ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قەيەردە

سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قەيەردە

Sutuq_Bughraxan_Qebrisi

 يالقۇن روزى

بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا مىللەتلەر ئۈن – سىن نەشرىياتى «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت ئەربابى، داڭلىق يازغۇچى، شائىر ۋە دىراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرى بولغان «سۇتۇق بۇغراخان»1987  – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغاندىن بۇيان تەكرار بېسىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا، ئەدەبىيات ئوبزورچىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ ھەم ئىشخانا – ئۆيلەردە باشقا ئىشلارنى قىلغاچ ئاڭلاشقا قولايلىق ئاۋازلىق نەشر نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كىشىلەرنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغىنى ئاۋازلىق نەشر نۇسخىسىنىڭ قېپىدىكى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ماي بۇياق پورترېتى بولدى. رەسسام نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن خانىمى رەشىدە ئەلى تەرىپىدىن سىزىلغان بۇ ماي بوياق رەسىم يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۆزگىچە سىزىلغانىدى. بىر قارىماققا نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى سىزغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىياپىتى كىشىلەرنىڭ كۆنۈكۈپ قالغان چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئوبرازىدىن يىراقتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى كۆپۈنچە كىشىلەر پادىشاھنى «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئەرەب پادىشاھلىرىنىڭ قىياپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما تارىخىي نۇقتىدىن ۋە رەسساملىق سەنئىتى نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغان بولساق سۇتۇق بۇغراخان پورترېتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تارىختىن ئايانكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىنتايىن كەسكىن كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇلۇغ خاقان. ئۇ باشتىن كەچۈرگەن بىرىنچى كەسكىن كۈرەش، ئىسيان كۆتۈرۈپ قارا نىيەت تاغىسى ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك شاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش كۈرىشى. ھاكىمىيەتتىن چەتلەشتۈرۈلگەن بىر ياش شاھزادە ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا مەھكەم ئېلىۋالغان بىر قارا نىيەت پادىشاھتىن ھوقۇق تارتىۋېلىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئىككىنچى كەسكىن كۈرەش، قاراخانىيلار خانلىقىدىكى بارلىق خەلقنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئېتىقاد سىستېمىلىرىدىن ۋاز كېچىپ يېڭى بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش جەريانىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئىسلاھات بولۇپمۇ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئىسلاھات  ئاسان ئەمەلگە ئاشىدىغان ئادەتتىكى جەريان ئەمەس، تۇنجى چار پادىشاھ ئىۋانⅣ ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن  ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنى كۈچەيتىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى ئىسلاھات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەن ھەم شۇ سەۋەبتىن «چاچقۇن ئىمپېراتور» دەپ نام ئالغان؛ ئىمپېراتور پېتېر ياۋروپادىن ئۆگىنىش ئسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە قىلغان غەلىتە قىلىقلىرى سەۋەبىدىن «ساراڭ پېتېر» دەپ نام ئالغان؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گۇاڭشۈ 1898 – يىلى قانۇن ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ نەزەربەنت قىلىپ قويۇلغان. دېمەك، ياش خاقان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئسلاھاتلار ئىچىدىكى ئەڭ قېيىن، ئەڭ زىل ئىسلاھات بولغان ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۈشكۈلچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشى تەبىئي. سۇتۇق بۇغراخان باشتىن كەچۈرگەن ئۈچىنچى كەسكىن كۈرەش، ئەتراپىدىكى سامانىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك خانلىقلارنىڭ تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاخىرىدا قاراخانىيلار خانلىقىنى كۈچلۈك، مۇستەھكەم ھەم مەرىپەت روھىغا ئىگە بىر بۈيۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. تارىخشۇناسلار سۇتۇق بۇغراخاننى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى دېگەندە مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتىدۇ. دېمەك، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھاياتى، بولۇپمۇ قىران چاغلىرى يۇقىرىقىدەك بىر – بىرىدىن كەسكىن كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆتكەن. نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا يۇقىرىقىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك كەسكىن زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرغان روھىي ھالىتىنى ياخشى ئىپادىلگەن. مانا بۇ سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ تارىخىي جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق چىققان بىر تەرىپى. سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ تارىخىي جەھەتتىن مۇۋەپپىەقىيەتلىك چىققان يەنە بىر تەرىپى ئۇنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈلگەن.

201507151935277802

رەسىمدە سۇتۇق بۇغراخان قىران قامەت، يالاڭباش، چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ھالەتتە سىزىلغان. رەسساملار بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە ئىش كۆرگەن. مەلۇمكى، قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ئاساسلىق قەبىلە نەچچە مىڭ يىلىق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن. يالاڭباش يۈرۈش، چاچنى يەلكىسىگە چۈشكىچە قويۇش كۆچمەن مىللەتلەردىكى بىر تۈرلۈك ئومۇملاشقان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئادەتنىڭ  ئەمدىلەتىن ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا كىرگەن ياش خاقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىياپىتىدە كۆرۈلىشى تەبئىي ئىشتۇر. ئېتىقادىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتكەن بىر قىران ئەركەكنىڭ ھە دېگەندە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئەرەب پادىشاھلىرىدەك ياسىنىپ يۈرۈشى، كېيىنىش – تارىنىش ئادىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلەرنى بىراقلا ئۆزگەرتىشى تەس. مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دېگۈدەك ئەنئەنىۋى كېينىش – تارىنىش ئادىتىنى قەدىرلەپ، ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىزگە رەسىمدىكى بۇ نۇقتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ يۇقىرىقىدەك تارىخىي چىنلىق مەسلىلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ سىزىلغانلىقى بۇ رەسىمنى تارىخىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ سەنئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ رەسىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىكى يەنە بىر روشەن سەۋەب رەسساملارنىڭ كومپوزىتسىيەنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. رەسساملار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پورترېتىنى سىزىشتا ئۇنى ھەشەمەتلىك ھەم سۈرلۈك ئوردىنىڭ ئىچىگىمۇ قويمىغان، قىر- چاپ قاينىغان جەڭ مەيدانىغىمۇ قويمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئوردا ئىچىگە خاس مۇنتىزىم شاھانە كىيىملىرىمۇ، جەڭ مەيدانىغا خاس جەڭگىۋار جەڭ كىيىملەرمۇ يوق. رەسساملار ئۇنىڭ ئوردا سىرتىدا مەلۇم ئىشقا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان چاغدىكى مومېنتىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىشەنچكە تولغان ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى، قەتئىي ھەم مۇرەسسەسىز خاراكتېرىنى، جەسۇر ھەم مەردانە رەھىي ھالىتىنى ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. ماي بوياق رەسىم پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالەت، چىراي – قىياپىتىنى ئىپادىلەشتە باشقا رەسىم تۈرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇ پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەشتە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.شۇنداق بولغاچقا، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان رەسساملار مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى ماي بوياق رەسىمدە ئىپادىلەپ، كۆرگۈچىلەرنى شۇ مۇھىتتا ئۆزىمۇ باردەكلا ھېس قىلدۇرغان. ماي بوياق رەسىمنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇل جەھەتتىكى ئېقىملىرى خىلمۇخىل ۋە ناھايىتىمۇ كۆپ. چوڭ ياپىلاق موي قەلەمدە رەڭنى قېلىن دۆۋىلەپ بېرىدىغانلىرىمۇ بار، كىچىك موي قەلەمنىڭ ئىنچىكە ئۇچى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىغانلىرىمۇ بار. نەپىس، زىل، يالتىراق، تەكشى، سىلىق، رەڭلىرى ئاددىي ۋە ساپ كەلگەن كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكىلىرىمۇ، مەردانە، چوڭ بۆلەكلەر  بويىچە قەلەم ئىزىنى چىقىرىپ سىزىدىغان، رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك مودېرنىزم ئېقىمىدىكىلىرىمۇ بار. رېئالستىك ئۇسۇلدا ئوبراز يارىتىدىغانلىرىمۇ، ئابستراكت سىزىق ۋە رەڭ پارچىلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىرىمۇ بار. سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنى سىزىشتا رەسساملار ، چوڭ ياپىلاق موي قەلەمنىمۇ، كىچىك موي قەلەمنىڭ ئىنچىكە ئۇچىنىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىشلەتكەن. بۇ ئۈنۈم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئارقىسدا يورۇپ تۇرغان سۈزۈك ئاسمان تەسۋىرىدە ھەم ئۇنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە قورال – جابدۇقلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. رەسىمدىكى رەڭ سېلىشتۇرمىسى نىسبەتەن كۈچلۈك ھەم رەڭلەرنىڭ بىر بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى تەبىئىي. رەسىمدە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقا يەڭلىك ، بىنەپشە رەڭلىك، قۇندۇز ياقىلىق شاھانە جۇۋىسنىڭ ئىچىدىكى  قىزىل تونى ئاجايىپ ئېسىل ھەم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ جىلۋىدىن نازاكەت ئەمەس بەلكى جۇشقۇن تۈس ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. گەرچە رەسساملار تارىخىمىزدىكى ئەڭ پارلاق دەۋر بولغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەشەمەتلىك، سەلتەنەتلىك بولۇشىنى زىيادە قوغلاشمىغان، ئوبرازنىڭ تەمكىن، سالاپەتلىك بولۇشىغىمۇ زىيادە ئىنتىلمىگەن. پورترېتنى سول يانپىشىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئالماس قىلىچىنى سول قولىدا مەھكەم سىقىمداپ، ئوڭ قولى بىلەن «مەنلا بولىدىكەنمەن بۇ ئىشنى ئاخىرىغا  ئېلىپ چىقماي قويمايمەن!»دېگەن مەنىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، چىرايىدىن كەسكىن ھەم جىددىي ئىپادە بىلدۇرۇپ تۇرغان ھالەتتە سىزغان. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ  يېڭى ھەم پارلاق بىر تارىخىي دەۋر يارىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن، خاراكتېرى قەيسەر، ئىدرىكى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەر بۇ ھالىتى  كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئېنىقكى، سۇتۇغ بۇغراخان ئوبرازىنىڭ كۆرگۈچىگە قالدۇرىدىغان بۇ خىل چوڭقۇر تەسىرى ئەلۋەتتە قۇرۇقتىن قۇرۇق شەكىللەنگەن ئۈنۈم ئەمەس. بۇ يەردىكى سەۋەب، رەسساملار پىشقان ماھارىتى بىلەن ئوبيېكتنىڭ مومېنتلىق (شۇ دەقىقىدىكى) ھەرىكەت ۋە چىراي قىياپىتىنى تۇتۇۋالغان. بۇ ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن چىرايىدىكى مومېنتلىق روھىي قىياپىتىنى ئىپادىلەپ،  رەسىمگە جان كىرگۈزىۋەتكەن. رەسىمنڭ كومپوزىتسىيەسى سۇنئىيلىكتىن خالىي ھالدا ئىنتايىن تەبئىي بولغاچقا، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ خاراكتېرى قۇرغاق، ھەرىكىتى ياسالما بولۇپ قالمىغان. بەلكى قەتئىي، مەردانە، ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، ئسلاھات ئىرادىسى ۋە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان جەسۇر قىياپىتى نامايەن قىلىنغان. ناۋادا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازى قېلىپلىشىپ قالغان ئوبراز يارىتىش ئادىتى بويىچە  ھەشەمەتلىك ئوردىدىكى شاھانە تەختتە كېرىلىپ ئولتۇرغان ھالەتتە  تەسۋىرلەنگەن بولسا، ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ھەشەمەت ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتكەن، ياساپ- تاراپ ۋالىلدىتىۋېتىلگەن، كۈتۈپ – ئاسراپ پارقىرىتىۋېتىلگەن، ئەمما، خاراكتېرى ئاجىز، ئىدىيەسى قۇرۇق، باشقىلار قورچاق قىلىپ ئوينايدىغان ھالەتتە نامايەن بولغان بولاتتى. رەسساملار ئەلۋەتتە تارىخىمىزدىكى بۇ ئەڭ مەشھۇر خاقاننىڭ كىملىكىنى تۇرقىغا قاراپلا سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەشكىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ شاھانە قىياپىتىدە گەپ يوق.  رەسساملار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ سىرتقى قىياپىتىنى جانلىق سىزىپلا قالماستىن، مۇھىمى ئۇنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاشقا ئالاھىدە كۈچىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئوبرازى ياغاچ قورچاقتەك ئۆلۈك ھالەتتە سىزىلمىغان، بەلكى ئىرادىسى مۇستەھكەم، زېھنى ئۆتكۈر، مىجەزى كەسكىن، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئادالەت يولىدا ھېچنىمىدىن يانمايدىغان، غەيۇر خاراكتېرگە ھەم مۇكەممەل ھەربىي ساپاغا ئىگە قىلىپ سىزىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن مەزمۇن بىرىكىپ يۈكسەك مۇكەممەللىك ھاسىل قىلغان. نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى تەرىپىدىن تۆت ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ سىزىلغان بۇ ماي بۇياق رەسىم يۇقىرىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن سەنئەت تارىخىمىزدىكى بىر نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

مەنبە: خەلقىم تورى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش