You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھاياتنىڭ مەنىسى

ھاياتنىڭ مەنىسى

(لېف تولستوي)

تەرجىئەمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

(1)

ھەدىسى  كېچىك سىڭلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۆزى شەھەردە بىر سودىگەر بىلەن، سىڭلىسى بولسا يېزىدا بىر دېھقان بىلەن تۇرمۇشلۇق ئىدى. چاي ئېچىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەدىسى شەھەردىكى باياشاتچىلىق توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ يەردە، شۇنچىلىك راھەت ياشايدىغانلىغىنى، شۇنچىلىك چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈيدىغانلىغىنى، بالىلىرىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ئىكەنلىگىنى، ناھايىتى ياخشى يەپ-ئېچىدىغانلىغىنى ۋە تېياتېرلارغا، تانسىلارغا بارىدىغانلىغىنى، شۇنىڭدەك كۆڭۇل ئاچىدىغان سورۇنلارغا قانداق بارىدىغانلىغى توغرىسىدا، تازا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي، ماختىنىپ سۆزلەپلا  كەتتى.

ئىچى تىت-تىت بولغان سىڭلىسى شەھەردىكى ئۇ سودىگەرچىلىك ھاياتتىن، يېزىدىكى ھاياتنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرۇپ: » ئۆز ھايات يۇلۇمنى سېلەرنىڭكىگە تېگىشمەيمەن» دەپ، سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى: » بىز ئاددى تۇرمۇش ئۆتكۇزىۋاتساقمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا غېمىمىز يوق. سېلەر بىزدىن ياخشى ياشاۋاتىسىلەر، تۇرمۇشتا ئېھتىياجىڭلاردىن كۆپ پۇل تېپىۋاتقىنىڭلار بىلەن، ھەر نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. بىر ئەقىليە سۆزىدە، نىمە دەيدىغانلىغىنى بىلىدىغانسىلەر؛ پايدا بىلەن زېيان ئىككىسى قېرىنداش!.

بۈگۈن باي بولغانلار، بىر قارىساڭ ئەتىسى نان ئېلىش ئۈچۈن تېلەمچىلىككە چۈشۇپ قالغان. شۇڭا بىزنىڭ ھاياتلىق يولىمىز ئىشەنچىلىك.  يېزا ھاياتى بەلكى باياشەت ئامەستۇ، ئەمما ھەرۋاقىت ئىشەنچىلىك. ھېچ باي بولالمىساڭمۇ، ئەمما ھەرۋاقىت قوساق تويغۇدەك نېنىڭ بار»

ھەدىسى مەسخىرلىق بىلەن سورىدى: «تويغىچىمۇ؟ ئەگەر توڭگۇزلار ۋە موزايلارنىڭكىنى تەڭ يېسەڭلار كېرەك بەلكى! سەن باياشاتچىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟

قېرى قۇلدەك قانچىلىك ئىشلىسەڭلار ئىشلەڭلار، سېلەرمۇ، ھەتتا باللىرىڭلارمۇ ئوغۇت دۆۋىلىرىنىڭ ئۇستىدە قانداق ياشاۋاتقان بولساڭلار، شۇنداق ئۆلۈسىلەر»

«نىمە پەرقى باركى ؟» دەپ جاۋاپ قايتۇردى سىڭلىسىمۇ بوش كەلمەي.

«ئىشلىرىمىز قوپال ۋە جاپالىق، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئىشەنچىلىك؛ باشقىلارغا ھاجىتىمىز چۇشمەيدۇ. سىلەرچۇ؟ شەھەردە ئەتراپىڭلار گۇناھقا ئۇندەيدىغان نەرسىلەر بىلەن ئورالغان. بۈگۈن مەسىلە يوققۇ دىسەكمۇ، ئەمما ئەتىچۇ؟ شەيتان قىمار، ھاراق ۋە ئاياللار بىلەن يولدىشىڭنى يولدىن چىقارسىچۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا ھەممە نەرسە تۇگەشتى دىگەن گەپ؛ بۇنداق ئىشلار شەھەرلەردە داۋاملىق يۇز بىرىپ تۇرىدۇغۇ؟»

ئائىلىنىڭ باشلىغى پاھوم، كاڭنىڭ ئۇستىدە يانپاشلاپ يېتىپ، ئاياللارنىڭ ۋالاقلاشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى.

«پۈتۈنلەي توغرا» دەپ ئويلىدى.

«بىز سەھرالىقلار، باللىقىمىزدىن تارتىپ، يەر بىلەن شۇنچىلىك بېرىلىپ ھەپىلىشىپ ئۆتتۇق كى، ھەتتا كاللىمىزدا باشقا بىر نەرسىنى ئويلاشقا ۋاختىمىزمۇ يوق. پەقەت بىرلا  ئارزۇيۇمىز يېتەرلىك يېرىمىز بولسا! ئۇ ۋاقىتتا شەيتاندىنمۇ قورقمىغان بولاتتۇق»

ئاياللار ئەمدى چايلىرىنى ئىچكەچ، كېيىم-كېچەكلەرنىڭ پاراڭلىرىغا چۆشۇپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇلارمۇ قاچىلارنى يېغىشتۇرۇپ، كېرىپ ئۇخلاشتى.

شەيتان ئوچاقنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن بولغان پاراڭلارنى ئاڭلىغان ئىدى. سەھرالىق ئايالنىڭ يولدىشىنى ماختاشلىرىدىن ۋە كۆپرەك يېرىم بولسا شەيتاندىنمۇ قورقمايتىم دىيىشلىرىدىن خوش بولغان ئىدى.

«ئەمدى ياخشى بولدى» دەپ ئويلىدى شەيتان. «ئويۇن ئەمدى باشلىنىدۇ. ساڭا يەتكىچە يەر بېرىپ، بۇ يەرنىڭ سايىسىدە سېنى ئالقىنىمنىڭ ئىچىگە ئالمىسام» دىدى شەيتان.

(2)

يېزىنىڭ يېقىنراق يېرىدە، 120 گېكتار يېرى بار بىر خانىم ئولتۇراتتى. بۇ خانىم يېزىدىكى دېھقانلار بىلەن بەكمۇ ياخشى ئۆتەتتى. تاكى ئەسكەرلىكتىن قايتقان بىرسىنى يېنىغا كۇزەتچى قىلىپ ئالغانغا قەدەر، شۇنداق داۋاملاشقان ئىدى. بۇ كۈزەتچى كېلىپلا خولۇم-خوشنىلارغا جەرىمانە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ ھالىنى قويمىدى.

پاھوم قانچىلىك دىققەتلىك ئىشلىسە-ئىشلىسۇن، بېشىغا قانچە قېتىملاپ ئوخشاش بالا كېلىۋەردى. يا ئاتلىرى خانىمنىڭ ئېكىنزارلىغىغا كېرىپ كېتەتتى، ياكى بولسا كالىسى يولدىن ئېزىپ، خانىمنىڭ باغچىسىغا كېرىپ ئوتلايتى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قىتىم جىرىمانە تۆۋلەشكە مەجبۇر بولاتتى.

پاھوم نارازىلىق بىلەن بۇ جەرىمانلارنى تۆلەپ، تازا تىت- تىت بولغاندا، ئۆچىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئالاتتى. پۈتۈن بىر ياز كۇزەتچىنىڭ سەۋەبىدىن، بېشىدىن قارا بۇلۇتلار كەتمەيلا  كەتتى. قىش كەلگەندە كالىلار تېشىغا چىقمايدىغانلىغى ئۈچۈن بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالغا ئىدى. ئوتلاقتا ئوت- چۆپلەر بولمىغانلىغى ئۈچۈن، ھايۋانلارغا ئۆزى ھەلەپ ئېتىپ بىرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما ئەڭ بولمىغاندا ئۇلار كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا خاتىرجەم ئىدى.

قىشتا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خانىم يەرلىرىنى ساتماقچى بولغان، ۋە چوڭ يول بويىدىكى ئۆتەڭنىڭ خوجايىنى بۇ يەرلەرگە خېرىدار بولغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى تۇيغان يېزىلىقلار ناھايىتى ئەندىشە ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەگەر ئۆتەڭ خوجايىنى بۇ يەرلەرنى ئالدىغان ئىش بولسا، ئۇ چاغدا بۇ خوجايىننىڭ جەرىمانىسى، ئۇ كۇزەتچىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىشى ئېنىقلا ئىدى. شۇڭا پۈتۈن كېشىنىڭ رىزقى ئاشۇ يەرگە باغلىق بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەۋەپتىن يېزا جامائەت نامىدىن بىرنەچچە كېشى خانىمنىڭ يېنىغا بىرىپ، يەرلىرىنى ئۆتەڭ خوجايىنىغا ساتماسلىقنى ئۆتۇندى ۋە ئۇلار بۇ يەرلەرگە يۇقۇرراق باھا پىچىپ قويدى. خانىممۇ يەرلېرىنى ئۇلارغا ساتىدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

بۇ يەرلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش توغرىسىدا، پۈتۈن يېزىلىقلار ئۆز- ئارا مۇزاكىرلەشتى. قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىككى قىتىم كېڭەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن ئىدى. شەيتانمۇ بۇلارنىڭ ئىچىگە ئۆز-ئارا كېلىشەلمەسلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى. شۇڭا ھېچقانداق قىلىپمۇ، جامائەت ئۆز-ئارا كېلىشەلمىدى. ئەڭ ئاخىردا بۇ يەرلەرنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشقا قارار ئېلىندى، ھەمدە خانىممۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.

ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن پاھوم بىر خوشنىسىنىڭ يېگىرمە گېكتار يەرنى سېتىۋالغانلىغىنى، خانىمغا تۆلەيدىغان پۇلنىڭ يېرىمىنى نەق، قالغان يېرىمىنى بىر يىلدىن كېيىن بېرىدىغانلىق توغرىسىدا كېلىشكەنلىگىنى تۇيدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچىدە قىزغانچاقلىق تۇيغۇسى ئۆرلىدى.

» ما ئىشقا قاراڭلار» دەپ ئويلىدى ئىچىدە ۋە «خەق شۇنچە يەر سېتىۋاپتۇ، مەن نىمە دەپ ئالمىغىدەكمەن؟ » دەپ ئايالى بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلەشتى.

«باشقىلار ئېلىۋاتقان يەردە، بىزمۇ ئەڭ بولمىغاندا سەككىز گېكتار ئالايلى، تۇرمۇش بارغانسىرى تەسلىشىۋاتىدۇ، بۇ كۇزەتچىنىڭ قويغان جېرىمانلىرى جېنىمنى ئالدى» دىدى.

پاھوم يەرلەرنى قانداق سېتىۋىلىش توغرىسىدا ئويلاندى. ئۆيدە يىققان پۇللاردىن 200 رۇبلىلا بار ئىدى. ئاتلېرىدىن بىرنى، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ يېرىمىنى ساتتى. ئوغلىنى مەدىكار بولۇپ ئىشلەشكە ئەۋەتتى. ئۆزىمۇ مائاشلىرىنى نەق ئالدى ۋە قالغان بىر قىسىم پۇلنى قېيىن ئاتىسىدىن قەرز ئالدى. شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ، يەر ئالىدىغان پۇلنىڭ يېرىمىنى مىڭ تەستە جايلىدى.

پۇلنى ياتچوقىغا سالغان پاھوم يەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئون ئالتە گېكتار دەرەخلىك بىر يەرنى تاللىدى. خانىم بىلەن ئوبدان سودىلىشىپ، ئۆز-ئارا كېلىشكەندىن كېيىن، قول ئېلىشتى. پاھوم خانىمغا ئازراق زاكالات بېردى، ئاندىن شەھەرگە بېرىپ، كاپالەتنامىغا قول قويۇپ، پۇلنىڭ يېرىمىنى نەق ، قالغان يېرىمىنى ئىككى يىل ئىچىدە تۆلەيدىغان بولدى.

ئەمدى پاھومنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا يەرلىرى بولدى. قەرزىگە ئالغان ئۇرۇقلارنى ئېتىزلارغا تەردى. پاھومنىڭ تەلىيىگە بۇ يىل يەرلەردىن مول-ھوسۇل ناھايىتى ياخشى ئېلىندى. بىر يىل ئىچىدىلا خانىم ۋە قېيىن ئاتىسىنىڭ قەرزىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆلىۋەتتى. ئەمدى ھەقىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدى.

ئۆز يەرلىرىگە ئۆزى تېرىپ، ئۆز دەرەخلىرىنى ئۆزى كېسىپ، بوي تارتقان قوناقلارنى، ئوتلاقتىكى قويۇق ئۆسكەن ئوتلارنى كۆرۇپ، پاھومنىڭ يۇرەكلىرى خوشاللىقتىن ئويناپ كېتەتتى.

ئۇ يەرلەردىكى قويۇق ئۆسكەن ياپ-يېشىل ئوتلار ۋە رەڭ-گارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا باشقا ھەرقانداق يەردىنمۇ گۈزەل كۆرسىتەتتى. بۇرۇن بۇ تۇپراقلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، باشقا تۇپراقلاردەكلا كۆرۇنگەن بولسا، ھازىر پۈتۈنلەي باشقىچە گۈزەل ئىدى.

(3)

پاھوم ھاياتىدىن بەكمۇ مەمنۇن ئىدى. پەقەت دېھقانلار ئۇنىڭ قوناقلىقلىردىن ۋە ئوتلاقلىردىن دەسسەپ ئۆتمىسىلا، ھەممە ئىش جايىدا بولغان بولاتتى. ئۇلارغا چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەچچە قېتىم ئۆتۇنگەن بولسىمۇ، ئەمما نىمە ئۈچۈندۇر ئۇلار يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلدى. ئەمدىلەكتە بولسا يېزىدىكىلەرنىڭ ئات-كالالىرى ئۇنىڭ ئېكىنزارلىغىغا كىرىدىغان بولدى. ئەڭ يامان يېرى كەچتە ئوتلىغان ئاتلار ئۇنىڭ قوناقلىقلىرىغا كېرىپ، دەسسەپ، چەيلىۋەتكەن ئىدى. پاھوم نەچچە قىتىم بۇ ھايۋانلارنى ھەيدەپ چېقىرىپ، ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ھىچكىمنىڭ ئۇستىدىن دەۋا قىلماسلىققا ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بېرىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى سەۋرىنىڭ قاچىسى تاشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سوتقا بىرىپ، دەۋا قىلدى. دېھقانلار بولسا يەرلىرىنىڭ يوقلىغىنى، بۇنىڭ بىلەن قىيىنچلىققا يولۇققانلىغىنى، قىلغان بۇ ئىشلىرىدا ھىچقانداق بىر يامان نېيەتلىرىنىڭ يوقلىغىنى بىلدۇرۇشتى. شۇنداقتىمۇ پاھوم مۇنداق ئويلىدى:» بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سالسام بولمايدۇ، ئەگەر سەلللا بوشاڭلىق قىلسام، بۇ ھەق ھەممە نەرسەمنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ»

ئۇلارنى ئەرز قىلىش ئارقىلىق جاجىسىنى بەردى. ئارقىدىنلا يەنە بىر قېتىم دەۋا قىلدى. شۇنداق قىلىپ، دېھقانلارغا بىرنەچچە قىتىم جەرىمانە تۆلەتكۇزدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن خولۇم-خوشنىلار ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلىدى. داۋاملىق كالىلىرنى قەستەن ئۇنىڭ ئېكىنزارلىغىغا قويۋىتەتتى. ھەتتا، بىرسى پاھومنىڭ قوراسىغا كەچتە كېرىپ، بەش تۇپ لىپا كۆچىتىنى كېسىپ، ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

بىر كۈنى ئورمان يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان پاھومنىڭ كۆزىگە ئاق بىر نەرسە كۆرۇندى. يېقىنلاپ بىرىپ قارىسا، دەرەخلەرنىڭ كۆتەكلىرى، ئازراق يېراقتا بولسا قوۋزاقلېرى سويۇلغان ياغاچلارنى كۆردى. پاھوم تېرىككىندىن ساراڭدەكلا بولۇپ قالدى.

» بىرە تۇپ دەرەخنى كەسسىغۇ مەيلى» دەپ ئويلىدى. «ئەمما، بۇ تەلۋە بىر دۆۋە ياغاچنى كېسىپتۇ. بۇلارنى قىلغان ئادەمنى تېپىۋالسام، ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىمەن»

ئادەمنىڭ مېڭىسىنى قوچىۋېتىدىغان مۇنداق ئىشلارنى كىم قىلغاندۇ؟ ئاخىرى ئۇ مۇنداق دىدى:»بەلكى سىمون، ئۇنىڭدىن باشقا كىم قىلاتتى؟» ئاندىن ئۇ سىموننىڭ ئېتىزلىغىغا قاراپ يول ئالدى، ئەمما رەللىچىلىكتە ئۇ يەردە كۆزگە چىلىققىدەك بىرە نەرسە كۆزگە كۆرەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئىشنى چوقۇم سىمون قىلدى دەپ ئويلىدى.

بىر ئەرزنامە يازدى. سىمون جاۋاپكارلىققا چاقىرىلدى. سوت تەكرار-تەكرار ئېچىلدى. ئاخىرى ئالاھىدە بىر دەلىل بولمىغانلىغى سەۋەپتىن سىمون ئاقلىنىپ چىقتى. پاھوم بولسا ئۆزىنى ناھەقچىلىككە ئۇچرىدىم دەپ چۇشەندى ۋە ئاچچىغىنى جامائەت ئاقساقالى بىلەن سوتچىدىن ئالدى. ئۇلارغا: «ئوغرىلاردىن پارا ئالدىڭلار. ياخشى ئىنسان بولغان بولساڭلار، بىر ئوغرىنى گۇناسىز دەپ قويۋەتمەيتىڭلار» دىدى.

پاھوم ھەم سوتچى ھەم خولۇم- خوشنىلار بىلەن سوقاشتى. كېيىن پاھوم ئۆيىگە ئوت قويىۋېتىدىغانلىقىدەك تەھدىتلەرنىمۇ ئاڭلىدى.

تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن جامائەت ئىچىدىكى ئابرويى بارغانسىرى چۈشۈشكە باشلىدى.

ۋاقىت بولسا ئۆتىۋاتاتتى، بىر ۋاقىتلارغا كەلگەندە، بۇ يەردىن بەزىلەرنىڭ باشقا يەرلەرگە كۆچۆپ كېتىدىغانلىغى توغرىسىدا مىش-مىش گەپ-سۆزلەر تارقېلىشقا باشلىدى.

«يەر زىمىننى تاشلاپ كېتىشنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوق» دەپ ئويلايتى پاھوم.

«بەلكى باشقىلار يېزىمىزدىن كەتسە، بىزگە يەرلىرى قالىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئالىمىز، يەرلىرىمىز كۆپەيگەنسىرى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. ھازىرقى ھالىم بىلەن مەن تېخى بەختلىك بولغۇنۇم يوق.»

بىر كۈنى پاھوم ئۆيدە ئولتۇراتتى، يېزىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچى ئۇلارنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. كەچ قالغان بۇ يولۇچىغا كەچلىك تاماق بەردى. پاھوم بۇ كېشىدىن قەيەرلىك ئىكەنلىگىنى سورىدى. بۇ يات كېشى ئۆزىنىڭ ۋولگانىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەنلىگىنى ۋە ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلىغىنى ئېيتى. بۇ سۆزلەر پاھومنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ ئادەم بىر مۇنچە ئىنسانلارنىڭ ئۇ يەرلەرگە كۆچۇپ بىرىپ، يەرلىشىۋاتقانلىغىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۆز يېزىسىدىكى كېشىلەرمۇ ئۇ يەرلەرگە كۆچكەن ئىكەن. بۇلارغا قوشۇلۇپ ئۆزىنىڭمۇ بارغانلىغىنى ۋە ئۇ يەردە ئادەم بېشىغا 10 گېكتاردىن يەر بەرگەنلىگىنى، ئۇ يەرلەرنىڭ شۇنچىلىك مۇنبەت ئىكەنلىگى، تېرىغان ئارپىلارنىڭ شۇنچىلىك ئوخشىغانلىغىنى، بىر دېھقاننىڭ قۇرۇق قول بېرىپ، ھازىر ئالتە ئات ۋە ئۆزىگە ئائىت يەنە ئىككى كالىسىنىڭ بولغانلىغىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پاھومنىڭ ئىچى تازا قىززىشقا باشلىدى.

» باشقا يەردە شۇنداق ياخشى ھايات تۇرسا، نىمىگە بۇ يەردە جاپا تارتىپ يۇرۇيمەن؟ بۇ يەردىكى يەرلىرىمنى ۋە مال-مۆلكىمنى سېتىپ، ئۇ پۇل بىلەن ئۇ يەردە ھەممە نەرسىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋىلىپ، يېڭى بىر ھايات باشلىمامدىم. بۇ ئادەم كۆپ يەردە، ئادەمنىڭ بېشى دەرتىن قۇتۇلمايدىغان تۇرسا! «

» ئالدى بىلەن ئۇ يەرگە ئۆزەم بېرىپ، ھەممە نەرسىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كورەي» دەپ ئويلىدى.

ياز بولاي دىگەندە، پۈتۈن تەيارلىقلارنى پۈتتۇرۇپ يولغا چىقتى ۋە كىمە بىلەن ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ، ساماراي دىگەن يەردە چۆشۇپ قالدى، ئاندىن پىيادە يەنە ئۇچ يۇز مىل يولنى مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ كەلدى.

ھەممە ئىشلار خۇددى ھېلىقى يوللۇچى دىگەندەك ئىدى. پۈتۈن يېزىدىكىلەرگە يەتكۇدەك يەر بار ئىدى. ھەر بىر دېھقاننىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، كوللىكتىپ مۆلكىدىن 10 گېكتار يەر بېرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇلى بارلار ئۆز شەخسى ھېساۋىغا خالىغانچە ئەرزان باھالىق يەر سېتىۋالسا بولاتتى.

پاھوم بىلمەكچى بولغان پۈتۈن ئىشلارنى تولۇق بىلگەندىن كېيىن، كۈزگە يېقىن ئۆيىگە قايتتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى سېتىشقا باشلىدى. يەرلىرىنى بولسا پايدىسىغا ساتتى. كامونا ئەزالىقتىنمۇ چىقىپ كەتتى. باھار كەلگىچە ساقلاپ، ئاندىن ئائىلىسى بويىچە يېڭى يۇرتقا سەپەر قىلدى.

(4)

پاھوم ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى يۇرتقا بارا -بارمايلا، يېزىلىق چوڭ ئەترەتكە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. كېرەكلىك ماتېرياللىرىنى ئەترەت ھەييەتلىرىگە تاپشۇردى ۋە ئۇلاردىن بۇ توغرۇلۇق ئىسپات ئېلىۋالدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي پاھوم ئائىلىسىگە بەش كېشلىك ئەترەتكە تەۋە يەردىن بۆلۇپ بىرىلدى. بۇ يەر جەمى 50 گېكتارغا توغرا كېلەتتى. پاھوم ئائىلىسى ئۈچۈن ئولتۇراق ئۆينىمۇ ئوبدان قىلىپ سالدى. پەقەت ئەترەتتىن بۆلۇپ بىرىلگەن يەرنىڭ ئۆزى بولسا بۇرۇنقى يەرلىرىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ يەرلەر قوناق تېرىشقا بەكمۇ ماس كېلەتتى. بۇ يەرلەر بۇرۇنقى يەرلىرىدىن ئون ھەسسېگە قەدەر مۇنبەت تۇپراقلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پىپايان ئوتلاقلارغا ۋە مۇنبەت تۇپراقلارغا ئىگە بولغان ئىدى. بۇ يەرلەردە خالىغىنىچە مال-ئۇلاق باقسا بولاتتى.

يېڭى كەلگەندە ، ئۆيلەرنى سېلىش ۋە ئورۇنلىشىش جەريانىدا پاھوم ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى ۋە ھەممە نەرسىدىن شۇنداق رازى بولدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ يەردىمۇ يېتەرلىك يەرگە ئىگە بولالمىغانلىغىنى ئويلاشقا باشلىدى. ئەترەت نامىدا ئۆزىگە بۆلۇپ بەرگەن يەرنىڭ بىر قىسمىغا بۇغداي تىرىدى ۋە بۇ يەردىن ناھايىتى ئومدان ھوسۇل ئالدى. يەنە بۇغداي تىرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك يەر يوق ئىدى. بۇرۇن بۇغداي تىرىغان يەرلەرگە قايتا بۇغداي تىرىشقا بولمايتى، پەقەت بوز يەر ۋە ئاغدۇرۇلغان يەرلەرگىلا بۇغداي تىرىشقا رۇخسەت ئىدى. ئىككى يىلدا بىر قىتىم بۇغداي تىرىلغان يەرلەر، ئۇستىگە ئۇزۇن چۆپلەر ئۆسكىچە، دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن تاشلاپ قوياتتى. بۇنداق يەرلەرنى ئېلىشنى ئويلايدىغان نۇرغۇن ئادەم بار ئىدى. ئەمما، ھەر ئىستىگەن ئادەمگە بىرىغان ئۇنداق كۆپ يەر يوق ئىدى. بۇ سەۋەپتىن كىشىلەر بەزىدە ئۆز-ئارا يەر تالىشىپ جىدەللىشەتتى. ھال-ئەھۋالى ياخشىلار بۇنداق يەرلەرنى بۇغداي تېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلاتتى. كەمبەغەللەر بولسا بۇ يەرلەرنى سودىگەرلەرگە سېتىپ، باجلارنى ئۆتەش ئۈچۈن پۇل ھازىرلاشنىڭ كويىغا چۇشەتتى.

پاھوم بولسا تېخىمۇ كۆپ بۇغداي تىرىيدىغانلار قاتارىغا كىرەتتى. شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن بىر سودىگەردىن بىر يىللىق يەر ئىجارىگە ئالدى. نۇرغۇن بۇغداي تېرىدى ۋە ناھايىتى ياخشى ھوسۇل ئالدى. بۇ يەرلەر يېزىدىن خېلىلا يېراقتا ئىدى. بۇغدايلارنى ئون مىل ئۇزاقلىقتىكى يەرلەردىن توشۇپ ئەكىلىشكە توغرا كەلەتتى.

شۇنداق قىلىپ ۋاقىت ئۆتمەكتە، بۇ جەرياندا پاھوممۇ يېزىدىكى بەزى سودىگەرلەرنىڭ ئۇزاق يەرلەردىكى دېخانچىلىق مەيدانلىرىدا ياشايدىغانلىغىنى ۋە ئۇ يەرلەردە باي بولغانلىغىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ ئىچىدە مۇنداق ئويلىدى:» ئۆزەمنىڭ شەخسى مۈلۈك ھېسابىمغا ئازراق يەر سېتىۋالغان بولسام، ئۇ يەرگە ئۆي سالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە. ئۇ چاغدا ھەممە نەرسە ئالاھىدە ۋە تەل-تۆكۇس بولغان بولاتتىغۇ»

شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن يەر سېتىۋىلىشنى ھىچ ئەقلىدىن چىقارمىدى.

ئۈچ يىلمۇ ئۆتۇپ كەتتى. ھايات ئوخشاش بىر رىتىمدا داۋاملىشىۋاتاتتى. يەرنى كىراغا ئالاتتى ۋە تىرىيتى. ھوسۇلنىمۇ ياخشى ئېلىپ، پۇلمۇ ئىقتىساد قىلغان ئىدى. ھال-ئەھۋالىدىن رازى ئىدى. ئەمما، ھەر يىلى باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى كىرالاشتىن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەپىلىشىشتىن جاق تويغان ئىدى. قەيەردە  سېتىلدىغان يەر بولسا، ھەممېسى شۇ يەرگە يۇگۈرەيتى ۋە يەرمۇ دەرھال سېتىلىپ كېتەتتى. ھەتتا تېزراق ھەركەت قىلمىسىڭىز ئىجارىگە بىرىدىغان يەرمۇ قالمايتى. ئۈچۈنچى يىلى بىر ئادەم بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر يېزىدىن تېرىلغۇ يەر كىرالىغان ئىدى. بىر ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن سوتقىمۇ چۇشكەن ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇ يەرلەر ئاللىقاچان تىرىلىپ بولۇنغان ئىدى. داۋادا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، پۈتۈن ئەجرى بىكارغا كەتكەن ئىدى.

«ئۆزىمىزنىڭ يېرى بولسا ئىدى كاشكى» دەپ ئويلايتى پاھوم. «ھىچكىم ئىشىمىزغا ئارلىشالمايتى. پۈتۈن بۇ ئاۋارچىلىقلار ئۇچرىمايتۇق. باشنىڭ بۇ ئاغرىقىمۇ ساقىياتتى.»

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، پاھوم سېتىلىدىغان يەر ئىزدەشكە باشلىدى. 500 گېكتار يېرى بار، ئەمما دەرھال پۇلغا ئىھتىياجى بولغانلىغى ئۈچۈن، يەرلىرىنى ئەرزانلا سېتىشقا رازى بىر ئادەمنى تاپتى. پاھوم بۇ ئادەم بىلەن دەرھال سودىلاشتى ۋە بىر قىسمىنى نەق، قالغان قىسمىنى نېسى بىرىدىغان بولۇپ، 1500 رۇبلىغا ئۆز-ئارا كېلىشتى. پۈتۈن ئىشلار پۈتتى، پەقەت توختامغا قول قويسىلا بولاتتى. ئەمما، دەل ماشۇ كۈنلەردە، بۇ يەردىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان بىر ياقا-يۇرتلۇق سودىگەر ئاتقا يەم بېرىش ئۈچۈن پاھومنىڭ قوراسىغا كېرىپ كەلدى.

پاھوم ئۇ ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ بەك ئۇزاقلاردىن يەنى باشكىر دىگەن يەردىن كېلىۋاتقانلىغىنى، ئۇ يەردە 500 گېكتار يەر پەقەت 1000 رۇبلىغا ئالغىنى بولىدىغانلىغىنى ئۇقتى. پاھوم تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، ئۇ ئادەمدىن سوئال سوراشقا باشلىدى. ئادەم سوئالغا جاۋاپ بىرىپ: » قىلىدىغان پەقەت بىر ئىش، رەئىس بىلەن دوسلۇق ئورۇنىتىش. مەن 100 رۇبلىدەك پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ، ئاياللار كېيىمى، گېلەم، بىر ساندۇق چاي قاتارلىق سوغا -سالام ئىلىپ، ھەدىيە قىلدىم. ھاراق ئىچىدىغانلارغا ھاراق سوغا قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن يەرنىڭ گېكتارىنى بەش كوپېكتىن ئەرزان ئالدىم. يەر خەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنداق دىدى:» يەرلەر دەريا ۋادىسىدا ۋە ھەربىر چامدام يەر شۇنچىلىك مۇنبەت»……….

پاھومنىڭ يامغۇردەك ياغدۇرۋەتكەن سوئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ:» ئۇ يەرلەر شۇنداق پىپايانكى، ئۇ ئۇچىدىن بۇ ئۇچۇغا يېتىپ بارالمايسەن. ھەممىسى باشكىرلىقلارغا تەۋە. ئۇلار قوزىدەك ساددا، يەرلەر سۇدىنمۇ ئەرزان»

پاھوم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىدە: «قىنى كۆرىمىز» دەپ ئويلىدى ۋە «1500 رۇبلىغا بۇ يەردىن 500 گېكتار يەر ئېلىپ، يەنە قەرز بولامدىم؟ ھالبۇكى بۇ پۇل بىلەن ئۇ يۇرتلاردا نەچچە ھەسسە كۆپ يەر ئالدىغان تۇرسام»

(5)

پاھوم، ئۇ يەرگە بارىدىغان يوللارنى سورىدى ۋە سودىگەرنى يولغا سېلىپ قويۇپلا، ئۆزى يولغا چىقىشنىڭ تەيارلىغىغا جىددى كىرىشتى.

ئايالىنى ئۆي ۋە مال-ئۇلاققا كۆز-قۇلاق بولۇش ئۈچۈن قالدۇرۇپ، ئوغلىنى ئېلىپ يولغا ئاتلاندى. يول ئۇستىدىكى بىر بازاردىن بىر ساندۇق چاي، بىراز شاراپ ۋە سودىگەر تەۋسىيە قىلغان باشقا كىرەكلىك سوغىلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى.

300 مىلدىن ئوشۇق يول ماڭدى. يەتتە كۈندىن كېيىن باشكىرلار ياشايدىغان يەرگە يېتىپ كەلدى. ھەمم نەرسە ھۇددى سودىگەرنىڭ دىگىندەكلا ئىدى. ئىنسانلار بىر دەريانىڭ ۋادىسىدا كىگىز چېدىرلار ئىچىدە ياشايتى. يا مال-ئۇلاقلىرىنى باقمايتى، يا نان يېمەيتى.

ماللار پادا پېتى كەڭ دالىدا ئۆزى ئوتلايتى. بايتاللار چېدىرنىڭ ئارقىسىدا باغلاقلىق تۇراتتى ۋە تايلىرىنى كۇندە ئىككى قىتىم يېنىغا ئەكىلەتتى. بايتاللارنىڭ سۇتىنى سېغىپ قىمىز قىلاتتى. قىمىز ۋە قېتىق-قۇرۇتلارنى ئاياللار قىلاتتى. ئەرلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسا، قىمىز بىلەن چاي ئىچىش ۋە قوي گۆشىنى يەپ، نەي چېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەممىسى بەستلىك ۋە ئوچۇق-چىراي ئادەملەر ئىدى. پۈتۈن ياز بويىچە ئەقلىگە ئىش قىلىش كەلمەيتى. تازا نادان، رۇسچىمۇ بىلمەيدىغان ، ئەمما مېھمان دوس كېشىلەر ئىدى.

پاھومنى كۆرۇپلا، چېدىرلىرىدىن چىقىپ، مېھماننىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئارىسىدا بىر تەرجىمان بار ئىدى. پاھوم تەرجىمان ئارقىلىق ئازراق تېرىلغۇ يەر سېتىۋىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى سۆزلىدى. ئۇلار ناھايىتى مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتى.

پاھومنى گېلەملەر ئۇستىگە، يۇمشاق كۆرپىلەرنى سېلىپ، چىرايلىق ياساپ قويغان بىر چېدىرغا باشلىدى. پاھومنى قىمىز ۋە چاي بىلەن مېھمان قىلدى. پاھوم ئوغلى بىلەن ھارۋۇسىدىكى ھەدىيەلەرنى ئەكىرىپ، ئۇلارغا تارقاتتى. ئۇلار چاينى ئۆز-ئارا بۆلۇشتى ۋە بەكمۇ خوشال بولۇشقان ئىدى. ئاندىن ئۇزاق سۆزلەشكەندىن كېيىن، تەرجىمانغا بىرنىمىلەرنى دىدى. تەرجىمان پاھومغا قاراپ:» سېنى ياخشى كۆرۇپتۇ. مېھماننى مەمنۇن قىلىش ۋە بەرگەن سوغىلىرى ئۈچۈن، بىزنىڭمۇ ھەدىيە بىرىش ئادىتىمىز بار. بىزمۇ ساڭا، بىزدە بار بولغان نەرسىلېرىمىزدىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەڭ نىمە بولسا دىگىن، ئۇنى ساڭا ھەدىيە قىلايلى»

» بۇ يەردە ماڭا ئەڭ يارايدىغان نەرسە يەرلىرىڭلار!» دەپ سۆز باشلىدى پاھوم ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:» بىزنىڭ يەرلىرىمىز بەك ئاز ۋە شۇنچىلىك ئۇنۇمسىز يەرلەر؛ ئەمما، سىلەرنىڭ چەكسىز كەتكەن بىپايان ۋە مۇنبەت يارلىرىڭلار بار. مۇنداق ئېسىل يەرلەرنى ھېچ كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم» دىدى.

تەرجىمان بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلدى. ئۇلار ئۆز-ئارا مۇزاكىرلەشتى. پاھوم نىمە دەۋاتقانلىغىنى چۇشەنمىگەن ئىدى. ئەمما، ناھايىتى خوشال بولغانلىغىنى، ۋاقىرشىپ، كۇلۇشكەنلىگىنى كۆرگەن ئىدى. ئۇلار بىردەمدىن كېيىن جىمىپ قىلىشتى.

تەرجىمان پاھومغا مۇنداق دىدى:» ھەدىيەلىرىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ساڭا ئارزۇيۇڭ بويىچە يەرنى خوشاللىق بىلەن بىرىدىغانلىغىنى ئېيتى. سەن پەقەت قولۇڭ بىلەن قەيەرنى ئالىدىغانلىغىڭنى ئىشارەت قىل، ئۇ يەر سېنىڭ بولسۇن».

يەرلىكلەر يەنە بىر ھازاغىچە ئۆز-ئارا سۆزلەشتى ۋە تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. پاھوم بۇلارنىڭ نىمىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىغىنى سورىغىنىدا، تەرجىمان ئۇنىڭغا:»بەزىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى بۆلۇپ بىرىش توغرىسىدا رەئىستىن سورايدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ رۇخسىتى بولمىسا، بۇ ئىشنى قىلمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى؛ يەنە بەزىلىرى بولسا رەئىسنى ساقلاشنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوقلۇغىنى بىلدۈرۈشتى» دىدى.

(6)

يەرلىكلەر مۇنازىرلىشىۋاتقاندا، تۈلكە تېرىسىدىن جۇۋا كىيگەن بىر ئادەم، ئىشىك تۈۋىگە كىلىش بىلەن، ھەممىسى سۆزلىرىنى توختىتىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. تەرجۈمان:» مانا بۇ كىشى رەئىس بولىدۇ» دىدى.

پاھوم دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە ئەڭ چىرايلىق ئاياللار كىيمى بىلەن ئىككى كىلو چاينى ئەكىلىپ رەئىسكە تۇتتى. رەئىس ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى تۆگە چىقىپ ئولتۇردى. يەرلىكلەر دەرھال ئۇنىڭغا بىرنىمىلەرنى چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى. رەئىس بىردەم ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش ئىشارېتى قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى كەستى ۋە پاھومغا قاراپ رۇسچە مۇنداق دىدى:» بوپتۇ، شۇنداق بولسۇن، قەيەرنى ئىستىسەڭ، شۇ يەر سېنىڭ بولسۇن؛ بىزدە تۇپراق دىگەن كۆپ.»

پاھوم :» خالىغىنىمچە ئالامدىم؟» دەپ ئويلىدى ۋە يەنە «ئىشنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، يەر خېتى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلاي، بولمىسا، بۇ يەر سېنىڭ دەپ قويۇپ، كېيىن ئىلىۋالمىسۇن يەنە» دەپ ئويلاپ، مۇنداق دىدى:» بۇ نازاكەتلىك سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. سىزلەرنىڭ يەرلىرىڭلار كۆپ. مېنىڭ تەلەپ قىلغىنىم ئازراقلا يەر. شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ كىچىك بىر پارچە يەرنىڭ ماڭا ئائىت ئىكەنلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماڭا يەر خېتى بىرەلەمسىلەر ؟ جان بار يەردە، قازامۇ بار دىگەن گەپ بار . سىلەر ياخشى نىيەتتە بولۇپ، ماڭا ئۇ يەرلەرنى بەرگىنىڭلار بىلەن، كېيىن باللىرىڭلار ئېلىۋېلىشى مۇمكىن»

رەئىس:» دىگەنلىرىڭ تامامەن توغرا. يەرنىڭ خېتىنى ساڭا بىرىمىز.»دىدى.

«بىلىشىمچە بۇ يەرگە بىر سودىگەر كەپتۇ» دەپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى پاھوم:»سېلەر ئۇنىڭغا ئازراق يەر بىرىپسېلەر ۋە يەر خەتنى بىرىش توغرىسىدا ئۇنىڭغا ھۆجەت يېزىپ بىرىپسىلەركەن، بولسا ماڭىمۇ شۇنداق ھۆجەت يېزىپ بەرگەن بولساڭلار».

رەئىس بۇ گەپلەرنى دەرھال چۈشەندى ۋە مۇنداق دىدى:»بولىدۇ. بۇ ئىش ئاسان. بىر كاتىبىمىز بار، ئۇ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەھەرگە كېرىپ، تامغىلىق بىر پارچە تەستىقلانغان يەر خېتى ئالسۇن.»

«ئۇنداقتا باھاسى قانچىدىن بولا؟» دەپ سورىدى پاھوم.

رەئىس:»باھاسى داۋاملىق ئوخشاش. بىر كۈنلىگى مىڭ رۇبلى»

پاھوم چۇشەنمىگەن ئىدى. «كۈنلىگىمۇ؟ قانداق ئۆلچەم بىرلىگى بۇ؟ قانچە گېكتار بولىدۇ؟»

«بىز ئۇنداق ھېساپلارنى بىلمەيمىز» دىدى رەئىس ۋە «بىز تۇپراقلارنى كۈنلۇك ساتىمىز. بىر كۈندە پىيادە مېڭىپ، قانچىلىك ئەتراپنى ئارلىساڭ، شۇنچىلىك ساڭا تەۋە بولىدۇ ۋە بىر كۈن مىڭ رۇبلى» دىدى رەئىس.

پاھوم بۇ گەپلەرگە ھەيران قالدى. «ئەمما، ئىنسان بىر كۈندە چوڭ بىر يەرنىڭ ئەتراپىنى ئورېۋىلىشى مۇمكىن» دىدى.

رەئىس:» ئۇنداقتا ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئەمما بىر شەرت بىلەن؛ باشلانغان نۇقتىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە قايتىپ كېلەلمىسەڭ، پۇلۇڭنى زىيان تارتىسەن.»

پاھوم:» ئۇنداقتا بېسىپ ئۆتكەن يەرلەرگە قانداق بەلگە قويۇپ ماڭمەن ؟»

رەئىس:» قانداقمۇ؟ خالىغان بىر نۇقتىغا بېرىپ، ئۇ يەرگە بەلگە قويۇسەن. ئۇ نۇقتىدىن باشلاپ، ئەتراپتىكى يەرلەرنى مۆلچەرلەپ ئىشارەتلەيسەن؛ لازىم دەپ قارىغان يەرلەرگە بەلگە قويۇسەن. ھەر قايتقاندا، بىر ئورەك كولاپ، ئوت-چۆپلەرنى ئۇ يەرنىڭ ئۇستىگە يېغىپ قويۇسەن، كېيىن بىز ئورەكلەر ئارلىغىغا ساپان بىلەن بەلگە قويمىز. قانچىلىك خالىساڭ شۇنچىلىك بۇيۇك بىر دائىرىنى ئىگەللە. ئەمما، كۈن ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدا باشلانغان نۇقتىغا قايتىپ كېلىشىڭ شەرت. شۇنداق بولغاندا، ئۆزەڭ بەلگە قويۇپ، چۆرىگەن پۈتۈن يەر سېنىڭ بولىدۇ.»

پاھومغا بۇ پىلان بەكمۇ ياقتى. ئەرتىسى سەھەردىلا ئىش باشلاشنى ئويلىدى. ئازراق يەنە پاراڭلاشتى. قىمىز ئىچىپ، تاماق يېيىشتى. كەچمۇ كىرىپ قالغان ئىدى. يەرلىكلەر ئەرتە شەپەق كۆتۇرۇلۇش بىلەن تەڭ، بەلگىلەڭەن جايغا بىللە بارىدىغانلىغىنى دەپ، پاھوم بىلەن خوشلۇشۇپ چېدىردىن ئايرىلدى.

(7)

پاھوم مامۇق ياستۇقنى بېشىغا قويۇپ، پۇتىنى ئۇزاتتى. ئەمما، ھىچ ئۇيقۇسى كەلمىدى. ئەقلى-ھوشى شۇ تۇپراقتا ئىدى.

«ئەمما لېكىنزە، شۇنچىلى چوڭ بىر دائىرىگە بەلگە قويۇمەنكى…..» دەپ ئويلىدى.

«بىر كۈندە قانداقلا بولمىسۇن، ئوتتۇز بەش مىل ماڭالايمەن. ھازىر كۈن ئۇزۇن، ئوتتۇز بەش مىل دائىرە ئىچىدە قانچىلىك كەڭلىكتىكى يەر بار ھە! كاغا كەلمەس قىسمىنى سېتىۋىتىمەن ياكى يېزىدىكىلەرگە بىرىۋىتىمەن؛ ئەڭ ياخشى قىسمىنى ئۆزەمگە ئايرىپ، تېرىيمەن. ئىككى ئۆكۇز ئېلىپ ۋە ئىككى مەدىكار يالاپ، 60 گېكتار يەرنى ساپان بىلەن ئاغدۇرىمەن. قالغان يەرلەرنى ئوتلاق قىلىمەن.»

پاھوم پۈتۈن كېچە كىرپىك قاقمىدى. پەقەت، شەپەق چىقىشنىڭ ئالدىدا كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى ۋە مۇنداق بىر چۇش كۆردى؛ چۈشىدە مۇشۇ چېدىردا ياتقۇدەك، سىرتتا بىرسىنىڭ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغۇدەك، ئاندىن كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەكچى بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقسا رەئىس چېدىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇدەك ۋە بېقىننى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ، كۇلىۋاتقىدەك. پاھوم رەئىسنىڭ يېنىغا بىرىپ، «نىمىگە كۇلىسەن؟» دەپ سورىسا، ئالدىدىكى رەئىس بىردىنلا، ئالدىنقى قىتىم ئۆيىگە كەلگەن ۋە بۇ يەردىكى يەرلەر توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن سودىگەرگە ئايلىنىپ قالغۇدەك. ئۇنىڭدىن:» سەن قاچاندىن بىرى بۇ يەردە ؟» دەپ سورىشىغا، سودىگەر بىردىنلا ئۆزگۇرۇپ، بۇرۇن پاھومنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىگە كەلگەن ۋولگالىق ئادەم بولۇپ قالغۇدەك، كېيىن قارىسا، ئۇ ئادەم ئەمەس بەلكى، ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن بوينىغا ئېسىلىشقا تەمشىلىۋاتقان شەيتان بولۇپ، ۋەھشىلىك بىلەن كۇلىۋاتقىدەك. بىردىنلا قارىسا، شەيتاننىڭ ئاياقلىرىنىڭ تۆۋىدە بىرسى يالاڭ ئاياق ۋە ئۇستىدە پەقەت بىر ئىشتان بىلەن يالاڭ كۆينىكى بار بىرسىنىڭ ئۇزۇن سوزۇلۇپ ياتقانلىغىنى، بۇ ئۆلۇكتەك ياتقان ئادەم دەل پاھومنىڭ ئۆزىمىش.

بۇ قاباھەتلىك چۇشتىن ،پاھوم دەھشەتلىك بىر ۋاقىراپ ئويغاندى.

«بۇ چۈش نىمىنى بىلدۇردۇ؟» دەپ ئويلىدى پاھوم ئىچىدە. پاھوم ئىشىكتىن سىرتقا قارىدى، تاڭ ئاستا يورۇۋاتاتتى. «ئۇلارنى ئويغۇتىدىغان ۋاقىت بوپ قالدى، ئىشنى دەرھاللا باشلىساق بولاتتى ئەمدى» دەپ ئويلىدى.

يەرلىكلەرمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، توپلاندى. رەئىسمۇ كەلدى. ئۇلار قىمىز ئىچىشكە باشلىدى، پاھومغا چاي سۇندى، ئەمما پاھومنىڭ يەنە ساقلاشقا ھىچ بىر تاقىتى قالمىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇ:»ماڭساق، ماڭايلى، ۋاقىت ئۆتۇپ كېتىۋاتىدۇ» دىدى.

(8)

كۆپچىلىك تەييار بولدى ۋە يولغا چىقتى. بەزىلەر ئات بىلەن، بەزىلەر ھارۋا بىلەن كېتىۋاتاتتى. پاھوم بولسا ئوغلى بىلەن ئۆزىنىڭ كېچىك ئات ھارۋۇسىدا ماڭدى. يېنىغا بىر تۆمۇر گۇرجەك ئىلىۋالغان ئىدى.

كەتكەن بىر دالاغا كەلگەندە، قۇياش رەسمى كۆتۇرۇلگەن ئىدى. يەرلىكلەر «شىھان » دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۆڭلۇككە چىقتى. ئات ۋە ھارۋۇلاردىن چۇشۇپ، ھەممىسى بىر يەرگە توپلاندى. رەئىس، پاھومنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولى بىلەن كەتكەن بىپايان تۇزلەڭلىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:» قارا! كۆزۇڭ يېتىدىغان ھەر يەر بىزنىڭ. خالىغان يەرنى ئال» دىدى. رەئىس بېشىدىكى تۇماقنى ئېلىپ يەرگە قويدىدە:» بۇ بەلگە بولسۇن. بۇ يەردىن باشلاپ، يەنە بۇ يەرگە كېلىسەن. ئەتراپنى ئايلانغان پۈتۈن يەر سېنىڭ بولىدۇ»

پاھوم يانچۇقىدىن پۇلنى چىقىرىپ، تۇماقنىڭ ئۇستىگە قويدى. پەلتۇسىنى سالدى، ئۇستىدە يالاڭ چاپىنى بار ئىدى. پوتاسىنى بېلىگە چىڭ باغلىدى. قوينىغا بىر نان پارچىسىنى سالدى. سۇدان(باكالاشكا)نى پوتېسىغا قىستۇردى. ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقىشقا تەييار بولدى. بىردەم «قايسى تەرەپتىن ماڭسام، ئەڭ ياخشى بولا؟» دەپ ئويلىۋالدى. ھەممە تەرەپ ئۇنى جەلىپ قىلىۋاتاتتى. «ھىچقىسى يوق، كۈن چىققان تەرەپكە قاراپ، ئۇدۇل ماڭايلى» دىدى ئۇ ئاخىرى. شەرىققە بۇرۇلدى، قۇياشنىڭ كۆرۇنىشىنى ساقلىدى. «ۋاقىتنى ئۆتكۇزىۋەتمىسەك بولاتتى، ھاۋانىڭ سالقىن چېغىدا تازا يول ئاۋويتى» دەپ ئويلايتى.

قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى، ئۇپۇقتا پارقىرا-پارقىرماس، پاھوم مۇرىسىدىكى گۇرجەك بىلەن يولغا چىقتى. ماڭغاندا يا ئىشتىك يا ئاستا ماڭمايتى. بىر مىلدەك ماڭغاندىن كېيىن توختاپ، بىر ئورەك قازدى ۋە ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلەرنى يېغىپ، ئۇستى-ئۇستىگە قويدى. ئاندىن يەنە يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئۆزى ئازراق سەگىگەندەك قىلدىدە، قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتىشكە باشلىدى. بىر ۋاقىتتىن كېيىن يەنە بىر ئورەك قازدى.

پاھوم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. دۆڭنىڭ ئۇستىدىكى ئىنسانلار بىلەن پاقىراپ تۇرغان ھارۋا چاقلىرىنى قۇياشنىڭ يورىقىدا ئىنىق كۆردى. تەخمىنەن ئۈچ مىل ماڭغاندىمەن دەپ پەرەز قىلدى. ھاۋا بولسا بارغانسىرى ئىسسىۋاتاتتى، يالاڭ چاپىننى سېلىپ مۇرىسىگە ئارتى-دە، مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەمدىلىكتە كۈن تازا ئىسسىغانتى. قۇياشقا قاراپ، «ئازراق بىر نەرسە يەۋالايلى» دەپ ئويلىدى ۋە «قايتىش ئۈچۈن تېخى بالدۇر، بۇ قوزۇقلارنى چىقىرۋالاي» دىدى ئۆز-ئۆزىگە. ئولتۇردى، ئوغلىنىڭ كۆتۇرۋالغان خالتىسىدىكى قوزۇقلارنى چىقىرىپ، بېلىگە قىستۇردى ۋە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. «يەنە ئۈچ مىل ماڭغاندىن كېيىن، سولغا بۇرۇلاي» دەپ ئەقلىدىن ئۆتكۇزدى. «ئۇ يەرلەر نىمە دىگەن گۈزەل، بۇنداق يەرنى ئالمىسام، ئۇۋال بولىدۇ. كېشى ماڭغانسىرى يەرلەر تېخىمۇ مۇنبەت كۆرۇنىدىكەن.»

بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، ئارقىغا يەنە بۇرۇلۇپ قارىدى. دۆڭ كىچىكلەپ، ئۇستىدىكى ئادەملەر چۆمۈلىدەك كۆرۇندى.

«ئاپلا، بۇ تەرەپكە بەك كېتىپتىمەن» دەپ ئويلىدى.»ئەمدى قايتاي. شۇنچىلىك تەرلەپ ۋە ئۇسساپ كەتتىم».

توختىدى، چوڭ بىر ئورەك قازدى، چۆپلەرنى يېغىپ ئۇستىگە قويدى. سۇداننى ئېلىپ، ئازراق سۇ ئىچتى. ئاندىن سولغا بۇرالدى ۋە ماڭدى. ماڭا-ماڭا؛ بۇ تەرەپتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ بويلىرى ئىگىز، ھاۋامۇ تازا ئىسسىقتى.

پاھوم چارچىغان ئىدى. قۇياشقا قاراپ چۇش بولۇپ قالغانلىغىنى بايقىدى. «ئازراق دەپ ئالايلى» دىدى. ئولتۇردى؛ بىر پارچە نان يېدى، ئازراقلا سۇ ئىچتى. ئۇخلاپ قالماي يەنە دەپ ئويلاپ، ياتمىدى. بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن، يولىنى داۋاملاشتۇردى. باشتا ئاسان ماڭغانتى، چۈنكى تاماق ئازراق قۇۋەت بەرگەنتى. ئەمما، ھاۋا تازا ئىسسىپ كەتتى. ئۇيقۇسىنىڭ كېلىۋاتقانلىغىنى پەملىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىماي، مۇنداق سۆزلەرنى ئويلاپ ماڭدى:» بىر سائەت جاپا تارتىپ، بىر ئۆمۇر بەختلىك ياشا».

بۇ تەرەپكىمۇ تازا ئۇزۇن ماڭدى، ئەمدى سولغا بۇرۇلاي دىگەندە، بىر ئۆستەڭ كۆرۇندى.

» بۇنى بەلگىلىگەن دائىرە سىرتىدا قويۇپ قويسام بەك زىيان بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە كەندىر بەك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆستەڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى ۋە ئۆستەڭنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بىر ئورەك كولىدى. پاھوم دۆڭگە قارىدى، ئىسسىق ھاۋادا دۆڭ پىللىلداپ تۇراتتى. خۇددى ھاۋادا بىر نەرسىلەر ئۇچىۋاتقاندەك ۋە ئىسسىق ھاۋا ئىقىمى ئىچىدە دۆڭدىكى ئادەملەر كۆرۇلمەيتى.

«ئۇفف، ئىككى چەتتىن بەك ئۇزۇن يەرنى ئېلىۋاپتىمەن، كاشكى قىسقىراق ئالسامچۇ» دەپ ئويلىدىدە، قەدەملىرىنى تېزلىتىپ، ئۈچۈنچى بىر ئۇچقا قاراپ يول ئالدى. كۈنگە قارىدى. كۈن ئۇپۇققا قارىغان يولنىڭ يېرىمىنى تۇگەتكەن ئىدى. ئەمما پاھوم تۆت چاسا يەرنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچىغا قاراپ ئىككى مىل ماڭمىغان ئىدى. بارىدىغان نىشانغا تېخى ئون مىلدەك بار ئىدى.

«بوپتۇ، يەرلەر ئەسكى بولسىمۇ، بۇرۇلۇپ، ئۇدۇل بىر سىزىق بويىچە ماڭاي ئەمدى. بەكمۇ ئۇزاققا كەتتىم ۋە خېلىلا چوڭ بىر يەرنى ئىگەنلىدىم» دىدى-دە، ئالدىراش بىر ئورەك قازدى ۋە ئۇدۇل دۆڭگە قاراپ يول ئالدى.

(9)

پاھوم ئۇدۇل دۆڭگە قاراپ ماڭدى. ئەمما، قەدەملېرنى ناھايىتى تەستە ئېلىۋاتاتتى. ئىسسىپ ھىچ ھالى قالمىغان ئىدى. پىچىلىپ كەتكەن يالاق ئاياقلىرى يارا بولۇپ كەتكەنتى. ئىگىلگەن تېزلىرىدا ھىچ جان يوق ئىدى. بىردەم تۇرۇۋېلىشنى شۇنچىلىك ئىستىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىمكانسىز ئىدى. چۈنكى، كۈن پاتماي تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا بېرىۋېلىش كىرەك ئىدى. كۈن ھىچكىمنى ساقلىمايدۇ-دە! كۈن بارغانسىرى پەسلەۋاتاتتى.

«يا خۇدا! تويماسلىق قىلىپ، مۇنداق كۆپ يەرنى ئېلىشقا ئاۋارە بولمىغان بولسامچۇ! ئەمدى، يا ۋاقتىدا بارالمىسام؟»

ئۇ دۆڭگە ۋە كۈن گە قاراپ ماڭدى. نىشان ناھايىتى ئۇزاقتا ئىدى. كۈن ئۇپۇققا قاراپ يېقىنلىشىۋاتاتتى. پاھوم ئالغا قاراپ ماڭماقتا، ئىلگىرلىمەكتە؛ ماڭغانسىرى قەدەم ئېلىش تەسلەشمەكتە، ئەمما لېكىن تېخىمۇ ئىشتىك ماڭماقتا. ئىشتىكلەۋاتاتتى، لېكىن نىشان تېخى بەكمۇ ئۇزاقلاردا ئىدى. يۇگرەشكە باشلىدى. چاپاننى، قوزۇقلارنى، سۇداننى، قالپىقىنى يەرگە پىقىرتىپ ئاتتى. قولىدا پەقەت تايىنىپ مېڭىشى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان گۇرجەكلا قالغان ئىدى. ئۇ:» ئەمدى قانداق قىلسام بولا؟ ھەددىدىن ئارتۇق يەرنى ئايلىنىپ، ھەممىسىگە كۆز تىكتىم. كۈن ئولتۇرغىچە پەللىگە يېتىپ بارالمايدىغان بولدۇم.» دەپ ئويلىدى.

بۇ ئەنسىرەشلەر ئۇنىڭ دېمىنى تېخىمۇ سىقتى. پاھوم يۇگرەۋاتاتتى، كۆڭلىكى ۋە بۇرۇلكېسى تەردىن بەدىنىگە چاپلىشىپ قالغان، ئاغزى قۇرغان ئىدى. كۆكسى، تۆمۇرچىنىڭ كۆرۈكىدەك بىر بېسىلىپ، بىر كۆتۇرلەتتى. يۇرىكى گۈپۈلدەپ تېز سوقاتتى. ئەمدى، ئۆزىنى ئۆزى ئەمەستەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. پۇتلىرى جاسىزلىنىپ، تېزىدىن ئۇزۇلۇپ قالاي دىگەن ئىدى.

پاھومنى بىردىنلا ئۆلۇم قورقىسى چىرماۋالدى. ئۆلۇمنىڭ ۋەھىمىسى ئۇنى قورقۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ توختاپ قالمىدى. ئۇ:» شۇنداق كۆپ يولنى يۇگۈردۈم، پەللىگە يېقىنلاپ قالغاندا تۇرۇپ قالسام، مېنى ساراڭكەن دىمەمدۇ» دەپ ئويلىدى ئىچىدە.

دۆڭگە قاراپ يۇگۈردى…يۇگرەۋاتاتتى؛ پەللىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. يەرلىكلەرنىڭ ئاۋازلىرى، ئۇنىڭغا ۋاقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇلارنىڭ ۋاقىراشلىرى يۇرۇگىنى تېخىمۇ سالدۇرۋەتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يېغىپ، يۇگرەشكە باشلىدى. كۈن يەرگە يېقىنلاپ، تىنجىق بۇ ھاۋادا شۇنداق چوڭ ھەم قاندەك قىپ-قىزىل كۆرۇندى. ئەمدى، كۈن باتىدىغان بولدى! ھەمدە ھازىرلا! كۈن تېخىمۇ تۆۋەنلىدى، ئەمما پاھوممۇ پەللىگە يېقىنلاپلا قالغان ئىدى.

پاھوم دۆڭدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ، تېز-تېز دەپ قوللىرىنى پولاڭلىتىۋاتقانلىغىنى كۆردى. يەردىكى تۈلكە تېرىسىدىن تېكىلگەن تۇماقنى، ئۇنىڭ ئۇستىدىكى پۇلنى ۋە ئىككى قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ تۇرغان رەئىسنى كۆردى. بىردىنلا ئاخشام كېچىدە كۆرگەن چۇش يادىغا كەلدى.

» كەڭ-چوڭ يەر بار. ئەمما تەڭرى مېنى ئۇ يەرلەرنىڭ ئۇستىدە ياشاتقۇزامۇ؟ ھاياتىمدىن ئايرىلىپ قالسام، جىنىم چىقىپ كەتسە! ئۇ پەللىگە ھەرگىز يېتەلمەيمەن»…….

پاھوم، يەرگە ئۇدۇل قاراپ پېتىۋاتقان كۈنگە قارىدى؛ بىر بۇرجىگى ئاللا بۇرۇن كۆرۇلمەي قالغان ئىدى. يەنە بارلىق كۈچىنى توپلاپ ئاتلاندى. گەۋدىسى ئالدىغا ئىگىلگەنتى. تېزلىرى ئۇنى ئۆرە تۇتۇش ئۈچۈن تازا قىينىلۋاتاتتى. دۆڭگە چىقىشقا ئازلا قالغانتى. ھاۋا بىردىنلا قاراڭغۇلاشتى، شۇنداق قارىسا كۈن پاتقان ئىدى. بىر «ئۇفف» دەپ ۋاقىردى ۋە «پۈتۈن ئەجرىم بېكارغا كەتتى» دەپ ئويلىدى. بىشىنى كۆتۇرۇپ قارىدى، دۆڭدىكىلەر تېخىچىلا ۋاقىراۋاتاتتى.

بىردىنلا تۆۋەندە، ئۆزىگە كۈن پاتقاندەك كۆرۇنگىنى بىلەن، دۆڭدىكىلەر كۈننى كۆرەلەيدىغانلىغى يادىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ ئۇزۇن بىر نەپەس ئالدى ۋە دۆڭگە چىقتى. ئۇ يەر راستىنلا تېخىچە يورۇق ئىدى ۋە تۇماقنى كۆردى. رەئىس بولسا تۇماقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۈلىۋاتاتتى. پاھوم چۇشىنى تەكرار يادىغا ئالدى ۋە بىر قىتىم «ئۇفف» دەپ ئىڭرىدى؛ تېزلىرى پۇكۇلدى-دە، يەرگە گۆپپىدە چۇشتى. قوللىرىنى تۇماققا ئۇزاتتى.

رەئىس: » ۋاي نىمە دىگەن يېقىملىق ئادەم بۇ» دەپ ۋاقىردى ۋە «بىرمۇنچە يەرگە ئىگە بولدى ئەمەسمۇ» دىدى. شۇ چاغدا ئارقىدا قالغان پاھومنىڭ ئوغلىمۇ يېتىپ كەلدى ۋە دادىسىنى كۆرۇپلا، يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى. ئەمما، دادىسىنىڭ ئاغزىدىن قان ئېقىۋاتاتتى؛

پاھوم ئۆلگەنتى!

كۆپچىكىنىڭ ئىچىنىشلىق چىكىلداشلىرى ئاڭلاندى. ئوغلى ئۆكسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ، جەسەت يېنىدىكى گۇرجەكنى ئېلىپ، دادىسى پاتقىدەك قىلىپ بىر ئورەك قازدى ۋە پاھومنى ئۇ يەرگە كۆمدى.

پاھومغا ئەمدى ئېھتىياجلىق بولغان، ھەممىسى بولۇپ پەقەت ۋە پەقەتلا ئىككى مېتىرلىق يەر ئىدى.

02.10.2016

گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top