You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەمىر تېمۇرنىڭ چارلېز Ⅵ گە يازغان ئۈچ مەكتۇبىدىن بىرى

ئەمىر تېمۇرنىڭ چارلېز Ⅵ گە يازغان ئۈچ مەكتۇبىدىن بىرى

بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

(ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل- تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قەدىمكى تۈرك تىلى ئاسپرانتى) 

ياشىغان دەۋرىنىڭ دۇنياۋىي كۈچلىرىدىن ئىران، ئوتتۇرا شەرق،ئوسمانىيە، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىقلار بىلەن زور كۆلەملىك ئۇرۇشۇشلىرىنەتىجىسىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۆمۈرىلەر ئېمپىرىيەسىنى قۇرغانئەمىر تۆمۈرنىڭ (1405-1336) قارىغۇلارچە قىرغۇچى ۋەھشىي قوماندان ئەمەس، بەلكى فېدىراتىپ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى بىلەن يېزىشقان پۈتۈكلىرىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئەمىر تېمۇر يالغۇز ئاسيا كۈچلىرى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ياۋروپا پادىشاھلىقلىرى بىلەنمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا سەل قارىمىغان.

   ئەمىر تېمۇر ياۋروپالىقلار بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندائاساسەن دېگۈدەك ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن. بۇنى تېمۇر سارىيىدىن فرانسىيە پادىشاھىچارلېز Ⅵگە ئەۋەتىلگەن ئۈچ پارچە پۈتۈكتىن ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. [1]

   ئەمىر تېمۇرنىڭ فرانسىيە پادىشاھى چارلېزⅥگە يوللىغان ئۈچ پارچە پۈتۈكى ھازىر فرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىنىڭ تارىخىي ئارخىپلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ماقالىدە مىلادى 1402- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى فرانسىيەگە يوللانغان پۈتۈكى سۆزلىنىدۇ.   J937/II/ No7 نومۇرلۇق، 47 x 20 cm چوڭلۇقىدىكى قەغەزگە سىغدۇرۇلغان بۇ پۈتۈك تۆمۈرىلەر ئېمپىرىيەسى تەۋەسىدىكى رەسمىي تىللاردىن بىرىبولغان پارسچە بىلەن يېزىلغان.

   لاتېنچە مەنبەلەردە تېمۇر ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەلۇماتلار سەلبىي باھالار بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئەمىر تېمۇرنىڭ جەپھە (قىرىمنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ۋىلايەت)، گېرتسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ خىرىستىيانلارغا زىيان سالغانلىقىدىن ئىبارەت. [2]ئەمما ئۆز دۆلىتىگە نىسبەتەن تېمۇرنىڭ ئۇستا بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسەتلىرىدىن، بولۇپمۇ ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئەلچى ئەۋەتكەندە مەكتۇپلاردا مەقسىتىنى تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆز- ئارا مەنپەئەتلىنىش تەرەپتارى بولغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا تۆۋەندە تېمۇرنىڭ چارلېز Ⅵ گە زادى نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىغا قاراپ باقايلى.

 

letter_of_tamerlane_to_charles_vi_1402-jpg-thumb

يۇقىرىقى رەسىمدىكىسى ئەمىرتېمۇرنىڭ پۈتۈكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلىشى ۋەترانسكرىپتىسيە بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى تۆۋەندىكىچە:

امیر کبیر تمور کوران زیدعمره

ملک ری دفرنسا

صد هزار سلام و آرزومندیازین محب خود با جهان ارزمندی بسیار بعد از تبلیغ ادعیه رای عالی آن امیر کبیر را نمودهمیشود که که فری فرنسکس تعلیمدِه بدین طرف رسید و مکاتب ملکان را آورد و نیکنامی و عظمت و بزرکوری آن امیر کبیر را عرضه کرد عظیم شادمانشدیم و نیز تقریر کرد که با لشکر انبوه روانه شد بیاری باری تعالی و دشمانان مارا وشمارا قهر و زبون کرد من بعد فری جوان مارحسیا سلطانیه به خدمت فرستاده شد وی بخدمتتقریر کند هرچه واقع شد اکنون توقع از آن امیر کبیر داریم دائماً مکاتیب همایون فرستادهشود و سلامتی آن امیر کبیر باز نماید تا تسلی خاطر حاصل آید دیگر میباید که بازرگانان شما را بدین طرف فرستاده شود که اینجایگهایشانرا معزز و مکرم سازیم و نیز بازرگانان ما بدان طرف رجوع سازند ایشانرا نیز معززو مکرم سازند و بر ایشان کسی زور و زیادتی نکند زیرا دنیا ببازرگانان آبادانست زیادتچه ابرام نمایم دولت باد در کامرانی بسیار سال و السلام تحریر فی غره محرم المکرم سنهخمسه و ثمانمایه الهجریه

 

malik roy de fransÀ

 

ãed hizÀr selÀm-ÿ Àrzÿmend ezìn muóibb òod bÀ cihÀnÀrzÿmendì bisyÀr baèd ez teblìà edèiye rÀy èÀlì Àmìr-i kebìr rÀnmÿde mì şÿd kiki ferì franskes teèlìm deh bedìn ùeref resìd-u mukÀteb mulekÀn rÀ Àverd-u nìknÀmì ve èeômet ve bozorgvari Àn Àmìr-kebìr rÀ èorøe kerd èeôìm şÀdmÀn şedìm venìz teúrìr kerd ki bÀ leşker enbuh revÀne şed biyÀrì bÀrì teèÀlì-u doşmenenmÀrÀ ve şomÀrÀ úehr-u zebÿn kerd men beèd ferì civÀn mÀróissiyÀ sulùÀniye behòidmet ferstÀde şed vey biòidmet teúrìr kend herçì vÀúiè şed eknÿn teveúúuè ezÀn Àmìr-i kebìr dÀrìm dÀimÀn mukÀtìb humÀyÿn ferstÀde şÿd-u selÀmetì Àn Àmìr-ikebìr bÀz nemÀyid tÀ tesellì òÀùir óÀãil eyyid dìger mì bÀyed ki bÀzergÀnenşomÀ rÀ bedìn ùeref ferstÀde şÿd ki incÀygeh işÀnrÀ muèezzez-u mukerrem sÀzìmve nìz bÀzergÀnen mÀ bedÀn ùeref rucÿè sÀzend işÀnrÀ nìz muèezzez-u mukerremsÀzend ve ber işÀn kesì zÿr-u ziyÀdetì nekoned zìrÀ donyÀ bibÀzergÀnen ÀbÀdÀnstziyÀdet çe ibrÀm nemÀyim devlet bÀd der kÀmrÀnì bisyÀr sÀl ve’sselÀm teórìr fìàerre
 muóerrem-ul mukerrem sene òamse-u åemÀnimÀye-l hicriye
 

« ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى تېمۇركوراگان (ئاللاھ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن)دىن

فرانسىيەپادىشاھى روي دە فرانسقا:

   بۇ دوستىنىڭ يۈز مىڭلىغان سالام ۋە خەيرخاھلىقىنى، چەكسىزكۆڭلىنى فرانسىيە پادىشاھلىقى قوبۇل قىلغاي. دۇئا- تىلەكلەرنىڭ ئارقىسىدىن، ئۇلۇغ ئەمىردىنسىز روي مەنسۇپلىرىغا مەلۇم بولغايكى، فاررارى فرانسىسكوس ئاتلىق ۋائىز راھىپ سارىيمىزغا كەلدى ۋە يوللىغان پۈتۈكۈڭلارنى تاپشۇردى. شۇنداقلا جاناپلىرىنىڭ بۈيۈك ئېتىنى بىزلەرگە بىلدۈردى. تولىمۇ سۆيۈندۇق.

   ئەمدى دەيدىغىنىمىز، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك قوشۇنۇمنى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ھەر ئىككىمىزگە دۈشمەن بولغانلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇردۇم. سۇلتانىيە شەھرىنىڭ ئەلچىسى ف.جەۋانىنى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم. قالدى سۆزنى شۇ كىشى سىلەرگەيەتكۈزىدۇ. مېنىڭ جاناپلىرىدىن كۈتىدىغىنىم، ئۆزلىرى توغرىلىق پات- پات ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئىشلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرغايلا. سىلىگە ساغلاملىق تىلەيمەن.

   ئۇندىن باشقا يەنە، سىلەرنىڭ تەرەپتىن بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا سودىگەرلەر كەلسۇن، بىز ئۇلارنى ئەتىۋارلايمىز. بىزنىڭ سودىگەرلىرىمىزمۇ سىلەرنىڭ يۇرتلىرىڭلارغا بارسۇن ۋە سىلەرمۇ ئۇلارغا تېگىشلىك ھۆرمەتنى كۆرسىتىڭلار، ھېچكىم ئۇلارغا چېقىلمىسۇن، يولىنى ئەتمىسۇن. چۈنكى سودىگەرلەر دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. سۆزۈم مۇشۇ يەردە تۈگىدى. جاناپلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، سۆلىتى مۇرادىغا يارىشا بولسۇن. سالاملىرىمنى سۇنىمەن.

   ھىجرى 805- يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ بېشى. »

بۇ خەتتىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بەيازىتقا پۈتۈك يوللاپ مەقسىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈشتىن بۇرۇن خارەزم، ئالتەشەھەر، ئىران، ئەزەربەيجان، ھىندىستان، دەلخ سۇلتانلىقى، ئىراق، شام، ئالتۇن ئوردۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنى ۋە ئاناتولىيەنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قېتىۋېلىپ ئېمپىرىيەسىنى يىلدىرىم بەيازىت خان پادىشاھلىقىدىكى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يەتتە مىسلىچىلىك يوغانتىپ بولغان ئەمىر تېمۇر 1402- يىلى، يەتىنجى ئاينىڭ بېشىدا،يەنى ئوسمانىيە سۇلتانى بەيازىت خان بىلەن ئەنقەرە ئۇرۇشىغا كىرىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا فرانسىيەگىمۇ ئۇرۇشنى پۇرىتىپ پۈتۈك سۇنغان. ئەمەلىيەتتە خەتتە دېيىلگەن ئورتاق دۈشمەن ئوسمانىيە دۆلىتى بولۇپ، ئوسمانىيە دۆلىتى يېقىن ئەتراپتىكى ياۋروپا سۇلالىلىرىغىمۇ ۋەھىمە ھېساپلىناتتى. تېمۇرنىڭ مەقسىتى ئاناتولىيەنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ياۋروپانى ئىگىلەپ، تۆمۈرىلەر ئېمپىرىيەسىنى ياۋرو-ئاسيا، ھەتتا دۇنيانى قاپلىغان جاھانگىر تۈرك-ئىسلام دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش[3] بولۇپ، بەيازىت خان بىلەن تۆت قېتىم پۈتۈك يېزىشقان ئەمىر تېمۇر[4] ئەنقەرەنىڭ چۇبۇك (چىۋىق)يېزىسىدا، ھازىرقى ئەنقەرە ئەسەن بوغا ئايرودورومى[5] ئەتراپىدا بىر مەيدان غايەت زور ئۇرۇشقا كىرىپ ئۇتۇق قازانغان ۋە سۇلتان بەيازىت خاننى ئەسىر ئالغان. [6]

بەيازىت خان بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن چارلېز ۋە ئوسمانىيەگە دۈشمەن بولغان باشقا پادىشاھلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، پۈتۈك يېزىشى باش قوماندان ئەمىرتېمۇرنىڭ « يولۋاس كۆرسىتىپ شەھەر ئېلىش» نەيرىڭىگە تولىمۇ ماھىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللىبۇرۇن ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ بولغان تېمۇر ھەر ئۇرۇشتا يېڭىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنۋە بۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئۇششاق دۆلەتلەرنى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبرەت ئالغۇزۇپ چۆچۈتۈپ قويغاچ تۇرۇشنى پلانلىغان بولسا كېرەك. ئەمىر تېمۇر چارلېزغا يازغان خېتىدىمۇ باشقا پادىشاھلارغا يازغان خېتىدىكىگە ئوخشاش، كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش، زىتىغا تېگىشتىن ۋە قۇرۇق پودىن ساقلىنىش، مەقسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە كەسكىن بولۇش تاكتىكىسىنى ئىشلەتكەن. فرانسىيە پادىشاھلىقىنى تۆمۈرىلەر سودىگەرلىرىنى قوغداشقا، ئۇلارغا بازار ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇغان دېسەكمۇ خاتالاشقان بولمايمىز.

يىغىنچاقلىغاندا، ئەمىر تېمۇر فرانسىيە پادىشاھلىقىغا سۇنغان مەكتۇبى ئارقىلىق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك ئۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى بەيازىتنى يېڭىش ئارقىلىق قورقۇتۇش مەقسىتىگە يەتكەن بولسا، بىر تەرەپتىن فرانسىيەدە يېڭى بازارلارنى ئېچىپ يىپەك يولىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ياۋروپا بازارلىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان.

بۇ ماقالىدە قوللىنىلغان ترانسكرپتسىيە بەلگىلىرى:

 

 

ب
timur_modified-jpg-thumb

[1] ÖZCAN, AltayTayfun. «Timur’un Elçisi Sultaniyeli Johannes ve Libellus de Notitia OrbisAdlı Eserinden Bazı Parçalar.» AÜDTCF Tarih Araştırmaları Dergisi33 (2014): 121-162.

[2] P. Jackson, The Mongols and the West 1221–1410,Harlow, 2005, 240, 241

[3] ئەمىر تېمۇرنىڭ سۇلتان بەيازىتخانغا يازغان ئىككىنجى مەكتۇبىدىكى «بىزنىڭ دەۋايىمىز جاھانگىرلىك» جۈملىسى، سۇلتانبەيازىت خاننىڭ ئەمىر تېمۇرغا يازغان «ئەي جاھان سۇلتانى ئەمىر تېمۇر كوراگان» جۈملىلىرىدىن مەلۇم.

[4]Daş, Abdurrahman. “AnkaraSavaşı Öncesi Timur İle Yıldırım Bayezid’in Mektuplaşmaları ” SÜ TürkşyatAraştırmaları Dergisi 15 (2004): 141-167<<<

[5] ھازىرقى ئەنقەرە ئايرودورومىنىڭ ئىسمى ئەسەن بوغا بولۇپ،بۇ ئىسىم ئەمىر تېمۇرنىڭ ئەنقەرە ئۇرۇشىدىكى قوماندانى ئىسەن بۇقانى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇنداق قويۇلغان.

[6]  بەيازىتخان خېتىدە تېمۇرنى چۇبۇققا ئۇرۇشقا چاقىرىپ، كىمكى ئۇرۇشقا كەلمەيدىغان شۇ خوتۇن تالاق، دېگەن.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

1. Lettre de Tamerlan àCharles VI, roi de France, pour l’engager à envoyer des marchands en Orient.Original en langue persane daté du 30 juillet 1402.

2. Peter Jackson,The Mongols and the West, 1221-1410, Pearson Longman, 2005

3. ÖZCAN, AltayTayfun. «Timur’un Elçisi Sultaniyeli Johannes ve Libellus de Notitia OrbisAdlı Eserinden Bazı Parçalar.» AÜDTCF Tarih Araştırmaları Dergisi33 (2014): 121-162.

4.Daş, Abdurrahman. “Ankara Savaşı Öncesi Timur İle Yıldırım Bayezid’inMektuplaşmaları ” SÜ Türkşyat Araştırmaları Dergisi 15 (2004): 141-167

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top