You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر

نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر

نەسرۇللا ئابلەت

ئەلىشىر نەۋايى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داھىيانە ۋەكىلى، 15- ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان نۇرانە قۇتۇپ يۇلتۇزى، ئۇ ئۆز ئانا تىلىدا يۈكسەك بەدىئىي ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە نادىر، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان، ئىجادىيلىققا ئەڭ باي مۇتەپەككۇر لىرىك شائىر.
مەن بۇ ماقالەمدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «خەزائىنۇلمە ئانى» دىۋانى(«چاھار دىۋان»)دىكى غەزەللەرنىڭ بىرقىسمى ۋە نەۋايى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى، نەۋايىنى ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بەيگىگە چۈشەلەيدىغان بارماق بىلەن سانىغۇدەك كاتتا نامايەندە »خەمسە« دىكى بەزى داستانلار ئۈستىدە ئېستېتىكا جەھەتتىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە تىرىشتىم.
نەۋايى غەزەللىرى 2600پارچە بولۇپ، »چاھار دىۋان«نىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مۇھەببەت لىرىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئۇ مۇھەببەت تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىنسان روھىنى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مۇھەببەتنى، ئالىيجاناب پەزىلەتنى، ئەخلاقنى تەرغىب قىلغان.
نەۋايىنىڭ لىرىك شېئىر تەرەققىياتىدىكى غايەت زور تۆھپىسى شۇكى، ئۇ لىرىك شېئىرلاردىكى ئەسلىدىكى تار تېما دائىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرنى، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مەدھىيە، كۈي – ناخشا دائىرىسىگە ۋە ئىپادىلەش ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ غەزەللىرى مەزمۇن جەھەتتە پەلسەپە، سوتسىيولوگىيە، سىياسىي ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئۇنىڭ لىرىكىلىرى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى نەپىس، بەدىئىي جاۋاھىراتلار ئەلىشىر نەۋايىنىڭ لىرىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا 15- ئەسىردىلا چىققان گىگانت سېما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن دۇنيا ۋە جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۇنيا ۋە جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مۇھەببەت ۋە دوستلۇق شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى باش تېما بولۇپ كەلدى. چەت ئەلدە، مەسىلەن: مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8 – ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق ھومىرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى »ئىليادا« قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇھەببەت ۋە دوستلۇققا چەمبەرچاس باغلانغان. ھازىر بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان گىيوتې، شىللېر، بايرون، پۇشكىن… قاتارلىق نۇرغۇن شائىرلارنى مىسال قىلىش تېخىمۇ ھاجەت ئەمەس. جۇڭگونىڭ 2000يىلىدىن بۇرۇنقى شېئىرلار توپلامى »شېئىرنامە«نىڭ بىرىنچى قىسمىدا: »ساھىبجامال −− سەتەڭلەرگە يىگىتلەر ئاشىق – بىقارار كېلۇر« دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا غايىۋى مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلەنگەن.
مۇبادا ھېسسىيات بولمىسا ئىنسانىيەت دۇنياسى پەقەت مۇھەببەت – نەپرەت بولمىغان، شەرەپ – نومۇسنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىق – يامانلىق ۋە گۈزەللىك، رەزىللىك قاتارلىق سوبيېكتىپ تەسىراتنى يوقاتقان تېتىقسىز بىر دۇنيا بولاتتى. »شېئىرنامە، دىيار مەنزىرىسى« نىڭ باش قىسمىدا: »ئاقىدۇ دەريا سۈيى يېشىل بوستاننى قۇچاقلاپ، تۇتى قۇش سايرار ھامان تال شاخىدا ئاڭا قاراپ. زىلۋا بوي ئۇز – نازىنىن قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى، قىلدى ئاشىق بىقارار زەپ يىگىتى – نىگارىنى« دەيدىغان مىسرالار بار. بۇنىڭدا مۇھەببەتكە بولغان سېغىنىش ۋە ئىنتىلىش چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرى ئەلىشىر نەۋايى، ئابدۇرېھىم نىزارى، مەشرەپ… ۋە بۈگۈنكى دەۋر شائىرلىرىنىڭ شېئىر – داستانلىرىمۇ مۇھەببەت – دوستلۇقتىن ئايرىلغان ئەمەس.
ئىنسانلارنىڭ جورا ئىزدىشى جەمئىيەت، سىنىپ، ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە يېقىملىق گۈزەل تۈس ئالغان بولىدۇ. ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن ھالقىپ سىرلىق ھېسسىيات ۋە سىرلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق تىللاردا داستان بولغۇدەك قانچىلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى يېزىلغان ھە! دەل ئېنگېلس ئېيتقاندەك: »ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئىنسانىيەت يارالغاندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. جىنسىي مۇھەببەت يېقىنقى 800يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق مەنە ۋە ئورۇنغا ئېرىشتىكى، ئۇ مۇشۇ دەۋردىكى بارلىق شېئىر، ناخشىلار دەۋر قىلىپ ئايلىنىدىغان مەركەزگە ئايلاندى.«
1886- يىلى ئاۋسترالىيەلىك روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى كىبرات. ئايبىننىڭ »پىسخىكىلىق كېسەل« ناملىق كىتابى ئاشكارا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن جىنسىي مۇھەببەت مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئاستا – ئاستا راۋاجلىنىشقا باشلىدى. مور، فولېر، فىرىئود قاتارلىق نەچچە ئەۋلاد جىنسىيەت ئالىم – مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جىنسىيەت ئىلمى −− جىنسىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخى، جىنسىي قوزغىلىش ۋە يېتىلىش ئىلمى، جىنسىيەت ئاناتومىيە ئىلمى، فىزىيولوگىيە ئىلمى، جىنسىيەت تېببىي ئىلمى، جىنسىيەت كىلىنىكىسى، جىنسىيەت پىسخولوگىيەسى، جىنسىيەت ھەرىكەت ئىلمى، جىنسىيەت مائارىپ ئىلمى، جىنسىيەت ئېتىكا ئىلمى ۋە جىنسىيەت پەلسەپىسى قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ، جىنسىيەت مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىنماقتا.
گۈزەل مۇھەببەتنى مەدھىيەلەشتە گۈزەل غايىگە بولغان قىزغىن ئارزۇ ۋە پاك مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلىنىدۇ. خەلق، بولۇپمۇ ياشلار نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت قوشاقلىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسە گۈزەللىك. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەت گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىكىلىق غايىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇنان پەيلاسوپى پىلاتون»ھەقىقىي مۇھەببەت ئەسەبىي ۋە شەھۋانىيلىققا يېقىن نەرسىلەرنى ئۆزىدىن يىراققا قوغلاشتۇر« دېگەن ئىدى.
شىللېرنىڭ مەشھۇر بىر شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
”بولغاچقا ئۇ سىرلىق − سېھىرلىك،
بولغان ئىدى شۇنچە قەدىرلىك.“
گىيوتېنىڭ مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىرى بار:

قايسى ياش بولالمىغان سۆيگۈگە ماھىر بىر يىگىت،
قايسىبىر قىز قالمىغان سۆيگۈ – كۆيۈككە چىگىلىپ.
سۆيگۈ پاكتۇر −−
بولىدۇ ئادەم مۇيەسسەر سۆيگۈگە،
چىقىدۇ نېچۈن ئۇنىڭدىن پاجىئەلەر ئېتىلىپ؟«

ئەلىشىر نەۋايى »چاھاردىۋان«دا مۇھەببەتنى مۇنداق يۈكسەك مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ:

زاھىد ساڭا ھورو، ماڭا جانانە كېرەك،
جەننەت ساڭا بولسۇن، ماڭا مەيخانا كېرەك.
يار ئولدۇر كىم تىلىيۇ كۆڭلى ئانىڭ بولسا بىر،
كىم تىلى ئۆزگىيۇ، كۆڭلى ئۆزگىدۇر، ئول يار ئەمەس.

شائىر بۇ مىسرالاردا تەبىئەت گۈزەللىكىنى ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈستىگە مۇجەسسەملىگەن ھەم ئۇلارنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرغان. ھەقىقىي مۇھەببەت ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئادەم قەلبىدىكى كۈچنى ھەم يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغايدۇ ھەمدە چىن دىلدىن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىككى قەلب ئىپادىلىگەن سەمىمىيەت ۋە شەخسىيەتسىزلىكتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. دېمەك، نەۋايى مۇھەببەت، ساداقەت ۋە ۋاپانى شۇ دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. نەۋايى ئۆز زامانىسىدا ئىلغار ئىدىيەۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىپ، شۇ دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيەۋى بويۇنتۇرۇقلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئالىيجاناب غايىنى مەدھىيەلىگەن.
»چاھار دىۋان«دىكى مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە »خەمسە«دىكى بىرقىسىم داستانلارنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1 – ئوبراز(ئىماگ )
»پەرھاد – شېرىن« داستانىدىكى پەرھاد ئىنسانپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مۇھەببەتكە سادىق، ئىجادكار، بىلىملىك، يارقىن خاسلىققا ئىگە ئوبراز. شېرىن گۈزەل، لاتاپەتلىك، قانائەتچان، قەيسەر، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق، ياۋۇز دۈشمەنگە خەنجەر، سۆيگەن يارىغا نۇرانە ئەختەر قىز. ئالتۇندەك ساپ ئوبراز. خىسراۋ مەككار، زالىم، جاھىل، ئالدامچى – قويمىچى، ئاچ كۆز، بەتنىيەت، ۋەھشىي ھايۋان، جاللات قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سەلبىي ئوبراز. ئەلىشىر نەۋايى قەدىمكى ئەپسانە، رىۋايەت تېمىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا دادىللىق بىلەن قايتا ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى ئىدىيە، يېڭى قان، يېڭى مەزمۇن بەرگەن. ئۇ ئەسلىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكى بويىچە ئۆزىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىغا ئاساسەن شۇ دەۋردىكى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە يۈكسەك رومانتىك تۈس ئالغان پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان. بىز تۆۋەندىكى رېتورىك سوئال – جاۋابلارغا قاراپ باقايلى:

دېدى: ۋەسلىغە بارسەن ئارزۇمەندە؟
دېدى: بەرمان خەيالى بىرلە خۇرسەندە.
(دېدى: ئۇنىڭ ۋىسالىنى ئارزۇ قىلامسەن؟
دېدى: ئۇنىڭ خىيالى بىلەن خۇرسەندىمەن.)
دېدى: نوشى لەبىدىن تاپقاي ئەل بەھر؟
دېدى: ئول نوشدىن ئەل قىسمىدۇر زەھر.
(دېدى: ئۇنىڭ شېرىن لېۋىدىن باشقىلار بەھرە ئالسىچۇ:
دېدى: ئۇ شېرىنىن لېۋىدىن باشقىلارغا تېگىدىغىنى زەھەر.)
دېدى: جانىڭنى ئالسا لەئىلى يادى؟
دېدىكىم: ئۇشبۇدۇر جانىم مۇرادى.
)دېدى: لەئىلى خىيالى جېنىڭنى ئالسىچۇ:
دېدىكى: كۆڭلۈمدىكى مەقسەت – مۇرادىممۇ شۇ!(
دېدى: كۆكسۈڭنى گەر چاك ئەتسە بىباك؟
دېدى: كۆڭلۈم تۇتاي ھەم ئەيلە دەپ چاك.
)دېدى: زۇلۇم كۆكسۈڭنى ئايىماستىن چاك – چاك قىلىۋەتسىچۇ؟
دېدى: ھەتتا چاك – چاك قىلىۋەت دەپ كۆڭلۈمنىمۇ تۇتۇپ بېرىمەن.(
دېدى: كۆڭلۈڭ فىدا قىلسا جەفاسى،
دېدى: جانىمنى ھەم ئەيلەي فىداسى.
)دېدى: ئۇنىڭ جاپاسى سېنىڭ كۆڭلۈڭنى قۇربان قىلىۋەتسىچۇ؟
دېدى: جېنىمنىمۇ پىدا قىلىمەن.(
دېدىكىم: ئىشقىدىن يوق جۇز زىيان بۇد،
دېدى: بۇ كەلدى سەۋدا ئەھلىغە سود.
)دېدىكى: ئىشقىدىن زىياندىن باشقا نەرسە يوق،
دېدى: مەجنۇنلار ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى پايدا.(
دېدى: بۇ ئىشق تەركى ياخشىراقدۇر،
دېدى: بۇ شىۋە ئاشىقىدىن يىراقدۇر.
)دېدى: بۇ ئىشقتىن ۋاز كېچىش ياخشىراق،
دېدى: ئاشىق بۇنداق ئادەتتىن يىراق.(
دېدى: ئال گەنجۇ قوي مېھرىن نىھانى!
دېدى: تۇپراققا بەرمان كىميانى.
)دېدى: خەزىنە ئالغىن، مۇھەببەتنى قوي،
دېدى: مەن ئالتۇننى توپىغا تېگىشىمەن.(
ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئوقۇرمەنلەرگە ئاجايىپ ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوبرازلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىيلىقلىق، ھەرخىل قاراشلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۆلۈك شەرھلەشلىرىنى دائىم دېگۈدەك بۇزۇپ تاشلاپ ئىلگىرى سەل قارالغان، بېسىپ قويۇلغان، يوشۇرۇنغان مەزمۇنلارنى ئاشكارىلايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسىنىڭ باسالمايدىغانلىقىدەك بىباھا قىممىتى بىلەن مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئايلانغان.
ئادەتتە ئوقۇرمەنلەر »پەرھاد – شېرىن«، »لەيلى مەجنۇن« قاتارلىقلارنى كوچا – كويلاردا ئۇچراتمايدۇ. قەلەم ساھىبلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش پېرسوناژلارنى توقۇپ چىقىرىپ، ئەسەرلەردە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. توقۇلما قەلەمكەشلەرنىڭ غايەت زور ئالاھىدە ھوقۇقى. توقۇلما چىنلىقنىڭ ئەكسى، ئەمما توقۇلما چىنلىق تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ −− توقۇلما پېرسوناژلار، ھېكايىلەر، ۋەقەلەر، سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ۋە ساۋادىمىزنى ئىسپاتلىشىغا نائىل قىلىدۇ. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى.
ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يادروسى ئېستېتىك ئىماگ، ئېستېتىك ئىماگ ئېستېتىك ئاڭنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يارىلىشى ھېسسىي ئىماگنىڭ ئېستېتىك ئىماگ بولۇپ يارىتىلىشى دېمەكتۇر. ئېستېتىك ئىماگنىڭ يارىتىلىش ماتېرىيالى تۇرمۇش تەجرىبىسى يەنى ھېسسىي ئىماگ بولۇپ، ئۇ ئابستراكتسىيە ۋە ئۇقۇملىشىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بەلكى، ئېستېتىك غايە )كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەلىپى(نىڭ رولى بىلەن ئېستېتىك ئىماگقا ئايلىنىپ ئەدەبىي ئوبرازنىڭ رولىنى ئادا قىلىدۇ. ئەدەبىيات ئابستراكت ئۇقۇم ئارقىلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئوبراز )ئىماگ( لىق تەسۋىر ئارقىلىق ئېستېتىك چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بايان ئەدەبىياتىدا كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتقا بولغان مۇھاكىمە ئىپادىلىنىدۇ. لىرىكا ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ھېسسىيات ئىماگلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھايات ئىزدىنىشلىرى ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەلىشىر نەۋايى »پەرھاد – شېرىن« داستانىدا پەرھاد – شېرىنلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگنى يادرو قىلىدۇ، ۋاھالەنكى، ئېستېتىك ئىماگدا ھېسسىي ئىماگدىن ھالقىپ كېتىدىغان، بىلىشتىن ھالقىپ كېتىدىغان مەنىلەر بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەدەبىي ئوبراز چوڭقۇر، مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازدىن لەززەتلىنىشنىڭ چېكى – پايانى بولمايدۇ. ئۇنى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا بولىدۇكى، ئوي – خىيالنىڭ چېكى بولمايدۇ. بىز ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىدىن زوقلانغان ۋە بۇ ئەسەرلەرنى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتىدىن تولۇق بەھرە ئېلىپ كەتكىنىمىز يوق، بۇ ئەسەرلەردىن بىز داۋاملىق ھۇزۇرلىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. يېزىقنىڭ يەنى تىلنىڭ ئوبرازچانلىقى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى. شۇڭا، ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يارقىن، جانلىق بولۇشى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ بەلگىسى. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئەدەبىيات ئوبرازىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر پېرسوناژلاردا خاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( بولمىسا، ھېسسىيات سەمىمىي، چوڭقۇر بولمىسا ئەسەرلەر قۇرۇق، مەنىسىز بولۇپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايدۇ، تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەلىشىر نەۋايى ئۆزىنىڭ داستانلىرىدا جانلىق، تەسىرلىك ئەدەبىي ئوبرازلارنى ياراتتى. ئېھتىمال بىز بەزى تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇنلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمىز. ئۇلار بىزنىڭ خاتىرىمىزدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

2 – ئىدىيە – خاھىشچانلىق

ئەدەبىيات ساپ ئوبيېكتىپنىڭ نامايان بولۇشى ئەمەس، ئىدىيەسىز ئويۇن – تاماشا ئەسىرىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوبراز ئارقىلىق مۇئەييەن ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ. ئەدەبىي كەچۈرمىش ئىدىيەۋى خاھىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەدەبىي پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ھېسداشلىق قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ئىدېئولوگىيە خاھىشچانلىقى ۋە ئېستېتىك خاھىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشنىڭ قائىدىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەم ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ. بىز ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىدىيەمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بىزنى ھايات يوللىرىغا باشلايدۇ. ئەدەبىيات شۇڭا، بىزنىڭ ياخشى ئۇستازىمىز ۋە دوستىمىز بولۇپ قالغان. يۈكسەك ئىدىيەۋىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بەلگىسى بولىدۇ، قانچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولسا، ئۇنىڭ ئىدىيەۋىلىكى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئىدىيەۋىلىكى كەمچىل ئەسەرلەر ئادەتتىكى ئەسەر بولۇپ قېلىپ ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ ھەم ئوبرازچانلىقى، ھەم ئىدىيەۋىلىكى بولىدۇ. بۇنىڭدا زىددىيەت باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئابستراكت ئۇقۇم ۋە نەزەرىيە ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ، ئەمما كونكرېت ھادىسىلەرنىڭ تەسۋىرىدە ھېسسىي ئەھمىيەتلا بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئەلۋەتتە ھېسسىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ ئىدېئولوگىيە ئەھمىيىتى ئېستېتىك ئەھمىيىتىمۇ بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ رېئال ئەھمىيىتىدە ئەدەبىي ئوبراز ئادەتتىكى ھېسسىي ئوبراز ئەمەس، ئۇ يەنە تىپىكلەشتۈرۈلۈپ تىپىك ئوبراز قىلىپ يارىتىلىدۇ. تىپىك ئوبراز دېگەن نېمە؟ تىپىك ئوبراز دېگىنىمىز−− »ئىندىۋىدۇئاللىق«قا باي بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەكىللىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان پېرسوناژلار ئوبرازىدىن ئىبارەت. يازغۇچىلار ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە باي پېرسوناژلارنى تاللاپ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىپىك ئوبراز ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. تىپىك ئوبراز ئادەتتىكى ھېسسىي ئوبرازغا ئوخشىمايدۇ. )مەسىلەن، ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە ئىشلارنىڭ تەسۋىرى دېگەندەك( ئۇ مۇستەقىل خاسلىققا ئىگە بولۇپ قالماي، يەنە چوڭقۇر ئىدىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي تونۇش ۋە قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئوبراز بىزنىڭ جەمئىيەتنى بىلىشىمىز ۋە ئۆزلۈكنى بىلىشىمىزدىكى ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەلىشىر ناۋايى ئۆز دەۋرىدىكى ھەرقايسى تەبىقە، قاتلاملاردىكى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تىپىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ھەرخىل تىپىك ئوبرازنى يارىتىپ بىزگە چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنى تونۇتتى. تىپىكلىك ئىجتىمائىي ئۇقۇممۇ ياكى ئەدەبىيات، ئېستېتىكا ئۇقۇمىمۇ دېگەن مەسىلىدە تالاش – تارتىش مەۋجۇت. بىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇقۇمنى ئەدەبىياتنىڭ رېئال قاتلىمىغا تەتبىقلىساق، ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرگىنى ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگ بولۇپ، ئۇ ھېسسىي ئىماگنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى ئېستېتىك ئىماگ تۇرمۇش تەسەۋۋۇرى ئەمەس، بەلكى ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە توشۇغۇچىدۇر. ئۇ تۇرمۇش تەسۋىرى ئارقىلىق قانداقسىگە ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ؟ چۈنكى ئېستېتىك ئىماگنىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولى بولغاچقا ھېسسىي ئوبرازنى تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن مېتافىزىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولىنىڭ يىلتىزى تىلنىڭ ئىپتىدائىي سېھرىي كۈچىدە بولىدۇ. ئىپتىدائىي تىلنىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولى بولىدۇ. كونكرېت تەسۋىرلەر ئارقىلىق تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن سېھىرگەرلىك ئەھمىيەتتىن بېشارەت بېرىدۇ. ئەدەبىي تىل مۇشۇنداق رولغا ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن ئېستېتىك تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھمىيەتكە نائىل بولغان. ئەلىشىر نەۋايى پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇنلارنىڭ قىسمەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنىڭ تەقدىرىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدا ئۆزلۈكنىڭ ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش كەچۈرمىشى ۋە ئىنتىلىشىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ.
نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە پەند – نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ئىپادىلەنگەن، ئۇ ياراتقان ئەدەبىي ئوبراز گويا بىتەرەپ تۇرغاندەك، ئوبيېكتلىقى، خاھىشچانلىقى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە خاھىشچانلىق مەۋجۇت. ئۇ ياراتقان ئوبرازدا مەلۇم ئەخلاق خۇسۇسىيىتى بار. ئۇ سىزگە مۇئەييەن مەيدان بەلگىلەپ بېرىپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزدىن ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ ياراتقان ئوبرازدا ئىستىخىيەلىك خاھىش ئاپىرىدە بولغان؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەر ئومۇملىشىپ كەتكەن قىممەت ئۆلچىمى بىلەن ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا باھا بېرىدۇ. ئەگەر ئەسەردە بىر ئاق كۆڭۈل كىشى تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنى ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. ئەگەر بىر ۋەھشىي ئادەم تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز. بۇ دەل ئەدەبىياتنىڭ رېئال خاھىشچانلىقى بولغانلىقتىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئەدەبىيات بىر خىل ئېستېتىك پائالىيەت، بىز ئەدەبىي ئوبرازنى قوبۇل قىلغاندا ئېستېتىك ھۆكۈم يۈرگۈزىمىز. ئېستېتىك ھۆكۈم ئېستېتىك غايە، يەنى ئەركىن ئىنتىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئەڭ يۈكسەك قىممەت ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۈزەللىك تۇيغۇسى ئېستېتىك قىممەت ئۆلچىمىنىڭ مەھسۇلى. گۈزەللىك، سەتلىك، ئالىيجانابلىق، بىمەنىلىك، تىراگېدىيە، كومېدىيە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېستېتىكا كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەدەبىي ئوبرازغا ئېستېتىك ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز بۇلارنى نەۋايى ئەسەرلىرىدە كۆرۈپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز نەۋايى ياراتقان ئوبرازلارنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئېستېتىك ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنالمايمىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئېستېتىك خاھىشچانلىققا نائىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئېستېتىك خاھىشچانلىق رېئال خاھىش بىلەن بىردەك بولغان. بۇ چاغدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈك بولغان. ئەمما گۈزەللىك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈك بىردەك بولۇشى ناتايىن. چۈنكى نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېستېتىك قىممەت رېئال قىممەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېئال ھۆكۈم ئېستېتىك ھۆكۈمگە بويسۇنغان.

3 – ھېسسىيات

ئەدەبىيات ئېستېتىكا يېتەكچىلىكىدىكى ھايات )مەۋجۇدىيەت( كەچۈرمىشى بولغانلىقتىن ئادەتتىكى بىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتلىق روھىي پائالىيەت. ھېسسىياتچانلىق ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم – پەن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ. ئىلىم – پەن جەھەتتىكى بىلىش ھېسسىيات قاتارلىق سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئارىلىشىشىنى چەتكە قاقىدۇ، ئېغىر – بېسىقلىق ۋە ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئوبيېكتنى تەھلىل قىلىپ، ئوبيېكتىپ بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىلىش پائالىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر خىل ھېسسىيات كەچۈرمىشى، ئەمما ھېسسىيات كەچۈرمىشى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان بىلىشنىڭ بېقىندى نەرسىسى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئەدەبىيات ھېسسىياتتىن ئايرىلىپ كەتسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، كىشىلەرنى جەلپ قىلالمايدۇ ۋە تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيەنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئىلىم – پەنگە ئوخشاش ئەقلىي پائالىيەت. ئىلىم – پەن قائىدە ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا ھېسسىيات، مۇھەببەت بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەيلى ئاپتورلار ياكى ئوقۇرمەنلەر بولسۇن، ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا ھېسسىياتنى ئىشقا سالمىسا بولمايدۇ. ئەسەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ، كىشىلەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى چۈشىنىدۇ.
نەۋايى ئەسەرلىرى رېئال ھېسسىيات، ئېستېتىك ھېسسىيات ۋە ئىپتىدائىي ئارزۇ – ئىستەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئەقىلنىڭ ھېسسىياتقا بولغان چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ ھېسسىياتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن ۋە يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھېسسىيات ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان. بولۇپمۇ ئۇ ئاپىرىدە قىلغان ئېستېتىك ھېسسىيات ئەقىلنىڭ چەك – چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كىشىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ. مۇنداق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىز ئەقىل جەھەتتە بەزى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلالمايمىز، ئەمما، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قالىمىز. ئاخىرىدا ھېسسىيات ئەقىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس بولىدۇ. ئەقىل – ئىدراكنىڭ ئەدەبىياتقا بىر تەرەپلىمىلىك قارىشى بولۇپ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى يەنە بىر خىل يۇقىرى پەللىلىك كەچۈرمىش بولۇپ، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنتايىن شاد – خۇراملىق ھېسسىياتى قوزغايدۇ، ئۇ رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە رېئاللىق ۋە بەختلىك كەچۈرمىش تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.
شۇڭا، نەۋايى ئەسەرلىرى غايەت زور سېھرىي كۈچكە نائىل بولغان. ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە داستانلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چىن مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات ئىنتايىن كۈچلۈك.

4 – توقۇلمىلىق

توقۇلما −− يازغۇچىلارنىڭ غايەت زور ئىمتىيازى. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. توقۇلما بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا بىر قويۇق رەڭدار دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. توقۇلمىنىڭ نوپۇزى تەسەۋۋۇرغا غايەت زور ئەركىنلىك ئاتا قىلىدۇ. توقۇلما ئاساسسىز بولمايدۇ. تۇرمۇش ماتېرىياللىرى توقۇلمىغا پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئوبراز يازغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ. بۇ گويا ئالاھىدە ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، توقۇلما ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىلغان ئوبراز سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مەركەزلىك تاۋلانغان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن−لارنى ئىپادىلەيدۇ، ب−ۇ دەل توقۇلمىنىڭ كۈچىدىن بولىدۇ. شۇڭ−ا، ئ−ارستوتېل »شېئىرىيەت ئىلمى« ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: »شائىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت.« شۇڭا، شېئىر يېزىش پائالىيىتى تارىخ يېزىشقا قارىغاندا تېخىمۇ پەلسەپىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى دۇنيامۇ توقۇلما. رەڭگارەڭ دۇنيا توقۇلما ئارقىلىق پەيدا بولغان. ئۇ ئىپادىلىگەن ھېسسىياتنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئېستېتىكىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن.
ئېستېتىك غايىنىڭ تەسىرىدىن ئەدەبىياتتا تەسۋىرلەنگەن دۇنيا رېئال دۇنيادىن پەرقلىق بولىدۇ. ئالىيجانابلىق بىلەن پەسكەشلىك قارىمۇقارشىلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان ئەقلىي دۇنيا؛ رومانتىك دۇنيا، كىلاسسىكىزملىق دۇنيا، خام خىيال ۋە قايناق ھېسسىياتلىق دۇنيا، رېئالىستىك دۇنيا، غەيرىي ئىنسانلىق پاجىئەلىك دۇنيا، مودېرنىزملىق دۇنيا، ناتونۇش، ياتلاشقان، غەيرىي ئەقلىي دۇنيا قاتارلىقلار.
نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى توقۇلما كىشىلەرگە ھەقىقىي تەسىرات بېرىدۇ. كىشىلەر ئۇ توقۇغان دۇنياغا راست دەپ ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ. ئەدەبىي توقۇلمىنىڭ چىنلىقلىقى بىر خىل خىيالىي چىنلىقلىق. ئېستېتىك ئاڭ تولۇق غەيرىي ئاڭ بولغانلىقتىن سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئەقىلنى يوقىتىدۇ. خام خىيالنى راست دەپ قارايدۇ. يەنە سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەچكە ئوبيېكتلىق ئاڭ ئۆزلۈك ئاڭ بولىدۇ. شۇڭا بىزدە بەدىئىي ھېسداشلىق قوزغىلىدۇ. بىز پەرھاد – شېرىن، لەيلى – مەجنۇن داستانلىرىدىكى باش قەھرىمانلارنى ھايات ئادەم دەپ چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن قايغۇ – ھەسرەتتە، ۋىسال شادلىقىدا بىللە بولغۇمىز كېلىدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدە توقۇلمىلىق، چىنلىق ھېسسىياتى بولغاچقا بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ئالىمىز.

5 – خاسلىق (ئىندىۋىدۇئاللىق)
ئەدەبىيات ئىجتىمائىي پائالىيەت، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خاسلىق پائالىيىتى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئۇ رېئال تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ئۆلچەمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلەرنىڭ خاسلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيامۇ ئىندىۋىدۇئاللاشمايدۇ، بەلكى ئاممىۋى دۇنيا بولىدۇ. شۇڭا، رېئال دۇنيادا ئومۇمىيلىق ماھىيەت بولىدۇ، خاسلىق غەيرىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ ماھىيىتى خاسلىق. بۇ ئادەم بىلەن نەرسىلەرنىڭ پەرقى. خاسلىق يوقالسا ئادەم ياتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئېستېتىك خاسلىق رېئال خاسلىقنىڭ چەكلىمىسىنى يېڭىپ تولۇق جارى قىلىنغان خاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئېستېتىك خاسلىق ئىجادىيىتى بولغانلىقتىن، تولۇق ئىندىۋىدۇئال پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خاسلاشتۇرۇلغان سۇبيېكتىپنى يارىتىپلا قالماستىن، خاسلاشتۇرۇلغان ئوبيېكتىپ دۇنيانىمۇ يارىتىدۇ. نەۋايى لىرىك ۋە ئېپىك ئەسەرلىرىنىڭ جېنى ئىجادىيلىقتا. سەنئەتنىڭ جېنىمۇ ئىجادىيلىقتا كۆرۈلىدۇ. ئىجادىيلىق بولمىسا سەنئەت بولمايدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى خاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى خاسلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. نەۋايى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ئاساسەن، مۇستەقىل ئېستېتىك غايە بىلەن مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇستەقىل ئەدەبىيات ئوبرازىنى ياراتقان، ئۇنىڭدا خاسلىققا ئىنتىلىش بولغاچقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئۆزلۈك ۋە ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئىزدىگەن، ئۇ تۇرمۇشنى تەسۋىرلىگەندە ئادەتتىكىچە قىلىپ قويمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۆز چۈشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بەدىئىي مۇھاكىمىسى جامائەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالمىغان، ئۇ، ئۇسلۇب، تىل جەھەتلەردىمۇ يېڭىلىق ياراتقان، شۇڭا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
نەۋايىنىڭ لىرىك ئوبرازلىرىمۇ مۇستەقىل، ئىجادىي. ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭدىكى پىكىر مەنزىلىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئادەتتىكى كەچۈرمىشى ۋە پىكىر پەللىسى بولۇپ قالمىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەردە مۇستەقىل زوقلىنىش ۋە تونۇش ئاپىرىدە قىلالايدۇ، مۇشۇنداق چۈشىنىش قانچە مۇستەقىل بولسا زوقلىنىشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا ئالاھىدىلىك بىلەن ئومۇمىيلىق قارىمۇقارشى ھالەتتە بولىدۇ. بەك ئالاھىدە بولسا ئومۇمىيلىقنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ مۇستەقىللىقى ئومۇمىيلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى مۇستەقىللىق ئومۇمىيلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى، باھانە – سەۋەبى بولىدۇ. نەۋايى ياراتقان ئوبراز شۇنداق ئۆزگىچە، گۈزەللىك تۇيغۇسى شۇنچە چوڭقۇر، جەلپ قىلىش كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، جامائەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ناۋادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇستەقىللىق، ئالاھىدىلىك بولمىغان بولسا ئېستېتىك قىممەتنى يوقىتىپ قويغان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ يوقىتىپ قويغان بولاتتى. ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا خاسلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ قارىمۇقارشى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نەۋايى ھەربىر پېرسوناژدا مۇستەقىل خاسلىق ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئەركىن خاسلىقى يەنى ئېستېتىك خاسلىقنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار باشقىلارنى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى، بوشلۇقنى ياراتقان، بۇنداق بوشلۇق ئېستېتىك غايىنىڭ رېئال مۇناسىۋەتتىكى توسالغۇلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنى تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. نەۋايى مانا مۇشۇنداق ئەركىن خاسلىقنى ئالماشتۇرۇش شەكلىنى ئاپىرىدە قىلغان.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top