• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » مۇڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار 

مۇڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار 

201210121048463867
  ئابدۇراخمان ئەبەي 
   

   موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ياشىغان قەدىمىي ئەللەرنىڭ بىرى. مىلادىيە 9 ـ ئەسىردە ئۇرخۇن ـ يېنسەي دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر  قەبىلىسىنىڭ ئاساىي قىسىمى غەربىي جەنۇبقا ـ ھازىرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئاخىرقى قېتىم كۆچكەندىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دەسلەپتە موڭغۇل ـ شىرۋى قەبىلىسىگە، كېيىن موڭغۇللارنىڭ كەيرەي قەبىلىسى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نايمان،  مەركت قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى، ياكى موڭغۇللارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى .  13 ـ ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل دالاسىدىكى بارلىق قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى. ئۇ يەنە 1279 ـ يىلدىن 1368 ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى بۈيۈك ئىمپېرىيە يۈەن سۇلاسىينى بەرپا قىلدى. 1911 ـ يىلى يانۋاردا موڭغۇر خانى چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن «ئاپتونومىيە» ئېلان قىلدى. كىيىن مۇڭغۇل خەلق ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، 1921-يىلى 11-مارتتا مۇڭغۇليە خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلدى. 1945 ـ يىلى فېۋرالدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يالتا يېغىنىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى. 1946 ـ يىلى 5 ـ يانۋاردا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى 1 مىليون 564 مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىر، نوپۇسى 3 مىليۇن 14 مىڭ. ئارىدىن توپتوغرا مىڭ يىل ئۆتكەندە، يەنى 19 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن ئالتايدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سودا ـ سېتىق بىلەن مۇڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىگە قايتا كىرىشىكە باشلىدى. ئاق كۆڭۈل موڭغۇل خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك قىزغىن، ئادىل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى. ھەممە ھۆكۈمەت ئۇلارغا موڭغۇللار بىلەن تەڭ ـ باراۋەر ياشايدىغان ھوقۇق بەردى. 

        موڭغۇلىيەگە ئەڭ دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئالتايدىكى ھەمراجان، سەلەي باي، ھوشۇر ھاجىم قاتارلىق سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار مىلىچماللار، يەنى چاي، يىپ ـ يىڭنە، كىيىم ـ كېچەك، دورا ـ دەرمەك سودىسى قىلىدىغانلار ئىدى. ئۇ چاغدا موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا، ئارىدا چېگرا ۋە رەسمىيەت بېجرىش مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. بۇ سودىگەرلەر ئاپارغان ماللىرىنى ئۇ يەردىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن تۈلكە تېرىسى، قۇندۇز تېرىسى، بۆكەن مۈڭگۈزىگە تېگىشىپ قايتايتتى.  بۇ ماللارنى ئالتايدا ئىچكىرىدىن كەلگەن خەنزۇ سودىگەرلەر يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالاتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سودىسى نەچچە ئون ھەسسە پايدا قىلاتتى. ئەمما، بۇ سودا ئەتكەس مال سودىسى دەپ قارىلاتتى. شۇڭا بەزىدە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى. 

    20 ـ ئەسىرنىڭ 20 ـ يىللىرىدا شىنجاڭ بىر مەزگىل تىنچ، مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى بىر ئاز ياخشىلىنىپ، سودا ـ سېتىق جانلىنىپ كەتتى. خوتەن تەرەپلەردە ھىندىستان، پاكىستان چېگرا سودىسى؛ قەشقەر تەرەپتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوش، نەمەنگان، ئەنجان چېگرا سودىسى؛ ئىلى، چۆچەك تەرەپلەردە تاشكەنت، ئالما ـ ئاتا چېگرا سودىسى جانلىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئالتاي تەرەپتە موڭغۇلىيە چېگرا سودىسى تازا گۈللەنگەنىدى. ئاتۇش، قەشقەر، خوتەندىن ئالتايغا كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر موڭغۇلىيەگە مىلىچماللارنى يۆتكەپ سودا قىلاتتى، ھەمدە كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقانىدى. 
   20 ـ ئەسىرنىڭ 20 ـ يىللىرىدىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ بولدى، خەلق جان قايغۇسىدا پاراكەندە بوپكەتتى. قۇمۇل، تۇرپان، گۇچۇڭ، ئالتايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ ۋە ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن قۇمۇل، جىمىسار، ئالتاي چېگرالىرىدىن تۈركۈملەپ موڭغۇلىيەگە قېچىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى مۇساپىرلار قاتارىدا كۈتۈۋېلىپ خوبدا، ئۆلگەي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.

   دادامنىڭ بوۋىسى ، يەنى مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام سوپاخون دىگەن كىشى ئەسلىي ئاتۇش ئازاقتىن بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد موزدۇلۇق بىلەن ئۆتكەن ئادەم ئىكەن. 1820 ـ يىللاردا ئاتۇش ئازاقتىن نۇرغۇن ئادەم يېڭى بوز يەر ئېچىش، چارۋا بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى كاتايلاققا كۆچكەن. ئۇلۇغ بوۋام سوپاخۇنمۇ يۇرت بىلەن بىللە كاتايلاققا كۆچۈپ كېلىپ يەنە موزدۇزلۇقىنى قىلغان. بوۋام مەمتىلىمۇ كاتايلىقتا بىر ئۆمۈر موزدۇزلۇق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن. 
   دادام ئەبەيدۇللا 1914 ـ يىلى ئاتۇش كاتايلاقتىن 18 يېشىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىققان. ئاۋۋال شىخۇ، چۆچەكلەردە، ئاندىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى شەمەي دېگەن شەھەرلەردە سودا قىلغان. 1924 ـ يىلى ئالتايغا كېلىپ، موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا شەھىرى بىلەن ئالتاي ئوتتۇرىسىدا مىلىچمال سودىسى قىلغان. 1928 ـ  يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ  زاپخۇن شەھىرىدە مۇڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى قېتىم قوغۇن تېرىغان. دادامنىڭ ئەسلىي تولۇق ئىسمى فامىلىسى ئەبەيدۇللا مەتىلى ئىدى. تاشقى موڭغۇلىيەدە قازاقلار ئەركلەتمە ئىسىم بىلەن « ئەبەيلەم » دەپ چاقىرىپ ئەبەيلەم بوپقالغان، موڭغۇللار بولسا تېخمۇ قىسقارتىپ ئەبەي دەپ ئىسىم قويۇۋالغان. ھازىر بۇ «ئەبەي» دېگەن نامنى مەن ۋە بالىلىرىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ فامىلىسى قىلىپ قوللاندۇق. ئاپامنىڭ دادىسى يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ كېرىيەلىك خۇمدانچى بولۇپ، 1918 ـ يىلى ئالتايغا  چىقىپ بىناكار بولغان، ئالتايدا توي قىلغان. 1934 ـ يىلى نويابىردا ئالتايدا ئاق ئورۇسلار قازاق، ئۇيغۇر ، خەنزۇلارنى بۇلاپ قىرغىن قىلىدۇ. چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام 13 ياشتىكى ئاپامنى ئېلىپ تاغقا قېچىپ كېتىۋاتقاندا چوڭ ئانامغا ئوق تېگىپ يولدا ئۆلۈپ كەتكەن . چوڭ دادام يۈسۈپئاخۇن ئاپامنى ئېلىپ ،موڭغۇلىيەگە قېچىپ بارغان. 1937 ـ يىلى دادام بىلەن ئاپام خوبدا شەھىرىدە توي قىلغان ھەم بالىچاقىلىق بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

    20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا، ئۆلگەي، زاپخۇن، ئۇلانباتور، ئورخۇن شەھەرلىرىدە توپ ـ توپ ئۇيغۇر مەھەلىسى پەيدا بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ بازارلىرى شەكىللەندى. قىرلاردىن شەھەرگە كىرگەن چارۋىچى موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ پولو ، مانتا، لەڭمىنىنى يېمەي قايتمايتتى. ئۇلار يەنە ئۆيدە قالغان خوتۇن ـ بالىلىرىغا گىردە، سامسىلارنى ئەكىتەتتى. بۇ بازاردا تۆمۈرچىخانا، ساتراشخانا، سەيپۇڭخانا، موفاڭ، ياغاچچىلىق دۇكانلىرىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلدى. 
    ئاقسۇلۇق بەكرى موللام 1930 ـ يىللاردا ئۆلگەي شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خوجىلىق ئىشلرىىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەندە دەريادىن ئۆستەڭ ئېلىپ دەريا بويدىكى تېرىلغۇ يەرگە سۇ ئېلىپ چىقىپ، موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى بولۇپ سەۋزە، ياڭيۇ، شوخلا، تەرخەمەك، كاللەكبەسەي تېرىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ـ ئوقۇتقۇچى ئاشخانىسىنىڭ كوكتات مەسلىسى ھەل بولغان. بەكرى موللام ئۆلگەي شەھىرىگە بىر مەسچىت سالدۇرغان. ئۇ ، 1940 ـ يىللاردا خوبدا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ چوڭ ئاشخانا ئاچقان، ئۇ ئاشپۇزۇلنىڭ پولو، مانتا، لەڭمەن، ئۈگرىلىرى موڭغۇلىيەدە شۇنداق داڭ چىقارغانكى، موڭغۇل خېرىدارلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يەيدىغان بولغان. 1980 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆلگەي شەھىرىنىڭ تارىخىنى يازغاندا بەكرى موللامنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

  ئۇ يىللاردا خوبدا، ئۆلگەي شەھەرلىرىدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىدارە ـ جەمئىيەت ئىشخانىلىرىدىن باشقا خش ۋە كېسەكتە سېلىنغان ئۆيلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. چۈنكى، موڭغۇللار قىش ـ ياز كىگىز ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ، ئاندىن سودا دۇكانلىرىنى كېسەك بىلەن سېلىپ بىناكارلىق كەسپىنى شەكىللەندۈردى. بارا ـ بارا ھۆكۈمەتنىڭ قەۋەتلىك خىزمەت بىنالىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئۇستاملار كۆتۈرە ئېلىپ سېلىشقا باشلىدى. قەشقەرلىك ئۆمەر، داۋۇت دېگەن كىشى ئۆلگەي شەھىرىدە خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرغان، ھاك كۆيدۈرۈپ پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلىشىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلىگەن. خوبدا شەھىرىنىڭ ھازىرقى كوچا بويلىرىدا بەھەيۋەت تېرەكلەرنى ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ پىلانلاپ قويدۇرغان. 70 يىلدىن بۇيان بۇ تېرەكلەر ناھايىتى باراقسان يوغىناپ، خۇبدا شەھىرىگە ھۆسن قوشتى. ھازىرقى خوبدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى شۇ يىللاردا تۇرپان لۈكچۈنلۈك ياقۇپ ئۇستام دېگەن كىشى سالغانىدى. 

     ئۇ يىللاردا موڭغۇللار خاس چارۋىچى خەلق بولغاچقا، دېھقانچىلىقتا پەقەت ئاز دائىرىدە ئارپا، تېرىقتىن باشقىنى تېرىمايتتى. شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلار دېھقان خەلق بولغاچقا، بۇ زېمىنى بىپايان، تۇپرىقى مۇنبەت، سۆيى ئەلۋەك ئەلدە ئەركىن دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. دەسلەپكى يىللاردا موڭغۇللارنىڭ بىر  قويغا بىر قوغۇن تېگىشكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. دائىم دېگۈدەك ئاشلىق قەھەتچىلىكى بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە بىردىنلا نەچچە مىڭ مولاپ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى كۆرگەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى رازى بولدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى قانچىلىك يەتسە شۇنچىلىك دېھقانچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، بارلىق دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى. كېيىنكى يىللاردا دېھقانچىلىق قىلغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىش، يىغىم مەزگىللىرىدە ئەسكەرلەرنى ئەكىلىپ زىرائەتلەرنى ياردەملىشىپ يىغىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئىجتىمائىي ئورنى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. شۇ يىللاردا موڭغۇلىيەدە نەچچە مىڭ مو يەردە دېھقانچىلىق قىلىدىغان، نەچچە مىڭ تۇياق قوي، نەچچە يۈز تۇياق تۆگە، ئات ، كالىسى بار ئۇيغۇرلار بايلار بارلىققا كەلدى. پىچان ناھاھىيەسىنىڭ چوقۇتام كارىزدىن بارغان باي ساۋۇت دېگەن كىشىنىڭ 1937 ـ يىللاردا 3000 تۇياق قوي، 200 تۇياق ئات، 200 تۇياق سېغىن كالا، 60 تۇياق تۆگىسى، 1500 مو يېرى بولۇپ، بۇغداي ، ئارپا تېرىيتتى. بۇنىڭدىن باشقا باي ئىبراي، يۈسۈپئاخۇن باي، ئەبەيلەم، ياقۇپ تۆمۈرچى، تۇنىياز باي، ھوشۇراخۇن باي، قارا كېرەم، تۇردىئاخۇن، تېيىپئاخۇن دېگەن كىشىلەر موڭغۇلىيەدە خېلى چوڭ بايلاردىن بوپقالدى. دادام ئەبەيلەم خوبدا شەھىرىنىڭ نەمىن دېگەن يېزىسىدا 300 مو يەرگە بۇغداي، ئارپا، قوغۇن تېرىيتتى. دادامنىڭ قوغۇنى موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ھەر يىلى پايتەخت ئۇلانباتور شەھىرىگىمۇ نەچچە ئون ماشىنا قوغۇن يۆتكەيتتى. بۇندان باشقا 500 تۇياقتىن ئارتۇق قوي، 100 تۇياق ئات ، 100 تۇياق نەچچە كالا، 50 تۇياق تۆگىسى بار ئىدى. مەن 1953 ـ يىلى 5 ـ مارت سەھەردە ئاشۇ خۇبدا شەھىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى ـ نەمىن دېگەن يەردە ئائىلىمىزنىڭ تۆتىنچى پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغانىكەنمەن. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئاپىسى بورىسقان مېنىڭ كىندىك ئانام بولغانىكەن. ئۇدا ئۈچ قىزدىن كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرگىنىگە خوش بوپكەتكەن دادام يەرلىك قازاق ـ موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى بويىچە مەن تۇغۇلغان كۈنى كەچتە قوي سويۇپ قولۇم ـ قوشنا ۋە يىراق يېقىندىكى دوستلىرىغا چىلداقان قىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ. چۈشتىن كېيىن ئىككى قوينى سويۇپ قازانغا سالغان چاغدا سۇمۇنلۇق ھۆكۈمەتتىن جىددىي ئۇقتۇرۇش كېلىپ: شۇ كۈنى ئەتىگەندە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ داھىيىسى سىتالىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، پۈتكۈل موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ داھىي سىتالىنغان 30 كۈن قارىلىق تۇتىدىغانلىغىنى، بۇ 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام ئوغۇل پەرزەنت كۆردۈم دەپ يۇرتقا بېرىدىغان چىلداقان چاينى بېرەلمەي بىر ئايدىن كېيىن بەرگەنىكەن.

    1938 ـ يىلىدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ «چوڭ تازىلاش» سىياسىتى ھۆكۈم سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلار ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، جامائەت ئەربابلىرى، پۇلدار بايلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلاندى. ئۇلارغا كوممۇنىزىمغا قارشى، چەت ئەلگە باغلانغان دېگەن بەتناملار چاپلانغانىدى. ئۇلار تۈرمىلەردە قېيىن ـ قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى. دۆلەت بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 50 نەچچە مىڭ ئادەم ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلار، ئۇيغۇر بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىنلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. پىچان چىقتىملىق سابىت ھامۇت دېگەن كىشى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كاتتا باي ئىدى. 1938 ـ يىلى تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ قورقۇپ ئۆيىدىكى 20 كىلوگىرام ئالتۇن ـ تىللانى يوشۇرماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر كالىنى سويۇپ بارلىق زىقچە ئالتۇن، تىللانى بىر پارچە كىگىزگە ئوراپ ياغاچ ساندۇققا سالىدۇ، ساندۇقنى كالا تېرىسىنىڭ تۈكى بار تەرىپىدە ئوراپ، ئاندىن كالا تېرىسىنىڭ ھۆل تەرىپىنى يۇمشاق تۇز بىلەن تۇزلاپ، قىل ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئۆينىڭ كەينىدىكى تاغ باغرىغا كۆمۈپ قويغىلى ماڭىدۇ. سابىت ھامۇتنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ئابدۇراخمان ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا ئاز قالغاندا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ، ئالتۇن كۆمگەن يەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بالىسىنى تىللاپ ھەيدىۋېتىدۇ. ئۇلار ئالتۇنلىرىنى تاغنىڭ كەينىگە كۆمۈپ قويۇپ 3 ـ كۈنى كېچىسى ساقچىلار ئاكا ـ ئۇكا ھەر ئىككىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئۇلار شۇ كەتكەنچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئايالى ئايخان ئوغلى ئابدۇراخمان بىلەن ھىلىقى تاغ باغرىنى نەچچە ئايغىچە تولا كولاپ ھەممە يەرنى قېزىۋېتىدۇ،لېكىن ئالتۇن ـ تىللالارنى تاپالمايدۇ. شۇ قېتىمقى «چوڭ تازلاش» موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە غايەت زور يوقىتىش ۋە پاجىئە بولدى.

   موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولغاچقا نىكاھ مەسىلىسى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئەكەلدى. كېيىن شىنجاڭدىن ئائىلە بويىچە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆز ـ ئارا قۇدىلاشتى. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قازاق قىز ـ ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇردى. بىر قىسىم ئۇيغۇر موڭغۇل ئاياللار بىلەنمۇ تۇرمۇش قۇردى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىغا كەلگەندە موڭغۇلىيەدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەپسۇس، موڭغۇلىيەدە ئۇيغۇر مەكتىپى يوق ئىدى. ئەۋلاد تەربىيەسى تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يەنە بىر يېڭى قىيىنچىلىقنى تاشلىدى. كېرىيەدىن بارغان يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ دېگەن خۇمدانچى 1940 ـ يىلى مەخسۇس خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرۇپ، خۇبدا شەھەر مەركىزىدە ئالتە سىنىپلىق بىر ئۇيغۇر مەكتەپ سالدى. بۇ مەكتەپ ھازىرمۇ خۇبدا شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئابىدىسى قىلىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ مەكتەپ پۈتكەن بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇش باشلىيالمىدى. چۈنكى، ئۇيغۇردىن ئوقۇتقۇچى تېپىلمىدى ، بىر ـ ئىككى ساۋاتلىق ئادەم چىققان بولسىمۇ يېتىشمەيتتى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىدا دەرىسلىك يوق ئىدى. ئاخىر بۇ مەكتەپنىڭ «ئۇيغۇر مەكتىپى» دېگەن نامى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بالىلىرى كېيىنكى يىللاردا بىزنىڭ ئائىلىدە شۇندان بىر پاجىئە بولدىكى، چوڭ ئاچام تۇردىخان موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا ئوقۇدى، ئوتتۇرانچى ئاچام رەۋىخان ئاتۇشتا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئۇقۇدى، كىچىك ئاچام زورە بورتالا شەھىرىدە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا مەكتەپ پۈتكۈزدى. ئۈچ ئاچام ساۋاتلىق بولسىمۇ ئەمما ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ يازغان خەتلىرىنى ھەرگىز ئوقۇيالمايتتى.

   20 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىدا موڭغۇلىيەدە كولخوزلىشىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارمۇ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشتى. گۇچۇڭلۇق ھېيتئاخۇن روزى موڭغۇلىيە ئۆلگەي ئۆلكىسىنىڭ ئاقچى دېگەن كولخوزىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ، بۇ كولخوزنى ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئىلغار كولخوز قىلىپ قۇرۇپ چىققاچقا، 1952 ـ يىلى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئەمگەك قەھرىمانى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. كەنجىئاخۇن دېگەن ئاتۇشلۇق كىشى كۆپ يىل ئاشۇ ھېيتئاخون رەئىسكە مۇئاۋىن بولۇپ كولخوزنىڭ مالىيەسىنى باشقۇردى. ئاتۇشلۇق قارا كېرەم دېگەن كىشى خوبدا شەھىرىدە بىر كولخوزنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشىلىدى. قارا كېرەم يەنە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ يىگىت بېشى ئىدى. ئۇ بىر ھەپتىدە بىر قېتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇراتتى. دەپ، دۇتار بىلەن قايناپ كەتكەن بۇ مەشرەپكە موڭغۇللارمۇ كېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. تېيپئاخۇن دېگەن كىشى خوبدا بويۇنسۇمۇل ئۇيغۇر 16 ـ كولخوزىغا رەئىس بولغانىدى. ئۇيغۇر ياشلار كۆپلەپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە قاتناشتى. خوبدا، ئۆلگەي شەھەرلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر ھۆكۈمەت مەمۇرى بولۇپ ئىشلەيتتى. گۇچۇڭدىن بارغان ياسىن دېگەن كىشى ئايالى خالىدەم بىلەن خوبىدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ناخشىچى، ئۇسسۇلچى بولۇپ كىردى. كېيىن ياسىن خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقى بولدى. 1962 ـ يىلى «موڭغۇلىيە خەلق ئارمىيىسى» دېگەن ئەڭ ئالىي شەرەپكە ئېرىشتى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ئىزچىل ھالدا دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى. جۇڭگونىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە موڭغۇلىيە جۇڭگو خەلقىگە زور ياردەم بەردى. 1938 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو چاخار ئۆلكىسىگە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشقا 200 نەپەر ئەسكەر بىلەن نۇرغۇن قورال ـ ياراق ھەمدە ئاشلىق ئەۋەتتى. بۇ 200 نەپەر ئەسكەر ئارىسىدا 20 نەچچە ئۇيغۇر جەڭچى بار ئىدى. بۇ جەڭچىلەر ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن بولغان نەچچە قېتىملىق جەڭگە قاتناشقان، ھەممىسى جەڭدە قۇربان بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پىچانلىق ئابدۇل دېگەن يىگىت 1940 ـ يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ياپونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن چاغدا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونلارنىڭ بىر پولكوۋنىكىنى ئېتىۋەتكەن. ياپونلار ئۇنى نەق مەيدندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىنمۇ پۈتۈن بەدىنىنى نەيزىلەپ، قىيما ـ چىيما قىلىۋەتكەن. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلانباتور شەھىرىدە مەخسۇس خاتىرە مۇنارى تۇرغۇزۇپ، ئىسىملىرىنى ئويغانىدى.

   1939 ـ يىلى 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. 1941ـ يىلى 22 ـ ئىيۇل ھىتلېر گېرمانىيەسى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدى. موڭغۇلىيە دەسلەپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ ماددىي ياردەم  بەردى. كېيىن ئالدىنقى سەپكە نەچچە ئون مىڭ پىدائىي ئەكسەر ئەۋەتتى. بۇ پىدائىيلار ئىچىدە ئۇيغۇر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى. ئىسمائىل، تۇرسۇن دېگەن ئۇيغۇر يىگىتلەر ئۇرۇشتار پىداركارلىق بىلەن 1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. تۇرپان ئايدىڭكۆللۈك سەيدۇل دېگەن يېگىت 1939 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ ئۇچقۇچى بولغان. موڭغۇل ئۇچقۇچىلارنى تىلى كەلمەي ئۇنى سەيناسوپ دەپ چاقىراتتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىپ ئالدىنقى سەپكە بىر نەچچە كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن. سەيناسوپ ئاشۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىدە ئۇچقۇچى ئىدى. ئۇ ، لېننىنگرادتىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىستىكامنىنى پارتىلىتىپ،  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يول ئاچقان. ئۇ ، بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن ئوردېنغا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇلانباتور، موسكۋالاردا ئوقۇتۇپ ئالاھىدە تەربىيەلەپ، ھۆكمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئىشلەتتى. ئىسمائىل دارغا موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقدا مەھكىمە باشلىقى دەرىجىلىك ۋەزىپە بىلەن مۇھىم خىزمەتلەردە بولدى.ئۇ 1947 ـ يىلى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۇلانباتورددا قازا قىلدى. سەيسانوپ 1950 ـ يىلى خوبدا شەھىرىدە ئۆپكە تۇبىركىليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى .

   تۇرسۇن دارغا ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلانباتور شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدە ئورۇنباسار باشلىق بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى. ئاقسۇلۇق ھەسەنئاخون دېگەن ئۇيغۇر شوپۇر ئالدىنقى سەپتىن ياردارلارنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا ئۆپكىسىگە ئوق تەگسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ يارىدارلارنى ساق ـ سالامەت قۇتقۇزۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن موڭغۇلىيەدە «1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى» دېگەن شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار قورامىغا يەتكەن بالىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ ئالدىنقى سەپكە جەڭگە ئەۋەتتى. ھەربىر ئائىلە نۇرغۇن مال ـ مۈلكىنى   ھۆكۈمەتكە تەقدىم قىلىپ، فاشمىزمغا قارشى ئۇرۇشقا كزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلدى. كولخوزلىشىشمۇ ناھايىتى تېزلەشتى. ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.

   موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، كەڭ قورساقلىقى، مېھرىبانلىقى بىلەن ئاشۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ يارقىن ھەم ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. مەن كىچىكىمدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ ھەقتە ئاجايىپ تەسىرلىك ھىكايىلەرنى ئاڭلىغانىدىم. شۇ ھېكايىلەردىن ئىككىنى سۆزلەپ بەرسەملا ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ: 
   گۇچۇڭلۇق تۆمۈر نىياز دېگەن كىشى 1926 ـ يىلى موڭغۇلىيەگە بارغانىدى. ئۇ ، خۇشپېئىل، كۆپكە قابىل، قولى گۈل سودىگەر ئادەم ئىدى. ئۇ خوبدا شەھىرىدە سودا قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تولىمۇ كۆپ موڭغۇل بىلەن تونۇشۇپ، بۇرادەرلىشىپ كەتتى. خوبدا چېگرا شەھەر بولغاچقا، مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر تۇراتتى. تۆمۈر نىياز بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقىنى كۆتۈرە ئالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ھەر كۈنى نەچچە يۈز لىس بولكا پىشرەتتى، نەچچە ئون داش قازاندا تاماق قىلاتتى، ئەسكەرلەرنىڭ قىشلىق يېقىلغۇ ئوتۇنىنىمۇ تەمىنلەيتتى. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى سالدىىغان خىش پىشۇرۇپ ئەسكەرلەرنىڭ ياتاق، ئىشخانىلىرىنىمۇ سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوبدا شەھىرىدە داڭلىق ئادەم بوپقالدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى موڭغۇل چگراسىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن «نىمە ھۈنىرىڭ بار» دەپ سورايتتى. ئەگەر تۆمۈرچى، ياغاچچى، سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىم بار دېسە ،ئۆز ئالدىڭغا تىجارەت قىل دەيتتى. ئەگەر «ھۈنىرىم يوق» دېسە «تۆمۈر نىزاينىڭ يېنىغا بار» دەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى. 1930 ـ يىللاردا تۆمۈر نىيازنىڭ قولىدا كوكتات تېرىيدىغان، ئوتۇق توشۇيدىغان، خىش قۇيۇپ خۇمداندا پىشۇرىدىغان، تامچىلىق، ئاشپەزلىك قىلىدىغان 300 دەك ئۇيغۇر يېتىمچى با ئىدى. 
   شۇ يىللاردا تۆمۈر نىياز ناھايىتى چىرايلىق بىر موڭغۇل قىز بىلەن تونۇشۇپ، بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى. ئۇلار توي قىلىدىغان چاغدا موڭغۇل قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسى قەتئىي قوشۇلمىدى. ئۇلار«ئۇ ئۇيغۇر قىزىمنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ، بەرمەيمىز» دېدى. بۇ ماجىرا ئىككى ـ ئۈچ ئايغا سوزۇلدى. تۆمۈر نىياز ئاخىر خوبدا شەھىرىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. ھىلىقى شەھەر باشلىقى قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ: «ھەممىمىز بىر خۇدنىڭ بەندىسى، بۈيۈك بزرۈكۋار پادىشاھىمىز چىڭگىزخانمۇ يالغۇز قىزى ئەلئالتۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىنگە ياتلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ 5 ـ ئوغلى قىلىۋالغان. تۆمۈر نىيازمۇ ئۇيغۇر يىگىت. مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل، قۇلى گۈل، پاراسەتلىك يىگىتتىن بىر قىزىڭنى ئايامتىڭ بۈگۈنلا توي قىلىپ بەر، قىزىڭنى بەختى كەپتۇ» دىدى.

  ئۇلار ئاخىر توي قىلدى، تۆمۈر نىياز ئۇ موڭغۇل قىزغا مەريامخان دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتتى. ئۇلار بەش بالىلىق بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ناھايىتى بەختلىك ياشىدى. ھەتتا تۆمۈر نىياز موڭغۇلىيە بويىچە ناھايىتى ئابرويلۇق ئادەمگە ئايلاندى. 
   1936 ـ يىلى ئىيۇندا كولخوز رەئىسى ھېيتئاخون روزى بىرنەچچە خىزمەتچىسى بىلەن خوبدىدىن ئۇلانقۇم ئايمىقىغا بېرىپ مۇڭغۇللاردىن 300 تۇياق ئات سېتىۋالىدۇ.ئۇ ئاتلارنى  ھەيدەپ قايتىش سەپىرىدە بىر كۆل بويىغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ. بەدىنى چېقىپ ئاغرىيدۇ، قىزيدۇ، تىترەيدۇ. ھەر خىل سەۋەبنى قىلىپ باقسىمۇ زادى بولالماي يېتىپ قالىدۇ، كېچىسى نەپسى قىسىلىپ ھاسىراشقا باشلايدۇ. ھېيتئاخون ئاخىر شۇ يەرلىك بىرنەچچە موڭغۇلنى چاقىرتىپ تۆگىدىن بىر سېتىپ بېرىشنى، 300 ئاتقا ئون كۈن قاراپ تۇرۇشنى تاپىلايدۇ. ئاندىن ھەمراھلىرىغا يەنە: «مېنى تۆگە بىلەن  تېز ئېلىپ مېڭىڭلار، يولدا ئۆلۈپ قالسام ئۆلۈكۈمنى يولدا يەرلىككە قويۇۋەتمەي چوقۇم خوبدىغا ـ ئۆيگە يەتكۈزۈڭلار» دەيدۇ. 
    ھېلىقى موڭغۇللار ھېتئاخوننىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ: «بىزنىڭ بىر لامايىمىز بار، ئۇ كېسەل كۆرەلەيدۇ، ئەكىلەيلى» دەيدۇ ـ دە، ئات بىلەن تېز بېرىپ بىر سېمىز لامانى باشلاپ ئەكىلىدۇ. 
   لاما تېۋىپ ھېيتئاخوننى كۆرۈپ: «تېزدىن سېمىز قويدىن بىرنى سويۇڭلار»دەيدۇ. ئاندىن ئۈچ قاپ چۆپ دورىنى قاينىتىپ تولۇق ئىچكۈزىدۇ ـ دە، قېلىن ئوراپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ، ئارقىدىنلا يېڭى قاينىغان شورپىدىن بىر داس ئېلىپ سورۇپ ـ سورۇپ ئېغىز كۆيمىگۈدەك بولغان چاغدا ھەمىنى ئىچكۈزىدۇ. ئاندىن يېڭى سويغان قوينىڭ تېرىسىگە يۆگەپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ. ھېتئاخون ئەتىسى چۈشتە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بۇرۇنقىدەكلا ساقىيىپ قوپىدۇ، تاماق يەيدۇ، تالاغا چىقىدۇ. چۈشىن كېيىن ھېلىقى لاما ئۇنىڭ تولۇق ساقايغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. 
  ھېيتئاخون ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا خىزمەتچىلىرىگە تېۋىپ لاماغا ئېسىل ئاتتىن بىرنى كۆركەم ئىگەر بىلەن جابدۇپ يولغا سېلىپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، ھەمدە ھېلىقى لاماغا: «ئەگەر سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ قالاتتىم، مېنى سەن قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭ، مەن ساڭا بىر ئېسىل ئات تەقدىم قىلىمەن، مىنىپ قايت» دەيدۇ. ھېلىقى لاما: «مەن ساڭا ئۈچ قاپ چۆپ دورا بەردىم، سەن ماڭا ئۈچ سوم بەرسەڭ بولىدۇ، ئات ئالسام بولمايدۇ» دەيدۇ. ھېيتئاخون : «ئۆز رازىلىقىم بىلەن بېرىمەن، ئال » دەيدۇ. لاما: «ئۇنداق كۆپ نەرسە ئالسام ھارام بولىدۇ، خۇدا ئالدىدا يۈزۈم قارا بولىدۇ، ئالمايمەن» دەيدۇ. ھيېتئاخون : «ئۇنداق بولسا 100 سوم بەردىم ، ئال» دەيدۇ. لاما: «ئۈچ سوم ئالسام بولدى، ئوشۇق ئالمايمەن، گۇناھكار بولمايمەن» دەيدۇ. «ھيېتئاخون 100 سومنى زورلاپ لامانىڭ قوينىغا سېلىپ قويىدۇ. لاما پۇلنى يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە  : «ئۈچ سوم ئالىمەن، بىر تىيىن ئارتۇق ئالمايمەن، ئەمما ئات بىلەن ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويساڭ ياق دېمەيمەن» دەيدۇ. ھېيتئاخون ئاخىر ئۈچ سوم بېرىپ ئۆز ئېتى بېلەن لامانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ… 
   1949 ـ يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن مۇڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ناھايىتى تېزدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ سوتسىيالىزم لاگېردىكى ئەڭ يېقىن سەپداشلاردىن بوپقالدى. بۇ خۇش خەۋەر موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قالتىس خۇشھال قىلدى. ئۇلار شىىنجاڭدىكى ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىنىڭ ئاخىر تۈگىگەنلىگىنى، شىنجاڭدىمۇ موڭغۇلىيەگە ئوخشاش  كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ۋەتەننى سېغىنىش، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى قايتىدىن  ئۇرغۇدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى 20 ـ 30 يىلدىن بۇيان ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەي يەنىلا جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانىدى.

    موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1952 ـ يىلدىن باشلاپ رادىيو ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدى. ھەر قېتىم خەۋەردىكى شىنجاڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى ئاجايىپ خۇشھال قىلاتتى. بەزىلەر ئۆز يۇرتىدىكى بىرەر يېڭى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالسا شۇ كۈنى قوي سويۇپ مېھمان چاقىراتتى. بولۇپمۇ رادىيودىن پاتەم قۇربان، پاشا ئىشانلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيەتتى. 
   1952 ـ يىلى كۈزدە خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرنەچچە قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن يۈزنەچچە ئادەم ئىمزا  قويۇپ شەھەر باشلىقى لويسىن بالدىنغا «جۇڭگوغا قايتىپ كېتىمىز» دەپ ئىلتىماس سۇندى. ئۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ «ئىلتىماسىڭلارنى مەركەزگە يوللىدۇق، تېخى جاۋاپ كەلمىدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 1954 ـ يىلىنىڭ بېشىدا موڭغۇلىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى چۈشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن «نىمە ئۈچۈن كېتىسىلەر؟ يەرلىك ھۆكۈمەت چەتكە قاقتىمۇ؟ كەمسىتتىمۇ ياكى موڭغۇللار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدىڭلارمۇ؟ كۆڭلۈڭلار رەنجىگەن يەرلەر بارمۇ؟»دېگەن مەزمۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلار: موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋەتەننى سېغىنغانلىقىنى، شۇڭا قايتىشنى تەلەپ قىلغنلىقىنى، ئېيتتى . بۇ ئۆمەك يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ  جۇڭگوغا قايتىپ كېتىشىنى  تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا رۇخسەت بەرسە بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە قايتا ـ قايتا پىكىر ئالدى.

   1954 ـ يىلى كۈزدە موڭغۇلىيەنىڭ رەئىسى سېدىنبال خىزمەت تەكشۈرۈپ خوبدا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە كەلگەندە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر ـ ئايال رەئىس سېندىبالغا كوللېكتىپ ئىمزا قويغان ۋەتىنى جۇڭگوغا قايتىش ئىلتىماسىنى سۇندى. رەئىس سېدىنبال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر شىنجاڭغا كېتىمىز دەيسىلەر، تەلىپىڭلار توغرا، ئادەم بالىسى ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ. بىراق، جۇڭگو ئازاد بولغىلى ئاران تۆت ـ بەش يىل بولدى، تېخى قىيىنچىلىق تۈگەپ كەتكىنى يوق. موڭغۇلىيە ئازاد بولغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بىز تېخى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. ھازىر شىنجاڭغا بارساڭلار قىينىلىپ قالىسىلەر، يەنە 10 يىلدىن كېيىن بارساڭلار بولىدۇ. مەن ھەربىي ئادەمگە 3000 سومدىن پۇل بېرەي، ئالاھىدە خەت بېرەي، سىلەرنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي. سىلەر ھازىر بالىچاقا، ئۆي ـ مۈلىكۈڭلارنى قوزغىماڭلار. ئۆزۈڭلار بىر يىل تۇرۇپ ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى، ۋەتىنىڭلارنى كۆرۈپ كېلىڭلار. كۆرۈپ كېلىپ ئاندىن كۆچۈپ كېتەيلى دىسەڭلار بىر يارىشىقىدا يولغا سېلىپ قويايلى. خوتۇن ـ بالىلىرىڭلار موڭغۇلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭنى كۆرگىنى يوق، ئۇ يەرگە بېرىپ كۆنەلمىسە قىينىلىپ قالىسىلەر، سىلەر شىنجاڭغا بېرىپ كەلگىچە ئائىلەڭلەرگە ، مال ـ چارۋاڭلارغا ھۆكۈمەت ياردەملىشىپ قاراپ تۇرسۇن» دېدى. 
    شۇ ھامان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بوپكەتتى: «بۇ موڭغۇللار بىزنى ئالداۋاتىدۇ. بىزنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىپ بالىلىرىمىزنى ئېلىپ قالماقچى. بىز بىراقلا كۆچۈپ كېتىمىز، بالىلىرىمىزنى تۇغقانلارغا كۆرسىتىمىز» دېيىشتى. 
  رەئىس سېدىنبال ئامالسىز قالدى ـ دە: «بولىدۇ، ئۈچ يىللىق پاسپورت بېرەيلى، كۆنەلمەي، ئۈچ يىل ئىچىدە يېنىپ كەلسەڭلار بىز يەنە قارشى ئالىمىز. رەسمىيەتلەرنى مەن ئولانباتورغا بارغاندىن كېيىن بېجرىپ بېرىمەن» دېدى. 
   1955 ـ يىلى يانۋاردا رەئىس سېندىبالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ ئىلتىماسنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يوللىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى.

   1955 ـ يىلى مارتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى. ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشىنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى يېتىپ كەلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇزۇتىلىدىغانلىقى، بىرىنچى تۈركۈمدە ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن كەلگەنلەر ھەمدە ھازىرغا قەدەر جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانلار پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە قايتسا بولىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ سەپەر يولى خوبدا ـ ئۇلانباتور ـ بېيجىڭ ـ ئۈرۈمچى ئارقىلىق بولىدىغانلىقى ، ھازىردىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈشى، قۇرۇجايلىرى ۋە مال ـ چارۋىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ساتسىمۇ، شەخسلەرگە ساتسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. شۇ كۈنىلا تۈنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر بايرام خۇشھاللىقىغا چۆمدى. بۇر پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىدە يىغا ـ زار كۆتۈرۈلدى. 
   1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا خوبدا شەھىرىدىن 24 ئائىلىك ئۇيغۇر 10 دانە گاز ماشىنا بىلەن ئۇلارنباتورغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنى كېيىنكى قېتىمغا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى، موڭغۇل، قازاق دوست ـ بۇرادەرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ مىڭغا يېقىن  ئا دەم ئۇزىتىپ چىققانىدى. دادام ، ئاپام ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن بارغان ھەم موڭغۇلىيەدە جۇڭگو گىراژدانى سالاھيىتى بىلەن تۇرغاچقا، ئۈچ ھەدەم بىلەن مېنى ئېلىپ ئالتە جان كىشى تۇنجى تۈركۈمدە بېيجىڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

    ئۇلار خوبدا شەھىرىىدىن پايتەخت ئۇلانباتورغا يەتتە كۈندە يېتىپ باردى. ئۇلانباتوردىمۇ ئۇلارغا جۇڭگوغا قايدىغان ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى تۈركۈمدە. جۇڭگوغا قايتىدىغان ئۇيغۇرلار 27 ئائىلە، 94 ئادەم بولدى. ئۇلار ئۇلانباتوردا رەسمىيەت بېجىردى، سودا ـ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇلارغا ئۇزىتىش چېيى بەردى. 
    ئۇ چاغدىكى ئايروپىلانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاران 24 ئادەم سىغاتتى. شۇڭا، ئۇلار تۆت قېتىمغا بۆلۈنۈپ ماڭىدىغان بولدى. بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا ماڭغانلار 1955 ـ يىلى 28 ـ مارت ئەتىگەندە ئۇلانباتوردىن ئۇچۇپ، چۈشىن كېيىن بېيجىڭ ئايرودرومىغا قوندى. بىزنىڭ ئائىلە ئاشۇ بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا كەلگەنىدى.

    موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇش پىلانى موڭغۇلىيەدىكى جۇڭگو كونسولخانىسى ئارقىلىق جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا تاپشۇردى ھەمدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇش قىلىپبۇ مۇھاجىرلارنى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ كۈتۈۋېلىشنى، شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپشۇردى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئامىلە باشقارمىسىغا ئۇقتۇرۇپ، 24 ياشلىق خىزمەتچى مۇھەممەت سامساققا بېيجىڭغا بېرىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى.

   تۇنجى تۈركۈم مۇھاجىرلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مۇھەممەت سامساق تېخى بېيجىڭغا كېلىپ بولالمىغانىدى. مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالدى. ئۇ چاغدا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭسى دېگەن يېرىدە ئىدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ كەينىدىكى بىر چوڭ قورۇنى ئىجارىگە ئېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىر ئېغىزدىن ئۆي تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بېيجىڭغا كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھەممەت سامساقمۇ ئۈرۈمچدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ بولغانغا قەدەربارلىق ياتاق، تاماق، قاتناش، داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ مېھمانلارنى يەنە بېيجىڭدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىي ئۆزى يېتىشەلمىگەچكە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك شۆبە بيۇروسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنى مېھمانلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى. سەيپۇللايوف ھەربىر ياتاققا كىرىپ مېھمانلارنى يوقلىدى ، رەھبەرلەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ ، قايتىدىغان چاغدا مۇھەممەت سامساققا مۇئاۋۋىن رەئىس سەيپىددىن ئەزىزىينىڭ «ۋەتەنگە قايتقان قېرىنداشلارنى ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يۈتكۈزسۇن» دېگەن يوليورۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

   ھەر ئۈچ كۈندە ئۇلانباتوردىن بېيجىڭغا بىر قېتىم ئايروپىلان قاينايتتى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ـ كېيىن ئون نەچچە كۈندە بېيجىڭغا كېلىپ بولدى.  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇھاجىرلارنى مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بېڭجىڭدىكى تىيەنتيەن باغچىسى، گۇگۇڭ خان سارىيى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق  ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. 7 ـ ئاي مەزگىلى بېيجىڭ ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا موڭغۇلىيەنىڭ سالقىن تاغلىرىدىن كەلگەن بۇ مۇھاجىرلارىڭ ياشقا چوڭلىقرى ئاغرىپ كەتتى. چوڭلاردىن بىر نەچچىسى دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن داۋالىنىپ ئاران ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بېڭيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار شىئەندە ئالتە كۈن تۇرۇپ يەنە بىر قىسىم يەرنى ساياھەت قىلدى. 9 ـ ئاۋغۇست پويىز بىلەن لەنجۇغا يېتىپ كەلدى.

   ئۇ چاغدا تۆمۈر يول تېخى لەنجۇدىن ئۆتمىگەنىدى. لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرۇسىدا ئاپتوموبىل قاتنىشى ناھايىتى قىس بولغاچقا، مۇھاجىرلار لەنجۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى. چوڭلار ئىسسىققا چىدىماي يەنە ئاغرىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە سەيپىدىن ئەزىزىي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئېلىپ لەنجۇغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەت سامساق بىر قىسىم مۇھاجىر ۋەكىل بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ ياتىقىغا كىرىپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان قاتناشنىڭ ھەل بولمىغانلىقى، چوڭلارنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. سەيپىدىن ئەزىزىي ئاغرىپ قالغانلارنى ئەتە ۋەكىللەر ئولتۇرغان ئايروپىلاندا ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلانى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ لەنجۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جىددىي سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئولجا قالغان «دوتكى» ماركىلىق ئۈچ چوڭ ماشىنىدىكى شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان يۈكلەرنى چۈشۈرگۈزۈۋېتىپ، قالغانلارنى يۈك ـ تاقلىرى بىلەن ئورۇنلاشۇتۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان مۇخاجىر ئۇيغۇرلار 1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى خۇبدا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 21 ـ ئاۋغۇست، يەنى 109 كۈندە ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. 
   ئۈرۈمچىدە بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ھەم ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىش خىزمىتىگە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەسئۇل بولدى ھەمدە پالتاخۇنباي سارىيىنىڭ ئارقسىسدىكى خلەق ئىشلار نازارىتىنىڭ بىر قەۋەتلىك مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. 
  خەلق ئىشلار نازارىتى ئۇلارنى ئۇرۇمچىدە بىرنەچچە كۈن دەپ ئېلىپ شەھەرنى كۆرۈشكە ھەمدە يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىقا قويۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىر چوڭ ئادەمگە كۈنىگە ئىككى يۈەن بالىلارغا بىر يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقاتتى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بىر گىرام ئالتۇن 2.68 يۈەن ئىدى. بىر ئادەم بىر كۈندە ئاشپۇزۇلدىن ئۈچ ۋاخ تاماق يېسىمۇ بىر يۈەننى خەجلەپ بولالمايتتى. 
  شۇ كۈنلەردە يەنە سەيپىدىن ئەزىزينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلارنى نازارىتى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ياكى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. كورلىلىق ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكى ئادەم بولغاچقا، كورلىدىكى موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلدى. باي ئىبراي دېگەن كىشىنىڭ تىللا ، سارا دېگەن ئىككى قىزى موڭغۇلچە ئوقۇغان، موڭغۇلىيەدە خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەككە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى كەلگەن مۇھاجىرلاردىن ھيېتئاخون روزىنى ئالتاي شەھەرلىك سودا كوپىراتىپىغا مۇئاۋىن دېرىكتورلۇققا، غاپپار دېگەن كىشىنى ئۆلكىلىك موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا، بۇسارە بەگرىنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلدى. 
  مۇھاجىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېين ھەرقايسىسىنى ئۆز يۇرتلىرىغا يولغا سالدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاساسەن قومۇل ، تۇرپان، گۇچۇڭ، غۇلجا، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەنلىك ئادەملەر ئىدى. 
   دادامنىڭ ئەسلىي يۇرتى كاتايلاق بولغاچقا، 1955 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۆكۈمەت كىرا قىلىپ بەرگەن بىر گاز ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 12 كۈندە كاتايلاققا يېتىپ بارغانىدى.

  موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئالتاي چېگراسىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا ئۇزىتىپ قويدى. 1956 ـ يىلى 28 ـ سېنتەبىردە تاشقى موڭغۇلىيە خوبدا شەھىرىدىن 50 ئائىلە، 537 كىشى يولغا چىقىپ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بۇلغۇن دېگەن ئېغىزدىن شىنجاڭغا كىردى. بۇلار ئىچىدە بەش نەپەر خەنزۇ مۇھاجىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى موڭغۇل ئىدى. بۇ مۇھاجىرلارغا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىر نوپۇسقا ئۆزىنىڭ بىر ئات، بىر تۆگىسى بىلەن چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان. قالغان قورۇ ـ جاي، مال ـ ۋارانلىرىنى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى باھالاپ ئالغان ياكى ئۆزلىرى ساتقان. ئۇلار ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان بارلىق مۈلۈكىنى ئات ـ تۆگىرىلىگە ئارتىپ يېنىپ چىققانىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدە موڭغۇلىيە ئۆلگەي شەھىرىدىن يولغا چىققان يەتتە مۇھاجىر ئائىلە ماشىنا بىلەن ئالتاي شەھىرىگە ئۆتتى. 1957 ـ يىلى ئۇلانباتور، خوبدا شەھەرلىرىدىن تۇرسۇن دارغا، ياسىن ئارتىس دېگەن كىشىلەرمۇ گۇچۇڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. 
   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى تۇرسۇن دارغىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى خىزمەت دەرىجىسىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى ليۇداۋان كۆمۈر كانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەمما تۇرسۇن دارغا، ياسىن ئارتىس، قەشقەر بەشكېرەمگە قايتقان لېتىپئاخۇن، خوتەنگە كەتكەن ياقۇپ، بايلىق مۇھەممەت قوشماق قاتارلىق ئادەملەر 1958 ـ يىلى چىڭگىل ناھىيەسى ئارقىلىق يەنە موڭغۇلىيەگە قايتىپ كەتتى.مۇڭغۇليە  ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يەنە قىزغىن قارشى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇردى. 
   موڭغۇلىيەدە قالغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 1962 ـ يىلى ئۆزبېكىستانغا، يەنە بىر قىسىمى 1998 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغا قەدەر قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتتى. موڭغۇلىيەدە ھازىر يەنە بىرنەچچە يۈز ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئەۋلادى ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئاساسەن خوبىدا، ئۆلگەي، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان.

   مەن 1991 ـ يىلى مايدا تۇغقان يوقلاپ، تۇغۇلغان يۇرتۇم موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە باردىم. بۇ چاغدا، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ 36 يىلدىن بويان ئىككى ئارىدا مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ ، مەن جۇڭگودىن تۇنجى بولۇپ موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇر ئىدىم. مېنى ئۇلانباتوردا ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر پويىز ئىستانىسىسىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئۇلانباتوردىن خۇبدا شەھىرىگە بارغان چېغىمدا ئايرودورومغا مېنى قارشى ئالغىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەم چىقىپدۇ. ئۇلارنىڭ  كۆپى ئۇيغۇرلار ئىدى. تاغام بوينۇمغا چىڭ ئېسىلىپ ئۇزاق يىغلاپ كەتتى. قالغانلارمۇ ماڭا ئېسىلاتتى، سۆيەتتى. ئەمما مەن ئۇلارنى تونۇمايتتىم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلار مېنى ئەمەس ۋەتەننى، ئۇيغۇرلارنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋاتاتتى. مەن بېرىپ ئەتىسى تاغام مېنى كەلدى دەپ، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قۇلۇم ـ قوشنا، دوستلىرىغا چوڭ چاي بەردى.  تاغامنىڭ خوبدا دەرياسى بويىدىكى كەڭرى قورۇسى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. چوڭ بىر قازاندا پولو ئېتىلىدى، بىر قازانغا لىق گۆش سېلىندى. داستىخانغا بولكا، بوغۇرساق ، قۇرۇت ، سۈزمە، سېرىق مايدىن باشقا، مەن ئۈرۈمچىدىن ئاپارغان ھەر خىل كەمپۈت، پېچىنە ـ پىرەنىك تىزىلغانىدى. مېھمانلار ئۈرۈمچىنىڭ كەمپۈت ـ پىرەنىكلىرىنى ئاجايىپ مەززە بىلەن يەپ ، مەندىن توختىماي گەپ سورايتتى. ئۇلار دادامنى ، ئاپامنى، ئۈچ ھەدەمنى، ئۇلارنى قانچە بالىسى بارلىقىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورايتتى. ئۇلار يەنە موڭغۇلىيەدىن جۇڭگوغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلىقى، بالىلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، مائارىپى، ئۆرپ ـ ئادىتى ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىىدە توخـىماي سوئال سورايتتى. بىر چاغدا ئۆيگە ئاپئاق كەيمەلىچەك ـ چىلاۋۇش كىيگەن ئىككى قازاق  موماي كىرىپ كەلدى. ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردۇق. ئۇلار: «قوناق قايسى» دەپ سورىۋىدى، تاغام مېنى كۆرسەتتى. مەنمۇ ئالدىغا ئىتتىك باردىم. ئۇلار مېنى نۆۋەت بىلەن باغرىغا چىڭ بېسىپ: «ئورپاغىم… ئورپاغىم» )پەرزەنتىم … پەرزەنتىم( دەپ سۆيدى. پۇرىدى. ئاندىن : «تۇقاننىڭ يىئىسى چىقىپتۇر )تۇخاننىڭ ھىدى پۇراۋاتىدۇ(» دېيىشىتى، ئۇزاق كۆز يېشى قىلىشتى. كېيىن ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن ئۇقسام، ئاپام بىلەن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى ئىكەن. مەن ئۇلارغا ئاپامنىڭ نامىدا سوۋغات تەقدىم قىلدىم… يەنە بىر كۈنى تاغامنىڭ ئۆيىگە ئىكى موڭغۇل بوۋاي كىرىپ كەلدى. تاغام ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇردى ۋە بىزگە تەرجىمانلىق قىلدى. بۇ بوۋايلار دادامنىڭ دوستلىرى ئىكەندۇق. دادامنىڭ موڭغۇل تىلىغا ناھايىتى ئۇستىلىقىنى، مېھماندوست، ئەمگەكچان، جاپاكەش ئادەم ئىكەنلىكىنى، موڭغۇلىيەدە تۇنجى بولۇپ قوغۇن تېرىپ موڭغۇللارنى بەك خۇش قىلىۋەتكەنلىكىنى ھىكايە قىلىۋاتقاندەك سۆزلەپ بەردى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مانتا، پولو، سامسا، لەڭمەن، نان دېگەن تاماقلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ ماختاپ، ھاياجانلىنىپ كەتتى بولغاي: «قېنى شۇ ئۇيغۇرلار؟ نېمىشقا كەتتى شۇ ئۇيغۇرلار؟ ئۇيغۇرلار كەتتى، ئۇلارنىڭ مەززىلىك پولو، مانتا، لەڭمەن، سامسىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى…» دەپ ۋاقىرىۋەتتى. مەن تاغامدىن موڭغۇلىيەدە ھازىر بار ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ئاشىخانا ئاچمايدىغانلىقىنى سورىسام، تاغام تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا: «بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ساپ ئۇيغۇرلار ئىكەنتۇق. ئۇلار ھەرقانداق يەرگە بارسا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى تاشلىمايدىكەندۇق، ئۇنتۇمايدىكەنتۇق، ھەرقانداق جاپاغىمۇ چىدايدىكەندۇق. بۇ يەردىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار 3 ـ ئەۋلاد ئۇيغۇرلار، باشقىلار بىلەن چاڭلاشقان شالغۇت ئۇيغۇرلار، ئۇلار رۇسلارنىڭ، موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كەتتى، ئېتىقادىمۇ شالغۇتلىشىپ كەتتى. ئۇلار ھەر كۈنى بىر قېتىم بوتكىلاردىن بولكا، بوغۇرساق، تەرخەمەك، سېرىق ماي، ۋودكا سېتىۋېلىپ ئۈچ ۋاي يەيدۇ، ئىچىدۇ ـ يۇ، ئۇنداق پولو، لەڭمەن، مانتا دېگەنلەرنى ئەسلەپمۇ قويمايدۇ ۋە ئېتەلمەيدۇ، ھۇزۇرنلىشىپ كەتتى… » دېدى ھەسرەتلىنىپ.

   مەن موڭغۇلىيەدە تۇرغان 30 كۈن ئىچىدە خوبدا شەھىرىدىن باشقا ئۆلگەي، زاپخون، دارخىن، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ دادام تۇرغان، تىجارەت قىلغان، دېھقانچىلىق قىلغان ھەممە يەرنى زىيارەت قىلدىم. ھەيران قالدىمكى، موڭغۇلىيەدىكى بارلىق چوڭ ـ كىچىك شەھەردە ناھايىتى مۇكەممەل مۇزېي بار ئىكەن. ھەربىر شەھەردىكى مۇزېيدا تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، مەشھۇر شەخسلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپتۇ. ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى تارخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇزيىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. ئاخىرقى كۈنلەردە ئورخۇن ـ يېنسەي بويىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تاش ئابىدىلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم. 
   مەن موڭغۇلىيەدىكى ئاخىرقى كۈنلەردە خوبدا شەھىرىدە بولغان بىر ئىش ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ: بىر كۈنى تۇغقانلىرىم دادام، ئاپام ئۇزاق يىل ئولتۇرغان قەدىمكى مەھەللە ـ نەمىنگە كونا ئۆيىمىزنى زىيارەت قىلغىلى ئاپاردى. خوبدا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ماي ئايلىرىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق بوپكەتكەنىدى. بەش ـ ئالتە مىڭ مو تېرىقچىلىق مەيدانىدا ھازىرمۇ ئون نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇرىدىكەن. تۇغقانلار مېنى باشلاپ يۈرۈپ بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن دادام بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن خوبدا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ چاپقان بىر كىلومېتىردىن ئۇزۇن ئېرىقنى كۆرسەتتى. بۇ يەرلەر ھازىرمۇ ئاشۇ ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىكەن. مەھەللىدىكى دادام تىككەن تېرەكلەرنى ، قوغۇن تېرىغان يەرلەرنى، زىيارەت قىلدىم. بۇ يەرلەر ھازىرمۇ تاغامنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن، تاغام بۇ يەرلەرگە قوغۇن، بۇغداي، تېرىيدىكەن. ئۇلار ئاخىرىدا مېنى بۇرۇن بىز ئولتۇرغان يوغان بىر قورۇغا باشلاپ كىردى. قورۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يوغان ئىككى تۈگمەن تېشى تۇرۇپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇن تارتىدىغان موفاڭ )ئات تۈگمىنى( نىڭ تېشى ئىكەن. مۇشۇ دېقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئۇن تارتىدىكەندۇق. بىزنىڭ ئەسلىي ئۆيىمىز ئۆرۈلۈپ كېتىپ تاغام يان تەرەپكە ئايرىم ئۆي ساپتۇ. تاغام ماڭا كونا ئۆينىڭ ئورنىدا بىر يەرنى كۆرسىتىپ: «مانا، سەن توغۇلغان يەر مۇشۇ، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن يەر مۇشۇ! بالام سەن 36 ـ يىلدا ـ بىر قەزنەدە تۇغۇلغان يېرىڭگە ئاران بىر كەلدىڭ…» دېدى. شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزغا بىر توپ ئادەم ئولاشتى. ئۇلار بىزنىڭ بۇرۇنقى قوشنىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. بىر ئۆيدە قوي سويۇپ تاماق تەييارلاپ قويۇپتۇ، ھەممىمىز شۇ ئۆيدە ناھايىتى خوشال ـ خورام مېھمان بولدۇق…

    خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا ھەرقايسى ساھەدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى. كورلىدىن ئىبراھىمئاخون 1956 ـ يىلىدىن باشلاپ تاكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا قەدەر مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ھەر يىلى بىر قېتىم بېجىڭغا يىغىنغا بېرىپ تۇردى، گۇچۇڭدىن مەريەم، بورتالادىن غاپپار، سەيدۇللا ھەسەن، ياسىن كېرەملەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۇزاق يىل خىزمەت قىلدى. بۇندىن باشقا يەنە بىرنەچچەيلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرىدە خىزمەت قىلدى. يەنە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى، تېخنىك، دىكتور، سەنئەتچى، داڭلىق تەنتەربىيەچى بولۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتتى. موڭغۇلىيەدىن كېلىپ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ھەنىپە ئالىمئاخۇن ئەڭ قىيىنچىلىق يىللار 1960،1970،1980 ـ يىللاردا ھەر مىللەتتىن بولغان توقۇز نەپەر يېتىم بالىنى ئۆز بالىسىدىنمۇ چارى ئەتىۋارلاپ بېقىپ چىڭ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلكىسىنى ياراتقاچقا، 2009 ـ يىلى ئەڭ زور شەرەپ ـ «مەملىكەت بويىچە جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. 
   ھازىر موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگەن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركۈم پەرزەنتى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي ساھالەردە ئىختىساس ئىگىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى بولۇپ ئىشلەپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشماقتا. 
    ئاخىرىدا، مېنى مۇشۇ ئۇنتۇلماس تارىخىي ئەسلىمە ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن مەرھۇم دادامغا، بىزنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن بېيجىڭغا ئالدىمىزغا ئالغىلى بارغاندا ھەر كۈنى كۈندىكىك خاتىرە يېزىپ، ماڭا شۇ قىممەتلىك خاتىرىسىنى تەقدىم قىلغان مۇھەممەت سامساق ئاكىغا، موڭغۇلىيەدە 30 يىل كۈندىلىك خاتىرە يازغان مەرھۇم ھېيتئاخۇن روزى ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن؛ مېنى يەنە نۇرغۇن ئەسلىمە بىلەن تەمىنلىگەن ئابدۇراخمان سابىت ئاكا، غاپپا ئاكا، بۇسارە ھەدىگە كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

   شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010 ـ يىلى 4 سانىدىن ئېلىندى. 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top