چىنگىزخان مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ پارچىلىنىشى
ئەندەربەگ
چىنگىزخان مىلادى 1224ــ يىلى جالالىدىن مۇھەممەد خارەزىمشاھ بىلەن بولغان ھىند دەرياسى ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاساسەن ئۆزىگە قارايدىغان كەڭ زېمىننى قانداق باشقۇرۇش ، ئۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان ئوغۇللىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا جۇڭگۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنىڭ غېمىدە بولدى .ئۇ ئالدى بىلەن ئويغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىر «ئۇلۇغ جاسا » (ئاساسىي قانۇن )تۈزۈپ چىقتى . شۇنداقلا ئۆز ئوغۇللىرىنى يىغىپ ، «مەندىن كىيىن قالغاندا ، سىلەر ھەممە ئىشنى بىللە كېڭىشىپ ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئوبدان ئايرىپ ، ئوبدان بىرتەرەپ قىلىڭلار . گۇناھكارغا قۇيۇلغان گۇناھ ئېنىق بولسۇن ، گۇناھىغا ئۆزىمۇ قايىل بولسۇن . ئۇنىڭغا بىرىلدىغان جازامۇ مۇۋاپىق بولسۇن . گۇناھكارنى غەزەپ بىلەن ياكى ھېسىياتقا بېرىلىپ جازالاپ قويماڭلار »دەپ تەربىيە بەردى .
ئومۇمەن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرى ۋە ئۇرۇق ، قاياشلىرىنى بىر ــ بىرى بىلەن ئىتىپاقلىشىپ ، دۆلەتنى بىللە باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە زېمىنغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق يەر ــ زېمىن ۋە قۇشۇنلارنى ئۆز ئوغۇللىرى ۋە ئۇرۇق ، قاياشلىرىغا ، ھەتتا ئۇرۇشقا تۆھپە قوشقان تۇرپان ئىدىقۇتى قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردى .
بۇ چاغدا چوڭ ئوغلى جۇچى ئۆلگەن بولغاچقا جۇچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخانغا شەرقتە ئېرىتىش دەرياسىنىڭ غەربىدىن باشلاپ ، بالقاش كۆلى بويلىرى ۋە كاسپىي دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز نىڭ شىمالىدىكى قىپچاق دالاسىنى تەقسىم قىلىپ بەردى . بۇ زېمىن «جۇچى ئۇلۇسى »، «باتۇ ئۇلۇسى »، «قىپچاق ئۇلۇسى »دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى . بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى بولسا سارايچىق شەھىرى ئىدى .
ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا بولسا ئالـمالىق (ھازىرقى غۇلجا ) شەھىرىنى ئاساس قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتەسۇ رايۇنى ۋە ماۋارائۇننەھر ، خۇراسان رايۇنى (ھازىرقى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبى قىسىمى ) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسىمى ۋە ئافغانىستان ھەم قەشقەرنى مەركەز قىلغان ماڭلايسۇيە (تەڭىرتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار ) قاتارلىق جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى . بۇ تارىختا «چاغاتاي ئۇلۇسى »دەپ ئاتالدى .بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى بولسا ئالـمالىق شەھىرى ئىدى .
ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايغا ھازىرقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ، يەنى تاراباغاتاي ، ئالتاي رايۇنلىرى ، ھازىرقى مۇڭغۇلىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمى ، يەنسەي دەريا ۋادىللىرىنى بۈلۈپ بەردى .بۇ رايۇن تارىختا «ئوكتاي ئۇلۇسى »دەپ ئاتالدى .بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى كۆپ ۋاقىتلاردا ئېمىل دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقانىدى .
كەنجى ئوغلى تولىغا بولسا ، مۇڭغۇللارنىڭ ئادىتى بۇيىچە مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ چوڭ ئوردىسىنى ئاساس قىلغان ئونون ، كىرولىن ۋە ئورخۇن دەريا ۋادىللىرى تەقسىم قىلىندى .ئۇنىڭغا يەنە چىنگىزخان ئۇرۇشقا كەتكەن ياكى باشقا مۇھىم ئىشلار بىلەن بەند بولغاندا دۆلەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەندى .
بۇنىڭدىن باشقا ئىدىقۇت خانلىقى تامامەن ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ باشقۇرۇشىغا قالدى . چىنگىزخان ئۇنىڭغا بەشىنچى ئوغلى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى .
دەسلەپتە ، بۇ ئۇلۇسلار مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ ئايرىلـماس تەركىبى قىسىمى ئىدى . چىنگىزخان گەرچە ھەرقايسى ئۇلۇسلار نى باشقۇرغان ئوغۇللىرىغا «خان »دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ، ئۇلار يەنىلا مۇڭغۇل خاقانلىقىنىڭ يەرلىك ئالى ئەمەلدارلىرى ھېسابلانغان «يەكە دارۇغاچ »(باش دارۇغاچ )لاردىن ئىبارەت ئىدى . ئۇلار چىنگىزخاننىڭ ئەمىر ــ پەرمانلىرى بۇيىچە ئىش كۆرەتتى .
مىلادى 1227ــ يىلى تاڭغۇتلار توپىلاڭ كۆتۈردى .چىنگىزخان قۇشۇن باشلاپ ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا كەلدى . لېكىن بۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز كېسەلگە دۇچار بۇلۇپ ، تاڭغۇتلارغا قارشى جەڭ ناھايتى كەسكىن ۋەزىيەتكە كىرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ پايتەختى جۇڭشىڭفۇ (ھازىرقى نىڭشىيانىڭ يىنچۇەن شەھىرى )قامال قىلىنغان بىر پەيىتتە ، يەنى مىلادى 1227ــ يىلى 8ــئاينىڭ 25ــ كۈنى ، چىڭشۇي ناھىيىسىدىكى بارگاھىدا ئۆلدى . چىنگىزخان ئۆزىنىڭ ئۈلۈمىنى تاڭغۇتلاردىن يۇشۇرۇشنى ۋەسيەت قىلدى ، ھېسابتا چىنگىزخاننىڭ ئۈلۈمى بىلەن تەڭ تاڭغۇتلارمۇ تەسلىم بولدى ، بۇ چاغدا چىنگىزخان 72ياشقا كىرگەنىدى .
مىلادى 1229ــ يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى كىرولىن دەريا ۋادىسىدىكى قۇدۇ ئارال دېگەن جايغا يىغىلىپ ، يېڭى خان سايلاش ئۈچۈن چوڭ قۇرۇلتاي ئاچتى . بۇ قۇرۇلتايغا جۇچىنىڭ قىپچاق ئۇلۇسىدا تۇرۇشلۇق ئورداخان ، باتۇخان ، شەيبانخان ، تاڭغۇتخان ، بېركە خان ، بارغاقچار خان قاتارلىق ئوغۇللىرى ، ئالـمالىق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق چاغاتايخان ۋە ئوغۇللىرى ، ئېمىل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئوكتايخان ۋە چىنگىزخاننىڭ قىتان يۇرتىدا تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئوغلى ئۇغۇ تېكىن قاتارلىق بارلىق مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى قاتناشتى . 40كۈن كېڭەش قىلىنىش ئارقىلىق ، ئوكتايخان خاقانلىققا سايلاندى .
چىنگىزخان ئۈلۈمىدىن كىيىنلا چوڭ خانلىق دەۋاسى گەرچە ئۇچۇق ئاشكارا غەۋغا قىلىنمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ، چىنگىزخان ئوغۇللىرىنىڭ كەينى ــكەينىدىن ئۈلۈپ تۈگىشىگە ئەگىشىپ ، مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى . بۇلۇپمۇ ئوكتايخان ئۆلگەندىن كىيىن ، مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ناھايتى تەسلىكتە چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئوكتايخاننىڭ ئوغلى كۈيۈكخاننى چوڭ خانلىققا سايلىغان بولسىمۇ ، لىكىن جۇچىنىڭ ئوغلى قىپچاق ئۇلۇسنىڭ خانى باتۇخان بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشمايلا قالـماستىن ، بەلكى يەنە كۈيۈكخاننىڭ چوڭ خاقانلىق تەختىگە ئولتۇرشىغا ئاشكارا قارشى چىقتى . شۇنىڭ بىلەن مىلادى 1248ــيىلى كۈيۈكخان زور قۇشۇن توپلاپ باتۇخاننى يوقىتىش ئۈچۈن غەربكە يۈرۈش قىلدى . لىكىن شۇ يىلى 3ــئايدا كۈيۈكخان مۇڭغۇل يايلاقلىرىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆلدى . نەتىجىدە مۇڭغۇل خانلىقى يەنە قايتىدىن خانسىز قېلىپ ، جۇچى ئەۋلادلىرى بىلەن ئوكتايخان ، چاغاتايخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرسىدا تۇگىمەس ماجرا پەيدا بۇلۇپ ، چىنگىزخان بىرقوللۇق قۇرۇپ چىققان بۇ غايەت زور ئىمپىرىيەنىڭ ئۇلىغا دەز كەتتى .
شۇنداق قىلىپ ھەرقايسى ئۇلۇسلاردىكى چىنگىزخان ئەۋلادلىرى ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن كۈنسايىن ئاجىزلاپ ، بۇلۇپمۇ مۇڭغۇللار مەدەنىيەت ئاساسى بەك ئاجىز بولغاچ ، ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلاردىكى مەدەنىيەتلىك خەلقلەر تەرىپىدىن تەدىرجى ئاسمېلياتىسيەلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغۇر تۇركىي قەۋملەر ، ئىران پارسلىرى ۋە يېقىن شەرق ئەرەبلىرى تەرىپىدىن ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشىپ ، شۇ جايدىكى خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ بىرمەھەل جاھاننى زىل ــزىلگە سالغان ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنى ۋە ياۋروپانىڭ يېرىمىنى بېسىۋېلىپ تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپىرىيەنى قۇرغان مۇڭغۇللار تارىخ سەھنىسىدىن چىكىندى .
مەنبە: باغداش مۇنبىرى