• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئا.مۇھەممەتئىمىن: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى (11)

ئا.مۇھەممەتئىمىن: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى (11)

13-باب، 18-19-ئەسىر ئۇيغۇر ئىجتىمائى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئەھۋالى

«ئاراملىق خۇددى ئەنقا قۇشىنىڭ تۇخۇمىدەك غايىب بولدى.

تىنىچلىق خۇددى سۇمرۇغ قۇشىدەك كۇھىقاپنىڭ ئىچىدىن ۋەتەن تۇتتى.»

                                                                                       _مۇسا سايرامىي

1.دەۋر روھىيىتىنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى

19-18-ئەسىر ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئۇمۇمىيۈزلۈك يىلتىز تارتقان ۋە راۋاجلانغان. رۇسىيىدە كاپىتالىزم ئامىللىرى شەكىللەنگەن. پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋەئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىغا خىرىس بىلەن قاراۋاتقان، ھەتتا ئۇ يەرلەردە مۇستەملىكىلەر، يېرىم مۇستەملىكىلەر تەسىر دائىرىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن دەۋر بولدى. قەدىمكى جۇڭگۇ تەدرىجىي ھالدا غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ بوزەك قىلىش ئوبيېكتىغا، ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. ھىندىستاندا بابىرىيلەر ھاكىمىيىتى ھالاك بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ «ئۇست ھىندىيە»(شەرق-ھىندىستان) كاپىتال گوروھى ۋە مۇستەملىكە خاراكتېرلىك كاپىتالىزم ئامىللىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. روسىيە چار پادىشاھلىقى بارغانسېرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يېقىنلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارقاق فېئودال خانلىقلىرى ۋەيران قىلىنىپ، جۇڭغار ۋە خوجىلار توپىلاڭلىرى تىنچىتىلىپ، بىرقەدەر تىنىچ مەنزىرە شەكىلەندى.

بۇ دەۋرنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئورتاقلىقى ئۇيغۇرلاردا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى، ئۇنىڭ فېئوداللىق ئەنئەنىۋى قاراشلارغا قارشى دەسلەپكى كۈرەش سەھنىسىگە چىققانلىقىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى سۈپىتىدە ئويغىتىش-مەرىپەتچىلىك ئىدىيىلىرى شەكىللەندى. ئىچكى ئۆلكىلەردىن سۈرگۈن قىلىنغان خۇڭ لياڭجى، لىن زېشۈي قاتارلىقلارنىڭ جاھانگىرلىك ۋە چىڭ سۇلالىسىگە قارشى دېموكراتىك روھى شىنجاڭدا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيىگە سۈرگەن قىلىنغان رۇس دېموكراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى تەسىرىمۇ سېزىلەرلىك بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىرمۇنچە ئىلغار كىشىلىرى (مەسىلەن،ئەھمەد دانىش، ئاباي قۇنانبايوۋ، توقتۇغۇل ساتىلغانوۋ، تۈردى ئاخۇن غەرىبى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھىندىستان ۋە رۇسىيىنى كېزىپ چىقتى. بۇ ھال ئەينى زامان ئۈچۈن ئۇمۇمىي بولغان ئوتتۇرا ئەسىرچىلىك ئاسارىتىگە قارشى دېموكراتىك پىكىر يېڭىلىقلىرىنى بايقاشقا، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.

19-18-ئەسىرلەردىكى تارىخنىڭ قايناملىرىدا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى مەدەنىي ھاياتى، پەلسەپە-ئىجتىمائىي ئىدىيە ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلەر پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇلار قاتارىغا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي (1740-؟)، ئابدۇرېھىم نىزارى (1776-1849)، نورۇز ئاخۇن زىيائىي، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبىي، سەبۇرى ئەھمەد مەختۇم دانىش (1827-1897)، چۇقان ۋەلىخانوف (1835-1865)، ئىبراي ئالتىنسارى، ئاباي قۇنانبايوف (1845-1904)، بىلال نازىمىي (1825-1900)، مۇرات بەردى (1827-1900)<مۇرات بەردى-قارا قالپاق خەلقىنىڭ مۇتەپەككۇرى.> مۇقىمىي (1851-1903)، فۇرقەت (1859-1909)، توقتوغۇل ساتىلغانوف (1864-1904)، ئەۋەز ئۆتەر (1884-1919)<ئۆتەر-ئوت، يالقۇن مەنىسىدە>، موللا مۇسا سايرامىي (1836-1917)، زەۋقىي (1853-1921)قاتارلىق مەرىپەت پېشۋالىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

ئابدۇرېھىم نىزارىي، نورۇز ئاخۇن زىيائىي، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبىي قاتارلىق شائىرلار كلاسسىك خەمىسچىلىك ۋە داستانچىلىققا يېڭى روھ بېغىشلىدى. ئۇلار «مۇھەببەت داستانلىرى» ئومۇم سەرلەۋھىسىدە «پەرھاد-شىرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «مەھزۇن-گۇلنىسا»، «رابىيە-سەئدىن»، «چەھار دەرۋىش»، «مەسئۇد-دىلئارا»، «ۋامىق-ئۇزرا»، «بەھرام-دىلئارام» قاتارلىق ئشق پاجىئەلىرىنى قايتىدىن ئۆز دەۋرى روھىيىتى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقتى. بۇلار ئىچىدە «رابىيە-سەئدىن» ئەينى يىللاردىكى قەشقەردە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئىشق پاجىئەسى ئاساسىدا ئىشلەنگەنىدى. «مۇھەببەت داستانلىرى» ماھىيەتتە فېئوداللىق جاھالەتكە قىلىنغان شىكايەتنامە ۋە نەپرەتنامە ئىدى.

ئابدۇرېھىم نىزارىي تۈركۈمىدىكى ئەدىبلەر ئۆزلىرى ياشىغان مۇھىتقا مۇناسىپ ئەلىشىر نەۋائىي گۇمانىستىك ئىدىيىلىرىنى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئەسەرلەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشتى. «مۇھەببەت داستانلىرى» تۈركۈمىدىكى بىرقاتار مۇختەسەر ئىشق مۇھەببەت داستانلىرى ئەلىشىر نەۋائىي داستانلىرىنى 19-ئەسىر مۇھىتىغا قاراتمىلىق تەتبىق قىلىپ، ئەينى زامان روھىيىتىگە مەنىۋى ئوزۇق ھازىرلىدى. «پەرھاد-شىرىن» داستانىغا بىر ئۇلانما قوشۇپ، چىن خاقانى پەرھادنىڭ ئاتىسى ھوزۇرىدىكى ئىجابىي قەھرىمانلارنىڭ جەننەتتىكى «غايىۋى تۇرمۇشى»نى تەسۋىرلەپ، ياخشىلىقنىڭ يامانلىق ئۈستىدىكى غەلبىسىنى ئەپسانىۋى شەكىلدە بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئابدۇرېھىم نىزارى نورۇز ئاخۇن زىيائىينىڭ قاتنىشىشى بىلەن يازغان «چەھار دەرۋىش» داستانىدا رۇمنىڭ ئازاد بەخت ناملىق پادىشاھىغا ئۇچراشقان يەمەن سودىگىرى، چىن، ئىران، ئەجەم شاھزادىلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئادىل پادىشاھ، خەلقلەر دوستلۇقى رىشتىسى مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالدى. ئادالەت بىلەن ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ئابدۇرېھىم نىزارىي 60ياشقا يېقىنلاشقاندا، 1843-يىلى پەلسەپىۋى دىداكتىك داستان «دەھرۇن-نەجاد» (زامانە نىجادى) [بۇئەسەرنىڭ«دۇرۇن-نەجات» (ئازادلىق دۇرلىرى) دىگەنمۇ نامى بولغان]. نى يازدى. سۇئال-جاۋاب شەكلىدە داۋام قىلغان بۇ ئەسەردە ئابدۇرېھىم نىزارىي مۇقبىل روشەندىل (سائادەتلىك روشەن دىل) ناملىق دانىشمەن بىلەن مۇدبىر خۇدبىن (بەختى قارا تەكەببۇر) ناملىق مەمەدانىنى ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسۇناژ قىلىپ، دىئالوگ شەكلىدە 97 مۇئەممانى يېشىدۇ. ئۇنىڭدا: ئەقىل، ئىلىم، ئەدەپ، ئىزگۈلۈك، ئادالەت، قانائەت، ۋاپا ھۆرمەت، سەۋر-تاقەت، راستچىللىق، ساخاۋەت، بەخت-سائادەت، ھايات، ئۆلۈم، نادانلىق، كىبىرلىك، ھەسەت، زۇلۇم، تەمەخورلۇق، جاھىللىق، پاسىقلىق، ياخشى-يامان پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار، قانۇن، باراۋەرلىك، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش شەرتلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم نىزارىي بۇ ئەسىرىدە زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ تەۋسىيىسى بويىچە، دىندا باشقا دىنغا ئىبادەت قىلىپ، سىياسەتتە غەيرىي دىندىكىلەرگە خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنى توغا يېشىپ، ئەينى زامان خوجىلار تەرەپدارى سوپى-ئىشانلارنىڭ پىتنىلىرىگە جاۋاپ قايتۇرغان.

موللا خوجام نىياز مۇھەممەد نىياز كاشغەرىي، خامۇش ئاخۇن يەركەندىي، مۇھەممەد ئابدۇۋەلى كاشغەرىي، مۇھەممەدسىددىق رەشىددىي، موللا ھاجى قاتارلىق كىشىلەر تەزكىرىچىلىك، تارىخشۇناسلىق ۋە تەرجىمە ساھەسىدە كۆپلەپ خىزمەت كۆرسەتتى. ئەبۇلقاسىم پىردەۋسىينىڭ «شاھنامە»، پەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «تەزكىرەئى ئەۋلىيا» ناملىق ئەسىرى، شەمسۇلمەئالى قابۇسنىڭ «قابۇسنامە»سى، مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرى، مىرخاندنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسىرى، مىرخاندنىڭ «تارىخى خاۋەندشاھ» ناملىق ئەسىرى، مەشھۇر «كەلىلە ۋە دېمنە» قاتارلىقلار مۇشۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

زاكىرجان خالمۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت (1858-1909) ۋە ئۇنىڭ زاماندىشى مۇھەممەد ئامان خوجا مىرزا خوجا مۇقىمىي (1851-1903) ئەينى زامان شېئىرىيىتىدە تەنقىدىي رېئالىزىملىق دېموكراتىزملىق يۆنىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. فۇرقەت بۇخارادىكى كۆكۈلتاش مەدرىسىدە تەلىم ئالغاندىن كېيىىن تاشكەنت، بۇخارادا بولۇپ، 1891-يىلى 40 يېشىدا تۈركىيە، گرېتسىيە، بۇلغارىيە، مىسىر، ئەرەبىستان ۋە ھىندىستان، كەشمىلەردە ساياھەت قىلىپ، 1893-يىلى كەشمىر ئارقىلىق خوتەن، قەشقەر، يەكەن شەھەرلىرىگە كەلگەن. ئۇ بۇ يەردە ئون يىل ياشاپ، يەكەندە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ قەبرىسى يەكەندە ماكان تۇتتى.

فۇرقەت، جۈملىدىن مۇقىمىي، زەۋقىي ۋە باشقىلار شېئىرىيەتتە يېڭى ئىستېتىكىلىق يۆنىلىشكە ئاساس سالدى. ئۇلار ئەينى زاماندىكى مۇھيى، ھەزىنىي، مەفھۇم قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ «شېئىرىيەتنىڭ مەقسىتى جامائەتكە ئىلاھىيەت ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش» دىنغا ساداقەت ئىپادىلەش» دېگەن ئېستېتىك قاراشلىرىنىڭ ئەكسىچە رېئالىستىك، خەلقپەرۋەر، دېموكراتىك ئېستېتىك قاراشنى تەشەببۇس قىلىشتى. فۇرقەت مۇھيىي قاتارلىقلارنىڭ «قەسىدە دەرشىكايەتى ھەماقەتى ئەھلى زەمانە» ناملىق شېئىېرىغا قارشى «شائىر ۋە شېئىرىيەت»، «مۇزىكا ۋە مۇزىكانت»، «تىياتىر توغرىسىدا»قاتارلىق شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ رېئال تۇرمۇشنى سۆيۈشى، ھەقىقەت بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئىپادىلىشى، تۇرمۇشتىن ئايرىلماسلىقى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئېستېتىكىلىق تەشەببۇس ئىدى.

ئەھمەد مەختۇم دانىش (1827-يىلى 1897) ئەينى زاماننىڭ كۆرۈنگەن شائىرى، مەرىپەتچىسى ۋە پەيلاسوپ دېموكراتى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدېئولوگىيەسى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتتى. تاجىك خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى ئەھمەد دانىش بۇخارادا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ ئىبنى سىنا، ئۆمەر ھەييام، نەۋائىي، فۇزۇلىي، مىرزايېدىل ئەسەرلىرىنى زوقلىنىپ ئوقۇدى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيىدىكى ئۇستازى مىرزا ئابدۇلفەتاھ مۇنەججىمە ئىدى. ئاسترونومىيىلىك چۈشەنچىلەر ئۇنىڭ ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈكى ۋە ماددىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى، روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىلغار قاراشلىرىغا ئاساس سالدى.

ئەھمەد دانىش 1856-يىلىدىن باشلاپ 19-ئەسىرنىڭ 60-،70-يىللىرى بۇخارا خانلىقىنىڭ پېتربورگتىكى پوسۇلى بولۇپ تۇردى. بۇ چاغدا ئۇ غەرب ۋە روسىيە ئىلىم-پەنلىرى، بولۇپمۇ ئاسترونومىيە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر يېڭىلىقلىرى بىلەن يېقىندىن تۇنۇشتى. ئۇ پېتربورگتىكى ئىنقىلابىي دېموكرات چېرنىشىۋىسكىي «گرازدانلىق ئۆلۈمى» جازاسى بىلەن سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان پەيتتە پېتىربورگتا ئىدى. ئۇ بۇ يەردە گېرتسىن، بېلنىسكىي، چېرنىشىۋىسكىي، دوبرولىيويوۋ قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ «ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقان دېموكراتى» بولۇپ چىقتى.

ئەھمەد دانىش «تەۋادىرۇل-ۋەقائى»، «ئەمىر دانىرادىن ئەمىر ئابدىئەھەدكىچە بۇخارا ئەمىرلىكى ھەسبى ھالى (بۇخارا ئەمىرلىكى تارىخى»، «دەفتەر تەقۋىم» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تەبىئەت ۋە ئۇتوپىك جەمئىيەت قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

روھ ۋە بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئەينى زامان شارائىتىدا تولىمۇ مۈشكۈل مەسىلە ئىدى. ئەھمەد دانىش روھنى ئىككى تۈرگە ئاجراتتى. ئۇنىڭ بىرى، ئالىي مۇقەددەس، پاك ئىلاھى روھ بولۇپ، ئىككىنچى تۈرى، دۇنيادىكى شەيئىلەرگە خاس، دۇنيادىكى شەيئىلەرگە باغلىق ھالدا مەۋجۇت بولىدىغان ۋە ھالاك بولىدىغان روھتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ يۇقىرىقى ئەسىرىنىڭ 166-بېتىدە: «بۇ روھ تەندە مەۋجۇت، تەندىن تاشقىرىدا مەۋجۇت ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى. ئەھمەد دانىشنىڭ ئىككى روھ توغرىسىدىكى قارىشى زىددىيەتچان بولۇپ، ئۇ بىرىنچى خىل روھ مەسىلىسىدە ئېدىئالىستىك، ئىككىنچى خىل روھ مەسىلىسىدە ماتېرىيالىستىك چۈشەنچىدە ئىدى. ئۇ ئاتالمىش روھنىڭ ئەۋلادتتىن ئەۋلادقا كېزىپ يۈرۈش قاراشلىرىنى ئىنكار قىلدى.

ئەھمەد دانىش جىسىملارنى ئاددىي جىسىملار ۋە مۇرەككەپ جىسىملار دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلگەن. ئۇ ئاددى جىسىملار ئاسمان ۋە زېمىندا دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، يەرنىڭ شار شەكىللىك جىسىم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. مۇرەككەپ جىسىملارغا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانات دۇنياسى بىلەن مىنېرللاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى كىرگۈزگەن.

ئەھمەد دانىش يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خۇراپىي ئىللۇزىيىلەرنى رەت قىلىپ، يەر تەۋرەشكە سەۋەب بولغان نەرسە زېمىن مەركىزىدىكى ئىسسىق ھورنىڭ ھەرىكىتى دەپ قارىغان.

ئەھمەد دانىش ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى بولۇپ روسىيە ئۇتوپىك سوتسىيالىستلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تارقاتتى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ مىنىمۇم تەمىنلىشى شەرتى ئاساسىدىكى «تەڭ تەقسىماتچىلىقى باراۋەرلىكى نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، مۇشۇ مىنىمۇم تەمىنلىنىش ئاھالىنى ئارچارچىلىق ۋە ۋاقىتسىز ئاچلىق بىلەن ئۆلۈشتىن ساقلاشقا كاپالەت قىلىدىغان بولۇشى لازىم ئىدى. ئەھمەد دانىش ئۆزىنىڭ دېھقان دېموكراتلىرىچە تەڭ تەقسىماتچىلىق سوتسىيالىزمى نەزەرىيىسىنىڭ فىئوداللىق «تەركىدۇنياچىلىق»، «دەرۋىشلىك» تەشەببۇسلىرىغا تۈپتىن زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ۋە پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. مۇنداق باراۋەرلىك-تەڭ تەقسىماتچىلىق ئىدىيىسى مۇتلەق ھاكىممۇتلەقلىق شارائىتىدا فېئودالىزىمغا قارشى ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئىدىيە ھېسابلىنىدىغانلىقى روشەن ئىدى.

ئەھمەد دانىشنىڭ بۇخارا خانلىقىنى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسى ۋە تەڭ تەقسىماتچىلىق ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ «مۇقەددەس بۇخارا خانلىقى» قانلىق كۈرەشلەر ئارقىلىق چوقۇم غۇلايدۇ. دەپ ھۆكۈم قىلدى.

ئەھمەد دانىشنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان زىددىيەتچان ۋە ئىزچىلسىز بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى ماتېرىيالىستىك قىممەتلىك ئامىللار ۋە دېھقان دېموكراتىزمىغا خاس ئىنقىلابى خاھىشلار بىلەن توشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا فېئودالىزىمغا قارشى ئويغىنىشقا سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

تۈركمەن خەلقىنىڭ كلاسسىك شائىرلىرىدىن مەختۇم قۇلى (18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى)<مەختۇم قۇلى- تۈركمەنىستاننىڭ قاراقەلئە رايونىدا تۇغۇلۇپ، خىۋەدىكى شىرغارى ۋە ئىدرس بابا مەدرىسىلىرىدە، كېيىنچە بۇخارادىكى كوكۇلتاش مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، ئاستراخان، ئەزەربەيجان، ئىران، ئافغانىستانلارنى ئايلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆز مىللىي تىلىدا يازغان شېئىرلىرى تۈركمەنىستاننىڭ دېموكراتىك پىكرى ئېقىمى ۋە ئەدەبىياتقا ئاساس سالدى.>، كەمىنىي (1770-يىلى تۇغۇلغان) <مۇھەممەد ۋەلى كەمىني- مەختۇم قولىنىڭ دېموكراتىك شېئىرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ساتىرىك شەكلىدە راۋاجلاندۇرۇپ، باي ۋە نامراتلار مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.>، ۋە موللا نەپىس <موللا نەپىس_ مەرۋى يېنىدا تۇغۇلغان. مەرۋى ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئوقۇغان، كاجارلار تاجاۋۇزىغا قارشى تۈركمەن قوشۇنىغا قاتنىشىپ، جەڭدە قازا قىلغان. ئۇ لىرىك شېئىرلار ماھىرى بولۇپ، خەلق، ۋەتەن تېمىسىدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر شېئىرلارنى يازغان.> ئۆز خەلقىنى، ئۆز خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۈيلەپ، تۈركمەن خەلقى ئىچىدىكى زالىم بايلار ۋە ئالدامچى ىشان-موللىلارنى سۆكۈپ، تۈركمەن خەلقى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئارىسىدا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ قانات يېيىشىدا بىر-بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ۋە موللا نەپىسنىڭ «زۆھرە ۋە تاھىر» داستانى، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «شاھ سەنەم ۋە غېرىب» داستانى ئەينى زاماندا تۈركمەن خەلقىنىڭ مەنىۋى ئوقۇش كىتابى بولغان.

قارا قالپاق قەبىلىلىرى، 16-17-ئەسىرلەردە سىر دەرياسى ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى. ئۇلار يېرىم كۆچمەنچى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخى تاشلىمىغانىدى. كېيىنچە، بۇخارا خانلىقى تەۋەلىكىدە ھەرقايسى جايلاردىكى تارقاق جايلاشقان قارا قالپاقلار ئۆز-ئارا بىرلىشىشكە، توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا يۈزلەندى. قارا قالپاق خەلقى ئىچىدە «قىرىق قىز» داستانى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قارا قالپاق خەلقىنىڭ ئەركسۆيەر ئېتنولوگىيىلىك ئوبرازى ئىپادىلەنگەنىدى. بىردى مۇرات بىر داخ (1827-1900) ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆز دەۋىرىدىكى دېموكراتىك ۋە تەرەققىيپەرۋەر پىكىر ئېقىمىغا كىرىپ كەلدى.

2.مۇھەممەسادىق كاشغەرىي ۋە موللا مۇسا سايرامىينىڭ ئىجتىمائىي قاراشلىرى

مەختۇم ئەزەم (1461-1542)نىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىشانچىلىق ئىدېئولوگىيىسىنىڭ قانلىق تېررورلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھىدايتۇللا ئاپاق خوجا، بورھانىدىن خوجا ۋە ۋەلىخان تۆە ھەكىممۇتلەقلىقىنى كەسكىن سۆكۈشتە تەرەققىيپەرۋەر شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى خوجا جاھان باشچىلىقىدا، تەيپىڭ – تيەنگو ئىنقىلابى تەسىرىدە قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى كۈيلەشكە مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي بىلەن موللا مۇسا سايرامىينى تىلغا ئېلىش كېرەك. گەرچە بۇ ئىككى مۇتەپەككۇر شائىر ۋە تارىخشۇناس ئالىم بىر-بىرىدىن بىر ئەسىر كېيىن ياشىغان ۋە ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئورتاق خاسىيەتكە ئىگە بولغانىدى.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي 1740-يىلى قەشقەردە دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كېلىپ، قەشقەر مەكتەپلىرى ۋە مەدرىسىلىرىدە ئەينى زاماننىڭ زۆرۆرىيى بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇ ھەتتا ئىلمى نۇجۇمغا قىزىققانلىقىنى ئۇچۇر قىلغانىدى.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي ياشىغان يىللار ئاپاق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقى مىراسلىرىنى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ساتقان، يۇرتتا ئاق تاغلىق خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى كۈچىيىپ، خەلق ئىشانچىلىق ۋەھىمىسىدە بۇرۇقتۇرما بولغان، بورھانىدىن خۇجا قاتارلىقلار يېرىم ئەسىرگە يېقىن ياشىغان ۋە ئەينى زاماندا خوجا ياقۇپ ئەرشىي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان «ئالتە شەھەر» خانىلىقىنى ھالاك قىلىپ، ئەرشىي ئائىلىسىنى جاللاتلىق قىلىچى ئاستىغا باسقان. جەنۇبىي شىنجاڭنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قايتا تىنچىتقان ۋاقىتلار بولدى.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئى ئەزىزان» (ياكى تەزكىرەئى خوجىگان، 1769-يىلى تاماملانغان) ناملىق مەشھۇر ئىجتىمائىي تارىخىي ئەسىرىدە تولىمۇ چوڭ جۈرئەت بىلەن ئاپاق خوجا ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ خۇنۈك ماھىيىتى ۋە خەلققە قارشى ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خوجىلار پەيدا قىلغان «ئاق تاغ» مەزھەپ ئېقىمىنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى پاش قىلدى. نوقتىلىق ھالدا بۇرھانىدىن خوجىنىڭ يەكەن خوجا جاھان ئوردىسىدىكى غازىبەگ، نىياز بەگ قاتارلىق سەركەردىلىرىنىڭ خيانەتكارانە ساتقۇنلۇقىدا ئەلىشىر نەۋائىي ئىدىيىلىرى ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبىنىڭ ۋارىسى لىرىك شائىر ئەرشىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شائىر فۇتۇھىينى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، قارا تاغلىق مەزھىپىدە دەپ قارالغان خەلقنىڭ «قانى ئېرىق-ئېرىق ئاققان، ئاتا بالىسىدىن، ئاغا ئىنىسىدىن ئايرىلغان» ئىجتىمائىي پاجىئە ئۈستىدىن پۈتۈن نەپرىتى ۋە غەزىپى بىلەن شىكايەت قىلدى.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىينىڭ «تەزكىرەئى ئەسھابۇل-كەھف»، «زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەل ئەقائىدە»، «ئادابۇس- سالىھىن» قاتارلىق 18 پارچە ئەسەر يازغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدىي» تەبەرىينىڭ «تارىخى تەبەرىي» ناملىق ئەسىرىنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىينىڭ ئاپاق خوجا ۋە بورھانىدىن خوجا ئىشانچىلىق ۋە تېررورلۇقىغا بىلدۈرگەن قاراشلىرى قىممەتلىك تەپەككۇر ئۇتۇقى بولۇپ، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:

«كى نىسبەت بابىدا يوقتۇر بۇ خۇنخار،

كى مەن ئەۋلاد دەپ دۈشمەنگە دۇر يار.

خوجا ئەھمەد قويۇپتۇ ئوغلىغا ئات،

بۇنىڭ ئوغلى دىبان بۇرھانىدىن ئات.

مەككار كاززابىدىن فەرزەند ئولۇپتۇر،

خوجا ئەھمەد ئوغلى بەدنام ئولۇپتۇر.

قىيامەتكە بۇ بەدنامە باقىي بولدى،

شەھادەتكە ئەزىزلەر سافىي بولدى.»

«تائەتى ئانىڭ ئوغرىلىق ھەم قاراقچىلىق ھۈنەر،

ھەم ھارامخورلۇق فەزىلەت مۇخلىسى سۇلتانغا.

ھېچ قەۋمى، سادىقا، ئۇشبۇ سىفەتلىك بەرمىدۇر،

دىۋە، ھەيۋان ئار ئېتەر، بۇ شۇمنىڭ ھەر كارىغا.»

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي مىللەت بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەردىن دىنىي مەزھەپ ۋاستىسى بىلەن سەسكىنىپ خەلقنى مۇنداق تەپرىقچىلىككە سالغان ئىشانلار سۆزىنى رەت قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دەيدۇ:

«يا رەب، ئەتكىل دەفئ ھەم شەككاكى ھەم بەدخاھىنى،

تاكى بولغايلار ئىكەۋ بىرگە ئاداۋەتتىن خەلاس.»

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «تەزكىرەئى خوجىگان»، «ئادابۇس-سالىھىن» (ياخشىلار ئەخلاقى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتار غەزەل، مەسنەۋىي، مۇخەممەس، مۇسەممەن، رۇبائىي ۋە ساقىينامىلىرىدە ئىنساننى ئۇلۇغلايدۇ. ئىنساننىڭ ياخشى ياشىشى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ خاۋاتىرىسىز بولۇشى، بىر-بىرىنى ئازابلىماسلىق، ھاكىمىيەت تۇتقانلارنىڭ بىلىملىك، پەزىلەتلىك، ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا ياخشى نام قېلىشى، يامان نام قالدۇرماسلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق يازغان:

«ئالەم ئىچرە ھەر نە ئەيلەپ تا كۆتەرگىل ياخشى ئات،

كۆرگىل ئاخىر ئاخىرەتتە باقىي ئېرمەس بۇ ھايات.

گەرچە تاپساڭ نۇھ ئۆمرىكى، سۇلەيمان دەۋلەتى،

قالماغاي ئاخىرى بىر كۈن بىئەجەل، بولغۇڭ مەمات.»

ئۇ جەمشىد، پەرىدۇن، بولۇپمۇ ئەلىشىر نەۋائىي تىلغا ئالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ياخشىلىق بىلەن ياخشى نام قالدۇرغان غايىۋى لېگىندا قەھرىمانلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ.
مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي تەشەببۇسلىرىنى خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن بېزەلدۈرگەن. «دانا ھەممە يەردە ئەزىز»، «تەپەككۇر قىلساڭ خۇشال بولىسەن»، «كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەس»، «مەرد بولغاي، مەيداندا بولغاي»، «ئۆزۈڭنى شىر بىلسەڭ، ئۆزگىنى  شىرى غەرران بىل»، «ھىممەتسىز ئەرەندىن ئىت ياخشى»، «ھەممە ئىبادەتنىڭ پېشۋاسى كۈرەش» دېگەنلىرى ئۇنىڭ مىساللىرى بولالايدۇ.

مۇھەممەدسادىق كاشغەرىي يازغان «تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەر تەسىرىدە ئۇيغۇر خەلقى تەدرىجىي ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكىنىڭ ئەسلى ماھىيەتلىرىنى چۈشىنىشكە، «ئاق تاغ»، «قارا تاغ» مەزھەپ كۈرەشلىرىدىن چەتلەشكە قەدەم قويدى. بۇ ئەسەرلەر ھېلىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامىي (1836-1917) ئۇيغۇر مەرىپەتچىلىك پىكىر تارىخىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان.
موللا مۇسا سايرامىي 1836-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى شىنجاڭنىڭ باي ناھىيىسى سايرام رايونى ئاناقىز يېزىسى توغايلا كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەزىز ئەينى زاماننىڭ ئىلمىي ۋە دىنىي زاتلىرىدىن بىرى ئىدى. موللا مۇسا سايرامىي دەسلەپ ئۆز ئاتىسى مۇددەرىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىسىدە ئوقۇدى. كېيىنچە 1847-يىلى ئالىم موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتتە دىن، تارىخ، ئەدەبىيات، ئىلمى نۇجۇم، ناباتچىلىق، جۇغراپىيە ۋە ئەرەب تىلى، پارس تىلىنى ئوقۇدى. موللا مۇسا سايرامىينىڭ باي بىلىمى ۋە دۇنيا قارىشى شۇ چاغدا ئۆز ئاساسىنى تۈزگەنىدى. ئۇ 1854-يىلى 18ياشتىن ھالقىغاندا،ئۆز يۇرتىدىكى سايرام مەدرىسىسىگە قايتا كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا مۇدەرىس بولۇپ ئىشلىدى.

1864-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ كۇچا دىيارىدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلاڭچى قىسىملىرى پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى ۋە ئۈچتۈرپاندىكى قوزغىلاڭ سەركەردىلىرىدىن مەخمۇدىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئىشكئاغىسى بولدى. دېھقانلار قوزغىلىڭىنى تىنچىتقان ياقۇپ بەگنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋاقتىدا موللا مۇسا سايرامىي ئاقسۇدىكى باش زاكاتچى مىرزا بابابەگ ھىسارىينىڭ مەخسۇس مىرزىسى بولۇپ، تاكى بەدەۋلەت ھاكىمىيىتى مۇنقەرز قىلىنغۇچە ئىشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىن تۇرپانغىچە ئىلمىي ساياھەت ئېلىپ بېرىپ، كەلگۈسى ئەسەرلىرىگە مول ماتېرىيال توپلىدى. ئۇ 40يىلغا يېقىن ئاقسۇدا تۇرۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1917-يىلى 4-ئايدا 81يېشىدا ئۆز يۇرتى سايرامدا ئالەمدىن ئۆتتى. موللا مۇسا سايرامىي ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ماھىر ئەدىب سۈپىتىدە بىر قاتار قىممەتلىك ئەسەرلەر يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلار: «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيا فى مىفتا ھۇل-ئىمان» (1885)، «دەربەيانى ئەسھابۇل-كەھف» (1898)، تارىخى ئەمىنىيە»(1903)، «دىۋانى مەسنەۋىي» (1907)، «تارىخى ھەمىدىي»(1908)، «سالامنامە» (1916) قاتارلىقلار بولۇپ، يەنە «تەزكىرەئى خوجا ئاپاق»، «پەرھاد ۋە شىرىن» قاتارلىق ئەسەرلەر يازغانلىقى مەلۇم. موللا مۇسا سايرامىي مەزمۇندار، گۈزەل، ئۇيغۇرچە ۋە پارسچە شېئىرلار يازغان.

موللا مۇسا سايرامىي ئىخلاسلىق مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىرقاتار ئىلغار پەلسەپىۋىلىك ۋە ئىجتىمائىي-ئەخلاقىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قاراشلىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بارغانسېرى ئىلغارلىشىپ بارغان. موللا مۇسا سايرامىينىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىدە تارىخىي قاراش كۆرۈنەرلىك ئورۇن ئالغان.

موللا مۇسا سايرامىي ئىنسانيەت جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئاساسىي نېگىزى-پۇقرا-ئەمگەكچى خەلق دەپ قارىغان. ئۇ خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئاسايىشلىق ھاياتىنى ئەلەمنىڭ نىزامى ۋە تەڭرىنىڭ خاھىشى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇنىڭچە، پادىشاھلارنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئاسايىشلىق ھاياتىنىڭ كاپالىتى ۋە شەرتى. ئەگەر پادىشاھلار، مەيلى ئۇ نەسەب بىلەن تەختكە چىققان ياكى خەلق قوزغىلاڭلىرى ئارقىلىق سەلتەنەت تىكلىگەن بولسۇن، ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدا ۋە خەلق ئالدىدىكى بۇرچى ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈلمەيدىكەن. ئۇ ئالەمنىڭ تەرتىپى تەڭرىنىڭ رايىغا زىت چىققانلىقى تۈپەيلى غۇلايدۇ. ئورۇش ۋە قوزغىلاڭ ئوتىدا زاۋاللىققا يولۇقىدۇ. نەتىجىدە سۇزۇلغان ئادالەت خارابىسى ئورنىغا يېڭى ئادالەت نامايەندىلىرى مەيدانغا كېلىدۇ. تارىخ ئەنە شۇنداق كۆپ تەكرارلانغان بىغايەت چەكسىز شەجەرىدىن ئىبارەت.

موللامۇسا سايرامىي مۇنداق دەيدۇ: «زۇلۇمنىڭ يىلتىزى كىچىك نەرسە، لېكىن ئۇ پاتلا چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنى كىچىك چېغىدا يولۇپ تاشلاش ئاسان. مۇبادا ئۇنىڭ يىلتىزى چوڭ بولۇپ، رەسمىي قائىدىگە ئايلىنىپ قالسا، پۇقراغا زۇلۇم پەيدا بولۇپ يۇرتتىن ئىنتىزام قوزغىلىپ كەتسە، ئۇنى جايىغا ئېلىپ كېلىش ئەلۋەتتە تەس بولىدۇ»، «ئەگەر سىياسەت قىلىدىغان جايغا سۇسلۇق قىلسا، زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئەگەر سىياسەت قىلىدىغان جايغا سىياسەت قىلماي ئەپۇ قىلسا، يەنە ئوخشاشلا زۇلۇم پەيدا بولىدۇ. ئادىللىقتىن قانداق ساۋاب ۋە نەتىجە ھاسىل بولسا، سىياسەتنىمۇ ئۆز ئورنىدا جارى قىلسا، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ساۋاب ۋە نەتىجىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ. پادىشاھلارغا ئادىللىق قىلماسلىققا ئىلاجى يوق. شۇنداقلا، سىياسەت قىلماسلىققىمۇ ئەسلا چارە يوق»، «شۇڭا بارلىق پادىشاھ ۋە ھاكىملار ئادىللىق، رەھىم-شەپقەتنى ئۆزىگە كېرەكلىك بىر پەرھىز دەپ بىلىشى لازىم.»

موللا مۇسا سايرامىي تارىخ تەتقىقاتىدىمۇ ئادىللىق-راستچىللىق بولۇشنى، تارىخنى خەلقنىڭ مەنپەئىتى نوقتىسىدىن باھالاشنى، تارىخىي خەلقنىڭ مەنپەئىتى نوقتىسىدىن باھالاشنى، تارىخىي ھادىسلەرنىڭ چىن-ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ «دەربەيانى ئەسھابۇل-كەھف»، «تارىخى ئەمىنىيە»، «تارىخى ھەمىدىي» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەسھابۇل-كەھف ھەققىدىكى تارىخى بولمىغان بىر قاتار قاراشلارنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلاش ئارقىلىق، ھىدايىتۇللا ئاپاق خوجىنىڭ 1600-يىلى تۇرپانغا كېلىپ، تۇيۇق مازىرىنى ئەسھابۇل-كەھف دەپ جاكارلىغانلىقىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قاتار ئىشان-موللىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئىمامى جەئفەر سادىق»(خوتەندە)، «سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى»(ئاقسۇدا)، «ئىمام مۇھەممەد غەززالىي»(ئۈچتۈرپاندا)، «باباقەمبەر ۋەلىيۇللا»،«ئىبراھىم ئەدھەم» (كۇچادا) قاتارلىق ئەسلىي بۇ جايدا بولمىغان مازارلارنى يالغاندىن ياساپ چىققانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى تارىخىي جەھەتتە ئىنكار قىلىدۇ.

موللا مۇسا سايرامىي گەرچە دىنىي تۈستە بولسىمۇ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ خەلق ھالىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ چىنلىقىنى ئاساس قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ تارىخشۇناسلىقتىكى ئىلغار قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
موللا مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىمۇ دېھقانلار ئىنقىلابىي تەپەككۇرىنىڭ نامايەندىسىگە خاس دېھقانلار ۋە ئاشىقنى ئۇلۇغلاپ:

«جەمئى شاھ-شاھانە رۇم خەلىفە،

يەنە فەغفۇر چىنى، ىاھ مەلىكە.

ھەمەلەر دېھقان ئاشىغە تۇتار كۆز،

بۇ ۋەجھدىن ئالۇرلار غەللەنى كۈز.»

دەپ يازىدۇ. ئۇ ئىشان، ئەرەبى سەيد، ھەججى (ھاجى)لەرنى:

«كېچەلەر ئۇيۇماي «ھۇۋ-ھۇۋ»نى ئېيتىپ،

يەنە چىللە ئولتۇرۇپ تەسبىھ ئېيتىپ.

ئۆزىنى كۆرسەتىپ پىرى ھىدايەت،

ۋە لېكىن ئازغۇرۇپ يولدىن زالالەت.

بۇ كۈندە نەفىسغە قۇل ھەممە ئىشان،

قەيەردە نەفىسىنى ئۆلتۈرگەن ئىشان؟!»

دەپ شىكايەت قىلىدۇ. ئۇ:

  «بولۇڭ ياخشى، يامان ئەندىشە قىلماڭ،

يامان نىيەت قىلىپ كۆڭۈلنى بۇزماڭ.»

«مۇبادا سۆز قىلساڭ قىل تەفەككۇر،

كى ئالدى-ئارقاسىنى قىل تەسەۋۋۇر.

كۆڭۈلگە كەلدى دەپ تىلىڭغە ئالمە،

يەنە ئاش كەلدى دەپ ئاغزىڭغا ئالمە.»

«كى بۇغداي تارىغان بۇغداي ئالۇرلار،

كى ئارفە تارىسا ئارفە ئالۇرلار.

مۇكافاتى ئەمەلى ھەقدۇر، بەرادەر،

يامانغا ھەم يامان كېلۇر، بەرادەر.

كى ياخشىلىق قىلىپ دەرياغا تاشلە،

بەياباندا ئۇنىڭ ئەجرىنى ئىزلە.»

دېگەن شېئىرىي مىسرالىرىدا ياخشىلىق ۋە ئۇنىڭ ئەجرى بولىدىغانلىقى، تەپەككۇرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ ئېيتىلىشى لازىملىقى، ياخشىلىقنى دوست تۇتۇپ، يامانلىقنى رەت قىلىش قاتارلىق پىكىرلەر گەۋدىلەنگەن.
موللا مۇسا سايرامىي ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئىلغار تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي قاراشقا ئىگە تارىخشۇناسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

يۇقۇردا دىيىلگەن مازارلار توغرىسىدا ئەسكەرتمە:
          راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» دىگەن كىتابىدا، ئىمام جەئفىرى سادىق مازىرى نىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن 70كىلومىتېر يىراقلىقتىكى نىيە يېزىسى قاپاق ئاسقان كەنتىنىڭ بەش كىلومىتېر شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، «نىيە چوڭ مازىرى»، «پاششايىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىمام جەئفىرى سادىق ئەسلىي ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ 6-ئەۋلاد ئىمامى بولۇپ، مىلادىيە 765-يىلى مەدىنىدە قەتلە قىلىنغان. ئۇ خوتەن تەۋەسىگە كەلگەن ئەمەس. ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مازار شېغىللىق ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. قۇم دۆۋىسىنىڭ ئاستىدىن قەبرىگاھقىچە بولغان يول ئۈستىدە 11 ئىشىك بار، قەبرىگاھ ياغاچ قۇرۇلمىلىق، قەبرە شەكىللىك ئۆي بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە ئىمام جەئفىرى سادىقنىڭ چوڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. قەبرىگاھنىڭ ئىچى-سىرتى تۇغ-ئەلەم، تۈرلۈك لەۋھە، ھەرخىل تۆمۈر، مىس، ياغاچتىن ياسالغان بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. ئەتراپىدا مازارغا تەۋە مەسچىت بار. ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسچىت نىياز ھېكىم بەگ دەۋرىدە سېىلىنغان بولۇپ، مەسچىتنى سېلىشقا كېتىدىغان خش قەشقەر تەۋەسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنىكەن. بۇ مازارنىڭ قاچان بىنا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھەرخىل رىۋايەتلەر بار. ئۇنىڭ بىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11-ئەسىرنىڭ باشلىرى قاراخانىيلار بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇش مۇشۇ ئەتراپتا يۈز بەرگەن. ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، قارخانىيلار قوشۇنىنىڭ سەردارى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان. يەنە بىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىمام جەئفىرى سادىق ئۇدۇنغا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن كېلىپ، مۇشۇ يەردە شېھىت بولغانمىش. بۇ رىۋايەت «ئۇدۇن-قەشقەر تەزكىرىسى» ناملىق تەزكىرىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ تەزكىرىدە، ھىجىرىيە 184-يىلى جەئفىرى سادىق شەرقى ئەلنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ قەشقەرنى قايتۇرۇۋالغان، قەشقەرنى بازا قىلىپ ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلغان ۋە شۇ يەردە شېھىت بولغان… دېيىلگەن. ئاۋرل ستېين(1862-1943) ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى» ناملىق كىتابىدىمۇ شۇ بويىچە قەيت قىلىنغان. بەزى تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئىمام جەئفىرى سادىق مازىرىنىڭ ئەينى زاماندا 1000دىن ئۇشۇق قويى، 200 نەچچە تۇياق كالىسى، 100 نەچچە تۆگىسى، بىرقانچە ئون تۇياق ئېتى بولغانىكەن. مازارنىڭ شەيخلىرى 20نەچچە مازاردا يېتىپ-قوپىدىغان دەرۋىشلەر 100دىن ئاشىدىكەن.

سۇلتانىم مەھمۇد بۇزرۇكۋار قەدىمى قەبرىگاھلىقى ئۇنسۇ ناھىيىسى ئەشمە بولاق كوچىسىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان. بۇ كۆلىمى چوڭ، تارىخى ئۇزۇن بولغان قەبرىگاھلىق بولۇپ، بۇ قەبرىگاھلىق ئونسۇ شاھزادە قەبرىگاھى، خانئانام قەبرىگاھى ۋە ما جاڭجۈن قەبرىگاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەپنە قىلىنغان زات رىۋايەت قىلىنىشىچە، سۇلتانىم مەھمۇد، ئەلى، پەخرىددىن، بۈۋىھەجەرئانام، قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇلتانىم مەھمۇد بۇزرۇكۋار مەقبەرىسى ئەڭ چوڭ، باشقا تەپسىلاتلىرى «ئۇيغۇر مازارلىرى» دا تەپسىلى كىرگۈزۈلگەن.

3.ئاباي قۇنانبايوفنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى ھەققىدە

قازاق خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە مەدەنىيىتى ئالاقىلىرىدە مۇھىم بەلۋاغلىق رولىنى ئوينىغان.
قازاق خەلقى ئىدېئولوگىيە تارىخىدا ئاباي قۇنانباي ئوغلى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ئىلىمنىڭ مەلۇم ساھەسى بويىچە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىدېئولوگىيە ساھەلىرى بويىچە قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى، ئۇلۇغ شائىرى، قازاق يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ.

ئاباي ئىبراھىم قۇنانبايوف (1845-1904) ئىلگىرى قارقارا چېگرا رايونى شىفىس (شەرقى)تاغ ئېتىكىدىكى قاسقا بولاق دېگەن جايدا تۇغۇلغان. دادىسى قۇنانباي ئۆسكەنباي ئوغلى ئەينى زاماندىكى قازاق ئاقسۆڭەك باي-بەگلىرىدىن بولۇپ،  19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چار پادىشاھ تەرىپىدىن قارقارا چېگرا رايونىنىڭ ئاغا سۇلتانىلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. ئاباي قۇنانباي ئۇنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى بىلجاندىن تۇغۇلغان. ئاباي ئاكىسى تىكەجان، ئىنىلىرى ئىسھاق، ئوسپاندىن ئىبارەت تۆت ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى.

قۇنانباي ئۆسكەنباي ئوغلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئەينى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى تەرزىدە قازاق دالاسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن ساھەسىدىكى موللىلار، قازاندىن تاتار دىنىي ئۆلىمالىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاھالە ئارىسىدا ئىسلام دىنى ئىدىيىلىرىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەنىدى.
ئاباي دەسلەپ غابىدخان دېگەن تاتار موللىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن شەمەيدىكى ئەھمەد رىزا مەدرىسىدە ئوقۇدى. ئەھمەد رىزا مەشھۇر مۇتەكەللىمىن(كالامىزمچى) ئىدى. ئاباي شەمەيدە تۆت يىل ئوقۇدى. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام كالامىزمىدىن تاشقىرى يەنە تارىخ، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، پەلسەپە پەنلىرى بىلەن تۇنۇشتى. ئۇ ئەرەب، پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كلاسسىكلىرىنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇدى.
قۇنانباي ئوغلى ئاباينى 13 يېشىدىلا يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئاۋۇل باشقۇرۇشىغا ئارىلاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ ئاباينى كەلگۈسىدە ئۆزىگە ئىز باسار-ھۆكۈمران ئاغا سۇلتان قىلىشنى نىيەت قىلغانىدى.

ئاباينىڭ ئاۋۇلغا قايتىپ كېلىشى قازاق ھاياتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى بىلەن يېقىندىن تۇنۇشۇشىغا مۇمكىنلىك تۇغدۇردى. ئۆتكۈر ئەقىل، ماھىر سۆزمەنلىك، ئىنسانپەرۋەر قەلب ئاباينىڭ تېز ئارىدا خەلق تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىگە، رېئال تۇرمۇشقا باھا بېرىشىگە ئوڭايلىق ياراتتى. ئاباي 1870-يىللىرى قوڭۇر كۆشە دېگەن ئېلگە(يۇرتقا) بۇلىس (مەمۇرىي ھاكىم) بولدى. بۇ جەرياندا خەلقنىڭ نامراتلىقى، نادانلىقى، پاجىئەلىك تۇرمۇشى، بايلار ۋە بەگلەرنىڭ زورلۇق-زومبولۇقلىرىنى كۆرۈپ، تۈزىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، تۈزىتەلمىدى. 1880-يىللاردا ئۇ قۇرامىغا تولغان. 40 ياشلارغا كىرگەن بولۇپ، ھاكىم بەگلەر ۋە ھەتتا ئۆز ئاتىسى قۇنانبايدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، پۈتكۈل ئېزىلگۈچى، ئەمگەكچى قازاق خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى بولۇپ يېتىشكەنىدى. ئاباينى ئۆز دادىسىغا قارشى قويغان نەرسە، ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائى ئىككى قۇتۇپ زىددىيىتى بولدى. بۇنىڭدا ئابايغا قازاق ئەمگەكچىلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ گۇمانىستىك ئىدىيىلىرى ۋە سۈرگۈندىكى رۇس دېموكراتىكلىرىنىڭ يالقۇنلۇق سىياسى قاراشلىرى ياردەم قىلغانىدى. ئاباي غايەت زور يالقۇنلۇق ئىسيانكارلىق بىلەن، مىسلىسىز غەيرەت-شىجائەت بىلەن پاترىئارخال-فېئوداللىق ئۇيقۇدا ياتقان قازاق چارۋىچىلىرىنى ئويغىتىش ئىشىغا كىرىشتى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«ماقساتىم تىل ئۇستارتىپ شاسماق،

ناداننىڭ كۆزىن قويۇپ، كۆڭلىن ئاچماق.»

ئاباي قۇنانبايوۋ تارىخ، جەمئىيەت، چارۋىچىلىق، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە دائىر قاراشلىرىنى شېئىرلىرى ۋە ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق كەڭ بايان قىلىپ، پۈتۈن ئوي-خىيالىنى قازاق خەلقىنى ئويغىتىش ۋە ئۇنى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بېغىشلىدى.
1891-يىلى ئىنىسى ئوسپان، 1895-يىلى ھەربىي سەپتىكى ئوغلى ئابدۇراخمان(ئەبەش)ئۆلدى، 1904-يىلى يەنە بىر ئوغلى شائىر ماغاۋىيە (ماقاش) ۋاپات قىلدى. ئۇ ئافرىقا قۇللىرى ھەققىدە «مىدغات-قاسىم» ناملىق داستان يازغانىدى. ماغاۋىيىدىن 40 كۈن كېيىن خەلقنىڭ تەپەككۇر قەھرىمانى، پوئىزىيە ئەزىمىتى، ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر ئاباي قۇنانبايوۋ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى شىغىس تاغنىڭ جىددىباي دېگەن يېرىگە- ئىنىسى ئوسپاننىڭ قەبرىسى يېنىغا كۆمۈلدى.

         ئاباينىڭ دۇنيا قارىشىغا ئىسلام كالامىزمى، ئوتتۇرا ئاسىيا پانتېئىزمى ۋە ئارستوتېلدىن بېلىنىسكىيغىچە بولغان ئىلغار پەلسەپىۋى قاراشلار تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تولىمۇ مۇرەككەپ، بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىلغار قاراشلىرىنى دىنىي، پاترىئارخاللىق ئىجتىمائى قاراشلار كۆپ تەرەپلىمە چەكلىگەن. ئاباي رۇس ئىنقىلابىي دېموكراتلىرى تەسىرىدە ئەينى زامان قازاق ئىدېئولوگىيىسىدىكى «خۇدا»ۋە «تەبىئەت»،«ئالەم» ۋە «قۇدرەت»، «جان» ۋە «تەن»، «ئۆلۈم»ۋە «ھايات» قاتارلىق تەبىئەت پەلسەپىسىگە ئائىت مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە ئۇرۇندى. بۇ ھەقتە ئۇ بەزىدە ماتېرىيالىزملىق بەزىدە ئىدېئالىزملىق قاراشتا بولدى.

ئاباي پۈتكۈل ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش «خۇدا مەۋجۇت، ئۇ دۇنيانى ياراتقان دەپ قارايتتى. بۇ قاراشتىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئايرىلغان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا پانتېئىستلىرىدەك «تەبىئەت»نىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئۇ ھەممە نەرسە ھەرىكەتتە-ئۆزگىرىشتە دەرپ قارىغان. ئۇ: «دۇنيا بىر قېلىپتا تۇرمايدۇ. خۇدايتائالا ھەربىر مەخلۇققا بىر قېلىپتا تۇرماقنى بەرگەن ئەمەس»، «دۇنيا زور كۆل»، «زامان-سوققان شامال»، «ئالدىنقى دولقۇن ئاكىلار، كېيىنكى دولقۇن ئۇكىلار، نۆۋەت بىلەن كۆتۈرۈلەر» دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئاباي ناتۇرال پانتېئىزم_ دېئىزمغا خېلىلا يانداشقانىدى.

ئۇلۇغ گۇمانىست مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ئاباي ئىنساننى دۇنيانىڭ جەۋھىرى. ئەڭ ئەھمىيەتلىك قىسمى دەپ قارىدى. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەقلى، ئىنسانغا بولغان مۇھەببەت ئاباي دۇنيا قارىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆزىكىنى ھاسىل قىلدى. ئۇ: «ئادەمنى سۆي، ئاللانىڭ ھېكمىتىنى سەز» دېگىنىدە، ئاللا ھەممىنى ئادەم ئۈچۈن ياراتقان. ئادەمنى سۆيمەك ئاللانىڭ ھېكمىتى دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەينى زاماندا كەڭ تارقالغان «تەڭرىنى سۆيۈش»، «تەڭرىنى ئالەمنىڭ مەقسىتى دەپ بىلىش» ئاساسىدىكى سوپىزملىق قاراشلارنىڭ ئەكسىچە، ئىنساننى ئۇلۇغلاش، ئىنسانغا مۇھەببەتتە بولۇشنى تەكىتلەش ئىدى. ئۇ مەلۇم مەنىدە فېيېرباخنىڭ ئىنسانىي مۇھەببەت قاراشلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇ «ئادەمزاتنىڭ ھەممىسىنى باغرىم دەپ سۆي»، «ئاتا پەرزەنتى بولماي، ئادەم پەرزەنتى بول»، «ھەرىكەت قىل، پايدىسى كۆپكە تەگسۈن»دەپ خىتاب قىلغانىدى.

ئاباي ئىنساننىڭ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇشۇ دۇنيادا راھەتكە ئېرىشىش ھوقوقى بارلىقىىنى تىلغا ئالغان. ئۇ غەيرەت، يۈرەك، ئەقىل ئادەمنىڭ ئاساسلىق خاھىشى دەپ قارىغان. ئۇ، غەيرەت مەقسەتكە يېتىشكە ئۈمىدلەندۈرىدۇ. يۈرەك(قەلب)ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىكنى پەرقلەندۈرىدۇ. سىزىم ۋە ئەقىل بىلەن ئادەم ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ. سېزىم ۋە ئەقىل دۇنيانى بىلىشنىڭ ئىككى باسقۇچى دەپ قارىغان. ئۇ ئەقىل بىلەن ئەقلىي بىلىشنىڭ ھەقىقەت ۋە ساختىلىقىنى ئايرىشتىكى رولىنى ئاشۇرۇپ، راتسىئۇنالىزملىق خاھىشنى ئىپادىلىدى.

ئاباينىڭ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىغا ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە سىنىپى كۈرەش قاراشلىرى شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىستىخىيلىك تەرزدە مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئاساسىي ئىگىلىك بولغان چارىۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۆرلۈكىنى چۈشەنگەن. ئۇ «ئاچتا ئەقىل كەم بولىدۇ» مائارىپ ئۈچۈن ئاۋۋال بېيىش كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە، بىلىم موللا بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، جەمئىيەتنى پاراۋان قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاباي بايلار ۋە گادايلار، ئەمگەكچىلەر ۋە ھارامتاماقلارنىڭ پەرقىنى سەزگەن. بۇ ئەينى زاماندىكى كونكرېت ھېسسىي رېئاللىق ئىدى. ئۇ ئەمگەككە تايىنىپ ياشاشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ:

«ئۆسەك-يالغان، ماختانچاق،

ھورۇن، بىكار، مال چاچماق.

بەش دۈشمەندۇر بىلسىڭىز،

تەلەپ، ئەمگەك، تېرەن ئوي،

قانائەت، رەھىم ئويلاپ قوي،

بەش ئېسىل ئىش كۆنسىڭىز.»

دېگەنىدى.  ئۇ ئادالەتسىزلىك، زوراۋانلىققا قارشى تىنماي كۈرەش قىلدى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تەڭسىزلىكى، ئۇلارنىڭ «قالىڭ مالغا ساتۇ» پاجىئەلىك تەقدىرگە مۇپتىلالىقى توغرىسىدا كۆپ قايغۇردى. ئۇ ئەركىن مۇھەببەتنى «ئاشىقلىق»نى تەشەببۇس قىلدى. ئاباي پۇشكىننىڭ «يېۋگېنى ئۇنىگىن» داستانىنىڭ بىر قىسمىنى قازاقچىغا تەرجىمە قىلدى. ئاباينىڭ ئىجتىمائىي زۇلۇمغا قارشى قۇرالى زامانداشلىرىنى زوراۋانلىقتا تەنقىدلەپ، گۇمانىزمغا، ئىجتىمائى مېھرىبانلىققا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاباينىڭ گۇمانىزملىق مېھىربانلىق تەشەببۇسلىرى ئۇنىڭ ئېزىلگۈچى قازاق نامرات چارىۋىچىلىرىنىڭ مۇتەپەككۇرى، كۈيچىسى، ھامىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئادەمگە مال-دۇنياسىغا قاراپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنسانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى، باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاباي مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ئۈچ نەرسىنى قاتتىق سۆكتى. بۇلار: نادانلىق، ھورۇنلۇق، زالىملىقتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇ، مائارىپ ئىنساننى نادانلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، گادايلىقتىن، قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر دەپ قارىغان. ئۇ خەلقنى ئاقارتىشقا شۇنداق ئىنتىلگەنىدىكى، بۇ ئىشتا دىنىي ئەقىدىلەر ، خۇراپىي ئىسكەنجىلەرنى سۆكۈپ، ئىلىمنى، ئەقىلنى ئۇلۇغلىدى. ئۇ قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، «ئىنترنات»(دارىلئېتام) شەكىلدىكى مەكتەپ تۈزۈمىنى كۆپرەك تىلغا ئالدى. ئۇنىڭچە، مائارىپ ئۇمۇملاشقاندىن كېيىن، قازاق ھاياتىدا يېڭى قىياپەت مەيدانغا كېلەتتى.

ئاباي ئەخلاق-پەزىلەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا كۆپ توختالدى. ئىلىم سۆيۈش، ياخشى، پاكىز، رەتلىك كىيىنىش، مۇئامىلىدە قىزغىن، سىلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ماھىرلىق، ناتىقلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئۆز خەلقىدىكى بارلىق ناچار ئىللەتلەرنى رېئالىستىك ھالدا تۇلۇق پاش قىلىپ، ساتىرىك قامچىلاپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئىللەتنى تاشلاپ، پەزىلەتنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. بىز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ بۇ نوقتىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىللەتلىرىدىن پەخىرلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئاباي قازاق ئەدەبىي تىلى ۋە شېئىرىيىتى ئۈچۈن باھاسىز ئەمگەك سىڭدۈردى. ئۇ: شائىر قۇرالى تىل، شائىر سۆز پادىشاھى، ئۇنىڭ شىئىرلىرىنىڭ سىرتى كۆمۈش، ئىچى ئالتۇن بولمىقى لازىم دەپ قارىغانىدى. ئۇ بېلنىسكىي قاتارلىق رۇس ئىنقىلابىي دېموكراتلىرىنىڭ تەسىرىدە، شېئىرىيەتنىڭ رېئالىزمى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئېتىش، خەلق تەقدىرىگە كۆيۈنۈش، ئىجتىمائىي چىرىكلىكلەر بىلەن رەھىمسىز كۈرەش قىلىش قاتارلىق يېڭى ئېستېتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان ۋە ئۇنى قازاق شېئىرىيىتىگە تەتبىق قىلغانىدى. ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى. ماقال-مەتلەلەر بىلەن ئۆز تىلىنى بېزەلدۈردى.

ئاباي رۇس دېموكراتىك شېئىرىيىتى ۋە كىرىلوف مەسەللىرىنى تەرجىمە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلدى. ئۇ يەنە كۆرۈنگەن مۇزىكانت ئىدى.
ئاباينىڭ ئەسەرلىرى 1909-يىلى پېتىربۇرگتا «قازاق ئاقىنى ئىبراھىم قۇنانباي ئوغلىنىڭ ئۆلەڭدەرى» نامىدا ئەرەب يېزىقىدا قازاقچە نەشر قىلىندى. 1918-يىلى «ئاباي»نامىدا ژورنال نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قىرغىز، قارا قالپاق، تۈركمەن، موڭغۇل، خەنزۇ، چېخ تىللىرىدا نەشر قىلىندى.
ئاباي قۇنانبايوۋ 19-ئەسىر قازاق خەلقىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر شائىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ جۈملىدىن دۇنيا خەلقلىرىنىڭمۇ ئۇلۇغۋار شەخس ھېسابلىنىدۇ. روشەنكى، ھەربىر خەلقنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىشىسى، ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىشلىرىدىن بىرى بولۇش لاياقىتىگە ئىگە، ئەلۋەتتە.

قازاق خەلقى مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسى تارىخىدا ئاباي قۇنانبايوفتىن ئىلگىرى بىر قاتار كۆرۈنگەن مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئۆتكەنىدى.
قادىر غەلى كۆسۈن ئوغلى جالائىر (1510-1605) تۇنجى قېتىم قازاق ئەدەبىي تىلىدا ئۆزىنىڭ مەشھۇر «جەمغەت تاۋارىخ» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققانىدى.
چۇقان ۋەلىخانوف (1835-1865)قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق جۇغراپىيىچىسى – ساياھەتچىسى سۈپىتىدە «ئىسسىقكۆل ساياھەت خاتىرىلىرى»، «ئۇلۇغ ئوردا قازاقلىرىنىڭ تارىخىي لېگىندىلىرى ۋە رىۋايەتلەر»، «قىرغىزلار ھەققىدە مەلۇمات» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.

ئىبراي (ئىبراھىم) ئالتىنسارىي (1847-1889)قازاق خەلقىنىڭ ئەڭ كۆرۈنگەن مائارىپچىسى _ مەرىپەتچى شائىر سۈپىتىدە «مەكتۇبات» (1896-يىلى قازاندا نەشر قىلىنغان)، «قازاق خروستوماتىيىسى» (1906-يىلى ئورۇنبورگتا نەشر قىلىنغان) ۋە «ئۆلەڭدەر جىناغى» (شېئىرلار توپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ قازاق خەلقىنىڭ پېداگوكى ۋە جامائەت ئەربابى سۈپىتىدە ئۆز ئۆمرىنى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

4. توقتوغۇل ساتىلغانوفنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى ھەققىدە

توقتوغۇل ساتىلغانوف (1864-1933) 19-ئەسىر قىرغىز دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ ۋە ئىنقىلابىي رېئالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئەينى زامان كونسېرۋاتىپ-ئاقسۆڭەك ئۇرۇقداش پاترىئارخاللىق ئىدىيىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن قەيسەر ئەزىمەت، كۆرۈنگەن كومپيۇزىتور مۇزىكانت.

توقتوغۇل ساتىلغانوفنىڭ جەڭگىۋار پوئىزىيىسى ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتىك پائالىيەتلىرى قىرغىز خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆركەشلىگەن جاھان مىقياسىدىكى دېموكراتىك دولقۇندا ئويغانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كونا ئورۇقداشلىق تۈزۈمى ۋە زولۇمغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

توقتوغۇل ساتىلغانوف دەسلەپكى «جىر» _ شىېئىرلىرىدىلا خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن «بۇلبۇل» دەپ سۆيۈپ قارشى ئېلىنغانىدى. ئۇ خەلقنى، ئۇلارغا بولغان پاك مۇھەببەتنى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەخت-سائادىتىنى كۈيلىدى. ئۇ مۇنداق يازغان:

«خەلقىمنىڭ ئىجادىدۇر مېنىڭ،

ھەقىقىي قوشاق-ناخشىلىرىم.

ئۇ كۈچلۈك-تاغلاردىن ئاشار،

ئۇ چەكسىز-دېڭىزدەك چايقىلار.

قۇلاق سال، دوستۇم، ئەگەر،

ئاڭلاشقا قەلبىڭ خالار.»

توقتوغۇل ساتىلغانوف چار پادىشاھنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ئاقسۆڭەك باي رىسقۇلبېك ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچىلىرىنىڭ خەلقنى قۇلدەك ئېزىشىگە قارشى ئىسيانكار شېئىرلىرى بىلەن خەلق ئىچىگە تۇنۇلدى. ئۇ «بەش كەمەن»، «ئىشان خەلىپە» (ئېشىن قالپا) قاتارلىق ساتىرىك شېئىرلىرىدا رىسقۇلبېكنىڭ بەش ماناپ دەپ ئاتالغان قولچۇماقچىلىرى ۋە ئاچكۆز، ئىككى يۈزلىمىچى موللا-ئىشانلىرىنى پاش قىلىپ، ئېزىلگۈچى ئامما ۋە يېتىم-يېسىرلارغا ھامىيىلىق قىلدى. بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان دېموكراتىيە بورانلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ئىلھام بېغىشلىدى.

بۇ ھال رىسقۇلبېك ۋە بايلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 1898-يىلى ئەندىجان قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ باھانىدە ئۇنى ئەندىجان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان دەپ قولغا ئالدۇردى. ئۇلار توقتوغۇلغا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشنى ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، خەلق غەزىپىنى ھېسابقا ئېلىپ سىبىرىيىگە يەتتە يىل سۈرگۈن قىلدى. ئۇنىڭ «خوش ئېلىم!»، «خوش ئاپا!» دېگەن شېئىرلىرى شۇ مەزگىلدە يېزىلغان.
توقتوغۇلنىڭ 34يېشىدا سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا مۇھىم بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى. ئۇ قىرغىز دالا-جىلغىلىرىدىن پۈتۈن دۇنياغا ئۆز نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنىدى. ئۇ سىبىرىيىدە كۆپ مىللەت مۇنەۋۋەر دېموكراتلىرى بىلەن تۇنۇشتى، ئۇ ھەممە ئېزىلگۈچىلەرنىڭ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇنىڭغا سىنىپىي ۋە ئىنتېرناتسىئۇناللىق قاراش غايەت زور كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىشەنچ- جاسارەت بېغىشلىدى. «قازاق يېرىدىكى ئىر»، «سۈرگۈندە يۈرگەندە»، «تۈرمىدىكى ئارمانلار» قاتارلىق شېئىرلار شۇ مەزگىلدە يېزىلغان. ئۇ مۇنداق يازغان:

«قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك،

ئورۇس بىلەن نوغاي ھەم.

قارىسام ئادەم كۆپ دېمەك،

ماڭا ئوخشاش چەككەن غەم.»

توقتوغۇل ساتىلغانوف سىبىرىيىدىن قاچقاندا تۇتۇلۇپ، يەنە 25 يىللىق كېسىلگەندە، سېمىن ۋە خارتون قاتارلىق دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا قېچىپ، قىرغىزىستانغا كەلگەن. ئۇنىڭ «ئىڭسېگەن ئېلىم ئامانبا» (سېغىنغان يۇرتۇم ئامانمۇ) دېگەن شېئىرى شۇ جايدا يېزىلغان.
توقتوغۇل ساتىلغانوف قىرغىز چارۋىچىلىرى ئارىسىدا ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىپ، نۇرغۇن سىياسى لىرىكا ۋە سىياسى ساتىرىك شېئىرلار يازدى. ئۇ تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلابىي، گۇمانىستىك ۋە دېموكراتىك، ئىنتېرناتسىئونالىزملىق روھقا تولغان شېئىرلىرى بىلەن قىرغىز رېئالىستىك شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ۋەكىلى، قىرغىز دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ يېتىلدى. ئۇ 1913-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدىكى جىددىي يىللاردا قايتا قولغا ئېلىنىپ، نەمەنگان تۈرمىسىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئويغانغان خەلقنىڭ نارازىلىقى بىلەن ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.

توقتوغۇل ساتىلغانوف مۇتەپەككۇر-دېموكرات سۈپىتىدە ئەينى زاماندا قىرغىز جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان پاترىئارخاللىق ۋە ئۇرۇقداشلىق تەرتىپىنىڭ يىمىرىلىشىگە تەرەققىيپەرۋەرلىك نوقتىئىنەزىرىدىن مۇئامىلە قىلدى. بۇ ھال توقتوغۇل ساتىلغانوف ۋە ئۇنىڭ پىكىرداشلىرىدىن تۆگۈلۈك مولدا قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇقداشلىق پاترىئارخاللىقنىڭ ھامىيىلىرى بولغان قالىغول باي ئوغلى (1785-1885)، ئارستانبېك بويلۇش ئوغلى(1824-1874)، مولدا قىلىچ شامىرقانوف(1866-1917) قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئىدىيەۋى كۈرەشنى كۈچەيتتى. ئۆزلىرىگە «زامانچىلار» دەپ نام بېرىۋالغان بۇ كونا زامان تەرەپدارلىرى «ئاخىر زامان»، «تار زامان»، «زار زامان» دېگەن ئەسەرلەر يېزىشتى. ئۇلار يېڭىلىق تەرەپدارى بولغان زامانچىلار بولماستىن، بەلكى زامان مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالدى.

قالىغۇل باي ئوغلى «ئاخىر زامان» ناملىق ئەسىرىدە، قىرغىز پاترىئارخال جەمئىيىتىگە تەسىر قىلىۋاتقان كاپىتالىستىك سودا، تاۋار مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى توغرا ئىزاھلىمىدى. ئۇ بۇنىڭدىن «قىيامەت بېشارىتى» دېگەن غەيرىي ئىلمىي يەكۈن چىقاردى. ئۇ پۇل مۇئامىلىسى قەغەز ئاقچىلار بالا-قازا تېرىيدۇ، بۇزۇقلۇق ئالەمنى قاپلايدۇ. مىللى ئەنئەنە بۇزۇلىدۇ. ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان ئۇرۇقداشلىق سېستىمىسى بۇزۇلىدۇ. بالىلار ئاتىلارغا، قۇللار بايلارغا، پۇقرا يۇرت كاتتىلىرىغا دۈشمەن بولىدىغان زامان كېلىدۇ. ھەممە نەرسە چېكىدىن سۆكۈلۈۋاتىدۇ. مانا بۇ «ئاخىر زامان» دېگەننى تەشۋىق قىلدى.

ئارستانبېك بويلۇش ئوغلى: ئۆتكەنكى ئەنئەنىلەرگە نەزەر سالساق، خاتاسى يوق، بولغۇسى ئىشلارغا نەزەر سالساق، ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ. بارغانچە تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە باي بىلەن گاداي، بەگ بىلەن قۇل ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يوق ئىدى. بۇ ھال بۇزۇلدى. دەيدۇ. ئۇ ئەينى زاماندىكى قەشقەردىكى دىنىي ئاقسۆڭەكلەر ھاكىممۇتلەقلىقىنى قىرغىز خەلقى ئارىسىدا بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇ ئۆز ئەسىرىگە مۇشۇ نوقتىدىن «تار زامان» دەپ نام قويغان.

مودا قىلىچ شامىرقانوف فېئوداللىق- پاترىئارخاللىق- دىنىي ھاكىممۇتلەقلىقنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ «زار زامان» ناملىق ئەسىرىدە 1910-يىلىقى يەر تەۋرەشنىڭ قىرغىز خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە روھىيەت جەھەتتىكى خۇراپىي قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خۇراپىي كونسېرۋاتىپ قاراشلىرىنى كۆپلەپ بازارغا سالغان.

«زامانچىلار»نىڭ ۋەھىمىلىك ئىدىيىلىرى ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى كونا كۈچلەرنىڭ ۋەھىمىسى، فېئودال ئاقسۆڭەك ئېرارخىيىسى ھالاكىتىنىڭ زارىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇلار پارىئارخاللىق سېستىمىسى ۋە ئادەتلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئاخىر زامان دەپ ئالاقزادە بولۇشقان، خالاس.

توقتوغۇل ساتىلغانوف ۋە تۆگۈلۈك مولدا قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر دېموكراتلار ئۆزلىرىنىڭ جاھالەت كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ ھامىيىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى توختاتمىدى. توقتوغۇل بىر تەرەپتىن ئۇلارنى پاش قىلى:

«ماناپ ئەقلى بۇزۇلدى،

مال ئورنىدا ئادەم يەر.»

دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن:

«كۆپ بىرىكسە كۆل بولۇر،

كۆل تەۋرىسە سەل بولۇر.»

دەپ يېزىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

توقتوغۇل ساتىلغانوف ئىشلىرىنى تۆگۈلۈك مولدا، بارپى ئالغونوف، قالىق ئاكىيوف، ئالىمقۇل يۇسۇنبايوف، ئەشمەمبەت تولبويۇف، قۇرگۈل دوسيوف قاتارلىق دېموكراتىك شائىرلار داۋاملاشتۇردى.
توقتوغۇل ساتىلغانوف قىرغىز خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىك شائىرى سۈپىتىدە ئاخوندوف، ئاباي قۇنابايوف، فۇرقەت، مۇقىمىي قاتارلىق ئىلغار دېموكراتىيە ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتاردا ئورۇن ئالدى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەر روھىيىتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.

5.ئابدۇللاتوقاي يېڭىلىق ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرى

ئابدۇللا توقاينىڭ (1886-1913)ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلىگەن رېئالىستىك، ئۆتكۈر، جەڭگىۋار لىرىكىلىرى ۋە ساتىرىك شېئىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ شىنقاڭ رايونىدا كەڭ كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان. تاتار خەلقنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بىۋاستە سالماقلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا كەڭ تارقالغان، ئەدەبىيات ئۈچۈن بۆسۈش خاراكتېرى ئالغان يېڭى تىما ۋە شەكىلدىكى شېئىرلىرى يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى تاتار خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ قالماي، ئوخشاشلا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، قاراقالپاق، تاجىك خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئابدۇللا توقاي روشەن ئىنقىلابى دېموكراتىك نوقتىئىنەزەر بىلەن فېئوداللار ۋە دىنى تىرىكتاپلارنى ئۇچۇق-ئاشكارا تارىخنىڭ لەنەت تاختىسىغا مىخلاپ، ئۇلارنىىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ جىنايەتكار ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى جاكارلىدى. توقاي شېئىرلىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى پىكىر يۈكسىلىشى پەيدا قىلدى. ئۇ خۇددى ئىدىيىلەر تارىخىنى خۇددى سائەت ئىسترېلكىسىنى ئىلگىرى سۈرگەندەك توپتوغرا بىر ئەسىر ئىلگىرى سۈرگەندەك بولدى. بىز ئابدۇللا توقايغىچە يىرگىنچىلىك، جاھالەتلىك جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ ئىپلاس قان شورىغۇچىلىرىنى پاش قىلىدىغان تۈركىي خەلقلەر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسى بىلەن ئۇنىڭ پوئىزىيىدىكى جەڭگىۋارلىقى ۋە قەيسەرلىكىنى سېلىشتۇرساقلا، بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ نوقتىدىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىيە تەرەققىياتىغا ئاجايىپ گىگانت مۇتەپەككۇر-دېموكرات، رېئالىست شائىر سۈپىتىدە جۇشقۇنلۇق بىلەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئابدۇللا مۇھەممەد غارىف ئوغلى توقايوف 1886-يىلى 26-ئاپرېلدا قازان ۋىلايىتى، مەڭگەر رايونى (ھازىرقى ئەتنە رايونى)، قۇشلاۋىچ يېزىسىدا موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتتى. ئۇ بەش ئايلىق بولغاندا دادىسى، ئىككى-ئۈچ ياشقا كىرگەندەئانىسى ئۆلۈپ، يېتىم بولۇپ قالدى. ئۇ يېتىملىكتە ئۆزىنى ماكانسىز «ئارتۇق جان» ھېسابلاپ، ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى. ئۇ «مۇناپىققا» ناملىق شېئىرىدا بۇنى «نىلەر كۆرسە پۈتۈن يوقسۇز، بارىن كۆردۈم، بارىن كۆردۈم» دەپ يازغانىدى.

توقاي توققۇز يېشىدا دادىسىنىڭ بىر توغقان سىڭلىسى يېنىغا- ئورالىسكىغا بارىدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مۇھتاجلىق ئىچىدە قىينىلىۋاتقان نامراتلاردىن ئىدى. ئۇ بۇ يەردىكى مەدرسە يېنىدا ئېچىلغان رۇس سىنىپىدا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ مەجبۇرىيەت تۈپەيلى دەرسلەرنى ئوقۇشتىن سىرت، ئەدەبىياتقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئورۇس ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ پۇشكىن ۋە لېرمونتوف ئەسەرلىرى بىلەن ئالاھىدە تۇنۇشىدۇ. بۇ چاغدا توقاي تاتارچە ۋە رۇسچە گېزىت-ژورناللار بىلەنمۇ تۇنۇشۇشقا، تاتار ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغانىدى.

توقاي 19 ياشقا كىرگەندە_ 1905-يىلقى بىرىنچى قېتىملىق رۇس ئىنقىلابى يۈز بەردى. توقاي ئىنقىلاب كۈنلىرىنى پۈتۈن ئىنقىلابىي ئاممىدەك زور جۇشقۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇ ئورالىسكىدا نەشر قىلىنغان ئىنقىلابقا بېغىشلانغان تاتار تىلىدىكى گېزىت-ژورناللارغا نابورچىك، كوررېكتور ھەم مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. بىرىنچى قېتىملىق رۇس ئىنقىلابى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقان ئابدۇللا توقاينىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىلىنىشىدە غايەت زور ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ تاكى 1907-يىلىغىچە ئورالىسكىدا ئىشلەپ، 21 ياشقا كىرگەندىن كېيىن 1907-يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قازاندا ياشىدى.

ئابدۇللا توقاي بار-يوقى قىسقىغىنا 27 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ قازانغا قايتقاندىن كېيىنكى ئالتە يىل ئىچىدە بار كۈچى بىلەن ئۆگەندى ۋە ئىجاد قىلدى. ئۇ «كىتاب» نەشرىياتىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن تېز-تېز تۇنۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئىزىلگەن تاتار خەلقىنىڭ تارىخىي سەزگۈزەشتىلىرى ۋە دېموكراتىك ئۈمىدلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم نۇرلۇق، ھەم يالقۇنلۇق شۇنداق مەشئەل پەيدا قىلدىكى، ئۇنىڭ نۇرى ماركىسىزىمغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك ئاڭ-پىكىرنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنىڭ داۋاملىق ئويغىنىشىغا ئىلھام بېغىشلىدى. ئابدۇللا توقاي ئېغىر كسەللىك بىلەن بىر مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، بۇ ئارىدا داۋالىنىش ئۈچۈن ئوفا، پېتىربورگ ۋە ترويىسكى شەھەرلىرىگە بارىدۇ. ئۇ تبېركۇليۇزنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە بولغاچقا، قازان دوختۇرخانىسىدا ياتقاندىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شېئىر يازدى. تاتار خەلقنىڭ يالقۇنلۇق شائىرى ئابدۇللا توقاي 1913-يىلى 2-ئاپرېل كەچتە ۋاپات بولدى. ئۆز شائىرىدىن ئايرىلغان تاتار خەلقى دوختۇرخانىغا بېرىپ ماتەم بىلدۈردى. ماقالە-شېئىرلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئېغىر مۇسىبەتلىرىنى ئىپادىلەشتى. ئابدۇللا توقاينىڭ ئەسەرلىرى قازاندىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا نەشر-ئەپكارلاردا قايتا-قايتا بېسىلىپ، بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقان ئىنقىلاب بورانلىرى بىلەن بىللە پەرۋاز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوينىغان ئىنقىلابىي دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىغا قاتناشتى.

ئابدۇللا توقاي گەرچە ئىنقىلابىي پىرولېتارىيات ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي دۇنيا قارىشى بولغان ماركىسىزىم ئىىدىيىلىرىدىن خەۋەرسىز، رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ،_ بۇ نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش زۆرۆر- ئەمما ئۇ ئەينى زاماندىكى جىددى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق روشەن مەيدانى ۋە قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. ئۇ: «ئاشاپ ياتقان سۈلۈكلەرگە قادالغان مىسلى خەنجەرىمەن» دېگەن مىسرا بىلەن باشلانغان شېئىرىدا:

«چىبىن جانىمنى چىن يولدا بېرەي مىڭ كەررە قىزغانماي،

مېنىڭ چىن مەسلىكىم-يولۇم پۈتۈنلەي سوتسىياللاردەك.»

  دەپ يازغانىدى. ئۇ خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن كاپىتالىزملىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ تايانچىسى بولغان چارپادىشاھ ھاكىممۇتلەقلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى زۆرۆر دەپ قارايتتى. ئۇ ئەينى زاماندا ئورنبورگتا «ئورال» گېزىتى چىقىرىۋاتقان تاتار ماركىسىزىمچى ھۈسەيىن ياماشىۋنىڭ تەسىرلىك ماقالىلىرىنى ئىنقىلابىي دېموكراتىيە دائىرىسىدە چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ خەلقنىڭ غەلىبىسىگە ئىشەنچ بىلەن تولغانىدى:

«كۆك بولۇپ گۈركىرەر ھاۋادا ھۆر ھايات قىيقاسلىرى،

يالتىرار ئىزگى كۈرەشنىڭ خەنجىرى، ئالماسلىرى.»

ئابدۇللا توقاي ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىك، يالقۇنلۇق، جەڭگىۋار پىكرىنى ئىپادىلەشتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كلاسسىك شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرى بىلەن بىللە، يەنە پۇشكىن، لېرمېنتوف، كرىلوف قاتارلىق رۇس دېموكراتىك ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەت نەمۇنلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ پوئىزىيە پېشۋالىرىنى مۇنداق تىلغا ئالغانىدى:

«يەر كۆكەرمەس، گۈل ئېچىلماس چۈشمىسە تەم تامچىسى،

قايدىن ئالسۇن شېئىرنى شائىر بولمىسا ئىلھامچىسى؟

بىر گۈزىلىن قايسى شائىر ئېيتتىڭىز زوقلانمىغاي،

مەيلى بايرۇن، مەيلى لېرمونتوف ۋە پوشكىن قايسىسى؟»

ئابدۇللا توقاي تولىمۇ قىسقا ئۆمۈر كۆردى. ئىقتىسادى ھايات ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ رايۇنلارغا بېرىپ كۈندىن- كۈنگە ئۆسۈۋاتقان خەلق ئىنقىلابىي كۈچلىرى بىلەن تۇنۇشۇشقا ئىمكانىيەت بەرمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي- دېموكراتىك ئىدىيىلىرى تۈپەيلى، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنىڭ مۇھىم بىر سەھپىىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئابدۇللا توقاي ئەسەرلىرى شىنجاڭغا 1910-يىلى كىرىشكە باشلىدى.

«چېتىن تۇرمۇش! كاپىتالغا چوقۇنماساڭ،

ھوزۇرىدا تېزلەر چۆكۈپ ئۆكۈنمەسەڭ.»

  ئۇ دىنىي ئالدامچىلارنى رەھىمسىز، ئوچۇق-ئاشكارا قامچىلايدىغان كۆپلىگەن ساتىرىك شېئىرلار ۋە داستانلارنى يازدى. ئۇ «پىچان بازىرىدا ياكى يېڭى كېسىك باش» ناملىق داستانىدا بۇرژۇئازىيە سودىگەرلىرىنىڭ ئەپت- بەشىرىسىنى پاش قىلىش بىلەن بىللە، «كېسىك باش» – تاتار روھانىيىلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ «پىيالە باش»، «رەسىمگە ئىشارە»، «مۇرىتلار قەبىرىسىدىن ئاۋاز»، «دىن ۋە ئاۋام»، «ئىشان»، «گۇناھ»، «يېڭى قۇتبە»، «ھاجى» قاتارلىق ساتىرىك شېئىرلىرى دىنىي روھانىيەتچىلىك ھامىيىلىرىنى پاش قىلىشتا مىسلىسىز ئۈلگە ياراتتى. ئۇ «ئىشان» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

«كۆزىن يۇمغان، بوينىن پۈككەن، باشىندا چالما چورتالغان،

كەپەن چالما كېيىپ باشقا، ئىشان بولغان ئىمىش ھايۋان.»

ئابدۇللا توقاي تەرەققىيپەرۋەر گۇمانىستىك ئىدىيىلىرىگە زىت مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ تار مىللەتچىلىكىگە قارشى سادالارنى ئىپادىلىدى. ئۇ «شەرتلەر»، «مىللەتچى»، «مىللەتچىلەر»، «دىن ئۈچۈن سۇقۇش» قاتارلىق شېئىرلار ۋە «ھىسسياتى مىللىيە» ناملىق ماقالە يازدى. ئۇ «ھىسسىياتى مىللىيە» ناملىق ماقالىسىدە قىرىمدىكى «تەرجىمان» ژورنىلى چىقارغان ئىسمائىل گاسپورنىسكىنى پاش قىلىپ، «كەتمەيمىز!» دېگەن شېئىرىدا «قارا يۈزلەر» بىزنى سۇلتان دۆلىتىگە كېتىڭلار دەيدۇ، بىز كەتمەيمىز، ئۇنداق بۇ يەردىكى بىر ئىشپىيۇن ئورنىغا ئون ئىشپىيۇن چاپلىشىدۇ، دەپ يازىدۇ.

ئابدۇللا توقاينىڭ دېموكراتىك ئىلغار مەزمۇن، جۇشقۇن شېئىرىي تىل بىلەن يالقۇنلاپ تۇرغان ئەسەرلىرى يېڭى زامانغا تەلپۈنۈۋاتقان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، بىر مەزگىل شېئىرىيەت مۇنبىرىدىكى نەمۇنىگە- مودىغا ئايلاندى. مەرۇپ سەئىدى غولجىدا 1916-يىلى ئاچقان يېڭىچە مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، توقاي شېئىرلىرىنى يادقا بىلىشنى بىر شەرت قىلغانلىقى بۇنىڭ جانلىق بىر مىسالى، ئابدۇللا توقاي شېئىرلىرى شىنجاڭدا دېموكراتىك مەدەنىي ئاقارتىش ۋە يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىدېئولوگىيە ۋە ژانىر شەكلى جەھەتتە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
18-19-ئەسىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قىسقىچە بايان ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

تەييارلىغۇچى: ئەنگىز

  «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top