارنىڭ بىرىسىدىن ئۇقىدۇ. خەۋەرچى شەخسلەرنىڭ ۋارىيانتلاردا بىر ــ بىرىگە زىت دەرىجىدە پەرقلىنىشى دىققەتنى تارتىدۇ. يەنى خەۋەرچى قېرى (ئۇيغۇر) ــ بالا(ئالتاي)، ئايال(ئۇيغۇر) ــ ئوغۇل (ئالتاي) شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان  موماي تىپى ھەر خىل يامانلىقنىڭ ئىجراجىسى ياكى خەۋەرچىسى سۈپىتىدە دەسلەپكى جادىگەر تىپىنىڭ ئۆرنىكى ھېسابلىنىدۇ.

5.قەبرە موتىفى

بارلىق مىللەتلەردە قەبرىلەر ۋە قەبرە تاشلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ⑦. بۇ ئەھۋال خەلق ئەدەبىياتى تېكىستلىرى ئىچىدىمۇ پات ــ پات ئۇچرايدۇ. داستاننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا قەھرىمانلارنىڭ قەبرىلىرى دۈشمەنلەرنىڭ بارلىق توسقۇنلۇقىغا ۋە ئايرىم قەبرە قاتۇرۇش ئىستەكلىرىگە قارىماي، يانمۇيان تۇرغان ئىككى ئېگىز قىياغا ئۆزگىرىدۇ. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا بولسا قەھرىمانلار ئوخشاش بىر قەبرىگە كۆمۈلگەن بولسىمۇ،  قاراخاننىڭ ئىستىكى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دەپنە قىلىنغان رەقىپ قارا باتۇرنىڭ جەسىتى ئازغان(يانتاق)غا  ئۆزگىرىپ، بىر جۈپ قىزىل گۈلگە ئايلانغان ئاشىق ــ مەشۇقلارنى بىر ــ بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دا قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىنىڭ ئىككى قىياغا ئايلانغانلىقى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈنىڭ چەكسىزلىكىنى كۆرسەتسە، «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا بولسا قەھرىمانلارنىڭ بىر قەبرىدە بىر جۈپ قىزىل گۈلگە ئايلانغانلىقى، رەقىبىنىڭ  بىر توپ ئازغانغا ئايلىنىپ ئارىغا كىرگەنلىكى ۋە دەرۋىشنىڭ ھەر كۈنى بۇ  ئازغاننى كەسلەپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۈنۈپ چىقىپ چىرماشقىلى تۇرغان ئىككى تال قىزىل گۈل غۇنچىسىنى ئايرىۋەتكەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.

6.رەقىپ

سۆيگۈ ــ مۇھەببەت تېمىسى ھېكايە قىلىنغان ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرنىڭ قەھرىمانلىرى ئىچىدە مۇھىم ۋە سەلبىي ئوبرازلاردىن بىرى رەقىپتۇر. تەتقىقاتىمىزغا ئاساس قىلىنغان مەتىنلەرنىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەقەلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان رەقىپ سانىسقانباينىڭ ئوغلىدۇر. داستاندا ئۇنىڭ ئىسمىدىن سۆز ئېچىلمىغىنىدەك، ۋەقەلىك ئىچىدىمۇ ئۇ يوق. ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەقەلەرنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەيدىغىنى دەل دادىسىدۇر. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا بولسا رەقىپ قارا باتۇردۇر. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى خەيرسىزلىك ۋەقەلەردىكى ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەلەردىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئالتاي ۋارىيانتىغا قارىغاندا، ئۇ  مەتىندە ئاكتىۋال بىر شەكىلدە ئورۇن ئالغان.  شۇنى قوشۇمچە قىلىمىزكى، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا تاھىرغا ئاشىق بولغان سۇلتان بۈۋىچەمۇ رەقىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەتىندە ئۇ قارا باتۇرغا قارىغاندا، ئىجابىي شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن. «كۆزۈيكە داستانى»دا ئەر قەھرىمان رەقىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا قەھرىمان قاراخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

7.ساندۇق

داستاننىڭ ھەر ئىككىلى ۋارىيانتىدا قەھرىمانلارنىڭ قول ئىلكىدىكى نەرسىلەر كۆپ ئەمەس. سېلىشتۇرما قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا نامى تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى ئالتاي ۋارىيانتىغا قارىغاندا خېلى كۆپ. بۇلار ئارىسىدا مىلتىق، يا، چۇلۋۇر،  كەمەند،  ئوشۇق،  ساقا قاتارلىقلار  «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەردۇر. داستاننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر شۇلاردىن ئىبارەت : ئات باغلايدىغان  تۈۋرۈك، ئورۇندۇق، كۆرتە(سۇدان)، ئوشۇق،  توقۇم، چۇلۋۇر، قامچا، ئوق، تۇلۇم، پىچاق، ساندۇق قاتارلىقلار. ھەر ئىككى مەتىندىكى ئورتاق نەرسىلەر بولسا چۇلۋۇر، ئوشۇق ۋە ساندۇقتىن ئىبارەت.  قاراخان تاھىرنى بىر ساندۇققا سۇلاپ دەرياغا تاشلايدۇ. بايان بولسا تويى بولغاندا كۆزۈيكەنىڭ ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى سەۋەبىدىن سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. مەتىنلەردە ساندۇق قەھرىمانلارنى قوغدىغان، ھايات قېلىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە سۈپىتىدە ئۇچرايدۇ. ساندۇق بىلەن سۇغا تاشلاش موتىفى ناھايىتى قەدىمكى بىر موتىفتۇر. ھەزرىتى مۇسانىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسسە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ موتىف ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مۇنچە چۆچەك ۋە ھېكايىدىمۇ قوللىنىلغان⑧.

8.ئوشۇق ئويۇنى

مەلۇم بولغىنىدەك، ئوشۇق ئويۇنى بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىدە كۆرۈلگەن بىر ئويۇن. ھەر ئىككى داستاننىڭ مەتنىدە ئوشۇق ئويۇنى قەھرىمانلارنىڭ بالىلىق ۋە يىگىتلىك چاغلىرىدا ئوينىغان بىر ئويۇنى سۈپىتىدە ئۇچرايدۇ. كۆزۈيكە باشقا بالىلار بىلەن ئوشۇق ئويۇنى ئويناپ ئۇلارنى يېڭىۋالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇتتۇرۇپ قويغىنىغا چىدىمىغان بىر بالا ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن : «باياننى خوتۇنلۇققا ئالالماي كۈچىڭ بىزگە يەتتىمۇ» دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆزۈيكە باشتىن ئۆتكۈزگەن تىراگىدىيەمۇ باشلىنىدۇ. تاھىر بولسا يۇرتنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوشۇق ئوينىماقچى بولغاندا، قاراخان ئۇنىڭغا كۆمۈش ئوشۇق ۋە ئالتۇن ساقا ياسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، مەتىننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىنىڭ ئەكسىچە بۇ يەردىكى ئويۇن موتىفىنىڭ ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ. داستاننىڭ ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا قاراخاننىڭ تاھىرغا كۆمۈش ئوشۇق بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن ساقا ياسىتىپ بەرگەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. چۈنكى ساقا ئوشۇققا سېلىشتۇرغاندا يەرلىك كۈلتۈرنىڭ ئويۇن ماددىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، قاراخاننىڭ بۇ ئويۇنچۇقلارنى ئالتۇن ــ كۆمۈشتىن ياسىتىپ بەرگەنلىكى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېتىبارلىق مۇئامىلە قىلغانلىقى  كۆرسىتىدۇ. قاراخاننىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسىدىن بىز ئەسلىدە ئۇنىڭ ياخشى كىشىلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، لېكىن تاھىرغا رەقىپ بولغان قارا باتۇر تەرىپىدىن يامانلىق قىلىشقا كۆشكۈرتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

9.ھايۋانلار

ھەر ئىككى داستانغا ئورتاق  بولغان ھايۋان كېيىكتۇر. مەتىننىڭ ئالتاي ۋارىيانتىدا خانىشلارنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان كېيىك قاغانلار بىلەن سۆزلىشىدۇ، ھەتتا تۇغۇلىدىغان بالىلارنىڭ جىنسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال داستاندا ئىككى قاغاننىڭ ئاغزىدىن «ئالتايدىن ئانى كۆسپۈكتۈپ ــ ئايتقانى چىن بولگۇژىن»(ئالتاينىڭ ھايۋىنى كېلەچەكتىن خەۋەر بەرسە، دېگىنى  ئەينەن بولىدۇ…) دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇر ۋارىيانتىدا كېيىكلەرنىڭ سۆزلەشكەنلىكى، ھەتتا ئالتاي ۋارىيانتىدىكىگە ئوخشاش كېلەچەكتىن خەۋەر بەرگەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ. شامانىست ئالتاي تۈركلىرىنىڭ ئېتىقاتىدا كېيىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شامانلار داپ ياسىغاندا كېيىكنىڭ تېرە ۋە ئۈستىخانلىرىدىن كۆپ پايدىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىسمى يىلنىڭ توققۇزىنچى ئېيىغا نام قىلىپ قويۇلغان كېيىك ھەققىدىكى ئېتىقادلاردا كېيىك مۆرىسە ھاۋا گۈلدۈرلىمەيدۇ، چۈنكى كۆك-ئاسمان ئاۋازىنى  كېيىككە بەرگەن دەپ قارىلىدۇ⑨. تۈرك خەلق ئەدەبىياتىدا قەھرىمانلارنىڭ كېيىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى قويۇق ھېس ــ تۇيغۇلىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە  نامايان قىلغان ئەسەر شۆبھىسىزكى «ئەرجىشلى ئەمراھ بىلەن سەلۋىخان ھېكايىسى»دۇر.  بۇ ھېكايىدە ئەرجىسلى ئەمراھ ئۆزىگە ئۇچرىغان كېيىك ئوۋلىغۇچى كىشىنى سازىنى چېلىپ تۇرۇپ قارغىغاندا، ئوۋچىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، قوللىرى مۈرىسىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشىدۇ. كۆزۈيكە ۋە تاھىر ــ زۆھرە داستانلىرىدا كېيىكتىن باشقا ھايۋانلار ئىچىدە ھەر ئىككى داستانغا ئورتاق بولغىنى ئاتتۇر. كۆزۈيكەنىڭ ئېتى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلغان. ئېتى ئۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ تەڭ تۇغۇلغانلىقىنى، كىندىكىنىڭ تەڭ كېسىلگەنلىكىنى، كېچىسى ئۇنىڭ قويۇندىشى، كۈندۈزى بولسا ئادىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كۆزۈيكە ئۆلگەندە ئۇمۇ باشقا بىر قەھرىماننىڭ ئېتىغا ئايلىنىش ئۈچۈن تۇمانغا ئۆزگىرىپ، تەبىئەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. باشقا داستانلاردىكىگە ئوخشاش، «كۆزۈيكە داستانى»دىمۇ ئات قەھرىمانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ ۋە پات ــ پات ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ نەسىھەت قىلىدۇ. ئات قەھرىماننىڭ دوستى ۋە ئەقىلدارىدۇر. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا بولسا ئات قەھرىمانلارنىڭ ئېسىللىكىنى سىناشنىڭ بەلگىسى(قورال ۋە شۇڭقار بىلەن بىللە) سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ.

«كۆزۈيكە داستانى»دا كېيىك ۋە ئاتتىن باشقا، قۇزغۇن، قاغا، تۇرنا، غاز ۋە سېغىزخانمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قۇشلار ئىچىدە قۇزغۇن بىلەن قاغا قەھرىمانلارغا قارىتا پايدىسىز بىر ھەرىكەت قىلسا، سېغىزخان، تۇرنا ۋە غاز ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدۇ. سېغىزخان بىر تەرەپتىن كۆزۈيكە بىلەن بايان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ساقلاشقا ۋە ئۇلارنىڭ بىر ــ بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىسالىغا يېتىشىگە شارائىت ھازىرلاشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزۈيكەنىڭ جان ئالىدىغان يارىسىنى باياندىن ئالغان دورىسى بىلەن داۋالاپ ياخشىلاشقا ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. «كۆزۈيكە داستانى»دىكى قاناتلىق خەۋەرچى بولغان سېغىزخاننىڭ رولىنى «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دا شاھ بەھرام مەلۇم نىسبەتتە ئۈستىگە ئالغان. سېغىزخان ئالتاي داستانلىرىدا ئىسمى  ئۇچرايدىغان قۇشلارنىڭ بىرى. ئۇ كۆپىنچە قۇزغۇن بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئېپىك ئەسەرلەردە قەھرىمان قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەندە(تاغ، چۆل، ئوت، دېڭىز)، يول تېپىش ئۈچۈن سېغىزخاننى ئەۋەتىدۇ. «كۆزۈيكە» دىكىگە ئوخشاش، يەنە بىر ئالتاي داستانى بولغان «ئۆلۈشتۆي داستانى» دىمۇ سېغىزخان مەكتۇپ  يەتكۈزىدىغان خەۋەرچى بىر قۇش سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. «سېغىزخان» ناملىق بىر چۆچەكتە دېيىلىشىچە، سېغىزخان قۇشلارنىڭ قاغانى ھېسابلانغان توز تەرىپىدىن خانىشلىققا تاللىنىپتۇ. لېكىن بەزىدە خەۋەرلەندۈرمەيلا ئۆيدىن ئايرىلىپ تاپ يېيىشكە كېتىپ قالىدىكەن. سېغىزخاننىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن توز بۇ يامان ئادىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئايرىلىپتۇ. سېغىزخاننىڭ بىر نەرسە يەۋاتقاندا داۋاملىق ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ قويۇشى ئەنە شۇ شەۋەبتىن كېلىپ چىققانىكەن.

«كۆزۈيكە داستانى»دىكىگە ئوخشاش، قاغا ئالتاي تۈرك مىفلىرىدە زىيانلىق رول ئوينىغان قۇشلاردىن بىرىدۇر. ئىسمى ئومۇمەن قۇزغۇن بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئالتاي يارالمىش مىفلىرىنىڭ ۋارىيانتلىرىنىڭ بىرىدە دېيىلىشىچە، ئۈچقۇربۇستان ئىنسانغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس سۇنى ئېلىپ كېلىشكە قاغىنى ئەۋەتىپتۇ. قاغا تومشۇقىدا سۇ ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئەرلىك بىر تاپقا ئۆزگىرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. قاغا ئاچكۆزلۈكىدىن تاپنى يېمەكچى بوپتۇ ۋە ئاغزىدىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپتۇ. قاغا تۆكۈۋەتكەن سۇلار ئارچا ۋە قاراغاي دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. شۇڭا، بۇ دەرەخلەر ھەر ۋاقىت يېشىل تۇرىدىكەن⑩. قاغىغا ئوخشاش قۇزغۇنمۇ ھەم ئالتاي تۈرك مىفلىرىدە ھەم «كۆزۈيكە داستانى»دا زىيانلىق قۇشلاردىن بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئالتاي تۈرك مىفلىرىدە ئەرلىكنىڭ يەر ئاستىدىكى يۇرتىنى كۆزىتىپ قوغدايدىغان قۇشلار قۇزغۇندۇر. قۇزغۇنلار ئىككى بولۇپ، ئۇلار ئەرلىككە ئۇلاشماقچى بولغانلارنىڭ كۆزىنى چوقىلاپ، ھېچقانداق بىر تىرىك كىشىنى يەر ئاستىغا چۈشۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ. «تاھىر ــ زۆھرە داستانى»دىمۇ تۇنجى قېتىمقى ئايرىلىش ۋەقەلىكىدە قاغا بىلەن قۇزغۇننىڭ ئىسمى «كۆزۈيكە داستانى»دىكىگە ئوخشاش بىرلىكتە ئۇچرايدۇ. كېسەلگە مۇپتىلا بولغان تاھىر ئىگە ــ چاقىسىزلىقتىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ، «زۆھرە ئاغرىسا ئاتا ــ ئانىسى باقار، مەن ئاغرىسام كىم باقار؟  ئۆلسەم ئۆلۈكىمنى قاغا ــ قۇزغۇنلار يەپ كېتەر» دەپ ھەسرەت چېكىدۇ.

«كۆزۈيكە داستانى»دا پايدىلىق رول ئوينىغان قۇشلاردىن بىرى بولغان تۇرنا ئالتاي تۈرك مىفلىرىدىمۇ ئەينى خۇسۇسىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۇرنىنىڭ ئىنسانلارغا كۆك يۈزىدىن ئوت تەلەپ قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. تۇرنىغا ئوخشاش غازمۇ داستانلاردا قەھرىمانلارغا ياردەم قىلغان قۇشلاردىن بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. تۈرك مىفىك سىستېمىسىدە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك خەلق ئېتىقادلىرى ۋە ئەدەبىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۇرنىنىڭ بۇ فۇنكىسسىيەلىرى ئانادولۇ رايونىدا ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا. ئالەۋى ــ بەكتاشى ئەنئەنىسىدە تۇرنىنىڭ ئاۋازى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاۋازدىن پەيدا بولغان، دېگەن ئېتىقاد بار. «كۆرئوغلى داستانى»نىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە تۇرنا بەزىدە خەۋەرچى، بەزىدە سەپەرنىڭ سەۋەبچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. «يارىدار مەھمۇد» قاتارلىق بەزى خەلق ھېكايىلىرىدە قەھرىمان  يىراقتىكى سۆيگۈنىگە تۇرنا ئارقىلىق خەۋەر يوللايدۇ ياكى «ئەرجىشلى ئەمراھ»نىڭ مىسالىدا كۆرۈلگەنگە ئوخشاش، قەھرىمان مۇساپىرچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە ھاۋادىكى يالغۇز تۇرنىغا دەردىنى تۆكۈشتىنمۇ يىراق تۇرمايدۇ ⑪.  ئالتاي مىفلىرىدە ۋە فولكلورىدا غاز مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدۇ. يارالمىش مىفلىرىدە كۆكتە ئۇچقان ئۈچقۇربۇستان ۋە ئەرلىك ئىككى غازغا ئوخشىتىلىدۇ. قاملارنىڭ مۇراسىملاردا غازنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، غازغا سىمۋول قىلىنغان بىر كالتەكنىڭ ياكى ئىچى ئوت ــ چۆپ بىلەن لىق توشقۇزۇلۇپ، ئۈستى رەخت بىلەن چېگىلگەن بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ غازدەك قانات قېقىپ كۆككە چىققانلىقى سۆزلىنىدۇ⑫.

   خۇلاسە

داستاننىڭ ھەر ئىككىلى ۋارىيانتى تۈزۈلۈش ۋە موتىف جەھەتتە تۈرك داستان ئەنئەنىسىنىڭ ئورتاق ئامىللىرىغا ئىگە. ئۇيغۇر ۋارىيانتىغا نىسبەتەن «قەدىمىي داستان» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ئىپادە قىلغان ئالتاي ۋارىيانتى ئېپىك ۋە مىفىك خۇسۇسىيەتلەر جەھەتتىن تېخىمو مول مىفولوگىيەلىك ئامىللارغا پۈركەنگەنىدى. بۇ ئالاھىدىلىكەر ئىچىدە قەھرىماننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېتىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشى، قەھرىمانلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە  ئېرىشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھاۋا رايىنى ئۆزگەرتىشى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتىلاردۇر. بۇنىڭغا مۇقابىل ھالدا ئۇيغۇر ۋارىيانتى ئولتۇراق كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئامىللىرىغا ئىگە ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قەھرىمانلارنىڭ مەكتەپتە تەلىم ــ تەربىيە كۆرۈشى بىلەن بىرلىكتە شەھەر ھاياتىغا ئائىت ئامىللار مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، داستاننىڭ «تاھىر ــ زۆھرە»دىن باشقا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن « بوز كۆرپەش ــ قاراساچ ئايىم» ۋە «غېرىپ ــ سەنەم» داستانلىرى بىلەن (ئالدىنقىسىنىڭ باش قىسمىدا، كېيىنكىسىنىڭ ئاخىرقى ۋەقەلىكىدە)  ئوخشاشلىقى بار. لېكىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە «كۆزۈيكە داستانى»نىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ۋارىئانتىنىڭ «تاھىر ــ زۆھرە داستانى» ئىكەنلىكى  جەزىملەشتۈرۈلدى.

نەتىجە سۈپىتىدە شۇنى بىلدۈرۈش كېرەككى، ئالەمشۇمۇل ۋە كىلاسسىك  خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش جەھەتتە تەسىرى كۈچلۈك بولغان تۈرك خەلق ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مۇھىم مەتنى زامانىۋىيلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى خەلق ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، تىياتىر، سىنارىيە ۋە شېئىر قاتارلىق سەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ كۆچكەن. سەھنە ئەسىرى سۈپىتىدە گۈللۈ ئاگوپ تىياتىرىدا 1869-، 1871-، 1874ـ ۋە 1879- يىللاردا ، باشقا تىياتىر سەھنىلىرىدە 1887-، 1888-، 1896- ۋە 1897 – يىللاردا تاماشىبىنلارغا سۇنۇلغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىمۇ ئوپېرا ۋە مۇزىكىلىق تىياتىر قىلىپ سەھنىلەشتۈرۈلگەن. داستاننىڭ مەتنى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم 1952- يىلى ئۆمەر لۇتفى ئاكادنىڭ، ئىككىنچى قېتىم  1972- يىلى ئاتىف كاپتاننىڭ رېژىسورلۇقىدا ئىككى قېتىم كىنو فىلمى قىلىپ ئىشلەنگەن. ئالدىنقىسىنىڭ باش ئويۇنچىلىرى سەزەر سەزىن، كەنان ئارتىن، كېيىنكىسىنىڭ باش ئويۇنچىلىرى بولسا يېلدىراي چېنار  ۋە فاتما بەلگىن ئىدى. ماقالەمنى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان نازىم ھىكمەتنىڭ «تاھىر بىلەن زۆھرە» ناملىق شېئىرىدىن ئېلىنغان بىر كۇپلىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن :

تاھىر بولۇشمۇ ئەيىپ ئەمەس، زۆھرە بولۇشمۇ ھەم،

ھەتتا سەۋدالىق تۈپەيلى ئۆلۈشمۇ ئەيىپ ئەمەس،

پۈتۈن ئىشلار تاھىر بىلەن زۆھرە بۇلۇشتا،

يەنى يۈرەكتە.

ئىزاھلار :

① تۈركىيەدە تاھىر بىلەن زۆھرە ھېكايىسىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان پىروفېسسور، دوكتۇر فىكرەت تۈركمەن  «تاھىر بىلەن زۈھرە»(تەتقىقات ــ مەتىن) دېگەن ئەسىرىدە مەتىننىڭ 24 ۋارىيانتىنى تەتقىق قىلغان. ئەنقەرە 1998- يىلى نەشرى.

② مەھمەت ئاچا : «قوزى كۆرپەش ۋە بايان سۇلۇ داستانى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات»،  كونيا 1998- يىلى  نەشرى، 123- بەت.

③ مەھمەت ئاچا، يۇقىرىقى ئەسەر، 333- بەت.

④ سېلىشتۇرما قىلىشقا ئاساس قىلىنغان مەتىنلەر ئۈچۈن شۇ ئەسەرلەرگە قاراڭ : ئىبراھىم دىلەك : «ئالتاي داستانلىرى»(Ⅰ) تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە 2002- يىلى نەشرى . ئا. ئىنايەتئوغلۇ : «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»(Ⅰ) تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە 2004 –يىلى نەشرى.

⑤ كارېن ئارمستروڭ : «مىفلەرنىڭ قىسقىچە تارىخ»(دىلەك شەندىل تەرجىمىسى)، ئىستانبۇل 2005- يىلى نەشرى، 25- بەت.

⑥ ناجىيە يىلدىز  : «تۈرك داستانلىرىدا بالىسىزلىق»، «مىللىي فولكلور» ژۇرنىلى، ئەنقەرە 2009- يىلى،   ، 82- سان، 76 ـ بەت.

⑦ ھاسان باھار : «ياۋرو ــ ئاسىيادا ئۆلۈم ۋە تۈركلەردە قەبرە كۈلتۈرى» «پىروفېسسور نەجات گۆگۈنچ ئارمىغانى»، ئىستانبۇل 2010- يىلى نەشرى، 267- بەت.

فىكرەت تۈركمەن : «تاھىر بىلەن زۆھرە»، ئەنقەرە 1998- يىلى نەشرى، 184- بەت.

ئىبراھىم دىلەك : «رەسىملىك مىتولوژى سۆزلۈكى»(ئالتاي ــ ياقۇت)، ئەسكىشەھەر 2014 –يىلى، 159- بەت.

ئىبراھىم دىلەك : «رەسىملىك مىتولوژى سۆزلۈكى»(ئالتاي ــ ياقۇت)، 100- بەت.

ئالى دۇيماز : «كېرەم بىلەن ئاسلى ھېكايىسى ھەققىدە بىر سېلىشتۇرما تەتقىقات»،  ئەنقەرە 2001- يىلى نەشرى، 156- بەت.

ئىبراھىم دىلەك : «رەسىملىك مىتولوژى سۆزلۈكى»(ئالتاي ــ ياقۇت)، 100- بەت.

ئاپتور: تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى.

—————

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش