• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » تاتاتوڭا-موڭغۇل مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئۇيغۇر

تاتاتوڭا-موڭغۇل مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئۇيغۇر

تاتاتوڭا، 13-ئەسىردىكى داڭلىق مەدەنىيەت ئەلچىسى، يېزىق ئالىمى، مائارىپچى. تاتاتوڭا ئۇيغۇر بولۇپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى نايمان قەبىلىسى ۋە موڭغۇل دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان، موڭغۇل مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تارىخ بەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن.

     «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تاتاتوڭا ئىلگىرى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چوڭ قەبىلە __ نايمان قەبىلىسىدە تايانخاننىڭ مۆھۈر باشقۇرغۇچى ۋەزىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇل-مال، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە يەم-خەشەكلەرنى باشقۇرغان. تاتاتوڭا بىلىملىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، سۆزمەن كىشى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نايمان خان ئوردىسىدا  ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىپ، تايانخان تەرىپىدىن دۆلەت ئۇستازى دەپ ئاتالدى. 1204-يىلى چىڭگىزخان كۈچلۈك موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ بىردەمدىلا نايمان قەبىلىسىنى مۇنقەرز قىلدى. تايانخان ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرا، توقال-بانۇ، قوماندان-ئەسكەرلىرى تەرەپ تەرەپكە قېچىپ كەتتى، موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئەڭ ئاخىرىدا داڭق چىقارغان بۇ چوڭ قەبىلە شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولدى. نايمان قەبىلىسىنىڭ مۆھۈر باشقۇرغۇچى ۋەزىرى بولغان تاتاتوڭا نايمان دۆلىتىنىڭ ئالتۇن مۆھۈرىنى ئېلىپ قاچتى، ئەمما ئۇ يەنىلا موڭغۇل قوشۇنى تەرىپىدىن قوغلاپ تۇتۇلۇپ، چىڭگىزخاننىڭ چېدىرى ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. چىڭگىزخان تاتاتوڭانىڭ قابىلىيىتى بارلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولۇپ، ئۆزى سوراق قىلماقچى بولدى. چىڭگىزخان :«نايمانلارنىڭ تۇپرىقى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا تەئەللۇق بولدى، سەن ئالتۇن مۆھۈرنى ئېلىپ قېچىپ نېمە قىلماقچى؟» دەپ سورىدى. تاتاتوڭا جاۋاب بېرىپ :«ئالتۇن مۆھۈرنى ئۆلگۈچە ساقلاش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم، مەن جېنىم بىلەن بۇ مۆھۈرنى ساقلاپ بۇرۇنقى پادىشاھىم تايانخاننىڭ ماڭا بەرگەن مۆھۈر ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىمەن، مەندە قانداقمۇ باشقا ئوي-خىياللار بولسۇن!» دەپ جاۋاب بەردى. چىڭگىزخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئويغا چۆمۈپ «سەن ھەقىقەتەن بىر ساداقەتمەن ۋەزىر ئىكەنسەن!» دېدى. چىڭگىزخان يەنە :«سەن ساقلىغان بۇ ئالتۇن مۆھۈرنىڭ قانداق رولى بار؟» دەپ سورىدى. تاتاتوڭا جاۋاب بېرىپ :«دۆلەت خەزىنىسىدىن ئاشلىق ئېلىش، خان ئوردىسىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن مۆھۈرنى تامغا ئورنىدا ئىشلىتىمىز» دېدى. چىڭگىزخان تاتاتوڭانىڭ دېگەنلىرىنىڭ ناھايىتى ئاساسىي بار دەپ قارىدى. چىڭگىزخان قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدىغان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاتاتوڭانى ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلىپ، ئۇنى ئوردا ۋەزىرى ۋە خان ئوردىسىنىڭ مۆھۈر باشقۇرغۇچى ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىدى. تاتاتوڭا چىڭگىزخاننىڭ سەمىمىيلىكى ۋە جاسارىتىدىن تەسىرلىنىپ خۇشال ھالدا بۇ ۋەزىپىلەرنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاتاتوڭا چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ، موڭغۇل دۆلىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى، ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا چىڭگىزخانغا ساداقەت كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ موڭغۇل دۆلىتىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۆھۈر باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، خان ئوردىسى مۆھۈرى ئارقىلىق ھەر خىل چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى.

     13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل مىللىتى ئەمدى باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي يېزىقى يوق ئىدى. موڭغۇل ھۆكۈمدارلىرى يېزىق ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ناھايىتى ئاز تونۇپ يەتكەنلىكتىن يارلىق ئېلان قىلىش، پەرمان چۈشۈرۈشتە پەقەت ئاغزاكى تىل ياكى ياغاچ ئويۇپ، ئارغامچا بوغىدىغان ئەنئەنىۋى يېزىقلارنى ئىشلىتەتتى. كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش، ئۇرۇش ۋە ئەتراپتىكى ئالاقە جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا يېزىقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. تاتاتوڭا چىڭگىزخاننىڭ يېنىدىكى ۋەزىرگە ئايلانغاندىن كېيىن چىڭگىزخان تاتاتوڭانىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن يەنە موڭغۇل تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلدۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بىر قېتىم چىڭگىزخان تاتاتوڭادىن ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا تاتاتوڭا كەمتەرلىك قىلماي ئەمەلىيەت بويىچە جاۋاب بەردى. چىڭگىزخان ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىپ چىقىشقا بۇيرۇدى. تاتاتوڭا بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئۇيغۇر تىلى ئاساسى ۋە مول بولغان موڭغۇل تىلى بىلىملىرىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھىغا تايىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ھەرپى ئاساسىدىكى موڭغۇل ئېلىپبەلىك يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ چىقتى. ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، ئىككىسى تۈر جەھەتتە ئوخشاش يېپىشقاق تىللارغا تەۋە بولۇپلا قالماستىن يەنە زور مىقداردىكى ئوخشاش تەركىبلەر بار ئىدى، تاۋۇش سىستېمىسىمۇ ئوخشىشىپ قالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىغا ماس كەلگەن ھەرپلەر موڭغۇل تىلىغىمۇ ماس كېلەتتى. بۇ چىڭگىزخان ۋە باشقا موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىدى.

     ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقى ئۈستىدىن ئاستىغا يېزىلىپ، قۇر سولدىن ئوڭغا باشلىنىدىغان بولۇپ، موڭغۇل تىلىنىڭ خاتىرىلەش ئادىتىگە بىر قەدەر ماس كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىقى بارلىققا كەلدى، چىڭگىزخان تاتاتوڭاغا تېخىمۇ ئىشەندى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بالىسى، نەۋرىلىرى ۋە ھەر قايسى خانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنى تاتاتوڭاغا ئەگىشىپ يېڭى ئىجاد قىلىنغان موڭغۇل يېزىقىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا تاتاتوڭا موڭغۇل مىللىتى ئۈچۈن بىرىنچى تۈركۈمدىكى زىيالىيلارنى تەربىيەلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل يېزىقى ناھايىتى تېزلا موڭغۇل مىللىتى ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.


     تاتاتوڭا ئىجاد قىلغان موڭغۇل يېزىقى موڭغۇل مىللىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كەلدى. چىڭگىزخان شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا يېزىلغان پەرماننى ئېلان قىلىشقا باشلىدى، موڭغۇل ئەمەلدارلىرى يېزىق ئارقىلىق نوپۇس تىزىملاش، ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش، ئەمىر-پەرمان تۈزۈش قاتارلىقلار ئىشلارنى قىلدى. موڭغۇل قوشۇنى ئارىسىدا «پۈتۈكچى» ئەمەلدار تەسىس قىلىندى. موڭغۇل يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ۋە مىللىي ئويۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە موڭغۇللارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى. موڭغۇل يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى موڭغۇل دۆلىتى تارىخىدىكى ئىجادىيەتكە ئايلاندى. موڭغۇللارنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقى بولغاندىن كېيىن چىڭگىزخان ئاندىن «جاساق» قانۇنىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلدى. تاتاتوڭا موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ 30 يىلدىن كېيىن موڭغۇل مىللىتىنىڭ تارىخىي، ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس ئەسەر «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» يېزىق شەكلىدە بارلىققا كەلدى. موڭغۇل يېزىقى موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى. موڭغۇللار بۇ يېزىق ئارقىلىق مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خاتىرىلەپ ساقلىدى. موڭغۇل يېزىقىدا يېزىلغان تارىخىي ماتېرىياللار، ئەدەبىي ئەسەرلەر، لۇغەت-قوللانمىلار ۋە موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەر، بۇددا نوملىرى دۆلىتىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسى شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئايلاندى.

     1229-يىلى ئوگىدايخان موڭغۇل خانلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى، تاتاتوڭانىڭ خان ئوردىسىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى تۈپەيلىدىن ئوگىدايخانمۇ تاتاتوڭانى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۇنى داۋاملىق خان ئوردىسىنىڭ ئالتۇن مۆھۈرى ۋە دۆلەت خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت، قىممەتلىك يىپەك، كىمخابلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. خان ۋە تاتاتوڭا ئىككى ئائىلىنىڭ شەخسىي ئاغىنىدارچىلىقىمۇ ناھايىتى زىچ بولدى. ئوگىدايخان تاتاتوڭانىڭ ئايالىنى ئۆزىنىڭ ۋەلىئەھدىسى خالاچارنىڭ ئىنىك ئانىسى قىلدى ھەمدە تاتاتوڭاغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى.تاتاتوڭا ئۆزىنىڭ تۆت ئوغلىنى بىر يەرگە يىغىپ :«خان ئالىيلىرى سىلەرنىڭ ئاناڭلارنى شاھزادىنى تەربىيەلەشكە بۇيرۇپ، كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى بەردى، سىلەر بۇ نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالساڭلار بولمايدۇ، سىلەر ئاۋۋال شاھزادىگە بېرىشىڭلار كېرەك، شاھزادىدىن ئېشىپ قالسا ئاندىن ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ» دېدى. ئوگىدايخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ يېنىدىكى ۋەزىرلىرىگە :«تاتاتوڭا مەن ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى شاھزادىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، ئۆزىگە ھېچ نەرسە قالدۇرماپتۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئالىيجاناب، پاك-دىيانەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خان ئالىيلىرى تاتاتوڭانى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى.

     كېيىن تاتاتوڭا ئېغىر كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. 1310-يىلى يۈەن سۇلالىسى تاتاتوڭاغا «يەنمېن جۈنگوڭ» دەپ نام بەردى. تاتاتوڭانىڭ تۆت ئوغلى كېيىن موڭغۇللارنىڭ ۋە يۈەن سۇلالىسىنىڭ چوڭ ۋەزىرلىرىگە ئايلاندى.

     موڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغانلىقى ھەم موڭغۇل تىلىنى بىلگەنلىكى، جىنخەي، تاتاتوڭا قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىيون، ئۆلىمالارنىڭ ياردىمى ۋە ئىتتىپاقلىشىشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ قەلبىدىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرماستىن يەنە موڭغۇللار قۇرۇپ چىققان دۆلەتلەردىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى. خىۋە خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئەبۇلغازى باھادىرخان (تەخمىنەن مىلادى 1603-يىلىدىن 1664-يىلىغىچە) ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا «ئۇيغۇرلار ئىچىدە خېلى كۆپ كىشىلەر تۈركچە ئوقۇيالايدۇ (ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ). ئۇلار ھېسابلاش ۋە دىۋان (مۆھۈر باشقۇرۇش) باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ناھايىتى ئۇستا. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىدە ماۋرەئۇننەھر، خوراسان، ئىراق قاتارلىق جايلاردىكى مالىيە ئەمەلدارلىرى ۋە دىۋان ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار» دەپ يازغان.

     يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلاردىن قابىلىيەتلىك كىشىلەر كۆپ چىققان. ھەربىي ئالىم ئارق ھىيا، سەنچۈ (بىر خىل ئەلنەغمە) ئۇستازى گۈەن يۈەنشى، سىياسىيون، مالىيە باشقۇرغۇچى سانگې، تارىخشۇناس سارابان، مۈلكى ئەمەلدار ليەن شىشەن، ئارقۇن سار، دېڭىزچى ئىل ئىھمىش، بىناكار قەدىردىن، قۇبلاي خاننىڭ مەخپىي ئەلچىسى، جۇڭگودىكى ياۋروپانى زىيارەت قىلغان بىرىنچى كىشى لابان ساۋما، ئاگرونوم لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك)، تەرجىمان ئەنزاڭ، جالۇناداس ، مۇزىكىشۇناس ۋە رەسسام يىيېشى، بيەنلۇ،خەتتات شېڭ شىمىڭ قاتارلىق ئۇيغۇرلار يۈەن سۇلالىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي، مەدەنىيەت ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە ئىقتىسادى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

     13-ئەسىرىدىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، ئوگىداي خانلىقى، ئىلخانلىقى ۋە تېمور ئىمپېرىيەسىمۇ بىر مەزگىل ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. تاتاتوڭا ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى موڭغۇللارنىڭ تارىخى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم ئىشقا ئايلانغان. چۈنكى بۇ يېزىق موڭغۇللار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماستىن يەنە كېيىنكى موڭغۇل مىللىتى، مانجۇ مىللىتى ۋە شىبە مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. 16-ئەسىردە ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىدىن پايدىلىنىپ مانجۇ يېزىقى، شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنىپ، مانجۇ، شىبە مىللىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقى 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ، يېزىش، گىرامماتىكا ۋە تاۋۇشنىڭ توغرىلىقى جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، 800 نەچچە يىلدىن بۇيان موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭدىن تاتاتوڭا ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا يېزىقىغا بولغان تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

     شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئۇيغۇر كىشى تاتاتوڭا تەشەببۇس قىلغان مۆھۈر-تامغا تۈزۈمى ۋە ئۇ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە موڭغۇل مىللىتىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تاتاتوڭا موڭغۇل مىللىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئۇيغۇرغا ئايلانغان.

     مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى سالونى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top