ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرق: «تارىخي رەشىدىيە›› دە سۇلتان ئۇۋەيسخان

شەرق: «تارىخي رەشىدىيە›› دە سۇلتان ئۇۋەيسخان

مۇزەپپەر ئالىم

شىنجاڭدا ئىسلام دىندىكىلەر شەيىخ، پىر، ئەۋليا، دانىشمەن ئولمالارنىڭ قەبرسىنى ياكى خاترە ئۈچۈن ياسالغان قەبرلەرنى مازار دەپ ئاتايدۇ مازار سۆزنىڭ ئەرەپ تىلدىكى مەنىسى ‹‹ تاۋاپ قىلدىغان جاي›› كۆچمە مەنىسى ‹‹ ئولۇغلارنىڭ قەبرسى›› دېگەنلىكتۇر. شىنجاڭدىكى مازارلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئىسلام دىنىي شىنجاڭغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمانلار مازار بەرپا قىلشقان. بىزگە مەلۇم بۇلغان ئەڭ دەسلەپكى مازار قارخانىلار سۇلاسىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازارىدۇر.( ئادىل مۇھەممەتىنىڭ، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ناملىق كىتاپ 254-بەت)
ئىلى ۋادىسىدا تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن داڭقى چىققان تۆت چوڭ مازارنىڭ بىرى(ئىلىدا ناملىقراق تۆت مازار بار بولۇپ، ئۇلار قورغاس مازار، خۇنخاي مازار، سولتانۋەيىس مازار، چاپچال مازارلىرىدىن ئىبارەت.)ھىساپلىنىدىغان سۇلتان ئۇۋەيسخان مازىرى غۇلجا شەھىرنىڭ شەرقىگە 50 كىلۇمىتىر كېلدىغان ئاۋرال تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بوربۇسۇن غۇلنى كېسىپ ئۆتىدىغان غۇلجا-نىلقا تاشيۇلىنىڭ (ئۆلكە 315-يول )بويىدىكى غۇلجا ناھىيە مازار يېزىسى شەيخ مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ مازارنىڭ كۆلمى 100 مۇدىن ئاشىدۇ. بۇ مازار 1990-يىلى 12-ئايىنىڭ 9- كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدۇلدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. كېيىنكى يىلى دۆلەت 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرتىپ مازارنى رىمۇنت قىلغان. 2006-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك قۇغدۇلدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئۇرنى قىلىپ بېكتىلدى. بەزى رىۋايەتلەردە، ياكى ھازىرىقى كىشلەرنىڭ ئاغزاكى سۆز- بايانلىرىدا بۇ مازارنى مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز ۋاقتىدا چىن دۆلىتىگە ئەۋەتكەن ۋەيىسنىڭ مازارى دەپ قارايدۇ( تاڭ تەيزۇڭ دەۋىرىدە قەيىس ئىسلام دىننىڭ ئۇچىنچى خەلپىسى ئۇسماننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇۋەيس، ۋەققاسلار بىلەن بىللە ئەرەبىستاندىن جۇڭگۇغا كېلىپ ئىسلام دىننى تارقىتىدۇ. ۋەققاس، ئۇۋەيس ئىككىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ گۇڭجۇدا، گەنسۇدىكى خۇيخۇيباۋ دېگەن يېرىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بۇلدۇ.قەيىس كەلگەن يۇلى بىلەن قايتىپ كېلۋىتىپ گەنسۇ بىلەن شىڭشىڭشيا دېگەن يەردە كېەل بىلەن سەۋەبى بىلەن قازا قىلدۇ.( ئادىل مۇھەممەتنىڭ شىجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دېگەن كىتاپ 261-بەت) . بۇ خىل قاراشنى ئۇيغۇر دىمكۇراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، تەرەققىيپەرۋەر شائىر ، يازغۇچى، تارىخىچى، ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسېمەتۇف ‹ئۇيغۇر بالىسى› (1887-يىلى قازاقىستاننىڭ غالجات دېگەن يىزسىدا توغۇلۇپ، 1951-يىلى كۈزدە جاغىستاي يېزسىدا ۋاپات بولغان) ئۆزنىڭ 1910 -يىلى يازغان ‹‹ئىلى ۋىلايىتى تارىخى›› ناملىق تارىخى ئەسىرىدە سۇلتان ئۇۋەيسخان قەبرسىھەقتە ئىنىق توختۇلۇپ مۇنداق يازىدۇ:‹‹ ئۇۋەيسخاننىڭ قەبرىسى غۇلجىدىن 70 چاقىرىم شەرقتە ئاۋرال تېغى ئېتىگىدەدۇر..ئەمما بۇ تەرەپنىڭ خەلقى مەزكۇر قەبرىنى ئۇۋەيسخاندىن باشقا ھىجاز ۋىلايتىدىن ( ئەربىستاندىن) كەلگەن ۋەيسەلقەرنى ناملىق كىشىنىڭ قەبرى دەپ ئاتىشىدۇ، لىكىن بۇ قەبىرە بىزنىڭ ئويىمىزچە ئانداق مەجھۇل ( نامەلۇم) ۋەيسەلقەرنىنىڭ ئەمەس بەلكى ئېنىق ئۇۋەيسخاننىڭكىدۇر››(‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى 2011-يىلى 1-سان)
بىز سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ ھايات- پائالىيىتى ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مىلادىيە 1541-يىلدىن 1546-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا كەشمىرىدە يېزىلغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ( 1449-يىلى توغۇلۇپ1551-يىلى تاغلىق قەبىللەر ئاتقان ئوقتا يارلىنىپ كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن) ‹‹تارىخى رەشىدىي›› ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق تۇغرا يەكۈنگە ئىرشىمىز. ‹‹مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆررەگاننىڭ ‹‹ تارىخي رەشىدىي›› ناملىق ئەسىرى مەدەنىيەت تارىخمىزدا ‹‹ قوتاتقۇبىلىك›› ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر بۆيۈك ئابىدە، بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ رايۇنلارنىڭ 14~ 16 –ئەسىرلەردىكى تارىخىي ئەھۋالى ئەينەن تەسۋىرلەنگەن، ئۇنىڭ ئۆستىگە ئەسەر باشتىن – ئاخىرى پاساھەتلىك تىل، يۇقىرى بەدئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان بولغاچقا، ئەدەبىيات ۋە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە داڭلىق ئەسەر بولۇپ تونۇلۇپ كەلمەكتە››( تارىخىي رەشىدىي 1- بەت). بىز يازمىچە ماتېرىيال بار ئەھۋالدا تارىخىىڭ ئەينەنلىكىنى، چىنلىقىنى ساقلاش مەقستىدە بۇنىڭدىن460يىللار ئىلگىرىيېزىلغان ‹‹ تارىخي رەشىدىي›› گە مۇراجەت قىلمىز.
‹‹ تارىخى رەشىدىي ›› دە سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ نەسەپنامىسى:
بىز نۇرغۇن تارىخى كىتابلاردا سۇلتان ئۇۋەيسخان چىڭگىزىخاننىڭ 11- ئەۋلاد نەۋىرسى دېگەن ئاتالمىنى كۆپ ئوچىرتىمىز. بىز سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ نەسەپنامىسنى تىخمۇ ئىنىق بىلش ، بىلدۇرۇش مەقسىتىدە مىرزا مۇھەممەت ھەيدار گۇراگاننىڭ ‹‹ تارىخى رەشىدىيە›› ناملىق ئەسىرىگە مۇراجەت قىلدۇق.سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ نەسەپنامىسى مۇنداق ئىكەن: ئۇۋەيسخان شىرئەلى ئۇغلاننىڭ ئۇغلى، شىرئەلى ئوغلان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى، مۇھەممەدخان خىزىر خاجەخان ئوغلى (بەزى مەلۇمەتلەردە خىزىر خۇجا دەپ ئاتلىدۇ) ، خىزىر غاجەخان توغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئوغلى تۇغلۇق تېمۇرخان ئىسان بۇغا خاننىڭ ئوغلى، ئۇ داۋاچى خاننىڭ ئوغلى، داۋاچىخان باراقخاننىڭ ئوغلى، بارقخان قار سۇبۇ خاننىڭ ئوغلى. قارا سۇبخان مامقانخاننىڭ ئوغلى، مامقاخان چاغاتايىنىڭ ئوغلى، چاغاتايخان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلىدۇر.(تارىخى رەشىدىي 45- بەت، 193- ، 194-بەت) بىز بۇ نەسەپنامىنى داۋاملاشتۇرساق مۇنداق نەتىنچىگە ئىرشىمىز.
سەئىدى خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (1514-1670 يىللار ھۆكۈم سۆرگەن خانلىق) سۇلتان سەئىدىخان، سۇلتان مەنسۇرخاننىڭ ئوغلى، سۇلتان مەنسۇرخان، سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئوغۇللىرنىڭ چوڭى، سۇلتان ئەھمەدخان(‹‹ئالاچە›› دېگەن نامى مەشھۇر، موغۇل تىلدا ‹‹ئۆلتۈرگۈچى›› دېگەن بولىدۇ) ، سۇلتان يونۇسخاننىڭ ئوغلى، سولتان يونۇسخان، سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ ئوغلى دېمەك ئوتتۇر ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رۇل ئوينغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى (1227-يىلى چىڭگىزخان ئالەمىدىن ئۆتۈش ئالدىدا بويسۇندۇرغان زېمىنلارنى تۆت ئوغلىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەردى ئىككىنچى ئوغىلى چاغاتايىنىڭ سۇيۇرغاللىقى ئەسلىدىكى قوچۇ ئۇيغۇرلارىنىڭ غەربىدىكى جايلار بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئالمىلىق ئىدى. 1347-يىلى بىرلىككە كەلگەن چاغاتاي خانلىقى رەسمىي پارچىلىنشقا يۈزلەندى. چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا بارلاس قەبلىسنىڭ ئاقساقىلى تېمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ تارىختا ‹‹ تېمۇرىيلەر خانلىقى ›› دەپ ئاتالدى. خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى تۇغلۇق تېمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇردى. بۇ تارىختا‹‹ شەرقىي چاغاتاي خانلىقى›› {ياۋۇرپا تارىخچىلىرى ‹‹موغۇلستان››، مىڭ سۇلاسى تارىخچىلىرى ‹‹ ئىلبالىق خانلىقى››، ‹‹ بىشبالىق خانلىقى›› دەپ خاتىرلىگەن}دەپ ئاتلىدۇ.) نەسەپنامىسى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ سەئىدى خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى خانى ئابدۇلخانغا قەدەر بەزىدە كۆچيىپ، بەزىدە ئاجىزلاپ 440 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.تۇغلۇق تېمۇرخاندىن باشلاپ يۇقىرىقى ھۆكۈمرانلار مۇڭغۇل( ‹‹تارىخي رەشىدىيە››،‹‹ بابۇرنامە›› قاتارلىق تارىخي ئەسەرلەرە ‹‹ موغۇل›› دەپ ئاتايدۇ بۇ نام مەخسۇس ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇللارنىڭ نامى).ئاقسۇڭەكلىرنىڭ ئەۋلادى بولسمۇ، ئەمما بۇ دەۋردە موڭغۇل ھۆكۈمرانلار ئاساسەن دېگۈدەك ئادەم سانى كۆپ ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، شەكلىدە كۆچمەن چارۋۇچىلىقىنى ئاساس قىلشتىن دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلىپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا ئۆتكەن ھەمىدە ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دېنىغا كىرگەن(توغلۇق تېمۇرخاندىن تارتىپ). تۇرمۇش ئادىتى، تىل پىسخىكاجەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن پەرىقى قالمىغان، ئاخىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كېتىپ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئايلانغان.(‹‹ شىنجاڭ تارىخنى مەن بىلىمەن›› ناملىق كىتاپ 228-بەت) 
.‹‹ تارىخى رەشىدىي ›› دە سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ ئىش –پائالىيەتلىرى:
(1) سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ خانلىققا ئىرشىشى ھەققىدە: خانلىق تالاش تارتىش تۇپەيلىدىن ئۇۋەيسخان تاغىسى شىرمۇھەممەد بىلەن ئايرىلىپ بىر چەتكە چىققاندى. ئەمىر خۇدايىد ئەمىر سەييىد ئەلىگە ‹‹ مېنىڭ كۆڭلۈمىگە شۇنداق بىر مەسلھەت كېلۋاتىدىكى، سەن ئۇۋەيسخاننىڭ خىزمىتىگە بارغىن، بۇ يەردە تۇرساڭ زايە بولسەن›› دېدى ۋە ئۆز مۇلازىملىردىن بىر قانچە ياشنى قوشۇپ، ئۇنى ئۇۋەيسخانننىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئەمىر سەييىدئەلى ئۇۋەيسخاننىڭ ئالدىدا ئۆز لايىقىدا خىزمەتلىرنى بەجە كەلتۇردى.ئۇۋەيسخان سىڭلىسى ئۇزۇن سۇلتان خانمىنى ئەمىر سەييىدئەلىگە نىكاھلاپ بەردى. (‹‹ تارىخى رەشىدىيە›› 159- بەت).
يۇقىردا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەندەك، ئۇۋەيسخان تاغىسى. شىرمەھەممەتخاندىن ئايرىلىپ بىر چەتكە چىقتى، شۇنڭىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر مۇنچە جامائەت ئەگەشتى،. مۇغۇلستاننىڭ چەت ئەتراپلىرىدا قاچاق بولۇپ يۇردى، بىر مۇنچە ۋاقىت كەتىك (كېتىك دەپمۇ ئاتىلدۇ. ھازىرىقى چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە)، سارىخ ئۇيغۇر تەرەپلەردە كۈن كەچۈردى. شۇ كۈنلەردە سىڭلىسى ئۇزۇن سۇلتان خانمىنى ئەمىر سەييىد ئەلىگە نىكاھلاپ بەردى. ئېيتىشلارغا قارغاندا، خانمىنى سەييىد ئەلىگە بېرىدىغان چاغدا ئەمىر سەييىد ئەلىگە توي جابدۇقى ئۈچۈن ئوۋغا چىققان، ئوۋدا ئىككى بۇغىنى ئوۋلاپ كېلىپ ئۇلارنىڭ گۈشى بىلەن توي قىلغانكەن. بۇ توينىڭ ئەھۋالىنى مۇشۇنىڭىدىن قىياس قىلىشقا بولىدۇ. لىكىن، موغۇلىستان چىگىرىسى ئىچىدەئۇلار ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي، ئۇ يەردىن تۈركىستان تەرەپلەرگە باردى. شۇ كۈنلەردە تۈركىستان ئەمىرى شەيخ نۇرىددىنئىبنى سار بوغا قىپچاقى ھاكىم ئىدى. ئۇ كىشى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئۇلۇغ ئەمىرلىرىدىن ئىدى. ئۇۋەيسخان ئەمىر شەيىخ نۇرىددىننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. بىلەن شىرمۇھەممەد خاننىڭ ئارسىدا ئاداۋەت بار ئىدى. شۇ تۈپەيلىدىن ئەمىر شەيىخ نۇرىددىن ئۆز قىزى دەۋلەت سۇلتان بېگىمنى ئۇۋەيسخانغا نىكالاپ بەردى ۋە شىر مۇھەممەتخانغا تاقابىل تۇرۇپ، قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلش ئۈچۈن ئۇنڭغا مەدەت بەردى.نەچچە مۇدەتىن بىرى ئۇۋەيسخان بىلەن شىرمۇھەممەتخان ئارسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولۋاتتاتى. بۇ ئۇرۇشلاردا كۆپ ۋاقىتىلاردا شىرمۇھەممەتخان غەلبە قىلاتتى. شۇ ئۇرۇشلار جۈملىسىدىن بىرى مۇنداق يۈز بەرگەندى: شۇ چاغدا شىر مۇھەممەتخان موغۇلستانننىڭ قاراڭقاياغلىخ دېگەن يېرىدە ئىدى. ئوۋەيسخان يىراقتىن ئىلغار قوشۇن تەشكىللەپ تەڭ كېچىدە تۆت يۈز كىشى بىلەن شىرمۇھەممەتخاننىڭ ئوردىسغا يېتىپ كەلدى. ۋاڭ – چۇڭلار پەيدا بولۇش بىلەنلا شىر مۇھەممەدخان ئۆزنى بىر تۇرغۇن سۇغا تاشلىدى. ئۇۋەيسخان شىرمۇھەممەدخاننىڭ ئوردىسىنىڭ ئەتىراپىنى قورشىۋىلىپ، تاكى سۈبھى ۋاقىتغىچە ئۇچراتقانلا ئادەمنى ئۆلتۈرىدى، نۇرغۇنلىرنى قامىدى ۋە ئوردا ئەھىلىگە قاتتىق سىياسەت قىلدى. شىرمۇھەممەدخان سۇدىن چىقىپ لەشكەرلىنى توپلاپ يېتىپ كەلگەندە ئۇۋەيسخان نۇرغۇن مېھنەت – مۇشەققەتلەر بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدى.
دېمەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇنداق ئۇرۇش ۋە ماجىرالار دائىم بولۇپ تۇراتتى. شىرمۇھەممەدخان ئۆز ئەجىلى بىلەن ئاغرىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن خانلىق ئۇۋەيسخانغا قارار تاپتى.( تارىخى رەشىدىيە 161-بەت) 
2.سۇلتان ئۇۋەيىس خان بولغاندىن كېيىنىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە: .
خانلىق نۆۋىتى ئۇۋەيسخانغا يەتتى. ئۇشۇنداق خان ئىدىكى ،تەقۋادار مۇسۇلمان پاك ۋەكەرەملك كشى ئىدى. جىمى خانلار ئارىسىدا ھىممەت ۋە شىجائەتتە يېگانە كىشى ئىدى. ئۇۋەيسخان موغۇللارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۆستىگە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى توسۇپ تۇختاتتى. قالماقلار بۇلارغا يېقىن ئىدى.، ئۇۋەيسخان دائىم ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلاتتى.، شۇنداقتىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇۋەيسخان مەغلۇپ بولاتتى. لېكىن ئۇرۇشتىن قول يىغمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى نۆۋەت قالماقلارنىڭ قولىغا ئەسىرىگە چۈشتى.دەسلەپىكى قېتىم ئەسىرىگە چۈشۈش ئەھۋالى مۇنداق بولغاندى: مىڭلاق دېگەن جايدا قالماقلاردىن ئىسان تايشى( بەزى تارىخى ئەسەرلەردە ‹‹ ئىسەن تايشى، ئەسەن تايىشى، يەسەن تايشى›› دەپمۇ ئاتالغان) بىلەن ئۇرۇش قىلىدى. ئۇرۇش پەيتىدە قالماقلارغا تۇتۇلۇپ قالدى، خاننى ئىسان تايشىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسان تايشى كۆڭىلىدە: ‹‹ ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن چڭگىزخاننىڭ نەسلىدىن بولسا، ماڭا ئىزەت قىلمايدۇ ۋە مېنى ئۆز نۆكىرى قاتارىدا كۆرىدۇ››دەپ ئويلىدى.شۇنداق پىكىر قىلىپ تۇراتتى. ئۇۋەيسخاننى ئېلىپ كەلدى. ئىسان تايشى ئات ئۆستىدە ئىدى. خاننى كۆرۈپ ئاتتىن چۇشتى. تولۇق تەزىم قىلىپ بېشىنى يەرگە ئۇرغىنچە خاننىڭ ئالدىغا كەلدى. لىكىن خان ئۇنىڭىدىن يۈز ئۆردى، قولىنىمۇ ئۇزاتمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسان تايشىنىڭ ئۇۋەيسخانغا بولغان ئىتقادى تېخمۇ كۈچۈيدى ۋە ئۇنى كۆپتىن- كۆپ ئىزەت-ئىكراملار كۆرسىتىپ، ھۆرمەت ۋە ئىھتىرام بىلەن ياندۇرىدى.
كىشلەر خاندىن: ‹‹ نېمە ئۈچۈن قورقمىدىڭىز ۋە ئىسان تايشىغا تەزىم قىلمىدىڭىز؟›› دەپ سوراپتۇ. ئۇۋەيسخان جاۋاپ بېرىپ: ‹‹ ئەگەر ئىسان تايشى ماڭا غەزەپ بىلەن يۈزلەنگەن بولسا، ئەلۋەتتە جان ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تەزىم قىلار ئىدىم . ئەمما ، ئۇ قەدىمىي كۇپپارلار رەسىم- قائىدىسى بىلەن ماڭا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلدى . شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە :‹ھازىر شېھىت بولىدىغان چاغدۇر ، ئۇنىڭ كۇپپارلارچە قىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىش ۋە چىراي ئېچىش مۇسۇلمانلىق جۈملىسىدىن ئەمەستۇر ›› دەپ ئويلىدىم .شۇ سەۋەبتىن تەزىم قىلمىدىم » دېگەنىكەن . چۈنكى ، خان دىن ئىشىدا سادىق ئىدى . ئۇنىڭ بەرىكىتى تۈپەيلىدىن بۇنداق ھالاكەتلىك قىسمەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى .
يەنە بىر نۆۋەتتە ئىسان تايشى بىلەن موغۇلىستاننىڭ چېتىدىكى پشقابا دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلىشتى .بۇ نۆۋەتتىمۇ خانغا شىكەستە يەتتى ،ئېتىغا ئوق تېگىپ خان پىيادە قالدى .قالماقلار خاننى تۇتقىلى كېلىشكەنىدى ،ئەمىر سەيىتىدئەلى ئېتىدىن چۈشۈپ خاننى مىندۈردى ۋە ئۆزى يەردە دۈم ياتتى .قالماقلار ئۇنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلىپ خاننىڭ ئەتراپىغا يېقىنلاشقانىدى .ئەمىر سەييىدئەلى سەكرەپ قوپۇپ قالماقلاردىن بىرىنى تۇتۇۋالدى ،تۇتۇۋالغىنى قالماقلار ئىچىدىكى بىر مۆتىۋەر سەركەردە ئىدى .ئەمىر سەييىدئەلى ئۇنى كۆرۈپ ئۆزىگە قالقان قىلىۋالدى ،ئوق كەلسە ئۇنى تۇتۇپ بېرەتتى .ئەمىر سەيىيىدئەلى خاننىڭ ئېتىنى يېتىلەپ پىيادە كېتىپ باراتتى ،شۇڭا قالماقلار ئەمىرگەئوق ئاتالمايىتتى .شۇ تەرىققىدە ئۇرۇش قىلىپ ،ئۇ دۇبۇلغا –قۇياقلىق قالماقنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ بىر فەرسەڭ يەرگىچە كەلدى .ئىلى دەرياسىنىڭ لېۋىگە كەلگەندە قالماقنى سۇغا تاشلىدى ،ئۆزى خاننىڭ ئېتىنى مەھكەم تۇتۇپ سۇغا كىردى .دەريا سۇ بىلەن لىق تولغان مەزگىل ئىدى .باشقا خەلق چۆكۈپ كەتتى ،ئەمما خاننىڭ ئېتى سۇ ئۈزەتتى .ئەمىر ئۇ ئاتنىڭ بېشىنى چۆككىلى قۇيماي ئۈستۈن كۆتۈرۈپ ،ئۆزى دوبۇلغا –قۇياقلىق ھالدا خاننى دەريادىن ساق –سالامەت ئۆتكۈزدى ،قالقان خالايىقنىڭ كۆپ قىسمى بۇ دەرياغا چۆكۈپ كەتتى .شۇنداق نەقىل قىلىندۇكى ،خاننىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىردىن ئىككىيلەن بار ئىدى .بىرىنىڭ ئېتى ھەسەن سۇلتان ،يەنە بىرىنىڭ ئېتى لوقمان سۇلتان ئىدى . ئۇلاردىن بىرىنىڭ كىيگەن ساۋۇتى قىزىل ،يەنە بىرىنىڭ يېشىل ،ئۇلارمۇ دەرياغا كىرىپ چۆكۈپ كەتتى .ئەمىرسەييىدئەلى بىر قولىدا خانىنىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تۇتتى،يەنە بىر قولىنى ئۇ ئىككى سۇلتاننىڭ بىرىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئىككى نۆۋەت قول ئۇزاتتى ،ئەمما قولىغا كىرمىدى .ئۇۋەيىسخان بۇ ھەقتە :‹‹خېلى يەرگەبارغىچە ئۇ ئىكىكسنىڭ ساۋۇتلىرىنىڭ ئېتەكلىرى قىزىل –يېشىل بولۇپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى››دېگەنىكەن.
Hبۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇۋەيىسخان ئەمىر سەييىدئەلىنىڭ بۇ بەش تۈرلۈك ئىشغا بەش مۇكاپات بېرىپتۇ.(تارىخي رەشىدىي 164-بەت)

3.سۇلتان ئۇۋەيسىنىڭ سىڭىلىسى مەختۇم سۇلۇ ۋە پەرزەنتلىرى ھەققىدە
سۇلتان ئۇۋەيسخان يەنە بىر نۆۋەت ئىسان تايشى بىلەن تۇرپان دىيارىدا ئۇرۇش قىلدى. بۇ نۆۋەتتمۇ خان مەغلۇپ بولۇپ ئىسان تايشىنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشتى. ئىسان تايشى ئېيتتىكى: ‹‹ ئەمدى بۇ نۆۋەت سىزنى بىكارغا قويۇپ بەرمەيمەن. ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىغا سىڭلىڭىز مەختۇم خانمىنى بەرگەيسىز›› دېدى. ئۇۋەيسخان جان ۋەھمىسى تۈپەيلىدىن ئىلاجىسز مەختۇم خانمىنى بېرىپ ئۆزى خالاس بولدى. بۇ مەختۇم خانمنىڭ مەشھۇر نامى مەختۇم سۇلۇ ئىدى. (تارىخي رەشىدىي 164-165-بەت) (ئۇيغۇر ئىغىز ئەدەبىياتىمىزدا مەشھۇر بولغان ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر›› داستانى سۇلتانۋەيىس ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى مەختۇم سۇلۇغا بىغشلانغانغان بولۇش مۇمكىن. بىز چۆچەك سىيۇژتىنى تەھىلل قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ. ئىتىشلارغا قارغاندا سۇلتان ئۇۋەيىس مازارنىڭ پالتۋاي كەنتىدىكى نەسىردىن كىچىكى، بۇرۇن مەختۇم سۇلۇ كىچىكى دەپ ئاتىلاتىكەن. يەنەنىلقىنىڭ تاغ ئۇلاستايدا مەختۇم سۇلۇ كىچىكى دېگەن كىچىك بار ئىكەن) ئەمما ئۇۋەيسخان مەختۇم خانىمنى ئىسان تايشىغا بېرىدىغان چاغدا ئىسان تايشىنى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەختۇم خانىمنى نىكالاپ بەرگەنىدى. شۇ سەۋەبىتىن ئىسان تايشى ئۆز تەۋەلىرنى مۇسۇلمان قىلغانىدى. ئۇ مەختۇم خانىمىدىن توغۇلغان ئىككى ئوغۇلغا ئىبراھىم ۋەئىلياس دەپ ئات قويدى( تارىخي رەشىدىي 206-بەت). ھەر ئىككىلسى خىتاي مەملىكىتىدە ئالەمىدىن ئۆتۈپتۈ. ئىبراھىم ئوڭدىن (موڭغۇل تىلىدا خانزادىنى ‹‹ئوڭ›› دەپ ئاتشىدۇ) بابۇلاي ئاتلىق بىر ئوغۇل قالغان. ھازىر شۇ چىگىرا ئىچىدىكى قوۋمىنىڭ ئېتىنى بابۇلاي دېيىشىدۇ.( تارىخي رەشىدىي 207-بەت).
سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە: دېمەك، خالايىقىنىڭ ئاغزىدا شۇنىسى مەشھۇركى، خان قالماق بىلەن ئاتمىش بىر نۆۋەت ئۇرۇش قىلپتىۇ، پەقەت بىر نۆۋەتىلا غەلىبە قىلىپتۇ. باشقا ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە شىكەستە يەپتۇ.
پىقىر( مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەكاننى كۆرستىدۇ) :خاجەئەھمەدتىن نەچچە نۆۋەت ئاڭلىغانىدىم ،ئۇ زات مۇنداق دېگەنىدى :‹‹ئوۋەيىسخان ناھايتى تەقۋادار ئىكەن ،ھاياتىنى پاكلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن .خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈلاش ئۈچۈن تۇرپان، [تارىم ،لوپ ۋە كەتىك تەرەپلىرىگە باراتتى .ئوۋلىغان تۈگىلەرنىڭ يۇڭىنى ئېلىپ كېلىپ ئانىسى سۇلتان خاتۇنغا بېرەتتى .ئانىسى ئۆز قولى بىلەن ئېگىرىپ كۆڭلەك ،پايپاق تەييار قىلاتتى .خان ئۇنى كىيەتتى ،ئۇنىڭ ئۆستىگە نەپىس ئېگىنلەرنى كىيەتتى .تۇرپاندا سۇ كەمچىلدۇر ،خان ئۆزى زىرائەت تېراتتى ،زىرائەتكە ئېرىقتىن سۇ سۇرىمايىتتى .زىرائىتىنى ئۆزى قۇدۇق ،قېزىپ ،قۇدۇقتقن سۇ تارتىپ سۇغىراتتى .››مەۋلانا خاجە ئەھمەد ئۆز تاغىلىردىن رىۋايەت كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ :‹‹تاغىلىرىم :‹كۆپ ۋاقىتلاردا خاننىڭ ئىسسىق ھاۋادا ئۆزىنىڭ زىرائەتلىرىنى ئۆزى سۇ تارتىپ سۇغىرۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق .ئۇ يەرىن ئالىدىغان مەھسۇلاتى ھەرگىز ئون ئۇلاغقا يەتمەس ئىدى .خاننىڭ يىللىق ئوزۇق –تۈلۈكلىرى شۇ ئىدى .›دېگەنىدى .خان ھەزىرىتى مەۋلانا مۇھەممەد كاسانىنىڭ مۇرىتلىردىن ،مەۋلانا مۇھەممەد خاجە ھەسەن ئەتتار ئەتتەرەللاھنىڭ مۇرىتلىرىدىن ،خاجە ھەسەن ئەتتار بولسا مۇرشىدلار سەردارى ھەزرىتى خاجە باھاۋۇددىن نەقشبەندى –تەڭرى ئۇنىڭ سىرلىرنى ئۇلۇغ قىلغاي –نىڭ مۇرىتلىردىن ئىدى .سۇلتان ئۇۋەيسىان ئۆزى پادشاھ بولغان بىلەن تۇرۇقلۇق ئۆزنىڭ شەرەپلىك ئۆمرىنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەندى.(تارىخي رەشىدىي165 – بەت)

سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ شىھىت بۇلغانلىقى ھەققىدە:
مىرزا ئولۇغبەگ ساتۇقخاننى موغۇلىستانغا ئەۋەتتى. ئۇۋەيسخان بۇچاغدا ئىسقكۈل چىگىرسىدىكى ياقا بۇلۇڭ(بەزى مەلۇماتلاردا باغبەلەن دېيلدۇ)دېگەن جايدا ئىدى. پىقىر( مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆررەگاننى كۆرستىدۇ) مەۋلانا خاجا ئەھمەدتىن ئاڭلىغانىدىم. ئۇ زاتىنىڭ خاجە ئابدۇلكەرىم ئاتلىق بىر نەۋرە تۇغقىنى بار. ئۇۋەيسخاغا يېقىن ئىكەن. شۇ كىشى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەرگەنىكەن: جۈمە كۈنى ئىدى، خان جۈمە نامىزى ئۈچۈن غۇسۇل قىلدى ۋە چېچىنى ئالدۇردى، ئاندىن مەندىن(خاجە ئابدۇلكەرىمىنى كۆرستىدۇ-ئاپتۇر ئىزاھاتى) ‹‹ مېنىڭ بېشىم موشۇ پاكىزىلىكى بىلەن نېمىگە لايىقتۇر›› دەپ سورىدى. مەن:‹‹ مەملىكەت تاجىنى كېيىشكە لايىقتۇر›› دەپ جاۋاپ بەردىم. خان ئېيتتىكى‹‹ تاج كېيىشكە ئەمەس، بەلكى شىھىت بولۇشقا لايىقتۇر.›› شۇ سۆزدىن كېيىن بىر كىشى ئات چاپتۇرۇپ يېتىپ كەلدى ؤة:‹‹ ساتۇقخان كەلدى›› دەپ خەۋەر قىلدى. خان دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقشقا ئەمر قىلدى. ئۆزى كىيىنشكە مەشغۇل بولدى، يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق لەشكەرلەر يىغىلدى. ئۇۋەيسخان ئۇلار بىلەن ئاتلىنىپ ساتۇقخاننىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارلىقىدا بىر ئولۇغ بار ئىدى، ئىككى تەرپتە ئىككى سەپ بىر-بىرىگە يۈزلەندى، ئاندىن ئۇۋەيسخان ئالدىدا يۈردى.ئۇ سۇدىن ئېتىنى سەكرىتىپ ئۆتمەكچى بۇلغانئىدى. ئاتىنىڭ ئايىقى لايغا پېتىپ قالدى. ئۆزى يىقلدى، خاننىڭ چاقىر( بەزى مەلۈماتلاردا جاشىر، ‹‹باھادىرنامە›› رۇماندا تاھىر دەپ ئىلىنغان›› ئاتلىق بىر مۇلازىمى بار. ئۇقيا ئېتىشقا ناھايتى ئۇستا بولۇپ، پۈتكۈل موغۇل ئۇلۇسى ئىچىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يۇق ئىدى. شۇ تۈپەيلىدىن خان چاقىرنى مىر مۇھەمەد شاھتىن سورىۋېلىپ، ئۆزنىڭ خىزمىتىدە توغۇزغانىدى. خان ئاتتىن يىقىلغاندا بۇ چاقىر دېگەن مۇلازىم يېتىپ كېلىپ قارسا، بىر كىشى ئات بلەن يىقلىپتۇ. ئۇ دۈشمەننىڭ باھادىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاتتىن يىقلغان بۇلسا كېرەك، دەپ گۇمان قىلىپ كامانغا ئوقنى قويۇپ خاننىڭ بىقىنىغا شۇنداق ئاتتىكى، ئوق تاكى پىيىغىچە پېتىپ قالدى. خان يۇملاپ ئوڭدا بولغان ھامان چاقىرئۇنى تونۇپ ئاتتىن ئۆزنى تاشلدى ۋە خانغا ئۆزنى قۇربان قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىدا چۆرگىلگىلى تۇردى. ئۇنڭىغىچە بۇ خەۋەر ساتۇقخانغا ئاڭلاندى.ساتۇقخان تېزىلىكتە ئات چاپتۇرۇپ يېتىپ كېلىپ، ئاتتىن چۈشۈپ» خاننىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئالدى، لىكىن خاننىڭ تىنىقى تۇختغانىدى. شۇنىڭىدىن كېيىن پۈتكۈل موغۇل ئولۇسى ۋەيران بولدى. (‹‹ تارىخي رەشىدىي›› 177-178 بەت››) ( سەيدەخمەت ئاۋاكىرىنىڭ ‹‹سۇلتانۋەيىس مازىرى›› ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە، ھەمىدە مىركايىل ئالىمىنىڭ ‹‹ قەدىمى يۇرت سۇپتاي›› ھەققىدە يازغان ماقالىسدەسۇلتانۋەيىس سۇپتاينىڭ ‹‹قالماق تام›› دېگەن يېرىدە ئاتتىن يىقلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن دديدىغان خاتا قاراش بار) 
يەنە بىر مەسلە ئىسقكۆل بۇيدىن ھازىرىقى ئۇرۇنغا دەپنە قىلش مەسلىسى (بەزى تارىخى ماتېرىياللاردا:سۇلتان ئۇۋەيسخان ئۆزنى يۆلەپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ ‹‹ قازا بولۇپ كەتسەم سۆڭىكىمنى ئابرال تېغى باغرىدىكى بوربۇسۇن دەرياسىنىڭ (ھازىر دەريائەمەس ئۆستەڭ دېيلىدۇ) بويىغا قويۇڭلار…›› دەپ جان ئۆزىدۇ. ئۇنىڭ جەستى باغبۇلەندىن ( ياقا بۇلۇڭ) ئارلىقى 14 كۈنلۈك يول كېلدىغان ھازىرىقى جايغا دەپنە قىلىنىدۇ.( بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ) بۇ خىل ئەھۋال ئەينى مەزگىلدە كۆپ ئۇچرايدۇ. ‹‹ تارىخي رەشىدىيە›› نىڭ ئاپتۇرى مىرزا ھەيدەر كۇررەگان كەشمىردە تاغلىق قەبىللەر ئاتقان ئۇقتايارلىنىپ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ يىقىنلىرى ئۇنى سەئىدى خانلىقىنىڭ پايتەخىتى يەكەنگە ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلدۇ. ھازىرى ئۇنىڭ قەبرسى يەكەندە.
دېمەك يۇقرىقى پاكتلارئارقلىق بىز سۇلتان ئۇۋەيسخان كىم؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ ئۇ قانداق ئۆلگەن دېگەن مەسىللەرگە جاۋاپ تاپالايمىز.بىزنىڭ يۇقرىقى ماقالنى يېزشمىزدىكى ئاساسلىق مەقسەت تارىخي ئۇزۇن بۇلغان مازار يېزسىسدىكى بۇ دۆلەت دەرىجىلىك قۇغدىلدىغان مەدەني يادىكارلىق ئۇرنى سولتان ئۇۋەيىس مازارنىڭ قىممىتنى گەۋدىلەندۇرۇش، كىشلەرنىڭ بۇ مازارغا بولغان قارشنى يىڭلاش. تارىخقا مۇناسۋەتلىك يىڭى مەسىللەرنى بايقاشتىن ئىبارەت. بىز ئۈچۈن ناھايتى ئەھمىيەتلىك بولغان ئىش يازغۇچمىز ياسىنجان سادىقىنىڭ ئالتە قىسملىق ‹‹ باھادىرنامە›› رۇماننى بىزىگە تەغدىم قىلغانلقىدا بۇلسا كېرەك. ئاپتۇر بۇنىڭدىن ئالتە ئەسىر بۇرۇنقى ئەجىداتلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى ۋەقايغۇلىرى، بەخىت تويغۇلىرى ۋە مۇشەققەتلىرنى، مەردۇ مەردانە خاراكتىرى ۋە گۈزەل تىل- زۇۋانلىرنى، ئاڭ تەپەككۈى، غايە ئىنتلىشلىرنى، جەڭ مەيداندىكى غەيرتىنى، قىلچ چاپقاندىكى قەھىرنى، قىز- ئانىلار قەلبىدىكى ھايا – پەدىشەپلىرنى، ساتقىن – مۇناپىقىلارنىڭ ئاقۋتىنى كۆز ئالدىمىزىغا يايغان ئىدى. ئالتە قىسملىق ‹‹ باھادىرنامە›› رۇماننىڭ 1- قىسمى دەل سۇلتان ئۇۋەيىس خانغا بىغشلانغان ئىدى.

مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش