• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بەدەۋى: “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر – 6

بەدەۋى: “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر – 6

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


تەرجىمە:ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئويلىما بەك چوڭقۇر، ياد ئۇيقۇدا،
ئوي بىر پەردە، ئاي يۈزىدە ھاشىيا.
كۆڭۈل خۇددى ئاي، تاشلا ئويلاشنى،
نېمە بولسا ئات، ھېچ ئويلىماي سۇغا.

ئۆز ۋاقتىدا بىر خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ناھايىتى مەرد ئىكەن. بۇ خەلىپىنىڭ باشقىلارغا قىلغان ھەدىيىلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئىكەن. ئىشىكى خەلقنىڭ ھاجەت قىبلىسى ئىكەن. مەرتلىگى كەمبەغەللىكنىڭ ئۇستىنى يېپىپ، ياخشىلىقى جاھانغا پۇر كېتىپتىكەن. سېخىيلىقى ۋە ئېھسانى دېڭىزدەك بولۇپ، ئادالىتى پۈتۈن جاھاننى قاپلاپتىكەن.

مانا مۇشۇ چاغلاردا بىر بەدەۋى(چۆلدە ياشايدىغان نامرات پادىچى)، ئايالى بىلەن بىرگە چۆلدە ياشايدىكەن. ئايالى داۋاملىق كەمبەغەلچىلىكتىن ۋايسايدىكەن، شىكايەت قىلىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ ھايتىنى زىندان قىلىدىكەن.
بەدەۋى ئايالىغا نەسىھەتلەر قىلىدىكەن. بىراق بۇ نەسىھەتلەر ئايالىغا ھېچ تەسىر قىلمايدىكەن.
ئايال داۋاملىق يىغلاپ تۇرۇپ؛ ئېرىغا خەلىپىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى سۆزلەشنى، خەلىپىنىڭ يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، خەلىپىگىمۇ كىشىلەر ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ ھەدىيىلىرىنى ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن.

بىر كۈنى ئايالىنىڭ ۋايساشلىرىدىن جاق تويغان بەدەۋى مۇنداق دەپتۇ:
“خەلىپىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بارغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئاپىرىدىغان ھەدىيەممۇ يوق”

ئايال:” سەن خەلىپەمگە بىر قاچا يامغۇر سۈيى ئېلىپ بار. بۇ بىزنىڭ بارلىق مال-دۇنيارىمىزدۇر. تاتلىق سۇ، ئۇ يەرلەردە بەكمۇ ئەتىۋارلىقتۇر” دەپتۇ.
ئايالى ئۇ يەرلەرنى كۆرمىگەچكە، ئۇ يەردە بالدەك تاتلىق دەريا سۈيىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن.
ئاخىرى بەدەۋى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپتۇ ۋە يولغا چىقىپتۇ. يولدا ئۇ قاچىدىكى سۇنى بىر نېمە بولۇپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق ئاۋايلاپ بەشىنىڭ ئۈستىدە كۆتۈرۈپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، خەلىپىنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كېلىپتۇ.

خەلىپىنىڭ ئوردا-سارايلىرى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا ئىكەن. خەلىپە چۆلدىن كەلگەن بەدەۋىنى قوبۇل قىلىپ، دەرت-ھالىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلىپتۇ. ئاخىرىدا يامغۇر سۈيى ئەكەلگەن قاچىنىڭ ئىچىگە لىق ئالتۇن تولدۇرۇپ، قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.
خەلىپە ئوردا خىزمەتكارلىرىغا.” چۆل يوللىرى ئۇزۇن، بەدەۋىنى كېمە بىلەن دەريا ئارقىلىق يولغا سېلىپ قويۇڭلار”دەپ پەرمان بېرىپتۇ.
خەلىپىنىڭ خىزمەتكارلىرى بەدەۋىنى يولغا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن، دەريا بويىغا ئەكەپتۇ. بەدەۋى دەريادا لىقمۇ-لىق تاتلىق سۇ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا قاپتۇ ۋە بۇنداق گۈزەل سۆزلەرنى قىلىپتۇ.

“ئەي يۈزى ئۇلۇغلۇققا يۈزلىنىڭلار! ئەخلاق ۋە خۇيىڭىز ئالتۇندىن، كۈمۈشتىنمۇ گۈزەل.
ئەي يۈزى نۇر ۋە يورۇق بولغانلار! پۈتۈن مال-مۈلۈك مەرتلىكىڭىز ئۈچۈن پىدا بولسۇن!
بۇ يەرگە پۇل سوراپ كەلگەن ئىدىم ئەمما، سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ گۈزەللىكىدىن بىھوش بولدۇم.
بۈيۈكلۈكنىڭ ئالامەتلىرى ئېھساندۇر.
ئېھسان قىلمىغان سۇلتان بولسىمۇ، ئەرزىمەس بىرىدۇر.”

ھېكمەتلەر:

نان سوراپ كەلگەن بىرى، ناۋاينىڭ گۈزەل خىسلىتىگە جانىنى بەردى.
گۈلباغچىسىگە بارغان ئادەم، باغچىلارنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلدى.
بىرى قۇدۇقتىن سۇ ئالماقچى بولدى. ئەمما، ئۇ يەردە يۈسۈپنىڭ لاتاپىتى كۆرۈندى.
مۇسا، ئوتنى تۇتماقچى بولۇپ باردى. ئەمما، باشقا بىر ئوت بىلەن جۇشقۇنلاندى.
ئەيسا دۈشمەنلىرىدىن قاچماقچى بولدى. ئەمما، بۇ سەۋەبتىن تۆتىنچى پەلەك ماكانى بولدى.
بۇغداي باشىقى ئادەم ئۈچۈن بىر تۇزاق ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۆزى ئىنسانلارغا باشاق بولدى.
كۆك يۈزىدىن بۇلۇت يامغۇر بولۇپ يەرگە چۈشۈپ، مەردلىكنىڭ ئەڭ بۈيۈكى بولغان ھەقنىڭ ئېھسانىغا نائىل بولغان.
مەردلىك يوقسۇلغا موھتاج، يوقسۇل ئۇنىغا.
گۈزەل بولسا پاكىز بىر ئەينەكنى ئىستىگەندەك، مەردمۇ يوقسۇلنى ئىزدەيدۇ.
گۈزەلنىڭ يۈزى ئەينەكتە گۈزەللىشىدۇ. مەردمۇ يوقسۇل ئارقىلىق گۈزەللىكى ئاشىدۇ.
يوقسۇلنىڭ كۆڭلى، سېخىنىڭ ئەينىكىدۇر.
بىر نەرسىنىڭ ئەتىۋارلىق بولۇشى، ئۇنىڭ يوقلۇقى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر.
ھەق يولىدىكىلەر، چوقۇم بىر سېخىلىك ئىچىدىدۇر.
ئۆزىدە نۇر بولمىغان، باشقىلارنى نۇرلاندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.
قارغۇ تۇرۇپ، قارىغۇنى داۋالايمەن دېگەن كاززاپتۇر.
ئەي قاتمۇ-قات پاك كۆڭۈللەر كېلىڭلار. مەردلىك داستىخىنىمدىن ھېچ مېھمان ئۈزۈلمەس.
ساقايماس بىر كېسەل ساڭا تاتلىق تۇيۇلسا، ئۆلۈمنى ھەق ساڭا تاتلىق قىلىدۇ.
بەدىنىڭدىكى كېسەللەر ساڭا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدىن يۈزۈڭنى ئۆرمە.
ھاياتى تاتلىق بولغاننىڭ ئۆلۈمى ئاچچىق بولىدۇ.
ۋۇجۇدىغا ئىشەن گېننىڭ روھى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يوقتۇر.
يايلاقتا ئوتلىغان قايسى قوي سەمرىسە، ئۇنى ئەكېلىپ بوغۇزلايدۇ.
تەكەببۇرلۇق ئىنسانغا ھېچ ياراشمايدۇ، بولۇپمۇ يوقسۇللارغا تېخىمۇ ھەم شۇنداق. خۇددى قار ياققان سوغۇق بىر كۈندە كىيىۋالغان ھۆل چاپانغا ئوخشايدۇ.
قانائەت جاننى نۇرلاندۇرىدۇ.
ھەزرىتى پەيغەمبەر: “قانائەت بىر خەزىنىدۇر. سەن بولساڭ خەزىنە بىلەن مېھنەتنى ئايرىمايۋاتىسەن” دېگەن.
مال-دۇنيا باشتىكى تۇماققا ئوخشايدۇ. پەقەت تازلار تۇماققا يوشۇرۇنىدۇ.
چاچلىرى گۈزەل ۋە بۈدۈرى بولغان تۇماقسىزمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
ئەي كۆڭۈل راھىتى! مەقسىتىڭ بۇ بولسا، ئالتۇن-كۆمۈشمۇ كۆز ئالدىمدا تۇپراقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.
ئايىقىڭ قىستىسا، يالاڭ ئاياق يۈرگەن ياخشى.
ۋەتىنىڭنى ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان بولسا، غۇربەت ئەللەر ياخشىدۇر.
قارغا ئۆزىنىڭ سەتلىكىنى بىلسە ئىدى. ئۇ ئەقىلسىز، دەرد-ئەلەم ئىچىدە مۇزدەك ئېرىپ كەتكەن بولاتتى.
بالا-قازا كەلگەندە كۆز كۆر بولىدۇ. ئەقىل باش بىلەن ئاياغنى پەرق قىلالمايدۇ.
بالا-قازا ئۆتۈپ كەتكەندە كۆز ئىچىلىدۇ. ئۆزىنى ئەيىبلىگەن قوللار ياقىلارنى يىرتىدۇ.
كاشكى جېنىمنى پىدا قىلدۇرغان روھۇڭ، روھۇمنىڭ سىرىنى بىلگەن بولسا.
ئىتنىڭ رەسىمىگە، ئۇستىخان تاشلىما.
بەرگەن قول، ئالغان قولدىن ئۈستۈندۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش