• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسنەۋى – روھنىڭ شىپاسى

مەسنەۋى – روھنىڭ شىپاسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىنسان ئۆز ئۆمرىدە، ناھايىتى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: كېسەل بولىدۇ، ناكا بولۇپ قالىدۇ، ئىشسىزلىق، كەمبەغەلچىلىك، تىجارەتتە زىيان تارتىپ، ۋەيران بولۇش، قەرز بولۇپ قىلىش، قويمىچىلارغا قويۇلۇپ كېتىش، كۆڭۈلدىكى بىرەرىگە ئېرىشەلمەي بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈش، ئۆي-ئوچاقلىق بولغانلار بولسا ئۆز-ئارا پىتىشالماي ئاجىرىشىپ كىتىپ، ئاىلىسىدىكىلەر بەختسىز بولۇش، پەرزەتلىك بولالمايسلىق، باللىرى ناكا تۇغۇلۇپ قىلىش، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش، ھەرخىل تەبىىي ئاپاتلەرگە ئۇچراش، ئۆزى ياخشى كۆرگەنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۇپ كىتىشى، ھەرخىل تۆھمەتلەرگە ئۇچراش، ئۇندىڭدىن باشقا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قىلىش، مۇساپىرچىلىق ۋە شۇنىڭدەك ياشلارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتەلمەسلىگى، ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرنىڭ ئىسسىز قىلىشى يەنە شۇنىڭدەك كۆز ئالدىدىلا بىلىپ تۇرۇپ، ھېچ تەخمىنە قىلمىغان بىر ئىش سەۋەبىدىن، ھېچ ئويلاپ باقمىغان بىر كىشىدىن، ئۇچتۇمتۇت بىر بالا-قازاغا ئۇچراش. نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۆت كوچا ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراپ قىلىش. ئەنە ئاشۇ يۇقارقى بارلىق كۆڭۇلسىزلىكلەرنى، بالا-قازالارنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز، چارىسىز قىلىش، ياردەمگە مۇختاج بولۇپ قىلىش………..
مانا ماشۇنداق ئەخۋالدا ئادەم روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ، روھى سۇنىدۇ، چۇشكىنلىشىدۇ، جىددىلىشىدۇ، قاتتىق قايغۇرىدۇ ۋە ھەر خىل پسىخولوگىيىلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
بېشىمىزغا كەلگەن بالا-قازالارنىڭ بىزدىكى تەسىرى ۋە ئاقىۋىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئۇيغۇرچىدا شۇنچىلىك كۆپكى، مەسىلەن:
دەرد، ئاپەت، بالا-قازا، بوھران، ئەقىلدىن ئېزىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ئىچى سىقىلىش، جاپا-مۇشەققەت، زۇلۇم، جىددىيلىشىش، ئەندىشەلىنىش، قورقۇش، ئۆز-ئۆزىنى ئازابلاش، پالاكەت، غەم، ھەسرەت……….

مانا مۇشۇنداق دەردلەر ئىچىدە قىلىپ ، روھىمىز چۈشكۈنلەشكەن چاغلىرىمىزدا ئۆز ئېتىقادىمىزدىن، جەمئىيەتتىن ۋە ئەتراپىمىزدىكى ھەر خىل كىشىلەردىن ياردەم سورايمىز. بۇلار ئاتا-ئانىمىز بولۇشى مۇمكىن ياكى يېقىن دوستىمىز ۋە ياكى پىسخولوگلاردىن، دوختۇرلاردىن ھەتتا داخان، پالچى، مازار، شەيىخ، موللا ۋە ياكى ئىنتېرنېت، تۋىتتىر، رادىئو پروگراممىلىرى قاتارلىقلار…

ئەمدى بۇ يەردە يەنە يۇقىرىقىلاردىن باشقا بىر داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ ئۇ بولسىمۇ “بىبلىوتھراپەىا” يەنى گرىكچىدىكى “بىبلىو” بىزدىكى “كىتاب” ۋە “تھراپەىا” بولسا بىزدىكى “داۋالاش” دېگەن مەنالاردا كۈلىدۇ. يەنى “كىتاب بىلەن داۋالاش” ئۇسۇلىدۇر. قەدىمكى زامانلاردا گىرېك پەيلاسوپى ئارستوتىل كىتابلارنىڭ كېسەلگە شىپالىق رولىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرغان قويغان ئىكەن. شۇڭا قەدىمكى گرىكلار “داۋالاش” بىلەن “ئوقۇماق” ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتابنىڭ شىپالىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان “بىبلىوتھراپي”، گېرمانچە “بىبلىوتھراپىە”، تۈركچىدە “بىبلىوتەراپى” دەپ ئاتىلىدىغان كىتاب بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا چىققان. كىتاب بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى بولسا مۇشۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان بىر دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە كېسەل بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇپ، كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئوقۇرمەنگە بولغان تەسىرى ئارقىلىق كېسەلنى داۋالايدۇ.يەنى:
ئادەم بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، “مەنلا مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرامدىم” دەپ ئويلىشى مۇمكىن، كىتابتىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭمۇ مانا مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىغىنى كۆرسىتىپ ۋە كىتابتىكى قەھرىمانلارغا ئوقۇرمەن ئۆزىنى ئوخشىتىپ، ئۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يېڭىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ ۋە ئۇ قەھرىمانلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ ۋە شۇنىڭدەك بىر مەسىلىنىڭ بىرقانچە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ كىتابتىكى ئاجايىپ لىرىكىلىق سۆزلەردىن، ھېكمەتلەردىن، بەدىئىي تەسۋىرلەردىن ئېستېتىك زوق ئىلىپ، ئۆز كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇپ، روھىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۆز مەسىلىلىرىنى كىشىلەر ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدىنىدۇ. سەۋر قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىدىنمۇ بەتتەر قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، ئىنسان سۆيگۈسىنى تونۇپ يېتىدۇ. شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىدىن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىدۇ…….
مانا مۇشۇ شىپالىق كىتابلارنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان “مەسنەۋى” ئىنساننىڭ روھىنى داۋالاشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
جالالىدىن رۇمى مەۋلانە ھەزرەتلىرى ئۆزىنىڭ “مەسنەۋى” ناملىق بۇ كىتابىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:”بۇ كىتاب مەسنەۋى كىتابىدۇر، مەسنەۋى ھەقىقەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋە ئاللانىڭ سىرلىرىغا ئاگاھ بولۇش ۋە ئەقلىنى يەتكۈزۈشنى ئويلىغانلار ئۈچۈن بىر يولدۇر. مەسنەۋى روھلارنىڭ جۇلالىسى.” دېگەن. يەنە مۇنداق دەيدۇ:
“توغرىسى مەسنەۋى كۆڭۈللەرگە شىپا، كۆڭۈل سۇنۇقلارغا جۇلاسىدۇر”.
“مەسنەۋى كېسەلنى ئېلىپ، دوختۇرغا ئاپىرىدۇ، ئاشىقنى ئېلىپ، مەشۇقىغا يەتكۈزىدۇ”.
“جاپا مۇشەققەت ۋە دەرد-ئەلەم تارتقانلارنىڭ دەردلەرنى ۋە جاپالىرىنى ئازايتىپ، مۈشكۈل ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ.”
“قېنى ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار بىزگە كېلىڭلار! بىزنىڭ دورىمىز كېسەللەر ئۈچۈن ئاجايىپ تىز ئۇنۇم بېرىدۇ”

جالالىدىن رۇمىنىڭ “مەسنەۋى” ناملىق ئەسىرى بولسا جەمئىي ئالتە جىلد، 25618 بېيىتتىن تەركىب تاپقان، كلاسسىك شەرق ئەدەبىياتىدىكى شېئىر ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بىر ئەسەر.

بۇ مەشھۇر “مەسنەۋى” ناملىق ئەسەر، تۆۋەندىكى 18 مىسرالىق ئالتۇن بېيىتلار بىلەن باشلانغان:

 

ئاڭلا شىكايەت قىلماقتا دائىم بۇ نەي،
ئاڭلىتار دائىم جۇدالىقتىن بۇ مۇڭ نەي.
دەركى، پەريادىم قومۇشلۇقتىن كېلەر،
ئاڭلىسا ھەر كىم، كۆزلەردىن قان كېلەر.
جۇدالىقتىن پارچىلانغان بىر يۈرەك،
ئىستېدىم مەن، دەردىمنى تۆكمەك كېرەك.
ئەگەر ئەسلىدىن بىرئاز ئايرىلسا جان،
ساقلاپ ئىشقى ئوتىدا يانسۇن زامان.
يىغلاپ ھەر يەردە دائىم ئاھ ئەيلەدىم،
گۆرگەن ھەر قۇلنى “دوستۇم ” دېدىم.
ھەركىمنىڭ ئويىدا دوست بولدۇم ئەمما،
ھېچكىم ھەۋەس قىلمىدى سىرلىرىمغا.
ھېچ ئەمەس پەريادىمغا سىرىم ئۇزاق،
كۆزدە لېكىن يوق نۇر، تۇيماس قۇلاق.
ئاشكارىدۇر جان-بەدەن، كۆرىدۇ ئادەمنى،
يوق ئىجازەت، كۆرمەس پەقەت ئادەم، جاننى.
نەي سېسى ئەمەستۇر ھاۋا، بولدى ئاتەش،
ھەم يوق بولسۇن،كىمدە بولمىسا بۇ ئاتەش.
ئاشىق ئاتەش بولۇپ چۈشۈپتۇ نەيگە،
جەلپكار ئاشىقىڭ ئارىلىشىپتۇ مەيگە.
ياردىن ئايرى دوستنى نەي دوست قىلدى ھەم،
پەدىسىدىن پەردىمىز يىرتىلىپ كەتتى ھەم.
قانلىق يولدا نەي سۇنار دائىم ئەرژال،
ھەم بېرىدۇ مەجنۇننىڭ ئىشقىدىن مىسال.
نەي زەھەر ھەم پانزەھەر، ئاھ نەدە بار،
بۇنداق بىر دوست،بۇنداق سېغىنغان يار؟
سىر بۇ ئەقىلنىڭ، بىلىنمەس ئەقلى بىلەن،
تاق قۇلاقتۇر خېرىدارى پەقەت تىل بىلەن.
ئۆتتى غەم،قايغۇلۇق قانچە كۈن-كېچە.
ئۆتتى خاتالىقلار بىلەن شۇنداق ھەم كۈنلەر.
ئۆتسە كۈنلەر، قورققۇسىز، ھەممىسى ھېكايە،
ئەي پاكلىقنىڭ ئۈلگىسى، سەن كەتمە قالە.
قاندى ھەممە پەقەت بېلىق قانماس سۇغا،
كۈن ئۇزىرايدۇ، رىزقىڭ ئەگەر بولمىسا جاندا.
ھېچ چۈشەنمەس پىشقان ئادەمنى خام،
سۆز ئۇزار، كەسمەك كېرەك ئەمدى ۋەسسالام.

 

جالالىدىن رۇمىنىڭ بۇ”مەسنەۋى” ناملىق ئەسىرىدە، ۋاقتى كەلگەندە ئىزتىراپنىڭ، جاپانىڭ ئىنساننى تاۋلايدىغانلىقىنى، كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، بەزىدە بۇلارنىڭ بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يەنە بەزىدە بۇ ئىزتىراپنىڭ ئىزتىراپ بولماي بەلكى، ئىزتىراپ قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىر نىمەت، بىر بەخت ئىكەنلىكىنى ئاجايىپ پاساھەتلىك بېيىتلار، گۈزەل سۆزلەر، ئوبرازلىق ئوخشىتىشلار، ئىنسان يۈرەكنى ياپراقتەك تىترىتىدىغان ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىش ئارقىلىق، بىز كىتابخانلارنىڭ روھى دۇنياسىغا گۈل-چېچەك تىكىدۇ.
دېمەك مۇشۇ سەۋەبتىن بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن بالا-قازالارغا ئۇچرىغۇچىلارغا سەۋر قىلىشنى، ئۇنىڭغا قارشى ۋايساش، قاقشاش ئەمەس بەلكى، ئۆزىنى خوش تۇتۇپ، تېخىمۇ جەسۇر بولۇشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بولۇپمۇ جالالىدىن رۇمى بىزگە شۈبھە، قىياسلارنىڭ ئۇ، ئۈمىد ئىشىكىنىڭ بوسۇغىسىغا بىزنى يۈزلەندۈرىدۇ. بىزگە تامامەن كونكرېت بىر شەكىلدە بۇ ئىشىكلەرنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىسلام ئەخلاقىغا، پەزىلىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى ئاشۇرۇپ، چىدام ۋە سەۋر بىلەن ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىدۇ.
“مەسنەۋى” ناملىق بۇ ئەسەر بىزگە ناھايىتى ماس ھالدا ئۆزىنى دەردلەردىن قاچۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قوغداپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە بۇ دەرد-ئەلەملەرنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، ئۈمىد بىلەن ئالغا مېڭىشقا چاقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توزاقلارنىڭ بىرىگە ئاسانلا چۈشۈپ قالىدىغانلىغىمىزنى، يەنى ئۆزىمىزنى روھى جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈپ، ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. “نېمە ئۈچۈن مەن؟ ماڭىلا ياكى بىزگىلا بالا كېلەمدۇ” دەپ ئۆز-ئۆزىمىزگە ئېچىنىمىز ۋە “ئۇ شۇنداق بىر ئەسكى بىرى بولمىغان بولسا مۇنداق ئىشلارنىڭ ھېچ بىرى بېشىمىزغا كەلمەيتتى” دەپ باشقىلارغا ئاچچىقلىنىمىز. شۇڭا “دەرتنىمۇ، دەرمانىنېمۇ بەرگەن ھەقتۇر” دەپ بىزنى ھەق ئىشقىغا يۈزلەندۈرىدۇ. بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ. بىزنى جەسۇر قىلىپ تاۋلايدۇ.
“مەسنەۋى” ناملىق بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ پسىخولوگىيىسىنى داۋالاشتا ئەڭ ماس كېلىدىغان كىتابتۇر. بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئۆز-ئۆزىنى سەزمىگەن ھالدا روھى دۇنياسىدا بىر گۈزەل باغچىنى بەرپا قىلغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ. بۇ كىتابنى ئوقۇغانسېرى بۇ باغچىدا رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر چېچەك ئاچىدۇ. ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دىماغلىرىغا بۇ گۈل باغچىسىدىن تارقالغان سېرىن پۇراقلار ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ باغچە ئەتراپىدا گۈل-گىياھلار ئۈنىدۇ ھەمدە يانداش يېڭى باغچىلار ۋۇجۇدقا كۈلىدۇ. ئەگەر پۈتۈن ئىنسانلار ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇپ. ئۆز روھى دۇنياسىنى گۈل باغچىغا ئايلاندۇرغان بولسا ئىدى، دۇنيانى قاپلاۋاتقان لەنەتلىك ئۇرۇش ئوتلىرى، تېررورلۇقلار جەھەننەمنىڭ تېگىگە پاتقان بولاتتى.
“مەسنەۋى” ئىنسان روھىنىڭ شىپاسى. “مەسنەۋى” نى ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ھېكايىلەر، ھېكمەتلەر، روبايىلار ئاستا-ئاستا كاللىمىزغا سىڭىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، كىشىلىك ئەخلاقتا، بۇلارغا ئاساسەن پائالىيەت قىلىدىغان بولۇپ قالىمىز. ھاياتقا بولغان قىممەت قارىشىمىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇرۇن ئۆز ھېس-تۇيغۇلېرىمىزدا قىيىن دەپ بىلگەن مەسىلىلەر ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئۇ مەسىلىلەرنى مۇشۇ ھاياتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى دەپ تونۇيمىز.
بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دۇنيادا، ناھايىتى تىز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىتتا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەتتا ھەريەرنى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى قاپلىماقتا. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇقلار يۈز بەرمەكتە. بىگۇناھ ئىنسانلار ئۇلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالماقتا. پەقەت ئىنسان روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭغا خاسىيەتلىك يېقىنلاشقان جالالىدىن رۇمى مەۋلانە ھەزرەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ئەسىرلەردىن بىرى ئىلھام بۇلىقى بولۇپ، كىرلەشكەن بۇ روھ دۇنيايىمىزنى پاكلىماقتا. ئازغىن روھىمىزغا شىپا بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۆھتەرەم زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى يالغۇز مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى غەيرىي مۇسۇلمانلارمۇ بۈيۈك بىر ئىشتىياق بىلەن ئوقۇماقتا ۋە تەتقىق قىلماقتا. رۇمىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان روھىنى داۋالىماقتا. جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ، بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز جالالىدىن رۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە، ئۇنىڭ گۈزەل ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە قىزىقىش دولقۇنى قوزغالماقتا.
شەخسەن مەن ئۆزۈمدىمۇ رۇمىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىش، ئۇنى تەتقىق قىلىش، دەرگاھىنى زىيارەت قىلىش، ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشتىياقى كۈندىن-كۈن گە ئاشماقتا. دېمەك ئۇنىڭ روھىنى ئەقىللىق ئىنسانلار ئۆز كۆڭۈل تۆرىلىرىدە ياشناتماقتا.
خۇددى جالالىدىن رۇمى ئۆزى ئېيتقاندەك:” مېنىڭ قەبرەمنى يەردىن ئەمەس، بەلكى ئىلىم ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىن ئىزدەڭلار.”

ئىنسان روھىغا شىپا بولىدىغان “مەسنەۋى” دىن ھېكمەتلەر:
1. سەن ئىزتىراپنى ھاياتنىڭ بىر پارچىسى، بىر قىسمى دەپ بىلمەي، بەلكى ھاياتنىڭ ئەسلى، ئاساسى نېگىزى دەپ قوبۇل قىل ۋە مەقسىتىڭگە يەت. سەن ئىزتىراپنى ھاياتنىڭ ئەسلى ئەمەس بەلكى بىر پارچىسى دەپ بىلسەڭ، ئىزتىراپنى ئۆزۈڭگە زىيان دەپ بىلىپ قالىسەن، بۇنىڭ بىلەن كۆزۈڭنى ئەسلى بولغانغا تىكىپ، ئۇنى ساقلاپ تۇرىسەن. ھالبۇكى بۇ ساقلاش، لەززەت نۇقتىسىدىن ساڭا زەھەردەك تۇيۇلىدۇ، ئوتتىن بەتتەر دەھشەتتۇر، سېنى كۆيدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن سەن دائىم ئۆلۈكتەك تۇرىسەن، كۆيۈپ كۈل بولىسەن. ئەگەر سەن ئىزتىراپنى پېشانەمگە يېزىلغان ئىكەن ۋە بۇ ھايات ئەسلى مانا مۇشۇنداق ئىكەن دەپ قوبۇل قىلساڭ، ئۇنى سۆيگۈ بىلەن قۇچاقلايسەن ھەم ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئوتتىن قۇتۇلىسەن ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىسەن.
2. سەن تەڭرىنىڭ بەرگەنلىرىگە رازى بولمىغانسېرى، راھەت ھايات ياشاش، دەردلەردىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى بىلەن تەرگە قاچساڭ قاچ، بەرىبىر ئۇ يەردە ئالدىڭغا بىر ئاپەت چىقىدۇ، بىر بالا كېلىپ ساڭا سوقۇلىدۇ. دۇنيانىڭ ھېچ بىر كوچىسى بالاسىز ۋە توزاقسىز ئەمەس. ھەققە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىشىنىپ ئۇنى باشپاناھ قىلساڭ، ئۇنىڭ مەنىۋى ھۇزۇرىدا ياشىماقتىن باشقا قۇتۇلۇش ۋە راھەت يوقتۇر. قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلمىغۇچە، بۇ دۇنيا ساڭا زىندان بولىدۇ. بۇ دۇنيادا زىندان ئازابى بولمىغان بىر كوچا يوقتۇر. تەڭرىگە قەسەم قىلىمەنكى، چاشقان تۆشىكىگە كىرىۋالساڭمۇ، بىر مۈشۈك كېلىپ سېنى تىرنىقى بىلەن قامىلاپ تۇتىدۇ.
3. غەملىرىڭنى كۆك ئاسماننىڭ يۇلتۇزى دەپ بىل. بۇلار باشقا بىر ئاسماندىن كەلگەن ئەمەس. بەخت يۇلتۇزىنى كۆرگەندە(يەنى غەم، ئويلىرىڭدا ياخشىلىق بولسا، بەختلىك سەن) تەڭرىگە شۈكرى قىل، ياشلىق قىل. ئەگەر تەلەيسىز يۇلتۇز كۆرسەڭ(ئويلىرىڭ، چۈشەنچىلىرىڭ يامانلىق ۋە گۇناھ تەرەپكە قايسا) سەدىقە بەر، توۋا قىل.
4. ئەي ھەق يولچىسى، ساڭا بىر كۆڭۈلسىزلىك كەلسە، بىلگىنكى بۇ ھال سېنىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن. ھەرگىز ئۈزۈلمە، ئۈمىدسىز بولارمۇ. چۈنكى، سەن راھەت ھالدا بولساڭ، بارلىقىڭنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشمايلا خەجلەيسەن. بۇنداق راسخوت قىلىشقا مەڭگۈلۈك مەنبە كېرەك.
5. دۇنيادا دائىم ياز مەۋسۇمى ھۆكۈم سۈرسە ئىدى ۋە باغلارغا، ئورمانلارغا دائىم قۇياشنىڭ ئىسسىق نۇرى چۈشسە ئىدى، باغلاردىكى، ئورمانلاردىكى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر، بارلىق زىرائەتلەر يىلتىزىدىن كۆيۈپ، قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. ئۇلار ھەرگىز قايتا بىخلىنىپ چىقمايتتى.
قارا قىشنىڭ پەيلى يامان. ئەمما، شەپقەتلىكتۇر، باغرى يۇمشاقتۇر. ھالبۇكى يازنىڭ يۈزى ئىللىق. ئەمما، كۆيدۈرۈپ قۇرۇتقۇچىدۇر.
6. سەن يوقسۇللۇق، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، بۇ يوقسۇللۇق، دەردلەر ئىچىدە ئۆزۈڭنى راھەت ھېس قىل. كۆڭلۈڭنى خوش تۇت. چىرايىڭنى ھەرگىز تۈرمە. بىز ھېچ كېسەل بولمىساق، دائىم ساق تۇرساق، ئۇنداقتا بىز ھەرگىز ساغلام تەننىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز.
7. بۈگۈننىڭ ھالى، تۈنۈگۈننىڭ ھالىغا ئوخشىمايدۇ. ھاللار بولسا ئۆمۈر، ۋاقىت دەرياسىدەك ئېقىپ كېتىدۇ. ئۇنى تۇسۇيدىغان، ئېقىشىنى توختىتىدىغان ھېچ بىر نەرسە يوق.
ھەر كۈننىڭ خۇشاللىقى ئۆزگىچىدۇر. ھەر كۈننىڭ قايغۇسىنىڭ باشقا بىر تەسىرى بار.
ئەي ياش، بۇ بەدەن بىر مېھمانخانىدۇر. ھەر كۈنى ئۇ ئۆيگە ئۈزۈلمەي يېڭى مېھمان كېلىپ تۇرىدۇ. ئەندىشە ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۇ ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانغا ئوخشايدۇ.
ھەرگىز:”بۇ مېھمان ماڭا يۈك بولىدۇ” دەپ ئويلىما. ئازراق قالىدۇ، ئاندىن يەنە قانداق كەلسە شۇنداق يولىغا راۋان بولۇپ، يوقلۇققا قېتىلىپ كېتىدۇ.
ئۇ كۆرۈنمىگەن جاھاندىن، غايىب ئالەمدىن سېنىڭ كۆڭلۈڭگە كەلسە، ئۇنى بىر مېھمان دەپ بىل. ئۇنى خوش قىل. كۈلەر يۈز، ئوچۇق چىراي بىلەن كۈتۈۋال.
8. خۇشاللىق، بەخت ئۆپكىدىن. كۆڭۈلسىزلىك بولسا جىگەردىن. ئەقىل بولسا باشتىكى مېڭىنىڭ ئىچىدە شامدەك تۇرىدۇ.
يۈزنىڭ رەڭگى كۆڭۈلنىڭ ھالىتىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
9. بۇغداي تۈگمەن تېشى ئاستىدا يەنچىلمىگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن مەززىلىك نان ياققىنى بولامتى؟ بىزنىڭ داستىخىنىمىز چىرايلىق بېزەلىگەن بولامتى؟
10. بۇ دۇنيا ھايتىدا ئوتتىن، يەنى ئىزتىراپتىن ۋە غەمدىن قاچقانسېرى خېمىردەك خام قالىسەن.
…………………………………………………………
04.01.2017
گېرمانىيە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش