• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر -3: باققال بىلەن شاتۇت

مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر -3: باققال بىلەن شاتۇت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

بىر ياد بىلەن سۆزلەشسەڭ مىڭ ھالى بولۇر،
توغرا تۇي، ئال خوش خەۋەر، دوست لالە بولۇر.
ئۆي، ھەرە ساندۇقنى يادلاردىن پاكلىساڭ ئەگەر،
ئۆي، ھەرە ساندۇقۇڭ كېيىن تەلتۆكۇس بال بولۇر.

بىر باققال دۇكاندارنىڭ بىر شاتۇتى بار ئىكەن. بۇ شاتۇتى ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئەقىللىق ئىكەن ۋە گۈزەل بىر ئاۋازى بار قۇش ئىكەن.

بۇ شاتۇتى دۇكانغا قارايدىكەن. كەلگەن خېرىدارلارغا پاساھەتلىك سۆزلەرنى سۆزلەيدىكەن، ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشىدىكەن. خېرىدارلار ماللارنىڭ باھاسىنى سورىسا، ئادەمدەكلا توغرا جاۋاب بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدىكەن. شاتۇتىنىڭ سايرىشىمۇ بەك يېقىملىق ئىكەن.

دۇكاندار بىر كۈنى ئۆيگە كېتىپتۇ. شاتۇتى دۇكانغا قاراپ قاپتۇ. بىر مۈشۈك بىر چاچقاننى قوغلاپ دۇكاننىڭ ئىچىگە كېرىپ كېلىپتۇ. مۈشۈكنى كۆرگەن شاتۇتى شۇنداق قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ، دۇكاننىڭ بىر بۇلۇ ڭىدىكى گۈلماي قاچىسىنى ئۆرۈۋېتىپتۇ.

دۇكاندار ئۆيدىن كېلىپ، خاتىرجەم ئولتۇراي دەپ شۇنداق قارىسا، دۇكاننىڭ ھەر يېرى مايغا چېلىشىپ تۇرغان. بۇنى شاتۇتىنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ-دە، شاتۇتىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، پەيلىرىنى توزىتىۋىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ گۈزەل شاتۇتى تاز بولۇپ قاپتۇ.

تاز شاتۇتى ھېچ سۆز سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. دۇكاندار بۇ ھالنى كۆرۈپ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپتۇ. پۇشايمىنىنى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، ” ھەي ئىسىت! رىزقى قۇياشىم بۇلۇتنىڭ ئاستىغا كېرىپ كەتتى. كاشكى شۇ چاغدا ئۇرغان بۇ قولۇم سۇنۇپ كەتكەن بولسا، شۇ يېقىملىق ئاۋاز بار قۇشۇمنى ئۇرمىغان بولار ئىدىم” دەپ نالە قىلىپتۇ.

شاتۇتى قايتا سايراپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ، يېتىم-يېسىرلارغا سادىقە بېرىپتۇ. ئۈچ كېچە-كۈندۈز سايرىمىغاندىن كېيىن، دۇكاندار غەمگە پاتقان ھالدا دۇكاننىڭ ئالدىدا ئۆلتۈرۈپتۇ. دۇكاندار بېشىنى قاشلاپ، بۇ قۇش ئەمدى قاچانمۇ سايرا؟ ياكى ئەمدى پەقەت سايرىماسمۇ؟ دەپ مىڭ تۈرلۈك غەم-ئەندىشىنىڭ ئىچىگە غەرق بولۇپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپتۇ.

بىر چاغدا دۇكاننىڭ ئالدىدىن يالاڭ باش بىر دەرۋىش ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ باشلىرى ئۇستىرا بىلەن پاكىز قىرىلغان بولۇپ، خۇددى بىر پارقىراپ تۇرغا تاشتەك، پاينەك ئىكەن.

شاتۇتى بۇ دەرۋىشنى كۆرۈپ دەرھال زۇۋانغا كەپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
” ئەي دوستۇم! ئەي پاينەك باش، ساڭا نېمە بولدى؟ ياكى سەنمۇ قاچىدىكى گۈل مېيىنى تۆكۈۋەتتىڭمۇ؟”

شاتۇتىنىڭ دەرۋىشنى ئۆزىگە ئوخشىتىشىدىن ۋە ئۆز نەپسىگە قىياسلىشىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەر پاراققىدە كۈلۇپ كېتىپتۇ.

شاتۇتنىڭ ئۆزىنى دەرۋىش بىلەن سېلىشتۇرۇشى خەلقنى كۈلدۈرگەن. چۈنكى قىياس ھەركىمنىڭ تەجىربىسىگە، بىلىمىگە، مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، قىياس ئارقىلىق ھەقىقەتنى تولۇق كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا قىياس، ئادەم ئاسانلا خاتالاشتۇرىدۇ.

ھېكمەتلەر:

ھەق ئەرلىرىنى تونۇمىغان، شۈبھىسىز تەڭرى يولىدىن يىراقلىشىدۇ.

ئىككى ھەرە ئوخشاش بىر چىمەنلىكتىن ئوزۇق ئالسىمۇ، ئەمما بىرىدىن زەھەر، بىرىدىن ھەسەل چىقىدۇ.

ئىككى ئوخشاش جەرەن بىر يەردىن سۇ ئېچىپ، ئوخشاش ئوتتا ئوتلىسىمۇ؛ بىرىدىن ئىپار چىقسا، يەنە بىرىدىن پوق چىقىدۇ.

ئىككى قومۇش ئوخشاش سۇدا ئۆسسىمۇ؛ بىرىدىن شېكەر چىقسا، بىرىدىن ھېچبىر.

ئوزۇقلۇق بىرىنىڭ قارنىنى تويدۇرسا، باشقا بىرىنى ئاللانىڭ نۇرىغا ئىگە قىلىدۇ.

بەزىلەرنىڭ يېگىنىدىن پىخسىقلىق ۋە ھەسەت پەيدا بولسا، بەزىلەرنىڭكىدىن تەڭرى ئاشىقى ھاسىل بولىدۇ.

بۇلار كۆرۈنۈشتە بىر-بىرىگە ئوخشىسىمۇ، تۇزلۇق سۇ بىلەن تاتلىق سۇ ئارىسىدا زور پەرق بار.

تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق(ئاچچىق) سۇ ئوخشاشمۇ؟ بۇنى سۇن ئىچكەن كىشى بىلىدۇ.

مۇسانىڭ ھاسىسى بىلەن بۇ ھاسىلاتلارنىڭ پەرقى چوڭدۇر. مۇسانىڭ ھاسىسىدىكى خاسىيەتلەرنىڭ ھېچ بىرى بۇلاردا يوقتۇر.

بۇ ھاسىلاتلارنىڭ ئارقىسىدا تەڭرىنىڭ لەنىتى بولسا؛ مۇسا ھاسىسىنىڭ ئارقىسىدا ھەقنىڭ رەھمىتى باردۇر.

مايمۇنلار ئىنسانلاردا نېمىنى كۆرسە، شۇنى دوراپ، زوقلىنىدۇ.
ئۇ “مەنمۇ ئىنساننىڭ قىلغىنىنى قىلدىم” دەپ ئويلاندۇرۇدۇ، ئەمما ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ.

مۆمىنلەرگە ئىبادەت مەڭگۈلۈك ھۇزۇر. ئىككى يۈزلىمىچىلەر بولسا جان كويىدا.

مۇناپىق دېگەن سۆز دوزاخ دېگەن سۆزدىن كەلمىگەن بولسا ئىدى؛ ئۇنىڭدا دوزاخنىڭ تەمى بولمىغان بولاتتى.

بۇ سۆزنىڭ ئەسكىلىكى ھەرىفتىن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئاچچىقلىقى ئېلىنغان قاچىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس.

ئاچچىق ۋە تاتلىق سۇلۇق دېڭىزلار بار. ئارىسىدىكى پەردە سەۋەبىدىن بىر-بىرلىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.

دېڭىز ئىككى ئەمما ماھىيەتنى بىر. سەن ئىككىدىن ۋاز كېچىپ، ماھىيەتكە ئېرىشىش.

بىرىنىڭ ئېغزى چۆپ بولسا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلمىغۇچە راھەت بولمايدۇ.

Èسىل تاماقلىرىڭدا بىر تال قىل بولسا، ئۇ سېنى بىئارام قىلىدۇ.

دۇنياغا بولغان تۇيغۇلىرىڭ يەرگە شوتا بولسا، ئاخىرەتكە بولغان تۇيغۇلىرىڭ كۆكلەرگە شوتا بولىدۇ.

بەدەندىكى راھەتسىزلىكىنى تېۋىپتىن سورا. ئەگەر ئۇ روھى جەھەتتىكى راھەتسىزلىكى بولسا .مۇھەممەدتىن سورا.

بەزى ياخشىلىق بەزىدە دۈشمەنلىكتە كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقىل ئىگىلىرىمۇ بۇ ئىشلارغا ھەيراندۇر.
بۇ يولدىكى ھەيرانلىق، سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بىھوش بولۇپ ھاڭ-تاڭ بولغىنىدىندۇر.

ئىنسان شەكىلدىكى نۇرغۇن شەيتانلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قولغا ئېسىلما.

ئوۋچى قۇشنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىسقىرتىپ، قۇش ئاۋازىنى دورايدۇ.
ئۆزگە ئوخشاش قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان قۇش يەرگە قونۇپ، قىلتاققا چۈشىدۇ.

مەرد ئىنسانلار توغرا يوللۇق، بەختلىكتۇر.
ئەسكىلەر بولسا ھىيلە-مىكىرلىك، ئەرۋاھتۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش