• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا: بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەققىدە

ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا: بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەققىدە

maxresdefault

بەدەن چېنىقتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي سۆز

ساقلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئوزۇقلىنىش، ئۇخلاش بولغاچقا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى دەسلەپتە سۆزلەشكە تېگىشلىك بولدى. دەيمىزكى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىمۇئارقا چوڭ نەپەسلىنىشكە تېگىشلىك بولىدىغان ئىختىيارىي ھەرىكەتتۇر. ئۆز ۋاقتىدا نورمال بەدەن چېنىقتۇرغان كىشىنىڭ باشقا تەدبىرلەر مۇۋاپىق، توغرا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ماددىي كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان مىزاجغا مەنسۇپ كېسەللىكلەرنىڭ ھەرقانداق ئىلاجىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ.

بۇنىڭ تەپسىلاتى شۇكى، خۇددى ئىلگىرى بىلگىنىڭىزدەك بىز سان - سۈپەت جەھەتتە نورمال، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ساقلىقىمىزنى ساقلاشقا مەجبۇرمىز. ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى ۋە تەسىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوزۇقلۇققا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ھەر قېتىملىق ھەزىمدە ئۇنىڭدىن كېرەكسىز ماددىلار ئېشىپ قالىدۇ، تەبىئەت قۇۋۋىتى ئۇنى ھەيدەپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما تەبىئەت قۇۋۋىتى يالغۇز ئۇنى تولۇق ھەيدەپ چىقىرالمايدۇ، بەلكى ھەر قېتىملىق ھەزىمنىڭ كېرەكسىز ماددىلىرىدىن مەلۇم مىقداردا قالدۇق چوقۇم قېپقالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئارقىمۇئارقا يۈز بەرسە ۋە تەكرارلانسا بەدەنگە بىرقانچە جەھەتتىن زىيانلىق بولغان كېرەكسىز ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ. بىرى شۇكى، بۇ ماددىلار ئوفۇنەتلىنىپ ماس ھالدىكى بەزى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كەيپىياتى ئاشسا مىزاجنى بۇزىدۇ، مىقدارى كۆپەيسە ماددىلارنىڭ قېيىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىلگىرى ئېيتىلغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئەزالارغا قۇيۇلسا ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇسلىرى روھ جەۋھىرىنىڭ مىزاجىنى بۇزىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ زىيانلىق ماددىلارنى ئەلۋەتتە ھەيدەپ چىقىرىش زۆرۈر بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەيدەپ چىقىرىش پەقەت زەھەرلىك دورىلار بىلەن تولۇق ۋە ياخشى بولىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇنداق دورىلار تەبىئىي ھارارەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. زەھەرلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئىستېمال قىلىش خۇددى بۇقرات: دورا تازىلايدۇ ھەم زىيان يەتكۈزىدۇ دېگەندەك، تەبىئەت قۇۋۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن خالىي بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دورىلار ياخشى خىلىت، تەبىئىي ھۆللۈكلەر، ھايات جەۋھىرى بولغان روھنىمۇ مەلۇم مىقداردا ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رەئىس ئەزالار ۋە خادىمىي ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. مانا بۇلار بەدەندە قېيىپ قالغان ماددىلارنى ئۆز ھالىتىدە قويۇش ياكى ھەيدەپ چىقىرىشنىڭ زىيانلىرىدۇر. بەدەن چېنىقتۇرۇش بولسا باشقا تەدبىرلەر مۇۋاپىق قوللىنىلغان ئەھۋال ئاستىدا تەبىئىي ھارارەتنى جانلاندۇرۇش، بەدەننى يېنىكلەشتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئامىلدۇر. چۈنكى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇچۇچان ھارارەتلەرنى قوزغىتىپ بەدەندىكى كۈندە يىغىلغان كېرەكسىز ماددىلارنى تارقىتىدۇ.

ھەرىكەت ئۇنى قوزغىتىشقا ۋە چىقىدىغان يوللىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۈنلەر ئۆتسىمۇ بەدەندە ھېسابقا ئالغۇدەك كېرەكسىز ماددا يىغىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇش خۇددى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك تەبىئىي ھارارەتنى ئۆرلىتىدۇ، بوغۇملار ۋە تارىمۇشلارنى چىڭىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە بەزى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كېرەكسىز ماددىلارنىڭ كېمىشى بىلەن ئەزالار ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىدۇ، تارتقۇچى قۇۋۋەت قوزغىلىدۇ، ئەزالاردىكى تۈگۈنچىلەر تارقىلىپ ئەزالار يۇمشايدۇ، ھۆللۈكلەر سۇيۇلىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تەرك ئەتكۈچى كۆپ ھاللاردا جۈدەتكۈچى تەپكە گىرىپتار بولىدۇ، چۈنكى ئەزالار ھەربىر ئەزانىڭ ھاياتلىق ۋاسىتىسى بولغان تەبىئىي روھنى ئېلىپ كېلىشكە سەۋەبچى بولىدىغان ھەرىكەتنى تاشلىغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىرى زەئىپلىشىدۇ.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئىچىدە ياشاش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تەبىئىي قىلىشقا تېگىشلىكلىرى ۋە مەقسەتلىك ھالەتتە قىلىنىدىغانلىرى بار. بۇ يەردە مەقسەتلىك قىلىنىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەققىدە توختىلىمىز. ئۇنىڭ تۈرىگە قاراپ تۇرۇپ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك، قاتتىقلىرى، يېنىكلىرى، تېزلىرى، ئاستىلىرى، كۈچلۈك ھەم تېزلىرى باردۇر.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تېز بولغان تۈرلىرى چېلىشىش، ئىتتىرىشىش، مۇشتلىشىش، تېز مېڭىش، ئوق ئېتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ئېگىزگە سەكرەش، بىر پۇتتا سەكرەپ مېڭىپ، قىلىچ، نەيزە ئوينىتىش، ئات مىنىش، پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ ئىككى قولنى ئالدى - كەينىگە تېز ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىقلاردۇر.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يېنىك بولغان تۈرلىرى ئىلەڭگۈچتە ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ، كارىۋاتلىق ئىلەڭگۈچتە يېتىپ ئۇچۇش، قېيىق ۋە كېمىگە ئولتۇرۇشتۇر، ئۇنىڭدىن سەل كۈچلۈكرەك بولغانلىرى ئات، تۆگىگە مىنىش، ھارۋىدا ئولتۇرۇش ۋە كالىغا مىنىشتۇر.

مەيداندا قىلىنىدىغان كۈچلۈك چېنىقىشلار رەقىبىنى مەيداننىڭ چېتىگە ئاپىرىپ كەينىچە ئىتتىرگەن ھالەتتە مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا كېلىش، ئۇزۇنغا سەكرەش، چاۋاك چېلىش، ئېگىزگە سەكرەش، تېز يۈگۈرۈش، چوڭ - كىچىك توپلارنى ئويناش، ئات توپ ئويناش، پالاقلىق توپ ئويناش، چېلىشىش، تاش ئېتىش، ئاتقا سەكرەپ مىنىش قاتارلىقلاردۇر.

تۇتۇشۇش ھەرىكەتلىرى بىرقانچە خىلدۇر: بىرى، ئىككى ئادەم بىر ‐ بىرىنىڭ بېلىنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇتىدۇ، بۇ چاغدا بىرى يەنە بىرىدىن ئاجرىماقچى بولىدۇ، قارشى تەرەپ ئۇنى قويۇپ بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. يەنە بىرى، ئىككى ئادەم ئوڭ قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ بىقىنىغا، سول قولىنى سول بىقىنىغا كىرگۈزۈپ بېلىدىن تۇتۇپ رەقىبىنى كۆتۈرۈپ - چۈشۈرۈپ، بەزىدە ئېڭىشتۈرۈپ، بەزىدە تىك قىلىپ كۈچ سىنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە، ئىككى ئادەم كۆكرىكى بىلەن بىر - بىرىنى ئىتتىرىش، بىر - بىرىنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ تۆۋەنگە بېسىش، پۇتلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ يىقىتىشقا تىرىشىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرمۇ باردۇر.

سۈرئىتى تېز بولغان چېنىقىشلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەم ئورنىنى تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇپ ئالدى - كەينىگە رەتلىك ياكى رەتسىز ھالەتتە ئارقىمۇئارقا سەكرەش، ئورنىدا تۇرۇپ ئوڭ تەرەپتىن بىر غۇلاچ يىراقلىققا بىر نەيزە، سول تەرەپتىن بىر غۇلاچ يىراقلىققا بىر نەيزە سانجىپ، ئوڭ تەرەپتىكىنى سول تەرەپكە، سول تەرەپتىكىنى ئوڭ تەرەپكە تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇپ سانجىش ھەرىكەتلىرى باردۇر.

تېز، كۈچلۈك قىلىنىدىغان ھەرىكەتلەر توختاپ - توختاپ قىلىنىدۇ.

بەدەن چېنىقتۇرۇشتا ئوخشىمىغان ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، مەلۇم بىر خىل ھەرىكەت بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق لازىم. ھەربىر ئەزانىڭ خاس بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى بار، پۇت - قولنى چېنىقتۇرۇش مەلۇملۇقتۇر. كۆكرەك ۋە نەپەس ئەزالىرى بەزىدە بوم ۋە كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن، بەزىدە ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن چېنىقتۇرۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئېغىز، كىچىك تىل، تىل ۋە كۆزلەرمۇ چېنىقىدۇ، ئاۋاز ياخشىلىنىدۇ، كۆكرەك تازىلىنىدۇ، بەزىدە نەپەسنى يىغىپ پۈۋلەش بىلەن چېنىقتۇرۇلىدۇ، بۇ چاغدا پۈتۈن بەدەنمۇ چېنىقىدىغان بولۇپ، يوللىرى كېڭىيىدۇ. ئاۋازنى ئۈنلۈك ھالەتتە سوزغاندا كۆپ ھاۋانى سۈمۈرۈش ۋە چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا خەتەرلىكتۇر. دەسلەپتە يەڭگىل قىرائەت قىلىنىپ، ئاۋاز تەدرىجىي كۆتۈرۈلۈپ بارغانسېرى كۈچەيتىلىپ، كېيىن تەدرىجىي نورماللاشتۇرۇلىدۇ، بۇنداق قىلىش نەپەس ئەزالىرىغا كۆپ پايدىلىقتۇر. يۇقىرى ئاۋاز ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلسا نورمال، ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر.

ھەربىر ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بار، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشتەك يېنىك ھەرىكەتلەر تەپلەر زەئىپلەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ - قوپۇشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىلەر ۋە كېسەلدىن يېڭى ساقايغانلار، خەربەق ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش دورىلارنى ئىچىپ زەئىپلەشكەنلەر، كۆكرەك پاسىل پەردىسىدە كېسەللىك پەيدا بولغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە ئۇيقۇ قوشۇلسا يەللەرنى تارقىتىدۇ، ھاڭۋاقتىلىق ۋە ئۇنتۇغاقلىققا ئوخشاش باش كېسەللىك ئاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تەبىئىي ھارارەتنى ئويغىتىدۇ. كارىۋاتلىق ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇش ئارىلاپ تۇتىدىغان تەپ، مۇرەككەپ ۋە بەلغەم خاراكتېرلىك تەپ، ئىستىسقا، نۇقرەس ئاغرىقى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىكەت ماددىلارنىڭ قوزغىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاجىز كىشىلەر يېنىكرەك، كۈچلۈك كىشىلەر كۈچلۈكرەك ئۇچسا بولىدۇ.

كالىغا مىنىش يۇقىرىقى تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆتەيدۇ، بەلكى، تەسىرى كۈچلۈكرەك بولىدۇ، بەزىدە كالىغا تەتۈر مىنىلىدىغان بولۇپ، كۆز ئاجىزلىقى ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىشقا ناھايىتى پايدا قىلىدۇ.

قىرغاققا يېقىن يەردە قېيىق ۋە كېمىگە ئولتۇرۇش جوزام، ئىستىسقا، سەكتە، ئاشقازان سوۋۇش ۋە ئاشقازان ئېسىلىشكە پايدا قىلىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىپ پەسەيسە ئاشقازانغا پايدا قىلىدۇ.

كېمىگە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭ پالاق ئۇرۇلسا كۆڭۈلدە خۇشاللىق ۋە غەم تۇيغۇسى ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر كېسەللىكلەرگە بەكرەك پايدا قىلىدۇ.

ھەزىم ئەزالىرىنى چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي بەدەننى چېنىقتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

كۆز ئۇششاق نەرسىلەرگە قاراش، بەزىدە ئېگىزلىكلەرگە قاراش بىلەن چېنىقتۇرۇلىدۇ.

قۇلاق تۆۋەن ئاۋازلارنى، ئاز ۋاقىتلاردا يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق چېنىقتۇرۇلىدۇ. ھەربىر ئەزانى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ئايرىم بولۇپ، مەخسۇس قىسىمدا تەپسىلىي بايان قىلىمىز. چېنىققۇچى ئاجىز ئەزالىرىغا زەرەر يېتىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم، مەسىلەن: پۇت كۆك قان تومۇرى كۆپۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەم چېنىقىشتا پۇتلىرىنى ئاز ھەرىكەتلەندۈرۈشى ياكى ھەرىكەتلەندۈرمەسلىكى، بەلكى بەدەننىڭ باش، بويۇن ۋە كۆكرەك قىسمىغا ئوخشاش يۇقىرىقى قىسىملىرىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق تەسىرىنى پۇتقا يەتكۈزۈشى لازىم. ئاجىز بەدەننى يەڭگىل، كۈچلۈك بەدەننى ئېغىر چېنىقتۇرۇش لازىم.

بىلگىنكى، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى باردۇر، مەسىلەن: كۆزنى ئۇششاق خەتلەرنى كۆرۈش، گالنى ئاۋازنى تەدرىجىي يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق چېنىقتۇرغانغا ئوخشاش. قۇلاق بىلەن چىشنىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بار، ھەممىسى ئۆز ئورنىدا بايان قىلىنىدۇ.

چېنىقىشنى باشلاش ۋە توختىتىش ۋاقتى توغرىسىدا

بەدەن چېنىقتۇرۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا بەدەن پاكىز بولۇشى، ئۈچەيلەر ۋە تومۇرلارنىڭ ئەتراپىدا چېنىقىش ئارقىلىق بەدەنگە تارقىلىدىغان ناچار، خام كەيمۇسلار بولماسلىقى، كەچتە يېگەن تائام ئاشقازان، جىگەر ۋە تومۇرلاردا ھەزىم بولۇپ بولغان بولۇشى، يەنە بىر قېتىملىق غىزا ۋاقتى كەلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ، سۈيدۈك قىيامى ۋە رەڭگىنىڭ پىشقانلىقىدىن بىلىنىدۇ. چېنىقىش مۇشۇنداق ھەزىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى، غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىت ئۇزارسا ۋە تەبىئىي ھارارەت غىزانى ھەزىم قىلىشتىن بىكار بولسا، سۈيدۈكتىكى ئوتقا مەنسۇپ خۇسۇسىيەت كۈچىيىپ، رەڭگى تەبىئىي سېرىقلىقتىن ھالقىپ كەتسە بۇ چاغدا بەدەن چېنىقتۇرۇش زىيانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك چېنىقىش زۆرۈر بولسا ئاشقازان تولۇق بوش بولماسلىقى، بەلكى ئاز مىقداردا غىزا بولۇشى، قىش پەسلىدە تەستە ھەزىم بولىدىغان، ياز پەسلىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزا بولۇشى لازىم. توق قورساق چېنىقىش ئاچ قورساق چېنىققاندىن، بەدەن ئىسسىق ياكى ھۆل ھالەتتە چېنىقىش بەدەن سوغۇق ياكى قۇرۇق ھالەتتە چېنىققاندىن ياخشىدۇر. چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بۇلارنىڭ ئوتتۇرا ھال ۋاقتىدۇر. قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر چېنىقسا بەزىدە مەلۇم كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چېنىقىشنى توختاتسا ساقىيىدۇ.

چېنىقىشتىن بۇرۇن ئۈچەي ۋە دوۋساقتىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، تەبىئىي ھارارەتنى جانلاندۇرۇپ بەدەننى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بەدەننى يىرىك نەرسە بىلەن ئۇۋۇلاش، ئارقىدىن ئەزەب دەرىخى يېغى بىلەن مايلاپ، بارماقلارنىڭ ئۇچلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان بېسىم بىلەن ئۇۋۇلاپ ماينى مۇسكۇل تالالىرىغا سىڭدۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن چېنىقىشنى باشلاش لازىم. ئەتىياز پەسلىدە چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كۈندۈز يېرىم بولغان ۋاقىت بولۇپ، مۆتىدىل ئۆيدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ياز پەسلىدە ۋاقىت سەل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. قىش پەسلىدە چېنىقىش ۋاقتى كەچ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈلۈشى مۇۋاپىق ئىدى، ئەمما باشقا ئىشلار بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ. قىش پەسلىدە چېنىقىلىدىغان ئورۇن مۆتىدىل ئىسسىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان غىزانىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىدەك شەرتلەرگە رىئايە قىلىنغان ھالەتتە چېنىقىلىدۇ. چېنىققاندا رەڭگىرويى ياخشى، ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىرى يېنىك ۋە ئېسىلگەن ھالەتتە بولسا چېنىقىشنىڭ نورمال بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ناچارلاشسا، تەر تەپچىرەشتىن ئېقىشقا باشلىسا چېنىقىشنى توختىتىش، ئارقىدىن تەرلەتكۈچى مايلار بىلەن مايلىنىش لازىم. بىرىنچى كۈندىكى چېنىقىش ۋە ئوزۇقلىنىش نورمال بولدى دەپ قارالسا ئىككىنچى كۈنى شۇ يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئۆزگەرتىلىدۇ.

مەنبەسى: ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ «ئەلقانۇن فىت تىب» (تېبابەت قانۇنلىرى) ناملىق قامۇسىدىن ئېلىندى

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top