• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » خەلقئارادا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى

خەلقئارادا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى

 
ئەخمەت مۆمىن تارىمى  
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)
       
  ئۇيغۇرتارىخىنىڭ چەت ئەللەردە تەتقىق قىلىنىشى 19-ئەسىردىن تارتىپ رەسمىي باشلاندى. جۈملىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا مەركىزىي ئاسىيا (كەڭ دائىرىدىكى) ئىكىسپىدىتسىيەقىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلىشى، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرگە ئائىت تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى بىلەن، ئىلىم ساھەسىدە تۈركولوگىيە ئىلمىدىن ئىبارەت يىڭى بىر ئىلىم بارلىققا كىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھەرقايسى ئەل، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا زور كۈچ سەرپ قىلدى.
 
1. رۇسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
         رۇسىيە بۇرۇندىن شىنجاڭنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش  جەھەتتە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دۆلەت. بۇنداق بولۇشىدا، رۇسىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ماتېرىيال توپلاشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىن ئېلىپ كەتكەن ناھايىتى كۆپ قەدىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭنى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. رۇسىيەنىڭ شىنجاڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارتوغرىسىدىكى تەتقىقاتى رۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن بولۇپ،ئەينى چاغدا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە توغرىسىدىكى تەتقىقات بىلەن بىرىكىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە بۇ تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇرۇنقى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.
رۇسىيەنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ چاررۇسىيەدەۋرى بولۇپ، بۇباسقۇچتا تەتقىقاتچىلار تۈرلۈك يازماماتىرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا تايىنىپ، شىنجاڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرتارىخىنى تەتقىق قىلدى ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. گەرچە بۇئارىلىقتا مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن بىر قەدەر ئازبولسىمۇ، ئەمما ئۇلار چاررۇسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بەردى ۋە ئۇنى دەسلەپكى كۈلەمگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭغا ن. يا. بىچۇرىن، ۋ. ۋ .گىرىگورىيېۋ ، چوقان ۋەلىخانوۋ، پىرژىۋالىسكى ، كىروپاتكىن ، بارتولد قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرى بولۇپ،  بۇ باسقۇچتا تەتقىقاتچىلار سوۋىت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار)نىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ماركىسىزىملىق تارىخ قارىشى ۋە مىللەت قارىشىنى چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقتا ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شۇنداقلا يېڭىدىن بايقالغان ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپ، نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە س.ئى.مالوۋ،    ئا. ن. بېرنىشتام،  ئا.م. شىرباك،  د.ئى.تىخونوۋ،  ئا. گ. مالىيۋكىن،  باسكاكوۋ، گۇمىلېيىۋ ، لىتۋىنىسكى قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش مومكىن. بۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن كۆپ بۇلۇپلا قالماي، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى ۋە زور كۈلەمگە ئىگە قىلدى. بۇلۇپمۇ بۇ مەزگىلدە  ئۇيغۇرلار ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە خېلى سىستىمىلىق تەتقىق قىلىنىپ ،ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى سوۋېتچە ئىلمىي يۈنىلىشنى بويلاپ راۋاجلىنىپ، مەخسۇس بىر تەتقىقات ساھەسى بۇلۇپ شەكىللىنىشىكە باشلىدى. بۇ،شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى دەۋر، يەنى  1990-يىللاردىن كېيىنكى مەزگىل بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بۇرۇنقىدەك جانلىنىشىنى يوقاتتى. ئەمما بەزى تەتقىقاتچىلار رۇسىيە ئىچى-سىرتىدىكى خەلقئارا ئىلم ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە چەتئەللەردە بارلىققا كەلگەن ئەڭ يېڭىتەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىكى يىتەرسىزلىكلەرنىتۇلۇقلاپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقتا بىر قەدەر مۇكەممەل ھەم سېستىمىلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇلۇپمۇ بۇ مەزگىلدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدەئىلگىرىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى سىياسى تۈس ئالغان نېگىزلىك مەسىلىلەر پەيدىنپەي ھەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى خەلقئارا تەتقىقات يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. بۇ، مۇشۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ.
رۇس ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئىچىدە، ن. يا. بىچۇرىن1777-1853) تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم ھىساپلىندۇ .
ئۇ خەنزۇچە مەنبەلەرنى چوڭقۇرتەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 1818-يىلى «جۇڭغارىيە ۋەشەرقى تۈركىستاننىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى  »، 1851 -يىلى ئۈچ توملۇق« ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمقى خەلىقلەرگە ئائىت ماتىرياللار  »ناملىق ئەسەرلىرىنى يازدى. كېيىن ئا .كازىمبىك(1870-1802)شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلار تارىخنى خەنزۇچە،ئەرەبچە،پارىسچە  ۋە تۈركچە مەنبەلەر ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ،1841-يىلى « ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات»  ناملىق ئەسىرىنى يازدى.   ۋ . ۋ .گىرىگورىيېۋ  (1816-1881 )تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ ئومۇمى تارىخى ھىساپلانغان  «شەرقى تۈركىستان »(ياكى « جۇڭگو تۈركىستانى ») ناملىق نۇپۇزلۇق ئەسىرىنى يېزىپ، ‹‹ قاراخانىيلار خانلىقى›› دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىردى.ئۇنىڭدىن كېيىن چوقان ۋەلىخانوۋ (1830-1865،قازاقلاردىن كىلىپ چىققان) چار روسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە 1858-يىلى قەشقەرگە سودىگەرقىياپىتىدە كىلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،ئېتنوگىرافىيسى ھەمدە شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى توغىرسىدا مول ماتىرىيال توپلاپ ، ‹‹ ئالتە شەھەر خاتىرلىرى ››ناملىق مۇھىم ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. پىرژىۋالىسكى(1839-1888) تۆت قىتىم شىنجاڭغاكىلىپ پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ‹‹غۇلجىدىن تەڭرىتاغنىڭ ئۇ تەرپىگىچە ۋە لوپنۇرغىچە››،  «ئۇسسورىيە»، «زەيساندىن يولغا چىقىپ قۇمۇل ئارقىلىق شىزاڭ، خۇاڭخېنىڭ باش ئېقىنىغا بىرىش»دېگەن تەكشۇرۇش دوكلاتىنى يېزىپ چىقتى.  رادلوۋ  (1837-1918)مۇ شىنجاڭغاكىلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى،مەدەنىيتىگە ئائىت ماتىرىيال توپلاپ، -1893يىلى«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات »ۋە كېيىن  «سىبىرىيە»، «سىبىرىيىدىكى قەدىمقى ئىزلار»،«تۇركى تىللار دىئالىكت لوغىتىنىڭ سىناق نوسخىسى»، «ھەرقايسى تۇركى قەبىلىلەرنىڭ ئىغىز ئەدىبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «مۇڭغۇليىدىكى قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلرى»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. پوزدىنيېۋ «ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدەئومۇمىي بايان » دىگەن ئەسەرنى يازدى. گىرۇمچىۋىسكىي (1855-1926) 1885-يىلى ۋە 1891-يىلى ئىككى قېتىم شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ،« ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى »ناملىق ئۈچ توملۇق ئەسەرنى يازدى .پىرژېۋالىسكىينىڭ شاگىرتى كوزلوۋ (1863-1935)«مۇڭغۇلىيەۋە كونا پايتەخىت قاراغۇجا » ناملىق ئەسەرنى  يازدى. شۇمەزگىلدە ‹‹شەرق تارىخشۇناسلىقىنىڭ پىرى››دەپ ھېساپلانغان بارتولد (1869-1930) «مۇڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى تۇركىستان»،«يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)، «قىرغىزلار» ، «تۈركىي ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقتى بۇئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. يەنە   ئا.ن. كىروپاتكىن «قەشقەرىيە» دېگەن ئەسىرىنى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)،  گىرۇم گىرژىمايلو «جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى»دېگەن ئەسەرنى، س.ئى.مالوۋ (1880-1957) «قەدىمقى تۈركى ۋەسىقىلەر»، «سېرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە سىنتاكسىسى»، «ئالتۇن يارۇغ»،«قۇمۇل شىۋىسى»، «لوپنۇر شىۋىسى» دېگەن ئەسەرلىرىنى،   پ.ك. كوزلوف(1863-1935) «مۇڭغۇلىيەدىكى ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەر قاراخوتو» دېگەن ئەسىرىنى،     ئا.ن. بېرنىشتام (1910-1956) «ھونلار تارىخىنىڭ ئوچىرىكى»، « 6-،8-ئەسىرلەردىكى ئۇرخۇن-ئىنساي تۇركلىرىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»، «يەتتەسۇ ئارخىئولوگىيەسى»، «ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىكى تارىخى ھەقىقەت» دېگەن ئەسەرلىرىنى،   ئا.م.شىرباك «تىلشۇناسلىقتا ئالتاي قىياسى»، «شىنجاڭدىن تىپىلغان 10-،13-ئەسىرلەردىكى تۈركچە تىكىستلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىن ئوچىرىكلار»، «يېڭىدىن بايقالغان رونىكچە تىكىستلەر» دېگەن ئەسەرلىرىنى،     باسكاكوۋ  «ئالتاي تىللىرى»، «تۈركى تىللار» دېگەن ئەسەرلىرىنى،    د.ئى.تىخونوۋ «10-،14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تۇزۈمى» دېگەن ئەسىرىنى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)،   س.ۋ. كىلياشتورنى «قەدىمقى تۈرك يىزىقىدىكى ئابىدىلەر» دېگەن ئەسىرىنى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)،  ئا. گ. مالىيېۋكىن « 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇردۆلەتلىرى »(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان) ،«9-ئەسىرنىڭ كىينكى يىرىمىدىكى گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تاڭغۇتلار» ، «840-848-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە جوڭگو»  دېگەن ئەسەرلىرىنى،    ۋ.م. ناسىلىۋ  «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇرخۇن يىزىقىدا خاتىرلەنگەن تۈركى تىلدىكى يادىكارلىقلار» دېگەن ئەسەرلىرىنى،  ن. ف. كاتانوف (خاكاس تۇركلىرىدىن كىلىپچىققان) « كۇن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» دېگەن ئەسەرلىرىنى ،ياكۇبوۋىسكى« ئەرەپ، پارىس مەنبەلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى (9- 10- ئەسىرلەر) » دىگەن ئەسىرىنى، گۇمىلېيىۋ (1912-1992)«ھونلار»، «-6،7-ئەسىرلەردىكى قەدىمقى تۈركلەر» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى.   بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيتى،تارىخى ھەر تەرەپتىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، بۇ جەھەتتىكى زور بوشلۇق تولدۇرۇلدى.
 
1988- يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تىخۋىنىسكى ۋە لىتۋىنىسكىلارنىڭ باشچىلىقىدا كوللېكتىپ ھالدا  «قەدىمقى ۋە ئوتتۇرائەسىر دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ تۆت تومنى نەشردىن چىقاردى. بۇ ئەسەردە غەرپتىكى ئالىملارنىڭ شىنجاڭ ۋەئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. -1991 يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى  قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەشكىللىشىدە  كوللېكتىپ ھالدا ئىلگىرىكى بارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى» ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى يەنە بىر يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى ( بۇ ئىككى ئەسەر ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى »  دېگەن نامدا 2000-يىلى  ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىندى).
 
2.ياپونىيەدەئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
     ياپونىيەمۇ نۆۋەتتە شىنجاڭنى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش  جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت. ياپونىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى ، جۈملىدىن ئوتانى تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭدىن ناھايىتى كۆپ قەدىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىق ياپونىيە مىللىتارىزىمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈللەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يەنە ”جۇڭگوشۇناسلىق“  دەپمۇ ئاتالغان.
    ياپونىيەدە ھازىر گەرچە ”ئۇيغۇرشۇناسلىق“ دەيدىغان مەخسۇس ئىلمىي ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلارمەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كۈچلۈك ئالىملار ۋەمۇتەخەسسىسلەر بار، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى غەربىي يۇرت ـــ شىنجاڭ تەتقىقاتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ،  غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولسا غەربىي يۇرت تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى.
    ياپونىيەنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
    بىرىنچى باسقۇچ 1910- يىللاردىن 1930- يىللارغىچە بولغان دەۋربولۇپ،  بۇدەۋردە شىراتورى كۇراكىچى، ئىشىخاما جۈنتارو، ئونوگاۋا خىدېمى، خانېدا تورۇ. فۇجىتا تويوخاچى، ئىشىدا مىكىنوسۇكې قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ دەۋردىكى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى خەنزۇچە رەسمىي تارىخلارنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، بۇ جەھەتتە خانېدا تورۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق، ئۇ يالغۇز خەنزۇچە ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنى  ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى دىيىشكە بولىدۇ.
    ئىككىنچى باسقۇچ1940- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە بولغان دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە ئالدىنقى ئالىملاربىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ماسۇدا خىسائو، ئېگامى نامىئو، ئېنوكى كازۇئو، ئۇچىدا گىنپۇ، خانېدا ئاكىرا، ساكۇچى تورۇ، مورى ماسائو، يامادا سازۇئو، ئاكىرا فۇجىئېدا قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئالىملار بىرىنچى باسقۇچتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادى ،تىل- مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا يېڭى بىر سەۋىيە يارىتىپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا بولغان قىزىقىشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.
    ئۈچىنچى باسقۇچ1970- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە بولغان دەۋربولۇپ. بۇ دەۋردە ناگاساۋا كازۇتوشى،ئىكېدا ئونو، مانو ئېيجى، ياماگۇچى زۇيخوئۇ، ئۇمېمۇرا خىروشى،مورىياسۇ تاكائو، خورى نائو، خورىكاۋاگىرې، شوگايتو ماساخىرو، كۇدارا كوگى، ئودا جۇتېن، خامادا ماسامى، ئوچىئائى مورىكازۇ قاتارلىق بىر قىسىم ياش ئالىملارمەيدانغا كەلدى ، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى ياپونىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولۇپ قالدى.
   ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا خانېدا تورو (1882- 1955)ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ تارىخشۇناسلىق ۋە ۋەسىقىشۇناسلىق جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ،  « تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات » ( بۇ مۇشۇساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر) ، ‹‹ ئوتانى ساقلىغان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئىزاھ» ، ‹‹تۈركى تىلدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» ،‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹سەككىز يۈكمەك نوم بىتىگ› ھەققىدە » ، ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددانوملىرى»، ‹‹ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى‹  ساددارما پۇندارىكاسۇترا›نىڭ پارچىلىرى ››، »توققۇز ئۇيغۇرۋە ToguzOguz نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا» ، ‹‹ئۇيغۇر تىلىدىكى ئابىداراما كۇشاۋاردى شاستىرغا ئەنخۇينىڭ بەرگەن شەرھىسى ھەققىدە»، ‹‹تۇرپاندىن تېپىلغان مانىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئىستىغپار خاتىرىسىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى » ، ‹‹غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئومۇمىي بايان » ،‹‹ مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتى » ، ‹‹غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى  »(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)، ‹‹ قەدىمقى تۈرك تىلىدىكى‹ بۇدداۋاتامساكاماخاۋايپۇليا سۇترا ›نىڭ پارچىلىرى » قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.  ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېيىن « دوكتور خانېدانىڭ تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرى توپلىمى »غا كىرگۈزۈلدى.
ئىشىخارا جۈنتارومۇ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ،   ‹‹مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدە تەتقىقات››،  » قەدىمقى دۇنخۇاڭ پۈتۈكلىرى» ، ‹‹ ئۇيغۇرچەيېزىلغان بۇددا نوملىرى تەزكىرىسى » ، ‹‹ ئۇيغۇريېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرى » ، ‹‹ئۇيغۇريېزىقىدىكى پۈتۈك پارچىلىرى » ، ‹‹غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىگە دائىر ماتېرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى » قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.
بۇنىڭدىن باشقا ،   نىشى توكوجىرو (1847-1912) «ئوتتورا ئاسىيا خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسەرنى،   خىنوتسۇ تومۇ (1866-1920) «ئىلى خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسەرنى،    ماتسۇدا توشىئو(1903-1983) «كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، «ئوتتورا ئاسىيا تارىخى»، «قەدىمقى تەڭرى تېغىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى» دېگەن ئەسەرنى،   ئومىمورا خىروشى «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى تىلخەت ۋە ھۆججەتلەر توپلىمى»دېگەن ئەسەرنى،    يامادا نوبوئو(1920 – 1987)  «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ  شەرھىسى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە توختاملار توپلىمى»،«قەدىمقى ئۇيغۇرچە سودا-سېتىق توختامنامىلىرىنىڭ فورماتى»، «ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان غەربى يۇرتقا ئائىت يادىكارلىقلار»، «ئوتانى ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ مۇندەرىجىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،  مورى ماسائو (1921- يىلىدىن ھازىرغىچە) «قەدىمقى ئۇيغۇرچە قانۇن ھۆججەتلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر»،  «بۆگۈخان ۋە قۇجۇ»، «ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ تونۇلىشى»، «ئەلشىر ناۋايى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،   ئودا جوتىن «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ‹سەككىز يۇكمەك نوم بىتىگ › ھەققىدەئىزدىنىش» دېگەن ئەسەرنى،  كودارا  كوگى «شىۋىتسىيە دۆلەتلىك موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكى» دېگەن ئەسەرنى، شۇگايتو ماساخىرو «قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى»،«بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،   خامادا ماسامى «‹ زەپەرنامە› ھەققىدە» ( موللا شاكىرنىڭ كۇچا دىھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىكى ئەسرى)، «‹تارىخى ئەمىنىيە› ھەققىدە »، «‹غازات دەرمۈلۈك چىن ›ھەققىدە»،«ئىلى كىرزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «خوتەن تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،   مانۇ ئىيجى  «‹بابۇرنامە›نىڭ سىھرى كۇچى»، «‹تارىخى رەشىدى› ھەققىدە»،«بابۇر ۋە ھىرات» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،    مورىياسو تاكائو  «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان يۇەن  سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە بۇددىزىم يازمىلىرى» دېگەن ئەسەرنى، يەنە ئاساخى« ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى توپلىمى » دېگەن ئەسەرنى، شىراتورى كۇراكېچى« غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات (1- 4)» دېگەن ئەسەرنى، ئىشىدا مىكىنوسۇكې« لېكوك ئىدىقۇت قەدىمقى خارابىسىدىن تاپقان ‹تۈرك تىلىدىكى مانى دىنى ھۆججەتلىرى›نىڭ 2- قىسىمى » دېگەن ئەسەرنى، ، تارو كۇۋاتا « ئۇيغۇرلارنىڭ يىمىرىلىشى ھەققىدە تەتقىقات ›› دېگەن ئەسەرنى يازدى.
ئومۇمەن ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار شىنجاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
 
3. گېرمانىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
 
 
  گېرمانىيە نۆۋەتتە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا زورنەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، چۈنكى لېكوك، گرونۋېدىل  قاتارلىق گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىن نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ،بۇلار گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭنى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن بەزىلىرى تەتقىق قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ،يەنە بىرمۇنچىسى ئېلان قىلىنمىدى. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەھەتتە گىرمانىيە نۆۋەتتە ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. گېرمانىيەئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا تۆۋەندىكىلەرنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئىچىدە، ئالبېرت فون لېكوك تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم ھىساپلىندۇ. ئۇئېكىسپىدېتسىيەچىلا ئەمەس، يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئارخېئولوگ بولۇپ ، ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قېسىم ئەسەرلىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇ شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ئاساسىدا  تۇرپاندا ئىشلىتىلگەن قەدىمقى تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى رەتلەپ نەشىرقىلدۇردى، جۈملىدىن «قۇچۇ» (قۇچۇدىن تېپىلغان رەسىملەرتوپلىمى)، «ئوتتۇرا ئاسىيا بوددىزىمىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ــــــ تۇرپان ئېكىسپىدېتسىيىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بويۇملار »(جەمئىي يەتتە توپلام) ،«قۇچۇدىن تېپىلغان تۈركىي تىلدىكى مانىي دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەر» (جەمئىي ئۈچ توم)،«شىنجاڭنىڭ زېمىنى ۋە بۇ يەردىكى مىللەتلەر »،«قۇچۇدىن تېپىلغان مانى دىنىغا ئائىت بىر پارچە ۋەسىقىنىڭ كەمتۈك نۇسخىسى»،«تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇريېزىقى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن   ئا. گرونۋىدىل «قەدىمقى كۇچا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇردى.
گىرمانيە تۈركولوگىيەتەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى ۋىليام باڭ ئاساسەن تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇريېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1934-1929-يىللىرى ئاننى مارىيا فون گابائىن بىلەن بىللە ئالتە توملۇق «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى » ، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازدى.
داڭلىق ئالىم مۇللېر گىرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلەرنىڭ تىلى ۋەيېزىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ،  قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ 1908-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ توملۇق ئەسەر «ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى» نى يېزىپ چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئىزاھات» ، «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىككى بۇددا ئىبادەتخانىسى تۈۋرۈكىگە ئويۇلغان يېزىقلار ھەققىدە»، «مانى دىنىدىكى ئىككى پارچە مەدھىيە شېئىرىنىڭ كەمتۈك پارچىسى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.
   كېلاپرۇت گىرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» ناملىق ئەسەرنىڭ ياۋرۇپاغا تارقالغان نۇسىخىسىغا ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدەتەتقىقات ئېلىپ باردى ھەمدە 1820-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ھەققىدەتەتقىقات» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.
خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان داڭلىق تۈركولوگ ئاننى مارىيا فون گابائىن  پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان بولۇپ،  بۇ ھەقتە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان ، ئۇ پۈتۈن دۇنيائېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇستازى ۋىليام باڭ بىلەن بىرلىشىپ 6 توملۇق « تۈركچە (ئۇيغۇرچە)تۇرپان تېكىستلىرى » دېگەن ئەسەرنى ۋە « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ سامىتسو ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى›(شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى) » دىگەن ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىدى. 1941- يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى« قەدىمقى تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلى)گىرامماتىكىسى » دىگەن ئەسەرنى يازدى. كېيىن ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى  ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئىتىگە قاراتتى ھەم بۇ جەھەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈردى . جۈملىدىن 20- ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50- يىللىرىنىڭ بېشىدا « قەدىمقى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى »، « ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى»، « تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇددىزىم »، « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىسى» ، « ئوتتۇرائاسىيادا بۇددىزىم »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى »، « تۇرپاندىن بايقالغان بۇيۇملاردىكى مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش » (ئىككى توم)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىققا كىرىش » قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى.
پېتىر زىممى سابىق شەرقى گىرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ھۇسۇللۇق تەتقىقاتچى بولۇپ، 1966-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان. بولۇپمۇ ، 70-80-  يىللاردا ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولدى. ئۇ ئاساسلىقى شەرقى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسىدەساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن  شۇغۇللىنىپ، « تۈرك تىلىدا يېزىلغان مانى دىنىي ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ۋاجرا سۇتراسى›(Vajra Sutra)نىڭ كەمتۈك پارچىلىرى ھەققىدە»، « تۇرپاندىن تېپىلغان تۈرك تىلىدا يېزىلغان زارا ئاستىر دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەر»، «مۇرتۇقتىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يەر خېتى (توختامنامىسى)» ، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى»، «ئۇيغۇر خانلىقىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى دىنى ئىبادەتخانىسى ئىقتىسادىغا ئائىت ھۆججەتلەر ھەققىدە»، «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئېلىم-سېتىم ھۆججەتلىرى»،«يېڭىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قۇللارنى ئېلىپ-سېتىشقا دائىرھۆججەتلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ Lab›(ئىستىمال قىلىش دىگەن مەنىدە) دىگەن سۆز توغرىسىدا »، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىجارە-قەرزگە ئائىت ۋەسىقىلەر»،«قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇغداي قەرز ئېلىش ھۆججىتى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ قەرزنى بىكار قىلىش ھۆججىتى»، «1975-يىلىدىن بۇيان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ گېرمانىيەدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى.
كىلاۋۇس رۆھربورن ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم بولۇپ،  1981-يىلى  ۋەكىللىك ئەسىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى  ـــــ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك تىلىدىكى ماتېرىياللار »نى نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقايەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،  « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى روھنىڭ يوقۇلۇشى ھەققىدىكى ئىلتىجالار »، «تۇرپاندىن تېپىلغان سېلىشتۇرما ۋەسىقىلەر پارچىلىرى»،«جۈيۇڭگۈەن راۋىقىنىڭ ئىشك بېشىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە خەتلەر» ، «قەدىمكى تۈرك تىلدىكى‹ئالتۇن يارۇق›نىڭ پارچىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى› نىڭ 7-جىلىدى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ماقالىلەرنى يازدى.
ئومەلژان پىرىتساك دۇنياغا داڭلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم بولۇپ، 1948-يىلى«قاراخانىيلار تارىخى تەتقىقاتى» ناملىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسنى يازدى.50-يىللاردىن باشلاپ قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت مۇھىم ئۈچ پارچە ماقالىنى ، يەنى«قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە» ، «قارلۇقلاردىن قاراخانىيلارخانلىقىغىچە» ، «قاراخانىيلار خانلىقى تارىخى » قاتارلىق ماقالىلەرنى يازدى.
شارلىپ داڭلىق تۈركشۇناس ئالىم بولۇپ ، 1992-يىلى « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەسلەپكى تۈركى خەلقلەر » دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى،موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، شىنجاڭ ۋە گەنسۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى بايان قىلدى، شۇنداقلا تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرتىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىپ،  «قەدىمكى تۈركلەردە دىن ۋە تىل تارىخىنىڭ بىرلىكى»، «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ بۇددا دىنى تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭنىڭ 20-ئەسىر تۈرك تىلى- يېزىقى »، «خەنزۇتىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىدىكى ئەھۋالى» ،«گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.
    ئۇنىڭدىن باشقا ، لائۇت ئاساسلىقى ئۇيغۇر بۇددىزىم ۋەسىقىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، «سوغدى ــ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان تۈركچە قوليازما تۈزىتىلمىلىرى»، «قەدىمكى تۈرك رىۋايەتلىرىدە بۇددا دىنى تارقاتقۇچىلار ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلۇشى»، « ‹مايتىرى سىمىت› نىڭ قۇمۇل نۇسخىسىغا باھا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،  ج. ماركۋارد «قەدىمقى تۇركلەردە يىلنامە»، «كومانلار» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،    ئىمىرساك «ساك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇستىدە تەتقىقات»، «ئۇدۇن يىزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق› نومى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،  ھىېرمان ۋامبىرى  «چاغاتاي تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «سەمەرقەند تارىخى»قاتارلىق ئەسەرلەرنى، ۋارىنكى «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹kišanti qilþuluq nom bitig › ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ئەسىرىنى، ھېرمانىس «ئۇيغۇرلار ۋەئۇلارنىڭ يېڭىدىن بايقالغان ئەۋلادلىرى»دېگەن ئەسىرىنى، پىنكىس «سوڭ دەۋرىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى» دېگەن ئەسىرىنى ، ۋ. شوت «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» دېگەن ئەسىرىنى ، ۋېگىل«شىنجاڭ» (بۇ كىتاب ئۈچ قىسىم بولۇپ، 1984- 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان،ئۇيغۇرلارغا مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلار بار) دېگەن ئەسىرىنى يازدى.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ۋە نەتىجىلىرى كۆپ. بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار خېلى نۇرغۇن.
 
4. فىرانسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى   
 
  
فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ناھايتى ئۇزاق تارىخى ئەنئەنىگە ئىگە. فرانسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۈركشۇناسلىق -ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى 16- ئەسىرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. 18 -ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ فىرانسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق  تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغىنى گۇبىل  بولۇپ، ئۇ 1739- يىلى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان « موڭغۇل تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يازدى. ئارقىدىن دېگۇيگىنىس كەينى – كەينىدىن « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات »دېگەن ئەسەرنى ۋە « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى » دېگەن تۆت توملۇق كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىقتى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋىسدېلۇ  «تاتار تارىخى »نى نەشر قىلدۇردى . يەنە دۇ ھالدې « جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تاتارلار رايونىنىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخى، يىلنامىسى، سىياسىيسى ۋە تەبىئىي ئەھۋالى » دېگەن ئەسەرنى يازدى. ئارقىدىن بىرېتسچنېيدېر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسىرى « ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار »نى نەشر قىلدۇردى. يەنە دوسسان ئۇيغۇرلار تارىخىغا چېتىلىدىغان «موڭغۇل تارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » دىگەن ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى. 1820– يىلى داڭلىق شەرقشۇناس رېمۇسات ئۆزىنىڭ « تاتار تىلى تەتقىقاتى ــــ مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت تىللىرى گراماتىكىسى ۋە ۋەسىقىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات » دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلدى. شۇ يىلى پارىژدا ئولتۇراقلاشقان ئالىم كېلاپروت ئۆزىنىڭ « قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى تەتقىقاتى »دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇردى. ئۇ كىتابىدا ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلدى.   19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا  داڭلىق خەنزۇشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس چاۋانېس شىنجاڭنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋەمەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. يەنەبىر خەنزۇشۇناس كوردىر « جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى » دىگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخىنى بايان قىلدى. يەنە پائۇيېت دې كۇرتېيللې كونا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ، يەنى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى بىلەن مەخسۇس شوغۇللىنىپ، ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.
 
1890 – يىلى دۇترۇيس دې رىنىس بىلەن گرېنارد باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولدى. كېيىن گرېنارد ئۈچ توملۇق «شىنجاڭنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى » دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇردى.  كېيىن داڭلىق تۇرپانشۇناس،ئۇيغۇرشۇناس پىللىئوت ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ 1906 – ۋە 1909 – يىللىرى شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۇرپانشۇناسلىق ۋەئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.20 -ئەسىرنىڭ 30 –يىللىرى ئۇ پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان « ئېگىزلىكتىكى ئاسىيا »دېگەن ئەسىرىدە شىنجاڭنىڭ 2000يىللىق تارىخىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرىدىن بولغان « ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى » بىلەن « ئوغۇزخان رىۋايىتى »نى تەتقىق قىلدى. پىللئوت يەنە  پروفېسسور ھامبىس بىلەن 20 – ئەسىرنىڭ  70 –يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەخسۇس تېمىدىكى « غەربىي يۇرت » دېگەن چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرنى نەشىر قىلدۇردى. ئۇلار كىتابىدا رەسىم ۋە يېزىق ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىل – يېزىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. يەنە ، ئالىم گىروسسېت ‹‹يىراق شەرق تارىخى » ۋە « بوزقىر ئېمپىرىيىلىرى » دېگەن ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرتارىخىغا مۇھىم ئورۇن بەردى. داڭلىق تارىخشۇناس ھامىلتون (ئەسلى ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1974 -يىلى فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگەئۆتكەن) 1954- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار » دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئارقىدىن 1971- يىلى    «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ‹ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى› » دىگەن ئەسىرىنى،  1983- يىلى يەنە « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئىككى توملۇق بۈيۈك ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئۇ مەخسۇس ئەسەلەردىن باشقا يەنە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە « توققۇز ئوغۇز ۋەئون ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ،   سىتانسىلاس ژولىن(1797-1873) «شەرقى تۇرك تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار» دېگەن ئەسەرنى،   ئىدۋار يۇھاننىس(1865-1918) «غەربى تۈرك تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»،«مانى دىنىنىڭ جوڭگوغا تارقىلىشى» دېگەن ئەسەرلەرنى،   رېنى گىرائود (1906-1968) «تۈرك خانلىقىنىڭ مەڭگۇ تاشلىرى توغرىسىدامۇھاكىمە» دېگەن ئەسەرنى،  دابرى دې تىرسانت (1826-1893)«جوڭگو يايلاقلىرى ۋە غەربى يۇرتتىكى ئىسلام دىنى» دېگەن ئەسەرنى، مونىك مايار (ئايال تەتقىقاتچى) «كۇچادىكى قەدىمقى ئىزلار»، «غەربى يۇرتتىكى مىڭئۆي ۋە ئىمارەتلەر»، «قەدىمقى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ماددى مەدىنىيىتى» دېگەن ئەسەرلەرنى، ژان پائۇل روكس «ئالتاي تىللىق مىللەتلەردە سىرلىق ھايۋان ۋەئۇسۇملۇكلەر»، «ئالتاي تىللىق مىللەتلەردىكى ئۆلۈم-يىتىم»، «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىللىق مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى» دېگەن ئەسەرلەرنى،   بازىن « قەدىمقى تۈركلەردە كالىندارچىلىق» دېگەن ئەسەرنى،  چارلىز بولگىر «ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان) دېگەن ئەسەرنى يازدى.
ئومۇمەن،فرانسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسى پۈتكۈل تۈركشۇناسلىققا چېتىلىدۇ.   
 
  5. كورىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
     كورىيەدە شىنجاڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەمەس ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. بىرىنجىدىن، جۇغراپىيۋى جەھەتتە، كورىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارلىقى 5000 كېلومىتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مۇقەررەركى ئوتتۇرىدىكى ئالاقىنى چەكلەپ قويغان. ئىككىنجىدىن، ئۇزۇندىن بېرى شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئېدىئولوگىيە جەھەتتىكى قارشىلىقلار(دۈشمەنلىشىشلەر) كورىيە، جوڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نۇرمال ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلغان. پەقەت كورىيە بىلەن جوڭگۇ 1992-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەتتىكىلەر رەسمىي بىرىش-كېلىش قىلىشقا باشلاپ،كورىيەلىكلەر شىنجاڭغا ئەركىن كىلەلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققىتى قوزغىلىشقا باشلىغان.
    كورىيەلىكلەر ئىلگىرى شىنجاڭ ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئاساسەن جوڭگۇ يازما ماتېرىياللىرىدىن بىلگەن. 19-ئەسىردىن كېيىن ياپۇن جاھانگىرلىكى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ ئۇلار ئارقىلىق شىنجاڭنى بىلىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولغان.شۇنىڭدىن كېيىن كورىيەدىكى بىر قېسىم ئۇنۋېرسىتىتلاردا «شەرق-غەرب مەدەنىيەت تارىخى» دېگەندەك دەرسلەر تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ تارىخى دىققەتكە سازاۋەر بولغان.1990 -يىلى كورىيەدە مۇڭغۇلشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى، ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى دېگەندەك ئىلمىي جەمئىيەتلەرقۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن كورىيە ئىلىم ساھەسىدە شىمالدىكى رايونلار ۋە ئوتتۇرائاسىيا ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ خېلى جانلىنىشقا باشلىغان. كورىيەدىكى شىنجاڭ-ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:
 
     بىرىنچى،تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتە، جىن بىڭ مو ( كورىيانچە ئىسمى كىم بيۇڭ مو) « قەدىمكى كورىيەبىلەن غەربى يۇرتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»،
جىن خاۋدوڭ (كورىيانچە ئىسمى كىم خو دوڭ) «1864-يىلىدىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى جەريانى»، «14- 20-ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ ۋە كورىيە مۇناسىۋىتىگە ئائىت يازمىلار».« تۈرك-ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مەسىلە»،     «مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا»، «مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ ۋارىسلىق تالاش-تارتىشلىرىدىن شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ     ھاكىمىيەت ئالاھىدىلىكىگە نەزەر»، «زو زوڭتاڭنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ يېمىرىلىشى»،« ئوتتۇرا ئاسىيادا پىر -ئەۋلىيالارغاچوقۇنۇش ئىدىيىسى توغرىسىدا»  ،  «15-16-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى كۆچمەنلەر گورۇھىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى»، «19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قەشقەر بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»،1997«-يىلىدىكى غەربى ۋە شەرقى ئاسىيا تەتقىقاتىغا نەزەر»،
« تارىخشۇناس شاھ مەھمۇت جوراسنىڭ ‹تارىخ› ناملىق ئەسىرىدىكى تارىخ قارىشى ۋە ئۇنىڭ چەكلىمىلىكى»، « گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئوتتۇرائاسىياغا ئائىت يازما ماتېرىياللار»، « غەربى يۇرتتا پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىغا (خوجىلارنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مومكىن) بولغان چوقۇنۇش ـــــ تۇرپاندىكى ئەلپەتتاھ خوجام ھەققىدە»،« مۇسۇلمان پىر-ئەۋلىيالىرىنىڭ (خوجىلارنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مومكىن)14-16-ئەسىرلەردىكى غەربى يۇرتتتىكى پائالىيىتى توغرىسىدا»، « مۇڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى : چاغاتاي خانلىقى ئابىدىسى»،  بەن نىشۈن (كورىيانچە ئىسمى مىن بىيۇڭ خۇن)
«تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ھەققىدەقىسقىچە بايان»،« غەربى يۇرتتىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى»،« دۆلەتلىك مەركىزىي مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ئابى تاكىئو يىغما بويۇملىرى ھەيئىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئەھۋالى»،پۇجوڭپىڭ(كورىيانچە ئىسمى ۋۇ جىڭ پىك) « مۇسۇلمانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە جايلاشقان ئورۇنلىرى »، شىن باۋجى  (كورىيانچە ئىسمى شىن خيۇڭ شىك)« سىللا ۋە غەربى يۇرت»، يۈ دېشەن (كورىيانچە ئىسمى ۋۇ دوك چان)« ئىككىنجى تۈرك خانلىقىدىكى قەبىلە قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەتقىقات»،« قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا تىلغائېلىنغان Tatabi  لار ھەققىدە تەتقىقات»،« تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە تەتقىقات»، «6-7- ئەسىرلەردىكى كوگورىيۇ (كورىيە) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە تەتقىقات»،«جورجانلار ۋە ئاۋارلارنىڭ ئورتاق ئەجداد قارىشى ھەققىدە قايتا تەكشۈرۈش»،« شەرقى تۈركىستاندىكى كۆچمەن ئىمپېرىيىلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە تەتقىقات»، « جورجان تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى»، لى لەنيىڭ  (كورىيانچە ئىسمى يى ران يۇڭ) «بىرلىككە كەلگەن سىللا ۋە غەربى يۇرت»،
لى چېڭگۈي (كورىيانچەئىسمى لى چېڭ گيۇڭ) « خەن ۋۇدىنىڭ غەربى يۇرتقا يۈرۈش قىلىشى، تەختنى ئۆتۈنۈپ بىرىش، خۇاڭخى دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش ۋە يۈ،  ئوماي ئانا رىۋايىتى » ، لى لوڭفەن  (كورىيانچە ئىسمى يۇڭ بۇم فان) « كوگورىيۇ (كورىيە)نىڭ غەربى لياۋ خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تۈركلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى»،چۈەن جىڭشيەن (كورىيانچە ئىسمى كىم جىڭ شۈن)
« زو زوڭتاڭنىڭ شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇشى ھەققىدە»،چۈەن دېزەي (كورىيانچە ئىسمى كىم دوك جەي) « كورىيەلىكلەرنىڭ قەدىمكى غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ، جىڭ شۇيى(كورىيانچە ئىسمى جۇڭ سۇ يىل) « كورىيە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىنىڭ ئۇچرىشىشى»، « خۇيچاۋنىڭ غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ۋە بەش دۆلەت تەزكىرىسى»،« يىپەك يولى ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىشى ــــ ھاياتلىق ۋە دىن»،« ئىككى شائىرىنىڭ غەربى يۇرتقا ساياھىتى»،« غەربى يۇرت ھەققىدە تەتقىقات»، « كورىيە ۋە غەربى يۇرت كېيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورتاقلىق »،  « خۇيچاۋنىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى ھەققىدە تەتقىقات»،     «يىپەكنىڭ غەربكە تارقىلىشى»، دىڭ زەيشۈن (كورىيانچەئىسمى جۇڭ جەي خۇن) « دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ياغلاقار-ئۇيغۇر ئىمپېرىيەلىرى(744-795) خانلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە»،«ئۇيغۇرلارنىڭ بەشبالىققا كىرىشى ۋە ئادىئىز ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى»، « ئۇيغۇر خانلىقى تەتقىقاتىغا نەزەر»،« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى  »،« ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مانى دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرى»،« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە كۆچمەنلەرھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىللىنىشى»،« ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇن ھەققىدە»،« تۈرك خانلىقىدا تۇنيۇقۇق ئوبرازىنىڭ ئورنى»،سۈي شىياۋزى (كورىيانچە ئىسمى چۈي سو جا)« چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»،« ئىلى ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش»، خوڭ زەيشۈەن (كورىيانچە ئىسمى خۇك جەي خۇن)« تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن خەنزۇ ۋە چىگرادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
      ئىككىنچى ، تىل-مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەھەتتە ، چىن شىياۋ جىڭ(كورىيانچە ئىسمى كىم خيۇ جىڭ) « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ھەققىدە تەتقىقات»، جىن تىڭلوڭ (كورىيانچەئىسمى كىم دوڭ جو) « قەدىمكى كورىيە تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە»،«ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تىللارنىڭ (تۈرك، مۇڭغۇل، توڭگۇس ، مانجۇ ۋە كورىيان تىللىرى) بايان پېئىلى ھەققىدە سىلىشتۇرما تەتقىقات»، سۈي خەنيۈ (كورىيانچە ئىسمى چۈي خەن ۋۇ) « تارىخى سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن كورىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»،« ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنى ۋە تەتقىقات تېمىلىرى»، « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىن ۋە مىللەت مەسىلىسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇغراپىيىۋى مەدەنىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتى»،« تۈرك تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدىكى تىل ئالدى تاۋۇشىeھەققىدە»، « كورىيە تىلىغا تۈرك تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر»،   « تۈرك تىلى بىلەن كورىيە تىلىنىڭ فونتىكىلىق سىلىشتۇرمىسى»،  سۈي خېڭ يۈەن (كورىيانچە ئىسمى چۈي خيۇن ۋۇن) « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانىلىرى»،« تۈرك ۋەمۇڭغۇل تىلىدىكى رەڭنىڭ سىمىۋۇللىقى ھەققىدە» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
    ئۈچىنچى، گۈزەل سەنئەت تەتقىقاتى جەھەتتە، جۈن نىڭ بى  (كورىيانچە ئىسمى كۋۇن نيۇڭ پىل)«شۈەنزاڭنىڭ رەسىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ‹ھايۋانات ئېلىشىشى› شەكلىدىكى گۈزەل سەنئەت شەكىللىرى»،     « كورىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيىسى ۋە گۈزەل سەنئەت تارىخى تەتقىقاتى» ، جىن نەنيۈن(كورىيانچە ئىسمى كىم نام يۇم ) « بېزەكلىك مىڭئۆيىنىڭ 38-غارىدىكى مانى دىنىغائائىت تام رەسىمى ھەققىدە تەتقىقات»، ۋېن شىشۈن (كورىيانچە ئىسمى   مىنبىيۇڭ خۇن)  « شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دىنلار ۋەخارابىلەر»،« شەرق-غەرب مەدەنىيەت تارىخىدىكى ‹خىيالى سەنئەت› » ، لى رېنشۇ(كورىيانچە ئىسمى يى يىن سوك)
« ئالتۇن ۋە ئەينەك ــــ 4- 5- ئەسىرلەردىكى قەدىمكى كورىيە ۋە يىپەك يولى بويۇملىرى»، لىن لىڭئەي (كورىيانچەئىسمى  يى رىيۇڭ ئەي)« غەربى يۇرت ئويمىلىرى بويىچە شەرق-غەرب مەدەنىيەت، گۈزەل سەنئەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»، لىن فەنشاڭ (كورىيانچە ئىسمى يىم بۇم جەي) «يىپەك يولى گۈزەل سەنئەت تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان»،چىن زەيخۇي «تۇرپان  ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى نۈۋانىڭ رەسىمى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
   تۆتىنچى، كېيىم-كېچەك تەتقىقاتى جەھەتتە، جىن يوڭسەي (كورىيانچە ئىسمى كىم يۇڭ جەي) «كۈسەن كېيىم-كىچەكلىرىدىكى يۇمىلاق شەكىللىك يەڭلەر ھەققىدە تەتقىقات»،جىن روڭۋېن (كورىيانچە ئىسمى كىم يۇڭ مان) «شىنجاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى كېيىم-كىچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، «كۈسەن كېيىملىرى»،« ئوتتۇرائاسىيادىكى چاچ شەكلى ۋە باش كېيىملىرى»،« تۇرپاندىن تېپىلغان كېيىم-كىچەكلەرھەققىدە تەتقىقات»،« كىروران توقۇلما بويۇملىرى»، پۇ جىڭزى (كورىيانچە ئىسمى پارك گيۇڭ جا) « كىروران پادىشاھلىرىنىڭ كېيىم-كىچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، بۇ شيەنجۇ (كورىيانچە ئىسمى پارك خيۇن جۇ) «كۈسەندىكى بۇددىزىمچە كېيىم-كىچەكلەر ھەققىدە تەتقىقات»، يى لاڭلاۋ (كورىيانچە ئىسمى يۇن ياڭ رو)« شىنجاڭدىن تېپىلغان كېيىم-كىچەك ۋە يۇڭ  توقۇلمىلار» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
    بەشىنچى ، مۇزىكا تەتقىقاتى جەھەتتە،  ۋۇ جېنخۈەن (كورىيانچە ئىسمى ئوخ چۇل خۋان)« قەدىمكى كۈسەن مۇزىكىسى ھەققىدە تەتقىقات»،يى گۇاڭفىڭ(كورىيانچە ئىسمى يۇن گىيۇڭ بوڭ) « غەربى يۇرت مۇزىكا شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە»،  لى خۇيچۇ (كورىيانچەئىسمى يى خيې گۇ)  « كوگورىيو (كورىيە)ۋەغەربى يۇرت مۇزىكىلىرى»، چۈەن رېنپىڭ (كورىيانچە ئىسمى كىم يىڭ پيۇڭ)« ئۇيغۇرمۇقاملىرى ھەققىدە تەتقىقات»،« ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى»قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى .
     ئالتىنچى،ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى جەھەتتە،  پۇ ياڭجېن (كورىيانچە ئىسمى پارك ياڭ جىن) « جوڭگۇ شىنجاڭنىڭ مىس قوراللار مەدىنىيىتىنى تەكشۈرۈش» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى.
    يۇقىرىقىلاردىن باشقا، جىن خاۋ دوڭ (كورىيانچە ئىسمى كىم خو دوڭ) يەنە
« ئوتتۇرا ئاسىيا يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىنقىلاب ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار»  ( ئىلمىي ئەسەر) ، «سېرىق دېڭىزدىن تەڭرىتېغىغىچە» ( ئەسلىمە)،      « شىنجاڭدىكى 15 كۈنلۈك ساياھەت»( ساياھەت خاتىرىسى)، شۈي شىشۈ (كورىيانچە ئىسمى خۇخ سەي ۋۇك) « يىپەك يولى مەدەنىيىتى ساياھەتچىلىكى»(ساياھەت خاتىرىسى)،  پۇ يۈەنجى (كورىيانچە ئىسمى پارك ۋۇن گىل) « ياۋرو-ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە فولكلورى» ( ئىلمىي ئەسەر)، « ياۋرو-ئاسىيا يايلاق ئىمپېرىيەلىرىدىكى شامان دىنى» ( ئىلمىي ئەسەر)، جىڭ شۇ يىن (كورىيانچە ئىسمى جۇڭ سو يىل) « قەدىمكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»( ئىلمىي ئەسەر)، « يىپەك يولىشۇناسلىق ، ئىجادىيەت ۋە تەنقىد»( ئىلمىي ئەسەر)،« مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى تەتقىقاتى» (تەرجىمە ئەسەر)، «ھىندىستاندىكى بەش دۆلەت خاتىرىسى» (تەرجىمەئەسەر )، لى پىڭلەي (كورىيانچە ئىسمى يى پيۇڭ رەي )« مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»( ئىلمىي ئەسەر)، چۈەن نىڭبى (كورىيانچە ئىسمى كۋۇن يۇڭ پىل) « يىپەك يولىدىكى گۈزەل سەنئەت ــــــ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كورىيەگىچە»( ئىلمىي ئەسەر)، دىڭ زەيشۈن  (كورىيانچە ئىسمى جۇڭ جەي خۇن) « ئۇيغۇر كۆچمەن ئىمپېرىيەسى تارىخى (744-840)» ( ئىلمىي ئەسەر)،
يۈ دېشەن (كورىيانچە ئىسمى ۋۇ دوك چان) «مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، لى سويۇڭ «تەكلىماكان»(تەرجىمە ئەسەر)، كىم سۇكخى
« يىپەك يولى»(تەرجىمە ئەسەر)، گاۋ سۇجىن (كورىيانچە ئىسمى گو يىك جىن) « يىپەك يولى»  (ئون توملۇق ساياھەت خاتىرىسى)، ۋېن مىڭدا(كورىيانچە ئىسمى مۇن ميۇڭ دەي) « پروفېسسور ۋېن مىڭدانىڭ يىپەك يولىنىڭ جوڭگۇ بۆلىكىدىكى ساياھىتى» ( ساياھەت خاتىرىسى) ،لى گۇيتەي (كورىيانچە ئىسمى يى گيۇ تەي) « ئەلچىلەر يولى ــــ يىپەك يولى»(ساياھەت خاتىرىسى)  قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى.
ئومۇمەن، كورىيە شىنجاڭ -ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە خېلى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن بولۇپ، ھازىر خېلى ياخشى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئېھتىمال بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
 
    6.تۈركىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
 
   تۈركىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن . 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا تۈركىيەجۇمھۇرىيىتىدە ئارقا – ئارقىدىن تىل قۇرۇمى (جەمئىيىتى) ۋە تارىخ قۇرۇمى(جەمئىيىتى)نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تۈركولوگىيە تەتقىقاتى تېخىمۇ يۈكسىلىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىقمۇ ماس ھالدا خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. گەرچە ھازىر تۈركىيەدە «ئۇيغۇرشۇناسلىق»دەيدىغان مەخسۇس ئىلمىي ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان كۈچلۈك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بار. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارتەتقىقاتىنى ئومۇمىي تۈرك تەتقىقاتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرتەتقىقاتى تۈرك تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
   تۇركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان كىشى كازىمبېك ئەلى بولۇپ، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن  ئەھمەت رىفات  تۇنجى بولۇپ «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ تۇركچە نوسخىىسنى چىقىرىپ، دىۋانشۇناسلىققا ئاساس سالغان. يەنە   رەشىد رەھمەت ئارات «تۇرك تىلىدىكى تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمقى تۇرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمقى تۇرك شىئىرىيىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى باشلىغان .
     تۈركىيەدە قاراخانىلار،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت تەتقىقاتلاردا ئەڭ باشتا تىلغا ئېلىنىدىغىنى پروفېسسور، دوكتۇر زەكى ۋەلىدى توغان بولۇپ،  ئۇ «ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»دېگەن ئەسىرىدە قاراخانىيلار تارىخىغا يېتەرلىك سەھىپە ئاجراتقاندىن باشقا، «قاراخانىيلارتارىخىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر»، «قاراخانىيلار» قاتارلىق ماقالىلىرىنى يازغان.ئۇنىڭ «قاراخانىيلار» ناملىق ماقالىسى مۇشۇ ھەقتىكى خېلى ئۇزۇن ۋە مۇپەسسەل تەتقىقات ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە فۇئاد كۆپرۈلۈ «تۈركىيە تارىخى»  ۋە «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئەسەرلىرىدەقاراخانىيلار تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ۋە ئىدارە تەشكىلاتلىرى ھەققىدىمۇمقىسقىچە توختالغان.سەدرى مەقسۇدى ئارسال ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخى ۋە ھوقۇق»  ناملىق ئەسىرىدە «قۇتادغۇبىلىك»نى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەسىرى سۈپىتىدە باھالاپ، ئەسەردە قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت ئىدارىسى ۋەتەشكىلاتىغا ئائىت بەزى زۆرۈر چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۆتكەن. بۇ ئەسەردىكى«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تۈرك دۆلەت تەشكىلاتى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىشى دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر. خەلىل ئىنالجىك « ‹قۇتادغۇبىلىك ›تە تۈرك ۋە ئىران يۇرتدارچىلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەنئەنىلىرى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تۈرك ئىدارىچىلىك چۈشەنچىلىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەرنى ناھايىتى ياخشى شەرھلەپ كۆرسەتكەن.يەنە ئىبراھىم كافەسئوغلۇ «‹قۇتادغۇبىلىك› يېزىلغانلىقىنىڭ 900يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»  ناملىق ماقالىسىدە قاراخانىيلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش چۈشەنچىسىنى، بولۇپمۇ قانۇن ۋە ھوقۇق قارىشىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ بەرگەن. «تۈرك مىللى مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئائىت مەسىلىلەرنى ئېچىپ بەرگەن.ئەمەل ئەسىن «بۆرى تېكىن تامغاچ بۇغرا قارا خاقان ئىبراھىمنىڭ(1052-1068) سەمەرقەندتىكى ئابىدىلىرى» ناملىق ماقالىسىدە قاراخانىيلارنىڭ مىمارلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئەردوغان مەرچىل «مۇسۇلمان تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە قاراخانىيلارنىڭ سىياسىي تارىخىنىڭ خۇلاسىسىنى بەرگەن، ئەمما خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ھەققىدە بۈگۈنكى كۈندە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بەزى كۆزقاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. فارۇق سۈمەر«ئوغۇزلار»  ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە قاراخانىيلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، قۇرۇلۇشى، دەسلەپكى دەۋرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى بەرگەن.
رېشات گەنج «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان) ،«تۈركىي تىللار دىۋانىدىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان)»ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا،باھائىددىن ئۆگەل «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرى» ،  «تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا كىرىش» قاتارلىق ئەسەرلەرنى، ئايدىن تانەرى «تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن» دېگەن ئەسەرنى، ي . ز. كاۋاكچى «11- ۋە 12-ئەسىردىكى قاراخانىيلار دەۋرىدە ماۋەرەئۈننەھر ئىسلام ھوقۇقچىلىرى» دېگەن ئەسەرنى، ئوسمان فىكرى سەرتقايا «ئىسلامى دەۋرىنىڭ ئۇيغۇر ھەرپلىك ئەسەرلىرىگە ئومۇمىينەزەر» دېگەن ئەسەرنى، ئوسمان تۇران «سەلجۇقىيلار دەۋرى ۋە تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى»، «تۈرك جاھان ھاكىمىيەت مەپكۇرىسى تارىخى» ، «‹ئىلىگ› ئۇنۋانى ھەققىدە» ، «سەلجۇقىيلار ۋەئىسلامىيەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،مۇستافا كافالى «چاغاتاي دۆلىتى» («تۈركلەر» 8-جىلد) دېگەن ئەسەرنى، سىناش تېگىن «ئۇيغۇر يېزىقىدا يىزىلغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت يەرھۆججەتلىرى» دېگەن ئەسەرنى، ئەھمەت ئاتەش «فارابى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى» دېگەن ئەسەرنى، ئا.جافەرئوغلۇ «تۈرك تىلى تارىخى » دېگەن ئەسەرنى، ئە.مەمىش«قەدىمكى دەۋردە تۈركلەر » دېگەن ئەسەرنى،  ياشار چۇرۇھلۇ      « دەسلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى »دېگەن ئەسەرنى، ئانىل چەچەن  «تۈرك دۆلەتلىرى »دېگەن ئەسەرنى، ئوكتاي ئاسلانئاپا «تۈرك سەنئىتى » دېگەن ئەسەرنى، ئىبىراھىم ئاگاھ چۇبۇكچى «كۇلتۇر تارىخىمىزدا دىن » دېگەن ئەسەرنى يېزىپ،ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى يەنىمۇ بېيىتقان.
     ئومۇمەن،تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە خېلى زور ئۇتۇقلار قولغاكەلتۇرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسى پۈتكۈل تۈرك تەتقىقاتىغا چېتىلىدۇ.  
 
7. باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى
 
 
   يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا ، شېۋىتسىيە، ئەنگىلىيە،دانىيە، ۋىنگىرىيە،ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تۈرك-ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. بۇدۆلەتلەردىمۇ تەتقىقاتچىلار ئاساسەن شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىن تېپىلغان تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك ماتىرىياللار، يازما ماتىرىياللار ھەم شەرق ، غەرب تارىخنامىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ جەھەتتە خېلى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ دۆلەتلەردىكى تۈرك-ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:
     شىۋىتسىيەدە،    سېۋىن ھېدىن(1865-1952) «ئوتتورا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈش»،«جوڭگونىڭ غەربى شىمالىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات»، «1899-1902- يىللاردا ئاسىيانى ئىلمى تەكشۇرۇشتىن نەتىجىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ،    گۇننار يارىڭ (1907-؟) «ئوتتورا ئاسىيا ھەققىدە چۆچەك -رىۋايەتلەر»،«ئۇيغۇرشۇناسلىق»،«ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ماتىرىياللار»، «شىۋىتسىيىدىكى تۈركشۇناسلىق»،«جەنۇبى شىنجاڭدىكى شىۋىتسىيە مىسسىيونىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئېتنوگىرافىك مەسىلىلەر»، «ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەن-بەلگىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر»، «قەشقەرگە قايتا سەپەر»(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان) قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى.
     ئەنگىلىيەدە،  ئاۋرىل سىتەيىن (1862-1943 ، ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيىلىك) «غەربى رايون»،«غەربى رايون ئارخىئولوگىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى(بۇلار ئايرىم-ئايرىم بەش كىتاپ سۈپىتىدە خەنزۇچە نەشرىگە ئاساسەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى) ،  ج. كىلاۋسىن «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىللىرى تەتقىقاتى»، «13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۇركى تىللارنىڭ ئىتمولوگىيە لوغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. 1991 –   يىلى دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە « كامبىرىج : دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىچكى ئاسىيا » دىگەن ئەسەر تۈزۈپ چىقىلدى( بۇ ئەسەرگە ئاۋىستىرالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس كولىن ماككېراسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس بابى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ كىشى 1972- يىلى « ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسى »دىگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان).
     دانىيەدە،  ۋ.تومسىن(1842-1927) «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنى يىشىپ ئوقۇشتىن دەسلەپكى نەتىجە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى .
ۋىنگىرىيەدە،   ك.بروكىلمان«قەدىمقى تۇركىستان ئىتنۇگىرافىيىسى»،«مەھمۇد كاشغەرى بايانىدىكى11-ئەسىردىكى تۇركى تىللار ۋە قۇۋملار» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،   خ.ۋ. بىل «ئۇدۇن تىكىستلىرى» دېگەن ئەسەرنى،    ك. سىزىگىلد «تۇركى تىللىق ئۇرۇق- قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى بۆلۈنۈش»،«كاۋكاز ھونلىرى ۋە ئاۋارلار»، «قارلۇقلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،  د.سىنوز «تۈركچە بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ ئومومى مۇندەرىجىسى»، «5-ئەسىردە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشلىرى»،«ئۇغۇزخان داستانى ھەققىدە»، «تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى رولى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،    ن.ئىسىدۇ   «790-791-يىللىرىدىكى بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇبۇتلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى،  لېگېتى  «ئاتتىلانىڭ نەسەپنامىسى ۋەھونلاردىكى تۇنگۇس نامى»، «تۈرك تىلىنىڭ سۆزلۈك تارىخى» قاتارلىقئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى .
     ئامېرىكىدا،    جامىس ھامىلتون «بەش دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار»، «ئىككى تېگىن ھىكايىسى ھەققىدە»، « 9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى»، «9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت تۈركچە-سۇغدىچە دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى .1964-يىلى سامولىن « 12- ئەسىردىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى( ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1961- يىلى يازغان « تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى » دىگەن دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ،بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە). 1992 – يىلى  پېتىر گولدېن « تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا كىرىش» دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى ( ئۇ بۇ ئەسىرىنىڭ 6- باپىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئۈچۈن ئورۇن بەرگەن ).  
   قازاقىستاندا 2001- يىلى ئابلەت كامالوۋ يازغان « 8- 9- ئەسىردىكى قەدىمقى ئۇيغۇرلار» دىگەن ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى.
    ئۇنىڭدىن باشقا، 2000 -يىلى خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن « ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرىدىكى ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » دېگەن ئەسەر نەشىرقىلىندى. بۇ ئەسەرگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىمدىكى ماقالىلاردىن « قەدىمقى تۈركلەرنىڭ يايلاق خانلىقى»، « موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى » ۋە « گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى » قاتارلىق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ،
     ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت- مائارىپ تەشكىلاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرىدا تۈزگەن كۆپ توملۇق «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى » دىگەن ئەسەر بولۇپ ، بۇ ئەسەرنىڭ ئامېرىكىلىق ئالىم دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن 4- تومى دەل  « ئۇيغۇر خانلىقى » ۋە « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى » دىگەن قىسىمدۇر.
  پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1)  شۈ تاۋ : «ئۆكتەبىرئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى روسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى»،« شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»( خەنزۇچە) نىڭ 1994-يىللىق 3 –سانى.
(2)  لى چى: «روسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ئەسىرلىك مۇساپىسى »، « غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژورنىلى ( خەنزۇچە) نىڭ 2000-يىللىق1 –سانى.
(3)   توختى مۇزارت: « ياپونىيەنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى»،« مىللەتلەرتەتقىقاتى» ژورنىلى ( خەنزۇچە) نىڭ 1995-يىللىق 3 –سانى.
(4)   نيۇ رۇ جى:  «گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»،«  شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلى (خەنزۇچە) نىڭ 1994-يىللىق2-  سانى.
(5)   گېڭ شىمىن: « فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق »،« تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى » ژورنىلى(ئۇيغۇرچە) نىڭ2009-يىللىق1 –  –سانى.
(6)  نام ساڭ گاڭ: «كورىيەدىكى شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى » ، تيەن ۋېيجياڭنىڭ  باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن « شىنجاڭ تارىخى ۋەمەدەنىيىتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007 –يىلىخەنزۇچە نەشرى.
(7)  نيۇ رۇ جى: «شېۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە  ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»،«شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى (خەنزۇچە) نىڭ 1994-يىللىق1  –سانى.
مەنبە:  باغداش مۇنبىرى
 
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top