ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يازما يادىكارلىقلىرى

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يازما يادىكارلىقلىرى

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى

ئاپتور: ئابلەت كامالوف (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئۇيغۇر خەلقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ۋە كۆچمەن ئېتنىكىلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى ۋە بىرىكىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە شىمالىي موڭغۇلىيىنى (ئورخۇن ۋە سېلېنگا ۋادىسى) مەركەز قىلغان ھالدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر قاغانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (744 – 840) ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىقاتچىلار ئاساسەن يازما ۋە ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى ئاساسىدا تىكلەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى ۋە تېپىلغان جايى بويىچە بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ: خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەر، ئۇيغۇرچە ئېپىگرافىلىق يادىكارلىقلار، ئەرەب-پارس تىلىدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ قول يازمىلىرى. مەزكۈر ماقالىمىزدا بىز پەقەت ئۇيغۇر قاغانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 8 – 9-ئەسىردىكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ھەققىدىلا توختالماقچىمىز.

ھازىرچە ئالىملار ئۈچۈن بەش ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى مەلۇم: تېرخىن (تاريات) يېزىقى (753 – 760 -يىللار)، موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق ياكى سېلېنگا مەڭگۈ تېشى (759 – 760)، تېسىن تاش پۈتۈكى (762-يىلى)، سەۋرەي ئۇيغۇر-سوغدا يېزىقى (763)، ئۇيغۇر-سوغدا-خەنزۇ ئۈچ تىللىق قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشى (820 – 821).

بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت موغون شىنە ئۇسۇ ۋە قارابالغاسۇندىن تېپىلغان يېزىقلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېپىلغان، قالغانلىرى 1970 – 1980- يىللىرى تېپىلىپ، ئىلمىي قوللىنىشقا يېقىندا كىرگۈزۈلگەن.

كۆرسىتىلگەن يادىكارلىقلاردىكى مەلۇماتلارغا خاراكتېرىستىكا بېرىشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ تېپىلىش تارىخى، ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە يادىكارلىقلارنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

1. تېرخىن يېزىقى

مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن 1957- يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈركشۇناسى س. كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن. سېرېجاۋ ۋە ۋ. ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يوقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ ئىنىستىتۇتىدا (ئۇلانباتۇر) ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م. شىنەخۇ، ب. بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم س. كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. يادىكارلىقلارنى ئوقۇش، تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980- يىلى ماقالە ئېلان قىلدى («سوۋېت تۈركولوگىيىسى»، 1980- يىل، 3- سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى موڭغۇل ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنەخ ۋە ب. بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان.

تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا “تاريات يېزىقى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك. سېگلىدى، ئا. رونا تاش، ل. بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپپىسسىيىسى س. كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س. كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى.

س. كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر قاغانى ئەلئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش خاقاننىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىكى بۆگۈ قاغان، 759 – 779) ئىدى.

2. موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق

مەزكۇر يادىكارلىقنى فىنلاندىيە ئالىمى گ. رامستېد 1909- يىلى تېپىپ، ئۇنى “سېلىنگا تېشى” دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759 -760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ قەبرىسىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گ. رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س. مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلى نەشر قىلىنغان <موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى> كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق «مويۇنچۇر يادىكارلىقى» دەپ بېرىلگەن. «مويۇنچۇر» — ئەلئەتمىش قاغاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە «مويان» شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى «جۇ» سۆزىنىڭ تۈركچە تەلەپپۇزى «چۇر» ئېنىقىراقى «چور» (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى «مويان» مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج. ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا “بايانچور” شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا بايانچور شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.

ئەلئەتمىش ئېپىتافىياغى (قەبرە تېشى) باشتا ئېيتقىنىمىزدەك خېلى بۇرۇن تېپىلغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملاردىن يې. گ. گرۇم-گرىژىمايلو، ل. ن. گۇمېلېف، ئا. ن. بېرنشتام، س. گ. كلياشتورنىي، ل. ر. كىزلاسوفلار تەرىپىدىن پايدىلانغان.

3. تېسىن ستېلىسى (تاش پۈتۈكى)

بۇ يادىكارلىق 1976- يىلى س. كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارخ-مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي ھانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يوقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكستنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س. كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762- يىلى ئۇيغۇر بۆگۈ قاغاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.

4. سەۋرەي تېشى

مەزكۇر يادىكارلىقنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى دەسلەپ موڭغۇل ئالىمى ر. رىنچېن 1968- يىلى ئېلان قىلغان. س. ف. كلياشتورنىينىڭ تەپسىلى تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، مەزكۇر يادىكارلىقنىڭ ئىككى خىل تىلدا يەنى رۇنىك يېزىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە سوغدا تىللىرىدا پۈتۈلگەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇرچە قىسمىنى س. گ. كلياشتورنىي، سوغدىچىسىنى ۋ. ئا. لىۋشىتس ئوقۇپ، 1971- يىلى نەشر قىلدى. يېزىق ئانچە چوڭ ئەمەس، باشقا يادىكارلىقلاردىن پەرقى ئۇ ستېلىغا يېزىلماي، بەلكى قورام تاشقا ئويۇلۇپ يېزىلغان. يادىكارلىقنى كلياشتورنىي 3 پاكىتقا ئاساسلىنىپ 763- يىلى يېزىلغان دەپ ھېساپلايدۇ: 1) بۆگۈ قاغان تىتۇلى (ئۇنۋانى دېمەكچى – نازىمى) «ئىنگى ياغلاقار» نىڭ ئەسكە ئېلىنىشى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شى چاۋيى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن (763-يىلى) تاڭ دەيزۇڭ بەرگەن تىتۇلى؛ 2) يادىكارلىقتا سوغدا تېكستىنىڭ بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئۆتۈشىگە باغلىق (762 – 763-يىللىرى)؛ 3) يادىكارلىقنىڭ چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دىن قاغانات پايتەختى ئوردۇبالىق جايلاشقان يولغا (جەنۇبىي گوبى) ئورنىتىلىشى. بۇ يول بىلەن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قوزغىلاڭنى باستۇرغان ئۇيغۇرلار قايتقان.

5. قارابالغاسۇن يادىكارلىقى

بۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەڭگۈ تېشى ھېساپلىنىدۇ. مەزكۇر يادىكارلىق 820 – 821- يىللىرى ئورخۇن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق (قارابالغاسۇن) تا ئورنىتىلغان. قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشى 1889- يىلى ن. م. يادرېنتسېف ئېكىسپېدىتسىيىسى تەرىپىدىن بايقالغان. ئۇنىڭ بەزى فراگمېنتلىرى ئا. گېيكېل (1890)، ۋ. ۋ. رادلوف (1891) ئېكسپىدىتسىيىلىرىدىمۇ تېپىلدى. يادىكارلىق ئۇيغۇر، سوغدا، خەنزۇ تىللىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى بەكمۇ ئۇپراپ كەتكەن. خەنزۇچە ۋارىيانتى تولۇق ساقلانغان. سوغدا ۋارىيانتىنى ئالىملار دەسلەپ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دەپ ھېساپلىغان. پەقەت 1909- يىلىلا گېرمان شەرقشۇناسى ۋ. ف. مىللېر مەزكۇر قىسىمىنىڭ سوغدا تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. سوغدا تېكستىنى دەسلەپ ئو. خانسېن نېمىس تىلىغا، 1930-يىلى تەرجىمە قىلدى. لېكىن مەزكۇر تەرجىمە ھازىر كونىراپ كەتتى. ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرىنى ياپون سوغدىشۇناس ئالىمى يۇكاتا ئىئوشىدا قايتا ئوقۇدى. تېكستنى تولۇق ۋە ئىلمىي ئاساستا يېقىندا سوۋېت ئىرانشۇناسى ۋ. ئا. لىۋشىتس تەرجىمە قىلىپ چىقتى.

خەنزۇچە ۋارىيانتى دەسلەپ ھاكىمىيەت ئورنى بولغان «زۇڭلى يامېن» تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر تەرجىمە ئاساسىدا رۇس ئاكادېمىكى ۋ. پ. ۋاسىليېف 1897- يىلى تولۇق تېكستىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدى. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق يەنى 1896- يىلى خەنزۇچە تېكستنى نېمىس تىلىغا گ. شېگېل تەرجىمە قىلغان. كېيىنرەك يادىكارلىقنىڭ بەزى تالاش جايلىرىغا فرانسۇزلاردىن ئې. شاۋان، پ. پېللىئوت ۋە ياپونلاردىن تاكېئو ئابې، خانېدا تورۇ، يامادا نوبۇئو قاتارلىق ئالىملار ئۆز ئېنىقلىمىلىرى ۋە ئىزاھلىرى بىلەن مۇراجەت قىلدى. قارابالغاسۇن ئۈچ تىللىق يادىكارلىقىنى سوۋېت تەتقىقاتچىلىرى مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.

يۇقۇرىدا ئاتالغان بەش ئۇيغۇر يادىكارلىقىدىن باشقا، ئۇيغۇر قاغانلىقى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلار 840- يىلى يەنى قاغانلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان يىلى ئورنىتىلغان سۇجىدىن تېپىلغان قىرغىزچە يېزىلمىمۇ بار. مەزكۇر يېزىلمىنى ئالىملار دەسلەپ «ئۇيغۇر يېرى» ۋە «ياغلاقار خان» ئىبارىلىرىگە قاراپ، ئۇيغۇرچە يېزىلما دەپ خاتالاشقان.

ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى ئۇلارنىڭ يەرلىك (ئاۋتوختونلۇق) خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار بىۋاستە مۇھىتتا مەيدانغا كەلگەنلىكتىن، باشقا مەنبەلەردىن (خەنزۇچە، ئەرەبچە، پارىسچە) تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئورنى جەھەتتىنمۇ، ۋاقتى جەھەتتىنمۇ يېقىن تۇرىدىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇلاردىكى ۋەقەلەر سىرتتىن بايقاپ تۇرغان ئادەم نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى ياكى بىۋاستە ئىشتىراكچىلىرى نەزىرىدىن يېزىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇ تارىخچىلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم پاكىتلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى توغرىسىدا باشقا مەنبەلەردە ئۇچرىمايدىغان مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر. بەزى ھەربىي-سىياسىي ۋە مەدەنىي ۋەقەلەر توغرىسىدا بىز پەقەت ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىنلا بىلەلەيمىز.

مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكى ئۇلارنىڭ تاشقا يېزىلغانلىقىدا. مەڭگۈ تاشلار ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ئوچۇق ئاسماندا تۇرغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى يېزىقلار يامغۇر، قار ۋە قۇياشنىڭ تەسىرىدىن تولۇقى بىلەن يوقاپ كەتكەن بولسا (سەۋرەي تېشى ھەم قارابالغاسۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمى)، بەزىلىرىنىڭ ئۆچۈپ فراگمېنتلىق بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلاردىكى مەلۇماتلارنى شەرھىلەش شەرتلىك خارەكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بەزىدە ھاتتا ئۇمۇ مۈمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان. شۇڭلاشقا مەزكۈر مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش كومپلېكسلىق (بىر يۈرۈش) ئەمگەكنى يەنى تىلنى ھەم تارىخىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەلئەتمىش بىلگە قاغان (747 – 759) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۆگۈ قاغان (759 – 779) دەۋىرلىرىدە ئورنىتىلغان. پەقەت قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشىلا 8-ئەسىرنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بىز ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ، مەزكۈر قاغانلىقنىڭ ئىچكى ۋەقەلىرىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرلىرىنىلا يورۇتۇپ بېرىشىمىز مۈمكىن.

ئەمدى ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلارنىڭ مەقسىدىگە كېلىدىغان بولساق، موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىقتىن باشقىلىرى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى ھۆرمىتىگە ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. موغون شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يادىكارلىق يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك قەبرە ئۈستىگە قويۇلغان.

شەكىل جەھەتتىن ئۇلار ستېلا (стела تاش پۈتۈك – نازىمى) بولۇپ، دەسلەپ مەخسۇس پوستامېنت (постамент تاش مۇنار، تاش تۈۋرۈك مەنىسىدە – نازىمى) قا ئورنىتىلغان. ستېلىلارغا ئۇيغۇر تېكستلىرى تاشنى بويلاپ يېزىلغان (خەنزۇ يېزىقى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە يېزىلغان، سوغدا يېزىقى بولسا تۈرك-رۇنىك يېزىقلىرىغا ئوخشايدۇ.) پەقەت سەۋرەي تېشى ستېلا بولماستىن، ئادەتتىكى يوغان (قورام) تاش بولۇپ، ئۇنىڭ تەكشىلەنگەن تەرىپىگە رۇنىك ۋە سوغدا يېزىقلىرى ئويۇلغان.

ئەمدى يوقۇرىدا ئاتالغان يادىكارلىقلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا توختىلىپ ئۆتەيلى. ئەلئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئىككى يېزىقىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى قۇتلۇق بىلگە-كۆل قاغان (كۆل بىلگە قاغان، خەنزۇچە مەنبەلەردە – «گۇلى پېيلو» بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى «قۇتلۇق بويلا» ياكى «قۇلۇغ بويلا» بولۇشى مۇمكىن، 744 – 747) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئەتمىش ئۆزىنىڭ (747 – 759) قاغانلىق قىلغان دەۋرىدىكى ۋەقەلەرگە تەپسىلى توختىلىدۇ. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەخت ئۈچۈن ئاشىنا سۇلالىسى باشقۇرغان شەرقىي تۈركلەر بىلەن بولغان جەڭلەرگە تولاراق ئەھمىيەت بەرگەن (742 – 745).

خەنزۇچە مەنبەلەردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر-تۈرك ئۇرۇشىدا تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ۋە ئاشىدە قاتارلىق ئۇرۇقلىرى بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمى تاڭ سۇلالىسىغا قېچىپ كەتكەن. بىراق سىرتقى دۈشمەنلەردىن غالىبىيەت قازىنىش ياغلاقار قەبىلىسىدىن چىققان ئۇيغۇر قاغانلىرى باشقۇرىۋاتقان توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىگە زېمىن بولالمىدى. قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان ۋاپاتىدىن كېيىن، 747-يىلى قاغانلىققا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ رەھبىرى يابغۇ تاي بىلگە تۇتۇق باشقۇرغان سەككىز ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ قوزغىلىڭى يۈز بەردى. بۇ قوزغىلاڭغا موڭغۇل تىللىق قەبىلە توققۇز تاتارلارمۇ قوشۇلۇپ، ئەلئەتمىش بىلگە قاغانغا ئۈچ يىل مابەينىدە ئۆز خەلقىنى بوي سۇندۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئاقىۋەتتە ئۇ توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىدا بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار تىنجىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە بىر نەچچە يۈرۈشلەرنى قىلدى. 750-يىلى ئەلئەتمىش ھازىرقى تۇۋا تېررىتورىيىسىدە ياشىغۇچى چىكلارغا قارشى ئاتلاندى. تۇۋا تېررىتورىيىسى تولۇقى بىلەن ئۇيغۇر خاقانلىقى تەركىبىگە پەقەت 752-يىلى قوشۇلدى. ھازىر بۇ يەرلەردىن قەدىمىي ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىگە باغلىق شەھەرلەر، قەبرىلەر، تۇرمۇش جىھازلىرى، قورال-ياراقلار تېپىلىپ، تەتقىق قىلىنماقتا. تۇۋادىكى ئارخىئولوگىيىلىك يادىكارلىقلارنى تېپىشتا ل. ر. كىزلاسوفنىڭ ئەمگىكى چوڭ. چىكلارغا قوشنا ئېنېسەي قىرغىزلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ (752 – 758)، ئۇلار پەقەت ۋاسساللىق بېقىنىشنى ئېتىراپ قىلىپ، تېررىتورىيىسى بىلەن قاغانلىققا كىرمىدى. 752- يىلى ئۇيغۇرلار قارلۇق، باسمىل (بۇ قەبىلىلەر كېيىنرەك ئۇيغۇر ئىننوسى – مىللىتىنىڭ تەركىۋىگە كىرىپ كەتتى) ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەم جۇڭغارىيىدىكى تۈركەش قەبىلىلىرىگە قاراپ ئاتلىنىپ، تا يەتتەسۇغىچە، ئىرتىش دەرياسى ۋادىسىغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە قارلۇق، باسمىل قەبىلىلىرى يېڭىلىپ قېلىپ، قارلۇقلارنىڭ ئالتاي تارمىقىدىن باشقىسى توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقىغا كىردى. ئەلەتمىش دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ ھەممىسى «ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى، يەنى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك «ئۇيغۇر» ئېتنىكىلىق نامنى قوبۇل قىلدى. بۇ يەردە تېرخىن يېزىقىدىكى مەلۇماتلارنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار قارلۇق ۋە باسمىللارغا قارشى ئۇرۇشلىرىدا تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى تۈرك تىللىق قەبىلىلەرنى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بېقىندۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر بىز قەدىمىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە بۇ ۋەقەلەردىن خېلىلا بۇرۇن ياشىغانلىقىنى ئەسكە ئالىدىغان بولساق (بۇ يەردە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ۋە 5- ئەسىردە گاۋچې خانلىقىنى قۇرغانلىقىنى ئاتىساق شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە) ئۇ چاغدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر خەلق ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي ماكانىدا قانداشلىق قېرىنداشلىق باغلىنىشىنى قايتا تىكلىدى دەپ تەخمىن قىلساق بولىدۇ.

ئابلەت كامالوف (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش