• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ياشانغان سازەندە: “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر-6

ياشانغان سازەندە: “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر-6

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سۆيگىنىم، كەتسە ھەركىم نە بولۇر سەن كەتمە،

ساقلا دەرد دوستۇم، ساقلا ئولتۇر، سەن كەتمە.

گۈل-شېكەر ئۆرنىكى،تولدۇر قەدەھكە ساپ شاراب،

بۇ بەزمىدە قالدۇر ئىزىڭنى،گۈزىلىم سەن كەتمە.

بىلمەيمەن ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئۆمەر زامانىدا ناھايىتى گۈزەل، ئاجايىپ يېقىملىق قالۇن  چالىدىغان بىر سازەندە بار ئىكەن. بۇلبۇل ئۇنىڭ چالغان قالۇن ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا بىھوش بولۇپ كېتەتتىكەن. ئۇ ئاجايىپ گۈزەل مۇڭنى ئاڭلىغان ھەر كىشىنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇم  جىلۋىلىنەتتىكەن. مەشرەپلەر، ئاممىۋى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ مۇڭى بىلەن ئۆز خۇشاللىقىنى تاپاتتىكەن. ئېيتقان ناخشىلىرىدىن، چالغان سازلىرىدىن سورۇنلار ئاجايىپ قىزىپ كېتەتتىكەن. ئاۋازى خۇددى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەتتىكەن. ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنى بەدەنلىرىگە كىرگۈزۈپ، قايتىدىن تىرىلدۈرەتتىكەن. ئۇ شۇنداق بىر سازەندە ئىكەنكى، دۇنيا ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خۇشاللىققا چۆمىدىكەن. ئۇنى ئاڭلىغانلار تەڭداشسىز، ئاجايىپ بىر خىياللارغا كېتەتتىكەن. ئۇنىڭ سازىنىڭ ئاۋازىدىن جان قۇشلىرى قاناتلىنىپ، پەرۋاز قىلاتتىكەن. كۆڭلىنىمۇ، ئەقلىنىمۇ يوقىتىپ، ھاڭ قېتىپ قالاتتىكەن.

ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپتۇ. سازەندىمۇ ياشىنىپ قاپتۇ. كۆڭۈللەرنى ئوۋلىغان بۇ بۈركۈت ئەمدى ئاجىزلاپ، چىۋىن ئوۋلاشقا باشلىغان ئىكەن. قىران قامىتى يايدەك ئېگىلىپتۇ. ئۆسكىلەڭ قاشلىرى قېيىپ نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. جان غا جان قوشىدىغان مۇڭلۇق ئاۋازى ئۆز خاسىيىتىنى يوقىتىپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭ گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋازى كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپتۇ، ھەممە كىشى ئۇنىڭدىن زېرىكىشكە باشلاپتۇ. زادى قايسى بىر خۇشاللىق باركى، مەڭگۈلۈك قالىدىغان؟ قايسى بىر قەسىر باركى، يىقىلىپ تۇپراققا ئايلانمايدىغان؟

يىللار يەنە ئارقا-ئارقىدىن سۇدەك ئېقىپتۇ. سازەندە بەكمۇ قېرىپ، مۈكچىيىپلا قالغان ئىكەن. ئەمدى بىرەر  نەرسە قازىنالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىر بۇردا نانغا موھتاج بولۇپ قاپتۇ.

بىر كۈنى ئىچى ئۆرتىلىپ، جانابى ھەققە يالۋۇرۇپ مۇنداق نىدا قىلىپتۇ:

” ئۇلۇغ تەڭرىم، ماڭا ئۇزۇن بىر ئۆمۈر، تۈگىمەس – پۈتمەس بىر پۇرسەت ئاتا قىلدىڭ. مېنىڭدەك بىر ئەرزىمەس بەندەڭگە ئاجايىپ ياخشىلىق، ئېھسانلارنى قىلدىڭ. 70 يىل گۇناھ قىلىپ ئۆتتۈم؛ بىر كۈنمۇ رىزقىمنى كەسمىدىڭ، نېمىتىڭنى ئايىمىدىڭ. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىرىمىم يوق، قولۇم ئىگىلىمەس، كۈچۈم يەتمەس بولۇپ قالدىم. مەن، بۈگۈن سېنىڭ مېھمىنىڭ. بۇندىن كېيىن پەقەت سەن ئۈچۈنلا ساز چالىمەن”،دەپ  قالۇننى ئېلىپتۇ. تەڭرىنى باشپاناھ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قالۇن چېلىش ئۈچۈن مەدىنە مازارلىقىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۆز – ئۆزىگە مۇنداق دەپتۇ:

“مەن چالىمەن، چالغان سازىمنىڭ ھەققىنى تەڭرىدىن سورايمەن. چۈنكى ئۇ، ئۆزى توغرا بولغانلارنى قوبۇل قىلىدۇ. كېرەم شۇنداق بۇيرۇغان.” بىردەم چېلىپ، ئاندىن يىغلاپتۇ. كېيىن قالۇننى بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، بىر مازارنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ئۇ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. جان قۇشى قەپەستىن قۇتۇلۇپ، سازنىمۇ، سازەندىنىمۇ تاشلاپ قويۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

تەن ئاسارەتتىن، دۇنيا ئىزتىراپتىن قۇتۇلغاندا، مەنىۋى ئالىمىگە ۋە جان ئۇۋىسىغا بارغىنى بولىدۇ. سازەندىنىڭ جېنى، مەنىۋى ئالەمدە خىياللار سۈرۈپتۇ، سەرگۈزەشتلەر ئىزدەپتۇ. ئۇ مۇنداق ئويلارنى قىلىپتۇ:

“مېنى بۇ يەرگە قويۇپ قويساڭلار؛ ماڭا بۇ يەردە يەر، ماكان بەرسە، ئاجايىپ ياشىغان بولاتتى. جېنىم بۇ باغدا، بۇ باھار مەۋسۈمىدە ئاجايىپ ھوش بولغان بولاتتى. بۇ ئۇۋىدا، بۇ ئالەمنىڭ لالە باغچىسىدا مەست بولۇپ كېتەتتى. بۇ يەردە، بۇ مەنىۋى ئالەمدە؛ باشسىز، پۇتسىز سەپەر قىلاتتىم. لەۋسىز، چىشسىز قەنت-ناۋات يەيتتىم. دۇنيا مەشغۇلىيەتلىرىدىن، ئىشلاردىن؛ ئەقىل، پىكىر ئاۋارىچىلىكلىرىدىن قۇتۇلاتتىم – دە، راھاتچە دوستنى زىكىر قىلاتتىم، ئۇنى ئويلايتتىم. كۆك يۈزىنى ماكان قىلغان مەلەكلەر بىلەن سىرداش دوست بولاتتىم. كۆزلىرىم يېپىقلىق ھالەتتە، بىر دۇنيا كۆردۈم. قولسىز تۇرۇپ ئەتىرگۈللەرنى ئۈزدۈم. چۈشۈمدە كۆرۈنگەن بۇ ئالەم، شۇنداق بىر ئالەم كى، ھەيرانلىقتىن قول – قاناتلىرىم ئېچىلدى.

” ئەگەر ئۇ مەنىۋى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ يولىنى كۆزلەر بىلەن كۆرگىلى بولسا ئىدى، بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىر مىنۇتمۇ  تۇرمايتتى. ياشانغان سازەندىگە:”بۇ يەردە قىلىشقا ھەۋەسلەنمە، ئاچكۆزلۈك قىلما. مادامىكى پۇتلىرىڭدىكى تىكەن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، قورقما، قىنى كەت!” دەپ بۇيرۇق كېلىپتۇ.

سازەندىنىڭ روھى بولسا: “تەڭرىنىڭ مەرھەمەت ۋە ئېھسان ماكانىدا تۇرالىغانغا قەدەر تۇر، ئۇ يەردىن ئايرىلما” دەپتۇ.

ئۇ چاغدا جانابى ھەق، ھەزرىتى ئۆمەرگە شۇنداق بىر ئۇيقۇ بەرگەن ئىكەنكى، بۇ ئۇيقۇدىن باشلىرىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ ئەھۋالغا ھەيران قاپتۇ. ئۇ:”بۇنداق بىر ئۇيقۇغا ئادەتلەنگەن ئەمەس ئىدىم. بۇ ئۇيقۇ سەۋەبسىز ئەمەس. ھەرھالدا سىرلىق بىر ئالەمدىن كەلدى.” دەپ ئويلاپتۇ.  بېشىنى قويۇپتۇ، يەنە ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ھەق  تەرەپتىن بىر ئاۋاز كېلىپتۇ. بۇ ئاۋازنى روھى ئاڭلاپتۇ.

ھەزرىتى ئۆمەرگە يەنە غايىبتىن بىر سادا كېلىپتۇ:

” ئەي ئۆمەر، بىزنىڭ بەندىلىرىمىزنى ئېھتىياجدىن قۇتقۇز. بىزنىڭ خاس ۋە مۆھتەرەم بىر بەندىمىز بار. ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن، مازارلىققا كەلگۈچە تارتىدىغان جاپاغا چىدا. ئەي ئۆمەر، ھەركىمنىڭ ھەققى بار بەيتۇل مۈلكىدىن 700 دىنار ئال. ئۇ پۇلنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىپ، مۇنداق دېگىن: ھەي بىزنىڭ  مۇنەۋۋەر كىشىمىز، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئەكەلدىم. بۇ پۇلنى ئال ۋە بىزنى ئەپۇ قىل. بۇنچىلىك پۇل سېنىڭ ئادەتتىكى ئېھتىياجلىرىڭغا يېتىدۇ. بۇ پۇلنى خەجلە، تۈگىگەندە يەنە مۇشۇ يەرگە كەل.”

ھەزرىتى ئۆمەر چۈشىدە ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ ھەيۋىسىدىن ئويغىنىپتۇ – دە، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ  ۋە بۇ خىزمەتنى دەرھال قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپتۇ. پۇلنى سالغان قاپچۇقنى قولتۇقىغا قىسىپ،  مازارلىققا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. تەڭرىنىڭ بۇ خاس بەندىسىنىڭ قېشىغا ئىتتىكرەك بېرىش ئۈچۈن  يۈگۈرۈپتۇ. مازارلىققا كېلىپ، ئۇياق-بۇياققا قاراپتۇ ۋە ئەتراپنى بىر قۇر ئايلىنىپتۇ. پەقەت ھېلىقى ياتقان، سازەندە بوۋايدىن باشقا بىر ئادەم كۆرمەپتۇ. ئۆز-ئۆزىگە:” بەلكى بۇ بولۇشى كېرەك” دەپتۇ.  ئەمما، يەنە بىر قاراپ بېقىش ئۈچۈن، ئەتراپنى ئايلىنىپتۇ. ئۇياق-بۇياققا تولا مېڭىپ، ھېرىپمۇ  قاپتۇ. ئۇ مازارلىقتا بوۋايدىن باشقا جىن-ئىنسان يوق ئىكەن.  جانابى ھەق مۇنداق بۇيرۇغان ئىكەن:”خىزمەتكە لايىق پاك-پاكىز، ساپ بىر قۇلۇم بار”. بۇ قېرى بىر سازەندە، قانداق بولۇپ تەڭرىنىڭ خاس قۇللىرىدىن بولۇپ قالىدۇ؟

“ئەي تەڭرىنىڭ سىررى، سەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ، نېمە دېگەن ئاجايىپسەن ھە!” دەپتۇ ئۆز-ئۆزىگە.

ئۇ يەنە بىر قېتىم مازارلىقنى ئايلىنىپتۇ، ئۇياق-بۇياققا قاراپ تەڭرىنىڭ ياخشى بەندىسىنى ئىزدەپتۇ.  خۇددى ئۇ، چۆلنىڭ ئەتراپىدا ئوۋ ئىزدىگەن ئارسلاندەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەردە ئۇ بوۋايدىن باشقا   ھېچكىم يوقلۇقىغا تازا ئوبدان ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۆز-ئۆزىگە :” قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قانچىلىغان  نۇرلانغان كۆڭۈللەر بار ھە!” دەپتۇ.  ئاندىن سازەندە بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپتۇ، بۈيۈك بىر ھۆرمەت بىلەن ئاستا يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.

بۇ چاغدا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ چۈشكۈرگەن ئاۋازىدىن بوۋاي ئويغىنىپتۇ – دە، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىپتۇ ھەمدە قورقۇپ كەتكەن بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەك بېسىپتۇ. بوۋاي ئىچىدە مۇنداق ئويلاپتۇ:

“يا رەببىم سەن ماڭا ياردەم قىل! قانداق بولۇپ، مېنىڭدەك بىر قېرى سازەندىگە بىر رەھبەر كېلىپ سوقۇلدى؟”

ھەزرىتى ئۆمەر بوۋاينىڭ يۈزىگە قارىغان چاغدا، ئۇنىڭ تاتارغان يۈزىدىكى خىجالەتچىلىكنى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭغا:” مەندىن قورقما، ئۈركۈمە؛ ساڭا ھەق تەرىپىدىن بىر خوش خەۋەر ئەكەلدىم. ئاللاھ، سېنىڭ خۇيۇڭنى شۇنچىلىك مەدھىيىلىدىكى، نەتىجىدە ئۆمەر سېنىڭ يۈزۈڭگە مەپتۇن بولدى. كەل، يېنىمدا  ئولتۇر. مېنىڭدىن قاچما، قۇلىقىڭغا دۆلەتنىڭ سىرلىرىدىن سىرلار سۆزلەي. ھەقنىڭ ساڭا سالىمى بار. سېنىڭ ھال-ئەھۋالىڭنى سورىدى. ھەددى ھېسابسىز مۇشەققەتلەر، غەم-ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن قانداق بىر ھالدىدۇر دەپ سورىدى. شۇنىڭدەك جىددىي ئېھتىياجلىرىڭ ئۈچۈن، ماۋۇ بىرقانچە ئالتۇننى ئەكەلدىم. بۇلارنى ئال، خەجلە. تۈگىگەندە يەنە مۇشۇ يەرگە كەل.”

بوۋاي بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، تىترەپ كېتىپتۇ ۋە قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ ۋە : “ئەي تەڭداشسىز قۇدرەتلىك تەڭرىم! بۇ بىچارە قېرى بەندەڭ ئىزادىن يەرنىڭ تېگىگە كىرگۈدەك  بولدى.” دەپ پەرياد قىلىپتۇ. بىر ھازا ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ. ئاھ-زارلىرى، پىنھانلىرى ھەر يەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئاخىرى قالۇننى يەرگە ئۇرۇپ، پارە-پارە قىلىۋېتىپتۇ. پارە-پارە بولغان قالۇن زۇۋانغا كېلىپ مۇنداق نىدا قىلىپتۇ:

“ئەي رەببىم بىلەن ئارامغا پەردە بولغان، ئەي ھەق يولىدا مېنى ئازدۇرغان، ئەي مېنىڭ يولۇمنى كەسكەن! ئەي 70 يىلدىن بېرى قېنىمنى ئىچكەن، ئەي كامىل ساھىبى، ئىنسانلار يېنىدا مېنى تۆۋەن چۈشۈرمە، يۈزۈمنى قارا قىلما! ئەي ئېھسان ۋە ۋاپا ساھىبى تەڭرىم، جاپالار، گۇناھلار بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە ئېچىڭ ئاغرىسۇن. تەڭرى ماڭا شۇنداق بىر ئۆمۈر بەخش ئەتتىكى، ئۇ ئۆمۈرنىڭ بىر كۈننىڭمۇ  قىممىتىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ بىباھادۇر. مەن بولسام ھاياتىمنى، قىممەتلىك ئۆمرۈمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتتىم. ماڭا ئاتا قىلغان چەكلىك مۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى تىز ۋە تۆۋەن ئاۋازلار بىلەن تۈگىتىۋەتتىم. مەن نەغمىلەر بىلەن ھەپىلەشكەندە، ئىراق پەدىسىنى ئويلىغاندا، جۇدالىق ۋاقىتلىرىنى ئويلىيالمىدىم. يەنى دۇنيادىن ئايرىلىدىغان چاغدىكى ئازابلار ئېسىمدىن چىقىپ كەتتى. مىڭ ئەپسۇس زىل  تارلاردىن چىققان پىغان مۇزىكىلارنىڭ كەسكىن ئاۋازلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولغان بولسام؛ كۆڭلۈمنىڭ ئېكىنزارلىقى كۆڭلۈمدە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان مەنىۋى تۇيغۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولاتتى. ئەمدى كۆڭلۈم ئۆلدى. ئامال قانچە، مۇشۇ يىگىرمە تۆت پەدىنىڭ ئاۋازى بىلەن پۈتۈن ئۆمرۈم كارۋاندەك ئۆتۈپ كەتتى. كۈن تۈگدى، ئاخشام بولدى. تەڭرىنىڭ بەرگەنلىرىگە رازى  بولمىغان، نازلىنىپ تۇرغان، پەرياد قىلغان نەپسىمنىڭ قولىدا پەرياد قىلىمەن. باشقىلار ئۇستىدىن شىكايەت قىلمايمەن. سەندىن ماددىي مەنپەئىتىم ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ئۆزۈم ئۇستىدىن ساڭا شىكايەت قىلىمەن. ئادالەت ئىستەيمەن. ھېچكىمدىن ئادالەت كۈتمەيمەن. دەردىمگە چارە تېپىش ئۈچۈن پەقەت ماڭا مەندىن يېقىن بولغاندىن ئادالەت كۈتىمەن. شۇنداق بولغاندىلا دەردىمگە دەرمان تاپىمەن. چۈنكى بۇ مەنىلىك، بۇ مەۋجۇتلۇق ھەر ۋاقىت ماڭا ئۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ مەۋجۇتلۇق ئازلاپ تۈگسە باشقا بىر نەرسە قالمايدىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئۇنىلا كۆرىمەن”

بۇ سۆزلەرنىڭ ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر سازەندىگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:

“سېنىڭ بۇ يىغلاپ، زارلىنىشىڭ ئۆز-ئۆزۈڭنى تونۇغانلىقىڭ ۋە ئەقلى-ھوشۇڭنى تاپقانلىقىڭنىڭ ئىپادىسىدۇر. تەڭرى ئىشقىدا پانىي بولغان، ئۆزىدىن كەچكەن، ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەرنىڭ يولى باشقا بىر يولدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ ھېسابلانغان.  ئەقلى-ھوشى جايىدا بولماق ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنى ئەسلىمەك دېمەكتۇر. ئەسلىدە ئۆتكەن زاماننى سىغىنىش، كېلەچەكتىن قورقۇشنىڭ ئۆزى تەڭرىگە قارشى پەردىدۇر. ھەر ئىككىلىسى، يەنى ئۆتكەن زامانمۇ، كەلگۈسى زاماننىمۇ ئوتقا ئات، كۆيدۈر. بۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەبىدىن قاچانغىچە، نېمە دەپ چۈشىلىپ قالىسەن؟ سەن مەنلىكىڭگە بېرىلىپ، ئۆز ئەتراپىڭدا چۆرگىلەۋەرسەڭ، ئۆزۈڭ تاۋاپ قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن….. سەن ئۆزۈڭدە بولساڭ، تېخىچە ئۆزۈڭدىن قۇتۇلالمىدىڭ….. سېنىڭ خەۋەرلىرىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۇ خەۋەرلەرنى بەرگەندىن خەۋەرسىزدۇر. سەن بىلىملىرىڭنى ۋە خەۋەرلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ دەپ قارايسەن. ئەي ئۆتكەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلماقچى بولغان ئادەم، سەن شۇ توۋا قىلىشتىن نە ۋاقىت توۋا قىلىسەن؟ ئۇنى سۆزلە.”

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان سازەندە، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇبارەك يۈزىگە قايىل بولغان ھالدا قاراپلا قاپتۇ…….

ھېكمەتلەر:

ھەرقانداق پىكىر ۋە سادانىڭ جەلپ قىلغۇچىسى بولسا ئىلھام ۋە سىرنىڭ مەنبەسى بولغاندۇر.

بۇ ئاۋاز ھەر ئاۋازنىڭ ئەسلىدۇر. ئاساسى ئاۋاز ئۇ ئاۋازدۇر. قالغانلىرى ئەكسىدۇر.

بۇ سادانى يالغۇز مۆمىنلەر ئەمەس، بەلكى يەنە پۈتۈن ئورمانلار، تاغلار، چۆللەر ئاڭلايدۇ.

روھتەك يېڭىلىنىپ تۇرۇشتىن، كۈلۈشتىن قۇتۇلۇپ، پاك-پاكىز بىر جان بىلەن قەلب ئىزدىگىن.

بۇ داستىخاندا تۇز بولۇش ئۈچۈن، يۈز مىڭلارچە جان پىدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

جاننى ئورماندا ئوۋلاش ئۈچۈن، بۈركۈت بول.

نۇر چاچقان قۇياشتەك جان بىلەن ئوينا.

ئۇلۇغ قۇياش جان چاچقۇچىدۇر.

قۇياشنىڭ نۇرى پاسكىنىچىلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشسە كىرلەشمەيدۇ، ئۇ يەنىلا چاقناپ تۇرىدۇ.

ئەي مەنىۋى قۇياش! سەن بۇ كونا جاھاندا بىر يېڭىلىق، پاكلىق كۆرسەت.

ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بۇ روھ، غايىب ئالەمنىڭ بىر ھەدىيىسى بولۇپ ئاقار سۇدەك ئاقىدۇ.

غايىب ئالەم روھقا تەكرار-تەكرار مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:”تەن چىق، ئازاد بول”

قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى ئىماندىن كېلىدۇ.

ئىمان زەئىپ بولسا، كىشى ئۈمىدسىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش